ئەسسالام ئەلەيكۈم بارلىق قېرىنداشلار مەن مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ خېلى كونا ئەزاسى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى خىزمەت ئىشلىرىم سەۋەپلىك پەقەتلا تورغا چىقالماي قالدىم چىققان تەغدىرىمدىمۇ مىسرانىم يازمىلىرىنى كۆرۈشكە پەقەت ۋاقىت ئاجىرتالمىدىم شۇڭا دوسلاردىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن .
مەن بۇ تىمامدا ئۈرۈمچىدىكى بەزى بىر ئۇچۇر مۇلازىمەت ئورۇنلىرى توغۇرسىدا توختالماقچى ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ تۇرىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن.
پايدىلىنىش تەرەپلىرى باركەن دەپ ئويلىسىڭىز تىمىغا نىسبەتەن ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قاراشلىرىڭىزنى ۋە نادىر ئېنكاسلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىلە قېرىنداشلىرىم .
ھەممىمىزگە مەلۇم ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك ئەتىراپىدا خىزمەت ئۇچۇرىلىرى بار تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىپ يۈرىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى ماڭدامدا بىر ئۇچۇرتۇپ تۇرىمىز .
470 ئۇچۇر تورىغا ئوخشاش بارلىق ئۇيغۇر ئۇچۇر توربەتلىرىدىكى% 99 ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ئاشۇ ۋاستىچى شېركەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىدۇر.
سىز يۇرتىڭىزدا تۇرۇپ تىلفۇن قىلسىڭىز ئۇلار سىزگە ھەرخىل ياخشى گەپلەرنى قىلىپ سىزنى ئۈرۈمچىگە چىقاتىدۇ ، سىز خىيالىڭىزدا چىقساملا ئىشقا چۈشىمەن دەپ ئويلايسىز ، ئەمىليەتتە ئىشلار سىز ئويلىغاندەك بولمايدۇ .
سىز ئۈرۈمچىگە چىقىپ بولغاندا ئۇلار بىلەن كۆرۈشكەن ۋاقتىڭىزدا ئاندىن سىزگە ۋاستىچى ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ مۇددايىنىڭ پۇل ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ ، ئۇلارنىڭ سىزگە ئېيىتقان گەپ سۆزلىرىگە ھەر قانچە ئوقىغان ئالىي مەلۇماتلىق كىشىلەرمۇ ئالدىنىپ كىتىدۇ سىزدىن مۇلازىمەت ھەققىنى ئېلېۋالغۇچە سىزنىڭ ھەممە شەرىتلىرىڭىزگە چۈشكىدەك ، مۇئاشىمۇ پەۋقۇلادە يۇقۇر چىقىدىغان ئورۇنلارنى سىزگە ئېغزاكى چۈشەندۈرىدۇ . سىز مۇلازىمەت ھەققىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سىزنى يۈك چۈشۈرۈش ئورىنى دىگەندەك يەرلەرگە يولغا سالىدۇ ، ئىچىملىك زاۋۇتى دەيدۇ ئەمىليەتتە ئىچىملىك بېسىپ چۈشىرىدىغان ئىشقا ئەۋەتىدۇ ، ئوغوت زاۋۇتى دەيدۇ ئۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ئوغوت بېسىپ چۈشۈرىسىز . كېرىمىنى زاۋۇتى دەيدۇ ئۇ يەردە بولسا پار قازانغا ئوت قالايسىز ، لىكىن ئۇ يەرلەرنىڭ شارائىيتىغا سىز ھەرگىز ماشلىشالمايسىز . ئۇلارنىڭ مۇددايى پەقەت سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدىكى پۇلنى ئېلىش خالاس ، ئادەتتىكى خىزمەتلەرگە ئورۇلاشماقچى بولسىڭىز 200 يۈەن شوپۇر بولسىڭىز كىنىشكىڭىزنىڭ دەرىجىسىگە قاراپ س كىنىشكىگە 500 يۈەن ب كىنىشكىگە 1500 يۈەن ئا كىنىشكىگە 2000 يۈەنگىچە مۇلازىمەت ھەققى تاپشۇرىسىز ، سىز شۇ پۇلنى تاپشۇرسام ئۇلار دىگەندەك 6 7 مىڭ يۈەن ئايلىق چىقىدىغان يەردە ئىشلىسەم ئەرزىيدۇ دەپ ئويلايسىز ، لىكىن ئۇنداق ئىش مۇمكىن ئەمەس ، ئۇلار سىزدىن پۇلنى ئېلىپ بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالمىسا سىز پۇلىڭىزنى قايتۇرۋالماقچى بولسىڭىز ئۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش سىز ھەرگىزمۇ پۇلىڭىزنى قايتۇرۋالالمايسىز .
تۈنۈگۈن مەن دۆڭكۆۋرۈك قىران بۈركۈت سودا سارىيى 3- قەۋەتتىكى يىڭى دەۋىر ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركىزىگە ئۆي ئىجارە ئېلىش ئۈچۈن 250 يۈەن تاپشۇردۇم ئۇلار ماڭا ئۆي يارىسا ئاشۇنچىلىك پۇل ئالىدىغانلىقىنى ئەگەر ماڭا ئۇلار كۆرسەتكەن ئۆي يارىماي قالسا پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىدىغانلىقىنى ئېيىتتى . ئۇلار ماڭا كۆرسەتكەن ئۆي بەكلا ناچار ئىكەن 1600 يۈەنلىك ئۆينىڭ ئىچى ئۇنداق بولسا ھىچكىمگە يارىمايدۇ شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆي ماڭا يارىمىدى بولدى پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بىرىڭ دىسەم ئۇلار ھەرگىز ئۇنىمىدى مەن پۇل تۆلىگەندە بىرسى مەندىن پۇل ئالغان بولسا ئەمدىلىكتە بىر نەچچىسى ماڭا دىۋەيلەپ ھىلى ئۇرۇپ سالىدىغاندەك ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ پۇلۇمنى پەقەتلا قايتۇرۇپ بەرگىنى ئۇنىمىدى ، پۇلغۇ كىچىك ئىش ھەممىدىن ماڭا ئېغىر كەلگىنى ئۇ يەردە كۆڭۈل ئاغرىقى تىپىۋالدىم .
ئۇلار نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ ؟ ئۆز قىرىنداشلىرىنىڭ پۇلىنى ئاشۇنداق ئېلىۋېلىپ قانچىلىك راھەت كۆرۈپ كىتە ؟!
مەن بۇرۇنمۇ جىق ئاڭلىغان ئۇچۇر مۇلازىمەتكە ئىشەنمەسلىك كېرەكلىكىنى باشقىلار ماڭا جىق دىگەن بولسىمۇ كۆڭۈل بۆلمەپتىمەن ، بۇ قىتىم ئۆزەم بۇرنۇمغا يىدىم .
ئەمدى مىنىڭ بۇ ئۇچۇرنى يوللىشىمدىكى سەۋەپ قېرىنداشلار بەلكىم سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر شۇنداق ئورۇنلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشكەندۇ .
مىنىڭ سىلەرگە بېرىدىغان تەكلىپىم ئۇچۇر تورىدىكى ئۇچۇرلارغا ئالدىراپ ئىشەنمەڭ (ۋاستىچىسىز ئۇچۇر) دەپ ئەسكەرىتكەن لىرىگە تېلفۇن قىلسىڭىز بولىدۇ باشقىلىرىغا ھەرگىز تېلفۇن قىلماڭ .
تېلفۇن قىلغان تەغدىردىمۇ سىز ماستىچى شېركەتنىڭمۇ دەپ سوراپ ئاندىن تىلفۇن قىلىڭ
بەلكىم سىزنىڭ يىنىڭىزدا پەقەت 200 يۈەن قالغان ۋاقىتتا شۇنداق ئورۇنلارنىڭ ئالدىمىغا چۈشسىڭىز كوچىدا قېلىشىڭىز ئېنىق گەپ
بۇ يەردە بىر ئىشنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ . ئۈرۈمچى زەپەر سودا سارىيى4- قەۋەتتە ئىللىق ماكان دەپ بىر شېركەت ئىچىلدى ئۇلارنىڭ قىلىدىغان خىزمىتى ئىگە چاقىسىز ، يىتىم يىسىر ، مۇساپىرلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش .
ئەگەر سىزنىڭ يىنىڭىزدا پۇل بولسا ئۆزىڭىز رازى بولسىڭىز 25 يۈەن پۇل تۆلەپ ئىشقا ئورۇنلىشالايسىز . يىنىڭىزدا پۇل بولمىسا ئۇلار سىزنى بىكارغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئۇلارنىڭ سىزدىن ئالغان 25 يۈەن پۇلىمۇ شۇ ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ ، مىنىڭ ئۇلار بىلەن پەقەتلا ئالاقەم يوق ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆركىنىمنى دەۋاتىمەن ئاللاھ ياخشىلىقنى شۇلارغا بەرسۇن ....!
ئەمدىكى تەكىتلەيدىغىنىم ئۇچۇر ئاشۇ ئۇچۇر مۇلازىمەت شېركەتلەرنىڭ ئورىنى دۆڭكۆۋرۈك ئەلشىر سودا سارىيىنىڭ 3- 4- قەۋەتلىرىدە قىران بۈركۈت سودا سارىيىنىڭ 2- 3- 4- قەۋەتلىرىدە ئىتتىپاق كېچىلىك بازىرى يىنىدىكى بەش كېرەم دىگەن بىنانىڭ 2- 3- 4- قەۋەتلىرىدە سەندوڭبى ئۇزۇن يوللوق قاتناش بېكىتىنىڭ يىنىدىكى بىنانىڭ 2- قەۋىتىدە ...
ئۆي ئېلىم ياكى سېتىم ئىشلىرىڭىز بولسا باشقا چوڭىراق ئۆي مۈلۈك شېركەتلىرىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ مەسىلەن ئىقلىم ئۆي مۈلۈكچىلىكى ، خاندان ئۆي مۈلۈكچىلىكى ، ئېرپان ئۆي مۈلۈكچىلىكى قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئىشەشلىك ئورۇنلارنى ئىزدەڭ ...!
خىزمەت ئىشىدا مىنىڭچە مەن دىگەن زەپەر يانفۇن بازىرى 4- قەۋەتتىكى ئىللىق ماكان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئورىنىنى ئىزدەڭ ...
ئۇچۇر مۇلازىمەتلەردىن باياتىن مەن دەپ ئۆتكەن ئورۇنلاردىكى ئۇچۇر مۇلازىمەت مەركەزلىرى بىلەن ھەرگىز ئالاقە قىلماڭ ...
قىران بۈركۈت بىناسىغا يىقىن يولىماڭ چۈنكى ئۇلارغا كېرىكى سىزنىڭ پۇلىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنى ياخشى ئورۇندا نان يەپ قالسىكەن دىمەيدۇ ...
دەيدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ئۇچۇر تورىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ% 99 تى ساختا يالغان ئۇچۇرلار ھەممىسى ۋاستىچى شېركەتلەرنىڭ ئۇچۇرى ، دۆڭكۆۋرۈك ئەتىراپىدا تارقىتىۋاتقان تەشۋىقات ۋاراقلىرىغىمۇ ھەرگىز ئىشەنمەڭ .
دۆڭكۆۋرۈك ئاق مەسچىت يىنىدىكى ئېلان تاختىلار ئارىسىدا ئىللىق ماكان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئورىنىنىڭ ئېلان تاختىسى بار ئۇلاردىن باشقا ھەرقانداق تاختىغا قاراپ سالماڭ باشقا ھەممىسى قويمىچى خاندان ئۆي مۈلۈكچىلىكى بىلەن ئىقلىم ئۆي مۈلۈكچىلىكىنىڭ تاختىسى بۇنىڭ سىرىتىدا ...
ئەگەر بۇ گەپلىرىمگە ئىشىنمىسىڭىز شۇلارغا پۇل تۆلەپ كۆرۈپ بىقىڭ ئۇلار سىز بىلەن بىزدەك قېرىنداشلىرىنى قويىدىغان كىشىلەر خالاس ...
قېرىنداشلار ھەممىمىز مۇنازىرلىشىپ باقايلى !
ئۆز قېرىنداشلىرىمىز يەنە شۇ بىز ساددا قېرىنداشلىرىمىزنى ئالداپ يۈرسە توغۇر بولامدۇ ؟
ئەسلىدە بۇرۇنلا مۇشۇنداق تېما يوللاشنى ئويلاشقانتىم ، لىكىن ئۇلارمۇ تۈزۈلۈپ قالا ، نىمىنىڭ ياخشى نىمىنىڭ يامانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ۋاقتىدا ئۇنداق قويمىچىلىقلاردىنمۇ قول ئۈزە دەپ ئويلىغان ئىدىم .
لىكىن ئۇ پەقەت مىنىڭ خىيالىمكەن خالاس ئۇلارغا ئاشۇنداق ھارام پۇللارغا كۆنۈپ قاپتۇ . ئۆز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇساپىرچىلىق ئاز دىگەندەك يەنە باشقىلارغا قويۇلۇپ ، ئۇرۇلۇپ-سوقۇلۇپ يۈرگىنىنى ئويلىغاندا ھەقىقى ۋىجدابى بار ھەر بىر كىشىنىڭ يۈرىكى سېيقىرايدۇ ئەلۋەتتە .
ئۇلار شۇنداق قىلىۋارسە چۇقۇم بىر كۈنى بۇ سەپتىن چۈشۈپ قالىدۇ ئەلۋەتتە...
مەن كۆپ سۆزلىمەي . باشقا دوسلىرىمىز ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسۇن قىنى ....
نادىر ئىنكاسلىرىنىڭ بىلەن تېمىنى بىيىتىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن ...
ئەسكەرتىش: بۇ تىمىدا تىلغا ئېلىنغا ئىللىق ماكان ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئورىنى ، ئىقلىم ئۆي-مۈلۈكچىلىكى ، خاندان ئۆي-مۈلۈكچىلىكى ، ئېرپان ئۆي-مۈلۈكچىلىكلىرى بىلەن مىنىڭ پەقەتلا ئالاقەم يوق ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ياخشى ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن دىيارىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنۋاتقان شېركەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈر قىستۇرۇپ قويدۇم . دوسلارنىڭ باشقىچە ئويلىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، مەن ئۆزەم چىش دوختۇرى ...