مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2990|ئىنكاس: 27

كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108643
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 235
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-7-22
ئاخىرقى: 2014-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 04:28:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىملىكىڭىزنى تېپىۋىلىڭ

(باھادىر يىگىت)
      

        ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن بىلىمگە ھېرىسمەن،تىرىشچان،مېھماندوس ،باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان تەرەققىيپەرۋەر مىللەت. دۇنياغا داڭلىق تور Wikipedia(维基百科)دا كۆرسىتىلىشىچە ئۇيغۇرلار جۇڭگودىن باشقا يەنە قازاقىستان،قىرغىزىستان،ئۆزبىگىستان،تۈركىيە، ئاۋىستىرالىيە،ئەنگىلىيە،كانادا،گوللاندىيە،ئىراق،گېرمانيە،پاكىستان ،بىرازىلىيە، مىسىر،ئەزەربەيجان،بېلگىيە .ھىندونوزىيە،ھىندىستان،مالايسىيە،مالدىۋى،تۈكىمەنسىتان،سەئۇدى ئەربىىستان،قاتار،ئافخانىستان،روسسىيە،ئىران،ئامرىكا،فىرانسىيە،ياپونىيە قاتارلىق ئاسىيا،ياۋرۇپا،شىمالى ۋە جەنۇبى ئامرىكا ،ئافرىقا ،ئوكيانىيە قاتارلىق دۇنيادىكى ھەممە قىتئەگە تارقالغان.ئاساسلىقى دۆلىتىمىزدە.بۇ توردا كۆرسىتىلىشچە ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيادىكى ئۇمۇمىي نۇپۇسى بولسا 36مىلىيۇن 340مىڭ ئىكەن.لىكىن بەزى سىتاستىكىلاردا كۆرسىتىلىشچە 20مىلىيۇن ئەتراپىدا دىيىلگەن.قايسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىرنىمە دىمەك تەس. لىكىن ئاساسلىق ئۇيغۇرلار دۆلتىمىز دە ياشايدۇ. بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ نۇپۇس ئەھۋالىنى سۆزلىمەكچى ئەمەس.نۇپۇسنىڭ قانداق بۇلۇشى مۇھىم ئەمەس.مىنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم تورلاردا مۇنبەرلەرگە كىرىۋىلىپ دائىم باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرى ھەققىدە ئۆز ئارا مۇنازىرلىشىپ جەڭگە جىدەل قىلىشىدىغان ،بىردەم ئۆز ئارا ھۆرمەتلەشمەي ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ تۇرىدىغان تورداشلارغا ئۈلگە بولسۇن ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم.باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغا تەرىپىنى ئۆگىنىمىز،ئۇلار يۇلۇققان ئۇڭۇشسىزلىقلارغا ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ھېسسىداشلىق قىلىمىز.لىكىن بۇ ئىشلار ئۈچۈن ئۆز ئىچىمىزدىن گۇرۇھلارغا بۈلۈنۈپ سۇقۇشساق بۇ تولىمۇ نادانلىق بولىدۇ.باشقىلارنى چۈشىنىشكە تىرىشىمىز.بۇ ھەقىقەتەن توغرا .چۈشەنگەندە ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىمىز كېرەك.لىكىن ئۇلارنىڭ ئىلغار تەرەپلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىمىزنىڭ كەمچىللىكلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئۆزىمىزنى كەمسىتسەك بولمايدۇ.توردا دائىم كەمچىللىك كۈرۈپ ئارتۇقچىلىق كۆرمەيدىغان تورداشلار خېلى باركەن. نەدىكى تاينى يوق ئىشلارغا مۇنازىرلىشىپ كېتىدىكەن.ئەكسىنچە قىممىتى بار ئەھمىيەتلىك ئىشلار بىر ياقتا قالىدىكەن.شۇڭا تورداشلار بىلە ن ئورتاقلىشىش ئۆز ئارا ئۆگنىش مەقسىتىدە مىللىتمىز دىكى ئىلغارلىق ھەققىدىكى بۇ تېمىنى يازدىم.
           مەملىكىتمىزدە ئۇيغۇلار تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ماڭغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇن ساھەلەردە ياخشى نەتىجلەرنى ياراتتى.نۇرغۇن  يېڭى ساھەلەرنى ئاچتى. بۇ نەتىجىلىرى بىلەن خەنزۇلاردىن قالسىدا ھەرقايسى ساھەدە ھەممىدىن ئۈسۈن مىللەت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ئارمان ،ئامىنە قاتارلىق دۇنياغا يۈزلەنگەن مىللىي كارخانىلار مىللىتمىزنىڭ پەرخىرى بولماقتا. ئېرپان ئىلىكتىرۇنىمۇ مەملىكىتىمىزدىكى 300كۈچلۈك ئىلىكتىرۇن كارخانىسىنىڭ بىرى بۇلۇپ قالدى.بۇمۇ ئاسان قولغا كېلىدىغان نەتىجە ئەمەس. مەيلى مائارىپ،مەيلى كىنوچىلىق ،مەيلى بىناكارلىق،مەيلى قول ھۈنەرۋەنچىلىك،مەيلى دېھقانچىلىق،مەيلى مەبلەغ سېلىش ،مەيلى تەتقىقا  ت بولسۇن ھەممىسىدە ئۇيغۇرنىڭ ۋە ئۇيغۇر كارخانىسىنىڭ سىماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ.نۇرغۇن بىلىمگە ھېرىسمەن ياشلىرىمى تىرىشىم ئۇقۇپ مەملىكتىمىز دىكى ۋە چەتئەللەردىكى ئالى مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق دوكتۇرلۇق دوكتۇر ئاشتىلىق ئۇنۋانلىرىنى ئېلىپ مىللىتىمىزگە دۆلىتىمىزگە شان شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.بۇنداقلار كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ.مائارىپقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن نەزىرىڭىزنى يىغىپ دىققەت قىلسىڭىز نۇرغۇن ساپالىق كىشىللىرمىز يىتىشىپ چىقتى.نۇرغۇن كىشىللىىرىمىز نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ چىقماقتا.ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈزگەنلەر بۇرۇنقىدەك نۇقۇل تۈمۈر تاۋق ساقلاپ تۇرماي ئۆزلىرى كارخانا ئۇرۇنلارغا كىرىپ ئىشلەپ ياكى ئۆزلىرى شېركەت قۇرۇپ جەمىيئەتكە بىر كىشلىك ھەسسىنى قۇشىۋاتىدۇ. دۇنيادا قايسى يېڭى تېخنىكا مەھسۇلاتى چىقسا بىز ئالدى بىلەن قۇبۇل قىلىۋاتىمىز .قۇبۇل قىلغاندىمۇ باشقا مىللەتتەك ئۆز ئەينىچە قۇبۇل قىلماي بەلكى شەكلىنى ،يېزىقىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قۇبۇل قىلىۋاتىمىز. تەبەسسۇم ،مەشرەپ ،مۇئەللىم ،ئېرپان قاتارلىقلار بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.كىيىم كېچەك ،يىمەك ئىچمەك ،كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىمۇ شۇنداق بۇلىۋاتىدۇ. ئۈزلىكىدىن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ چىقىۋاتىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىمۇ دۆلەت چىمپىيۇنلىرى ئولىمىپىك ئەزىمەتلىرى يىتىشىپ چىقىۋاتىدۇ.بۇلار نىڭ نەتىجىسىنىڭ  يىلسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .چۈنكى تەجرىبە توپلىنىشتىن كېلىدۇ. جۈرئەت ئۇبۇلقاسىم ،ئادىل ھۇشۇردەك تەۋەككۇلچى تەنھەركەتچىلەرمۇ يىتىشىپ چىقتى .پۇتبۇل ساھەسىدىمۇ بىر تۈركۈم ئىرادىلىك ياشلىرىمى چىقىۋاتىدۇ.مىنىڭمۇ ئاغىنلىرىم ئىچىدە كوماندا قۇرۇپ تەشكىللىك مەشىق قىلىدىغانلىرى بار. جاپانىڭ تىگى راھەت دەپ مۇشۇنداق ياشلىرىمز ئۈزۈلمەي چىقىم تۇرسا بۇ ساھەدىمۇ ئۈمۈد چوڭ. چۈنكى ئۇيغۇر ئۆسمۈر كوماندىمىز مەملىكەتلىك چىمپىيۇن بۇلۇپلا قالماي دۇنيا ئۆسمۈرلەر چىمپىيۇنى بولدى .ئۇيغۇرلار بىلسىڭىز مۇشۇنداق ئىرادىلىك ئىجتىھاتلىق مىللەت. ئەمدى چەت ئەللەردىن مىسال قىلساق ،چەتئەللەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغا ئۇيغۇرلار ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن شۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۈكۈمەت،بانكا ،كارخاناقاتارلىق ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانىنى مىسال قىلساق ئۇيەرگە كۈچۈپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتكەن بۇلۇپ (دۆلتمىز ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندىن كىيىن سەئۇى ئەرەبىستانى ئۇيغۇرلارنى نۇپسقا ئالمىغان ياكى ناھايتى تەستە ئالغان،ئۇ يەردىكى ئۇيغۇرلا پاسپورت بىلەن تۇرىدۇ)بۇلۇپ سەئۇدىدىكى ۋە ئامرىكا قاتارلىق غەرپ دۆلەتلىرىدە ئالى مائارىپ تەربىيسىنى قۇبۇل قىلىپ تىرىشىپ ئۆگنىپ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى ئاشۇرغانلىقى ئۈچۈن  سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ھۈكۈمەت،مائارىپ،سەھىيە،ئۆي مۈلۈك،كۆچمە ئالاقە،ئاۋىئايسىيە،قاتناش قاتارلىق جايلىرىدا ئىشلەپ ئۇيغۇرغا شەرەپ كەلتۈرىۋاتىدۇ.ئۇندىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە داڭلىق يازغۇچى، ئالى مەكتەپ مۇدىرى،تەھرىر،بانكا باشلىقى ...قاتارلىقلار چىققان. قازاقىستان جۇمھىرىيدە 231مىڭ ئۇيغۇر بۇلۇپ بۇلاردىن 42دوكتۇر،4ئاكادىمىك،200دىن كۆپ كاندىدات پىراففىسور ،5قازاقىستان خەلىق سەنئەتكارى،20دىن كۆپ« قازاقىستان تۆھپىكار خىزمەتچى»مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى ،393نەپەر ھۈكۈمەت ۋەكىلى بار. قازاقىستان جۇمھۇرىيتىدەك بىر چوڭ دۆلەتتە نۇپۇسى ئاران 200مىڭ ئۇيغۇرغا نىسپەتەن بۇ ناھايتىمۇ چوڭ نەتىجە. ئامرىكىدىمۇ شۆھرەت مۇتەللىپتەك ،تاشپولات رۇزىدەك ئۇيغۇرلىرىمىز بار. مىسال ئۈچۈن مۇشۇلارنىلا دەي.يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ئالى مائارىپقا ئەھمىيەت بىرىپ ئۆزىنىڭ شۇ دۆلەتتىكى بىركىشلىك ئورنىنى ئابرويىنى تىكلەپ ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە  دۆلىتىمىزدە ياكى چەتئەللەردە ئۇيغۇرلار نادان،ئوغرىلىق يانچۇقچىلىق قىلپلا يۈرۈيدىغان مىللەت.ئۇلار پەقەت يامان تەرەپنى كۆرىدىغان كىشىلەر.بۇنداق چۈپرەندە ئادەملەر دۇنيادىىكى ھەممە مىللەتتە بار. لىكىن كۆپۈنچە ئۇيغۇرلىرىمىز ئاشۇ بىلىم سۆيەرلكى بىلەن دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە يۇلتۇزدەك چاقناپ كىلىۋاتىدۇ.مەملىكىتىمىزدىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىم،دوكتۇر،كارخانچىلار بار.كاللىنى ئىشلىتىپ تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ جەمىيەتتىن قاقشىماي ئۆز نىشانى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن بىلىپ ئېلىپ تىرىشىپ مەقسىتىگە يىتىپ ئىنساندەك ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار نۇرغۇن.بىر قىسىم تورداشلار نىمشىقا ئاشۇلارنى دورىماي نەدىكى تاينى يوق ئىشلار بىلەن قالىدىكەن. بىردەم ئۇيغۇر ئەرەپلەر بىرگەۋدە ئەمەس دەمدۇ قاملاشمىغان سۇئاللارنى مۇنازىرە قىلىش بىلەن ئاۋرە ئىكەن.يەنە بەزەنلەر ئۇيغۇر نىمىشقا مۇشۇنداق دەپ سۇئال قۇيۇپ ئاتالمىش ئويغىنىش يوللىرىنى يەھۇدى دەمدۇ باشقا مىلەتتىن ئىزدەپ ئاۋارە ئىكەن. باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۆگىنىمىز بۇ ناھايتىمۇ توغرا ئىش. لىكىن ئۆزلۈكنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك.باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۈرۈپ ئۆزىنى كەمسىتمەسلىك كېرەك.باشقىلارغا ئۆزىنى تاقاپ باغلاپ ياكى دۈشمەنلىشىپ مۇنازىرلەشسەكمۇ بۇنى پەقەت سىزلا بىلىسز.باشقىلاربۇ دۇنيادائۆزلىرى ھەققىدە بۇنداق مۇنازىرە بۇلىۋاتقىنىىنى ئەسلا بىلمەيدۇ.بۇ سىزگە نىسپەتەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ھىچنىمە ئەمەس.يەنە بەزىلەر مۆجىزە دىگەن نىمە دەپ سۇئال قۇيۇپ مۇنازىرلىشىپ دۈشمەلىشىپ كېتىدىكەن.شۇڭا بۇ ھەقتە مەن «مۆجىزە ۋە نادانلىق » دەپ تېما يوللىغان ئىدىم.مۆجىزىنىڭ نىمىلىكىنى بىلسىڭىز نىمە بۇپتۇ؟بىز تېخى بىلىمغا تۇيۇنۇپ ئاشۇنداق ئىشلارنى تەپەككۇر قلىدىغان باسقۇچقا بارمىدۇق.مۇشۇنى تەپەككۇر قىلغاننىڭ ئورنىغا ئائىلە تەربىيسى ،مائارىپ تەربىيسى ھەققىدە ئويلانساق نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە.ئۇيغۇرلار  ئويغىنىش يۇلىنى ئالىبۇرۇن بىلىپ بولغان .ئۇ بولسىمۇ بىلىم ئېلىش.نۇرغۇن ياشلار مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.تىنىچ ۋەزىيەتنى قەدىرلەپ مۇشۇنداق قىلىۋاتىدۇ.دۆلەتكە مىلەتكە ھەسسە قۇشىۋاتىدۇ.لىكن بىر قسىم نادان كىشىلەر يەنە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىزدەش بىلەن ئاۋارە.شۇ زېھنىنى بىلىم ئېگەللەشكە قاراتسا،بۈگۈنگىدەك ئۇچۇرلاشقان دەرۋردە ئۆگىنەي دىسە بىلم دىگەن تۇلۇپ تېشىپ تۇرغان بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرسا بالدۇر بۇ نادانلىقتىن قۇتۇلغان بولاتتى. بالىلىرىمىزنى ئالى مەكتەپلەرگىچە ئۇقۇتساق ،يېشىمىز چوڭۇيۇپ كەتكەنلەر ۋاقتىمىزنى غەيۋەتتە ئەمەس بەلكى كىتاپ كۈرۈ ش بىلەن ئۆتكۈزسەك ،ئالى مەكتەپتە ئۇقۇيالمىساق ھۈنەر ئۆگەنسەك ئىشقىلپ ئۆگەنگىدەك بىلىم بولسىلا ئۆگەنسەك ھىچ بولمىسا كۇرسكا قاتنىشىپ خەنزۇتىلى ئۆگەنسىڭىزمۇ بىر ئىش .تۇرمۇشىڭىزدىكى نۇرغۇن مەسىللەرنى ھەل قىلالايسىز.شۇندىلا قانۇن ئارقىلىق ئۆزنى قوغداشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ.شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم ئاشۇ يات ئەللەردە سەرگەردان بۇلۇپ يۈرۈپمۇ بىلىم ئېلىشنى تاشلاپ قويمىغان قېرىنداشلىىمىزدىن ئۆگىنەيلى.پۈتۈن ياشلىق باھارىنى بىلىم ئېگەللەشكە قارىتىپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ يىېتىشىپ چىقىۋاتقان دىيارىمىزدىكى ئوغلان قىزلىرىمىزدىن ئۆگىنەيلى. خىيالى تەپەككۇر ئەمەس ئەقلىي تەپەككۇر قىلايلى.تورداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكرىنى بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105297
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 06:13:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى يېزىپسىز بەك ياقتۇردۇم.   
   
  بۇ  يازمىڭىز  ماڭا يەنە بىر ئىلھام،    مەدەت  بولدى  رەھمەت

ئابباس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1001
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 06:14:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلىغىنىڭىز ھەقىقەتەن توغرا......مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قاراشتا....
مىللىتىمىزنىڭ خاراپلاشماي روناق تېپىشىنى ....كىشلىرىمىزنىڭ ئۆزىگە تەلەپنى چىڭ قويۇپ  ياخشى تەرەپتىن ئۆزىنى نامايان قىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن...


مەن تېخى بىر قاراپلا  بىرەرسىنىڭ  كىملىك نى تېپىۋالغان چېغى دەپ ئويلاپتىمەن..

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100211
يازما سانى: 782
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2746
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 905 سائەت
تىزىم: 2013-11-28
ئاخىرقى: 2015-2-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 06:32:02 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنىڭ كىملىكى يۈتۈپ كەتكەندۇ  دەپتىمەن تېخى

گۈل ئۈزەي دېگەنتىم سانجىلدى تىكەن
تىكەنلىك بولاركەن ئەسلى گۈل دېگەن.
ئارقىمغا يانغانتىم دېدى گۈل كۈلۈپ،
تىكەندىن قورققانغا گۈل قەيەردىكەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 06:40:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورلاردا قاراڭ،بىرى كۆرمىدى دەپ بولسىمۇ ئىككى ئىغىز گەپنى قىلىۋىتىپ سالىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس،ئەمىلىيەتتىچۇ،شۇنچە ئۆم،ھەم ئوخشاش كۆز قاراشتا ھەممىمىز،ئەمما توردىلا شۇنداق،قارىماققا بەك چىچىلاڭغۇ،بەك قالاق،بەك رەتسىز ۋە بەكلا قۇتىراتقۇ،جەڭگە جىدەل بىر بىرى بىلەن تىللىشىپ ئولتۇردىغان ئەھۋاللارمۇ بار.ئەمما بۇ دائىملىق ئىش ئەمەس.بەزى تىمىلاردا بولۇپمۇ ھىسىياتنى ئىپادىلەيدىغان تىمىلاردا شۇنداقراق تالىشىشلار بولىدۇ.بۇ تالىشىش قانداقتۇر جەڭگە جىدەل بوولماستىن كۆز قاراشلارنىڭ باشقىچە يۈزلىنىشى بولۇپ بەزىلەر بۇ ئوخشىمىغان قاراشلارنى قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا شۇ ئاساسى بار باشقىچە قاراشقا ئۆز كۆز قارىشىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشماي نۇقۇل تىل ئاھانەت ۋە ياكى دىن نۇقتىسىدىن چۈشىدىكەن.بۇ قىنى قىززىقلىق ھادىسسى،ئەمىلىيەتتە بەزىلەرنىڭ دىققىتىگە چۈشىدىغان تىما ئەمەس.

تورلاردا جەڭگىجىدەل بولۇنۇپ قالسا بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق،ھەم بۇنىڭدىن زىيادە ئەنسىرەش مۇۋاپپىق ئەمەس،پەقەت ۋە پەقەت دۆلەت قانۇنىغا ۋە تورداشلارنىڭ شەخسىيتىگە ئىتىقادىغا،نىكاھلىنىش ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىشلىرىغا بىۋاستە تەھدىت سال؛مىغان ئەھۋالدا بۇنداق تالىشىش يەنى ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنىڭ بولۇپ تۇرغىنى مىنىڭچە نۇرمال ئەھۋال.ئەگەر تىما مەزمۇنى نىمە بولسا تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقى بولمىسا،ياكى ھەممىسى ئوخشاشلا جاۋاب بەرسە بۇ تىمىنى چۈشىنىۋاتقانلار بارمىدۇ دەپ گۇمان قىلساق بولىدۇ.

تور دۇنياسى بىر مەۋھۇم دۇنيا،ئەمىلىي تۇرمۇشتىكى ۋاقىتقا ئوخشىمايدۇ،توردا باشقىچە تەسىر بەرگە بولسا ئەمىلىي تۇرمۇشتا ئۇنداق بولۇپ كەتمەيدۇ،ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى بىر،تىلى بىر،قانۇنى بىر،شۇنداق بولغانكىن ھەممىمىز شۇ قانۇن ۋە جەمىيەتتە ئورتاق قاراش،ئورتاق ئىش ھەركەت بىلەن ياشاۋاتىمىز.توردا بىرى بىرىنى رەنجىتكەن بولسا تىلىپۇن ياكى ئەمىلىي ئۇچىرشىشتا ئۇنداق جىدەل ۋە غەيرى تەلەپپۇزدىكى ئىناقسىزلىق يۈز بەرمەيدۇ.شۇڭا بەزى تورداشلارنىڭ سۆزى دىتىمىزغا تاقمىسا ھىچقىسى يوق،قۇيىۋەتسەك بولىدۇ.بىر پىلەكتىن مىڭ خەمەك.بەش بارماق ئوخشىمىغاندەك بىر قۇرساقتىن چۈشكەن بەش بالىنىڭ مىجەزىمۇ بەش خىل بولغاندەك ئىنسانچىلىقمۇ ھەر خىل بولىدۇ.بەزىلەرنى بىز كىچىك كۆرۈپ پىكىرنى چۈشەنمىسەك،بەزىلەرنى نامىرات كۆرۈپ سۆزىنىڭ بىلىگە تەپسەك،بەزىلەرنى باشقۇرغۇچىكەن بايكەن دەپ خاتا بولسىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىسەك بولمايدۇدە.

ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
uzum-tal + 50 ئېسىل پىكىر بوپتۇ .
mehriya + 10 پىكرىڭىزنى قوللايمەن
nurjahan0997 + 20 ئوخشاش ئويدا

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 80   باھا خاتىرىسى

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 06:45:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنە كىلىپ بۇ تور دۇنياسى دىگەن ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئاچىدىغان بىر دۇنيا.شوڭا بەزى يۇۋاشلارمۇ توردا كىچىك تىلى چىقىپ قالىدىغان ئىشلار يوق ئەمەس.شوڭا ئەنسىرمەڭ دەپ تۇراي.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87894
يازما سانى: 650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1087
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 07:30:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز تىللىساق ،باشقىلار كىلىپ ھەرگىز ماختىمايدۇ..........

قاتتىق يېقىلىپ قەدرىمگە يەتتىم ................
ھۆ-تاڭ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 07:36:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10406
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 07:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چەتئەللەدىمۇ  خىلى قىرىنداشلىرىمىز  باكەن

شاھزاد

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-6 07:39:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىمنىڭ كىملىكىنى تېپىۋالغاندۇ دەپ يۈگىرەپ پۇتلىشىپ كىرسەم..........ئەجەب بەلەن گەپلەر بۇلىۋېتىپتىغۇ؟
بەش بارماقنىڭ روھى بولسا ھەمىمىزدە ......ئىشقىلىپ بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشى ھازىر.بۇندىن كىيىنمۇ ياخشى بۇلۇپ كەتكۈسى .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش