مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7345|ئىنكاس: 46

مەن ئەمدى ئاجىراشماقچى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 06:45:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

未命名.jpg.thumb_副本.jpg





__ زۆھرە ھەدە سىزنى بىرەيلەن ئىزدەيدىكەن .
__ كىمكەن ؟ قېنى باشلاپ كىرىڭ .
مەن قۇلۇمدىكى ئىشنى قۇيۇپ ، ‹ كىمكىنە شۇنچە سەھەردە كەلگەن ؟ › دەپ ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈردىم .
ئىشىكتىن يىگىرمە نەچچە ياشلار چاممىسىدىكى ، چىرايلىق ياسىنۋالغان بىر ئايال كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ چىپپىدە  كىيىۋالغان كۆينىكى ئاياللىق نازاكىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلغان بۇلۇپ ، قاپقارا قاشلىرى ،قاڭشالىق بۇرۇنلىرىغا ماسلاشقان ئاناردەك يۈزلىرى ، جىنەستىدەك لەۋلىرى كىشىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايتتى . ئەمما بۇلاقتەك كۆزلىرىدىن ھازىرلا فونتان ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك ، ياش لىغىرلاپ تۇراتتى .
__ كەچۈرۈڭ زوھرە ھەدە ، سىزنى يىغىنغا چىقىدۇ دېسەممۇ ، بۇ ئاچاش مۇھىم ئىشىم بار دەپ تۇرىۋالغاچقا ...
__ ھېچقىسى يوق رىزۋانگۈل ، چىقىپ باشقىلارغا يىغىننىڭ يېرىم سائەتتىن كېيىن ئېچىلدىغانلىقىنى دەپ قۇيۇڭ .
__ ماقۇل ھەدە .
كاتىۋىم رىزۋانگۈل ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتكەندىلا ، ئالدىمدىكى بۇ ساھىپجامال ئايالنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدىم ، ھەم نېمە ئىش بىلەن مېنى ئىزدىگەنلىكىنى سورىدىم .
ئايال ئاغزىنى ئاچسىلا يىغلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى . مەن ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىپ ؛
__ سىڭلىم ، قېنى قانداق ئىشىڭىز بولسا ماڭا دەڭ ، بىز ئاياللار بىرە مۈشكۈل ئىشقا يۇلۇقساق ، يىغلاپ ئۆزىمىزنى بەك ئۇپۇرتىۋالىمىز . لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ھېچنىمىنى ھەل قىلالمايمىز . شۇڭا رىياللىققا يۈزلىنىپ ، ئۆزىمىزنىڭ قانۇنى ھوقۇقىمىزنى قوغداپ ، ھەرقانداق قىيىنچىلىققا ‹ بۇ كۈنلەر ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ › دەپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلساق ، ھەممە ئىش ئوڭشۇلۇپ كېتىدۇ . شۇڭا ھەرگىز  يىغلىماڭ سىڭلىم ، قەيسەر بۇلۇڭ !
__ رەھمەت ھەدە ، بەلكىم سىز مېنى تۇنۇيالمىدىڭىز ، ئۆتكەندە سىزگە تېلىفۇن قىلىپ سىزدىن مەسلىھەت سورىغان ئايال مەن بۇلىمەن .
مەن دەمەللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم . چۈنكى مەندىن ئائىلە ، نىكاھ ، مۇھەببەت توغرۇلۇق مەسلىھەت سورايدىغانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ، كىملىكىنى ئاڭقىرىپ بۇلالمىغان ئىدىم .
__ راستىمنى دېسەم سىڭلىم ، ئېسىمگە ئالالمىدىم .
__ ھېچقىسى يوق ھەدە ، مەن توغرا چۈشىنىمەن . قايسى بىر كۈنى يەنە بۈگۈنكىدەك ئەتتىگەندىلا سىزگە تېلىفۇن قىلىپ مەسلىھەت سورىسام ، سىز ماڭا بىرمۇنچە تاپشۇرۇق بەرگەن ئىدىڭىز  . مەن بۇ تاپشۇرۇقلارنى سىز دېگەندەك ئۇرۇندىغان بولساممۇ ، ئەمما يەنىلا ئاجىرىش باسقۇچىغا يەتتىم . مەن ئەمدى ئاجىراشماقچى !
شۇندىلا بۇ ئايالنىڭ كېملىكىنى ئېسىمگە ئالدىم .
__ ھە سىزمىدىڭىز سىڭلىم ، نىمىشقا ئەمدى ؟
__ ئېرىمنى ئۇ خوتۇن قۇيۇپ بەرمىدى ، قوسۇقۇمدا بالاڭ بار دەپ ئۆيىمىزگە كېلىپ يېتىۋالدى . بۇ جاھاندا بۇنداق نۇمۇزسىز خوتۇنلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەنمەن .
__ ئېرىڭىزنىڭ پوزىتسىيىسىچۇ ؟
__ ئېرىم ماڭا شۇنداق كۈيۈنىدىغان ، ئۇ ئايالنى ئىزدىمەيدىغان بۇلۇپ قالغان ئىدى . ھەر ئىككىمىز ئائىلىمىزنىڭ بۇ خىل كەيپىياتىدىن رازى ئىدۇق . ئەمما ئويلىمىغان يەردىن ئالدىنقى ھەپتە ھېلىقى خوتۇن ئۆيىمىزگە كېلىپلا يېتىۋالدى . ئېرىم ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ باقتى ، ئەمما كار قىلمىدى . ‹ بۇ ئۆيدىن ئۆلىكىم چىقسا چىقىدىكى ، تىرىكىم چىقمايدۇ › دەپ پەقەت چىقىپ كەتكىلى ئۇنىمىدى . ئېرىمنىڭ بېشى قېتىپ ، نېمە قىلىشىنى بىلمەيلا قالدى . شۇڭا بۇدا تېلىفۇن قىلماي يېنىڭىزغىلا كېلىشىم ئىدى .
ئايال شۇنداق دەپ يىغلاپ كەتتى .
__ ئېرىڭىزنىڭ بېشى قاتقاچقا ، ئاجىرشىپلا بۇ ئىشلارنى ھەل قىلاي دەپ ئويلاپسىز-دە ؟!
__ شۇنداق ھەدە ، مەن چېكىنمىسەملا  ئۇ خوتۇننىڭ چېكىنمىكى مۇمكىن ئەمەسكەن . ئائىلىمىز بۇلۇقتۇرمىلىققا چۆكۈپ كەتتى ، ھېچقايسىمىز ئەركىن نەپەس ئالالمىغىدەكمىز . مەنلا قۇربانلىق بېرەي دەپ ئويلىدىم . ئەمما يەنىلا ئائىلەمگە كۆزۈم قىيمايدۇ . شۇڭا سىزنىڭ مەسلىھەتىڭىزنى ئاڭلاپ باقاي دېگەن ئىدىم .
__ سىلەرگە كۆز تەككەندەكلا بىر ئىش بوپتۇ سىڭلىم . ئۇ ئايالنىڭ راسلا بويىدا بارمىكەن ؟
__ ھە ، دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈش قەغىزىنىمۇ ئېلىپ كەپتۇ . ئېرىممۇ بۇنىڭغا ئىقرار بولدى . بالىنى ئالدۇرۋېتەيلى ، ئاندىن قانداق تۆلەم بەرسەم بېرەي دىسىمۇ ئۇ خوتۇن بۇ بالىنى تۇققىنىم تۇققان دەپ تۇرىۋالدى .
__ ئەمدى بۇلىدىغان ئىش بوپتۇ سىڭلىم . ئېرىڭىز پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ . ئىككى خوتۇنلىق بۇلىشقا قانۇنمۇ  يول قويمايدۇ . ئۇ ئايالنىڭ قوسىقىدا بار بولسا  ، بالىدا نېمە گۇناھ ، گۇناھ بولسا شۇ ئېرىڭىز بىلەن ئاشۇ خوتۇندا . كىمنى تاللاش پەقەت ئېرىڭىزگە باغلىق ئىدى .
__ ئېرىمنىڭ مەن بىلەن ئوي تۇتقىسى بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇنى تاللاش ھوقوقىنى ئۇ خوتۇن تارتىۋالدى . ئېرىمنىڭ كېچە -كېچىلەپ ئۇخلۇماي ، تاماكىنى ئاچچىق -ئاچچىق تارتىپ ئولتۇرىشلىرىغا پەقەت چىداپ تۇرالمىدىم ھەدە .
__ ئۇنداقتا سىزنى ئېرىنى بەك ياخشى كۆرۈدىكەن دەپ ھۆكۈم چىقاردىم . خاتا ئەمەستۇ ؟
__ خاتا ئەمەس ھەدە ، ئېرىم ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلمىغان مەن . بۇدامۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ قارارنى چىقىرىپ ئولتۇرۇپتىمەن . پەقەت شۇ قارارىمنىڭ توغرا -ياكى خاتالىقىنى بىلەلمەي قالدىم شۇ .
__ توغرا قىلىپسىز سىڭلىم . ناۋادا ئۇ خوتۇن ھامىلدار بولمىغان بولسا ، سىزنى توغرا قىلىپسىز دېمىگەن بۇلاتتىم . ئەمما قوساقتىكى بالا گۇناھسىز . شۇ ناسرەندىنىڭ بۇ دۇنياغا دادىسىز تۇغۇلىشىنى بەلكىم سىزمۇ خالىمايدىغانسىز ؟ ناۋادا ئۇ بالا سىزنىڭ بولغان بولسا ، سىزمۇ بەلكىم شۇنداق ئويلىشىڭىز مۇمكىن . شۇڭا سىزنىڭ غەيرىتىڭىزگە قايىل بولدۇم . ناۋادا ئىككىڭلارنىڭ رېسقىڭلار بۇ ئائىلىدە تۈگىمىگەن بولسا ، كۈنلەرنىڭ بېرىدە يەنە ئىككىڭلارغا پۇرسەتلەر كېلىپ قېلىشى مۇمكىن . ئەمما كېيىنكى ئىشلارغا ھېچكىم  بىرنېمە دەپ بېرەلمەيدۇ .
__ چۈشەندىم ھەدە  رەھمەت سىزگە . يىغىنىڭىز باركەن ، سىزنى كۆپ تۇتۇپ قالماي .
__ ھېچقىسى يوق سىڭلىم . تۇرمۇشتا ھەرقانداق مەسىلىگە يۇلۇققاندا ، مۇشۇنداق دادىللىق بىلەن قارار چىقىرىشنى ئۆزىڭىزگە مەڭگۈ ھەمرا قىلىۋېلىڭ . ‹ياپسام پىشامۇ ،كۆمسەم پىشامۇ › دەپ يۈرۈيدىغان كىشىلەرنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولمايدۇ . ئاللا ئېگەم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچى . ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ چېھرىسىدە ھامان قۇياش پارلاپ چاقنايدۇ . ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەي ، ئەتىگە كۈلۈپ قاراڭ .
__ ماقۇل ھەدە  رەھمەت ، مەن ماڭاي خوش ،ئاللاغا ئامانەت !
__ گەپلىرىمنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ . خوش ئاللاغا ئامانەت !
ئىشىكتىن چىقىپ كېتىۋاتقان بۇ سىڭلىمغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى ، ئەمما مەندە باشقىلارنىڭ تەغدىرىنى ئۆزگەرتكىدەك قۇدرەت بولمىغاچ ، پەقەتلا ھېسداشلىق تۇيغۇسىدا ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە قاراپ تۇردۇم .


يەكۈن :  



بالىلار ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى ئائىلە ئىناقلىغى ۋە خوشاللىقى . ئەر -خوتۇنلار ئاجىراشمىغان بىلەن ئائىلىدە جېدەل -ماجىرا قۇرۇمىسا ، بالىلار خۇددى ئاتا -ئانىلىرى ئاجىرىشىپ كېتىش سەۋەبىدىن ئازاپلانغاندەك ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ئازاپلىنىدۇ . ئەگەر ئەر -خوتۇنلار ئائىلە خوشاللىقىنى ساقلاپ قالالماي ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق ئازاب - ئوقۇبەت ئىچىدە قالسا ، بۇ خىل ئازاپنىڭ دەرىجىسىنى قانداق قىلغاندا ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرگىلى بولسا ، شۇ خىل ئۇسۇلنى قوللانسا بۇلىدۇ . بىراق ئاجىرشىشنى تاللىغاندا ، بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاتا -ئانىنىڭ ئوبرازىغا دەخلى -تەرۈز يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك . چۈنكى ، بالىلارنىڭ تۇنجى ئۈلگە قىلىدىغىنى ئاتا -ئانىسى بۇلىدۇ . ئەگەر بالىلارنىڭ قەلبىدىكى ئاتا -ئانىسىنىڭ ئوبرازى ياخشى بولمىسا ، بالىلارنىڭ خارەكتىرىدىمۇ شۇ خىل ناچار خائىشلارنىڭ يىتىلىپ قېلىش ئىھتىماللىقى يۇقۇرى بۇلىدۇ . بالىلاردىكى بىخەتەرلىك ئېھتىياجى ۋە مۇھەببەت ئېھتىياجى قانمىغانلىقتىن ، كېيىنكى تۇرمۇشىغا تەسىر يېتىدۇ . شۇ سەۋەپتىن ئاتا -ئانىلار بالىلارنىڭ قانداق خارەكتېردىكى ئادەم بۇلىشىنى ئارزۇ قىلسا ، ئاتا -ئانىلارنىڭ ئوبرازىنى شۇ خىل خارەكتېردە سۆرەتلەپ بەرسە بۇلىدۇ . مەسىلەن ،‹‹سېنىڭ داداڭ ھاراقكەش ›› دېگەننىڭ ئورنىغا ، ‹‹ گەرچە ئىككىمىز چىقىشالمىغىنىمىز بىلەن ، داداڭ سېنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ . ئۇ سەن ئۈچۈن ئىنتايىن ئېسىل دادا ،بىزنىڭ بىردىنبىر توغرا قىلغان ئىشىمىز سېنى تۇققانلىقىمىز ›› دېگەنگە ئوخشاش . شۇنداق قىلغاندا بالىدىكى زەخمىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈپ ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم قىلغىلى بۇلىدۇ .
ئۇنداقتا ، قانداق ئەھۋالدا توي قىلغانلار ئاسانلا ئاجىرشىپ كېتىدۇ ؟
ھەر قانداق بىر ئادەم توي قىلغاندا بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە بىر -بىرىگە ھەر خىل ۋەدىلەرنى بېرىدۇ . بۇ چاغدا ھەر ئىككىسىنىڭ بىر -بىرىگە بەرگەن ۋەدىلىرى چىن يۈرىكىدىن چىققان ۋەدىلەر بۇلۇپ ، ھەر ئىككىلا تەرەپ ۋەدىسىگە بىر ئۆمۈر ئەمەل قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ . بىراق كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەرقانداق بىر ئادەم ئەتە نېمە ئىشلارنىڭ بۇلىدىغانلىقىنى بىلمايدۇ .
نىكاھ تۇرمۇشىدا ئىككى تەرەپنىڭ مەسىلىگە بولغان كۆز قارىشى ھەم ئۇسۇلى ئۇلارنىڭ نىكاھىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ . ئادەتتە تۈۋەندىكى ئالتە خىل ئەھۋالدا مۇھەببەتلىشىپ توي قىلغانلاردا ئاجىرشىش بىر قەدەر كۆپ ئۇچۇرايدۇ :
1. مۇھەببەتنى ئۇيۇن دەپ بىلىپ ، پەقەت خوشاللىق ئۈچۈنلا توي قىلىش .
ئويناشقاندەكلا توي قىلغانلار تويدىن كېيىنكى تۈرلۈك مەسىللەرگە يولۇققاندا ، ئۇلارنىڭ خوشاللىقىغا تەسىر يەتكەچكە ئاسانلا ئاجىرشىپ كېتىدۇ .
2. رۇمانتىك مۇھەببەت قوغلىشىپلا توي قىلغانلار .
بۇنداقلار نىڭ تويدىن بۇرۇنقى بىر -بىرىنى تەسىرلەندۈرگىنى پەقەت رۇمانتىك تۇيغۇ بولغانلىقتىن ، تويدىن كېيىن ئائىلىدە بۇ خىل تۇيغۇنىڭ سۇسلىشىشى بىلەن بۇنداق نىكاھتىمۇ مەسىلە كۆرۈنىدۇ .
3. باشقىلارنى كونترول قىلىش ئىستىكى يۇقۇرىلار .بۇنداقلار توي قىلغاندىن كېيىن ، قارشى تەرەپنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالغاندا ، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشى بىلەن قارشى تەرەپنىڭ بىزارلىقىنى قوزغايدۇ .
4. بەك رېئال كىشىلەر . بۇنداقلار بىر -بىرىنىڭ ئائىلىسى ، ئورنى ، مال -دۇنياسى قاتارلىق تاشقى شەرت -شارائىتلىرىغا قىزىقىپ ، توي قىلغاندىن كېيىن ، بىر -بىرىدىن ئاسانلا زېرىكىپ قالىدۇ .
5.مەنپەئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھ . بۇ خىل نىكاھتا شۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ قانائەت تېپىشى بىلەنلا نىكاھمۇ تەۋرەپ قالىدۇ .
6. بىر تەرەپكە ھەددىدىن زىيادە قۇربانلىق بەرگەنلەر . چۈنكى بۇنداقلار قارشى تەرەپكە بېسىم پەيدا قىلىپ قۇيىدۇ .



  مېھرىيە يازمىسى

https://uyghur-archive.com/misranim/thread-127883-1-1.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehriya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 07:11 PM  


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 08:55:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق تېمىكەن ، سىزگە رەھمەت .

بۇ ئىشلار نەۋرە ئاكامنىڭ ئىشى بىلەن ئوخشاشكەن ،  ئۇنىڭ پۇلىنى ، ماشنىسىنى دەپ بىر ئايال ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاستىن -ئۈستىن قىلىۋەتتى .
ئاخىرى قانداق بۇلاركىن بۇ ئىشلارنىڭ ؟.

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105350
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 204
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2014-3-26
ئاخىرقى: 2014-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 09:01:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزمۇنلۇق تېمىكەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 09:47:11 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ئەسەردىكىدەك ھارىمىلار ئۆزىنى ، ئائىلىسىنى ، خوتۇن - باللىرنى ۋەيران قىلدۇ ، نىمانداق كۆپ ئاجىرشىدىغانلار ، قوڭنى قىسىپ يۈرمەي ،  ،  ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103628
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1616
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2014-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 09:49:17 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 08:55 PM
ھەقىقەتەن مەزمۇنلۇق تېمىكەن ، سىزگە رەھمەت .

بۇ ئىشلار ...

گېپىڭىزچە بارلىق گۇناھ ھېلىقى ئايالدىكەن ، نەۋرە ئاكىڭىز سۈتتىن ئاق ، سېغىزخاندىن ساقكەن ، ، ،

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108576
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 09:59:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 09:59:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق تىمىلاردا «ياخشى كۆرۈش »دىگەن سۆز تىزەككە قىزىل گۈل ياراشمىغاندەك ياراشمايدۇ دىسە، ھىلىقى نىكاھسىز  بالا تۇغۇلامدىكەن ، بىر دوستۇم بىر كۈنى «ھارامدىن بولغانلار باشلىق بولىدۇ» دەپ قىزىقچىلىق قىلىۋاتقان. ھە بوپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagdowlat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-7 10:00 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 10:21:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجراشماڭلار ئاتا ئانىلار،
يىتىم بولمىسۇن ئوماق بالىلار.

ھەي ئاتا ئانىلار؛!مۇھەببەت ئوتىدا ئىرىپ، پەرزەنت دانىكاسادا يەملىشىپ كىتىڭلار.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 10:47:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسىگە، خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن.ھەربىر قەدەمنى قاتتىق ئويلىشىپ باسمىسا،نۇرغۇن ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىقىدۇ ،بىز بىلەنلام كەتسە مەيلى بىراق بىچچارە بالىلارغا نىمە كۈن دەڭلار.............................

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100265
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-1-14
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 11:26:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 10:47 PM
ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ ئائىلىسىگە، خاتىرجەملىك ئات ...

ئامىن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش