ساياھەت قىلماستىن تۈگۈدى تەتىل
تۆتتاش
ئاۋغۇستنىڭ باغرىنى سۆيگەچ بىر قېتىم،
بارمىدىم غۇلجىغا، تۇرپان، ناراتقا.
ئۆي ئىشى ھەم خىزمەت بولغاچ ئالدىراش،
چىقمىدىم، بارارمەن كىلەر يازلىقتا.
ھەپتىدە ئىككى كۈن ئىشلەيمىز يانا،
بىر كۈنى كەچلىكى تۇرۇپ باقاۋۇل.
ساياھەت ئورنىدا قىلدىم زىيارەت،
بولغاچقا قىرىق بەش باللىغا مەسئۇل.
ئۇقۇدۇم تەتىلدە نۇرغۇن كىتاپنى،
بەزىدە يىزىپمۇ قويدۇم شېئىرنى.
ئاپامنى، ئاتامنى كۈندە يوقلىغاچ،
ئويناتتىم كۈلدۈرۈپ ئوماق قىزىمنى.
كىلەرمۇ يوقلىشىپ دىگەن ئۈمىدتە،
تەلمۈردۈم دوستلارنىڭ ئاتەش يۇلىغا.
داستىخان ئېچىلغان ئۇشبۇ دەملەردە،
سۇ بىرىش ئارزۇيۇم ئىللىق قولىغا.
خەيرىيەت كەلمىدى كىلەر بىر كۈنى،
ساداقەت بابىدا بولمىسام رەزىل.
كىيىنگە قېپ قالدى ئارمانلىرىممۇ،
ساياھەت قىلماستىن تۈگۈگەچ تەتىل.
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-11 03:51 PM