|
|
|
|
[]…………………ئۆچمەس…………………
گەر جېنىم كەتسىمۇ ۋىجدانىم يۈتمەس،
ھىچ زامان دۈشمەندىن بىر مېھىر كۈتمەس،
غورۇرۇم بىر ئەلگەك ساختىلىق ئۆتمەس،
قەھرىم بىر گۈلخاندۇر مەڭگۈگە ئۆچمەس.
دوست ئۈچۈن يانارمەن كۆيۈپ يۈتكۈچە،
ھەم كۈلۈپ بارارمەن شادلىق كۈتكۈچە،
رازىمەن ئۆلۈشكە يالغۇز ئۆتكۈچە،
مېھرىم بىر گۈلخاندۇر مەڭگۈگە ئۆچمەس.
سۆيگىنىم كۆيمىدى سۆيگۈم يۈتمىدى،
تەلمۈردۈم يولىغا نىگار كۈتمىدى،
كىچىلەر ئۇيقۇسىز تىنىچ ئۆتمىدى،
سۆيگۈم بىر گۈلخاندۇر مەڭگۈگە ئۆچمەس.
جاھاندىن ئادالەت نۇرى يۈتكەندە،
خەلىقىم يوپيورۇق تاڭنى كۈتكەندە،
پەريادى يۈرەكنى ئېزىپ ئۆتكەندە،
قەلىمىم گۈلخاندۇر مەڭگۈگە ئۆچمەس.
2014-08-01
دات باسقان قۇلۇپ
(1)
قەلبىمنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر ئورنىدا قالغان،
بىر قىزنى ئىزلەيمەن،
خىياللاردا
قەلبىمنى سۆزلەيمەن،
پىنھانلاردا.
دات باسقان قۇلۇپقا تەلمۈرۈپ ھەر كۈن ،
ئىشىكىڭ ئالدىدىن ئۆتىمەن نەچچە.
قەلبىمنى قىينايدۇ پىراقىڭ ھەر تۈن.
(2)
ئۇنتۇلماس سۈرىتىڭ خىيالنى بۇزدى،
ئۇنتۇلغان ئاۋازىڭ تۇتىيا بولدى،
ئەسلىمەم سۆزلەيدۇ مۇڭ ناخشا بولۇپ
سىنغىنىش بىر كونا پەدىنى تۈزدى.
ئاھ دېدىم ئازاپنى مىنىڭدىن سورا،
ئاشقنىڭ ئىشقىغا يوق ئىكەن دورا.
ھەر كىچە،
ئىشقىڭدا مىڭ ئۆلۈپ تىرىلگىنىمگە،
گۇۋاھتۇر،
ئاسماندا كۆز قىسىپ جىلۋىگەر يۇلتۇز.
بىر ،ئىككى ،ئۈچ،،،
خىياللارنى بۇزغۇم كىلىپ ۋاسا سانايمەن،
رەھىم قىل،
ساناپ ساناپ ئۇخلاپ قالاي مەن.
(3)
ھەركۈنى ئىشكىڭگە تەلمۈرۈپ باقسام،
دات باسقان قۇلۇپ،
شۇنداق سوغۇق چىرايى،
پەرۋاسىز ئىشقىڭدا سۇ بولۇپ ئاقسام،
سەن بىلەن مىنى،
ئايرىپ تۇرار دات باسقان قۇلۇپ،
چارىسىزمەن
چېھرىڭنى كۆرۈشكە،
چارىسىزمەن
مېھرىمنى بېرىشكە،
دات باسقان قۇلۇپ،
سەن يىراقتا مېھرىڭنى ئېلىپ،
مەن پىنھاندا سىغىنىپ قېلىپ.
چىقىۋىتەيمۇ تاش بىلەن ئۇرۇپ،
ياق دېدى قەلبىم
چارە يوق قەلبىنى ئېرىتمەي تۇرۇپ…
(4)
ئىشىكىڭدە مەغرۇر يەنە دات باسقان قۇلۇپ،
مېھىر بىلەن تەلمۈرىمەن
نە سادا يوق يۈرسەممۇ ھەم سەۋدايى بولۇپ.
كۆرەڭلىمە ئېرىپ ـ ئېرىپ ئېقىپ كىتەرسەن
بىر زامانلار
ياشلىقىڭنىڭ غۇنچە گۈلى كەتكەندە توزۇپ……
2014-08-09
سىياھ تاغ
گۇۋاھ بولغىن تەنھالىققا سىياھ تاغ،
تۇرما ئۇنداق تىكلەپ قويغان تاياقتەك.
گۇۋاھ بولغىن چارىسىزنىڭ دەردىگە
كەتتى دوستلار دۆڭگە چاپقان ساياقتەك.
……
گۇۋاھ بولغىن تەنھالىققا سىياھ تاغ،
مادار بولغىن تۈگىمىگەن يولۇمغا.
ساپاسى يوق ۋاپا كەلمەس دوست ئۈچۈن
سۇنۇپ بەرگىن تاشلىرىڭدىن قولۇمغا،
يىرىۋىتەي باش كۆزىنى قان قىلىپ،
باغلاپ قوياي باغرىڭدىكى قورۇمغا.
……
ئەسكەرتىش: سىياھ تاغ ـ مىنىڭ يۇرتۇم ئاقتۇ ناھىيە كوسىراپ يىزىسىدىكى تاغنىڭ ئىسمى
2014-7-25
ھاياتىم
ئۇيقۇمنى كىملەرنىڭ دەردىدىن ئىزدەي،
تىگى يوق خىيالنى قەيەرگە ھەيدەي.
ھۈر بەختىم نە سەۋەب كەتتى يىراقلاپ
ھەي پەلەك ئەجەپمۇ نەس بولدى تەلەي.
كىلىشىم مەيلىىممۇ كىتىشىممۇ ھەم،
كەلدىمۇ كۆرگىنىم بولدى ھەسرەت غەم.
كەچمىشىم جاپاسى لازىدىن ئاچچىق
يوقمىدۇ تۇرمۇشتا ئۇندىن باشقا تەم.
پاك ياشاپ ئۆتۈشنى ئىستىگەن چاغدا،
قويدىلەر يىقىنلار ھەسرەتتە داغدا.
يول ئېلىپ تۇمانلىق يوللارغا كىردىم
يىغلايدۇ ئارزۇيۇم بىر گۈزۈل باغدا.
مەنزىلنى بىلەتتىم يولدىن چەتنىدىم،
ۋەلىكىن نىشاندىن تىنىپ كەتمىدىم.
ساقلىغىن ئەي ئېگەم ۋىجداننى ئامان.
سەن دېگەن ئۆلچەمگە تېخى يەتمىدىم.
2014-06-11
نىمىشقا
كۆزلەرنى شۇ ئۇيقۇ ئەسىر ئەتكۈچە،
خىيالىم تۆرىدىن كەتمىدىڭ نىگار.
ساقلىدىم ئۇيقۇغا ئىشتىغا باغلاپ
تۈن يىرىم بولسىمۇ كەلمىدى زىنھار.
ئوت دېسەم ئۆزۈمنى زۇلمەتتە يانغان،
سەن نىمە ؟بىلمىدىم ئوتنى كۆيدۈرگەن.
بارمىدۇ بىر سېھىر ھىچ بىلەلمىدىم
شۇ ئازغۇن قەلبىمگە سىنى سۆيدۈرگەن.
خىياللار قوينىدىن چۆچۈپ ئويغىنىپ،
ئۇيقۇنى مىڭ تەستە باشلىدىم تەنگە.
ھەي توۋا چۈشۈمگە رىژىسسور بولدۇڭ
ئىيتقىنا ئەي نىگار سەن قانداق بەندە.
ئويلىماي دەيمەنۇ خىيال بىغىمدا ،
لىكىن شۇ خىياللار سىنى ئىزلەيدۇ.
چۈشۈمدە بوش ئەمەس سىنىڭ ئەرۋايىڭ
يۇشۇرغان سۆزۈڭنى ماڭا سۆزلەيدۇ.
ئىشەنگىن سەندىمۇ ئاشىق يۈرەك بار ،
قۇلاق سال قەلبڭدىن چىققان تىۋىشقا.
يانسىمۇ يۈرەگىڭ يانار تاغ كەبى
بەزلەيسەن يۈرەكنى ئېيتە نىمىشقا؟
تۈن ئۇيقۇسى يىراقلاردىن يولۇمغا تەلمۈرۈپ باقىدۇ، خىياللىرىم بولسا تۈن ئۇيقۇسىغا بوي بەرمەي
ئەقلى ھۇشۇمنى ئېلىپ قاچىدۇ .
ئۆزۈمنى ئۇخلا دەپ بەزلەيمەنۇ لىكىن يەنە خىيالنىڭ قاينىمى ئۇيقۇنى بىزار قىلىدۇ ، ئۇيقۇ ماڭا تەشنا ،
خىياللىرىم ئۇيقۇمغا دۈشمەن ، مەن بولسام ئۇيقۇ بىلەن خىيال ئارىسىدا سەرگەردان .
بەزىدە كۆرگەنلىرىمنى ئەسلىسەم ئۇيقۇممۇدۇ ياكى خىيالىممىدۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن ،
چۈنكى خىيالىمغغا ئۆزۈم باشلىق ، ئۇيقۇمغا سەن ساھىبخان……
2014-01-10
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
مۇھەممەدرېھىم (ئۆچمەس) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-11 02:02 PM
|
|
|
|
|
|