ئون سەككىزگە كىرىپ قاپتىمەن
غەمسىز بۇلار بالىلىق ئوينىۋالاي خاتىرجەم،
دىگەن ساددا خىيالغا دائىم ئەسىر بوپتىمەن.
ئاق قارىنى بىلگۈچە ئايلار ئۈتۈپ يىل ئۈتۈپ،
ھېچ تويماستىن بىر چوڭلا يىگىت بۇلۇپ قاپتىمەن.
ئۈزۈم تېپىپ ھەردائىم ئۆز ئىشىمنى قىلالماي،
ئاتا-ئانام پېشىگە ئېسىلغىنىم ئېسىلغان.
سۇئال سۇرىسا مۇئەللىم دادىل جاۋاب بىرەلمەي،
تىك تۇرۇشۇم بەئەينى ياغاچ قۇزۇق قېقىلغان.
قىيا-چىيا ۋارقىراپ تەنەپپۇسدا ئارامدا،
ئۇ بۇلۇڭدىن بۇ چەتكە قاڭقىپ يۇگرىپ ئوينىغان،
باغلاي دىسەم پارتىغا ئۇزۇن چاچنى تاپالماي،
پاراڭ سېلىپ دوستۇمنى ئارامىدا قويمىغان.
يەنە كەلدى بىر يىڭى نەۋرۇز مانا شاد كۈلۈپ،
مەن نۇرۇزدا ئون سەككىز ياشقا كىرىپ قاپتىمەن.
ياراشماسكەن كەپسىزلىك تاپاي ئۆزۈم يۇلۇمنى،
تال چىۋىقنى تاشلاپ ئەم مىنەر تۇلپار ئاتقا مەن.
يىگىتلىكنىڭ ۋەزنىنى ئاددى چاغلاپ يۈرۈشكە،
يول قويمىسۇن ۋىجدانىم ئەقىل كۈچكە تولاي مەن.
ئەلنىڭ غېمى ئەر غېمى بۇ ھېكمەتنى ئۇنۇتماي،
ئاتا-ئانا ئەل خەلق باھاردىرى بولاي مەن.
ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن ئىجادىيىتى
2014-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى