مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2774|ئىنكاس: 11

خاتا ئويغۇنۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 01:25:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                   خاتا ئويغۇنۇش

                                              خىلىل ھېبىبۇللا


ئۇ مۇشۇ ياشقا كىرىپمۇ پەقەتلا قېرىمىدى،قېرىغىننىمۇ تۇيمىدى.سىلەرگە راستىنى ئېيىتسام ئۇ تارىخىدا ئاران ئۈچ قېتىم ئۆيلەندى.ئۇنۇڭچە بولغاندا يەنە ئوتتۇز قېتىم ئۆيلەنسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ.ئۇ ئەزەلدىن ساقال-بۇرۇت قويمايدۇ.يانچۇقىدا سىنىت بولمىسىمۇ خېلى رەتلىك ،پاكىز كىينىپ ،ئىڭەكلىرىنى سوپۇندەك پاقىرتىپ بازار دوقمىشىغا سەھەردىلا چېقىۋالىدۇ-دە ئۆتكەن-كەچكەن ئاياللارغا ئاچارۋادەك تىكىلىپ كۈنىنى كەچ قىلىدۇ.
-كاساپەت ئايەككىلا ئوخشايدىغان نىمىكىنا !؟قارا-قارا مىڭىشلىرىنى تۇخۇم قىستۇرۋالغاندەك،بىر يەرلىرى يەملىشىپ قالغاندەكلا...نىمانچە قېسىپ ماڭىدۇ ھەي-بۇ!
ئۇ قاساپنىڭ ئالدىدا سودا قېلىۋاتقان لاتاپەتلىك،بۈدرە چاچ چوكانغا قاراپ تاماقلىرىنى چاكىلدىتىپ تۇنجى ئايالى ئايگۇل (ئەركىلتىپ ئايەك دىۋالغان)نى خىيالىغا كەلتۈردى.دىمىسىمۇ ئايگۇلنىڭ ئۇ ئايالدىن قېلىشقۇچىلىكى يوق ئىدى.دەرۋەقە ئايگۇل ئۇنۇڭغا گۈلدەك ياشلىقىنى بەرگەن.مۇھەببەت بەرگەن.ئوغۇل بەرگەن.ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل دەقىقىللىرى ئۇنۇڭدا پۈكلەنگەن.تۇرمۇش بېشىڭغا كىيىلدىمۇ بولدى ئەمدى سەن ئۇنۇڭ بىلەن ئورتاقلىشىپ مۇساپىللىرىڭنىڭ ھەر بىر قەدەملىرىنى نەتىجىلىك قىلىشقا تىرىشمىساڭ بولمايدۇ.سەنلا بىخۇتلۇق قىلساڭ ئۇ سېنى قېتىغا ئىلىۋىلىپ ئالدىغا سىلىۋالىدۇ.سەزگۈررەك بولغىنىڭدا ئۇ ساڭا تىز پۈكىدۇ-دە ئۆمرۈڭ بوشەنرەك (بىخەتەررەك) ئۆتىدۇ.ئايگۈلمۇ يامان قىلمىغان بولمىسا .شۇ «ھاراق ئىچمە،تاماكا چەكمە،كۆپرەك پۇل تاپ، بىزمۇ خەقتەك كاتتا ئۆيلەرنى سېلىپ ،كىچىك ماشىنىلارنى ئېلىپ غادىيىپ باقايلىچۇ!...»دىگەندەك تاپا-تەنىللىرى بىلەن بارا-بارا تۈگىمەس جىدەللەرنىڭ پىلتىسىگە ئوت يېقىپ ئۇنى بەزدۈرۈپ ئاخىرى خېتىنى ئېلىپلا تىنجىدى.
ئۇ ناۋايخانا بىلەن چاڭچىلە قاش كونا  لەڭپۇڭچىنىڭ  ئارلىقىدىكى قىسىلچاقتا ئۇزۇندىن بىرى موزدوزلۇق قىلىپ كېلىۋاتقان يەكچەشمە،پاكار موزدوزنىڭ يېنىغا كىلىپ تاماكىسىدىن بىر تال تۇتاشتۇردى.
-ياۋ،مۇنۇ چوكانمۇ ئۈچ ۋاق تاماق يەمدىغاندۇ-ھە؟! نىمانچە شىمىشكىدىك ئورۇق،شادىپاچاق نىمىدۇ! ئەممازە مۇشۇ ئورۇق خوتۇن بىلەن ئۆي تۇتۇپ قالساڭ كىچىسى دەرەخنى قۇچاقلاپ ياتقاندەك بىر ئىش! ھې..ھې...ھې...
ئۇ موزدوز ئالدىدىن ئىشىنى پۈتتۈرۈپ ماڭغان ئىگىز چوكانغا  تا قارىسى يۈتكىچە سۆزلەپ ئىككىنچى ئايالى سارەك (سارە)نى ئەسلەپ قالدى.سارە يۇۋاش ،قانەئەتچان ،ئاقكۆڭۈل ئايال بولسىمۇ «تۇغمىدىيەي،مۆڭ،ھېسياتسىز...» دەپ ئۆزى ئىككى يىلدىلا خىتىنى بەرگەن.
--قارا-قارا،ئوھۇييي! خوتۇن بولسا ئەنە شۇنداق بولسا -دىدى ئۇ توساتتىن يولنىڭ ئوڭ قاسنىقىدا توكلۇق ۋەلسىپىت مىنىپ كېتىۋاتقان ئايالنى ئىشارە قىپ.موزدوزمۇ قىسىق كۆزلىرى بىلەن بويۇنداپ قويۇشقىمۇ ئۈلگۈردى.
-بىلىقتەكلا تولغان نىمىكەن، ئۇنىباغۇ ئۆيگە ئاپىرىپ ھېچ ئىشقا سالماي قاش-كۆزىگە قاراپ ئولتۇرساڭمۇ قوسقۇڭ تويغۇدەك...
ئۇ يەنە خىيالغا كەتتى.چىرايلىقنىڭمۇ بىر دەردى بار.تالاي كۈنلەرنى،تالاي كىچىلەرنى ئۆز نەپسىنىڭ شېرىنلىگى بىلەن كىرپىك قاقماي ئۆتكۈزۈپ مىڭ بىر ئامال،مىڭ بىر جاپالار بىلەن ئاران قولغا كەلتۈرگەن ئۈچۈنچى ئايالى گۈلشەن ئەنە شۇنداق گۈزەل ئەمەسمىدى!؟شۇنداق ئىدىيۇ ئۇنى كۆيۈپ پىشقىنىغا ئاغزىدىن بۇلاق يەنە بىرنىمىسىدىن نو قىلىۋەتتى.ئۇنى قۇلدەك ئىشلىتىپ ،ئايىغىدا ئۆمىلىتىپ بىر يىلدىلا«ۋەك» دىگۈزۈپ ئاجىرشىدىغان چاغدىمۇ پۈتۈن تاپقان-تەرگىننى سۈپۈرۈپ ماڭدى.تېخى لىق ئۆي-سەرەمجان باسقان ماشىنىنىڭ كىراسىنى تۆلەتكىننى يادىغا ئالسا ئۇ يوق...

  ئۇ دەرۋازا ئالدىغا كەلدى.«ئوغرى كىرمىگەندۇ-ھە؟!» داغدام ئېچىلغان قوش قاناتقا قاراپ ھەيران بولاتتى.ھويلا-ئارام پاكىز سۈپۈرۈلگەن ،ھەممە نەرسە بىر خىل رېتىملىق،ئارامبەخىش كۆرۈنگەن ئۇنۇڭغا ئۇزۇندىن بۇيان پاناھ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاتىمىراس بۇ قورو بۈگۈن باشقىچە ئىللىق بىلنىپ كىتىپ باراتتى.ئۇ خوشال قەدەم بىلەن دەرۋازا يىنىدىكى بىرىنچى ئۆينىڭ ئېشىكىنى ئاستا ئاچتى.
-كەلسىلە،قوساقلىرى ئاچتىمۇ؟ ئوخشۇتۇپ لەغمەن ئېتىپ قويدۇم.بالا ئۇخلاپ قالدى.
كۆز ئالدىدا ئايگۈل تۇراتتى.ئۇ يەنىلا بۇرۇنقىدەك جەزبىدار ،خۇشخۇي،مېھرىۋان ئىدى.
-قوساق توق،تامىقىڭنى ئۆزەڭ يە! -دىدى ئۇ ئۆزىچە مۇغەمبەرلىك بىلەن ۋە پېشىنى قېقىپلا چېقىپ كەتتى.
ئۇ ئىككىنچى ئۆينىڭ ئېشىكىنى ئاچتى.ئاچتىيۇ ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىۋاتقاندەك بىر دەم تۇرۇپ قالدى ۋە ئاندىن كاڭدا سۇننايلىنىپ ياتقان يۇۋاش ئايالى سارەگە قول ئۇزاتتى.سارە چۈچۈپ بېشىنى كۆتۈردى ھەم ئۇنۇڭغا چاي بەرمەكچى بولدى.
-بولدى،بولدى!-دىدى ئۇ سارەنى سىلكىشلەپ.
ئۇ ھويلىنىڭ نېرىراقىدىكى ئۈچۈنچى ئۆينىڭ ئېشىكىنى تاراققىدە ئىچىۋىدى بىر چاغلاردا ئىچ قويۇن ،تاش قويۇن بولۇپ كېتىشكەن چىرايلىق خوتۇنى گۈلشەن ئورنىدىن تۇرۇپلا ياقىسىدىن ئالدى.
-سەن مەندىن مۇشۇنداقلا قۇتىلىمەن دەپ ئويلىغانمۇ ؟ئۇندا ئاسان ئىش يوق! ئۇقۇپ قوي مەن ساڭا بىر يىل خوتۇن بولدۇم-جۇمۇ! بىر يىل دىگەن 365 كۈن!...
ئۇ چۈچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى.ئۇنى قارا بېسىپ چىپ-چىپ تەرلەپ كەتكەن ئىدى.قانداقلا بولمىسۇن ئۇ تۇنجى قېتىم ئۇچ ئايالىنى بىرلا قېتىمدا چۈشىدە  كۆرەلىدى.ئۇنۇڭچە بولغاندا گۈلشەن يالىڭاچ قويغان ئۆيدە ئەمەس ئايگۈل،سارەلەر تەبەسسۇم قىلغان ئۆيلەردە ئويغىنالىغان بولسا ياخشى بولاتتى.بىراقكى ئۇ خاتا ئويغۇنۇپ قالدى.




   2014.ئىيۇل. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 03:07 PM  


دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1841
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 14848
تۆھپە نۇمۇرى: 1243
توردا: 2609 سائەت
تىزىم: 2010-6-1
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 01:28:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياندا قاراپ تۇرغۇچى

                                                       ياندا قاراپ تۇرغۇچى

   
                                                      خىلىل ھېبىبۇللا


ئاپتۇبۇس ئېشىكى ئېچىلىۋىدى باياتىن بىرى قىزغىن سۆھبەتلەردە بولىۋاتقان كىشىلەر خۇددى بىر بىرنى تونۇشمايدىغاندەك ئېتتىرشىپ ئۆزلىرىنى پەرۋانىدەك ئىچىگە ئېتىشتى.
-ئاياغنى سېلىپ چىقىلى-خالايىق! مانا خالتا،مانا!...ھاي،ھۇي چوكان،ئىگىز پاشنىلىق ئاياغمۇ ئاياغ!-قارىمۇتۇق،تەلەتى سۆرۈن شوپۇر توختىماي ۋاقىرايتى.
«ئاياغ سالغاننىڭ نىمە ئەھمىيىتى-ھە؟ بۇ پاياندازلار مېنىڭ ئايىغىمنىڭ چەمىدىنمۇ ئۆتە كونا بوپ كىتىپتىغۇ!»دەيتىم ئۆزۈمچە غودۇرۇپ.قېرىشقاندەك بىلەت نومرۇم ئەڭ ئاخىردىكى ئۈچ ئورۇننىڭ ئوتتۇرسىدىكى كارۋات بولۇپ چېقتى.
-بۇ ئورۇن مىنىڭكىكەن-دىدىم  خامانغا ئۆزىنى تاشلاپ  دېھقاننىڭ خوتۇنىدەك بەخرامان پۇشۇلداپ ياتقان سىمىز ئاق بوغماق چوكانغا ئىشارە قىپ.
-ئاران چېقىپ ياتقاندا دەم ئالغىنى قويىڭە،مۇشۇ ياندىكىسى مىنىڭ ئورنۇم يىتىۋىرىڭ،بىرسى بىرنىمە نىمە دىسە مەن با-دىدى ئۇ ھازىرلا يۈگرۈپ كەلگەندەك تەر بېسىپ كەتكەن يۈز-كۆزلىرىنى سۈرۈتكەچ.
كۆپ گەپ قىلىشقا مىنىڭمۇ رايىم باقمىدى.ھاۋا ھەقىقەتەن تىنجىق ئىدى.ماشىنىنىڭ ئىچى تىخىمۇ قايناپ كەتكەن بولۇپ يولۇچىلار خۇددى يالاپ ئىتىۋەتكىنى ئېلىپ مىڭىلغان مەھبۇسلاردەك بىتەلەت ئىدى.
ماشىنا يولغا چېقىپ ئالاھەزەل بىرە سائەتلەردىن كىيىن ئۆزىمگە كىلىشكە باشلىدىم.مايلىشىپ تېخىمۇ نىپىزلەپ كەتكەن ياسرۇقنى ئاۋايلاپ بېشىمغا قويدۇم.بىچچارىنىڭ كۆرپىدىن پەرقى قالمىغاچ ئۇمۇ دال بولمىدى.«مۇنۇ يوتقاننى قاراڭ ئەستىرى بىر يەردە ئىچىدىكىسى بىر يەردە يىغىلىقلىق،ئۈستى بېشىدىكى داغلار نىمىنىڭ داغلىرى ئۇنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ...» .ھەممىنى بېشىمغا پوملاپ قويۇپ «ئۇھ!» دىدىم.
كىملەرنىڭدۇ بەدبۇي پۇت،پايپاقلىرىنىڭ يەنە كىملەرنىڭدۇ قېسىپ چېقىرۋەتكەن تېتىمسىز ھېدلىرىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاپتۇبۇس ئىچى خېلى ئازادىلىشىپ قالغاندەك تۇيلاتتى.
-شەھەردە تونۇشلىرىڭىز بارمۇ؟
-يوق.سىز نىمىگە ماڭدىڭىز؟
- مەن بىر نەچچە يىل بولدى شەھەردە.ئاشخانا ئېچىۋاتىمەن.سىزنىڭ بىرە ھۈنىرىڭىز بارمۇ؟
-ھازىرچە يوق.شۇنداقتىمۇ ئوغۇل بالا بولغاندىكىن پۇل تاپامەن بىرە ئىش قىپ بولسىمۇ.
  بىردىنلا يىنىمدىكى ھېلىقى پومزەك چوكان بىلەن ئۇ قېتىدا دېرىزىگە ئامالسىز قىسىلىپ ياتقان ياش يىگىتنىڭ  پاراڭلىرى قۇلۇقۇمغا كىرىپ قالدى.
-توي قىلدىڭىزمۇ؟
-قىلغان،بۇلتۇر ئاجىرشىپ كەتتىم.سىزنىڭ نەچچە بالىڭىز با؟ ئۆيدىكىللىرىڭىزمۇ شەھەردىمۇ؟
-ئىككى بالام دادىسى بىلەن يېزىدا.مەن ئۇزۇن بوپ كەتتى يالغۇز.ئەركىن ياشىغانغا يەتمەيدىكەن.خالىسىڭىز سىزمۇ مىنىڭ يىنىمدا تۇرۇڭ .قانداقلا بولمىسۇن بىر ناھىيەدىنكەنمىز.
-مەيلى...
  ئۇلار خېلىغىچە جىمىپ كىتىشتى.شوپۇر ئۇستام كۆپچىلىكنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىدىن زېرىكتىمۇ ۋە ياكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماقچى بولدىمۇ ئېيتاۋۇر ماشىندىكى تىلىۋزۇرلارنى ئېچىپ كونا مۇشلاش كىنو پىلاستىنكىسىدىن بىرىگە قويىۋىدى قاينىغان قازانغا بىر نوگاي سۇ قۇيغاندەك جىممىدە بولۇپ كىتىشتۇق.
كىنو تۈگۈمەيلا ئۇخلاپ قاپتىمەن.ماشىنىنىڭ قاتتىق بىر سىلكىنىپ لەڭ ئۇرشى مىنى ئويغىتىۋەتكەن ئىدى.يېرىم كىچە بولۇپ تۈن قاراڭغۇسى ئافتۇۋۇز ئىچىگىچە ھۆكۈم سۈرۋاتاتتى.ھاۋا تەڭشىگۈچ كۈچىنى ئوبدانلا كۆرسۈتۈپ مىنى سەل توڭدۇرغاندەك ئاستا بېشىمغا باسۇرۇپ ياتقان قول تىلفۇنىمنى ئېلىپ ئۇنۇڭ غۇۋا يورۇقىدا ھېلىقى «بىجىرىم» يوتقاننى ئاۋايلاپ ئېلىپ  ئازراق تۇزەشتۈرۈپ يىپىندىم.
ئۇيقۇم ئىچىلىپ كەتكەن ئىدى.ھەر قانچە قىلساممۇ ئۇخلايالمىدىم.بىر ھازادىن كىيىن يېنىمدا ياتقان چوكاننىڭ بوش شىۋىرلاشلىرى يەنە قۇلۇقۇمغا كىرىشكە باشلىدى.ئاۋازلار بارغانچە كۆپۈيۈپ قوشلۇشۇپ كەتتى.كاساپەت گۇينىڭ ئاۋازى بىردەمدىن كىيىن چوكاندىنمۇ بەتەر تېتىقسىز،چاكىنا چېقىشقا باشلىدى.«ئوغرىمۇمەن؟» دەيتىم ئۆزۈمگە دوق قىلىپ .لىكىن شۇنداق بىر تۇيغۇ مىنى قاراڭغۇلۇقتىن تارتىپ چېقىۋاتاتتى.ئۈچىمىز ياتقان كارۋاتلار بىر بىرىگە تۇتاش بولۇپ  شۇ تاپتا يېرىمىدىن كۆپرەكى ماڭا  ئوڭچى قالغان ئىدى.خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن ماڭا بىرە توننىدەك كۆرنۈپ كەتكەن ھېلىقى يوغان چوكان بىلەن ئۇنىڭدىن ئون ياشچە كىچىك ئورۇق،بىر چىشلەم يىگىت بىر كىشىلىك ئورۇنغا نېقتىلىپ كەتكەن ئىدى.
بىردىنلا شالاپشىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئاندىن «ئى،مى...» لەر،بىر نەچچە كالا بىر ئوقۇرغا باش تېقىۋىلىشىپ قىزغىنىشىپ ھەلەپ يەۋاتقاندەك،ئىچىرقاشلار،تۈتىشىشلەر،گاداي بىلىقچىنىڭ توختىماي كۈچەپ پالاق ئۇرىشى...ئىككى كۇسۇك ئىت ئۇستىخان تالىشىۋاتقاندەك ...ئۇلار ھازىر ھەممىنى ئۇنۇتقان يەر شارىدا پەقەت شۇ ئىككىسىلا مەۋجۇت...
نىمە بولدى قولۇمدىكى تىلفۇننىڭ چېرىغى تۇيۇقسىز يىنىپ كەتتى.ياۋ! چوشقىنىڭ يامپىشىدەك بىر ئاپپاق بەدەننىڭ يېرىمى مەن تەرەپتە ئوپمۇ ئوچۇق لېغىرلاۋاتاتتى.ھېلىمۇ مۇشۇ يوتقانغا پىتىپتۇ-مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ماۋۇ نىمىلەر...
ئۆزىمچە بۇ مەنزىردىن «بەك ھوزۇرلۇنۇپ كەتكەندەك»ئوڭدىغا تاشلاندىم.يۈرۈكۈم قېپىدىن چېقىپ كىتىدىغاندەك سېلىپ كىتىۋاتاتتى.«ھە راس چوكانغۇ ئوڭدا ياتىدۇ ،ئەرۋاھتەك ھېلىقى ئاداش باردۇ-ھە ؟!»دىدىم ئۆزۈمچە «ئەنسىرەپ »ۋە يەنە بىر قېتىم چىراغ يېقىپ بىقىشنى ئويلۇدۇم.
  ئۇشتۇمتۇت ئاپتۇبۇس قاتتىق تورمۇز بىلەن بىر نەرسىگە ئۇرۇلدى.كۆزنى يۇمۇپ -ئاچقۇچە بېشىمىز يەدە پۇتىمىز پەلەكتە بىر بىرمىزگە سوقۇلۇشۇپ ئاللا-توۋىدا خۇدىمىزنى يوقۇتۇشتۇق.

2014.ئاۋغۇست.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 03:07 PM  


دۇنيادا مەن ئۈچۈن بىر ئانا بار ئىدى.ئۇ ھايات چېغىدا مەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا سېڭىپ كەتكەن .مانا ئەندى ئۇ كىتىۋىدى، ئۇ مىنىڭ كۆز ياشلىرىمغا سېڭىپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96547
يازما سانى: 1002
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3305
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 363 سائەت
تىزىم: 2013-7-30
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 02:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپمۇ قالتىس يېزىپسىز ....ساپ ،يەرلىك تىللاردا  سۆزلەنسىمۇ ياخشى بولىدىكەن...

كىم بولشىدىن قەتئى نەزەر - ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ئالغا بېسېشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1203
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5148
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1911 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 03:03:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەرلىك تىللاردا يىزىلغان تېمىلارمۇ ئادەمنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ .رەھمەت

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 04:17:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋۇ ئىككىسى جىڭ تېتىقسىزكەن

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5516
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1352 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 04:19:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتۇبۇستىكى ناشايان ئىشلار راس بولغانمۇ؟
بۇنداق بۇزۇقچىلىقى بىلەن تەڭ قاتناش ۋەقەسى قوشكىزەك بوپ قالسا، راسلا رەسۋاچىلىقتە. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 04:20 PM  


بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1076
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5045
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 04:39:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاڭلىشىمچە ئىلگىرىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇۋۇزلاردىكى كارۋات شۇ 3كىشلىك قىلىپ ياسالغان ئىكەندۇق ، كىيىن مۇشۇنداق ناشايان ئىشلار تۈپەيلى ھازىر ئايرىم ئايرىم بىر كىشلىك قىلىپ ياسىلىپتىمىش . كۈپ-كۈندۈزدە يولاردا ، باغچىلاردا ئىرمىشىپ -چىرمىشىپ كەتكەنلەرنى كۆرۈۋاتىمىز . بۇنداق ئاپتۇۋۇزلار بىر قىسىم ئېچىرقىغان بەندىلەرنىڭ خالى جايىدەك تۇيۇلامدىكىن دەيمەن . توۋا بىزدىكى ئىزا -ھايا بىردەمچىلىك ھېسياتنىڭ قۇلىغا ئايلىنامدىغاندۇ ؟! ياكى ‹مۇھەببەت› مىدۇ ؟!   

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22705
يازما سانى: 4496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4264
تۆھپە نۇمۇرى: 742
توردا: 8424 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 06:47:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mehriya يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 04:39 PM
ئاڭلىشىمچە ئىلگىرىكى ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇۋۇزلاردىكى كا ...

دېگىنىڭىز ئورۇنلۇق.
بىر قىسىم كىشلەر نىڭ قىممەت قارىشى قانداق ئىكىن تاڭ بىلەلمىدىم.
ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى «مەدەنىيەت» بولسا رېئاللىقتىكى ئەخلاقسىز لىق؛
«مۇھەببەت»بولسا ئەمەلىيەتتىكى ھاياسىز شەھۋەتپەرەسلىك.
تېخى بەزىلەر بۇنداق ئىشلار نى«ئىلغار غەرب مەدەنىيتى» دەپ قارايدىكەنمىش.
مەدەنىيەتنىڭمۇ قوبۇل قىلىشقا ئەرزىيدىغان يېرىنى قوبۇل قىلغۇلۇق.
ئۇنداق كىشىلەرنىڭ  «مەدەنىيەت»نى ئايرىپ يۈرمەي قوبۇل قىلغىنىدىن قارىغاندا، ئۇلار بازاردىن بادام،ياڭاق ئالسىمۇ «پۇلغا ئالغاندىكىن» دەپ شاكىلى بىلەن قوشۇپ يەۋېتەمدىكىن دەيمەن.....
بەزى كىشىلەر ئېتىقادسىزلىق،ئەخلاقسىزلىق،ھاياسىزلىق،ئىسراپچىلىقنى «مودا»دەپ قارايدىغان بولسا كېرەك.

ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40480
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3968
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 303 سائەت
تىزىم: 2011-5-12
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 08:19:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى ھىكايە چىن ھەم ياخشى يىزىلغاندەك تۇيۇلدى، ئىككىنچى ھىكايىدە ئاپتورنىڭ دىمەكچى بولغىنى سەل چاكىنىلىقمۇ ياكى غەرپ يازمىچىقىمۇ ئۇقمىدىم.

www.begmurad.wix.com/yaqupjan

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37230
يازما سانى: 771
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6750
تۆھپە نۇمۇرى: 655
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2011-4-11
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 08:56:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىلەرنى تۆكمە قىلۋىتىپسىزدە .ئايرىم تىما قىلىپ يوللىسىڭىزمۇ بولدىكەن بولمىسا ...

بىر ئانا ئون پەرزەنتىنى باقالايدۇ. بىراق ئون پەرزەنت بىر ئاتا-ئانىنى باقال
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش