بەختىم دەيمەن سىنى ئەزىزىم
قۇياش تەپتى باغرىم ھەر زامان،
سىنى بەختىم دىگەندىن باشلاپ.
ھىجرانلاردا قالساممۇ گاھى،
ئاغرىنمايمەن دىلىمدىن ئاقلاپ.
سەبرەم بىلەن ئۆزگەردىم پۈتۈن،
ئوسمان نازۇك مىجەزنى تاشلاپ.
ھەر-ھەر ئىشقا چىدايمەن بەردەم،
ئىرادەمدە بىلىمنى باغلاپ.
مەيلى يىغلاي مەيلى گەر كۈلەي،
ھەربىر سۈزۈڭ ماڭا زور مەدەت.
بەختىم-تەختىم دەيمەن ھەممىنى،
مەمنۇنلۇقتا خوش بۇلۇپ ئەبەت.
مېھرىلەرنىڭ باغرىغا سىڭىپ،
ھەرتىنىقتا ئەقىدەم مەزمۇت.
دىلىم-تىلىم ئوخشاش بىر قىزمەن،
ئۆڭمەس قەلبى ئاداققى پۈتۈن.
ھەرسۈزۈمدە تۇغۇپ مەن قۇياش،
بەختىم دەيمەن سىنى ئەزىزىم.
مېھرىلەردە كۆۋرۈكلەر ياساپ،
تۇتاشتۇراي قەلبىڭگە جېنىم.
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-9 12:04 AM