|
|
|
|
ئۇيقۇدىكى ئون پەرھىز
1.ئوڭدا ياتماسلىق.پۇتنى يىغىپ ياتقاندا كۆچ-قۇۋەت تارقىلىپ كەتمەيدۇ.ئويغىنىپلا كېرىلىپ قاننى
يۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ.
2.ياتقاندا تەشۋىشلەنمەسلىك. قەدىمكىلەر« ئۇخلىغاندا ئاۋال كۆڭۈلنى تىندۇر،ئاندىن كۆزىڭنى يۇم »دېگەنكەن .
3. ئۇخلاشتىن ئىلگىرى ئاچچىقلانماسلىق. جۇدۇنىڭىز ئۆرلىسە قان ئايلىنىش قالايمىقانلىشىدۇ-دە ،
دەرھال ئۇخلىغىلى بولمايدۇ.
4.ئۇخلاشتىن ئىلىگىرى غىزالانماسلىق.ئۇخلاش ئالدىدا غىزالانسىڭىز،ئۈچەي بىلەن ئاشقازاننىڭ يۈكى
ئېغىرلاپ ئۇيقۇغا تەسىر يېتىدۇ.
5.چىراققا يۈزلىنىپ ياتماسلىق .چىراققا يۈزلىنىپ ياتسىڭىز،بىئارام بولۇپ ئۇزاققىچە ئۇخلىيالمايسىز
ھەم ئاسانلا ئويغۇنۇپ كېتىسىز.
6. ئاغىزىنى ئېچىپ ئۇخلماسلىق .ئاغىزىڭىزنى ئېچىپ ئۇخلىسىڭىز ،تازىلىق ياخشى بولمايدۇ،
ئۆپكە بىلەن ئاشقازانغىمۇ سوغوق ھاۋا ئۆتۈپ كېتىدۇ .
7. يۈزنى يېپىۋىلىپ ياتماسلىق. يوتقانغا پۈركىنىپ ياتسىڭىز نەپەس قىيىنلىشىدۇ .
8 . ياتقاندا گەپلەشمەسلىك .
9. شامال ئۆتۈشىدىغان يەردە ياتماسلىق. قەدىمكىلەر شامال ھەر خىل كېسەللەرنىڭ مەنبەسىدۇر،
شامالدا كۆپ يۈرگەنلەر ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولىدۇ ، شۇ ۋەجىدىن «ئۆزنى سورى
غانلار تومۇزدىمۇ شامال تېگىدىغان يەردە ياكى تالادا ياتمايدۇ » دېگەنكەن .
10. مېڭىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن باشنى ئوتقا يېقىن تۇتۇپ ياتماسلىق . تېمپىراتۇرا
يۇقىرى بولۇپ كەتسە ئۇخلاپ قالغاندىن كېيىن ئاسانلا يوتقاننى ئېچىۋېتىسىز- دە
سوغوق ئۆتۇپ قالىدۇ .
سالامەتلىككە دائىر 300 مەسلىھەت دىن.
|
|
|
|
|
|