رۇبائىيلار
بىراۋنىڭ ئەيبىنى تاپساڭ تېرىقتەك،
دومۇلتۇپ توشۇيسەن قىلىپ قاپاقتەك،
بولساڭمۇ بېشىدا گۈلتاج ناداننىڭ،
سانايدۇ دانالار سېنى شاكالدەك.
تېزىتىپ تېرىقتەك يېقىنلىرىڭنى،
سانىدىڭ خىسلەت دەپ چېقىمچىلىقنى،
‹ئۇيغۇر›نىڭ مەنىسى ‹ئۇيۇشماق› بىلسەڭ،
تۈزەتكىن بىزگە يات ئىللەتلىرىڭنى.
يۈرمىگىن سەن ئەبەد ھەشقىپىچەكتەك،
ئۇچمىغىن شامالدا گويا مامكاپتەك،
كىرپىدەك تۈگۈلۈپ كەتمەي جۇدۇندا،
ياشىمامسەن مەغرۇر قار لەيلىسىدەك.
شالداقشىپ تۆكۈلەر يېرىم چىلەك سۇ،
ۋاقاقلار بىر تۇخۇم تۇغسا توخۇمۇ،
تېپىلماس دانادىن ئۇنداق «خىسلەتلەر»،
تاغ ئۆرۈپ،چۆللەرنى بوستان قىلسىمۇ.
مەن ساڭا سادىق دەپ ئېقىتىپ شۆلگەي،
بىر ھازا قەسەملەر ئەيلىدىڭ تالماي،
ئۆتمەستىن دەقىقە، كەلگەندە مەنپەت ،
سۇۋىدىڭ يۈزۈمگە قىزارماستىن لاي.
سۇ بولمىسا بولماس پاكىزلىق،
سۇ بولمىسا بولماس ھاياتلىق،
ئىنسان ئۈچۈن گويا بىلىممۇ،
تەشنا دىلغا سۇدىن زەپ تاتلىق.
بۇ دۇنياكەن سىناق مەيدانى،
سىنىلاركەن ئىنسان ھەر كۈنى،
بەزىلەرنى سىنسا ھوقۇقتا،
بەزىلەرگە بىرىپ پۇل،مالنى.
چىكەڭدىن تەر ئاقمىسا ئەركەم،
ئېغزىڭغا ئاش تېتىيدۇ بەتتەم،
مۇھەببەت چۈش سەن ئۈچۈن بىلسەڭ،
كار قىلماس ئۇنىڭغا بەرسەڭمۇ قەسەم.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيتىم
(چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-7 08:33 PM