|
|
|
|
ياخشىلار
ئىگىز-پەس بولسىمۇ يولى، قايىتماس ياخشىلار ئەبەد. ۋاپانىڭ كانىدۇر جىسمى، قۇياشلىق ئاسمىنى پەقەت.
چۆللەرگە تەر تۆكۈپ ئۇلار، ياسايدۇ ئەجرىدىن جەننەت. بېشىنى ئەگمەيدۇ جۇتقا، تاپار ھەق يولىدا ئىززەت.
مەنزىلگە ئاتلىنار چاغدا، باغلايدۇ بېلىنى مەھكەم. يىقىلسا دەس تۇرۇپ ئۇندا، ياسايدۇ گاڭ قانات ھەردەم.
كىزەر غەۋۋاس كەبى دولقۇن، يالقۇنلاپ قەلبىدە ئارمان. مەس قىلماس ياخشىنى ئەسلا، مەڭگۈگە چىلۋىسى شەيتان.
مەنبە: ئۆزئىجادىيتىم (چىمەنگۈل مۇھەممەد)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا چىمەنA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-6 05:06 PM
|
|
|
|
|
|