مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4709|ئىنكاس: 28

ماندار ھەققىدە ھېكايە قاراڭغۇدىن قورقسىڭىز ئوقۇماڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 01:03:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماندار ھەققىدە ھېكايە

مۇئەللىپ-ئابدۇللا سالامەت قاشتېكىن


نىمىشقىكىن، كىچىكىمىزدە ئوقۇيدىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلىرىمىزنىڭ چىتەنلىرى دىگۈدەك ماندارلىق ياكى قويۇق ماندار ياماشقان باراقسان جىگدىلىك ئىدى. بولۇپمۇ، كەچكۈز پەسىللىرى ماندار توزۇندىلىرى شامالدا توزغاقتەك ئەتراپقا تاراپ ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ كېتەتتى، لېكىن، ماندار يېنىدىن نەچچە ئون قەدەم نېرى مېڭىپ ئۆتسەكمۇ ئىختىيارسىز تېنىمىز شۈركىنىپ بىئارام بولاتتۇق.
-جىنلارنىڭ چوڭلىرى ئۆزى ئۇۋىلىماقچى بولغان يەرگە ئاۋۋال ماندارنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ ئاندىن ئۇيەرنى ماكان تۇتۇپ بالا-چاقا، نەۋرە-چەۋرىلىرىنى ئۇرۇنلاشتۇرارمىش،-دەپ رىۋايەت قىلىشاتتى چوڭلار،-بالىلىرىم، ماندارغا يېقىن بارماڭلار، بولمىسا توكۇر جىن يامىشىۋالىدۇ…
-جىن يامىشىۋالسا قانداق بولىدۇ؟-دەپ سورايتتۇق بىز ئۇنىڭدىن.
-توكۇرجىن يامىشىۋالسا پۇتى باسماس، قولى تۇتماس بولۇپ قالىدۇ، -دورا چىشلىمەس كېسەل بولۇپ قالىدۇ.
-جىنلارنىڭمۇ توكۇرى بولامدۇ؟
-شۇنداق. ئەگەردە باشلىق جىنغا ئۇچراپ قالساڭ تېخىمۇ چاتاق، ئۇ سېنى كۆتىرىپلا ئاسمانغا ئاچىقىپ كېتىدۇ.
-ئۇيەردە نىمە ئىش بولىدۇ؟
-ئۇلارساڭا ئۆزلىرى يەيدىغان نەرسىلەرنى يىگۈزىدۇ.
-ئۇلار نىمە يەيدۇ؟
-ئۇلار ئادەم يىمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى يەيدۇ.
-ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار ئادەمگە يىگۈزەمدۇ؟
-يىگۈزىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ تىلىنى ۋە ئىلمىنى ئۈگىتىدۇ.
-نىمە ئىلىم ئۇ؟
-ئۇنى بىر خۇدا بىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئادەم مەھەللىسىگە قايتىپ كېلىپ جىن موللىسى بولىدۇ.
-جىن موللىسى دىگەن نىمە ئش قىلىدۇ؟
-پالچى بولىدۇ.
-پالچىنىڭ گېپى راست چىقامدۇ؟
-ئۇنى بىرخۇدا بىلىدۇ، ‹پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە› دەيدىغان بىر گەپ بار…
بۇنداق پاراڭلارنى ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ چوڭلاردىن ئاشۇنداق ئاڭلاپ ھەم ئىشىنىپ كەلگەن. شۇڭا، بۇخىل پاراڭلار ئەقلىمىزنى بىلگەندىن تارتىپ كاللىمىزغا قۇيۇلۇپ كەتكەن. شۇڭىمىكىن، نەدىدۇر بىرەر تۈپ دەرەختە ماندار بولسا ئۇنىڭدىن توققۇز قەدەم ئەگىپ ئۆتۈپ كۈنگەنمەن. لېكىن، نەگىلا بارمايلى، مەكتەپنىڭ ئىچى-تېشىدا جىگدە، تېرەكلەرگە يامىشىپ باراقسانلىشىپ كەتكەن قويۇق ماندارلار ئۇچراپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپنىڭ باغلىرىنى چىتانلاش، چىتانلىرىنى چىڭىتىش دىگەندەك مەكتەپ ئەمگەكلىرى قەدەمدە چىقىپ تۇراتتى، ئاشۇ ئەمگەكلەر داۋامىدا ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرگۈدەك كېلەڭسىز ماندارلار ياماشقان جىگدىلەرنىڭ شاخلىرىنى كېسىش-توشۇشقا، چىتەنلەرنى باغىنىلاشقا ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىشقا توغرا كېلىپ قالاتتى…
    باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىز ئىدى، بىر قېتىم بالىلار بايرىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن مەكتىپىمىز خوشنا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە باردۇق، بايرام تۈگىمەيلا قارا بوران چىقىپ كېتىپ قاچ-قاچ بولۇپ قايتىپ كەلدۇق، شۇيەردىن فاتىمە ئىسىملىك بىر ساۋاقدىشىمىز يۇقاپ كېتىپ ئۆزى كەلدىمۇ ياكى باشقىلار ئەكەلدىمۇ، ئىشقىلىپ، سەككىز كۈندە قايتىپ كەلگەن ئىدى.
  ئاشۇ بايرام كۈنى ئويۇن كۆرسىتىش نۆۋىتىنى كۈتۈپ خوشنا كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ سايىسىز مەيدانىدا قاقلىنىپ ئولتۇراتتۇق، مەن بالىلار بايرىمىدا تەنھەرىكەت مەيدانىغا كىرەلىگەن ئەمەسمەن، چۈنكى، مەن خېلى بىرچاغلارغىچە ئوڭ قولۇم بىلەن سول قولۇمنى پەرق ئېتەلمىگەن، شۇڭىمۇ، مارشقا دەسسىيەلمەيتتىم، «ئوڭغا ئۆرۈلۈپ مارش» دىسە سولغا ئۆرۈلۈپ تەرتىپنى بۇزۇپ سالاتتىم، بۇچاغدا باشقا ئوقۇغۇچىلار پاراقلاپ كۈلۈشۈپ كېتەتتى، ئوقۇتقۇچىلار ماڭا ئۇنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۈگىتىش  ئۈچۈن ئىككى قولۇمغا ئىككى خىل يىپ چېگىپ ، ئۇمۇ ئاقمىغاندا ئىككى قولۇمغا ئىككى خىل رەڭ سۈركەپ دىگەندەك ماڭا قىلمىغىنى قالمىغان ئىدى، مەيلى يىپ چەگسۇن ياكى رەڭ سۈركىسۇن مەن ئۇنى ھەرقانچە پىششىق يادلىغىنىم بىلەن سەپكە چۈشكەندە مارش بۇيرۇقىنى ئاڭلىغان ھامان ئۇنتۇپ قالاتتىم، ئاندىن ئىككى قولۇمغا قاراپ ماۋۇ پالانچى قولۇم ئىكەن دەپ بولغىچە سەپنىڭ بۇزۇلىدىغىنى بۇزۇلۇپ بولاتتى. ئاخىرى ئامالسىز مېنى بايرامدا تەنھەرىكەت پائالىيىتىگە  تەييارلىق قىلىدىغان بالىلارغا سۇ تۇشۇش ۋەزىپىسىنى ئارتقان ئىدى، شۇچاغدا مەكتەپتىن بىر ئاش پىشىم يىراقتا كەتمەن ۋە گۈرجەكلەر بىلەن كولانغان ئىپتىدائىي بىر قۇدۇق بارئىدى، مەكتەپتە ماڭا ئوخشاش لەقۋادىن يەنە بىرى بارئىدى، ئىككىمىز چىلەكنىڭ تۇتقۇچىغا بىر بالداقنى ئۆتكۈزۈپ ئاشۇ قۇدۇقتىن بالىلارغا سۇتوشۇپ ئۈلگۈرەتتۇق. ھېلىقى قۇدۇقتىن سۇ ئەكىلىشمۇ كۈڭۈللۈك ئىدى، بەزىدە قۇدۇقتىن سىزمان چىقىپ ئۈلگۈرمىسە ئۇنى كۈتۈپ ئۇيەردە ئولتۇرۇپ ئۇبدانلا دەم ئېلىۋالاتتۇق. ھېلىقى لەقۋا ھەريىلى ئالمىشىپ تۇراتتى، لېكىن، مەن ئالماشمايتتىم، مەن بۇئىشنى ھەريىلى بىجاندىل ئۇرۇنلايتتىم، لېكىن، بايرام كۈنى مېنىڭ سۇ تۇشۇشۇمنىڭ ھاجىتى قالمايتتى. بۇ قېتىممۇ ھېلىقى مەكتەپتە مۇئەللىملەر ماڭا ئالاھىدە كۆز-قولاق بولۇپ بەلگىلەنگەن جايدا مۇقىم ئولتۇرغۇزدى. چۈنكى، مەن تاساددىپىي ئېزىپ قالسام چاتاقنىڭ چوڭى چىقاتتى، چۈنكى، شۇچاغلاردا دادام مۇشۇ كەنت تەۋە رايۇنغا مەسئۇل باشلىق ئىدى، شۇڭلاشقىمۇ مۇئەللىملەر مېنىڭ چىشىمغا تېگىپ قويسا ياكى ئاشۇ يەردە مەن تاساددىپىي يوقاپ كېتىپ قالسام ئۇلار دادامنىڭ ئالدىدا تىرناق تاتىلاپ قېلىشتىن قورقاتتى، دادامنىڭ ئاچچىقى بەك يامان ئىدى،… شۇ چاغلاردا مېنىڭ كاللاممۇ ئانچە بەك سۈزۈك ئەمەسمىدىكىن دەيمەن.
