مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1884|ئىنكاس: 24

مانان (مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 06:44:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مانان

كامىل توختى (چىۋىق)

(ھىكايە)

بۇ ئىشلارغا نىمە دىسەم بولار ئاغىينە؟

        ئويلىسام كۈلگۇم كېلىدۇ، بەزىدە ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ. «چاخچاقتىن چاتاق چىقتى» دىگەن شۇغۇ.

   سەھرانىڭ ساپ ھاۋاسىدا يايراپ، سۈزۈك سۈيىنى ئىچىپ، ئېدىر-ئېتىزلىرىدا، جاڭگال-قۇملۇقلىرىدا قېيغىتىپ ئويناپ چوڭ بولغان بىزلەر ئاجايىپ جۇشقۇن، شوخ، شۇنچىلىك قىزغىن، كەڭ قورساق ۋە ئاقكۇڭۇل ئىدۇق. يىگىتلىك قورامىغا يىتىپ مىھرى ئىسسىق يېزىمىزنىڭ ئىللىق باغرىدا كېچە- كېچىلەپ ناخشىلارنى دۆڭ توۋلاپ، ھەزىل-يۇمۇرلارغا تۇيۇنغان سۆزلىرىمىزدىن ھۇزۇرلىنىپ پاراق-پاراق كۈلۈشكەندە، ئۇيقۇسىدىن چۆچۇپ ئۇيغانغان مەھەللىداشلىرىمىزنىڭ “مەمەتئاخۇننىڭ بالىسى ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ”، “ياسىن ئاخۇننىڭ بالىسى سەۋدايى مەتو بۇلۇپ قاپتۇ”، “سەمەت مالىمنىڭ بالىسىغا جىن چاپلىشىپ قاپتۇ”...دىگەندەك ئەپسانە سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قېلىپ يەنە ھۇزۇرلىنىپ كۈلگەندە، مەھەللە ئاتلاپ دوستلىشىپ، ئويناپ كۈلگەندە، قىزلىرىمىزغا يۇشۇرۇن كۆيۈپ، كۆيۈشلەر ئالمىشىپ قېلىپ، دوستلۇق ساداقىتىدىن ئۆزئارا بىلىندۇرمەي ئۆتۈنۈپ، سۆيگەن يار ۋەسلىگە يىتىشەلمەي ئۆمۇچۇك تورىغا ئىلىشىپ قالغاندا، سۇرۇنلاردا شاراپلارنى ناخشا، چاخچاقلار بىلەن خۇشكەيىپ ئىچىپ، نۇمۇسچان قىزلىرىمىزنى ئۆيلىرىگە سالامەت ئاپىرىپ قۇيۇپ، قايسىبىرلىرىمىزنىڭ  ئۆيىدە ئىرماش-چىرماش ئۇخلاپ كەتكەنلىرىمىزدە...سەنمۇ ھەم بار ئىدىڭ.ئېيتىپ باق، بىز قاچان يامان ئىش قىلىپ باققان؟ ئەدەپ رامكىسىدىن قاچان چىقىپ باققان؟ ...ھەممىسى ئەشۇ چاخچاقنىڭ كاساپىتىغۇ.

    ئاغىنە، ئۇ كۈنى بىز كۇندۇزلۇك ئىشلىرىمىزنى تۈگۈتۇپ، ئادىتىمىز بۇيىچە ئۆيلىرىمىزدىن ھەممىمىزگە تۇنۇش، خۇددى پارۇلىمىزغا ئوخشاش بۇلۇپ كەتكەن “كېچە بىر ئۇيقۇدا ياتسام، ئېتىڭنى قامچىلاپ ئۆتتۇڭ...” دىگەن ناخشىنى بەزىللىرىمىز توۋلاپ، بەزىللىرىمىز شۇ ناخشىغا ئىسقىرتىشىپ، زۇلالدەك سۇيى بىلەن كىچىگىمىزدىن بىزنى ئىمىتكەن، يۇيۇپ، پاكلاپ كەلگەن ئانا ئۆستەڭ بۇيىغا يىغىلىشتۇق.سەھرانىڭ كېچىلىك ھاۋاسى ھەقىقەتەن ساپ.بەزىدە ئىتلار قاۋاپ قالىدۇ، ئىشەكمۇ ئىتنىڭ كەينىدە قېلىشنى خالىمىغاندەك ھاڭگىراپ قويىدۇ.گېنى بۇزۇلۇپ كەتكەن توك تۇخۇلىرىمۇ بىمەھەل چىللاپ قويىدۇ. ئايمۇ، يۇلتۇزلارمۇ، ئۆستەڭگە ئوخشاش سامان يۇلىمۇ بىز بىلەن بىللە. بۇرۇنقىدەك قىززىقچىلىقلار، قىقاس- چوقانلار بىزگە ھەمرا.

-ئالىم، سۇلايمان ئاكام سېنى ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ، دەيدۇ...

-مەخمۇت، مەھەللىدىكىلەر سېنى كۇرسۇككا كىرىپتۇ، دەيدۇ...

-ئەخمەت بىلەن ياسىن كېچىچە چوڭ يولدا توشقان ئۇسۇلى ئويناپ، ھاياجاندا يۇقارقى مەھەللىگە بېرىپ قاپتۇ...

    -زۇنۇننى خۇددى تۇرغۇن ساراڭدەك ئاق ئۈژمە تۈۋىدە كېچىچە يىغلاپ چىقىدىكەن،  دەيدۇ...

     ھەر بىر ئېغىز گەپتىن كىيىن «ۋاررىدە» كۈلىشەتتۇق. بەزىدە كەيپىياتنىڭ سازلىقىدا پەقەت قىززىقى يوق گەپلەرمۇ قىززىق تۇيۇلۇپ، ھەممە تەڭلا ۋاقىرىشاتتۇق.ھەممىمىز خۇددى باشقا سەھرا يىگىتلىرىگە ئوخشاش قاملاشقان، بەردەم ئىدۇق. خۇددى مۇشۇ ئۆستەڭنىڭ بۇيىدىكى سۆگەتنىڭ تۈزى يوقتەك، بىزنىڭمۇ سەتىمىز يوق ئىدى. شۇنداقمۇ ئاغىنەم؟ سەنمۇ بەك قاملاشقانغۇ!...

     ئالىم بۇرۇنقىدەكلا سۆز باشلىدى (بىلىسەن، ئۇنىڭ شاراپ خۇمارى سەل كۈچلۈك) :

-ھەي ئاغىينىلەر، بۇگۇن بىرەر يەرگە بارمايمىزمۇ؟

-نەگە؟ توشقان ئۇسۇلى ئويناپ، توشقاندەك تاقلاپ يۇقارقى مەھەللىگىما؟ (ۋاررىدە كۈلكە)

-رىزۋان تۇخۇنىڭكىگىما؟ (ۋاررىدە كۈلگە)

-جاڭ ساتراشنىڭكىگىما؟ (ۋاررىدە كۈلگە)

-ياق، بىرە يەرگە بېرىپ ئازراق كۇچار مۇسسەللىسى ئىچمەيمىزمۇ، يېڭى چىققانكەن، خېلى ياخشىكەن.

-نەگە بارساق بولار؟

-مائۇستامنىڭ ئاچچىق تۇخۇسىنى يەيلىمۇ؟

-ماڭەۋاي، ئۇنداق ئاچچىق تۇخۇنى يەپ مېنىڭ كۆتۈمدە ئۆچۇم يوق.ئەتىسى ھاجەتخانىدا ماڭا كەچكىچە غودۇرايدىكەن.(كۈلكە)

-يۇلتۇز رېستۇرانىغا بارايلى بولمىسا.

-رېستۇراندا چالدى-قۇيدى ھاراقكەشلار كۆپ، تىنىچراق بىر يەرگە بارمايلىمۇ؟

-ھە راست، بۇگۇن ئىسمايىل بىلەن كېرەم ياتىقىدا قالغان، كەچتە كېلەرسىلەر، دىگەندەك قىلغان.

-شۇ يەرگىلا بارايلى.

-ئۇنىڭ ياتىقى يېزىلىق ھۆكۇمەتنىڭ ئىچىدە تۇرسا، ئۇ يەردە ئىچسەك بولماس.

-نىمە دەيدۇ ماۋۇ.سەن بىلمەيسەن، بۇ يېزىلىق ھۆكۇمەت دىگەن كۈندە دىگۇدەك ھاراق ئىچىلىپ تۇرىدىغان يەر. نەگىلا قارىساڭ قۇسۇق، يەرنىڭ ساق يىرى يوق.

-ھىچقىسى يوق، بىز ئۇ يەرنىڭ ئەھۋالىغا كۈنۈك.كادىرلارمۇ پات-پات ياتاق،ئىشخانىللىرىدا ھاراق ئىچىپ تۇرىدۇ دىگىنە. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دىگەن مۇسەللەس تۇرسا.

-بولىدۇ. ئۇنداق بولسا يەيدىغان، ئىچىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋالايلى.

     يېزىلىق ھۆكۇمەت مەھەللىمىزدىن ئانچە يىراق ئەمەسقۇ، يىراق بولسىمۇ بىزدەك قېنىمىز تىنىمىزگە پاتماي قېلىۋاتقانلارنىڭ پىيادە بېرىشقا مەيلىمىز بار، ئەلۋەتتە.پارىڭىمىز بىلەن ناخشىمىزلا بولىدىكەن خېلى يىراق يەرلەرگىمۇ پىيادە كېتىۋېرىمىز.

     ئۇلارنىڭ ياتىقى يېزىلىق ھۆكۇمەتنىڭ بېقىنىدىكى قۇرۇدا. كەلسەك، ئۇلار راستىنلا ياتاقتا ئىكەن. بىرى گىتار چېلىپ تۇرۇپتۇ، بىرى كىتاپ كۆرىۋېتىپتۇ.كاللىسى ئۆتكۇر كادىرلار-دە بۇ، بىرى جاراڭ-جۇرۇڭ،بىرى مۇڭ-مۇڭ.

   -ۋاي-ۋۇي، شىتىلە بىلەن پىتىلەدەك ئولتۇرۇپ كېتىپسىلەرغۇ؟

-جىمىلەك جاھىل بىلەن ئۇبۇل كاژدەك دەڭلار.

   -كېلىڭلار، سىلەردەك ماز-پاز پارتىزانلارنى سېغىنىپ تۇراتتۇق.

ئىسمايىلنى تۇنۇيسەن، ھېلىقى ئوتتۇرا بوي، ئاقپىشماق، قاملاشقان، مۇزىكا ھۆجەيرىسى تۇلۇق يىتىلمىگەن بولسىمۇ گىتارغا يەنىلا ھەۋىسى بار يىگىت. كېرىم ئىگىزراق سېرىق كەلگەن، ئۆزگىچە پىكىر قىلىدىغان يىگىت. سىلەر ۋەزىيەت توغرىلىق ئۇزۇن پاراڭلاشقان ئىدىڭلار.

بۇ كەيپىياتىمىزدا سۇرۇنىمىزنىڭ قىززىپ قۇيىشىدا گەپ يوق.مەخمۇت ساقى مۇسەللەسنى قۇيىدۇ. بىز تەرتىپ بۇيىچە ئىچىمىز. خىزمەت، تېرىقچىلىق،  سىياسەت،  ۋەزىيەت توغرىلىق سۆزلىشىمىز. بەزىللىرىمىز خىزمەتتىن، بەزىللىرىمىز دېھقان بۇلۇپ قالغانلىقىدىن قاخشايمىز، قىزلار، مۇھاببەت، توي پارىڭى قىززىيدۇ. يەنە يۇمۇر (بىرە سېرىق يۇمۇرلارمۇ چىقىپ قالىدۇ تېخى)شېئىر، ناخشا، ئۇسۇل ھەممىسىنى بىجىرىمىز، بەزىدە قىززىقچىلىقتا دىسكۇ، توشقان ئۇسۇلىمۇ ئوينايمىز تېخى.

بۇگۇنكى سۇرۇن ھەقىقەتەن قىززىدى.سۇرۇندا ھەممىمىزنىڭ گېپى بىر يەردىن چىقىدىغان بولغاچقىمۇ، ھەممە كەڭ-كۇشادە ئىدى.ئىككى دېھقان دوستىمىز دەسلەپتە سەل ھېيىققان بولسىمۇ، كىيىن ئېچىلىپ كەتتى. سۇرۇندىكى سۆزلەر:

-تىتانىك كىنوسى ۋە ھازىرقى ھوللۇۋۇت كىنولىرى،ئويغۇرلارنىڭ كىنولىرى.

-ناخشا-ئۇسۇل، مۇقام، كونا-يېڭى ناخشىلار.چەتئەل مۇزىكىللىرى، بىزنىڭ سازلىرىمىز.داڭلىق تەمبۇرچىلار. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، سەنۇبەر تۇرسۇن، كۆرەش رەجەپ، دىلنار ئابدۇللا.....

-ھازىرقى يېزائىگىلىك سىياسىتى، يېزىدىكى ئىشلار، دېھقانلارنى سۇيلەش-مەجبۇرلاشلار، قۇناقلارنى خام ئورۇشلار، نومال ئارام ۋاقىتلىرىنى ئىگەللىۋېلىش، سۇ، توك، يەر، يايلاقلار...

-نوبىل مۇكاپاتى، جىنىس دۇنيا رىكورتى ۋە ئويغۇرلاردىن چىققان پالۋانلار.

-ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت، ئېراق-ئامرىكا مۇناسىۋىتى،بوش، بىن لادىن ۋە ئافغانىستان.ئاتۇم، سۇنئى ھەمرالار.

-مىللەت، دىن، تىل-يېزىق، تەرجىمە، مۇئارىپ، سەھىيە...

-كادىر قىزلار، دېھقان قىزلار، بۇزۇق قىزلار، شاپاقچى، قىمارۋاز، نىشىخور يىگىتلەر.مۇھاببەت، توي-نىكاھ، جاھاندىكى بۇزۇقچىلىقلار.

-ئادەملەردىكى ئىشەنچ، ئىنساپ، ۋىجدان، دىيانەت، خىيانەتلەر...

-كىتاپلار.«ئىز»، «ئۇيغانغان زىمىن»، «ئانا يۇرت»، «لېيىغان بۇلاق»، «مەمەت ئاۋاق»، «چالىقۇشى»، «يۇز يىل غېرىپلىق»...تارىخىي ئەسەرلەر. يازغۇچى، شائىرلار،

.............

ئاغىينە، ئەگەر سەن بولغان بولساڭ، بىزگە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى، ئۇچۇرلارنى سۆزلەپ بەرگەن بولاتتىڭ. بەزىدە كونا ناخشىلارنى ئېيتىپ ھۇزۇرلانساق، بەزىدە ئوسۇللۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ ئۇسۇل ئويناپ شوخلۇق قىلاتتۇق. ئۈنئالغۇدىن چىققان «ياۋايى ئادەم»، «توشقان ئۇسۇلى ناخشىسى»...غا دېسكۇ-توشقان ئوسۇللىرىنى ئويناپ ھەزىل قىلاتتۇق.بىز ئەزەلدىن شۇنداق ئىشلار بىلەن كۆڭلىمىزنى ئاۋۇتۇپ، غەشلىكىمىزنى تۈگىتىپ كەلگەن ئەمەسمۇ.

كېچە سائەت ئىككىدىن ئاشقاندا ئامالسىز تارقاشتۇق. قۇيۇپ بەرسە تاڭ ئاتقۇزاتتۇق، لىكىن ھۆكۇمەت ئىچى بولغاچقا ئۆزىمىزنى سەل بېسىۋالدۇق.يولدا بارغۇچە ناخشىلارنى دۆڭ توۋلاپ، ئۆستەڭ بۇيىدا يىغىلدۇق. سۇرۇندا پۇل خەجلەشلەر بۇلغان ئىدى.ئادىتىمىز بۇيىچە ھېساپ-كىتاپ قىلىشتۇق.پۇلنى كۆپ خەجلىۋەتكەنلەرگە پۇل چىقىرىش پۇرسىتى بولمىغانلار پۇل بېرىمەن، دەيتتى، يەنە بىرى ئالمايمەن، دەيتتى. توۋا دەيمەن، باشقىلار پۇلنى مەن جىق خەجلىدىم، سەن ئاز خەجلىدىڭ، دەپ ئۇرۇشسا، بىزنىڭ ئاغىينىلەر پۇلنى جىق خەجلىۋەتتىڭ، پۇل بىرىمەن، دەپ تالىشاتتى.«دوستۇڭ دوست بولسۇن، ھېسابىڭ دۇرۇس بولسۇن» دىيىشەتتۇق. ھەركۈنلۇكىگە ئوخشاشلا قىيالمىغان ھالدا قايتىشتۇق.

ئەتىسى ئىشقا كەلدىم.ئورگاندىكى ئۆزگەرمەس قائىدە-يوخلام، يىغىن.ھەر كۈنى يوخلام قىلىنىش ئالدىدىكى مەنىسىز ساقلاش ۋاقىتلىرىدا كادىرلار چاخچاق پاراڭلارنى سېلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.بىر نەچچە ئايال كادىرلىرىمىز ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرۇپ چاخچاق ئېتىشاتتى.بەزىدە ھەر ئەپسانە گەپلەر چىقسىمۇ بوش كەلمەيتتى. مەسلەن: بىر نەچچە توي قىلىپ ئاجراشقان تۇل ئايال كادىرلىرىمىز بار ئىدى. ئەر كادىرلار ئۇنىڭغا “ئەمدى ئەرگە تىگىڭلار”دەپ مازلىشىپ چاخچاق قىلسا، ئايال كادىرىمىز بوش كەلمەي “بولدىلا، ئەمدى بىزنىڭ مىندۇرگىچىلىگىمىز قالمىدى” دەپ، ۋار-ۋۇر ۋاقىرىشىپ كۈلۈشۈپ، ھەممىنى كۇلدۇرەتتى. ئەرلەر بۇ گەپلەردىن چەكسىز ھۇزۇرلانغاندەك ئىپادىدە بولاتتى.توي قىلمىغان قىزلار بېشىنى ئىچىگە تىقاتتى ياكى سىرتقا قاچاتتى. “ئوۋۋۇش، قېچىپ كەتكىنىنى يۈزى قېلىن تارتىنچاقلارنىڭ، سەنلەرمۇ بىر كۈنى مۇشۇنداق گەپ قىلىشىدىغان بۇلۇشىسەن تېخى” دەيتتى قېرى چوكانلار. “ بىزدىن ئېشىپ كېتىدۇ تېخى، بىزمۇ ئولتۇرالماي قاچاتتۇق، مانا سىلەرگە قېتىلىپ كەتتۇققۇ.”  دىيىشەتتى ياش چوكانلار.

ئاخشامقى سۇرۇندا بىرگە ئولتۇرغان بەشىمىز بىر يەرگە كېلىۋېلىپ كېچىدىن بولغان ئىشلارنى كۇسۇرلىشىپ سۆزلىشىۋاتاتتۇق. ئارىمىزغا نەچچە ياش كادىر كىردى.  ھېكىم دىگەن بىر كادىر قىززىقسىنىپ سورىدى:

-ئاخشام نىمە ئىش بولدى، ئەخمەتجان؟

    ئاخشامقى قىززىقچىلىقنىڭ تەپتى كەتمىگەن بولسا كېرەك، ھەممىمىزنىڭ مازلاشقىمىز، پو ئاتقىمىز كىلىپلا تۇراتتى. ئىسمايىل دىدى:

-ئاخشام شەھەردىن پېچچەت قىزلار چىقىپتىكەن، كېچىچە ئىچىپ ئۇيناپ، جاھاننىڭ پەيزىنى سۇرۇپ چىقىپتىمىز.

كېرىم:

-ھاراقنىمۇ كارامەت ئىچىپ قۇيىدىغان كاساپەتلەركەن ئەمەسمۇ؟

ھېكىم:

-ۋوي،راستما؟ نەدىن كەپتۇ؟

-نەدىن بولاتتى، بىرمە تۇخۇ، بىرمە مۇشۇك دەپ لەقىمى بار يەرلىك بەزمىخانىنىڭ ئىكەن.بەك يامان نىمىلەركەن. نازۇك بارماقلىرىدا مانداق قىلىپ تاماكا چىكىشلىرى،  ھەي...-ئالىم شەكلىنى چىقىرىپ دورىدى.

چاخچاق، يالغانچىلىق داۋاملىشىۋاتاتتى. مەخمۇت:

-ئاق ھاراق دىگەن ئىچىپ قويىدىكەن بىر كىشلىك، بىزنى پىيادە قويدى. ناخشا دىگەننىغۇ سۇيىۋېتىدىكەن.

-ئۇسۇل دىگەننى يىرتىۋېتىكەن.

-دېسكۇ دىگەننى سۆكىۋېتىدىكەن.

-توشقان ئۇسۇلىنى ئوينىسا توشقانلار قۇلاقلىرىنى سالپايتىپ، پىيادە قالىدىكەن.

-ئاخىرىدا قانداق قىلدى دىمەمسەن؟

يەنە بىر كادىر داۋۇت سورىدى:

-ھە،ھە،نىمە قىلدى؟

مەخمۇت چىرايىنى ئۆزگەرتمەيلا:

-ئاخىرىدا كىيىم سېلىش ئۇسۇلى ئوينىدى تېخى.

-راستما؟

-راست بولمايچۇ، ئۇلارنىڭ پەيزىلىكى. ئىشقىلىپ ھەممىمىزگە بىردىن توغرا كەلدى.

داۋۇت:

-ئىشەنمەيمەن.

ھېكىم:

-داۋۇت، سەن ئۇنداق سۇرۇندا ئولتۇرۇپ باقمىغان ئوخشايسەن.راستلا شۇنداق قىلىدۇ.مەن نەچچە قېتىم ئوينىغان،-دەپ ئۆزنى ئاشكارىلاپ قويدى ۋە كۆزلىرىدىن ئوت يېنىپ يەنە قىزىپ سورىدى:

-كىيىن نەگە ئاپاردىڭلار؟

-نەگە بولاتتى، نەچچىمىز ياتىقىمىزدا ياتتۇق، قالغانلار ئىشخانىسىغا ئوغرىلىقچە ئېلىپ كىرىپ كەتتى. نەچچىمىز قوناقلىققا، باغلارغا... ھى،ھى،ھى...

چاخچاق، ئالداشلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى. مەن:

-بولدى، بولدى.بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى،باشلىقلار ئاڭلاپ قالىدۇ.

  دىدىم يۇ، بۇلار ھەممىسى چاخچاق، يالغان گەپلەر، دەپ بولغىچە يوقلام باشلىنىپ كەتتى. شۇنداق، ئورگاندا ھەر كۈنى ئەتىگەندە يۇخلام قىلىنىپ، يىغىن ئېچىلىدۇ. يېزا باشلىقىدىن تارتىپ، ھوقوقى ئەڭ كىچىك مۇئاۋىنغىچە «مۇھىم»سۆز قىلىشىدۇ، ئاللىكىملەرنى تىللايدۇ، ياخشى ئىشلىمىسەڭ ئانداق قىلىمىز، مانداق قىلىمىز، “شاگاڭ” قىلىمىز، دەپ قورقاق سالىدۇ. خەنزوچە بىلمىسىمۇ بەزى رەھبەرلەر چىڭقىلىپ، كېكەچلەپ سۆزلىشىدۇ.بەزىللىرىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىنى يا مىللىيلار، يا خەنزو يولداشلار بىلمەيدۇ.تېخى بىزدىن “نىمە دەۋاتىدۇ؟” دەپ سوراپ قۇيىشى بار. بەزى سەۋىيىسى يۇقىرى كادىرلار زاڭلىق قىلىشقا باشلايدۇ...مۇشۇنداق قىلىپ سائەت ئۇندىن ئاشىدۇ. تۆۋەنگە چۇشۇڭلار دەيدۇ، تۆۋەنگە چۇشۇپ بولغىچە چۇش بولىدۇ. تۆت ۋاقلىق يوقلام. خىزمەت مانا مۇشۇنداق ئۈنۈمسىز كېتىۋېرىدۇ...

  چۇشتىن كىيىن ئىنتىزامغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرىتار مېنى ئىشخانىسىغا چاقىردى.مېنى دائىم ئىشقا بۇيرۇيدىغان بولغاچقا، ئىشخانسىغا كىردىم.كىرسەم مېنى ھىجىيىپ كۈتىۋالىدىغان باشلىقىمنىڭ قاپاقلىرى تۈرۈك. ئۆرە تۇردۇم، يا ئولتۇرۇڭ، دىمەيدۇ. يا گەپ قىلمايدۇ. چىداپ بولالماي:

-باشلىق، بىرەر ئىش بارمىدى؟ دەپ سورىشىمغا، ئۇ شالىلىنى چېچېپ تىللاپلا كەتتى:

-ئىش بارمىدى، دەۋاتقىنىنى. ئىش بولمامتى ئەمىسە. چوڭ ئىش بولدى، ئۆزەڭنىڭ نىمىش قىلغانلىقىنى بىلمەي مەندى سۇراۋاتامسەن تېخى!

-مەن نىمىش قىپتىمەن؟

-نىمىش قىپتىمەن؟ ئىىسىت، ئىسىت.سەندىن چوڭ ئۈمىد كۈتۈپتىكەنمەن ئەخمەتجان.مەن ساڭا دەپ بېرىمەنما؟ ئۆزەڭگە ئايانغۇ؟

نىمە ئىش قىلغىنىمنى ئويلىيالمىدىم. شۇ، كېچە ھاراق ئىچتۇق. بۇ ھازىر بىزنىڭ يېزىلىق ھۆكۇمەتتە ياتىقى بارلارنىڭ ياتىقىدا پات-پات بۇلۇپ تۇرىدىغان ئىش، بەزىدە ئىشخانىدىمۇ ھاراق ئىچىلىدىغۇ؟ يۇقۇرىدىن رەھبەرلەر كەلسە ئىچىش تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغۇ؟ بۇنى بۇ سېكرىتارمۇ بىلىدىغۇ؟

-نىمىش قىپتىمەن؟ شۇ ياتاقتا ئازراق ھاراق ئىچتۇق.

-ئۇنىڭدىن باشقىچۇ؟ھاراق ئىچسەڭغۇ مەيلى دەپ تۇرايلى، نەمۇ-نەدىن بۇزۇق قىزلارنى ئەكىلىپ بۇزۇقچىلىق قىلىشىپسەنغۇ؟

-بىز ئۇنداق قىلمىدۇق باشلىق.

-ئۇنداق قىلمىدۇق؟ پۇتۇن ئورگاندا شۇ گەپ. كۆرگەنلەر باركەنغۇ؟

-كىم كۆرۇپتۇ؟ ھاراق ئىچكىنىمىز راست، لىكىن بۇ يەرگە قىزلار كەلمىدى.

-كىمنىڭ كۆرگىنىنى ساڭا دەپ بېرەمتىم؟ قىزلار كەلمىدى؟!!سىنىڭچە مەن يالغان گەپ قىلىۋېتىپتىمەن-دە.

شۇنداق، دەي دىسەم باشلىقنىڭ ئەلپازى يامان. توۋا! كىم، نىمە دىگەندۇ؟

-مۇنداق ئىش، ئاخشام ھاراق ئىچكەن.ئەتىگەندە يوخلامدىن بۇرۇن چاخچاق قىلىپ “قىزلار كەپتىكەن ئولتۇرغان” دەپ قويغان.

-چاخچاق؟ چاخچاق بولسا، ئورگاندىكى ھەممە ئادەم بىلەمدا؟ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلەر بۇنى ماڭا دىدى.

-كىمكەن ئۇ كۆزى خاتا كۆرىدىغان؟

-شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ. “ئىشتانغا چىققان كۆڭۇلگە تايىن”.

-جېنىم باشلىق، بىز، مەن...

-ماڭ، چىقىپ ماتىريالىڭنى تەپسىلى يېزىپ كىر.

ماڭا ئەزەلدىن بۇنداق قوپال تەگمەيدىغان رەھبەرنىڭ بۇ مۇئامىلىسىدىن چۇچۇپ قالدىم.ئىشخانىسىدىن چىقىپ ئىسمايىل بىلەن كېرەمنى ئىزدىدىم. ئۇلارغىمۇ تەكشۇرۇشنامە يېزىش ۋەزىپىسى چۇشۇرۇلۇپتۇ.

-ھەي ئاغىينىلەر،بۇنىڭ ھەممسى يالغان تۇرسا قانداق يازىمىز ئەمدى؟

-ئەتىگەندە چاخچاقنى ئاشۇرىۋېتىپتىمىز جۇمۇ. بۇنى كىم باشلىققا دىگەندۇ؟

-ئۇ يەردە ھېكىم، داۋۇت، راخمان بار ئىدى.

-زادى كىم دىگەندۇ؟

-كىملا دىسە بۇ دىگەن چاخچاق تۇرسا؟

-لىكىن باشلىق چاخچاق دەپ ئويلىمايۋاتسا.

-مەن يازمايمەن.

-ھەممىمىز يازمايلى.نەدە ئۇنداق ئىش بولسۇن.ھاراق ئىچىش بۇيەردە نۇرمال ئىش تۇرسا.باشلىقلارمۇ ئىشخانىسىدا ئىچىدىغۇ؟ بىز سىكرىتارنىڭ ئىشخانىسىدىمۇ ئىچكەنغۇ؟

-بۇ ھاراق ئىچىش مەسىلىسى ئەمەس، بۇزۇقچىلىق مەسىلىسى.

-بۇزۇقچىلىق؟ نى، نى بۇزۇقچىلىق قىلغانلار تاختا بېشىدا قالدى.بىز مۇنداقلا چاخچاق قىلىپ دەپ قويساق، بۇزۇق بولىمىزما؟ يەنە كىلىپ شۇنداق تېز تارقىلامدا؟

-ئورگاننى بىلمەمسەن، بىرسى ئوسۇرۇپ قويسا، بىردەمدە چىچىپ قۇيۇپتۇ، ھەتتا قىپ-قىزىل بازاردا ئولتۇرۇپ قۇيۇپتۇ، دەپ گەپ تارقىتىدىغان يەر تۇرسا.

-باشلىقلارنى توغرا چۇشۇنىشكە بولىدۇ.ئۇلار ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيدۇ، لىكىن تەكشۇرۇپ كۆرسە بولىدىغۇ؟

-ھەي نىمىنى تەكشۇرەيدۇ، ھېلىقى بىرمەڭنىما؟ قانداق تەكشۇرەيدۇ؟ ھى،ھى،ھى...

-بىز دىگەن تېخى ئىپپىتى بۇزۇلمىغان يىگىت جۇمۇ.بولدى، بولدى، مازلاشمايلى.ئەتىگىچە قاراپ باقايلى.

    ئاغىينە، بۇ نىمە ئىشلار بۇلۇپ كەتتى، ئەمدى. مەنمۇ بولدىلا، ئەتىگىچە باشلىقلار چۇشىنىپ قالار، دەپ خاتىرجەم يۇردۇم.

لىكىن، ئەھۋال مەن ئويلىغاندەك بولمىدى. يوخلامدا ھەممە بىزگە باشقىچە نەزەردە قاراۋاتاتتى. يوخلامنىڭ ئالدىدا ھېلىقى چاخچاقچىلارنىڭ گەپلىرىگىمۇ يېڭى مەزمۇن قۇشۇلدى بولغاي، كونۋېرىت ئىچىگە بىزنى قاچىلاپ، چاخچاق قىلىشىۋاتاتتى.“ھازىرقى بالىلار يامان، يىتىشكىلى بولمايدۇ”، “سىز يا باشقىلاردەك بۇزۇقچىلىق قىلمىسىڭىز”، “بۇشۇگىدىلا بۇزۇلىدۇ”...دىگەندەك.ھېلىقى ھېكىم، داۋۇتلاردەك ياشلار بىزگە باشقىچە ھىجىيىپ قارىشاتتى.

شۇ ھەپتىسى دەرىجىسى باشلىق دەپ ئاتالغانلىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىز بىلەن سۆھبەتلەشتى، ھىچقايسسى بىزنىڭ گېپىمىزگە ئىشەنمىدى. ھەتتا يېزا باشلىقى، خ ق رەئىسى، باش سېكرىتارمۇ بىزنى تىللاپ پوسكايتىۋەتتى.قانداق قىلغۇلۇق؟ شۇ كۈندىكى يەتتىمىز (ئىككى دېھقان دوستىمىزنىمۇ ئەكەلدۇق)بىرلىكتە كىلىپ چۇشەندۇردۇق.ئۇلار ئۇنامدىغان.چۇنكى بۇ گەپ ئورگاندىن ھالقىپ جەمئىيەتكىچە تارالغان ئىدى. تەكشۇرۇشنامىلەرنى يازدۇق، ھەقىقى ئەھۋاللار يېزىلدى.لىكىن يەنىلا ئۆتمىدى، قايتا ياز، دەيدۇ.تېخى ئاڭلىساق بىر قىسىم پىشقەدەم كادىرلار-بۇزرۇكۋارلىرىمىز بىزنى “ئورگاننى بۇلغىدى”، “ھۆكۇمەت ئورنىنىڭ يۇزىنى تۆكتى”، “كېچىچە ئالىجوقا ۋارقىراپ مۇقىملىقنى بۇزدى”، “ساقچىخانىنىڭ تۇتسا بولىدۇ بۇنداقلارنى”، “دۆلەت كادىرلىرىنىڭ ئىناۋىتىنى يەرگە ئۇردى” ....دەپتىمىش.

بىر كۈنى ئىشتىن كەلسەم دادام غەزەپ بىلەن تۇرۇپتۇ. ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا تىللاپلا كەتتى:

-مەن سىنى مىڭ جاپادا ئوقۇتۇپ كادىر قىلسام، سەن ئورگاندا ھاراق ئىچىپ، ئەسكى قىزلارنى ئەكىلىپ بۇزۇقچىلىق قىلىدىغان بۇلۇپ كەتتىڭما؟ مەن ئەمدى تۇغقانلارنىڭ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمەن؟ ئاتا-بوۋىللىرىمنىڭ روھىغا قانداق جاۋاپ قىلىمەن؟....بەك بولالمىساڭ دىسەڭ تۇيۇڭنى قىلىپ قويسام بولاتتىغۇ؟ ئېشەكتىن بىرنى باغلاپ بەرسەم بولاتتىغۇ؟ بۇ بىزگە نىمە ئەلەم، نىمە دەرت؟ ئوغۇل چوڭ قىلغان مۇشۇنداق گۇناھمۇ؟....

-جېنىم دادا، بىز ئۇنداق قىلمىدۇق، ماڭا ئىشەن، مەن ئۇنداق قىلىدىغان بالىلاردىن ئەمەس. خۇدا ھەققى ئۇ دىگەن چاخچاق قىلىپ دەپ قۇيغان گەپ ئىدى.

-چاخچاق؟ چاخچاق بولسا، ھەممە ئادەم شۇنداق دەمدا؟ باشلىقلارمۇ شۇنداق دەمدا؟

-خەق بىزنى شۇنداق چېقىپتۇ باشلىققا.

-ئۆزەڭ قىلىدىغاننى قىلىپ بۇلۇپ خەققە ئارتامسەن؟ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئۆزەڭنىڭ ئىشىغا ئىگە بولساڭ بولمامدۇ؟

-جېنىم دادا ماڭا ئىشەن.

-بوپتۇ، مەنغۇ ئىشىنەي، مەسچىتتىكى جامائەتچۇ؟ ئەل مەھەللىچۇ؟ يۇقۇرىدىكى باشلىقلارچۇ؟ ئۇنى قانداق قىلىسەن؟...ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئۆزەڭنى ئىشىغا ئۆزەڭ ئىگە بول.ئۆزەڭ بىر تەرەپ قىل. خاتالىغىڭنى تۇنۇپ باشلىقىڭغا تىزلىنىپ يالۋۇر.

دادام گەپ يەيدىغاندەك ئەمەس.ئۇيۇمگە كىرىپ كەتتىم.كاللام چېقىلىپ كېتىدىغاندەك ئاغرىيتتى.ئاھ خۇدا، ئەمدى قانداق قىلارمىز؟

گەپلەر، پىتنە-ئىغۋالار تېزەك قۇرتىنىڭ دومىلاتقان تېزىكىدەك ھالىتىدىن ئاينىپ يۇمىلاپ-يۇمىلاپ غايەت زور قار دۆۋىسىگە ئايلاندى.

-ئەخمەتنى ئۆستۇرىلىدىغان كادىر دەپ قويسا يېزا باشلىقى بولىدىغان بولدۇم، دەپ، خەقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن، ھە دىسە خەقنى مىھمان قىلىپ، ھاراق قۇيۇپ، شەھەردىكى بەزمىخانىلاردىن بۇزۇق قىزلارنى ئەكىلىپ، ھۆكۇمەتنىڭ ئىچىدە بۇزۇقچىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ...

-ھېلىقى كېچىچە كاكىرايدىغانلار ھۆكۇمەتتە رەسۋا بوپتۇ..

- پالانچى بۇزۇقچىلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قاپتۇ، مانچە پۇل تۆلەپ ئاران قۇتۇلۇپتۇ....

-پالانچىنىڭ بىرمىسىنىڭ قوسىقىدا قاپتىكەن، ئەرز قىلىپ تاس قاپتۇ سولىتىۋەتكىلى، يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىپتۇ...

- يۇقۇرىنىڭ كىلىپ باشلىقلارنى كادىرلارنى باشقۇرالمىدىڭ، يېزىنىڭ مۇقىملىقىنى تۇتالمىدىڭ دەپ بەك تىللاپ كىتىپتۇدەك.

- پالانچىنى خىزمەتتىن ھەيدىگۇدەك.

-كادىر بولدۇم دەپ ئىشتىنىغا پاتماي قالغان ئىدى، مانا ئەمدى چاشقاندەك كىرىدىغان تۇشۇك تاپالماي قالدى.

.....................

خەقنىڭ يۇمىلاق ئاغزىنى تۇسۇپ ئۇلگۇرگىلى بولاتتىمۇ؟

بۇنداق گەپلا بولسا مەيلى ئىدىغۇ.بىر قېتىم ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلارغا يىغىن ئېچىپ، تەربىيە خارەكتىرىدە سۆز قىلىۋاتسام، بىر قىز ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقۇرى ئاۋازدا “ئاۋال ئۆزىڭىزنى تەربىيلەپ، ئاندىن بىزگە دەرس سۆزلەڭ.يۈزىڭىزمۇ قىزارمايدىكەن.نۇرغۇن قىزلارنى يولدىن چىقاردىڭىز، ئاياق-ئاستى قىلدىڭىز.نامىنى بۇلغۇدىڭىز، مۇشۇ ئەپتىڭىز بىلەن بىزگە تەربىيە قىلىۋاتامسىز!؟!”دەپ چىقىپ كىتىۋىدى، قالغانلارمۇ بىر-بىرلەپ چىقىپ كەتتى.مېنىڭ يۇشۇرۇن كۈيۈپ يۈرگەن گۈلمىرەممۇ ماڭا غەزەپ بىلەن ئالىيىۋېتىپ چىقىپ كەتتى، مەن ئۆزومنى بىرى ساماپەلەكتىن يەرگە چۇرىۋەتكەندەك ھىس قىلىپ، قىلدەك تولغۇنۇپ كەتتىم. توۋا! گۈلمىرەمۇ شۇنداق ئويلايدىكەن دە!

ئىسمايىل بىلەن كېرەم دېھقانلارنىڭ كېۋەزلىرىنى كۆرگىلى بارسا، دېھقانلار ئۇلارنى “كېۋەزلىكلەرنى دومىلە باسىدۇ” دەپ قوغلاپتۇ.

ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى ئالىم بىلەن مەخمۇت بىر كەنىتنىڭ مەسچىت ئەھۋالىنى ئىگىلىگىلى بارغاندا، ئىمام، مەزىن ئۇلارنى يىقىن يولاتمايلا قالماستىن، تېخى ئېتىقادچى ئامما مەسچىتنى بۈلغۇغىدەك بولدۇڭمۇ، دەپ قاتتىق ئۇرۇپتۇ. ھەرنىمە بولسا ساقچىخانىنىڭ بېرىپ قېلىپ قۇتقۇزۇپ قاپتۇ.

ياسىن بىلەن زۇنۇننىڭ دىيىشىچە، ئۇلارنىڭ كۈنىمۇ بەك تەس بوپتۇ. مەھەللىدىكىلەر ئۇلارنى ئارىغا ئالماس بوپتۇ.خۇلۇم-خوشنىلار ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرمەيدىغان، مەھەللىدىكى خۇتۇنلار نەدە كۆرسە شۇ يەردە تۇكۇرىدىغان، ھەتتا ئەپسانە گەپلەر بىلەن تىللايدىغان بوپتۇ.

.........

يولدا ماڭسام ئۇچرىغانلار ماڭا باشقىچە قارايدۇ، كۇسۇرلىشىدۇ، كۈلىشىدۇ.يول چېتىدىكى يوغان ئېلان يازىدىغان تاملارغا كىملەردۇ «ئەخمەت بۇزۇق»، «ئالىم بەچچىۋاز»، «يېزىمىزدىكى ئېشەكلەر»، «جالاپ لازىم بولسا ھېلىقى يەتتە چولپاننى ئىزدەڭ»...دىگەندەك خەتلەر يېزىپ قۇيۇشقان، تېخى ھەجۋى رەسىملەرمۇ سىزىلغان...ئىشقىلىپ بىز يېزىدىكى، ھەتتا شەھەردىكى قىززىق نوقتا، «مەركەزلىك شەخىس»لەر بۇلۇپ قالدۇق.ئۆيدىن چىقالمايدىغان بۇلۇپ قالدۇق.كەچلىكلىرى ئاغىينىلەردىن بىرەرسىنىڭ “كېچە بىر ئۇيقۇدا ياتسام، ئېتىڭنى قامچىلاپ ئۆتتۇڭ...” دىگەن ناخشىنى ئېيتقىنىنى ياكى شۇنىڭغا ئىسقىرتقىنىنى ئاڭلىمىدىم.  

بىر كۈنى يېزىدا ئۈچ دەرىجىلىك كادىرلار يىغىنى ئېچىلدى. يېغىننىڭ مۇھىم تىمىسى كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى توغرىلىق بۇلۇپ، ئاساسلىق بىزنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز سۆزلەندى.بىزلەر “يىمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلىگەن”لەر شۇمشۇيۇپ قالدۇق.يىغىننىڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ “خاتالىقىمىزنى تۇنۇپ، ئۆتكۇزگەن گۇناھلىرىمىزنى، بۇزۇقچىلىقلىرىمىزنى ھەقىقى تۇردە يېزىشىمىزنىڭ لازىملىقى”  قايتا-قايتا  تەكىتلەندى.

يىغىندىن چىقىپ بەشىمىز ياتاققا كىردۇق.ھەممىمىزنىڭ بېشى چۇشۇپ كەتتى.نىمىشقىكىن يىغىندا ھېچقايسىمىز ئۇنداق قىلمىدۇق، دەپ ئوتتۇرغا چىقالمىدۇق.چىققۇدەكمۇ ماجالىمىز قالمىغاندەكلا.بىز بەك باتۇر، بەك شوخ، بەك دادىل ئىدۇققۇ؟ بوھتان، ئۆسەك سۆز، پىتنە-ئىغۋا ئالدىدا قەھرىمان بولالماي قالدۇق.

مەن دىدىم:

-شۇ كۈنى بىز ياتاققا كەلمىسەك بوپتىكەن.

ئىسمايىل دىدى:

-مەن يوخلامدا ئۇنداق چاخچاق قىلمىسام بوپتىكەن.

مەخمۇت دىدى:

-مەن چاخچاقنى ئۇلغايتمىسام بۇپتىكەن.

كېرىم:

-ئۇ كاۋاباش لاۋزىلارنىڭ باشلىققا كۆتۇرۇپ ئاپىرىدىغىنىنى كىم بىلسۇن؟

ئالىم:

-ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىزگە ئۆچلەر بار ئىكەنتۇق ئەمەسمۇ؟

ئىسمايىل دىدى:

-بىزنىڭ ئاغىينىدارچىلىمىز كۇچلۇك، بىر ئۆم بولغاچقا، بىزنى كۆرەلمەيۋاتقان ئىدى بەزىلەر. تېخى 10 يىل ئىشلەپمۇ ئۆسەلمەيۋاتقانلار، باشلىقنىڭ تىلىغىمۇ چىقالمايۋاتقانلار بارغۇ.ئەخمەتنى ئۈسۇپ كېتەرمىكىن، دەپ ئىچى ئېچىشىپ يۇرىۋاتقانلارمۇ بار تېخى.

ئالىم دىدى:

-شۇ كۈندىكى يوقلامغا قاتناشقان ھېكىم، داۋۇتلارنىمۇ قىيىن-قىستاققا ئېلىپ سورىدۇققۇ.ئۇلار بىز دىمىدۇق، دەپ تۇرىۋالدىغۇ.

ئىسمايىل:

-چۇقۇم شۇلارنىڭ بىرى دىگەن گەپ. بىز ئۇلارنى ئىقرار قىلدۇرالايدىغان ساقچى بولمىساق يا. ھېكىمنىڭ بەك ئۆسكىسى بار ئىدىغۇ؟

مەن دىدىم:

-مېنىڭ ئۆسكۇمنىڭ يوقلىقىنى ھېكىممۇ، يەنە كىلىپ ھەممە بىلىدىغۇ؟..ھەي ...شۇكۈنى ئاخىرىدا “ھەممىسى چاخچاق جۇمۇ باللا” دەپ قۇيىمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن.

كېرىم دىدى:

-سېنى پۇتۇن باشلىق، كادىر، سادىر ماختاپ يۇرىدىغان تۇرسا.ئۆزەڭنىڭمۇ ئىقتىدارىڭ بار تۇرسا. ھەي....چاخچاق دىمىسەكمۇ بىر ئەقەللى كاللىسى بار ئادەم باشلىققا دەپ يۇرمەستى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەل-مەھەللە شۇنداق تىز بىلىپ بولامتى. يەنە كېلىپ بۇ چۆچەكنىڭ مەزمۇنىنىڭ موللىقىچۇ؟  بۇ يەردە بىر ئۇيۇن بار.

مەن دىدىم:

-ئۇنداق ياخشى بولغاننىڭ نىمە پايدىسى؟ ھىچنىمىگە دال بولالمىدىغۇ مانا.“ۋاي ئۇكام سىز بەك ئىقتىدارلىق، سىز بەك ئوبدان”دەپ مېنى ئىشقا سالغانلارنىمۇ كۆردۇڭلارغۇ مانا.گېزى كەلسە تۆھپىللىرىڭنىڭ بىرىنىمۇ ئېغىزىغا ئېلىپمۇ قويمايدىكەن.ھەقىقەتەن يۈزى يوق جۇمۇ بۇ خەقنىڭ.ئاغىينىلەر، تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم، شۇ كۇنى بىز شۇنداق ئىش قىلىپ قويدۇقمۇ يا؟

شۇمشىيىپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى پاراققىدە كۈلۈشۇپ كەتتى ۋە مېنى نۇقۇشلاپ تىللىشىپ كەتتى.

مەخمۇت دىدى:

-سەن ساراڭ بۇلۇپ قالمىغانسەن ھە؟

مەن دىدىم:

-دەيمىنا ئەمدى.ئورگاندىكىلەرمۇ شۇنداق دەيدۇ، مەھەللىدىكىلەرمۇ شۇنداق دەيدۇ، پۇتۇن يېزىدىكىلەرمۇ، شەھەردىكىلەرمۇ شۇنداق دەيدۇ، ھەتتا داداممۇ شۇنداق دەيدۇ.مەسچىتتىمۇ شۇ گەپ، ھاجەتخانىدىمۇ شۇ گەپ، تام –تۇرۇستىمۇ شۇ خەت، شۇنىڭغا قاراپ راسىت شۇنداق قىلىپ قۇيدۇقمۇ يا، دەپ ئويلاپ قالدىم.خۇددى بەزى ھىكايىلەردە يالغاننى دەۋەرسە، ئۆزىمۇ شۇنداق قىلىپ قويغان ئوخشايمەن، دەپ ئېتراپ قىلغاندەك.

ئالىم دىدى:

-ئۇ دىگەن ھىكايە،بۇ دىگەن ئەمەلىيەت.سەن ئىشنى بۇزۇپ يىغىندا بىز شۇنداق قىلغان دەپ قويمىغىن يەنە.

مەن دىدىم:

-خۇدا ساقلىغاي.بۇ چاخچاقمۇ رەسمىيلىشىپ كەتمىگەي يەنە.كۈن ئالماق تەس بۇلۇپ كەتتىغۇ بۇ جاھاندا. ئاغىينىلەر ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

ھەممىسى تەڭلا:

-ۋاي تاڭ! مەنمۇ بىلمىدىم.

كىيىنكى كۈنلىرىمىز ئىشخانىغا، ئۆيگە سولىنىش ئىچىدە ئۆتتى.قېنى بىزنىڭ كېچىللىرى ئۆستەڭ بۇيىغا چىقىپ ناخشا توۋلاشلىرىمىز، قېنى بىزنىڭ چاخچاق بىلەن ۋاقىراشلىرىمىز...ھەممىسى سۇغا چۇشكەن تاشتەك يوقاپ كەتتى.بىزنىڭ مەھەللىلىدىكىلەرنىڭ “پالانچىنىڭ بالىسى ساراڭ بۇلۇپ قاپتۇ، سەۋدايى بۇلۇپ قاپتۇ، كۇرسۇككا كىرىپ قاپتۇ”...دىگەنلىرى راست چىقىپ قالامدۇ نىمە دىگىسى كېلىدۇ كىشىنىڭ.

ئاغىينە، بېشىمىزنىڭ ئىچىمۇ قاتتى، تېشىمۇ قاتتى.يۇرتنى تاشلاپ قاچقىدەك بۇلۇپ كەتتۇق.شەپەرەڭ، ياكى چاشقان بۇلۇپ قالساق، بىرەر تۇشۇككە كىرىۋالاتتۇق.بىزنىڭ ھالىمىزغا يېتىدىغان بىرقانچە باشلىق بار ئىدى. ئۇلارمۇ بۇ قارا بۇراننى تۇسۇشقا ئامالسىز قالدى.

بىر كۈنى يېزىدا چوڭ يىغىن ئېچىلدى.شۇ كۈنى پۇتۇن باشلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئالدى.بىز يىغىن ئىشتىراكچىللىرىنىڭ ئالدىدىن ئورۇن ئالدۇق. يىغىندا بىزنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىمىز يەنە بايان قىلىنىپ، بىزگە قارىتا نۇرغۇن خىزمەتلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لىكىن بىزنىڭ ئىقرار قىلمىغانلىقىمىزنى، ئورگان، پونكىت، كەنت كادىرلىرى ۋە خەلق ئارىسىدا ئېغىر ناچار كەيپىيات پەيدا قىلغىنىمىزنى،  قىسقىسى يېزىمىزنىڭ، كادىرلىرىمىزنىڭ ئىناۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۇزگەنلىگىىمىز ئۈچۈن، يېزىلىق ھۆكۇمەت نامىدا يەرلىك سىياسەت بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.ئۈقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى:يۇقارقى بەش كادىرنىڭ تۇرمۇش ئىستىلى ناچار، سىياسى ئېڭى تۆۋەن بولغاچقا، ھەم قىلمىشى ناچار ئىجتىمائى كەيپىيات پەيدا قىلغاچقا بۇلارغا يۇقارقىدەك چارە كۆرۇلدى:ئەخمەت، ئىسمايىل، كېرىم، ئالىم، مەخمۇت قاتارلىقلارغا قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ، ئالىم، مەخمۇت ئەڭ چەت ئىككى كەنتكە چۇشۇرۇلۇپ، كەنت كادىرى قاتارىدا ئىشلەيدۇ. ئىسمايىل، كېرىمنىڭ قىلمىشى ئۆز ئىدارىسىگە مەلۇم قىلىنىپ ئىدارىسى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.ئەخمەتكە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بىرىلىدۇ.ئۆستۇرۇش ئوبىكتى، زاپاس كادىر قاتارىدىن چىقىرىلىدۇ، تۈرلۇك ئىلغار باھالاشقا قاتناشتۇرۇلمايدۇ.

بۇ ھۆكۇم ئالدىدا بىز نىمە قىلارىمىزنى بىلمەي قالدۇق.ئۇلار بىزنىڭ تەكشۇرۇشنامە يىزىشىمىزدىن ئاللابۇرۇن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن ئىدى.شۇ چاغدا ئىسمايىل ئورنىدىن تۇرۇپ “بىز ئۇنداق قىلمىدۇق ھەممىسى تۆھمەت ” دىۋىدى، پۇتۇن يىغىن ئەھلى گۇڭۇرلاپ كەتتى. باشلىق “ بۇ دىگەن قارار، نىمە دىگەن بىلەن بىكار، يىغىن تۇگىدى، تارقىلىڭلار” دەپ ئۇنىڭ گىپىنى ئىلىك ئالماي يىغىننى تارقىتىۋەتتى.

جېنىم ئاغىينەم، ئەھۋال شۇنداق بولدى. ھەممىمىز مۇشۇنداق چاخچاقنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇق. بىزنى كىم ئاقلايدۇ؟ بىزنىڭ گىپىمىزنى كىم ئاڭلايدۇ؟ شەھەرگە بارساق ئۇلار “يېزا بىر تەرەپ قىلىدۇ”دەيدۇ.ئۇنى تەكشۇرەي دىسە قانداق تەكشۇرەيدۇ؟ شۇ ئىشتىن كىيىن، ئەھۋالىمىز بەك ئېغىرلاپ كەتتى.ئالىم، ئىسمايىل سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قالدى.مەن سۆيگەن قىزىمغا ئېغىز ئاچالمايدىغان بولدۇم. مەخمۇتنىڭ تۇيى يېنىپ كەتتى.(بولغۇسى چىشى قۇدىسى-ئەشۇ پاسكىنىلاردىن بىرنى ئېلىپ بەرسىلە، بۇ بالا شۇنىڭغا لايىقكەن،-دەپ، مەخمۇتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قورسىقىنى بىر تاغار قىپتۇمىش.)ئالىم يېمىگەننى تۆلىگەندىن يەپ تۆلەي، دەپ ھېلىقى كۇچىغا كىرىپ كەتتى.ياسىن بىلەن زۇنۇن مەھەللىدىن ۋاز كېچىپ، بىر مەزگىل بۇيەردىن يوقىلايلى، دەپ شەھەرگە ئوقەتكە كەتتى.

جېنىم ئاغىينەم، بۈگۈن كەچ ھەممىمىز ئامراق ئۆستەڭ بۇيىغا چىقتىم.ئۆستەڭ سۇيى لاي-لاتىقىلار ئارىلاش مۇڭلۇق ئاقماقتا. ھەممە شۇنچىلىك كۇڭۇلسىز. ئاسماندىكى ئايمۇ زۇقۇمنى تارتالمىدى. مەھەللىنىڭ كېچىلىك ئاسمىنىمۇ دەرد كەلگەندەك جىمجىت ھەم مۇدھىش.سەھرالىق ياشلارنىڭ كېچىچە ئېيتىلىدىغان ناخشىللىرى مەڭگۈلۈك يۇقالغاندەك تىمتاس.قېنى بىزنىڭ شوخلۇقلىرىمىز، قېنى بىزنىڭ تۈگىمەس ناخشىللىرىمىز، چاخچاقلىرىمىز...بىز كېچىچە ناخشا توۋلايدىغان سەھرالىق بالىلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئەڭ بىچارىسى بۇلۇپ قالغان ئوخشايمىز.راسىت، ئەشۇ ئىشنىڭ تەسىرىدىنمۇ ۋە ياكى ئامانلىق، مۇقىملىق كۇچلۇك تەكىتلىنىدىغان بۇلۇپ كەتكەنلىكتىنمۇ يېزىمىز ئاسمىنىدا ياڭرايدىغان ياشلارنىڭ ئىشىق ناخشىللىرى، ئېتىز ناخشىللىرى، خامان ناخشىللىرى ...تىمتاس توختىدى.ئەمدى سەن كەلسەڭ، كېچىلەردىكى مۇڭلۇق سەھرا ناخشىللىرىنى ئاڭلىيالمايسەن جېنىم ئاغىينەم!

قايتىپ كىرىپ خەت يېزىۋاتىمەن. دەردىمنى ساڭا تۆكمەي ئامالىم يوق.ھەرنىمە بولسا بۇ سۇرۇندا سەن يوق ئىكەنسەن، ئەگەر بولساڭ، سىنىڭ مەكتىپىڭنىمۇ خاتىرجەم قىلماس ئىدى بۇلار. بىزنىڭ خىزمەتلەرنىڭ ئىشىنىڭغۇ كارى چاغلىق. مۇشۇ ئانا يۇرتىمىزدا بېشىمىزنىڭ تۆۋەن، قەددىمىزنىڭ بىھۇدە پۈكۈك بۇلۇپ قېلىشى يۇرىكىمنى تاتلايدۇ، قىينايدۇ،. مانا ھازىر ھىچكىم بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلىمايدۇ. بىزنى چۇشەنمەيدۇ. بىلگۇچى ئىگەم. ھامان بىركۈنى بۇ سىرلار ئىچىلار، توپا باسقان ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ.بىر كۈنى بىزمۇ ئاقلىنارمىز. دەيدىغىنىم: «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە».

(قەلىمىم)



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 07:09 PM  


تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 07:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ-سۆز ئاغزىمىزدىن چىققۇچە شۇنداق يۇمشاق ،چىقىپ بولسا سۆڭەك پەيدا بوپ قالىدۇ دەيدۇ....راس ئوخشايدۇ .................

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 07:58:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    شۇنداق ياخشى رەتلەپ يوللىسام، بەت، قۇر ئارلىقلىرى ئۆزگۇرۇپ كېتىپتۇ. جۇملە، ئابزاسلار ئورنىمۇ شۇنداق.  تېخى ”“،«» دىگەندەك بەلگىلەرمۇ ئۆگۇرۇپ كېتىپتۇ. بۇ قانداق ئىش؟

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 09:29:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە بىز باشقۇرىدىكەنمىز ،چىقىپ بولغاندا بىزنى باشقۇرىدىكەن .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98054
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 814
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 09:31:40 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھا ھا بەك كۈلكىلىك ئىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3253
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 346 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 09:51:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەپ ئېغىزدىن چىققۇچە بىز باشقۇرىدىكەنمىز ،چىقىپ بولغاندا بىزنى باشقۇرىدىكەن .

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98986
يازما سانى: 487
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1330
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 640 سائەت
تىزىم: 2013-10-26
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 10:17:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمەتئىمىن ھوشورنىڭ «قىرلىق ئىتاكان»ھىكايىسدەك چىقىپتۇ ما ھىكايە .
خىلى كۇلۇپتىمەن
لىكىن ھىكايىدىكى ياشلارنىڭ تۇرمۇشدەك تۇرمۇشقا نەپرەتلىنىمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاقار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-8 10:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1847
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4810
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 10:30:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا  ئىرىشىشىڭىزگە  تىلەكداشمەن  

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93252
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4315
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1310 سائەت
تىزىم: 2013-3-13
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 11:18:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېغىرلىق راھمانلىق ، ئىتتىكلىك شەيتانلىق .

مىجەز خارەكتىرمۇ تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . بەزىدە تەقدىرىمىزنى ئاستىن ئۈستۈن قىلىۋېتىدۇ . شۇڭا ياخشى خۇلق يىتىلدۈرۈشىمىز كېرەك .

ئايال- ئەرنىڭ تەلىيى .   ئەر- ئايالنىڭ تەغدىرى  .

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-8 11:31:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kamiljantohti يوللىغان ۋاقتى  2014-8-8 07:58 PM
شۇنداق ياخشى رەتلەپ يوللىسام، بەت، قۇر ئارلىقلىرى ئ ...

بەت يۈزىنىڭ قالايمىقانچىلىقى دىگەن سېستىمىنىڭ تۆھپىسى.ئەسلى يوللاپ بۇلۇپ دەرھال تەستىقلىنىپ بولغىچە يەنە بىركۆرۈپ تەھرىرلىۋەتسىڭىز بۇلاتتى.بېشىمدىن كۆپ ئۆتكەن مىنىڭ بۇ ئىشلار.
ئىچىمنى ئاچچىق قىلىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇۋەتتىم.بۈگۈن خىزمەت ئورنۇمدا يۈز بەرگەن بىيوكىراتلارنىڭ غەلىتە قىلىقلىرى سۆزلىنىۋاتقاندەك ..........ئۇف،ھېكايىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا ئىرىشىشىگە تىلەكداشمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش