مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 478|ئىنكاس: 4

ئانىسىزلىق:ناخشا تىكىستى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

رۇستەم قارسۇ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30513
يازما سانى: 2241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 40218
تۆھپە نۇمۇرى: 9310
توردا: 1308 سائەت
تىزىم: 2011-2-15
ئاخىرقى: 2015-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 01:53:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىسىزلىق:ناخشا تېكىستى

رۇستەم قاراسۇ
يېرىم كېچە كىلىپ قاقسام ئىشكىنى،
رەنجىمەستىن ئاچار ئىدى جان ئانام.
سۆيمىگەنتى يەنە مەندەك ھىچكىمنى،
دەرتلىرىمنى تارتار ئىدى جان ئانام.

خاتا قىلسام ئەپۇ قىلار ئىدىغۇ،
ھېدى بولسا جەننەتنىڭكى ھېدىغۇ،
ئانام كىتىپ قەلبىم ئازار يېدىغۇ،
يېشىم بولۇپ ئاقار ئىدى جان ئانام.

قەۋرىسىگە بارمىغان بىر كۈنۈم يوق،
سېغىنىشتا يېغلىمىغان تۈنۈم يوق،
تولا يېغلاپ پۈتۈپ كەتتى ئۈنۈم يوق،
ھىچ خەۋەرسىز ياتار ئىدى جان ئانام.

رۇستەم قاراسۇ 2014.يىل8.ئاي10.كۈنى
ئىشلەتسىڭىز 449743158 ئۈندىدار قاراسۇ


ئاتىلار

رۇستەم قاراسۇ
ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگە كىرسە شەمشەر ئاتىلار،
ھەر سەپەردە قۇچۇپ كەلگەن زەپەر ئاتىلار.
تالاي مۈشكۈل جاپالارنى كەينىدە قۇيۇپ،
ئىز قالدۇرۇپ ياشاپ كەلگەن قەيسەر ئاتىلار.

بەلنى باغلاپ بەلۋىغىغا بوردا نان تېڭىپ،
داۋان كۆرسە داجىماستىن ئالدىغا مېڭىپ،
ئائىلەم دەپ تۇرمۇشنىڭكى جەبرىنى يېڭىپ،
پاك تۇپراققا تىم-تىم تامغان قان تەر ئاتىلار.

رىزىق ئىزدەپ كارۋانلارغا ئەگىشىپ ماڭغان،
بىلى يادەك ئىگىلسە گەر ئىڭىشىپ ماڭغان،
يولۋاس كەبى باسقان ئىزدىن ئەمەستۇر يانغان،
يېڭى تارىخ يېڭى بەتتىن خەۋەر ئاتىلار.

رۇستەم قاراسۇ  بېيجىڭدا يېزىلدى 8.ئاي



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 01:55 PM  


رۇستەم قارسۇ ئاتۇش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27274
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8760
تۆھپە نۇمۇرى: 142
توردا: 1610 سائەت
تىزىم: 2011-1-22
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:43:14 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا ئانىلار ھەققىدە قانچىلىك يازساق، قانچىلىك تەرپلىسەكمۇ ئەرزىيدۇ، ئاتا ئانا بار چاغدىكى تۇرمۇش بىلەن ئۇلار يوق ۋاقىتتىكى تۇرمۇش بەكلا پەرقلىنىدىكەن، ئادەم بەكلا چانىدىكەن، ھەتتا ئۇرۇق- تۇققان، قېرىنداشلارمۇ چاندۇرىدىكەن. ئىشقىلىپ ئۇلار بار ۋاقىتتا كۆپراق ۋاقىت چىقىرىپ ئۇلار بىلەن بىرگە بۇلۇش كىرەككەن.
شۇ تاپتا يازما ئىگىسى ئوخشاش ھىسياتتا بۇلۇپ تىمىنى ئۇقۇپ ئولتۇرۇپتىمەن.
ئاتا- ئانىلارنى بار ۋاقتىدا قەدىرلەيلى، كۆپراق مۇڭدىشايلى، ئاخىرقى ئۆمرىدە يالغۇزسىراپ قالمىسۇن!

ئاي ئورۇق ، يول تايغاق ، يۈك ئېغىر ، مەنزىل يىراق

ئۆلۈم ئۇ بىر يىڭى ھاياتلىقنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103796
يازما سانى: 319
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 11:07:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىتىپ بولغاندا پۇشايمان قىپ يىغلىغانغا ئورنىغا كەلمەيدۇ..يەنىلا بار ۋاقتىدا قەدرىنى قىلغان ياخشى...

كىتاپ ئوقۇمىساڭ ،ھەرقانچە يول يۈرگىنىڭ بىلەنمۇ سەن بىر پوشتالىيۇن...

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10512
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-11 06:09:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قارسۇ  ئەپەندىنىڭ  شىئىرلىنى  خىلى ياقتۇرىمەن



شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17287
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7219
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-18 02:11:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ سۆيۈندۇم !رەھمەت ئىجاديەتلىرڭىزگە بەركەت يار بۇلسۈن!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش