-راسىت گەپنى قىلىڭە سىز مېنى زادى قانچىلىك ياخشى كۆرىسىز؟
- ئۆزۈمنى قانچىلىكياخشى كۆرسەم، سېنىمۇ شۇنچىلىك ياخشى كۆرىمەن.
- ئەمىسە مېنى نەرىڭىزدىن ياخشى كۆرىسىز؟
- ئاغىزىمدىن؟
- نېمە، ئاغىزىمدىن؟
- ھى، ھى چاقچاق قىلىپ قويدۇم گۈلۈم، مەن سىزنى ھەممە يېرىم بىلەن ياخشى كۆرىمەن.
بۇ بىر جۈپلەرنىڭ ئارلىشىۋاتقىنىغا 3يىل بولغان بولۇپ، بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتى چەكسىز ئىدى، يىگىت قىزنى بەكلا ياخشى كۆرەتتى، ئۇنى قەدىرلەيتتى، قىزنىڭ ئۆمۈرلۈك ھەمراھى بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى ، قىزمۇ يىگىتنى چىن قەلبىدىن سۈيەتتى، ئۆزىنىڭ يىگىتنىڭ بىر ئومۇر خىزمىتىنى قىلىشنى ئارزۇ قىلاتتى.
تەلىيىگە بۇلارنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىپ ئاتا-ئانىلىرى ئىككىسىنىڭ ئىشىغا قوشۇلدى ۋە توي كۈنىلىرىنىمۇ بىكىتىپ بولدى، يىگىت بىلەن قىز ۋىسالغان يىتىش ئالدىدىكى خۇشاللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن شەھەر سىرتىغا ئوينىغىلى چىقتى، بىر كۈن شۇنداق كۆڭۈللۈك ئوينىغان ئىككىسى كەچتە موتىسىغا مىنىپ خۇشال قايتىشتى، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلار قاراڭغۇ خالتا كوچىدا بىر قانچە لوكچەكلەرگە ئۇچۇراپ قالدى، قىز قورقىنىدىن ۋاقىرۋەتتى، لوكچەكلەر يىگىت بىلەن قىزنى تارتۇشتۇرۇپ موتودىن چۈشۈردى-دە قىزنىڭ گۈزەل جامالىغا شەھۋەت كۆزلىرى بىلەن قاراشقا باشلىدى، بۇنى سەزگەن يىگىت ئۇلارغا خېلى قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لوكچەكلەر قولىدىكى پىچاق يىگىتنىڭ قول-پۇتىنى كۈشەپ قويدى، ھەددىن ئاشقان لوكچەكلەرنىڭ ئارىسىدىكى بىرى قىزغا تېتىقسىز چاقچاق قىلىپ ئۇنىڭ يۈزىگە قول ئۇزاتتى. بۇنىڭغا قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن يىگىت بارچە كۈچىنى يىغىپ ئۇ لوكچەككە ئېتىلدى، بىردەملىك ئىلىشىشتىن كېيىن لوكچەكلەر يىگىتنىڭ ياقىسدىن تۇتۇپ تۇرغۇزدى-دە كانىيىغا پىچاقنى تەڭلەپ تۇرۇپ تەھتىت سالدى:
-ئەڭ ياخشىسى قىزنى قويۇپ بۇ يەردىن يۇقال، بولمىسا جېنىڭدىنمۇ، قىزدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسەن،- بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز يىگىتنىڭ ھالىغا قاراپ يىغلاپ كەتتى،بىچارە يىگىتنىڭ باش-كۆزلىرىدن قان ئېقىۋاتاتتى. ئويلىمىغان يەردىن يىگىت ئامالسىز كۆزلىرى بىلەن قىزغا قاراپ قويۇپ بېقىنىنى تۇتقىنىچە كىتىپ قالدى، قىزنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى ھەم يىگىتنىڭ ئۆزىنى تاشلاپ كەتكىنىدىن نەپرەتلەندى، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ ئېچىندى، دەل شۇ ۋاقىتتا قىزنىڭ تەلىيىگە قارشى تەرەپتىن7-8ئەر كىشى كېلىپ قالدى، لوكچەكلەر ئەھۋالنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ قېچىشتى، قىز قۇتۇلۇپ قالدى. لېكىن ئۆلگەندىن بەتتەر ئازابقا قالدى، يىگىتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نامەرتىلىكىنى ئويلاپ يۈرۈگە ئېچىشتى، يىگىتنىڭ ئۆزىگە قىلغان تېلفۇنلىرىنى ئالمىدى، يازغان ئۇچۇرلىرىنى ئوقۇماستىن ئۆچۈرۋەتتى، شۇ تەرىزدە ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى، يىگىت داۋاملىق قىزغا تېلفۇن قىلدى، خەت يازدى، لېىكىن بىرمۇ قېتىم ئىزدەپ كەلمىدى، بۇنىڭدىن قىزنىڭ قەلبى تېخىمۇ ئازابلاندى....
بىركۈنى كەچ سائەت 8لەر ئەتىراپىدا قىز يەنەيىگىتنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۋالدى ۋە ئۆچۈرۋىتىشكە كۆڭلى ئۇنىماي ئوقۇدى:
- بامۇ سەن گۈلۈم، سېنى شۇنداق سېغىندىم، ئۆتۈنەي ماڭا بىر ئۇچۇرىڭنى بېرىۋەتكىن،-قىزنىڭ بۇ ئۇچۇرغا ئاچچىقى كەلدى ۋە:
- كەچۈرۈڭ ،مەن ئەمدى سىزنىڭ گۈلىڭىز ئەمەس، ئۆيدكىلەر توينى ياندۇرۋەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ باشقا بىرسىنى تېپىپ بولدۇم. شۇڭا ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ....- دەپ جاۋاپ خەت قايتۇردى. كېيىن يىگىتتىن قايتا ئۇچۇر كەلمىدى.
ئەتىسى يىگىتنىڭ سىڭلىسى قىزنى ئىزدەپ كەلدى ۋە يىگىتنىڭ تۈنۈگۈن كەچ سائەت 8:30يېرىملا ئەتىراپىدا تۈگەپ كەتتىكەنلىكىنى ئېيتتى، قىز بۇنىڭغا ھەيران بولۇپ، نېمە سەۋەپبىلەن تۈگەپ كەتكەنلىكىنى سورىدى، يىگىتنىڭ سىڭلىسى يىغلاپ تۇرۇپ، ئاكىسىنىڭ بىرھەپتە بۇرۇن بىر نەچچە لوكچەكلەر بىلەن ئېلىشىپ ئۆزىگە پىچاق تىقىلىپ كەتكەنلىكىنى، بىر ھەپتە داۋالىنىپ خېلى ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى ، لېكىن ئاخشام تۇيۇقسىز ناچارلىشىپ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى ۋ ە يىگىتنىڭ تېلىفۇنىنى قىزغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ كىتىپ قالدى، قىز يىگىتنىڭ سىڭلىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى ۋە يىگىتنىڭ تېلفۇننى ئاچتى.....
-ئەسسىلاممۇ ئەلەيكۇم، گۈلۈم تۈنۈگۈن قىلغان ئىشىم ئۈچۈن سەندىن كەچۈرۈم سورايمەن،مەن شۇ چاغدا راستىنلا ئامالسىز قالدىم، ھازىر ئەھۋالىڭنى بىلىشىم كېرەك، ماڭا ئۇچۇرۇڭنى بېرىۋەت ماقۇلمۇ؟
- گۈلۈم تېلفۇن قىلسام ئالمىدىڭ، مەندىن كۆڭلۈك قاتتىق رەنجىپتۇ، راستىنلا كەچۈرگىن. مەن سېنى قەستەن تاشلاپ كەتمىدىم.
- مېنى بۇنداق قىنمىغىن، مېنى قىينىما ئۆتۈنەي، سېنى ئىزدەپ باراي دېسەم قۇربۇم يەتمىدى،ئاز قالدى گۈلۈم پات ئارىدا كۆرىشىمىز ئىنشائاللا.
- ئەمدى دىمىسەم بولمىدى، بىلەمسەن ئۇ كۈنى لوكچەكلەر ساڭا ئەدەپسىزلىك قىلغاندا، مەن چىدىماي ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم،لېكىن كۈچۈم يەتمىدى، ئۇلار جىق ئىدى، بىر ئارلىقتا قەستەن تىقتىمۇ ياكى ئېھتىياتسىزلىقتىن تىقىلىپ كەتتىمۇ ئۇقمۇدۇم، بىرسىنىڭ قولىدىكى پىچاق بېقىنىمغا تىقىلىپ كەتتى، شۇڭا مەن ئامالسىز قالدىم، مەن ئەسلى بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدا ئۈچ ماشىنا لىق ئادەمنىڭ ئۆتۈپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ، سىلەردىن يىراقلىشىپ ئۇلاردىن ياردەم سورىغان ئىدىم، كېيىن نىمىش بولدى ئۇقمايمەن، ھۇشۇمدىن كىتىپتىمەن راستىنلا كەچۈرگىن ئۇ چاغدا سېنى تاشلاپ قويۇپ كەتتىم، ھازىر مەن دوختۇرخانىدا،خېلى ياخشى بولۇپ قالدىم، ئەگەر ئۇچۇرۇمنى كۆرسەڭ قېشىمغا كەلگىن، سېنى بەك سېغىندىم، بىلەمسەن مەن ئەسلى سېنى ئۆزۈمدىنمۇ بەكىرەك ياخشى كۆرىدىكەنمەن....
قىز مانامۇشۇنچىلىكلا ئوقۇيالىدى، داۋامىنى ئوقۇشقا قۇربى يەتمىدى........
ئۇ ئەنە شۇچاغدا ھېس قىلدىكى، ئۇمۇ يىگىتنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكىرەك ياخشى كۆرەتتى....