ئاشۇ چاغدا پىژ-پىژ ئاپتاپلىق ھاۋا بىردەمدىلا بۇلۇتلاندى، ھاۋانىڭ سالقىنلىشى ھەممىمىزگە ياققىنى بىلەن بىردەمدىلا قاپقارا تۇمان ئاسماننى بىرئالدى، قاتتىق بوران ھۇشقىيتىپ جاھاننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى. مۇئەللىملەر ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپلار بۇيىچە ئۇلاش-چۇلاش يوقلىما قىلىپ ئاندىن مەھەللىگە يول ئالدۇق، بىز بىر-بىرىمىزنى يېتىلىشىپ ناھايتى ئۇزۇن مېڭىپ ھېرىپ-ئېچىپ دىگەندە مەكتىپىمىزگە ئاران كېلىۋالدۇق، «چىقاردا چىقماق، چۈشەردە چىچماق»دىگەندەك، ئەتىگەندە بايرامنىڭ خوشلۇقىدا سەكرىشىپ يۈرۈپ بىردەمدىلا بېرىپ بولغان بىلەن بۇ قارا بوراندا يېنىپ كەلمەك تازا تەسكە چۈشتى. ئەپسۇسكى، مەكتەپتىكى يوقلىمىدا فاتىمە يوق بولۇپ چىقتى، ‹بەلكىم تۇغقانلىرىنىڭ ئۈيىگە كېتىپ قالغاندۇر› دىگەن ئوي بىلەن ھەممىمىز ئۆيىمىزگە قايتىشتۇق، بىزنى ئالغىلى ئاتا-ئانىلىرىمىز ئەزەلدىن بىرەر قېتىممۇ مەكتەپلەرگە كېلىپ قويۇشمايتتى، ئەمما شۇ كۈنى ھەممىمىزنىڭ ئاتا-ئانىسى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسى تۈۋىدە بالىلىرىنى ساقلاپ تۇرۇشۇپتۇ، پەقەت شۇ فاتىمەنىڭ دادىسى، ئېنىقىنى دىسەك، بوۋىسىلا ئۇنى خوشنىسىغا ھاۋالە قىلغان ئىكەن.
  نەۋرىسىنىڭ يوقاپ كەتكىنىنى ئۇققان بوۋاي كېسەل ياتقان يېرىدىن چاچراپ تۇرۇپ نەۋرىسىنى ئىزلەپ مېڭىپتۇ، مەھەللىدىن سىرتقى كەنتكە بېرىشتا شۇ چاغلاردا ئۆتمىسە بولمايدىغان قىرىق-ئەللىك موچە كېلىدىغان بىر تەبىئىي توغراقلىق بولىدىغان، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ئاسمانپەلەك ئىگىز دۆڭدىن شامالدا كولىنىپ كەتكەن چوڭقۇر ئويمانلارغا چۈشۈپ ئاندىن يەنە ئىگىز دۆڭلەرگە چىقىپ دىگەندەك ماڭىدىغان ئىگىز-پەس كاتاڭ يوللار بولىدىغان ، بوۋاي ئاشۇ توغراقلىق ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا بېشى بىر قايغاندەك بولۇپ كۆڭلى ئېلىشىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ نەگە، نىمىشقا كېتىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قاپتۇ، پەقەت ‹مەن بازاردىن كەچ قالدىم، ئۆيۈمگە بېرىۋالسام بولاتتى› دىگەننىلا ئويلىغانمىش. بوران قاتتىق چىقىۋاتقاچقا، چېغىريول نەدە، توغراقلىق نەدە ھېچنىمىنى پەرق ئېتەلمەپتۇ، ئاشۇنداق كېتىۋاتسا ئۇنىڭ ئالدىغا بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن مەھەللە يىڭى قۇرۇلۇپ سىرتتىن ئائىلىلەر كۆچۈرۈلۈپ ئاشخانىلاشتۇرۇلغاندا بوۋاي بىلەن ھېلىقى چوشقىلارنىڭ يېمىنىڭ ئوغرىلىنىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن قاراۋۇللۇق قىلىدىغان تۆت كۆزلۈك قارا ئىت پەيدا بولۇپتۇدەك، بوۋاي قارابوراندا ھېچنىمىنى پەرق ئېتەلمەپتۇ، پەقەت ‹مۇشۇ ئىت ئازمايدۇ، ئۇ چوقۇم ماخوغا ماڭدى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگەشسەم ئۆينى تېپىپ بارالايمەن، چوشقا ئېغىلىنىلا تېپىۋالسام ئۆيۈمنى تاپتىم دىگەن گەپ› دەپلا ئويلىيالىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھېلىقى ئىتقا ئەگىشىپ مېڭىۋېرىپتۇ، ھېلىقى ئىتمۇ ئۇنىڭ ئالدىدا مېڭىۋېرىپتۇ، شۇنداق قىلىپ بوۋاي قارابوراندا بىركېچە خۇددى بايخانغا قاتقان كالىدەك ئىتنىڭ كەينىدىن مېڭىپ مەلۇم بىر دائىرە ئىچىدە چۆرگىلەۋېرىپتۇ، چۆرگىلەۋېرىپتۇ، بۇران توختاپ، ئارقىدىن تاڭمۇ سۈزۈلۈشكە باشلاپتۇ، بۇۋاي نەدىندۇر ئەزان ئاۋازى ئاڭلانغاندا ئاندىن ئۆزىنى ھېلىقى توغراقلىققا ئۇلاشقان دۆڭلۈكنىڭ يانباغرىدىكى ئۆستەڭگە يېقىن يەردىكى دۆڭنىڭ ئوتتۇرىسىدا يالغۇزغىنە كۆكلەپ تۇرغان بىرتۈپ جىنلىق تېرەكنىڭ تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان ھالەتتە كۈرۈپتۇ، ئويغىنىپ قارىسا ئادەمسىز دۆڭلۈكتە ئۆزى يالغۇز ياتقۇدەك، ئۇ كۆزىنى ئۇۋىلاپ ئۇرنىدىن تۇرۇپتۇ، شۇچاغدىلا ئۇ ئۆزىنىڭ ئاخشام ئۆيدىن نىمە دەپ چىققىنى، كېچىچە كەينىدىن سوكۇلداپ ماڭغان ھېلىقى تۆت كۆزلۈك قارا ئىت، قاچاندۇر ئۇ نىمىلەردىندۇر قورقۇپ كەتكەندە قولىنى كانايچە قىلىپ مومىيىنى چاقىرىپ ‹سۇدىخان، ھوي سۇدىخان، نەدىسەن! مېنى ئۆيگە ئەكەتكىن!› دەپ توۋلاپ ھۇ تارتىپ يىغلاپ كەتكىنىنى ئېسىگە ئاپتۇ. ئورنىدىن تۇرسا كالپۇكلىرى قىچىشىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپتۇ، سىلاپ باقسا لىققىدە قورقاق چىقىپ كېتىپتۇ، ئۇ ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ شۇياتقانچە خېلى ئۇزۇندا ساقىيىپ قوپقان ئىكەن.
  فاتىمە بولسا مەكتەپتىكىلەر ئۇنى تەرەپ-تەرەپلەردىن ئىزلەپ تاپالماي، ھېلىقى بوۋاي بىلەن موماي ، ئاندىن فاتىمەنىڭ تۇل ئانىسى مەكتەپكە كېلىپ ئوڭ-تەتۈر يىغلاپ:‹بالىمىزنى تېپىپ بەر!› دەپ مەكتەپنى بېشىغا كىيىپ مۇئەللىملەرنى چاشقان تۈشۈكى ساراي قىلىۋەتكەن بىرچاغدا ئۆزى لىككىدە پەيدا بولۇپ قالدى.
بىرەر ھەپتىلەردىن كېيىن مەھەللىگە قايتىپ كەلگەن فاتىمە ھېلىقى بايرام كۈنى بوراندا ئېزىپ قالغانلىقىنى، يىغلاپ كېتىپ بارسا ئۇنىڭغا نەچچە يىل بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن بىرھاممىسىنىڭ يۇلۇقۇپ قېلىپ ئۇنى ئۆيىگە ئەكەتمەكچى بولغىنىنى ، ئەمەلىيەتتە ، ئۇ ھاممىسىنىڭ ئۈيىگە ئەمەس نەگىدۇر بېرىپ قالغانلىقىنى ، ئۇبارغان جايلاردا مۇشۇ مەكتەپنىڭ باغلىرىنىڭ ئەتراپىدىكىگە ئوخشاش قۇيۇق ماندارلارنىڭ بارلىقىنى، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ھەرخىل ئىسىل تائاملارنى بەرگەنلىكىنى،  بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ «ئۆيۈمگە كېتىمەن، ئاتا-ئانامنى كۆرگۈم كەلدى» دەپ يىغلاپ تۇرۇۋالغاچقا ئۇلارنىڭ ئۇنى ھايت-ھۇيت دىگۈچىلا ھېلىقى ئۇنى ئەكەتكەن دوقمۇشقا ئەكىىلىپ قويغانلىقىنى ئۇرۇق-تۇغقان، خولۇم-  خوشنىلىرىغا ھېكايە قىلىپ بەرگەنمىش. ئۇنىڭ گېپىچە، ئۇلارنىڭ ئوچاقلىرى، قازان-قاچىلىرىنىڭ ھەممىسى سېغىزدىنمىش، يىمەكلىرىنىڭ كۆپى سېغىزدىنمىش، ئۇ ئۇيەردە يىگەن تاماقلارنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ ھەتتا، مەنمۇ «توۋۋا» دەپ ياقامنى چىشلىگەن ئىدىم . ئەمما، ئۇنى ناھىيە مەركىزىگە توقسان نەچچە كېلومېتىر كېلىدىغان بىريېزىنىڭ يېزا مەركىزىدىن مانچە ئون كىلومېتر يىراقلىقتىكى چەتكىنە بىر كەنتىدىكى بىرقەدىمىي شىھىتلىكتىن بايقىلىپ يېزا ساقچىخانىسىغا  كەلتۈرۈلۈپ ‹سەن تۇرۇشلۇق كەنتىڭنىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن؟ كەنت سېكرىتارىنىڭ ئىسمىنى بىلەمسەن؟ › دىگەندەك سوئاللارنى سوراۋاتقاندا ئوقىز ئۇ سوئاللارغا تەمتىرىمەي جاۋاب بېرىۋېتىپ:
-مەن تېخى بىزنىڭ يېزىنىڭ شۇجىسى بىلەن بىر مەھەللىدىن، ئۇ كىشىنىڭ ئىسمى پالانچى،-دەپ قىلغان توغرا جاۋابلىق بىرجۈملە سۈزى بىلەن ھۈكۈمەت ئورگانلىرى ئارقىلىق قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى بىلگەنلەر ئانچە كۆپ ئەمەس، ساقچىلارمۇ بۇ قىزنىڭ شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ بۇيەرگە كېلىپ بۇلالىغانلىقىدىن ھەيران قالغانمىش، بۇمەسىلە توغرىسىدىكى سورالمىلارغا خۇلۇم-خوشنىلىرىغا دەپ بەرگىنىدەك قىلغان تاقا-تۇقا گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ھەيران قالغانمىش. ئۇنى ساراڭمىكىن دىسە باياتىن قىلغان گەپلىرى راست تۇرغان، ئوڭمىكىن دىسە كېيىن قىلغان گەپلىرى بىرقىسمىلا تۇرغان...
شۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلارمۇ فاتىمەگە بىرقىسمىلا قارايدىغان، مەكتەپكە كەلسە-كەلمىسە كارى بولمايدىغان، ئۇنىڭدىن سۇئال سورىمايدىغان، ئۇنىڭدىن تاپشۇرۇق سۈرۈشتۈرمەيدىغان، ئۈگىنىش قىلىشنى تەلەپ قىلمايدىغان، بالىلارمۇ ئۇنى ئۆزىنىڭ ئويۇنىغا قېتىۋالمايدىغان، قىسقىسى، ئۇنىڭدىن ھەممە ئادەم قورقىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى...  فاتىمە يالغۇز ئوينايتتى، باشقىىلار بىلەن ئارىلاشمايتتى، ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەپ، بەزىدە ئۆز-ئۆزىچە قاھ-قاھلاپ كۈلۈپ  يۈرەتتى... ئۇنىڭ بۇ قىلىقى باشقىلارنى تېخىمۇ ئۈركۈتەتتى.
بىرچاغلاردا خوشنا كەنت مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان دادامنىڭ ئىنىسىنىڭ ئوغلى مەكتىپىنىڭ بېغىدا ئەمگەك قىلىۋېتىپ كۆزىگە بىرنەرسە تېگىپ كەتكەندەك بوپتۇ، شۇ باناھ بىلەن ئۇ كۆزىنى ئاچالماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتىكىلەر ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا خەۋەر قىلىپتۇ. ئىككى تەرەپ ‹بۇ مەسئۇلىيەتكە كىم ئىگە › دىگەننى تالاشقاچ يېزا دۇختۇرخانىسىغا، ئاندىن ناھىيىلىك دۇختۇرخانىغا يۆتكەپتۇ، ئۇلار ئاشۇنداق تالىشىپ يۈرۈپ سىنىپ مۇدىرىدىن بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ بىرەريىللىق ئش ھەققىگە تەڭ كەلگۈدەك كۆپ تۈلەم ئالدى، لېكىن بالا ئۈچىنچى دەرىجىلىك مېيىپ بولۇپ بىركۆزى بىلەن دۇختۇرخانىدىن چىقتى. بۇئىشقا نەدىدۇر بىر جىن موللىسى پال ئېچىپ بېقىپ ‹دۆي پىرلىرىنىڭ ھەلقە سورۇنىغا دەسسەپ سالغان ئىكەن› دەپ پەتىۋا بەرگەنمىش. بۇگەپنى ئاڭلاپ ئۆزەمچە ‹توۋۋا، بۇنىمە گەپتۇر! ئۇلار مەكتەپنىڭ بېغىدا راست بارمىدۇ؟› دەپ قورقۇپ قالدىم. دىمىسىمۇ چوڭلارنىڭ  «مەكتەپلەر دىگەن ئىلگىرى قىزىل قوغدىغۇچىلار تەرىپىدىن تۈزلىۋېتىلگەن قەبرىستانلارنىڭ ئۇرنىغا سېلىنغان، شۇڭا، مەكتەپ دىگەننىڭ ھەممە يېرى جىنلىق بولىدۇ، مەكتەپ دىگەندە قالايمىغان يۈگۈرۈپ يۈرسەڭلار، ئۇدۇل كەلگەن يەرگەن يەرگە تۈكۈرۈپ، ئۈرە تۇرۇپ سىيىپ يۈرسەڭلار ئۇ يەرلەر ناۋادا جىنلارنىڭ ھەلقە سورۇنى بولۇپ قالسا، سىلەرگە  توكۇر جىن ئاپىتىنى سالىدۇ. بولۇپمۇ، ماندارلىققا يېقىن بارماڭلار» دىگەندەك ئەپقاچتى گەپلىرىمۇ بىزگە خېلى يېتەرلىك ئىدى. شۇندىن كېيىن مەكتەپنىڭ ئاشۇ ماندارلىق باغلىرىغا قاراشتىنمۇ ئەيمىنىدىغان، مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسىدا ئۈرە تۇرۇپ سىيمەيدىغان، مەكتەپنىڭ باغلىرىغا قالايمىقان چوڭ تاھارەت قىلمايدىغان، ھېلىقى ماندارلىق جىگدىلەرگە ئىلگىرىكىدەك كالتەك ئېتىپ جىگدە تىرىپ يىمەيدىغان بولدۇم…
باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئۆيدە نەچچە ئاي قوي باقتىم. شۇچاغدا ئۈيىمىز بەك چەت ئىدى، ئۆيدىن سىرتقى جايلارغا بېرىشتا پەقەتلا ئۆيدىكى ئېشەك ھارۋىسىغىلا تايىناتتۇق، دادامنىڭ بولسا يېزىدىن ئېلىپ بەرگەن «كەپتەر» ماركىلىق بىر ۋەلىسپىتى بارئىدى. لېكىن يوللارنىڭ كۆپ قىسمى يۇمشاق توپىلىق يول بولۇپ پەقەت ئاز قىسمىدىلا ۋەلىسپىتلىك ماڭغىلى بولاتتى. ئۇچاغلاردا يۇرتتا ساناقلىق كىشىلەرنىڭلا ۋەلىسپىتى بار ئىدى. مەنمۇ ۋەلىسپىت مىنىشنى بەك ئارزۇ قىلاتتىم، گەرچە دادامنىڭ ۋەلىسپىتى بولسىمۇ مەھەللىدە مىنىشنى ئۈگىنىشكە ئىمكان يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆيدىن چىقىپ تۆت-بەش كېلومېترچە يېتىلەپ ماڭغاندا ئاندىن ۋەلىسپىت مىنىشكە بولىدىغان شورلۇق يولغا چىققىلى بولاتتى. شۇڭا كۆپ ھاللاردا دادام ھېلىقى مەن ئامراق ۋەلىسپىتىنى ئۆيگە ئەكەلمەيتتى، دادام ئۇنى ئۆيگە ئەكەلگەندە بولسا مەن خېلى يىراققا دادامنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنى قولىدىن ئېلىپ يېتىلەپ ئەكىلەتتىم. شۇچاغلاردا مەن ۋەلىسپىتنى بىردەم بولسىمۇ يېتىلىۋالغىنىمدىن بەك خوش بولاتتىم. مېنىڭ ئۆيدە قويلارنى سىرتتا بېقىش، ئېتىزدىن بىدە، ئوت-چۆپ ئورۇپ كېلىپ  قوي، كالا، ئېشەكلەرگە بېرش، ئۇلارنى سۇغىرىش دىگەندەك ئىشلار بىلەن زادى خوشۇم يوق ئىدى، خوشۇم يوق بولغانسىرى شۇ ئىشلار ماڭىلا چاپلىشىۋالاتتى. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىمدا مەكتەپتىن كېلىپ قوي بېقىش ۋەزىپىسى زىممىمگە چېگىپ قويۇلغىنى ئۈچۈن شۇ ئىشتىن قېچىپ بولسىمۇ ئامال قىلىپ ئۆيگە كېچىكىپ كېلىشكە ئۇرۇناتتىم. كۆپىنچە ئەتتىگىنى مەكتەپكە زورۇقۇپ كېچىكىپ باراتتىم، شۇنىڭ بىلەن مۇئەللىم مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە كېچىككەنلەر قاتارىدا مېنىمۇ ئېپقېلىپ بىرمۇنچە ئۈگىنىشكە سالاتتى. مەن بىردەم بولسىمۇ قوي بېقىشتىن قۇتۇلغىنىمدىن خوش ئىدىم. لېكىن، ئۆيگىمۇ كېچىكىىپ قايتىۋەرگەنلىكتىن تولا ھاللاردا ئانامدىن تاياق يەيتتىم. بەزىدە تېخى ئانام دادمغا چاقاتتى، ئۇنداق چاغلاردا دادام بىزنى قومۇش پۈپۈكى، پاسار ياغىچى  دىگەدەك نەرسىلەرنى ئېلىپ توۋلاپ ئۇرۇپ دىگەندەك ئەدەبلەيتتى، لېكىن داۋاملىق ئۇنداق ئاسان بولۇۋەرمەيتتى، بەزىدە مەكتەپتىن ھېرىپ-ئېچىپ ئاران ئۆيگە كەلسەم بىرچۈمۈچ سوغۇق سۇ ئىچىشنىڭ ئورنىغا دادام نەدىندۇر تېپىپ ئەكىلىپ سوپىدىكى بورىنىڭ ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان يۇلغۇننىڭ ياكى تېرەكنىڭ چىۋىقلىرى بىلەن مېنى «نىمىشقا مەكتەپتىن پات كېلىپ بۇچاغقا قوينى بېقىپ تۇيغۇزۇپ بولمايسەن؟ پالانچىنىڭ قىزى مەكتەپتىن كېلىپ قوي چىقىرىپ كەتكىلى نەۋاق؟ دەپ ئاۋايلىماي سالاتتى. ئۇنداق چاغلاردا ئاچقان قورسىقىمنى تاياق بىلەن تويغۇزۇپ قوينى ھەيدەپ يىغلىغاچ نەگىدۇر ماڭاتتىم ۋە كەچقۇرۇپ كېلىپ قوينى ئېغىلغا سولاپ قويۇپلا ئۆيگە كىرىپ تامغا يۈلىنىپ ئولتۇرغان پېتى ئۇخلاپ قالاتتىم. ئانام نەدىندۇر كېلىپ تاماق پىشۇرۇپ بولغىچە كېچە بىرچاغ بولاتتى. ئانام مېى ئويغىتىپ تاماق يېيىشنى تاپىلىغاندا مەن نىمە يىگىنىمنىمۇ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۇيقۇلۇق ھالدا تاماق يەيتتىم، تاماق يەپ تۇرۇپ يەنە ئوخلاپ قالاتتىم. مەكتەپكىمۇ تولا كېچىكىۋەرگەنلىكتىن مۇئەللىم مېنى «كەنجى» دەپ ئاتايدىغان بولدى، بۇ سۆز ماڭا لەقەم بولۇپ تاكى مەن شۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە چاپلىشىپ يۈردى. مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن مەندىن ئىككى يىل كېيىن ئوقۇيدىغان ئىنىممۇ ئۆزىچە مەكتەپتىن يېنىۋالدى، دادام مۇئەللىملەر بىلەن سۆزلەشكەن ئوخشايدۇ، ئۇنى ھېچكىم ئىزلەپمۇ قويمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۆيدە ئىككىمىز قوي بېقىش، كالا، ئېشەكلەرگە يەم بېرىش دىگەن ئىشلارنى ئۈلۈشۈۋالغان بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە جىدەل قۇرۇمايدىغان بولدى. ئىنىم ھۇرۇن ھەم ئۆكتەم ئىدى،ئۇ ھەمىشە ئىش ۋاقتىدا يوتقانغا كىرىپ كېسەل بولۇپ قالدىم دەپ يېتىۋالاتتى. ئۆيدىكىلەرنىڭ قارىسى كۈرۈنگەن ھامان ‹مەن ئۇنى قىلدىمەي، بۇنى قىلدىمەي، ئاكام ئانداق ئەتتى، مانداق قىلدىيەي› دەپ دوكلاتنى ئاشۇرۇپ قىلىپ ئۇلارغا ئاۋۋال ياخشىچاق بولۇۋالاتتى. مېنى بولسا يامان ئاتلىق قىلىپ چاقاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۆيدىكىلەر ئاق-قارىنى سۈرۈشتۈرمەيلا مېنى ئەيىپلەپ كېتەتتى، كۆپ ھاللاردا مېنى ئۇراتتى. ھەمىشە ئۇنىڭغا بولۇشاتتى، كېيىنكى چاغلاردا ئۇ بارغانچە ئۆكتەم بولۇپ كەتتى. چۈنكى، مەيلى نىمە ئىش بولسۇن، ئۆيدىكىلەرنىڭ ‹ئوكاڭ كىچىك تۇرسا، يول قويساڭ بولمامدۇ؟ ئۇمۇ سەنچىلىك بولغىچە قىلىشنى ئۈگىنىدۇ تېخى، ئاقىلەي، كۆكىلەي...› دېگەندەك تەنقىدلىرىنى، بەزىدە ئىڭەك- مېڭەكلەرگە ئۇنىڭ كۆزىچىلا يەپ قويىدىغان «دورا» لارنى ئۆز كۈزى بىلەن كۈرۈپ ئۆز قولىقى بىلەن ئاڭلايتتى، ئۇنىڭ مىجەزىنى ئاتا-ئانام بىلسىمۇ ئۇنى تەنقىدلىمەيتتى. ئۇ   ئۆيدىكىلەرگە نىمىلا دىسۇن، ئۇنىڭ گېپى بىردە بىر خۇددى ئوكۇلدەك تىز يۈرەتتى، لېكىن، مېنىڭ ئادەتتىكىچە ئۆزۈمنى ئاقلاشلىرىممۇ ئوسۇرۇققا تەڭ بولاتتى. ئۇلار مېنىڭ ھەرقانداق بىر گېپىمگە پەرۋا قىلمايتتى. مانا شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆيدىن تازا زىرىكىپ تۇرغان بىر كۈنلەردە دادام مېنى ھېلىقى «كەپتەر» ماركىلىق ۋەلىسپىتىنىڭ كەينىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى.
ئاخشام ئوخلاۋېتىپ كەپتەرنىڭ ئۈنلەشلىرىگىمۇ، مۈشۈكنىڭ سەت  مىياۋلاشلىرىغىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە بىر ئاۋازدىن ئويغىنىپ كەتتىم، ئاۋاز تام مەش تەرەپتىن كېلەتتى، كېچە قاپقاراڭغۇ، مەن ئۆزۈمچە قورقۇپ كەتتىم، دەەرھال ئۇخلاپ قېلىشنىلا تىلىدىم، لېكىن، ئۇخلىيالمىدىم. پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك ئولاشتى، مېنىڭ يېنىمدىكى يوتقاندا چوڭ ئانامنىڭ ‹پۈف،پۈف› قىلىپ يېنىك خورەك تارتقان ئاۋازى، ئاندىن مېنىڭ يېنىمدا مەن بىلەن ياتقان بىر ئىنىمنىڭ رېتىملىق نەپەس ئېىپ ئۇخلاۋاتقان ئاۋازى ئاڭلىناتتى، لېكىن ھېلىقى ئاۋاز مېنى بارغانچە قورقۇتاتتى، ‹ئۆيگە جىن كىرىۋالغانمىدۇ؟› دىگەننىلا ئويلىيالايتتىم. مەن جىندىن بەك قورقاتتىم. شۇڭا مەنمۇ باشقىلاردەك ھېچنىمىنى تۇيماي ئوخلاپ قېلىشنى ئويلايتتىم، لېكىن، ئۇخلىيالمايۋاتاتتىم. شۈكرى، ھېلىقى ئاۋاز ئاستا-ئاستا بېسىقىپ قالدى، لېكىن، يەنىلا ئۇخلىيالمىدىم. قاچاندۇ دادامنىڭ پەس ئاۋازدا گوڭۇرلىغىنى ئاڭلاندى.مەن قولىقىمنى دىڭ تۇتۇپ ئۇ گەپلەرنى ئامال بار تولۇق ئاڭلىۋالماقچى بولاتتىم، لېكىن دادامنىڭ ئۈنى پەس ئىدى، دادامنىڭ ئانامغا دەپ بېرىشىچە، شۇ كۈنى يېزىلىق ھۈكۈمەتتە قانداقتۇر بىر يىغىن ئېچىلغان ئىكەن، يىغىندىن كېيىن دادام شۇجى باشلىق بىر نەچچەيلەن بىلەن بىللە يىغىن ئارىلىقىدىكى تاماق سورۇنىدا بىللە بولۇپ قاپتۇ، شۇ ئارىلىقتا شۇجى بالىلىرىنىڭ بىرىنىڭ قايسىبىر دارىلمۇئەللىمىندىكى، يەنە بىرىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىنىڭ ئالامەت ياخشىلىقى توغرىسىدا ماختىنىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن داداممۇ ‹غۇرا غۇرىنى كۆرسە ئالا بوپتۇ› دىگەندەك مېنىڭ گېپىمنى قىلىپ ئوقۇتماي قوي باققىلى سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شۇجى دادامنى ئەيىپلەپ كېتىپتۇ، ئاخىرى دادام مېنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش قارارىغا كەپتۇ. ئۇنىڭسىزمۇ ئۆيدە ئىنىم ئىككىيلەننىڭ جىدىلى ئۇلارنىڭ بېشىنى تازا ئاغرىتىۋاتقان ئىدى. ئانامممۇ ئۇنىڭ گېپىگە ئوشۇقچە قۇشۇق سالمىدى.
شۇنداق قىلىپ مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇپ قالدىم. ئۇ ۋاقىتلار ئون بىرىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ سوغۇق خېلى بولۇپ قالغان ئىدى، مەن بەك خوشال ئىدىم، چۈنكى، مەن ئەمدى قوي باقمايتتىم. مەكتەپ تۇرمۇشى خېلى كۈڭۈللۈك ئىدى. قانداقلا بولسۇن، جاڭگالدا پاشا- كۇمۇتىغا تالىنىپ قوي باققاندىن ياخشى ئىدى.
مەن بۇ يىڭى مەكتەپكە گەرچە ئوقۇش باشلاپ بىرەر-ئىككى ئايدىن كېيىن كەلگەن بولساممۇ لېكىن، تىزلا كۈنۈپ قالدىم. ئۇچاغلاردا بۇ مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا ياتاقتا ياتىدىغان بالىلارغا ئۈچ ۋاق تاماق ئېتىپ بېرىلەتتى. ھەرھالدا قورساقتىن غەم يوق ئىدى.
مەن قاچاندۇر مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بىركۈنلۈك ئەمگەك سەۋەبى بىلەن مەكتەپنىڭ بېغىغا كىرىپ ئۇيەرلەردىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بېغىدىكىدەكلا بەھەيۋەت ماندارلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ قالدىم، بۇمەكتەپنىڭ بېغى ئۇنىڭدىن ئازادە بولسىمۇ ئۇ باغلارنىڭ ئەتراپىدىكى يوغان-يوغان ماندارلىق جىگدىلەر كىشىنىڭ قورققۇسىنى كەلتۈرەتتى.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، مەكتەپتە بىر تەنتەربىيە مۇئەللىمى بار ئىدى. ئۇنىڭ چىرايى بەھەيۋەت قورقۇنچلۇق ئىدى، مەن ئۇكىشىنىڭ چىرايىغا قاراشتىنمۇ ئەيمىنەتتىم. ھېلىقى فاتىمەنى ئەكەتكەنلەرنى بەزىدە شۇ كىشىگە ئوخشىتىپ قالاتتىم. ‹قورققانغا قوش كۈرۈنۈپتۇ› دىگەندەك ئۇ كىشىمۇ تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا مېنى ‹ئېغىر پوقى چۈشمىگەنەي، ئۇندىقەي، مۇندىقەي› دەپ ئېغىزىغا كەلگەنچە تىللاپ بەك بىزار قىلاتتى. كېيىن قايسىبىر ئىش بىلەن مەكتەپنىڭ كەينىگە ئۈتۈپ ھېلىقى مۇئەللىمنىڭ ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىمۇ قويۇق ماندارلارنىڭ بارلىقىنى كۈرۈپ قېلىپ قورقۇپ كەتتىم، شۇندىن كېيىن ھېلىقى مۇئەللىمنىڭ تەنتەربىيە دەرسى ۋاقتىدا مەكتەپتىن قېچىپ چىقىپ مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا كىتاپ ئوقۇيدىغان ياكى بىليارتخانىسىدا بىليارت ئوينايدىغان بولدۇم. كىتاب ئوقۇشقا پۇل كەتمىگەن بىلەن بىليارت ئويناشقا پۇل بولمىسا بولمايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۆيدە پات-پات دادام ياكى ئانامنىڭ يانچۇقىنى ئاقتۇرۇپ تۇرىدىغان بولدۇم، ئۇچاغلاردا بەش مۇچەنگە بىر گۆشگىردە كېلەتتى، بىرموچەنگە لەڭپۇڭ، ئىككى موچەنگە دامان ئېلىپ يىگىلى بولاتتى. چاتاق يېرى، ھېلىقى بىليارتنىڭ ئىگىلىرى بىرقول بىليارت ئوينىغىنىمىز ئۈچۈنلا يېڭىلگۈچىدىن بەش موچەن ئالاتتى. مەن كۆپ ھاللاردا يېڭىلىپ قالاتتىم، چۈنكى بەزى ساختىپەزلەر بىزدەكلەرنى تېپىۋالسا دەسلەپتە بىرەر-ئىككى قول ئۇتتۇرۇپ بېرىپ كېيىن بىردەمدىلا بىرمۇنچە قەرزگە بوغۇپ قوياتتى، شۇنداق قىلىپ ئۆيدىكىلەرنىڭ يانچۇقىنى ساياھەت قىلىش بىرقېتىم، ئىككى قېتىم، بەش قېتىم ئوڭۇشلۇق بولغاندۇر، لېكىن، بارا-بارا نەپسىمۇ يوغىنىدى، شۇنىڭ بىلەن، ‹ئاز يىگەن جىق يەر، جىق يىگەن پوق يەر› دىگەندەك بولدى، بىرقېتىم ئانام مېنى قازناق ئۆيدە نىمىدۇر ئىش قىلىۋاتقاندا نەق مەيداندا كۈرۈپ قالدى ۋە ماڭا نەق مەيداندا خېلى كۆپ «دورا» بېرىپ بۇ كېسىلىمنى داۋالاپ «ساقايتقان» بولدى، لېكىن، «توخۇ يەيدىغان ئىتنىڭ قولىقىنى كەسسىمۇ يەيدۇ، قۇيرۇقىنى كەسسىمۇ يەيدۇ» دىگەندەك، بۇ‹كەسىپ›تىن تولۇق ۋازكېچىپ كېتەلمىدىم، لېكىن، مەن پەقەت ئۆز ئۆيۈمدىكى ئۇششاق نەرسىلەر  بىلەنلا چەكلىنەتتىم، بەزىدە توخۇنىڭ ئوۋىسىدىكى توخۇملارنى ئاپىرىپ ئالغىنىغا ساتاتتىم. بەزىدە ئۆيدىكى كونا-يىڭى كىيىملەرنىڭ تۈگمىلىرىنى ئۈزۈۋالاتتىم، ئىشقىلىپ، ھەممىگە ئۆزىگە توشلۇق خېرىدار چىقىپ قالاتتى.
مەكتىپىمىزدە تارىخ دەرسىمىزنى ئۆتىدىغان بىر خانىم بولىدىغان، ئۇ يولدا ماڭسىمۇ نىمىلەرنىدۇ سۆزلەپ، كىمگىدۇر غۇدۇڭشىپ كىملەرنىدۇ تىللاپ ماڭاتتى، بالىلار ئۇنى ‹ساراڭ› دەيتتى، ناۋادا ئۇ بۇگەپنى بىر قېتىم ئاڭلاپ قالدىمۇ، بولدى، ئۇ بىزنى ئۇچرىغان يەردە تىللايتتى، دەرس ۋاقتىدا بولۇپ قالسىغۇ بىرسائەت توختىماي تىللاپ ۋەتۋەرىكىمىزنى چىقىرىۋېتەتتى، لېكىن، ئۇنىڭ بىزنى تىللايدىغان گەپلىرىنىڭ كۆپى دىگۈدەك جىن بىلەن ئالاقىدار ئىدى،‹ھو،ماندار تۈۋىدە ئۇخلاپ قالغان تاز، جىننىڭ ئومىچىنى ئىچكەن تاز، ئانىسىنى جىن ئېپقاچقان تاز› دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ ھەممىمىز ئۈچىيىمىز ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈشەتتۇق. بىز كۈلگەنسىرى ئۇ تېخىمۇ قايناپ بىزنى تىللاپ كېتەتتى. سىنىپ مۇدىرىمىزنى چاقىرىپ كېلىپ بىزنى تىللىغۇزاتتى، سىنىپ مۇدىرىمىز بۇنداق چاغدا بىزنى تازا تەنقىد قىلىپ بەرگەنمۇ بولاتتى، ئەمما، سىنىپ يىغىنى ۋە باشقا چاغلاردا بىزگە:‹ئۇ خانىم بىلەن ھەپىلەشمەڭلار، ئۇنىڭ بىلەن قېرىشماڭلار، ئۇنىڭ كاللىسىدا ئازراق مەسىلە بار› دەپ بىزگە نەسىھەت قىلاتتى.
ئۇ ئادەتتە يېشى خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ يالغۇز ياشايتتى، ئۇ توغقانلىرىنىڭ بىر قىزىنى بېقىۋالغان بولۇپ ئۇنىڭغا بەك ئامراق ئىدى، ئۇ قىز بىزنىڭ سىنىپتا ئوقۇيتتى. ناۋادا ئۇ قىزنى بىرەرسى بىلەن تىللىشىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ قالىدىغان بولسا ئۇ مەسئۇلىيەت بىلەن ھېسابلىشىپ يۈرمەيلا قوغلاپ يۈرۈپ تىللاپ تۇرغۇسىز قىلىۋېتەتتى، شۇڭىمۇ ئۇنىڭ قىزىغا ھېچكىم ئالىيىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى.
مەن ياتاقتا ياتاتتىم، كەچقۇرۇنلىرى بالىلار ئۇ خانىم توغرىلىق ‹ئۇ مۇشۇ چاغقىچە توي قىلماي  ياشاپ كەلگەن پىچىتى بۇزۇلمىغان قېرى قىزمىش› دەپ ئۆزىچە پاراڭ قىلىشاتتى… بۇچاغلاردا بەزى قىزىقچى بالىلار ‹چوقۇم ئۇنىڭ ئەركەك جىنلاردىن ئېرى بار، بولمىسا بىر ئايالنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە ئەرگە تەگمەسلىكى مۇمكىنمۇ؟› دەپ مۇلاھىزە قىلىشاتتى.
قاچاندۇر بىرچاغدا مەن دەرستىن چۈشۈپ خەنزۇتىلىدىن تېكىست يادلاۋاتاتتىم، ھېلىقى تارىخچى خانىم يېنىمغا كېلىپ قالدى، ئۇ مېنى چاقىرىپ قولىدىكى چېلەكنى تۇتقۇزۇپ ئۆستەڭدىن سۇ ئەكىلىپ بېرىشىمنى بۇيرۇدى، مەن ئۆستەڭدىن بىر چېلەك سۇنى ئۇسۇپ ئۇنىڭ ئۈيىگە ئەكىردىم. ئۇ مېنىڭ سۇ ئەكىلىپ بەرگىنىمدىن خوش بولدىمۇ، ماڭا قاراپ كۈلگەندەك قىلدى ۋە مېنى ئولتۇرۇپ تاماق يەپ كېتىشكە تەكلىپ قىدى، مەن ئۆزرە بىلەن قايتىپ چىقتىم. ئۇنىڭ كۈلۈۋاتقان چاغدىكى قىياپىتىدىن ئەندىكىپ كەتكىنىمنى چاندۇرمىدىم. لېكىن ئاشۇ چاغدىكى قىياپىتى يەنە ماڭا ھېلىقى فاتىمەنى ئېپقاچقانلارنى ئەسلەتتى، ئۇنىڭدىن قورقۇپ كەتتىم… مەكتەپتە ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايتتى، ھەتتا، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا سۇ ئەكىلىپ بېرىشنى خالىماتتى، لېكىن، مەن ئۇنىڭغا بىلىپ-بىلمەي بىرقېتىم سۇ ئەكىلىپ بەردىم. ئەمما، ئۇنىڭ زەدىۋالمۇ تۇتۇلمىغان سېغىز تاملىق ئۆيىدىكى تۇپا ئۇچۇپ تۇرغان ئاددىي كىگىز ۋە يىپ گىلەملەرنىڭ تېگى كۈرۈنمەي قالغان،ئۆي ئىچىدىن زەي پۇرىقى بىخسىپ تۇرغان ئۆيىگە ئىككىنچىلەپ قەدەم ئېلىپ سالمىدىم، شۇچاغدا ئۇ مەندىن خوش بولدىمۇ، ئەيتاۋۇر، ماڭا دەرد تۈكۈپ ئاللىكىملەرنى قاغاپ تىللاپ بەرگەن، گەپلىرى تۈگىمەيلا كەتكەن ئىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ خانىم مېنى قەيەردىلا كۆرسۇن، مېنى ئاتايىن چاقىرىپ ماڭا مەن چۈشەنمەيدىغان بىرتالاي گەپلەرنى قىلىپ كېتەتتى، بىراۋلارنى تىللايتتى، قاغايتتى، ئۇلارنىڭ كىملىكىنى، ئۇلارنى نىمىشقا شۇنچە تىللايدىغانلىقىنى مەن چۈشەنمەيتتىم. ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ نەزەرىدە بۇئالەمدە بىرمۇ ياخشى ئادەم يوق ئىدى.  مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ ئۇ ئېلىم- بېرىم قىلغان ئوقەتچىلەر، ئۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى،خۇلۇم-خوشنىلار  دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى بوزەك قىلغان، مەسخىرە قىلغان بولاتتى. پەرىزىمچە، ئۇھەممە نەرسىنى دىگۈدەك نېسىگە ئالىدىكەن، مائاش ئالغان كۈنى پۇلىنى قولىغا ئېلىپ كوچىنىڭ بۇ دوقمۇشىدىن ئۇ دوقمۇشىغا چىققىچە بىرئايلىق پۇلىنىڭ جېنى چىقىدىكەن، يەنە نىسىي ئېلىشنى باشلايدىكەن. شۇچاغدا ئۇ ئۆزىنى قاقتى-سوقتى قىلغان قايسىبىر قاسساپ ئۈستىدىن دادلانغاندەك قىلغان ئىدى...
ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يەنە شۇ مەكتەپكە خىزمەتكە چۈشۈپ نەچچە كۈن ئۈتۈپ ھېلىقى خانىم بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدىم، ئۇمېنى كۈرۈپلا تونۇدى ۋە مېنىڭ ئېتىمنى تۇتۇپ چاقىردى، ئۇ ئاشۇ چاغدىمۇ مېنىڭ ھېلىقى چاغدىكى سۇ ئەكىلىپ بەرگىنىمنى ئۇنتۇمىغان ئىكەن، چاتاق يېرى ئۇ ھېلىقى خەقنى تىللىغاچ ماڭىدىغان ئادىتىنى ئۆزگەرتمىگەن ئىدى. ئۇ مېنى ئۇچرىتىپلا  ئەينى چاغدىكى مەكتەپ مۇدىرىنىڭ ئۈزىنىڭ كەسپىي ئۈنۋانىنى ئېلىشىغا توسقۇن بولغاچقا ئۆزىنىڭ مائاشىنىڭ ئۆسمىگەنلىكىنى، يەنە ئۇ باشلىقنىڭ ئۆزىنى بالدۇرلا دەم ئېلىشقا چىقىرىپلا كۆزدىن يوقاتماقچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلىنى بىر قىلىۋېلىپ ئۆزىنى بوزەك قىلغانلىقى دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ مەن بىلىدىغان ھەم بىلمەيدىغان ئاللىكىملەرنى باش-ئايىغى يوق گەپلەر بىلەن قارغاپ كەتتى، ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىغانسىرى كىشىنىڭ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقۇسى كېلەتتى، لېكىن، ئۇنىڭ مۇڭلىرى تۈگىمەي، يا كىشى يولىغا ماڭغىلى بولماي ئادەم بىزار بولاتتى، ئۇنداق چاغلاردا ئېسىمگە ھېلىقى شياڭلىن ھەدە كېلەتتى، تۇرۇپلا يەنە ھېلىقى فاتىمەنى ئېپقاچقانلار ئېسىمگە كېلەتتى-يۇ، تېنىم جۇغۇلداپ كېتەتتى؛ ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتكۈملا كېلەتتى، ئۇنىڭ توختىماي مىدىرلاپ تۇرىدىغان ئېغىزىغا قاراشتىنمۇ ئەيمىنەتتىم. ئۇنىڭ ئاشۇ ھېلىقى چاغدىكى ھىجىيىپ كۈلگەن ھالىتى كۆزئالدىمدىن پەقەتلا نېرى كەتمەيتتى… تۇرۇپلا يەنە ھېلىقى ئوقۇغان چېغىمدىكى قويۇق ماندارلار ئېچىدىن ئۇنىڭ تەرمەچ تېرىپ يۈرگەن، يالغۇز ئولتۇرۇپ يالغۇز قوپۇپ كىملەرنىدۇر قارغاپ يۈرگەن ھالىتى كېلەتتى، «توۋۋا قىلدىم، راستىنلا بۇ خانىم شۇ چاغقىچە ئەرگە تەگمىگەنمىدۇر، ئىنساننىڭ ھاياتى دىگەن خېلى ئۇزۇن تۇرسا، مۇمكىنمۇ بۇ، يابولمىسا ئۇنىمۇ راستلا بىرەر ئەركەك جىن نىكاھىغا ئېلىۋالغانمىدۇر» دەپ خىيال قىلىپ قالغان ئىدىم. شۇندىن كېيىن مەن ئامالنىڭ بارىچە ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلپ يۈرىدىغان بولدۇم. ئۇمۇ مەكتەپتە بارا-بارا ئانچە كۈرۈنمەيدىغان بولۇپ قالدى.
  كۈنلەر ئۆتۈپ مانا ھازىر چوپچوڭلا ئادەم بولۇپ قالدۇق. ئۆزىمىزنى خۇراپاتتىن، غەپلەتتىن يىراق بىر مەرىپەت تارقاتقۇچى دەپ يۈرۈپمۇ يەنە قاراڭغۇدىن قورقىدىغان ئادىتىمنى ئۆزگەرتىپ بولالمىدىم. بولۇپمۇ كېچىسى قەبرىستان يېنىدىكى يوللاردىن ئۆتۈش مەن ئۈچۈن ئاجايىپ ۋەھىمىلك ئىش، «چاپان كىيىۋالساق سوغۇققا توڭمايمىز، ئۆگزىگە چىقىۋالساق ئىتتىن قورقمايمىز» دەپ قوشاق قاتاتتى مەھەللىمىزدىكى بىر قىزىقچى ئادەم بىرچاغلاردا. ھازىر ئۆزەمنى دەل يۇقىرىقى قوشاقتىكىگە ئوخشىتىپ قالىمەن…ھازىر مەكتەپنىڭ  ئەينى چاغدىكى ئازادە باغلىرى بۇزۇلۇپ سەرەڭگىنىڭ قېپدەك قاتار-قاتار ئوقۇتۇش بىنالىرى سېلىندى، ئاۋۇ باغ-ۋارانلارنىڭ ئەتراپتىكى كەنت ئاھالىلىرى سوقۇپ قويغان پاسىل چىتەنلىرى ئورنىغا يۇقىرىنىڭ مەجبۇرىي مائارىپ مەبلىغىنىڭ پايدىسى يېتىپ ئۇنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا خىش تام قوپۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ ھېلىقى ماندارلارنىڭ ئىزى ئاساسەن تۈگەي دەپ قالدى. لېكىن، مەكتەپنىڭ ئۇيەر-بۇيەرىدە ئۇ نەرسىلەر يەنە ھەريىلى ياشىرىپ چىقىۋېرەتتى. بولۇپمۇ، مەكتەپنىڭ خوشنا كەنت بىلەن تۇتىشىدىغان بىرتېمىغا تېخى خىش تامنىڭ قەدىمى يەتمىگەن ئىدى. شۇ پاسىلنىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدا يەنە ئاندا-ساندا ماندارلار دەرەخلەرگە يامىشىپ كۆكلەۋېرەتتى، ئۇ ماندارلارغا بىرەرسى ئالدىراپ چېقىلالمايتتى.
لېكىن، مەكتەپنىڭ ئەتراپىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئارىسىدا ئېلىشىپ قالىدىغانلار قەدەمدە چىقىپ تۇراتتى، ئۇلارمۇ مەلۇم مۇددەت ئۈتۈپ ئۇسەۋەب-بۇسەۋەبلەر بىلەن ئۈلۈپ كەتكەنلىك خەۋىرى كېلەتتى…
يېقىنقى مەزگىللەردە مەكتىپىمىزدە ‹ئىككى ئاساسەن› خىزمىتى ئىشلىنىپ ئۇنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن تەكشۈرۈش-باھالاشلىرىدىن ناھايتى كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق لاياقەتلىك ئۆتۈپ مانا بۇيىلغا كەلگەندە يۇقىرىنىڭ بۇ خىزمەتنى تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇۋېلىش ئۈمىكى مەكتىپىمىزگە يېتىپ كىلىدىغان كۈنلىرىگە سانايدىغان تەتۈر ساناقلىرىمىز نۆلگە كەلگىلى ئىككى-ئۈچ كۈن قالغان كۈنلەردە بىركۈنى كېچىسى مەكتىپىمىزنىڭ قاتناش توختىتىش ئورنىنىڭ يېنىدىكى ماندار ئارىلاشقان يوغان تېرەكنىڭ تۈۋىدە كىشىنىڭ تىلى ئەيمەنگۈدەك چوڭ ھەم غەلىتە ياسالغان ئىككى دانە ياغاچ قورچاق پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلارنىڭ بىرسىگە قىپقىزىل كىيىم كېيدۈرۈلگەن، بېشىغا قىزىل شارپا ئورالغان. يەنە بىرسىگە  ئېيسا پەيغەمبەرنى مىقلىغان كرىستتەك يوغان كىرىست بەلگىسى  ئويۇلغان ئىدى. ئىگىزلىكى ئىككى مېترچە كېلىدىغان بۇ ياغاچ قورچاقلارغا قارىغان كىشىنىڭ تېنى ئەيمىنەتتى
شۇ كۈنى ئەتىگەندە ناھىيىنىڭ مائارىپ مۇپەتتىش گۇرۇپپىسىغا بۇ ئىش مەكتەپ مەمۇرىيىتىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلۈپتۇ. ئۇلار نەق مەيدانغا ئۇقۇتقۇچى-ئۇقۇغۇچىلاردىن بۇرۇن يېتىپ كېلىپ بولدى ھەم مەكتەپ مەسئۇللىرىنى بىر مۇنچە تەنقىدلەپ بولغاندىن كېيىن ‹رادىكالىزمنىڭ چېرىك ئىدىيىلىرى›ۋە ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ مۇشۇ ئىشنى ۋاستە قىلىپ  ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشىنىڭ كەسكىن ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا يوليۇرۇق بېرىپ ناشتىلىقنى مەكتەپتە يەپ قايتىشتى. ئۇ نەرسە نىمە بولۇپ بۇ يەرگە كەپقالدى؟ ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ ئۇنى كىم بۇيەردىن ئېلىۋىتىدۇ؟ دىگەن مەسىلە ھەممىنىڭ ئالدىدا بىر قىزىق نوقتا بولدى. بولۇپمۇ، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى غۇلغۇلىلارنى بېسىقتۇرۇش مەكتەپ مەمۇرىيىتىنىڭ بېشىنى قاتۇرغان بىرمۇھىم ئىش بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاشۇ غايىبتىن كەپقالغان ۋەھىمىلىك نەرسىنى يوق قىلىش كېرەك ئىدى. ھەر قېتىملق دەم ئېلىش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىلار يول بۇيىغا مىژژىدە يىغىلىۋالاتتى ھەم غەلىتە مۇلاھىزىلەرنى باشلايتتى. ياچېيكا شۇجىيىمىز بىلەن مەكتەپ مۇدىرىمىز بالىلارنى قوغلاپ بولالماي ئاخىرى دەرۋازىنى ئېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولدى، لېكىن، بۇبىر ۋاقىتلىق چارە ئىدى. مۇھىمى ھېلىقى چاقرىلمىغان مېھماننى بۇيەردىن يوق قىلىش كېرەك ئىدى.
مەكتەپكە يىڭى كەلگەن پىدا ئىسىملىك بىرئوقۇتقۇچى ‹مەن ئۇنى ئېلىپ ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتەلەيمەن، نىمە كېلىتتى ئۇنداق قورچاقنىڭ قولىدىن› دەپ سۆزلەپ يۈردى. شۇئان باشقىلار ئۇنى ‹ساراڭ نىمىكەن ئۇ، تالاي ئادەم ساراڭ بولۇپ قالغان يەر بۇ، جىنلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ تېخىمۇ ساراڭ بولاي دەپتۇ،-دە› دەپ ئۈلگۈردى، قىزىق يېرى، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ھېلىقى كوت- كوتچىلارنىمۇ يەنە ‹جىڭ ساراڭ ئادەملەركەن بۇلار› دەپ غۇدۇرىدى. كىمنىڭ ساراڭلىقى مۇھىم ئەمەس ئىدى، لېكىن، مەكتىپىمىزنىڭ خوجىلىق خىزمىتىگە مەسئۇل پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىسى بۇ ئىشتا ئىھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ  ‹يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەت› لەرنى نەزەردە تۇتۇپ ھېلىقى ئوقۇتقۇچىغا تەربىيە قىلىپ بۇ ئىشتىن تۇسىغان بولدى. نىمىلا بولسۇن، يۇقىرى رەھبەرلىك بۈگۈن بىر كۈن مۆھلەت بەرگەن، ئۇنى قانداقلا بولسۇن بۈگۈنلا ئېلىۋېتىش كېرەك ئىدى.
ئوشتۇمتۇت مەكتەپ كانىيىدىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ۋە رەھبەرىيەت ئەزالىرىنىڭ ياچېيكا ئىشخانىسىغا جىددىي يىغىلىش توغرىسىدىكى چاقىرىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاڭلىشىمچە، يىغىن سۈرلۈككىنە باشلىنىپ سۈرلۈك ئاياقلىشىپتۇ. مەسئۇلىيەت كىشى بېشىغىچە ئەمەلىيلەشتتۈرۈلۈپتۇ، ئۇنى ئېلىۋېتەلەيدىغانلارغا ئىككى يۈزكوي ھەق بېرىش، بۇپۇلنى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىنىڭ چىقىمىدىن چىقىرىش قاتارلىق زۈرۈرىي قارارلار ماقۇللىنىپتۇدەك. لېكىن، ئىككى سائەتلىك مۇلاھىزە يىغىنىدا مەكتىۋىمىزدىكى كونا-يىڭى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاۋانگارتلارنىڭ ئىچىدىن بىرەرىمۇ ئۇنى ئۇ يەردىن يۆتكىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ.
