Gvlmisal يوللىغان ۋاقتى 2014-8-9 12:53 AM
كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر
كۈلكىسى يوق ناتۇنۇش شەھەر،ق ...
ئىزلىرىڭنى قالدىم ئاختۇرۇپ،
نەدىن تاپاي ئېيتقىنا ؟سىنى،
تۆنۈگۈنلا ئىدۇق ناتۇنۇش،
دوست بۇلايلى كەلگىنە قېنى.
باغدا ئۈرۈك تۇرار سۈكۈتتە،
ئاق قۇچقاچلار سۆيسە شېخىنى.
شۇنداق چاغدا قالساق تېپىشىپ،
مۇبارەكلەپ تۈكەر قېقىنى.
تاش كۆۋرۈكتە كۈتىمەن ھەر كۈن،
سۈزۈك سۇغا تۆككەچ دەردىمنى.
مەجنۇنتالدەك تۈكۈلسە كۆڭلۈڭ،
شامال بۇلۇپ تۈكەي ھەممىنى.
ئىگىز بويلۇق قاپقارا چاچلىق،
بىر كىتاپ بار قەلبىدە ئوتقاش.
ۋاراقلىساڭ ئېلىپ يېنىڭدا .
قىزىل گۈلدەك ئېچىلار تۆتتاش.