بەخىت تۇيغۇسى
-ئالىيە تۇرۇڭ قىزىم ....
-مېھمانلار بۈگۈن چۈشلۈك تاماققاكىلىدۇ بىز تىزراق تەييارلىق قىلايلى ...
-ھە.. مانا ...... بۇگۈن ئاران دەم ئالغاندا ئاپام يەنە سەھەردىلا ئويغاتقىلى تۇردى ئادەمنى ،بۈگۈنكى مېھمانلار بىلەن پەقەتلا كۆرۈشكۈم يوق ، بىراق ئاپام چىڭ تۇرۋالغانلىقى ئۈچۈن بىر قىتىم كۆرشۈپ باقىدىغان بولدۇم .
-تىزراق ناشتا قىلىڭ ! بىزتاللا بازىرىغا بىرىپ ئازراق يىمەكلىك سىېتىۋىلىپ كىلىمىز ...
-ھە ... ماقۇل ! ئەتتگەندە ئاپامنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ ئوشۇق گەپ - سۆز قىلماي تەييارلىنىپ پەسكە چۈشتۈم ،بۈگۈن
ئاپام بەكلاخوش ئىدى چۈنكى بۈگۈن كىلىدىغان مېھمانلار ئاپامنىڭ ئەڭ يىقىن دوستى ئامىنە ئاچام ئوغلى بىلال ئىدى .
- ئاپام بىلەن بىكەتتەئاپتۇبوس ساقلىغاچ ئۇنى غىل – پاللا كۆرۇپ يۈركۈم يەنە ئىچىشىشقا باشلىدى.........
ئۇ ئەلىئىدى – ئەلى مىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم ھەم مىنىڭ ئەڭ يىقىن دوستۇم ئىدى .
دادامنىڭ خىزمەت يۆتكىلىش ئىشى بىلەن بىز نىفىت قورۇسىغا كۆچەپ بارىدۇق مىنىڭ ئوقۇۋاتقان مەكتىپىم بىلەن ئۆينىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا دادام مەندىن خاتىرجەم بولالماي مىنى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى .چۈنكى بۇ مەكتەپتەدادامنىڭ يىقىن دوستى پەرھات دادام بارئىدى . مەن پەرھات دادام مەسئۇل بولغان سىنىپقا كىردىم ...
-ساۋاقداشلار سىلەرگە تونۇشتۇرۇپ قوياي بۇبىزنىڭ مەكتەپكە يىڭىدىن يۆتكىلىپ كەلگەن ئالىيە بولىدۇ، دەپ مىنى ساۋاقداشلارغاتونۇشتۇردى مۇئەللىم ....
-قىزىم ئالىيە ئارقا ئورۇندۇقدىكى ئەلىنىڭ يىنىغا بىرىپ ئولتۇرۇڭ دىدى .
-مەن ئاستا بىرىپ ئەڭ ئارقىدىكى بوشئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردۇم ....
- ياخشىمۇسىز مەن ئەلى ....
-ياخشىمۇ سىز مەن ئالىيە ... بىز قىسقىلاسالاملاشتۇق .
بۇ ئەلىنىڭ چىرايى شۇنداق تونۇش مەن ئۇنى نەدە كۆرگەندىمە دەپ ئويلاشقا باشلىدىم .....
ھە ... ..ئىسىمگەكەلدى بىز نىفىت قورۇسىغا كۆچۈپ كەلگەن كۈنى ئۇنى قورۇدا ئۇچراتقان ئىدىم .
شۇنداققىلىپ ساۋاقداشلىرىم بىلەن تىزلا چىقىشىپ قالدىم ، پارتىدىشىم ئەلى ئوچۇق – يورۇق ، چىقىشقاق ،شوخ بالا ئىدى مەنمۇ كىچىكىمدىن شوخ ،چىقىشقاق ، ئويۇنچى بولغاچقا ئاسانلا ئۇنىڭ بىلەن يىقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق . ئۇ بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئۈگۈنىش ھەيئىتى ئىدى ،ئادەتتە ئۇ ماڭا بەكلا كۆڭۈل بۆلەتتى چۈشەنمىگەن دەرىسلەرنى تەكرار قىلىپ بىرەتتى . شۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنى تەپسىلى كۇزتەتتىم ئۇ ئاق –سىرىق ،قاپقارا قاش ،قاپقارا قوي كۆزلۈك بويى ئىگىز كىلىشكەن بىر بالا ئىدى .ئىككىمىزنىڭ ئۆيى بىر قورۇدا بولغاچقاكۈندە بىللە مەكتەپكە بىرىپ بىللە قايتىپ بىللە دەرىس تەييارلىقى قىلاتتۇق ئۇنىڭدىن توختىماي سۇئال سورايتىم .....
-ئەلى سەن نىمانچە ئەقىللىق ؟ سەن بىلدىغان نەرسىلەر نىمانچە كۆپ ،گاھى مۇئەللىملەرنىمۇ تەمتىرىتىپ قويسە سۇئالىنى تولا سوراپ ؟...
-ھە بۇ دىگەن ئىرسىيەت ، بىلەمسە ئالىيەمىنىڭ داداممۇ كىچىكىدە بەكلا ئەقىللىق ئىكەن ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقتلىرىدامۇئەللىملەر داۋاملىق دادامنى ماختايدىكەنتوق .
-ئەلى سەن نىمانچە ئىگىز ؟ ئىگىزلىكىڭ2مىتىر كىلىدىغۇ دەيمە ؟مەن ئۇنى جىلەقىلىپ شۇنداق دەيتىم ...
-ھەي بۇمۇ ئىرسىيەت ، داداممۇ بەكلا ئىگىز .
ئۇنىڭدىنسوئال سورىسام ئۇ زىرىكمەستىن ماڭا جاۋاپ بىرەتتى .
ئەملىيەتتەئۇ ماڭا بەكلا كۆيۈنەتتى ،كۈنلىرمىز شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتىۋاتاتتى مەنمۇ ئۇنىڭغابەكلا كۆنۈپ قالغان ئىدىم شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپكە ئىنتاھان بىردىغان ۋاقتىمىزمۇ يىقىنلاپ قالدى .
-ئالىيە دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا ۋەئۆيگە قايتقاندا ياخشى تەييارلىق قىل دەپ ماڭا بۇيرۇق قىلىپلا تۇراتتى .
-ئەلى سىنىڭ قايسى ئالى مەكتەپتە ئوقۇغۇڭ بار ؟ سوردۇم مەن
-مىنىڭ چەتئەلدە ئوقۇغۇم بار دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ .. سەنچۇ ؟
-ھەي ماڭا بەرىبىر قايسىغا ئۆتسەم شۇنىڭدائوقۇيمە شۇ ...
-بۇنداق دىمە سەنمۇ تىرىشقىن چوقۇم ياخشى مەكتەپلەرگە ئۆتەلەيسە ..
-ئەلى ناۋادا ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمەي قالسام قانداق قىلامەن ..
-ئەنسرىمە ئۆتەلمىسەڭ بىزنىڭ قورۇغاتازىلىق ئىشچىسى قوبۇل قىلىدىكەن شۇ يەردە ئىشلەيسە دىدى ئۇ ...
-نىمە ،سەن مىنى قەستەن مازاق قىلىۋاتىسەھە ! دەپلا ئارقىمغا بۇرلۇپلا ماڭدىم
-ۋاي ئۇششۇق نىمە بولدۇڭ ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم قونچىقىم شۇنىڭغىمۇ خاپا بولغان بارمۇ دەپ مىنى بەزلىگىلى تۇردى ..
-راسما ، چاقچاچ قىلدىڭما ؟
-ھەئە ..
-ئەمسە ماڭا چوكامۇز ئىلىپ بەر ..
-ئۇ مەندە پۇل يوق ، يىگىڭ بولسا ئۆزەڭ ئىلىپ يە دەپ مىنى جىلە قىلىشقا باشلىدى ..
بىز يولبويى چاقچاق قىلىشىپ ئۇرشۇپ ئۆيگە قايتىتۇق .
...............
-ئالىيە نىمە بولدى قىزىم مىجەزىڭىز يوقمۇنىمە ؟ تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ چاقىرىشىدىن ئەندىكىپ ئاشۇ گۈزەل تاتلىق ئەسلىملەر ئىچىدىنئاستا يىنىپ چىقتىم ..
-ياق ئاپا سەل چارچاپ قاپتىمە ....
-قىزىم ئالىيە قارسام يىقىندىن بىرىشۇنداق چۈشكىن ، غەمكىن يۈرىسىز زادى نىمە ئىش بولدى ؟..دوختۇرخانىدا بىرە ئىشبولمىغاندۇ قىزىم ؟ ...
-ئۇنداق ئەمەسقۇ ئاپا ، دوختۇرخانىداكېسەللەر جىق سەل چارچاپ قالدىم شۇ ...
-ئاپا سىزگە دەيدىغان گىپىم باتى دىدىممەن بوش ئاۋازدا ...
-نىمە گەپ قىزىم ، مەن سىزگە قاراپلابىلگەن ئىدىم بىر ئىش بارلىقىنى ...
-
-بۇ ھاياتتا بىر ئۆمۈر ئۆتەلەمسەن مەنبىلەن ،
-بەخىت دىگەن يىراقتا كۈتەلەمسەن مەنبىلەن .
-تۇيۇقسىز تېلېفۇنۇم سايراپ كەتتى ....
-ۋەي !
-ئالىيە سىز نەدە ؟ دەرھال دوختۇرخانىغاكىلىڭ !
-مەن ....... تېلىفۇن ئاللا قاچان قويۇلۇپبولدى ..
-ئاپا مەن دوختۇرخانىغا بىر بىرىپ كىلەي مېھمانلار ساڭا قالدى ئەمسە .............
داۋامى بار....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-8 06:49 PM