-نىمىسىگە پارتىيە ئەزاسى ئۇخەق،-دەپ قاقشىدى سۈگەتنىڭ سايىسىدا ھېلىقى پىدا دېگىنى،-شۇنچىلىك بىرنىمىنىمۇ ۋاش-ۋۇش ئېلىۋېتەلمىسە. ھۈكۈمەتنىڭ نېنىنى بىكار يەپ…
-پارتىيە ئەزاسى دىگەن جىنغا ئىشەنمەسلىكى كېرەكقۇ زادى،-دەپ مۇلاھىزە قىلدى يەنە بىرى.
-سەن جىننىڭ بارلىقىغا ئىشىنەمسەن ئەمىسە؟
-ئىشەنمىگەن بولسام ئۇنەرسىنى ئۆزەملا يۆتكەپ مۇت كەلگەن ئىككى يۈزكوينى موككىدە سالاتتىم. لېكىن، ئەتە-ئۆگۈن ئۇنداق ياكى مۇنداق ئىش بولۇپ قېلىپ ئىككى يۈز كويغا تويىدىغان ئىش بولۇپ قالسا ئۇنىڭغا كىم ئىگە بولىدۇ؟
-شۇ ئەمەسمۇ؟
-باشقىلارمۇ شۇنىڭدىن قورققان گەپ دىسە.
مەكىتىپىمىزدە يوپيۇمىلاقلا بىر ئوقۇتقۇچى بولىدىغان، ئۇنىڭ ھېچكىمگە قىرى تېگىپ كەتمەيتتى، ئۇ باشلىقتىن تارتىپ پۇقراغىچە، بايدىن تارتىپ نامراتقىچە ھەركىم  بىلەن چىقىشالايتتى. ھەركىشىگە ئونىڭ ئىشقىلىپ تىلى ياكى ھەرىكىتىدىن يامانلىق يەتمەيتتى.  ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقى ئۇنىڭ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بولامدۇ ياكى كەلمىگەن ئوقۇغۇچىلارنى يىغىش بولامدۇ ۋە ياكى باشقا ئىشلار بولامدۇ، ھامان كۈچىنى كۆرسىتەتتى. يېزا تەۋەسىدە ئۇ تونۇمايدىغان كىشىلەرمۇ ھەم ئانچە ئاز  ئەمەس ئىدى. ئۇ بۇقېتىم رەھبەرلىك ھېلىقى نەرسىنى ئېلىۋېتەلەيدىغان كىشىنى تېپىش ۋەزىپىسىنى شۇنىڭغا تاپشۇرغانمۇ، تاڭ، ئۇ ھېلىقى يىغىندىن چىقىپ بىرەر ئاش پىشىم ئۆتكەندە مەكتەپكە :‹‹بۇ كىشى ھېلىقى نەرسىنى بۇيەردىن يۆتكەپ ئېلىۋېتەلەيدۇ› دەپ بىرىنى مەكتەپكە باشلاپ كەپتۇ. بىز ئۇكىشىنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ دەرۋازا ئالدىغا يۈگۈرۈشۈپ بارغىنىمىزدا ئۇ كىشى ھېلىقى نەرسىنى كۈتىرىپ نەگىدۇر كېتىپ قالغان، ھېلىقى ئوقۇتقۇچى بولسا دەرۋازا تۈۋىدە ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشقان ئىكەن.
-نىمىشقا بۇرۇنمۇ ئەمەس، كېيىنمۇ ئەمەس، دەل بۈگۈنكى كۈندە بۇ نەرسە بۇيەرگە كېلىپ قالىدۇ؟-دەپ سۇرىدى بىرەيلەن.
-پۇل ئۈندۈرۈش ئۈچۈن بولمامدۇ؟-دىدى بىر ئوقۇتقۇچى.
-ئەمىسە نىمىشقا يەنە پۇل بېرىپ ئۇنى ئالغۇزۇۋېتىمىز؟
-ئالغۇزماي قويساق بولامتى ئەمىسە.
-دىمەكچى بولغىنىم، ئۇ نەرسىنى مۇشۇ ئادەم ئەكىلىپ قويغانمۇ؟
-ئۇنى بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ.
-بۇنىمە ئادەم ئۈزى؟
بىرنەچچىمىز تاقا-تۇقا سۇئاللارنى ياغدۇرۇۋەتتۇق. ھېلىقى ئوقۇتقۇچى بولسا  گەپكە چاخچاق ئارىلاشتۇرغاچ بەخىرامان سۆزلەپ ئولتۇراتتى.
-ئىككى پۇتى، ئىككى قولى، ئىككى كۆزى، ئىككى قولىقى ، بىرجۇپ بۇرنى، بىر ئېغىزى بار ئادەتتىكىچە ئادەمغۇ؟ ھەممىمىزگە ئوخشاش...
-دىمەكچى بولغىنىمىز،....ئۇ نىمىشقا ئۇئىشنى قىلالايدۇ،يۇ، بىز قىلالمايمىز؟
-چۈنكى ئۇ شۇئىشنىڭ پىرى بولغاچقا شۇ ئىشنى قىلىدۇ.
-ئەمىسە ئۇ كىم؟
-ھېلىقى چاغدا ئۆزىنىڭ گۆرىنى ئېچىپ قايتىپ كەلگەن بىر ئايال بار ئىدىغۇ، شۇنىڭ ئېرىمۇ ، ئىشقىلىپ بىرنىمىسى...
ئۇنىڭ گەپ يورغىلىتىۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئوشۇق گەپ قىلىشمىدۇق. ئەمەلىيەتتە، بۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن يۇرتىمىزدا مۇشۇنداق بىرئىشنىڭ بولغانلىقىنى چوڭلاردىن ئاڭلىغان ئىدۇق. نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئايال ئۈلۈپ گۆرگە كۈمۈلۈپ دەل ئۈچىنچى كۈنى كېچىسى ئۇ يەردىن قايتىپ كەلگەن ئىكەنمىش، ئۇ ئايال :«پەرىشتەلەر مېنى مېھمان قىلدى، سەن بالدۇر كېلىپ قېلىپسەن تىزىملىكتە ئېتىڭ يوقكەن، قايتىپ كەت دىدى» دىگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يۈرگەنمىش، بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن پۈتۈن يۇرت قوزغىلىپ ھەممە ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئالغىلى ئۇنىڭ ئۆيىگە ئاققانمىش، ساقچىخانىدىكىلەر يېتىشمەي ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدىنمۇ ساقچىلار كېلىپ ئۇ يەرنىڭ تەرتىپىنى قوغداپ بەرگەنمىش» دىگەندەك ئەپقاچتى پاراڭلارنى بۇرۇندىنلا ئاڭلايتتۇق، ئەپسۇسكى، ئۇ ئايال بىر مەزگىلدىن كېيىن يەنە كەلگەن يېرىگە كېتىپ قالغان ئىكەندۇق...
ئالاھەزەل بىرەر ئاش پىشىم ۋاقىت ئۆتكەندە كىشىنىڭ تىلى ئەيمەنگۈدەك دەرىجىدىكى قورقۇنچلۇق تەلەتتىكى بىرى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىغا ئۈندى. ئۇنى كۈرۈپ خۇجىلىق مودىرىمىز بىلەن ھېلىقى ئوقۇتقۇچى ئىككىسى ئۇتەرەپكە كەتتى.
-ئىككى يۈز كوي قۇدۇققا چۈشتى-دە،-دەپ غۇدۇڭشىدى بىرى خۇددى ئۆزىنىڭ يانچۇقىدىن بېرىۋاتقاندەك ئۇھسىنىپ.
دەرۋازا ئالدىدا ساقاللىرى ئۈسۈپ كەتكەن، كىيىملىرى كىر، بېشىغا كىيىۋالغان قىشلىق تەلپىكى يازنىڭ ئىسسىقىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تورىدىغان ئون توققۇز ياشلاردىكى بىرى ھېلىقى چاقىرىلمىغان مىھمانلار قويۇلغان جايغا قاراپ خۇددى نوتۇق سۆزلەش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندەك قېتىپ سۆزلەۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ قاپتىمەن.
-بىز خۇراپاتلىققا قارشى تۇىمىز، جىن-شەيتانلارنى قوغلايمىز، ۋەتىنىمىزنى، ئىلىم پەننى چىڭ قۇچاقلاپ سۈيىمىز…
-نىمە دىگىنىڭ ئۇ،-دەپتىمەن ئۇنىڭ گېپىدىن قىزىقسىنىپ.
-بىز ئىلىم-پەننى سۈيىمىز، سىز سۆيمەمسىز، مۇئەللىم؟
-چېڭ قۇچاقلاپ قانداق سۈيىسەن ئۇ ئىلىم-پەن دىگەننى؟
-مانا مۇنداق،-ئۇ ناھايتى چەبدەسلىك بىلەن ئىككى قولىقىمدىن كاپپىدە تۇتۇپ ئۈسۈپ كەتكەن ساقاللىرىنى ئىڭىكىمگە چىڭ يېقىپ چوك-چوك قىلىپ سۈيۈپ كەتتى.
-نىمە قىلىۋاتىسەن، ساراڭ ،-دەپ سىلكىپ ئىتتىرىۋەتتىم مەن ئۇنى.
-مانا موشۇنداق سۈيىمىز،-قانداق؟ بولامدىكەن؟-دىدى ئۇ ھىجىيىپ. مەن يەنە بىر نىمە دەپ بولغىچە مەكتەپ دەرۋازىسى تۈۋىدە تۇرغان ھەمراھ ئىسىملىك ئوقۇتقۇچى ماڭا «گەپ قىلما» دىگەندەك ئىشارەت قىلىپ قويۇپ ئۇنى مەكتەپ سىرتىغا ناھايتى سىپايىلىك بىلەن ئاچىقىپ قويۇپ ئۇنىڭغا نىمىلەرنىدۇ دەپ قايتىپ كىردى.
-كىم ئۇ؟-سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن
-ئۇنىڭ ئۈيى ئاشۇ كوچىنىڭ كەينىدە، توي قىلىپ ئون ئۈچ كۈن بولغان كۈنى ئەتىگەندە ئاشۇنداق بولۇپ قوپۇپتۇ. ئاتىسى يوق، ئانىسىنىڭ ئاپارمىغان يېرى، قىلمىغان چارىسى قالمىدى، لېكىن، ئاينا كۆردۈڭلار، ئۇنىڭ ئەھۋالى ئاشۇنداق، كىمنىڭ ئاشۇنداق بولۇپ قالغۇسى بار دەيسەن، ئ ۇبالىغا قوپال تەگسەك بولمايدۇ، نىمە سېھرەت بار كىن بۇ كوچىدا، ئاشۇنداق ساراڭلىق كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلەر بەك كۆپ…
دەرس قوڭغۇرىقى چېلىنىپ دەرسخانىغا مېڭىشتۇق. ئىككى سائەت دەرستىن كېيىن قارىساق ھېلىقى دەرۋازىنىڭ ئالدىغا دەم ئېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىققان ئۇقۇغۇچىلار يەنە مىژژىدە يىغىلىۋاپتۇ. بىز بىر نەچچەيلەن ئۇتەرەپكە ماڭدۇق، بېرىپ قارىساق، ھېلىقى چاقىرىلمىغان مېھمانلار قويۇپ قويۇلغان يەردىكى ماندار ياماشقان دەرەخنى  سەمىرىپ پىخىلداپ قالغان، سىمىزلىكىدىن كۆزلىرى كىچىكلەپ قالغاندەك كۈرۈۈنىدىغان بىركىشى ئازراق سۇ ئېقىۋاتقان ئېرىقنىڭ ئىچىدە ئىشتىنىنى تىزىغىچە تۈرۈۋېتىپ تازا كەسكىلى تۇرۇپتۇ…
كېيىن ئاڭلىساق ئابايامقى كىشى ئۇنى يۆتكىۋەتكەندىن كېيىن ئۇشتۇمتۇتلا بېشى ئاغرىپ كېتىپ ئارام بولمىغانمىش، ئامالسىز ئۇنى يەنە جايىغا ئەكىلىپ قويغاندىلا ئاندىن بېشىنىڭ ئاغرىشى توختىغانمىش. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى مۇئەللىم باشقا بىرجايدىن بۇ ‹ھۆنەرۋەن› نى تېپىپ كەلگەنمىش. مەكتەپتىكىلەر ئۇنىڭغا ئىككى يۈز كويدىن سىرت يەنە ھېلىقى ماندار ياماشقان تېرەكنىمۇ بېرىۋېتىشكە قوشۇلۇپتۇ، بۇ دەل شۇ كىشىمىش.
شۇنداق قىلىپ ئۇنەرسە يۆتكىۋېتىلدى. ھېلىقى ياغاچمۇ كېسىۋېتىلدى. ئۇنى ھېلىقى كىشى ھارۋىسىغا بېسىپ ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.  چۈنكى، ھېچكىشى ئۇنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمىدى. مەكتەپتكى بارچە ئوقۇغۇچى ئۇ كىشىنى ئۇرىۋالدى. بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى مىڭ تەستە ئۆيىگە ھەيدىدۇق.
تۇرۇپلا مېنىڭمۇ بېشىم ئاغرىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە ئاغرىدىمۇ ياكى ئاغرىمىدىمۇ، ئۇنى بىلمەيمەن.
كېچىچە قورقۇنچلۇق چۈشلەر ئىچىدە چۆرگىلەپلا يۈردۈم،
چۈشۈمدە مەن ھېلىقى ماندارلىق تامنى چۆرگىلەپلا يۈرگىدەكمەن، ھەر-ھەر يوغان سۈڭگۈچلەردىن ئۆتتۈم، لېكىن، ئۇيەردىن چىقىپ كەتمىدىم. بىرچاغدا قارىسام، چاچ-ساقاللىرىم ماندار تۇزۇندىلىرىدەك ئاقىرىپ كەتكۈدەك، ‹ئەمدى چىقىپ كەتمىسەم بولمىدى› دەپ ئويلىدىم . قاپقاراڭغۇ بىرجايغا چىقىپ قالدىم. ھېچنەرسىنى كۈرەلمەيمەن. قورقۇنچتىن پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك ئۇلاشتى. ‹بۇقەيەر؟›دەپ توۋلىماقچى بولدۇم، لېكىن، ئۈنۈم چىقمىدى. ‹بۇ تۈڭلۈكسىز ئۆي› دەپ ئويلىدىم مەن. شۇئان بىركىملەر مېنى بېسىپ ئۇرۇپ كەتتى. مەن قورققىنىمدىن سىيىۋەتتىم...
-سەنلەركىم؟ مېنى نىمىشقا بۇنداق ئۇرىسەن؟-دەپ توۋلىۋەتتىم .
-بىز سەن قورقىدىغان ھېلىقىلاردىنمىز.
-قايسى ھېلىقى؟
-ھېلىقى فاتىمەنى ئېپقاچقانلارچۇ؟
-ئەمىسە مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا نىمە سەھۋەنلىك ئۆتكۈزدۈم؟ مېنى نىمىشقا بۇنداق بۇزەك قىلىسىلەر؟
-بىزدىن قورققىنىڭ ئۈچۈن قورقۇتۇپ قويىلى دىدۈك شۇ،
-مەن سىلەرنىڭ ئۈنۈڭلارنى ئاڭلايمەنۇ، ئۈزۈڭلارنى كۈرەلمەيمەنغۇ؟
-سېنىڭ كۆزۈڭ تېخى جىق نەرسىلەرنى كۈرەلمەيدۇ، ئاداش!؟- دەپ كاركىرىدى بىرى. بۇ ئاۋاز ماڭا ناھايتى تۇنۇش ئاڭلاندى. كۈزۈمنى يۇمۇۋالدىم، بىرچاغلاردا تەنتەربىيە دەرسى ئۈتىدىغان ھېلىقى مۇئەللىمنىڭ مېنى تىللىغاندىكى ئۈنى ئىسىمگە كەلدى. ‹ھاھ... ھاھ... ھاھ... ھاھ...› دەپ قاھ-قاھلاپ كەتتى بىرى، قارىسام ھېلىقى تەنتەربىيىچى مۇئەللىم ماڭا قاراپ مەسخىرىلىك كۈلۈۋېتىپتۇ.
-بولدى، دادىسى، ئەمدى بالىلارغا دىسىلىچۇ، بولدى قىلسۇن، بۇ كىشى ئوقۇغان ۋاقتىدا ماڭا بىر چېلەك سۇ ئەكىلىپ بەرگەن… دەپ نازلاندى بىرى ئۇنىڭغا،
-يۈرۈڭلار، ئەمدى كېتەيلى، بۇ ئادەم بىرچاغدا ئانىمىزغا بىر چېلەك سۇ ئەكىلىپ بېرىپتىكەن،- ئەتراپ جىمدى...
كىمدۇر بىرى بېشىمنى مىدىرلىتىۋېتىپتۇ...
-كۈزىڭىزنى ئېچىڭە، نىمە بولدىڭىز؟- دىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ كۈزۈمنى ئاچتىم. قارىسام ئايالىم بېشىمدا پىشانەمنى سىلاپ ئولتۇرۇپتۇ.
-بەك قاتتىق توۋلاپ-چىرقىراپ كەتتىڭىز، نىمە بولدىڭىز؟ قارا بېسىپ قالدىمىكىن دىدىم.
كالپۇكلىرىم تاتلىققىنە قىچىشىپ كەتتى، قولۇم بىلەن ئاستاغىنە كالپۇكلىرىمنى سىلاپ باقتىم. لىققىدە قورقاق بېسىپتۇ. بېلىمنىڭ ئاستى مىچ-مىچ ھۆل بولۇپ كېتىپتۇ، ‹ئاپلا، باياتىن راستلا سىيىۋېتىپتىمەن-دە› دەپ ئويلىدىم، قارىسام تاڭ ئېتىپ قاپتۇ. ئېرىنچەكلىك بىلەن ئۇرنۇمدىن تۇردۇم. بېشىم ئاغرىپلا تۇراتتى. يەنە شۇ ئىشقا بېرىشنى دىمىسەم بۈگۈن بىركۈن قوپماي ياتقان بولاتتىم. لېكىن، بۇ كەسىپتىكىلەرنىڭ كېسىلى، ئاغرىقى، بوران- يامغۇرى يوق … يەنە ھېلىقى دەرۋازىنى نىشانلاپ ئاستاغىنە ئۆيدىن چىقتىم.

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108576
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2014-7-19
ئاخىرقى: 2014-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 01:48:44 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100776
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1571
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-12-12
ئاخىرقى: 2014-8-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 02:14:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھى ھى ھى ى ھى يۇمۇر ئوقۇغاندەك بوپ قالدىم دېسە.....

بىر چاغلاردا باللار بىلەن جىن توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ ،جىن دىگەنمۇ ئەركەك جىن چىشى جىن دەپ ئايرىلىدىكەن دەپ مەكتەپتە بىر مەزگىل،قىزىق پاراڭ بۇلۇپ،شاڭخو پاراڭ قىلىشاتتۇق.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10417
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 02:25:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار   جىنلار  ...................دەپ  ئىنىق كۆرسىتىلگەن  

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106538
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2014-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 02:35:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
?Dawami barmu yaki tugidimu

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 04:21:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  داۋامى بارمۇ يا ؟
مۇمكىن بولسا ئەدەبى ئەسەرلەردىكى تىنىش بەلگىلىرى ئۆلچىمىدە يازسىڭىز بوپتىكەن ، ھىكايىڭىزنىڭ چىنلىقى ياخشى ئەكس ئىتىپتۇ ، بىراق ماۋۇ ماندار دىگەن قانداق ئۈسۈملۈك بولغىيتتى ؟ ئۇيغۇر ئورتاق تىلىدا نىمە دەيدۇ ئۇنى ؟

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 04:22:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېنىم  شۈركىنىپ  قالدى... ھېلىقى  ئايال  ئوقۇتقۇچىنىڭ  سۈرلۈك  ھەم  مەنىلىك  كۈلۈمسىرىشى.... ھېلىقى  قاباھەتلىك  چۈش ... تۇيۇقسىز  پەيدا  بولۇپ  قالغان  ‹ چاقىرىلمىغان  مېھمان ›...  
بىراق  .........   ‹ ماندار › دېگەن  نېمە  ئۇ ؟؟؟

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1917
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2015-2-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 05:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى يەرلىرى قورقۇنۇچلۇق بەزى يەرلىرى قىززىقارلىق چىقىپتۇ....
مەنمۇ بىلەلمىدىم ، ماندار دىگەن نىمە ئۇ .   

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101286
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 768
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 650 سائەت
تىزىم: 2013-12-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 06:20:18 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
gulsumay يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 04:22 PM
تېنىم  شۈركىنىپ  قالدى... ھېلىقى  ئايال  ئوقۇتقۇچىنىڭ  سۈ ...

بىز چىڭگىلىك دەيمىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-7 06:31:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sadakat7224 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-7 06:20 PM
بىز چىڭگىلىك دەيمىز .

چىڭگىلىك ؟؟؟
تال  ئۈزۈمنى  دەۋاتمايدىغانسىز ..... ؟؟؟

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش