مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 8184|ئىنكاس: 57

تاشپولات: ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 5953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:15:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياش ئالىمىمىز تۇرسۇنجان نۇرمەمەتگە مۇبارەك بولسۇن!


تاشپولات روزى


T1.jpg


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، مەن بىزنىڭ ياش ئالىمىمىز ھاياتلىق ئىلمى دوكتورى تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە  ئۇكام ئېرىشكەن كاتتا خوش خەۋەردىن سىلەرنى خەۋەردار قىلماقچى. ئۇ 45 تىن كۆپ دۆلەتتىن كېلىپ قاتناشقان دۇنياۋى بىئولوگىيە ئالىملار يىغىندا ،ئۆزىنىڭ ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇپ، ئوقۇلغان 1000 پارچىدىن كۆپ ئىلمىي ماقالىلەر ئىچىدىن ماقالىسى تاللىنىپ لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئۇيغۇر خەلقىنى چەكسىز خۇشال قىلىدۇ! مەن ئۇنۇڭ ئۇتۇقلىرىنى چىن كۆڭلۈمدىن مۇبارەكلەيمەن! بۇنداق كاتتا نەتىجىلەر ھەرگىزمۇ ئويناپ يۈرۈش بىلەن قولغا كەلمەستىن ئۇنۇڭ تىنىمسىز تىرىشىشى نەتىجىسىدىن كەلگەندۇر. ئۇ داۋاملىق مۇشۇنداق بىزنى خۇشال قىلىدىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ۋەتەن ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپلىگەن قىممەتلىك ئىلمى ئاساسىغا ئىگە يازمىلارنى ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ مىللىتىمىزگە سۇنۇپ كەلمەكتە. مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە تۇغقان يوقلاش بىلەن بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىز ئۇنۇڭغا كوپ رەھمەتلەرنى ئەيتى. ئۇنۇڭ شان شۆھرىتى ۋەتەندىكى زىياللار ئىچىدە، كارخانىچىلار ئىچىدە، سەنئەتچىلەر چىدە، دىخانلار ئىچىدە ناھايىتى يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدىكەن. مەن توققۇزتارانىڭ ئەڭ چەت ئەڭ كىچىك بىر يېزىسىغا بارسام ئۇ يەردىكى دىخانلارمۇ تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامنى ۋە بىزنىڭ ئاتاقلىق ئۇيغۇردىن چىققان بىردىن بىر دۇنياۋى ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ياخشى تونۇيدىكەن. ئۇلار مەن بىلەن تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئىككىمىز بۇلتۇر شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىشلىگەن سىن ئالغۇنى كۆرۈپتۇ. بۇ سىن ئالغۇدىن ئۇلار كوپ پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ئېلىپتۇ. تۇرسۇنجان نۇرمەمەت ئۇكامدىن بىزنىڭ يەنە بىر ئۆگىنىدىغان يېرىمىز، ئۇنۇڭ كىچىك پېئىل كەمتەر، كەسىپتە مۇكەممەل بولۇپ يالغان گەپ قىلمايدىغانلىقىدا.

T9.jpg


مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە بارغىنىمدا، ۋەتەندىكى ئالىي مەكتەپلەر دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەتنى، بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز شۆھرەت مۇتەللىپنى ۋە ئاياللاردىن چىققان ياش ئالىمىمىز  رەيھان بەكتۇرنى ۋەتەن ئىچىدە ئالاھىدە دوكلات بېرىشىنى تەكلىپ قىلدى.

دوكتور تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بۇ يىغىن توغرىلىق مۇنداق توختالدى.  “بۇ قېتىم مەن 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە  «دۇنيا كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى،SSR » نىڭ ئامېرىكا مىچىگان شتاتى گىراند راپىد شەھىرىدە ئېچىلغان 47-قېتىملىق ئىلمىي يىغىنىغا قاتناشتىم. بۇ قېتىملىق يېغىننىڭ ئاساسىي تېمىسى: «ئۇرۇقلىنىش - دۇنياغا جەڭ ئېلان قىلغان مەسىلە» بولۇپ، كۆپىيىشتىن ئىبارەت ئىنسانلار دۇنياسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان بىر بىئولوگىيىلىك ھادىسە ئۈستىدىكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تەتقىقاتلاردىن دوكلات بېرىلدى. بۇ ئىلمىي يىغىنغا 45 تىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن بىئولوگىيە ئالىملىرى قاتناشتى.

T6.jpg


ئادەتتە دۇنيا مىقياسىدىكى ئىلمىي يىغىنلار مۇنداق بىر تەرتىپتە ئىلىپ بېرىلىدۇ:
ئالدى بىلەن يىغىن ۋاقتى، ئورنى قاتارلىق مۇھىم ئۇچۇرلار يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىلمىي جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بارلىق ئەزالارغا ئۇقتۇرۇلىدۇ. كۆپ قىسىم پروفېسسورلار ئۆز تەتقىقات ساھەسىدىكى ئاز دېگەندە بىر-ئىككى ئىلمىي جەمئىيەتنىڭ ئەزاسى بولىدىغان بولۇپ، ئۇلار شۇ يىغىنغا بېرىش-بارماسلىق ئۈستىدە نۆۋەتتىكى تەتقىقات ۋە مەبلەغ ئەھۋالىغا قاراپ قارار چىقىرىپ قول ئاستىدىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلار ۋە ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىلىرىغا تەييارلىق قىلىش توغرىسىدا ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ. ئاندىن تەتقىقاتچىلار يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئىشلەپ چىققان ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلەپ بىر پارچە پۈتۈن ماقالە ياكى ماقالە ئابستراكتى تەييارلاپ ماقالە تاپشۇرۇش ئاخىرقى كۈنىدىن بۇرۇن توردا ماقالىنى تاپشۇرىدۇ. تەلەپ - تاپشۇرۇلغان ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلار يېڭى، توغرا، ئىشەنچلىك بولۇشى، ئىلمىي نەتىجىلەر ئىلگىرى ھېچقاچان ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى، باشقا يىغىنلاردىمۇ سۆزلەنمىگەن بولۇشى ۋە تاپشۇرۇش ئاخىرقى چېكىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ ئاخىرقى چەك يىغىن ئېچىلىدىغان ۋاقىتتىن 6 ئاي بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچى ئىلمىي جەمئىيەت بىر تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى بەلگىلەپ تاپشۇرۇلغان بارلىق ماقالىلەرنى باھالاپ تەخمىنەن 2 ئاي ئىچىدە ماقالىسى تاللانغان ئاپتورلارغا «ماقالە قوبۇل قىلغانلىق خېتى» ئەۋەتىدۇ. كۆپىنچە ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى كۆپ، ئەمما ۋاقىت چەكلىك بولغاچقا 80% تىن كۆپ يىغىن قاتناشچىلىرىغا تامغا دوسكا شەكلىدىكى دوكلات سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلىدۇ، پەقەت ئاز بىر قىسمىلا ئېغىزچە دوكلات سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەتقىقاتچىلار بىر يەرگە كېلىپ ئىلمىي دوكلات سۆزلىنىدۇ.

T3.jpg


ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ، مەن بۇ قېتىم دوكتور ئاشتى تەتقىقاتىمنىڭ ئەڭ يېڭى مېۋىسى بولغان ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلىرىمنى خۇلاسىلەپ بىر پارچە ماقالە تاپشۇردۇم. بۇ يىغىنغا جەمئىي 1000 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي دوكلات ماقالىسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، مۇشۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇق ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان باھالاش كومېتىدىكىلەر مېنىڭ ماقالەمگە يۇقىرى باھالارنى بېرىپتۇ ۋە بۇ يىل 4-ئايدا ماقالىنىڭ ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ ماقالەم ئۈچۈن ماڭا «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. «كۆپىيىش بىئولوگىيىسى ئىلمىي جەمئىيىتى»نىڭ تور بېتىدە بۇ مۇكاپاتنىڭ شەرتلىرى مۇنداق تەسۋىرلەنگەن:
«لايلور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» ئەڭ ياخشى تەتقىق قىلىنغان ۋە ئەڭ ياخشى يېزىلغان ماقالە ئۈچۈن بېرىلىدۇ.

Http://www.ssr.org/14MeritAwards

تۆۋەندىكىسى مەن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى تاپشۇرۇۋالغان مۇكاپات ئۇقتۇرۇشى:

T8.jpg


مەن 7-ئاينىڭ 18-كۈنى يىغىندىن بىر كۈن بۇرۇن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىدىغان مىچىگان شتاتىنىڭ گراند راپىد شەھىرىگە يېتىپ باردىم چۈنكى شۇ كۈنى يىغىن تەشكىللىگۈچىلىرىگە ئېچىلىدىغان بىر ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتنىشىشىم كېرەك ئىدى.
ئىلمىي يىغىن ئەتىسى رەسمىي باشلاندى ۋە مەن 7-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن 15 مىنۇتلۇق ئېغىزچە دوكلات بەردىم. «ئانىلاردىكى ئوزۇقلۇق كەمچىللىكى مىكرو RNA تىپىدىكى ئېپىگېنتىكىلىق مېخانىزملار بىلەن ھامىلە مېڭىسىدىكى ئاچقۇچلۇق گېنلارنىڭ ئىپادىلىنىشىنى ئۆزگەرتىدۇ» نامىدىكى دوكلاتىمنى سۆزلەپ بولغىنىمدا پۈتۈن زالدا ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. نۇرغۇن ئالىملار قىزغىنلىق بىلەن كەينى-كەينىدىن نۇرغۇن سوئاللارنى سورىدى ۋە تەتقىقاتىمنىڭ ئىنتايىن قىزىقارلىق، زور ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ياخشى باھالارنى بەردى. نەق مەيداندا دوكلاتىمنى ئاڭلىغان ئامېرىكا ۋايومىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئىلگىرىكى دوكتور يېتەكچىم سىېىۋىن فورد ماڭا: «تۇرسۇن، يارايسەن! قالتىس بىر دوكلات بولدى، مەن سەندىن بەكمۇ پەخىرلىنىمەن» دېگىنىدە ماڭا قاتتىق تەلەپ قويۇپ مېنى بىر قوللۇق يېتىشتۈرگەن، ئادەتتە بىر ئىشنىڭ يارىمىقى ناھايىتى تەس بۇ پېشقەدەم ئۇستازىمنىڭ سۆزلىرىدىن ئىچ-ئىچىمدىن خۇشال بولدۇم.

T5.jpg


مەن بۇ قېتىملىق يىغىن جەريانىدا كۆپلىگەن دۇنياۋى نوپۇزغا ئىگە داڭلىق ئالىملار بىلەن كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق ئەنگلىيە ئالىمى، «كىلون ئاتىسى» دەپ نام ئالغان ۋە ئەنگلىيە خانىشى تەرىپىدىن «چەۋەنداز» لىق نامى بىلەن تارتۇقلانغان دوكتور ئىيان ۋىلمات(Sir Ian Wilmut) مۇ بار.

T7.jpg


دوكتور ئىيان ۋىلمات 1996-يىلى دۇنيادىكى تۇنجى كلونلانغان سۈت ئەمگۈچى ھايۋان «دولىي» ئىسىملىك قوينى كىلولاپ، دۇنيا كىلون تېخنىكىسى ۋە غول ھۈجەيرە ساھەسىدە ھازىرغىچە ئەڭ چوڭ داغدۇغا قوزغىغان كەشپىياتنى ياراتقان. ئۇ بۇ قېتىملىق يىغىندا «كىلون تېخنىكىسى ۋە باشقا كۆپەيتىش تېخنىكىلىرىنىڭ تارىخىغا نەزەر» دېگەن تېمىدا بىر سائەتلىك دوكلات بەردى. ئۇنىڭ دوكلاتى بېرىلگەن ۋاقىتقا باشقا ھېچقانداق دوكلات ئورۇنلاشتۇرۇلمىغان بولغاچقا 1000 كىشىلىك چوڭ يېغىن زالى لىق توشتى. دوكتور ۋىلمات غول ھۈجەيرە بىئولوگىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ ياراتقان نەتىجىلىرىنى بىر قۇر چۈشەندۈرگەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەنگە قوشقان تۆھپىسىنى بىر ئېغىز سۆزگە يىغىنچاقلاپ باھا بەردى. دوكتور ۋىلمات دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمىمىز دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ بۇ ساھەگە قوشقان تۆھپىلىرى ئۈستىدە خىلى ئۇزۇن ۋاقىت سەرپ قىلىپ تەپسىلىي توختالدى ۋە ئۇنىڭغا ئىنتايىن يۇقىرى باھالارنى بەردى. شۇ مىنۇتلاردا مەن ھېس قىلغان پەخىرلىنىش تۇيغۇسى ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز ئىدى.... ئاخىرى ئۇيغۇر ئالىملىرىنىڭ ئىسمى دۇنيا ئىلىم-پېنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەھنىلىرىدە ئەڭ داڭلىق دۇنياۋى ئالىملار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىپ ئىلىم-پەن تارىخىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى سۈپىتىدە سۆزلىنىدىغان بوپتۇ! دوكلاتىنىڭ ئاخىرىدا مەن ئۇنىڭدىن بىر قانچە سوئال سورىدىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈۋالدىم:
مەن بۇ قېتىم ئىلمىي دوكلات بەرگەندىن باشقا يەنە 7-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى «ئۇرۇقلىنىش تېخنىكىلىرى» نامىدىكى بىر بۆلەك دوكلاتلارنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستۈمگە ئالدىم. ئاساسلىقى شۇ قېتىملىق دوكلات جەريانىدىكى سۆزلىگۈچىلەرنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ھەر بىر دوكلاتنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈگىشى ۋە سوئال سوراش باسقۇچلىرىنىڭ تەرتىپلىك ئىلىپ بېرىلىشى قاتارلىقلارنى باشقۇردۇم ۋە يىغىننىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بېرىلىشىغا بىر كىشىلىك ھەسسەمنى قوشتۇم.

T2.jpg


بۇ قېتىملىق يىغىن ھەقىقەتەن زور مول-ھوسۇل بىلەن ئاخىرلاشتى. مەن 7-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتىكى يىغىن يېپىلىش مۇراسىمىدا مەن «لالور فوندى تۆھپە مۇكاپاتى» بىلەن مۇكاپاتلاندىم.”

T4.jpg


ئاخىرىدا تۇرسۇنجان نۇرمەمەت بىلگە ۋە باشقا ئىلىم يولىدا تىرىشىپ كېلىۋاتقان ياش ئالىملىرىمىزنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇستازى شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ قېيىنچىلىقتىن قورقماس روھىدىن ئۆگىنىپ،  تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنۇڭغا ھەممە جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان رەپىقىسىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-11 04:00 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ahter + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 11:52:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرسۇنجان ئاكىمىزغا مۇبارەك بولسۇن! تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەگەيسىز!

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14192
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 543 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 11:59:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن ئاكا .پۈتۈن ئۇيغۇرلار سىزدىن پەخىرلىنىمىز،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

باشقىلارغا تەبە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 2386
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7406
تۆھپە نۇمۇرى: 306
توردا: 7749 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:02:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەجاننىڭ بۇ نەتىجىسى ھەممىمىزنى خۇش قىلىدى.بىز مۇشۇنداق قېرىندىشىمىز بولغىنىدىن پەخرلىنىمىز.ئاللاھ نېسىپ قىلسا دىيارىمىزغا كەلگەندە دىدارلىشارمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-11 05:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107221
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 367
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:15:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالدىراشچىلق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بىزنى نۇرغۇنلىغان يېڭلىقلاردىن خەۋەردار قلغىنىغا رەھمەت............ قوللىرىڭىزغا دەرىت كەلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103791
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2014-2-19
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت ئاكا ، پۈتۈن ئۇيغۇرىمىز سىلەردىن پەخىرلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93235
يازما سانى: 184
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 938
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:41:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   بۇ ياش ئالىممىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !
  
   مىللىتىمىز ئىچىدىن مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىپ دۇنياۋى شۆھرەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن


  تېما ئىگىسىگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 12:59:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇرنىڭ خوشاللىقى ۋە شان شەرىپى ئىكەن. ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈرۈپ دۇنياغا تونۇتۇشقا تۆھپە قوشۇۋاتقان تۇرسۇنجان، تاش پولات روزى، شۆھرەت مۇتەللىپ، ئەركىن سىدىق ۋە ئۇنىڭدىن سىرت باشقا ئىسمى تىلغا ئېلىنمىغان ئالىملىرىمىزغا پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن! ئاللاھ خەلقىمىزگە ۋە  مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزغا تېخىمۇ كۆپ شان شەرەپ ئا مەتلەرنى ئاتا قىلسۇن ئامىن!.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 01:06:25 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن

     ‏ئەبۇ غازى

‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن ،
‏پاك ۋىجدان سەمىمىي غەيۇرلىقىڭدىن .
‏تارىخلار بېتىدە ئۆچمەس سەھىپەڭ،
‏جاسارەت بابىدا جەسۇرلىقىڭدىن.

‏ئەقىل ھەم ئىدراك مۇجەسسەم سەندە ،
‏ئەرلىرىڭ باھادىر باش ئەگمەس جەڭدە.
‏شەھىدلەر ھاياتتۇر ھەريەر ھەر يەردە،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىزناسى ئۆچمىگەن ئالىملىرىڭدىن،
‏تەكلىماكان تەڭرىتاغ تارىملىرىڭدىن.
‏تارىختا زەپ قۇچقان خاندانلىقىڭدىن،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردا بىرلىك يوق كىم دېدى ساڭا،
‏پەرۋامۇ قىلمىغىن قىلچىلىك ئاڭا .
‏ئۇيغۇرۇم قۇرام تاش ئىشەنگىن ماڭا،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىمان بار ئىنساپ يوق دەركەن نائەھلى،
‏ئۇيغۇرۇم ئىنساپسىز ئەمەستۇر ئەسلى.
‏تۆھمەتكە قارشىدۇر ئۇنىڭ جان جەھلى،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردۇر ئۇيۇشقاق ئاتالغان مىللەت،
‏مىللەتلا  بولاركەن تېپىلار ئىللەت.
‏ئىللەتنى تۈزىسەك چاقنايدۇ خىسلەت،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .


‏ئاپتور:ئەبۇ غازى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109012
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 674
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 263 سائەت
تىزىم: 2014-8-7
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 01:16:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆيۈندۈم .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش