ۋاپاسىزلارغا مەكتۇپ 
تۈنۈگىنلا خوشلاشقان ئىدۇق ،
ئۇنتۇپ قاپسەن بۈگۈنلا مېنى . 
ۋىجدانىڭنى ئىت يەپ كەتتىمۇ ؟!
ئەتە يەنە گوللايسەن كېمنى .

شاختىن -شاخقا قۇنۇپ سايراشنى ، 
قىلىۋالما ئۆزەڭگە دەستۇر . 
چۈشۈپ قالساڭ ئەل قاتارىدىن ، 
ھۆرمىتىڭنى تاپمىغىڭ تەستۇر . 

مۇھەببەتنى ئۇيۇن دەپ بىلىپ ، 
ئەخمەقلارچە تەنتەكلىك قىلما ، 
ياشىغىن سەن ئوغۇل بالىدەك ، 
ۋىجدانىڭنىڭ قۇربانى بولما . 

ئالتە كۈنلۈك ئۆتنە ئالەم بۇ ، 
تارتىپ قالىسەن سەنمۇ ئازاپنى . 
بىلسەڭ ئەگەر ئاناڭمۇ سەندىن ، 
كۈتمىگەندۇ بۇنداق جاۋاپنى . 
ئاھ ھالىم يامان !
سۈكۈتتە ئولتۇرۇپ سۈرىمەن خىيال ،
قەلبىمدە قۇترايدۇ ھەسرەتلىك پىغان . 
ئايرىلىش ئەمەستى بىزنىڭ ناخشىمىز ، 
كۆزىمىز يۇمۇلماي دوست بولدى ھېجران .

كەينىمنى قىلساممۇ ھېجرانغا باقماي ، 
قەلبىمنى قاماللاپ ئۆرتەيدۇ ئازاپ . 
قۇياشنىڭ كۆزىدە قاتتى تەبەسسۇم ، 
تىترەيدۇ زىمىنمۇ قەلبىمدە شۇ تاپ .

ئىيتقىنا بار مېنىڭ نېمە گۇناھىم ، 
قىينالدىم لوغەتتىن تاپالماي جاۋاپ . 
ئاياللىق نازاكەت پاكلىقىم ئۈچۈن ، 
قىلمىغان ئەزەلدىن ئۆزەمنى خاراپ . 

كۈندەشلىك بىخلانغان ئاشۇ قەلبىڭدە ،
يوقمىدى سۆيگىنىڭ ھەقىقى ئىسمى . 
يوق ئىشتىن ئازاپقا بولدۇق مۇپتىلا ، 
قۇلۇڭدا قۇرىدى بەختنىڭ جىسمى .

كۆرىدۇ ھەممىنى ياراتقان خۇدا ، 
سالىدۇ دېلىڭغا مېھىرنى ھامان . 
كۈتىمەن سۈكۈتتە ئاشۇ بىر كۈننى ، 
شۇندىمۇ باقمىساڭ ئاھ ھالىم يامان . 
ئوخشايدۇ
دېرىزەمدە سايرىدى ئەلچى قالىغاچ ۋىچىرلاپ ،
ناۋاسىدىن ئاياندۇر كۆكلەم كەلگەن ئوخشايدۇ .
مەيىن شامال ئەپ كەلدى چىمەنلەرنىڭ ھېدىنى ، 
سۈيۈپ شەبنەم ياپراقلار باھار كەلگەن ئوخشايدۇ .

ياڭراپ ئەمگەك ناخشىسى ئېتىزلاردا قىرلاردا،
جانلىنىپتۇ جىمى جان نەۋرۇز كەلگەن ئۇخشايدۇ . 
تۇلۇنئايمۇ باھارغا بولغاچ ئاڭا قەلبداش ، 
دېرىزەمدىن مارلايدۇ يايرىم كەلگەن ئوخشايدۇ . 
 
 
 

يالپۇز پۇراپ قىرلاردىن خەۋەر كەلدى باھاردىن ،
زىمىستانغا خوش ئېيتىپ يۈرەك كۈلگەن ئوخشايدۇ . 
قۇياش سۈيۈپ ئويغاتتى سۈكۈتتىكى خىيالنى ، 
مىسكىن دىلنى شات ئەيلەپ ھايات كۈلگەن ئوخشايدۇ .
مېھرىيە يازمىسى

 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-11 03:50 PM