مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 866|ئىنكاس: 6

ئالگىبرا ئاتىسى - ئەل خارەزەمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108643
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-7-22
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 12:34:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالگىبرا ئاتىسى - ئەل خارەزەمى



باھادىر يىگىت


   مۇھەممەد بىنى مۇسا ئەل خارازەمى خارەزىمدە تۇغۇلغان بۇلۇپ تەخمىنەن مىلادى 780يىلدىن 850-يىللارغىچە ياشىغان .ئەرەب ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ داڭلىق ماتىماتىكا ،ئاستىرونومىيە،جۇغراپىيە ئالىمى .ئالگىبرا ۋە ھېساپ ئىلمىنىڭ رەتلىگۈچىسى."ئالگىبرا ئاتىسى"دىگەن گۈزەل نامى بار.
ئەل خارەزەمى پارىسنىڭ شىمالى قىسمى(ھازىرقى ئىراننىڭ شىمالى) دىكى شەھەر خارەزىمدە تۇغۇلغان.ئاڭلاشلارغا قارىغاندا ئۇ ئافخانىستان،ھىندىستانغا بارغان.كىيىن باغداتتا ئولتۇراقلىشىپ قالغان.ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى مەئىمۇننىڭ ئوردىسىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن.باغداتنىڭ "ئەقىل پاراسەت ئوردىسى"دا خىزمەت قىلغان.كۆپ مىقداردىكى چېچىلىپ كەتكەن قەدىمكى گىرىتسىيە ۋە شەرقنىڭ پەنتېخنىكا ۋە ماتىماتكا ئەسەرلىرنى توپلاش ،رەتلەش ،تەرجىمە قىلىشقا مەسئۇل بولغان. ئۇ يەنە ئاستىرونومىيە كالىندارى،جۇغراپىيللىك خەرىتە قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ بەلگىلىك تۆھپە قوشقان. ئۇنىڭ ئەسىرى كىينچە لاتىنچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ياۋرۇپانىڭ ھازىرقى زامان پەنتېخنىكىسنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىگە ئاكتىپ رول ئوينىغان . بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلىسى ئەنگىلىيە كامبىرىج ئونۋېرستتى كۈتۈپخانىسىدا ساقلانماقتا.بۇ ئەسەر 1857-يىلىغىچە نەشىردىن توختاپ باقمغان.
         ئەل خارازەمى يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن شۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت مەركىزى بولغان باغداتقا كەلگەن.ئابباسىيلار سۇلالىسنىڭ خەلىپىسى مەئىمۇن قۇرغان "ئەقىل پاراسەت ئوردىسى"قارمىقىدىكى شاھ مەرسىيە رەسەتخانىسىدا خىزمەت قلغان.تاكى ۋاپات بولغىچە  ماتىماتىكا تەتقىقاتى ۋە ئاستىرونومىيەتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان.ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن قەدىمكى بابىلۇن،يۇنان ۋە ھىندىستان ماتىماتىكا نەتىجىلىرنى ئۆگىنىپ ۋە خۇلاسىلەپ ماتىماتىكىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىشىنى ۋە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭ"ھېساب ئىلمى"ناملىق ئەسىرى سېستىمىلىق ھالدا ئونلۇق سېستىما ھېساپلا ش ئۇسۇلى ۋەئونلۇق كەسىرنى ھېساپلاش ئۇسۇلىنى بايان قىلدى.بۇ دۇنياغا ئونلۇق سېستىمىنى ئۇمۇملاشتۇرۇشتا غايەت زور رول ئوينىغان. مىلادى 830-يىلى ئالگىبرا غا مۇناسىۋەتلىك مەشھۇر ئەسىرى"Hisab al-jabr wa'l-muqabalah " نى يېزىپ چىققان.بۇنڭ مەنىسى "يۆتكەلمە ئەزا ۋە توپلىما ئەزا ئىلمىي " دىگەنلىك بۇلۇپ كىينچە ئۇمۇملاشقان ئىسمى "ئىنتىگرال (جەملەش)ۋە تەڭلىمىلىك ھېساپلاش ئۇسۇلى "دەپ تەرجىمە قىلىنغان.ئاخرىدا كىتاپ ئىسمى ئاددىيلاشتۇرۇلۇپ باشتىكى al-jabr دىگەن نام بىلەن "ئالگىېبرا"دەپ ئاتالغان.شۇنىڭدىن باشلاپ ئالگىبرا دىگەن ئۇقۇم ئەل خارەزىمىنىڭ نام قۇيۇشى بىلەن يېڭىچە ماتىماتىكا ساھەسى بۇلۇپ شەكىللەنگەن. ئەل خارەمى بۇ كىتابىدا بىرىنچى دەرىجىلىك ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنى يىشىش ئۇسۇلىنى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك يىلتىزلىق ئىپادە فومۇلاسى ئوتتۇرغا قويغان. ئالگىبرا،مەلۇم سان،نامەلۇم سان ،يىلتىز، ئەزا يۆتكەش ، ئەزا توپلاش،ئىراتسىئونال سان قاتارلىق بىرقاتار ئۇقۇملارنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە مۇناسىۋەتلىك مىسالدىن 800دىن كۆپرەكنى بەرگەن.كىشىلەرگە ئالگىبرالىق ھېساپلاش ئۇسۇلىنى تەمىنلىگەن. ئالگىبرانى تەرەققىي قىلدۇرۇپ گىئومىتىرىيە بىلەن بىرسەپتە تۇرالايدىغان مۇستەققىل پەن قىلىپ شەكىللەندۈرگەن.شۇنىڭ بىلەن ھىندىستانلىقلار ئىجاد قىلغان ئونلۇق سېستىما پۈتكۈل دۇنياغا ئەرەب رەقىمى دىگەن نام بىلەن تارقىلىشقا باشلىغان.ئۇنىڭ يەنە "ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يىيىشتۈرۈش"دىگەن ئەسىرى ھازىرغىچە تارقىلىپ كەلگەن بۇلۇپ بۇ كىتاپتا بىرنىچى ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تەڭلىمىنىڭ يىشىش ئۇسۇلى ۋە مۇناسىۋەتىك گىئومىتىرىيلىك ئىسپاتلاش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويغان.  
     ئەل خارەزىمىنىڭ بۇ ئەسەرلىرى كىيىنچە فىبوناسسى تەرىپىدىن ياۋرۇپاغا تەرجىمە قىلىنىپ كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن ياۋرۇپانىڭ ئەسلىدىكى سەنپەن ھېساپلاش ئۇسۇلى ۋە رىملىقلارنىڭ خاتىرلەش ئۇسۇلى  تەدرىجى ئەمەلدىن قالغان. ياۋۇرپالىقلار ئەل خارەزىمىنى ھۆرمەتلەپ ئۇنى ئەلگىروزىم (يەنى ئونلۇق سېستىما)دەپ ئاتىغان. كىينچە ھېساپ ئىلمىنى مەخسۇس ئۇنىڭ نامى بىلەن ئارزىماتىك دەپ ئاتىغان.ھازىر ئالگورىزىم دىگەن ئاتالغۇ  كوپمىيۇتىر ئىلمىدىكى كەسپى ئاتالغۇ بۇلۇپ قالدى.شۇنىڭدىن كىيىن ئونلۇق سېستىما ياۋرپادا ناھايتى مۇھىم رولىنى جارى قلدۇرۇپ پەنتېخنىكىنىڭ تەرەققياتىدا ناھايتى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. 12-ئەسىردە "ئالگىبرا" لاتىنچىغا تەرجىمە قلىنپ ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابى قىلىىپ تاكى 17-ئەسىرگىچە  قوللىنىغان.كىين داڭلىق فىزىكا ئالىمى نىيۇنمۇ ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىدىن ئىلھاملىنىپ دىفرىنسىئال ئۇقۇمىنى كىرگۈزۈپ ئالگىبرا ساھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرگەن .ئاستىرونومىيىە ساھەسىىدە تەپسىلى كۈزىتىپ ئوتتۇرغا قويغان"ئەل خارەزىم كالىندارى" پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىغا كېڭىيىپ تاكى ھازىرغىچە قوللىنىلماقتا.ئۇ يەنە تولىمى نىڭ "جۇغراپىيە"دىگەن ئەسىرىگە ئاساسەن "زىمىننڭ شەكلى"دىگەن كىتابىنى يېزىپ چىققان.كتاپتا بىر پارچە خەرىتە سىزغان بۇلۇپ  بۇخەرىتىگە كىرگۈزۈلگەن 537يەرنامىنىڭ كەڭلىك ئۇزۇنلۇق گىرادۇسلىرى بىرىلگەن.ھەمدە مۇشۇ رايۇنلارنڭ  يەر شەكلى ۋە ھاۋارايى ئايرىلغان.يەر شارى يۇمىلاق دىگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئەرەب جۇغراپىيە ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالغان. غەرب ئالىملىرى ئۇنى ھۆرمەتلەپ "مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئالمنڭ بىرى "دەپ ماختايدۇ.

ئەل خارەزىمى 9-ئەسىرنىڭ ئالدى كەينىدە ياشىغان مۇسۇلمان ئالىم.ئۇنىڭ ئىش پائالىيەت نەتىجىللىىنى تورداشلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئارقلىق تورداشلارغا ئىلھام بولسۇن ئۈچۈن.مۇشۇنداق پەنتېخنىكىغا ئاساس سالغۇچى ،ئىلىم پەن ساھەسىدە يېڭى سەھىپە ئاچقۇچى ئالىملارنى بىلىپ قالسۇن ئۈچۈن.تورداشلارنىڭ  مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئۈلگە قىلىپ ئىلىم ئېرپان ئۆگىنىشكە ئىشتياق باغلىشىنى ،بولسا يېڭىلىق يارىتىش روھىنى تۇرغۇزىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن
.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14923
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10138
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 1200 سائەت
تىزىم: 2010-10-23
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 01:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەتسىزگە،مۇشۇنداق ئاساسى پاكىتى تۇلۇق تىمىلار ئۇزۇلمىگەي ،،،،، ھازىر بىزدە مۇشۇنداق پاكىقىمۇ كۇزيۇمىدىغانلار ئىنتايىن ئاۋۇپ كەتتى

مىنى مۇسۇلمان تۇغۇلۇپ ئۇيغۇرلۇقۇمنى تۇنۇتقان ئاللاھقا كۇرمىڭ شۇككۇرلەر بولسۇن

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1234
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7082
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 12:10:20 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كىشى ئۇيغۇرما؟

«يېشىل» دېسەم «ياق، بۇ قىزىل» دېدى، «قىزىل» دېسەم «ياق، بۇ كۆك» دېدى. ھەممىسى ئۆزىنىڭكىنىلا راست دېدى. شۇنىڭ بىلەن، خەق نېمىلا دېسە «ھە سېنىڭكى راست» دەپ قويۇپ، ھەق توغرىسىدا ئۆز ئالدىمغا ئىزدىنىدىغان بولدۇم.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9815
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 12:20:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمكەنتۇق ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى زادى ئاز ئەمەسكەن

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

كۈنلەر ئۇزۇن.ئەت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5434
يازما سانى: 1878
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9815
تۆھپە نۇمۇرى: 934
توردا: 3933 سائەت
تىزىم: 2010-8-2
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 12:20:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ھۆرمەتكە سازاۋەر ئالىمكەنتۇق ، مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى زادى ئاز ئەمەسكەن

قەلەم! قەلەمگە خاس ئىمانىمنى بەر، ئەل ئۈچۈن قاينىغان ۋىجدانىمنى بەر. قارىنى ئاق قىلىپ يازسام مۇبادا، نۇمۇس بەكمۇ يامان زاۋالىمنى بەر. ________ئابدۇقادىر جالالىدىن.

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6737
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-12 12:36:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەدىمدىن تارتىپلا مۇسۇلمان ئالىملىرىمى دۇنيا مەدىنىيىتىدە گەۋدىلىك ئۇرۇندا تۇرۇپ كەپتىكەن.. ئىسىل تېمىڭزغا تەشەككۈر

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 1102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9825
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 4999 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-14 03:54:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەسىمى بولغان بولسا بوپتىكەن .

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش