مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5161|ئىنكاس: 46

ئۇيغۇرلاردا "رىۋايەت "بارمۇ يوق؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 09:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۇيغۇرلاردا "رىۋايەت "بارمۇ يوق؟

ئاپتورى:پەرھات ئەمەت



   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، شۇڭلاشقا يازغان تېملىرىم سەبىيلىكتىن خالى ئەمەس، لىكىن نېمشقىدۇر ئويلىغانلىرىمنى يېزىۋەتمسەم خۇدددى بەڭگى تاماكسىنىڭ ئاخىرىنى كۈچەپ ئىككى تارتىۋەتمىسە ھادىقى چىقمىغاندەك ئىككى ئېغىز سۆزنى بولسمۇ يېزىۋالمسام تۇرالماي قالىمەن.ئەمدى ماقالىگە كېلەيلى:
بۇماقالىنى يېزىشىمغا مۇنداق ئىككى ئىش سەۋەب بولدى، بىرىنچىسى، ئادەتتە دائىم ئۆيدە بىكار بولساملا بىر بولسا كىتاب ئوقۇيمەن، بىر بولسا تېلىۋوزور كۆرىمەن.شۇ قاتارىدا كارتون فىلىملەرنىمۇ بەك كۆرۋىتىمەن  ،مۇشۇ يېقىندا خەنزۇلارنىڭ ‹ئىدىيۇملار ھەققىدە ھىكايەتلەر›دەپمۇ ئىشقىلىپ ئىسمى يادىمدا تازا قالماپتۇ، بىر كارتون پەيدا بولدى. بۇنىڭ خەنزۇچىسنى خېلى قىزىقىپ كۆرگەن ئىدىم، كېينچە ئۇنى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىمۇ دىققەت قىلدى بولغاي ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا تىلىنىڭ ھوزورىدا بۇ كارتوننى ئىز قوغلاپ كۆرىدىغان بولدۇم.
خەنزۇلارنىڭ تىلىنى دېگەندەك بىلىپ كەتمەيمەن .لىكىن ئۇلارنىڭ تىل بايلىقى كۈچلۈك ئىكەنلكىنى ،نۇرغۇن ماقال تەمسىل ۋە ئىدىيۇملار بولۇپ بۇلارنىڭ ھەر بىرنىڭ كېلىش مەنبەسى بارلىقنى بىلىمەن.مەن  ئاشۇ كارتوننى كۆرۇش داۋامىدا ئۆز ۋاقتىدىكى سۇلالىلەر ۋە ھەرقايسى يىراق دەۋرلەرگە خاس رىۋايەتلەرنى بىر ئۇستاز رولىغا چىققان كارتوننىڭ بالىلارغا ھىكايەت قىلىپ سۆزلەپ بېرىشكە زەڭ سېلىپ ئۇ رىۋايەتلىرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كەتكەندەك بولىمەن. قەدىم رىۋايەتلەرنىڭ ياكى سۆز بىرىكىمسى بولغان ئىدىيۇم، ماقال تەمسىللەرنىڭ كارتون ئارقىلىق كۆرستىلىشى ئادەمنى تولىمۇ جەلىپ قىلىپ ئاشۇ ئىدىيۇمنىڭ چوڭقۇر مەنسىنى ھېس قىلدۇراتتى.
ئىككىنچىىسى، بىر كۈنى مەن ئۇيغۇرچە تەڭرىتاغ مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقاندا ئۈستى تەرەپتە ‹ئۆزىمىزنىڭ رىۋايەت تور ئويۇنى،،چۈشۈرۋىلىڭ!!›دېگەن مەزمۇندىكى فىلەشلىك ئېلاننى كۆرۇپ قالدىم. مەن بۇنى كۆرۇپ شۇ ھامان ناھايىتى قىزىقىپ ئېلاننى چەكتىم، لىكىن بۇنىڭ خەنزۇچە رىۋايەت تور ئويۇنىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويۇلغانلىقىنى، خەنزۇلارنىڭ رىۋايەت تور ئويۇنلىرنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئەينى ھالىتى ئىكەنلىكنى كۆرۇپ بايىقى قىزىقىشىم سەل سۇسلاپ قالدى.
مەن ئادەتتەئويۇن ئويناپ كەتمەيمەن. رېۋايەت تور ئويۇنلىىرنى بولسا تېخى ئويناپ باقمىدىم.مەن پەقەت  ئۇنىڭدا  ئۇيغۇرلار ئۆزلىرنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى ھەرخىل تارىخى ۋەقەلەر،رىۋايەتلەرنى كارتونلاشتۇرۇپ ئۇنى كارتون ئويۇنى ئىشلەپ چىققان بولسا كېرەك دەپ ئالدىراپ ئاچقان ئىدىم.نەتىجىدە ئويۇننى چۇشۇرۇشتىن رايىم قايتىپ باشقا تېملارنى كۆرۇشكە باشلىدىم.
مەن تا ھازىرغىچە بۇ مەسلىنى ئويلاۋاتىمەن، بىزنىڭ تارىخىمىز ئۇزۇن ،مەدەنىيەتلىك مىللەت ئىكەنلىكمىز راست، قىزىلملار يەرلەدىن كولىنىپ چىققاندا ھەرخىل داستان ،ئىپوسلار چىقىپتۇ.بىزدە ئەڭ دەسلەپكى دەۋىرلەرگە خاس بولغان چۆچەك ھەرخىل رىۋايەتلەر بارمۇ،بىزدىمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار،سۇلالىلەر ئۆتكەن ئۇنداقتا شۇ دەۋرلەردە بىزگە ھىكايەت قىلغۇدەك نەرسلەر يوقىمىدۇ؟ تارىخ پەقەت ئۇرۇش جىدەل ،گۈلدۇرلىگەن ئاتلارنىڭ جەڭ مەيدانلىرىدا گۇپۇرلەشلىرى بىلەن قانداقتۇر ئوردىدىن چىقماي  خان سارايلاردا توقال كىنزەكلەرنىڭ سۇيقەسىت قىلىشلىرى بىلەن  تولغان تارىخمۇ ياكى ئۇنىڭدا ئادەمنى ئويلاندۇردىغان ،ھېكمەتلەرگە باي ھەرخىل ھىكايەتلىك ۋەقەلىكلەر،چىن ،راست بولۇپ ئۆتكەن ئۇششاق تەپسىلاتلار،قىزىقارلىق ۋەقەلىكلەرمۇ بولغانمۇ ؟
   بىزنىڭ ماقال تەمسىللەرگە ناھايىتى باي ئىكەنلىكىمىز ھەقىقەت، ھەتتا چوڭلارنىڭ" يامان بولىدۇ"لىرىدىمۇ بىر چوڭ سەۋەب بار،ئۇلاردا ھىكايەت قىلغۇدەك ۋەقەلىكلەر چوقۇم تېپلىدۇ دەپ ئويلايمەن.لىكىن بىزنىڭ ماقال تەمسىللەرگە بەرگەن ئېنقىلىما چۈشەندۇرۇشلىرىمىز قانداق ئاددى بولسا ئۇ ھەقتە ئىزدىنشلىرىمىزمۇ شۇنچلىك ئاددى ئىكەنلىكى ھېس قىلماقتىمەن.مەسىلەن :بىز ئادەتتە مەيلى ماقال تەمسىللەر ۋە ھەرخىل ھېكمەتلىك سۆزلەر بولسۇن بۇلارنى خەلقنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەجرىبە ساۋاقلىرنىڭ مەھسۇلى. دېدۇق  ،خوش ،ئۇنداق بولسا بۇ زادى قانداق تەجرىبە ساۋاقلار ئىدى؟دېمەك تەپسلاتىغا كەلگەندە گەپنىڭ ئايىقى ئۇزۇلۇپ قالغان،لىكىن خەنزۇچە ماقال ئىدىيوملارنىڭ ئاخىرى ،يېشىمى بارئىكەن. دېمەك بۇلارنى  چوقۇم بىرەيلەن مەسلەن بىر موللام بار دەپ ئويلاپ تۇرايلى ئۇ چوقۇم بۇلارنى   خاتىرلەپ قويغان بولۇشى مۇمكىن  بولمسا يالغاننى توقۇشمۇ ئۇنچىلا ئاسان ئەمەستە!  بەزىدە شۇنداق ئويلاپ قالىمەن بىزنىڭ ماقال تەمسىللىرىمىز بىر قارىماققا شېئىر قوشاقلارغا ئوخشايدۇ،بىر ئىشقا دۇچ كەلسەك خۇددى ئا .ئابلىزنىڭ ھېلىقى ھەۋەسكارنىڭ يېڭى ھەۋىسىدىكى ئېتوتتا:بىر شېئىر ئوقۇۋىتىمەن بىر شېئىر دەپ شېئىر ئوقۇغاندەك بىر ماقال تەمسلىنى دەپ قويىمىز. لىكىن مۇشۇ ماقال تەمسىلىنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۇنۇشنى بولسا ھېچكىم بىلمەيدۇ.
دېمەك مەن يۇقارىقى ئىككى جەھەتتىن مەن  ئۇيغۇرلاردا رېۋايەت بارمۇ يوق دېگەن شۈبھىلىك سوئالنى سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم.ئەگەر بولسا ئۇنداقتا نېمشقا بىزدە بۇ ھەقتە يازما ماتىرياللار كۆرۇنمەيدۇ؟ نېمشقا ئۆزىمىزنىڭ رىۋايەت تور ئويۇنى دېگەندە ئۇيغۇرچىلاشقان خەنزۇچە رېۋايەت ۋارىيانلىرى پەيدا بولىدۇ؟
مېنىڭچە بۇلارنىڭ نەشىر قىلىنىش قىلىنماسلىق مەسلىسى بولسا باشقا مەسىلە بولۇپ زادى بار يوقلىقىغا جاۋاب تېپىىش نۆۋەتتە مەن بىلىشكە ئەڭ مۇھتاج بولىۋاتقان مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا.
شۇڭلاشقا ئەگەر بولسا ئۇنداقتا ئۇنى بىر ئۇيغۇر كارتون بۇۋاي ياكى ئوتتۇرا ياش بىر كارتون بالىلارغا سۆزلەپ بېرىدىغان قىلىپ ئىشلەپ باقساق بىزمۇ ئۆز رىۋايەتلىرىمىزنى تىلىۋوزۇردىن ئىبارەت جاھاننەمە ئەينىكىدە بىر كۆرۇپ باقساق دېمەكچىمەن.


20148.4 يېزىلدى.
سۆيگۇم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-4 11:16 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6599
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 11:15:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108116
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2014-6-30
ئاخىرقى: 2014-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 11:32:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەلۋەتتە بار. مەسىلەن ئوغۇزخان رىۋايىتى،يەنە بىزنىڭ بۇ يەرلەردە خەقلەر سۆزلەپ يۈرگەن كەمەك ھەييار رىۋايىتى قاتارلىق. سىز كىتابخانىلاردىن مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 11:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بۇ توغۇرلۇق ئانچە بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ياخشىغا كۈن يوق

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1336
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10339
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3027 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 11:51:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرى دىگەن كىتاپنى ئۇقىغان ، ئىسىمدە قېلىشچە 6 قىسىمغۇ دەيمەن ، شۇ كىتاپتىكى ھەر بىر ھېكايە چۆچەكنىڭ كەينىدە پالانى ماقال تەمسىل مۇشۇ چۆچەكتىن قالغان ئىكەن دەپ ئېنىق بار

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1851 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 12:34:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلار ياۋايى مېللەت ئەمەس .ئۇيغۇرلارنىڭ يىزىق ئارقىلىق تارىخ خاتىرلەشكە باشلىغىنىغا 3000يىلدىن ئاشتى .يىرىم ئولتۇراق ئولتۇراقلىشى تارىخى 2500يىلدىن ئارتۇق .شەھەرلەشكەن تارىخى 2000يىلدىن ئاشىدۇ .مۇشۇنىڭغا قارىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانە ،رىۋايەت،چۆچەكلىرىگە نۇرمال قائىدە بويىچە بولغان ئىنتايىن بولىشى كۆپ بولىشى كىرەك .لىكىن (ئەمدىكى سۆز بىر قىتىملىق دىسكىرتاتسىيە نۇتىقى-ئوغۇزخان رىۋايىتىنى باش مەزمۇن قىلغان نۇتۇق دەرىسى)بىلىشىمچە ئاپئاق غوجا ھوقۇقنى تارتىۋالغان كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا  دىنى ،شامان دىنى ،كۆڭ تەڭرى دىنى ،كاتولۇلىك دىنى ،شەرقى كاتۇلىك دىنى(ياۋروپاغا نىسبەتەن روسىيەلىكلەرنىڭ كاتولىك دىنى)مەزمۇنلار باغلانغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ مەدىنىيەت ،ئەدەبىيات ،ئۆرۈپ-ئادەت قاتارلىقلارنى ئىغىر دەرىجىدە ۋەيران قىلغان يوقاتقان . يەنە بىر جەتتىن بىزدە نۇرغۇن قىتىم يىزىق ئىسلاتى بولۇپ ئەدەبىيات ،تارىخ قاتارلىق ماتىرىيال چۈشۈپ قالغان ،يوقىتىلغان .بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كىيىن ئورخۇن يىزىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يىزىقلاردا خاتىرلەنگەن تارىخ ،سەنئەت،ئەدەبىيات،ئىدىلوگىيە ،پەلسە قاتارلىق ئىسلامغا مايىلاشتۇرۇش ،ئەرەب يىزىقى ئاساسىدا يىڭى يىڭى يىزىق ئىشلىتىش سەۋەبلىك يوقىغان يۈتكەن .
     ئەمدى رىۋايەتلەرگە كەلسەك بەزى رىۋايەتلەر تارقىلىش جەريانىدا ئۆزلىشىش ياكى ئوخشۇشۇپ قىلىشتەك ھادىسىلەر ئۇچراپ قالىدۇ .مەسىلەن :قازاقلارنىڭ ئىيتىشىشى بىلەن قىرغىزلارنىڭ ماناس دەستانى  .ماناس داستانى قەھرىمانلىق داستانى قازاقلارنىڭ ئىيتىتىشىمۇ قەھرىمان،قەھرىمانلىق ئىش -ئىزلىرىنى تەسۋىرلىنىدۇ .
  سىزنىڭ بىزنىڭ ھازىرقى ماقال -تەمسىل ،رىۋايەتلەرگە نىسبەتەن گۇمانىي سۇئال،ئەندىشلىرىڭىز ھەممە ئۇيغۇر ئالدىدا دۈچ كەلگەن بىر چوقۇم ھەل قىلىش كىرەك بولغان مەسىلە .بەلكى ئىجدىمائى ،ئىقتىسادى ،سىياسىي ئىشلار سەۋەبنىڭ بىر تەرىپى بولىشى مۇمكىن .بىراق ھەقىقى مەسىلە ھازىر ئۇيغۇرلار ئۆزىنى بىلىش ،ئۆزىنى تونۇش ھەققىدە باش قاتۇرماي ،باشقا بىر ئىشلار ئۈچۈن زىھنىنى سەرىپ قىلىۋاتىدۇ .
   ماقال-تەمسىللەردە مەنا جىق .ئەقىل بار ،ئۈگۈت بار .ھەربىر رىۋايەت ،شۇ رىۋايەتگە ئىگە بولغان مېللەتنىڭ ئەقېل-پاراسەت ،جەڭگىۋارلىقىنىڭ سىمولى .بىز بۇلارنى ئۇنتۇدۇق .باللىرىمىز -يوغۇن باش بالا بىلەن كىچىك باش دادىنى كۆرۈپ ،بۆرە بىلەن قوزىچاقنى كۆرۈپ چوڭ بولسا .ئانىللىرىمىز كورىيە تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىدىن تەسىرلىنىپ غايىۋى مۇھەببەتلەر ئۈچۈن ياش تۈكۈپ باللىرىنى تەربىلىسە .دادىللىرىمىز ماۋۇ كىنودا قىزلارنى مانداق كەلتۈرۈش كىرەك دەپ ئۆيدە تاماق ئىتىپ كىرئالغۇدا كىر يۇيسا ،سىرتقا چىقسسا ئايالىنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ بەرسە ----مانا بىز ساقلاپ تۇرىۋاتقان جەمىئەت ،مانا بىز خارلاپ ئۇنتۇغان رىۋايەتلەر ،ماقال-تەمسىل .مەسەللەرنىڭ خارلىقى !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-5 12:36 AM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ilimkuq + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك
hujayin1 + 10 ئوغۇل ئوغۇل
soygum + 100 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 120   باھا خاتىرىسى

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1920
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 02:53:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارغۇ رىۋايەتلەر....يالغانچى بالا،ئۇر تۇقتاق،مۇھەببەتلىك رىۋايەتلەردىن تاھىر زۆرە.يۈسۈپ زۇلەۇخا،چىن تۆمۈر باتۇر......ئىسىمگە ھازىرچە مۇشۇ قاپتۇ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10879
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2211 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 02:53:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىۋايەتلەر بار............  ئەمما  ئۆز ئالدىڭىزغا ئۇنى كارتون ۋەياكى باشقا شەكىلدە ئىشلەپ تارقىتىشىڭىزغا يول قويسا..........  ئاندىن تارقىتالايسىز.........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92903
يازما سانى: 1846
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4830
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 09:59:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلقىز  ،  تاھىر-زۈھرە  ، پەرھات -شىرىن  ، غىرىپ-سەنەم  ، چىن  تومۈر  باتۇر ، يەنە  ئۇر  توقماق  ، ياغاچ  ئات  ، ئەلى بابا  بىلەن  قىرىق  قاراقچى  ، يەنە  تىخى بىر  ھىكايە  باتتىغۇ  ...زۈمرەت  بىلەن  زۇلمەتنىڭ  ئىسمى  ئىسىمدە  قالماپتۇ  ........يەنە  گۆر  ئوغلى   ، ئاق  -تاش  بىلەن  كۆك  تاش  .. يىرىلىڭ  تاش  دىگەندەك  .......
مۇشۇنىڭغا  ئوخشاش  ئەسەرلەرمۇ  كۆپقۇ  ........مەسلەن ‹‹ ئۇيغۇر  خەلىق  چۆچەكلىرى ›› ، يەنە   ئىبىرەتلىك  چۆچەكلەر ››  دىگەن  كىتاپلارنى  ئوقۇسىڭىز  ھەممىسى  رىۋايەتقۇ  .....

شۇنچىلىك ئەزىز يارىتۇلدۇقكى پەرىشتە بىزگە سەجدە قىلغۇدەك ، ئۆزىمىزنى شۇنداق بىر خارلىدۇقكى شەيتان بىزگە مىنگۈدەك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92852
يازما سانى: 280
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2013-3-7
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-5 10:04:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jelwa يوللىغان ۋاقتى  2014-8-5 09:59 AM
كۈلقىز  ،  تاھىر-زۈھرە  ، پەرھات -شىرىن  ، غىرىپ-سەنەم  ،  ...

ھىكايىنى  نىمانداق  ياخشى  يازىدىغاندۇ  دىسەم  كىتاپ  خالتىسى  دىگىنە  سەن

مۇھاببەت  دوسىتلۇقتىن  باشلىنىپ  ، سۆيۈشتىن  تەرەققى  قىلىپ  كۆز  يىشى  بىلەن  ئاخىرلىشىدۇ !!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش