بەزى تورداشلار ئۈندىدار سالۇنى قۇرۇشنى ئۆگىتىپ قويىشىمنى ئېيىتقان ئىدى، شۇڭا ئالاھىدە بۇ تېما يوللاندى، يېتەرسىز جايلىرى بولسا ئىنكاس شەكلىدە پىكىر بېرەرسىلەر. 1. ئۈنىدىدار سالۇن بېتىگە كىرىڭ. ئاندىن «دەرھال ئىلتىماس قىلىش» 立即注册 نى بېسىڭ. ئادرېسى: http://mp.weixin.qq.com
2. تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولۇپ «تىزىملاش» 注册 كونۇپكىسىنى بېسىڭ
3. سىستېما سىز تولدۇرغان ئېلخەت ئادرېسىغا بىر تەستىقلاش خېتى ئېۋەتىدۇ، ئېلخەتنى ئېچىپ ئىچىدىكى ئادرېسنى چەكسىڭىز تەستىقلاش تامام بولىدۇ.
4. ئەگەر سىزنىڭ تىزىملاتقان شىركىتىڭىز بولمىسا شەخسى نامدا بېجىرىشنى تاللاڭ. 个人 دېگىنى شۇ. بارلىق ئۇچۇرلارنى تولدۇرىسىز، ئاندىن كىملىكىڭىزنى قولىڭىزدا مەيدىڭىزدىن ئېگىزرەك، يۈزىڭىزنى توسىۋالمىغۇدەك تۇتۇپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشىسىز، ئاندىن شۇ رەسىمنى «ھۆججەت تاللاش» 选择文件 دېگەننى بسېىپ تۇرۇپ تاللايسىز. رەسىمگە تارتقاندا ياخشىراق ئاپراتتا تارتىڭ، كىملىكتىكى خەتلەرنى ئېنىق ئوقۇغىلى بوللىشى كېرەك.
5. يانفون نومۇرىڭىزنى تولدۇرۇپ «تەستىق كودىغا ئېرىشىش» 获取验证码 دېگەننى باسسىڭىز، سىستېما يانفونىڭىزغا 6 خانىلىق تەستىق كود ئېۋەتىدۇ، شۇنى ئاستىدىكى «قىسقا ئۇچۇر تەستىقلاش كودى» 短信验证码 دېگەن ئورۇنغا كىرگۈزۈپ، باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ «داۋاملاشتۇرۇش» 继续 دېگەننى باسىسىز.
6. «مۇشتىرى سالۇنى» 订阅号 دېگەننى، يەنى قاپ ئوتتۇرىدىكى بىردىنبىر چوڭ سىنبەلگىنى بېسىپ «داۋاملاشتۇرۇش» 继续 دېگەننى باسىسىز.
7. سالۇن نومۇرى، چۈشەندۈرۈش، ئورۇن دېگەندەكلەرنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن تاماملاشنى باسىسىز. ئەسكەرتىش: سالۇن نامىنى كىيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، چوقۇم ياخشى ئويلىشىپ ئاندىن بەلگىلەڭ، يەنە بىرسى ئۇيغۇرچە ئىسىم قويغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇپتۇ، ULY يەنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن ئىپادىلەپ يازسىڭىز، ياكى خەنزۇچە يازسىڭىز بولىدۇ. ئىسىم باشقىلارنىڭ سالۇنىغا ئوخشاپ قالسا بلىۋىرىدۇ، لېكىن ئۆزىڭىز ئەيىپ ھېس قىلمىسىڭىزلا.
مەنبە: مۇساجان ئۇچۇر تېخنىكىسى تورى http://www.musajan.com/tema/268.html
|