مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3330|ئىنكاس: 12

ئۇيغۇرچە ئۈندىدار باشقۇرۇش سىستېمىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28155
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5233
تۆھپە نۇمۇرى: 292
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2011-1-28
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 06:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىستېما ھەققىدە

ئۈندىدار سالۇنىنىڭ تېڭشۈن شىركىتى تەمىنلىگەن باشقۇرۇش سۇپىسىدا گەرچە ئاپتوماتىك ئىنكاس قايتۇرۇش، قارشى ئېلىش ئۇچۇرى، تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى، قوشۇلغان ئەزا، چېكىنگەن ئەزا، تاپشۇرىۋالغان ئۇچۇرلار قاتارلىقلارنى باشقۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇچۇر ۋە ئەزالار كۆپەيگەنسىرى بۇلارنى باشقۇرۇش ئىنتايىن تەسلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ھالقىلىق سۆزگە ئاساسەن ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەڭشەش بەك كۆپ ئىش ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ.

ئۈندىدار سالۇنى ئىككى خىل ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «تەھرېرلەش ھالىتى» يەنى 编辑模式، بۇنىڭدا سالۇن باشقۇرغۇچى ئۈندىدار ئۆزى تەمىنلىگەن باشقۇرۇش بېتىدە ھەربىر ئۇچۇر ئۈچۈن بىر ياكى كۆپ ھالقىلىق سۆز بەلگىلەيدۇ، ئاندىن ئەزالارغا مۇشۇ ھالقىلىق سۆزنى يوللاپ مۇناسىۋەتلىك تېمىنى تاپشۇرىۋىلىشنى بۇيرۇيدۇ، مەسىلەن: چىسلا، رەت نومۇر دېگەندەك. ئەزالار ھەر بىر چىسلا ياكى رەت نومۇرنى يوللىغاندا نېمە مەزمۇن تاپشۇرىۋىلىشىنى بىلمەيدۇ دە، ئازراق يوللاپ بېقىپ زېرىكىپ قالىدۇ.

يەنە بىر خىل ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلى بولسا «پروگراممېر ھالىتى» يەنى 开发者模式 بولۇپ، تېڭشۈن شىركىتى پروگرامما ئۇقىدىغان سالۇن باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەمىنلىگەن باشقۇرۇش ئېغىزى. بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە تۇرۇپ ئۈندىدار سالۇنىڭىزنى باشقۇرالايسىز، ئەزالارنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، ئەڭ مۇھىمى ھەر قېتىم يېڭى تېما يوللىغاندا ھالقىلىق سۆزنى تەھرېرلىشىڭىز ھاجەتسىز، ئەزالار تېما تاپشۇرىۋىلىشتىن بۇرۇن قانداق ئۇچۇر يوللىسا قايسى تېمىنى ياكى قايسى ناخشىنى تاپشۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يوللايدۇ، زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ.

مەزكۇر سىستېما يۇقارقى ئەھۋاللارنى ۋە بەزى سالۇن باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پروگرامما ئۇقماسلىق ياكى ۋاقتى يار بەرمەسلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، سالۇنىڭىزنى باشقۇرۇش ئىش سىجىللىقىنى يۇقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە ئەزالارغا تېخىمۇ دوستانە تەسىر بېرىدۇ، سالۇنىڭىزنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشىڭىزگە ياردەمدە بولىدۇ.


سىستېمىنىڭ ئىقتىدارلىرى

  • سىتاستىكىلاشسالۇنغا كىرگەن ياكى چىقىپ كەتكەن ئەزالارنى، ۋە ئەزالار يوللىغان ئۇچۇرلارنى سىتاستىكىلاش

  • ھالىقىلىق سۆز ھاسىل قىلىشسالۇندىكى تېما، ناخشا قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۈرلەرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش ۋە تۈرلەر بويىچە ئاپتوماتىك ھالىقىلىق سۆز ھاسىل قىلىش

  • ئىنكاس قايتۇرۇشئەزالار يوللىغان ئۇچۇرنى تەھلىل قىلىپ، مۇناسىپ تېما، ناخشا ۋە ياكى باشقا خالىغان ئۇچۇرنى ئىنكاس قىلىپ قايتۇرۇش

  • ئەسكەرتىش ئۇچۇرى قايتۇرۇشھالقىلىق سۆزگە ئائىت مەزمۇن تېپىلمىغاندا ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئىنكاس قىلىپ قايتۇرۇش

  • ئۈندىدار ناخشا-مۇزىكىخانىسى.ئۈندىدار ناخشا-مۇزىكا سۇپىسى ئەڭ يېڭى شەكىلدىكى ناخشا-مۇزىكىدىن بەھرلىنىش شەكلى بولۇپ، تاپشۇرىۋالغان مۇزىكىنى خالىغان دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرەلەيسىز. ناخشىلار تۈرلەر بويىچە رەتلىنىدۇ، قايسى تۈرنىڭ نومۇرىنى يوللىسىڭىز شۇ تۈردىكى ناخشىلارنى تاپشۇرىۋالىسىز. سىستېمىنىڭ يۈز ئارا تىلى ئۇيغۇرچە، ئەزالار تاپشۇرىۋالغان ناخشىنى چەكسىلا قويۇلۇشقا باشلايدۇ، ئۈندىداردا باشقا مەشغۇلات قىلسىمۇ ناخشا داۋاملىق چىقىۋىرىدۇ.

  • ھاۋارايى سۈرۈشتۈرۈشبۇنىڭدا ئەزالار قايسى شەھەرنىڭ تېلېفون رايۇن نومۇرى ياكى رەت نومۇرىنى يوللىسا، شۇ رايۇننىڭ كەلگۈسى 24 سائەتلىك ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئىنكاس شەكلىدە قايتۇرىدۇ. ئەزالار دائىم ئىشلىتىدىغان شەھەر ياكى رايۇننى بەلگىلىۋالسا، كىيىنكى قېتىم رايۇن نومۇرى يوللىمايمۇ، ھالقىلىق سۆزنى يوللاپلا شۇ رايۇننىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ. بارلىق ھاۋارايى ئۇچۇرلىرى دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئوقۇلىدۇ. (بۇ ئىقتىدار ئىشلىنىۋاتىدۇ)

  • پويىز سۈرۈشتۈرۈششىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى پويىزلارنىڭ پويىز ۋاقتى، بېكەت، بېلەت باھاسى، قالدۇق بېلەت قاتارلىق ئۇچۇرلانى سۈرۈشتۈرۈش (بۇ ئىقتىدار كىينكى قەدەمدە قوشۇلىدۇ)

  • خالىغانچە كېڭەيتىشسىزگە لازىملىق باشقا ھەرقانداق ئىقتىدارنى قوشۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن: مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئەزالارغا تۈرلەر بويىچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاش، ئەگەر ناخشا تور بېكىتىڭىز بار بولسا، بېكەتتىكى ناخشىلارنى تۈرلەر بويىچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاش دېگەندەك.




سىستېمىنىڭ ئەۋزەللىكى نەدە

  • چەكلىمىسىز يوللاشسالۇننىڭ كۈندە بىر قېتىم، بىر قېتىمدا 8 دانە تېما يوللاش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. سالۇننىڭ «ماتېرىيال ئامبىرى» يەنى 素材管理 نىڭ ئىچىدىكى تېمىلارنى خالىغانچە يوللىيالايسىز.

  • تېز، قولايئىجرا سۈرئېتى تېز، باشقۇرۇش قولاي، نورغۇن خىزمەتلەرنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ، يۈز-ئارا تىلى ئۇيغۇرچە.

  • دوستانە، چۈشىنىشلىكئەزالار قايسى خەتنى يوللىسا قانداق ئۇچۇر تاپشۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ تۇرىدۇ.

  • رايىشقايسى ئۇچۇرغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ۋە ھالقىلىق سۆزنىڭ تۈزۈلىشىنى باشقۇرغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.

  • تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارھاۋارايى، مۇزىكا، پويىز بېلىتى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى بار.

  • كېڭەيتىشچانلىقى ياخشىئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقا ھەرقانداق ئىقتىدارلار لازىم بولسا قوشۇپ بېرىمىز.



ئىجرا مۇھىتى

بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىز ياكى تور بوشلۇقىڭىز بار بولۇشى، ھەم تۆۋەندىكىلەردىن خالىغان بىر تۈرنى قوللىشى كېرەك. ئەگەر بۇلارنى چۈشەنمىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ، بىز ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭشەپ بېرىمىز، ھەم دىيىشكەن مۇددەت ئىچىدە داۋاملىق تېخنىكا مۇلازىمېتى بىلەن تەمىنلەيمىز.


Asp.net + SqlServer

Asp.net 2.0 دىن يۇقىرى، SqlServer 2005 تىن يۇقىرى نوسخسى

Asp.net + Access

Asp.net 2.0 دىن يۇقىرى، Access 2003 نوسخسى

PHP + Mysql

PHP5


سىستېما باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ ئىجرا كۆرۈنۈشلىرى 1.png

2.png



3.png


4.png


5.png


6.png


7.png


8.png


9.png


10.png


11.png




سىستېما ئارقا سۇپىسىنى سىناپ بېقىش



ئەگەر ئاۋال ئىجرا بولۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندە سىناق ئادرېسى بېرىلدى، سىناپ باققاندىن كىيىن ياقتۇرسىڭىز ياكى باشقا تەلىپىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز


سىناق ئادرېسى:

http://sinak.musajan.com

باشقۇرغۇچى نامى:

admin

مەخپىي نومۇر:

musajan.com


ئۈندىداردىكى ئىجرا بولۇش ھالىتى


m1.png

m2.png


m3.png


m4.png


m5.png


m6.png


m7.png


m8.png





ئۈندىداردا ئىجرا بولۇش ھالىتىنى كۆرۈپ بېقىش



ئەگەر ئۈندىداردا ئىجرا بولۇش ھالىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۈندىدار سالۇنىنى قوشىۋالسىڭىز سىزنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ، ياكى خالىغان ئۇچۇرنى يوللىسىڭىز ئۈنۈمىنى دەرھال ھېس قىلالايسىز.


ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى: dostlar2014


ياكى تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلاش ئارقىلىق قوشسىڭىزمۇ بولىدۇ.


codeUzun.jpg




ئالاھىدە ئەسكەرتىش



سالۇندىكى تېمىلارنى ئوخشاشلا ئۆزىڭىز تەييارلايسىز، ۋە كۈندە توپ يوللايسىز، مەزكۇر سىستېما يوللاپ بولغان تېمىلارنى باشقۇرۇش، ئەزالارغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاش بىلەن بىرگە، ناخشا سىستېمىسى ۋە باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى



چ چ:

116716326

ئۈندىدار:

116716326

ئېلخەت:

116716326@qq.com

يانفون:

132 7978 1091


مەنبە: مۇساجان ئۇچۇر تېخنىكىسى تورى


http://www.musajan.com/undidar.html






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   musi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 11:09 PM  


code.png

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 998
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 07:00:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن  بوپقۇيدىكەن.

دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::

ھەممىڭلارغا تىن

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 677
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11398
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7571 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 07:24:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلىدىغاندەك قىلىدۇ ، سىناپ باقىلى ، شۇغىنىسى ما خۇتەندە  ۋېيشىن نۇرمال ئەمەس ،

ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىدا مەرھەممەتwww.uyhawar.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1846
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4826
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 08:50:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  باشلاڭلار  ئەمسە  ............ھورراااااااااااااااااااااااااااااااااااااااا   

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1102
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي بىزنىڭ خوتەندە ئىشلىمەيدۇ .................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1060
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3766
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 963 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:06:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17038
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7580
تۆھپە نۇمۇرى: 362
توردا: 1989 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:24:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەئە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:37:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەنلىك باللا جىخكەنمىز ھە مۇنبەردە..

راس ما بىزنىڭ خوتەندە ئۈندىدار(ۋېيشىن)ئىشلىمەس بوپ قالدى..ۋەزىيەتنىڭ ناچارلىغىدا شۇ،،ھۆكۈمەت ئالاقىنى كونترول قىلىپ بۇلالماي ئۈندىدارنى ۋاختىنچە ئىشلىمەس قىپ قويدى..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96819
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 113 سائەت
تىزىم: 2013-8-8
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:28:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاچان ئېچىلا بۇ مېھرى مۇزدىنمۇ ئىسسىق ئۈندىدار..........

ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتى يارا بولۇر !

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15235
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3605 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
% مەندىغۇ ۈندىدار يوق .مىسرانىمغا كىرىمەن شۇ 'تېلدا تېما يازسا چىقمامدۇ؟ تېما يازساملا  تور ۈزۈلۈپ شۇڭا ئنكاس  شەكلىدە يىزىۋاتىمەن.مەن بىر چۈشۈمنى سىلەرگە دەپ بەرمەكچى 4-؟ئ

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش