تاغامغا
باردۇر مىنىڭ بىر تاغام،
ئىسمى : قۇربان ئابدۇكېرىم.
ئىشىنىمەن ھەر زامان،
يوقتۇر ئۇنىڭغا خىيانىتىم.
ئېيتاي سۆزۈمنىڭ باشىنى،
تونۇشتۇرۇش بىلەن تاغامنى.
كىلىڭ ئەي قېرىنداشلار،
ئاڭلاڭ پىقىر بايانىنى.
تاغام بولسا بىر مىليونىر،
يوق ئۇنىڭدا زەررىچە كىبىر.
ئۆزى ياخشى، نىيىتى دۇرۇس،
سودىدا قىلمايدۇ ھىيلە-مىكىر.
ئۆتتى تاغامنىڭ كۈنلىرى،
تالاي-تالاي قىسمەتلەردە.
ئاخىر كىلىپ توختىدى،
يولىنى تېپىپ بۇ تىجارەتتە.
ئاتىلىشى بۇ تىجارەتنىڭ،
ئېلىپ-سېتىش تېلفۇنچىلىق.
قىلىۋاتقان بۇ كەسپىمىزدە،
يوقتۇر ھەرگىز قويمىچىلىق.
تاغام تېپىۋېلىپ يولىنى،
تاشلاپ قويمىدى قېرىنداشنى.
تىرىشىپ ئۆم قىلدى ئاخىر،
بىزدەك چېچىلاڭغۇ تۇققاننى.
تاغام يىغدى ئەتراپىغا،
ئاكىللىرىم بىلەن مىنى.
ئۈگەتتى ئېپىنى تىجارەتنىڭ،
ئورتاق قىلىمىز دەپ بۇنى.
تاغامنىڭ كۆڭلى بەك ياخشى،
ھۆرمەتلەيدۇ كىچىك-چوڭنى.
ئاچچىغى بەك ياماندۇر،
ياساپ قويار گېپى توڭنى.
مۇئامىلىسى بەك قىزغىن،
گەپ سۆزلىرى سەمىمى.
ياتسا قوپسا باردۇر ئۇنىڭ،
كاللىسىدا ئۈممەت غېمى.
ئۇ بولغاچقا سەمىمى،
ھەممە ھۆرمەت قىلار ئۇنى.
دائىم دەپ تۇرىدۇ بىزلەرگە،
كىتاب ئوقۇڭ ھەر كۈنى.
تاغام دەيدۇ ھەر دائىم: ئوقۇسىڭىز كىتاب، بولمايسىز<<بىتاب>>.
ئابباس ئابلەت
2014-يىلى 31-ئىيۇل شېنجىن