مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2348|ئىنكاس: 32

تۆرىگە چوڭلارنى باشلاش كېرەكمۇ ياكى ئىمتىيازلىقلارنىمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92542
يازما سانى: 680
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13028
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 599 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 01:31:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   دۇنيادا ھەممە مىللەت ئۆزلىرىنى چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل ئەنئەنىمىز بار دەپ پەخىرلەنسە كېرەك.بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق.مەنمۇ مىللىتىمىزنى چوڭلارنى ھۆرمەتلەشتە دۇنياغا ئۈلگە بولغۇچىلىكى بار بولغان مۇنەۋۋەر مىللەت دەپ ئىشىنەتتىم.لېكىن،يېقىندا بېشىمدىن ئۆتكەن تۆۋەندىكى ئىككى كەچۈرمىش مېنىڭ ئىشەنچىمنى تەۋرىتىپ قويدى.
   بىرىنچى كەچۈرمىش:بۇ يىل رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنى يېزىغا بېرىپ ئىپتاغا داخىل بولۇپ قالدىم. رامىزان ئېچى بۇ تولىمۇ ئاددى بىر ئىش ھېساپلىنىدۇ.لېكىن ماڭا تەسىر قىلغىنى جامائەتنىڭ داستىرخاندا ئولتۇرۇش تەرتىۋى بولدى.قارىسام تۆرىدە شۇ كەنتنىڭ 40 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان خاتىپى ئولتۇرۇپتۇ،ئۇنىڭ يېنىدا مۇئاۋىن خاتىپ(50 دىن ئاشقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ) ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۈچىنچى ئورۇندىن باشلاپ ئاندىن 70 ياشتىن ئاشقان ئاقساقاللار تىزىلىپ ئولتۇرۇپتۇ.كۆڭلۈم بىر قىسمى بولۇپ قالدى-يۇ،لېكىن كۆپ ئويلاپ كەتمىدىم.
  ئىككىنچى كەچۈرمىش:ھەپتىنىڭ ئالدىدا شىمالدىن بىر نەچچە ئۇرۇق تۇققىنىمىز كېلىپ قېلىپ،داستىرخاندىكى تەرتىپ توغرىسىدا سۆز ئېچىلىپ قالدى.تۇققۇنىمنىڭ دېيىشىچە،ئۇنىڭ بىر دوستى بۇلتۇر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ مەلۇم ناھىسىدىكى بىر يېزا باشلىقى دوستىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپتۇ.يېزا باشلىقى يىراقتىن كەلگەن بۇ دوستىنى داستۇرخاننىڭ تۆرىگە تەكلىپ قىلىپتۇ،لېكىن مېھمان قارىسا ئۆزىنى كۈتۈۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدا ياشتا ئۆزلىردىن خېلى چوڭ بولغان بىر دېھقان ئاكا بار ئىكەن،شۇڭا ئۇ ھۆرمەت ھەم ئەدەپ يۈزىسىدىن بۇ دېھقان ئاكىنى تۆرىدە ئولتۇرۇشقا زورلاپتۇ.ئەپسۇسكى،دېھقان ئاكا تېخى ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا،يېزا باشلىقى ئۇنىڭغا:
  --ماڭەۋا دىۋانى،ساڭا بۇ تۆرىدە نىمە بار! دەپ دېھقان ئاكىنى خورلاپ،تېخى ئولتۇرمىغان ئورۇندىن قوزغىۋېتىپتۇ.شۇنىڭ بىلەن مېھمان كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بۇ مېھماندارچىلىقىنى تۈگۈتىپتۇ.
  يۇقارقىلار ئەلۋەتتە ئايرىم ئەھۋال،ھازىرچە تىپىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ.لېكىن،بەزى ئىمتىياز ئىگىلىرىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى  ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قىسىم تەمەخورلارنىڭ  خوشامەتچىلىكى  سەۋەبىدىن بۇ خىل ئەھۋال جەمئىيەتتىكى يۈزلىنىشكە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. بۇ ھەرگىزمۇ بىرەر ئىككى ئادەمنى ھۆرمەتلەش مەىلىسى ئەمەس،بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئوبرازىغا بېرىپ تاقىشىدىغان پىرىنسىپال مەسىلە!
   مەيلى خاتىپ بولسۇن،ياكى ئەمەلدار بولسۇن ۋە ياكى باشقا ئىمتىياز ئىگىلىرى بولسۇن،ئۇلار ئۆزلىرىنى جامائەتنىڭ ھەتتا مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ۋە يولباشچىلىرى دەپ ھېساپلايدۇ،لېكىن بەزىدە ئۆزلىرىنىڭ زادى قانداق ئىشتا باشچى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.يۇقارقى مىسالدىكى خاتىپنى ئېلىپ ئېيىتساق،ئۇ ئەسلى جامائەت ئالدىدا  چوڭلارنى قانداق ھۆرمەتلەش ۋە كەمتەر بولۇشتا ئۈلگە بولۇشى كېرەكىدى.لېكىن ئۇ شۆھرەتپەرەسلىك سەۋەبىدىن مىللىتىمىزنىڭ ھەتتا ئۆزى خاتىپلىق قىلىۋاتقان دىنىمىزنىڭ ئەقىدىلىرىگە زىت ئىش قىلدى.ئىككىنچى مىسالدىكى ئەمەلدار بولسا شۆھرەتپەرەسلىككتە تېخىمۇ چېكىگە يېتىپ ئەقىل ھۇشىدىن ئازغان!يېزا باشلىقلىق ئەمىلىي بولسا،دۇنيادا كەينىدىن سانىغاندا ئىككىنچى كىچىك ئەمەل(بىرىنچى كىچىك ئەمەل بولسا كەنت باشلىقلىق ئەمىلى)ھېسابلىنىدۇ،ئەسلى ئۇ ئاممىنى ھۆرمەتلەش ۋە كەمتەر بولۇش جەھەتلەردە باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى كېرەك ئىدى،لېكىن بۇ ئەمەلچاقنى تۇتقانلار نىمىشقىدۇ دۆلەت رەئىسىدىنمۇ سۈرلۈك كۆرۈنىدۇ،ئۆزىنى پۇقرالارنىڭ شاپئەتچىسى ھېسابلىۋالىدۇ،پۇقرالارنىڭ قان-تەرىدىن كەلگەن پۇلنى خەجلەۋېتىپ،يەنە پۇقرالارنى مەن بېقىۋاتىمەن دەپ ئۆزىگە تەمەننا قويۇدۇ.ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشلىرى ئەمىلىيەتتە مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىسىگە،ھەتتا ئۆزىنى تەربىيىلەپ ئۆستۈرگەن پارتىيىنىڭ نىزامنامىسىغىمۇ خىلاپ.
   ئۇنداقتا،چوڭ كىچىك داستۇرخانلاردا تۆرىدە ئولتۇرۇشقا زادى قانداق كىشىلەر ھەقلىق؟ بەزىلەر تۆرىگە چوڭلارنى ،بەزىلەر ئەمەلدارلارنى،يەنە بەزىلەر ئۆلىمالارنى باشلايدۇ.راستىنى دېگەندە،بۇنداق قىلمىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئاساسى بار. لېكىن ھەممە ئادەمنىڭ كاللىسىدىن ئۆتىدىغان ئاساس بولۇشى ناتايىن.
  ئالايلۇق،ئۆلىمالارنى تۆرىگە باشلايلى دېسەك،بىر بولسىغۇ مەيلى،لېكىن ئۇلار ئىككى ياكى ئۈچ بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئىلىملىك ھېساپلانغان ئۆلىما يەنە بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە چاغلىق ھېساپلىنىشى مۈمكىن،دىمەك قايىل بولماسلىق ياكى خىجالەتچىلىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىشى تۇرغان گەپ.ئەمەلدارلارغا كەلسەك،ھەممە ئادەمنىڭ ئۇ ئەمەلدارلارنى ھۆرمەتلىشى ناتايىن،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ خەقنىڭ ئوخشاش دەرىجىلىكلىرىمۇ نۇرغۇن بولىدۇ،سىز ئۇلارنى بىلىپ ئولتۇرغۇزالمىسىڭىز،بىرنى خوش قىلىپ،مىڭنى رەنجىتىۋېلىشىڭىز مۈمكىن.ئەمىلىيەتتىمۇ،ھەقىقى ئىقتىدارلىق ھەم پەزىلەتلىك ئۆلىما ياكى ئەمەلدارلار چوڭلارنىڭ ئالدىدا نەدە ئولتۇرۇشىنى بىلىدۇ،لېكىن،يەنە بەزىلىرى بولسا ئۇنىڭ ئەكسىچە،نەگە بارسا تۆرىدە ئولتۇرمىسا كۆڭلى غەش بولىدۇ.مەيلى ئۇلار بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن،خەلقنىڭ نەزىرىدە ئۆزىدىن چوڭلاردىن تۆرە تالاشقان ئۆلىما بولسۇن ياكى ئەمەلدار بولسۇن،ھەر ئىككىلىسى ئاممىغا يۈز كېلەلمەيدىغان لاياقەتسىز «باشلامچى»لاردۇر.
    ئەمدى چوڭلارغا كەلسەك،مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، ھەممە ئادەم قايىل بولىدىغان،ئاللاھمۇ رازى بولىدىغان،شۇنداقلا ئاللاھ ئەڭ ياقتۇرمايدىغان  شۆھرەتپەرەسلىكتىن ئىبارەت بۇ گۇناھى كېبىردىن نېرى تۇرغىلى بولىدىغان بىردىن بىر توغرا تاللاش--ياشتا چوڭلارنى سورۇننىڭ تۆرىگە باشلاشتۇر.بۇنداق بولغاندا مىڭ ئادەم بولسىمۇ خىجالەتچىلىك بولمايدۇ،كۆڭۈلسىزلىكمۇ بولمايدۇ،مىللەتنىڭ ۋە دىننىڭ شان-شۆھكىتى ئالەمگە تارايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاشقىن1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 01:45 AM  


ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4418
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 762 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 02:55:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادىميلىكنى ئالدىدىكى تاماق بىلەن  قوشۇپ يەۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.بەش بارماق ئوخشاش بولمىغاندەك  ئۇنداقلارمۇ ،مۇنداقلارمۇ ...كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ .
ئەمما چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ تۆرگە باشلاش بۇ سالا-سۈلھى كەتمەيدىغان بىزنىڭ ئەنئەنىۋى قائىدە-يۇسۇنىمىزغا سىڭىشىپ كەتكەن ،ئەدەب-ئەخلاقنىڭ بەلگۈسى.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10857
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2208 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 03:15:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەللە يوغان ئىمان يوق.................   دىگەن مۇشۇ...........


ئەسلى قائىدە بويىچە، يەنى ئىسلام دىنى بويىچە تۆرىگە يىتىم- يىسىر، ئاجىز- پىقىرلارنى ئولتۇرغۇزۇش، تائاملارنىڭ بېشىنى شۇلارغا قۇيۇش كېرەك......  ئەمما ھازىرچۇ؟ تۆرىگە خەلپە- مەزۇنلار، باشلىق- غوجاملارنى تەكلىپ قىلىدۇ ۋە تائاملارنىڭ ئەڭ سەرخىلىنى شۇلارغا قۇيىدۇ.......

بىرەر خەلپە- مەزۇنلار شۇنداق دىمىدىكى..... جامائەت، يىتىم- يىسىرلارنى، ئاجىز- پىقىرلارنى تۆرىگە باشلاڭلار... ئاۋال ئۇلارنىڭ قوللىرغا سۇ بىرىپ، قۇرسىقىنى توقلاڭلار.. ئاندىن باشقا ھۆرمەتكە سازاۋەر كىشىلەرنى كۈتىڭلار دىمىدى........
ئاددىسى سۈرە مائۇننى ياخشى ئوقىمىدى..........   ھەرقانداق ئوپچە سورۇنلاردا قارايدىغان بولساق يىتىم- يىسىرلار، ئاجىز- پىقىرلار بىر بۇلۇڭدا.....


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14961
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 03:36:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالا چاغلاردا  رەھمەتلىك چوڭ ئانامدىن توي -تۆكۈن ،نەزىر -چىراغلاردىكى تۆر تالىشىپ يامانلىشىپ قالغان خوتۇنلار توغرىسدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىسام كۈلگۈم كېلىپ كېتەتتى .
ئەر بولۇپ قاتارغا قېتىلغاندىن كېيىنمۇ ھەممىنى يۇقىرىسغا ئۆتكۈزۋېتىپ پەگادا ئولتۇرۋالتىم ،دېمىسمۇ پۇت -قولنى سۇنۇپ ئازادە ئولتۇرغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ،بولۇپمۇ سۇپىلىق ئايۋان -سارايدا تېخىمۇ راھەت پاگادا پۇتنى ساڭگىلتىپ ئولتۇرۇش دىگەن ....
يەنە كېلىپ يۇرت -يۇرتلاردا تۆرنىڭ ئورنىمۇ ئوخشىمايدىغان چىراي بەزسىدە ئوڭ قول تەرەپ ،بەزىسدە سول قول تەرەپ ،بەزىسىدە ئوتتىرسى دىگەندەك
گەپنىڭ قىسقىسى : ئۆينىڭ تۆرى مۇھىم ئەمەس ،مۇھىمى ئەلنىڭ قەلىپ تۆرى ....
خەق «يۇقىرى ئۆتسىلە» دەپ تۆرگە باشلاپ قويسا قالتىس ئادەم ئوخشايمەن دەپ يورغىلاپ بېرىپ ئولتۇرىۋەرگەن بىلەن ،بىر كۈنلەر كېلىپ شۇ تۆرگە باشلىغانلار :«سورۇننىڭ تۆرىدە ئولتۇرغان مۆتىۋېرىمىز بولغاندىن كېيىن شۇنىڭغا لايىق بىر ئىش قىلىپ بەرمەملا ؟»دەپ سالسا ماۋۇ يۈزىمىزدە قىزىل قان تومۇرلىرى مەۋجۇت بولسىلا :«ئېسىت ،شۇ تۆردە ئولتۇرغىچە ،سامانلىقتا ئولتۇرسامچۇ، دەردى  يوق...»دەپ خورازنىڭ تاجسىدەك قىزىرىپ قالىدغان ئىش بار .
شۇڭا ئىناۋەتنى قەدرلەپ ،ئۆزىمىزگە مەنسۇپ بولمىغان تۆردىن يىراق تۇرايلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-10 03:40 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzum-tal + 50 يا تەھلىل دىگەن بارغۇ .

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 50   باھا خاتىرىسى

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9176
يازما سانى: 1089
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7350
تۆھپە نۇمۇرى: 396
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:24:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆردىن پەگاغا چۈشۈپ قالغان ئاقساقاللارنىڭ ئۆزىدىمۇ يوق ئەمەس!

ئازاب چەككەن سەۋر قىلسۇن، ئازابقا دۇچار قىلغان
ئازابلىنىشنى كۈتسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107221
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 365
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2014-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 09:48:53 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
babur99 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 03:36 AM
بالا چاغلاردا  رەھمەتلىك چوڭ ئانامدىن توي -تۆكۈن ،نەزى ...



مەن ما ئىنكاسقا قۇشۇلىمەن .
كۆڭلۈمدىكىنى يېزىپسىز جۇمۇ ئەمما

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4501
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4262
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8423 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:22:13 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېما ئەھمىيەتلىك.
بۇ ھەقتە ھەر بىر شەخىس ئويلىنىپ بېقىشى زۆرۈر.
كامىل مۇئمىن بولۇشنى ئويلايدىغان كىشى بىرەر سىنىڭ كۆرپىسىنىڭ ئۇيەر بۇيىرىدىن ئورۇن ئېلىشنى ئەمەس، بەلكى رەھمان تائالانىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئويلىغىنى تۈزۈك.
بىر قىسىم كىشىلرىرىمىزدىكى قىممەت قاراشتا خېلى مەسىلە بار دەپ ئويلايمەن.
مۇشۇ مەسجىدلەردىكى ئەۋۋالقى سەپنى تۆر دەپ ئويلاپ كېچىكىپ كېلىپمۇ باشقىلارنى قىستاپ كىرىۋالدىغان  ئىشلارمۇ تۈزەلسە بولاتتى.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1023
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:23:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭغا ھۆرمەت،كىچىككە ئىززەت قىلىش،شۇنداقلا ئىلىملەكلەرنى قەدىرلەش بىزنىڭ ئىسىل ئەخلاقىمىز،بۇنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇش ،ئەۋلاتلارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرىۋىتىش كىرەك.

دوستىخان ئۈستىدە تۆرگە ياشتا چوڭلار لايىق دەپ قارايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 324
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 886 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 10:43:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      ‹   ئوقۇغان   ئوغۇل  ،   ئاتىدىن   ئۇلۇغ   ›    دەپتىكەن    ئاتا - بوۋىلىرىمىز    ،   تۆردە    كىم    ئولتۇرۇش    ئېشىنى    شۇ    سورۇندىكى     جامائەت    تەبئېلا    بەلگىلەپ    قويدۇ   .    بۇ    مەسىلنى    بەك    ئېنچىكلەپ    كەتمىگەن    ياخشىمىكى   ،    خۇددى    كىچىك   باللاردىن    ‹   داداڭ   ياخشىمى   ؟    ئاناڭمۇ   ؟   ›    دەپ    سورىغاندەك    ئىش    بولمىسا   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-10 11:11:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-8-10 03:15 AM
سەللە يوغان ئىمان يوق.................   دىگەن مۇشۇ...........

سەللە يوغان ئىمان يوق ،جەۋەن يوغان بىي نان يوق

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش