مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4342|ئىنكاس: 34

نـىكـاھ ۋە تـاپـشـۇرۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 12:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

QQ图片20140804122233_副本.jpg




بۈگۈنمۇ ئادەتتىكى كۈنلەردەكلا ئىشقا بالدۇرلا كەلدىم ، ھەم ئىشخانامنى پاكىز تازىلاپ بۇلۇپ ،ئەمدى ئولتۇرىشىمغا ،تېلىفۇن جىرىڭلىدى . ‹ئەتتىگەن قاق سەھەردىلا تېلىفۇن ئۇرغىنىدىن ،بىرە مۇھىم ئىش بىلەن ئەرز -شىكايەت قىلغان ئادەم ئوخشىمامدۇ ؟› دەپ ئويلاپ ، دەرھال تېلىفۇننى قۇلۇمغا ئالدىم . قارشى تەرەپتىن بىر ئايالنىڭ  ؛
- ئەسسلامۇ -ئەلەيكۇم ، سىزدىن بىر ئىشتا  مەسلىھەت سوراپ تېلىفۇن قىلىشىم ئىدى . ۋاقتىڭىزنى ئېلىپ قۇيارمەنمۇ ؟
- ۋەئەلەيكۇم -ئەسسالام . ھېچقىسى يوق . قېنى دەپ بېقىڭ ، ئاڭلاپ باقاي .
- ئېرىمنىڭ ئۆيگە كېلىپ قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى ،تېلىفۇنىنى ئېتىۋېلىش .ناۋادا ئۇچۇق قويغان كۈنلىرى ھەتتا ھاجەتخانىغا كىرگەندىمۇ قۇلىدىن تېلفۇن چۈشمەيدۇ  . بىر كۈنى ئۇنىڭ ئۇخلاپ قالغىنىدىن پايدىلنىپ تېلفۇن خاتىرسىنى تەكشۈردۈم . بەلكىم بۇنداق قىلىشىم ئەخلاق نوقتىسدىن خاتا بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ قىلىقلىرىغا زادىلا قاراپ تۇرغۇم كەلمىدى . تېلىفۇن خاتىرسىدىن ئۇنىڭ بىر كۈندە بىر ئايال بىلەن ئون قېتىم ئالاقىلاشقىنىنى بىلدىم . بۇنىڭدىن قاتتىق ئازاپلاندىم . ئەتىسى ئاياللار بايرىمى ئىدى ، شۇڭا سەھەردىلا تۇرۇپ ،ئۇنىڭغا چاندۇرماستىن ‹ بۈگۈن مېنىڭ بايرىمىم ، باشقا ئىشىڭىز بولمىسا ، بايرامنى بىرگە ئۆتكۈزسەك › دېدىم . ئەمما ، ئۇ ‹ئىشىم بار › دەپ قۇيۇپ چىقىپ كەتكەنچە ، يېرىم كېچىدە پەيدا بولدى . بىر كۈن ئۇنىڭغا تېلىفۇن ئۇرۇپمۇ ئالالمىدىم . ئاجىرىشىپ كېتىشنىمۇ ئويلىدۇم . ئەمما بالا كىچىك ، ئاپامنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتسەم ،‹ئاجىراشمايمىز، بالىنى يىتىم قىلمايمىز › دەپ  ياندۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ .
بىر قېتىم نەچچە ئاي ئۆيگە كىرمىدى ، ئەمدى راسلا بۇ ئائىلىنى بۇزىدىغان ئۆخشايمىز دەپ ئويلىغان ئېدىم ، ئەمما ئۇ يەنە قايتىپ كەلدى . بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدىم . ھەم ھېلىقى ئايال بىلەن بىر قانچە قېتىم تېلىفۇندا كۆرۈشتۈم . قارىغاندا ئۇ ئايال ئېرىمنى قۇيۇپ بەرمەيۋاتقان ئوخشايدۇ . قانداق قىلىشىمنى بىلمەيۋاتىمەن .
مەن بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشىشتىن خىجىل بۇلۇپ تېلفۇندا بۇ ئىشلارنى دەپ بېرىۋاتقان ئايال ،تېخى 30 ياشقىمۇ كىرمىگەن ئايال ئىكەن  .
مەن   ئۇنىڭ يۇقۇردا ئېيتقانلىرىنى بىر ئېغىزمۇ پىكىر قاتناشتۇرماي ، ئەستايىدىل ئاڭلاپ چىقتىم .
- ئۆزەمگە بەك ئۆچ بۇلۇپ كەتتىم ، بەكلا ئازاپلىنىپ كېتىۋاتىمەن ، قانداق قىلسام بۇلىدۇ ؟ مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك ئۇيقىدىنمۇ قالدىم .
- قانداق ياردەم قىلىشىمنى خالايسىز ؟ ،-دېدىم مەن ئۇنىڭدىن سوراپ .
- ئېرىم بىلەن بۇرۇنقىدەك ئۆتسەم دەيمەن .
- بۇرۇنقىدەك ؟ تەپسىلىرەك  سۆزلەپ بېرەمسىز ؟
- ئېرىم بىلەن بۇرۇنقى بەختلىك ھالەتكە قايتسام دەيمەن ، ئۇ چاغلاردا ئۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى ، تويدىن كېيىنمۇ ماڭا تاتلىق گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ مېنى مەست قىلاتتى . بىز تاماقنىمۇ بىللە ئېتەتتۇق ، ئۆيىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ ئىللىق جاي ئىدى . شۇ چاغلاردا مەن ئۆزەمنى شۇنداق بەختلىك ئايال دەپ ھېساپلايتتىم . كېيىن بالىمىز تۇغۇلدى ، بىز ئۈچىمىز شۇنداق بەختلىك كېتىۋاتاتتۇق . ئۇ بالىغا شۇنچىلىك كۈيۈنەتتى . ھەي ! ئېرىمنى باشقىلار يولدىن چىقاردى .
- سىزچە ئېرىڭىزدىكى ئۆزگىرىش قاچاندىن باشلاندى ؟
-ئىشقىلىپ بالا تۇغۇلۇپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئاندا -مۇندا تەگىشىپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدۇق . دەسلەپتە مېنى تاتلىق گەپلەر بىلەن ئالدايتتى ، كېيىن تاتلىق گېپىمۇ يوق ، ئىشىكنى جاق يېپىپلاچىقىپ كېتىدىغان بولىۋالدى  .
ئۇ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى .
- سىرتتىكى ئايالنىڭ خۇلقى يامان ئوخشايدۇ ، ئوقۇتىۋالدىمۇ تېخى ؟!  بىر رەسۋا قىلاي دەيمەن .
- شۇنداق قىلىشتىكى  مەقسىدىڭىز نېمە ؟
-ئۇ بۇزۇقنى سېسىتىپ ، بېشىنى كۆتۈرەلمەس قىلىۋەتمەكچى .
- شۇنداق قىلسىڭىز ئېرىڭىز قايتىپ كېلەرمۇ ؟
ئۇ ئايال جىم تۇرۇپ قالدى ...
- ئېرىڭىزنى باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قۇيۇشنى خالىمايدىغانلىقىڭىزدىن ،‹ ئېرىنى ھېلىھەم ياخشى كۆرۈدىكەن › دەپ چۈشەنسەم بۇلامدۇ ؟
- ئەلۋەتتە ياخشى كۆرۈمەن ، بالامنى تېرىك يېتىم قىلغۇم يوق .
- ئۇنداقتا تاپشۇرۇق بەرسەم ئۇرۇنداشنى خالامسىز ؟
- ئېرىم شۇ ئىشتىن قول ئۈزىدىغانلا بولسا ، نېمە قىل دېسىڭىز قىلاي .
-ئۇنداقتا سىزگە بىرقانچە تۈرلۈك تاپشۇرۇق بېرىمەن ، چوقۇم ئۇرۇندىشىڭىز كېرەك .
بىرنچى تاپشۇرۇق :
ئۆز قىياپىتىڭىزنى ئېرىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ياسايسىز .
ئىككىنچى تاپشۇرۇق :
بۈگۈندىن باشلاپ ئېرىڭىزغا تېلىفۇن ئۇرمايسىز . بالىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز خوشال بۇلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ، ئېرىڭىزدە ‹ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ ؟ نېمىگە خوشال يۈرىيدىغاندۇ ؟ › دېگەن تەسىرات پەيدا قىلىسىز .
ئۈچۈنچى تاپشۇرۇق :
ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ، ئۆينىڭ پەردىسىنى ئالماشتۇرۋىتىڭ .
تۆتىنچى تاپشۇرۇق :
ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئانچە -مۇنچە ئۆزگەرتىڭ ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ ،پۈتۈنلەي يېڭىچە ھالەتكە ئەكىلىڭ . بۇ خىل ھەلەتنىڭ ئۆز كەيپىياتىڭىزغىمۇ پايدىسى بۇلىدۇ .
ئەگەر شۇنداق قىلالىسىڭىز ، ئېرىڭىز يېنىڭىزغا قايتىپ كېلىشى مۇمكىن . ئەمما ، بۇلارنى ئورۇنداش سىزگە نىسپەتەن ھازىرچە تەس كىلىدۇ ، لېكىن بۇ بەك مۇھىم .
- شۇنداق قىلسام ئېرىم راسلا قايتىپ كېلەرمۇ ؟
-  دۇنيادا مۇقەررەر ئىش يوق ، مەنمۇ چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ دىيەلمەيمەن . بىراق ، ھەر قانداق بىر ئادەم ، خاپىلىقنى ، باش ئاغرىقىنى ياخشى كۆرمەيدۇ . بېسىم ھېس قىلىدىغان جايدا تېخىمۇ تۇرغىسى كەلمەيدۇ . خوشاللىق ، ئىللىق كەيپىيات ئارقىلىق ئۇنى ئۆزىڭىزگە تارتالىشىڭىز مۇمكىن .
- ئۇنىڭ سىرتتا قىلىپ يۈرگەن ئىشلىرىنى قانداقمۇ ئۇنتالارمەن ؟
- ئېرىڭىز ئاشۇ ئايال بىلەن توي قىلىپ ، كۈنلەرنىڭ بېرىدە بالىسىنى يېتىلەپ ئالدىڭىزدىن ئۆتكەندە،  بەك ئازاپلىنامسىز ياكى بۇ ئىشلار بەزىدە ئېسىڭىزگە كېلىپ قالسا بەكرەك  ئازاپلىنامسىز ؟
ئۇ ئايال ئويلانماستىنلا جاۋاپ بەردى .
- ئۇ راستىنلا باشقىلار بىلەن توي قىلىپ بالىسى بىلەن ئۇچراپ قالسا ، بۇ ئالەمدە ياشىغىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى .
- ئۇنداقتا ھەر قېتىم بۇ ئىشلار ئېسىڭىزگە كېلىپ قالغاندا ‹ مەن غەلبە قىلغۇچى › دەپ ئويلاڭ . شۇنداق ئويلىسىڭىز ،ناچار كەيپىياتتىن  قۇتۇلىسىز ھەم ئاچچىق يۇتىۋالمايسىز .  چۈنكى غەلبە تۇيغۇسى ئادەمگە خوشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاراڭلاردىكى جېدەل -ماجرا سەۋەپلىك پەيدا بۇلىدىغان يۇچۇقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ .
- بۇلىدۇ ، رەھمەت سىزگە ، مەن سىناپ كۆرەي .
- ھېچقىسى يوق ، ئائىلىڭىزنى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەنسىز ، مەن دېگەنلەرنى چوقۇم ئورۇنداش بىلەن ئېرىڭىزنى ئەيىپلەپ تىللاۋەرمەڭ . ھەم ھېلىقى ئايالنىمۇ يولدىشىڭىز ئالدىدا سەت تىللار بىلەن تىللىماڭ ، بۇنداق قىلسىڭىز غەلبە سىزگە يىقىنلىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ .
- بولىدۇ ، سىزنى ئاۋارە قىلدىم .  خوش ، خۇدايىمغا ئامانەت .
-خوش ، خۇدايىمغا ئامانەت !
باياتىدىن كۆڭلىنىڭ يېرىملىقىدا ئاۋازى تىترەپ چىقىۋاتقان ئايالنىڭ ، ئەمدىلىكتىكى  قەتئىلىكىدىن ، ئۇنىڭ چوقۇم يولدىشىنى كەچۈرۋىتەلەيدىغانلىقىغا ھەم ئائىلىسىنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتتى .

مېھرىيە يازمىسى


تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئــــــۇيــــغـــــۇرۇم

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4975
يازما سانى: 368
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6188
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 491 سائەت
تىزىم: 2010-7-28
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:01:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقىي  ۋەقەدەك قىلامدۇ  نىمە ؟

ئـــــــــــەرنىڭ بــــــــــــــــــــەختى ۋاپادىن ، ئـــــــــــــــــايــــــــــــــالنىڭ بەختى  ھايادىن.

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12389
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32435
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:26:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىشقا جەمىيىتىمىزدە مۇشۇنداق نىكاھ سىرتىدىكى ناشايىن ئىشلار ئەۋج ئېلىپ كېتىدىغاندۇ.....


ئەھمىيەتلىك يازمىلىرىڭىزنى ياقتۇرىمەن....

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
axek13999649893 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 01:39:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرىدا ئۇ ئايال ئىرىنى چوقۇم ئۆزىگە قارىتىۋالدى ھە.

يەنى يىڭى تونۇشقان مەزگىلدىكى ئەرنىڭ قىزغا باشقىچە قاراپ كەتلىنىدەك.

تىخىمۇ توغرىسى يىگىت قىزغا ئاشىق بولغان ۋاقىتتىكىدەك.بىراق تۇرمۇشتىن كىيىن ئۇنداق بوپ كەتمەيدۇ.شۇنداقتىمۇ ئەپ ئۆتمىسە كوچىدىكى جۇۋاينىمەكلەر يامان.شىرىن چۈشكە سۆرەپ كىتىشكە ئاران تۇرىدۇ.ئەرگە نىسبەتەن سىرىتقى كۈچ ئۆزگىچە تۇيۇلىدىغان گەپكەن.ئىشقىلىپ نىكاھتىن كىيىنكى ھوقۇق ۋە كۈچ ھامان ئەرنىڭ قولىدا.ئەرنى ئوبدان رازى قىلمىسا ئەرنىڭ كۆڭلىنى سىرىت تارتىدۇ.ئاياللارغا قارىغانداەرلەرنىڭ سىرىتتىكى پائالىيتى كۆپ ئەمەسمۇ.شوڭا ماۋۇ ئاي پەرى قىز ئاياللارەرلىرىڭلارغا دۇق قىلماي،تاماقنى ۋاقتىدا ئىتىپ ھەر ۋاقىت ئىرىڭلار بىلەن ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىپ مۇنازىرلەشسەڭلار ئەر سىلەردەك ئايالنى دىپلوماتقا تەڭ قىلمايدۇ.مۇھىمى ئەر ئاياللاروتتۇردڭلاردىكى ئورتاق پىكىرگە كىلەلەيدىغان سۆز تىمىسى.ئەگەر ئورتاق پىكىرگە كىلەلمەيدىغان سۆزلەرنى تولا ئىيتىشساڭلار ئىنىقكى بۇ سۆھبەتتىن كۆڭۈلسىز كەيپىيات تىپىۋالىسىلەر.بۇنداق كەيپىيات ئۇزاق داۋام قىلسا سۆھبەتچى ئالمىشىدۇ.شوڭا بىر تەرەپنىڭ قارىشىنى باشقا ئادەمگە تىڭىشتەك ئادەتنى ئۆزگەرتىپورتاق پىكىرگە كىلەلىسە قالغىنى ئوڭاي.جىق سۆزلىۋىتىپتىمەن.ئۆزرە ئىيتىمەن.يۇقارقىلار بىشىمدىن ئۆتكەن ھەم ھىس قىلغانلىرىم.قارىسام بۇ تىمىدا شۇنىڭغا ماس كىلىدىغاندەك تۇيۇلدى يىزىپ سالدىم.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 523
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1872
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 937 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 02:01:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 04:25:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنچى تاپشۇرۇق :
ئۆز قىياپىتىڭىزنى ئېرىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ياسايسىز .
ئىككىنچى تاپشۇرۇق :
بۈگۈندىن باشلاپ ئېرىڭىزغا تېلىفۇن ئۇرمايسىز . بالىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز خوشال بۇلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ، ئېرىڭىزدە ‹ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ ؟ نېمىگە خوشال يۈرىيدىغاندۇ ؟ › دېگەن تەسىرات پەيدا قىلىسىز .
ئۈچۈنچى تاپشۇرۇق :
ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ، ئۆينىڭ پەردىسىنى ئالماشتۇرۋىتىڭ .
ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئانچە -مۇنچە ئۆزگەرتىڭ ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ ،پۈتۈنلەي يېڭىچە ھالەتكە ئەكىلىڭ . بۇ خىل ھەلەتنىڭ ئۆز كەيپىياتىڭىزغىمۇ پايدىسى بۇلىدۇ .

  ______________________________________

ئەتراپىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاش تويدىن بۇرۇن بىر خىل ، تويدىن كېيىن بىر خىل بولۇپ
ۋەيران بولىۋاتقان ئائىلىلەر بەكلا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ... ئەرلەر دائىم خىزمەت ياكى
بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۆيگە قايتماي ، سىرتقا قاراپ قېلىشىنى ‹ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا قوپال
مۇئامىلىدە بولىشى ، چىراي ئاچماسلىقى ...› قاتارلىق بىر مۇنچە باھانە-سەۋەپلەر بىلەن
ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىشىدۇ . بىراق مەن ئويلايمەن ، ئەقلى-ھوشى جايىدا ،
نېرۋىسى ساق ئايال بولسا ئۆزىچە ، بېكاردىن بېكارلا قايناپ ، سۆزلەپ ، چالۋاقاپ كەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئاچچىقلىنىپ ، تولا سۆزلىشىگە ئەشۇ ئەرنىڭ ئۆزى سەۋەپچى ئىكەنلىكىنى
ھەرگىزمۇ ئويلاپ قويمايدۇ.
ئاياللار قانداق ۋاقىتتا ‹تولا سۆزلەپ› قالىدۇ ؟ بۇنى بىلەمسىز ، ئەرلەر ؟
ئاياللار ئەمەلىيەتتە تولىمۇ كەڭ قورساق ، سىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ بەكلا... ئۇ نۇرغۇن ئاچچىقلارنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ ، بىراق ئۇ پەقەت سىز ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى تېپىپ قىلالماي ئايالىڭىزنى جاپاغا قويغاندا،
سىزنىڭ يالغانچى ، مەسئۇلىيەتسىز تەرەپلىرىڭىزنى بىلىپ قالغىنىدا .....  يەنە  بەلكىم نۇرغۇن
تەڭسىزلىك ياكى ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرىغاندا، بۇ ئىشلار مەلۇم بىر چىدىغۇسىز چەككە يېتىپ بارغاندا ئاندىن پارتىلاپ چىقىپ ئاخىرى سىز دېگەندەك ‹ ۋاتىلداق ›، ‹جاۋىلداق › ،
‹ھازازۇل › ، ‹ قوپال › ... ئايالغا ئايلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا : ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ ، دەپ ئويلايمەن .
ئاياللار ئۆزىنىڭ تارتقان جاپاسىغا ھېلىمۇ ئېلىشىپ قالماي بىر ئائىلىنى گۈلدەك تۇتۇپ ، بالىلىرىنىڭ ۋە ئەرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولىۋاتقان ئاشۇ ئايالنى قەدىرلەشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەك.

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
asrari + 10 ماختاشقا تېگىشلىك
mehriya + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20520
يازما سانى: 719
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11525
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2010-12-3
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 04:25:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنچى تاپشۇرۇق :
ئۆز قىياپىتىڭىزنى ئېرىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شەكىلدە ياسايسىز .
ئىككىنچى تاپشۇرۇق :
بۈگۈندىن باشلاپ ئېرىڭىزغا تېلىفۇن ئۇرمايسىز . بالىڭىز بىلەن ئۆزىڭىز خوشال بۇلىدىغان ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلۇپ ، ئېرىڭىزدە ‹ئۇنىڭغا نېمە بولغاندۇ ؟ نېمىگە خوشال يۈرىيدىغاندۇ ؟ › دېگەن تەسىرات پەيدا قىلىسىز .
ئۈچۈنچى تاپشۇرۇق :
ئەگەر ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ، ئۆينىڭ پەردىسىنى ئالماشتۇرۋىتىڭ .
ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئانچە -مۇنچە ئۆزگەرتىڭ ، ئۆينى پاكىز تازىلاپ ،پۈتۈنلەي يېڭىچە ھالەتكە ئەكىلىڭ . بۇ خىل ھەلەتنىڭ ئۆز كەيپىياتىڭىزغىمۇ پايدىسى بۇلىدۇ .

  ______________________________________

ئەتراپىمىزدا بۇنىڭغا ئوخشاش تويدىن بۇرۇن بىر خىل ، تويدىن كېيىن بىر خىل بولۇپ
ۋەيران بولىۋاتقان ئائىلىلەر بەكلا كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ... ئەرلەر دائىم خىزمەت ياكى
بىر ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئۆيگە قايتماي ، سىرتقا قاراپ قېلىشىنى ‹ئايالىنىڭ ئۇنىڭغا قوپال
مۇئامىلىدە بولىشى ، چىراي ئاچماسلىقى ...› قاتارلىق بىر مۇنچە باھانە-سەۋەپلەر بىلەن
ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىشىدۇ . بىراق مەن ئويلايمەن ، ئەقلى-ھوشى جايىدا ،
نېرۋىسى ساق ئايال بولسا ئۆزىچە ، بېكاردىن بېكارلا قايناپ ، سۆزلەپ ، چالۋاقاپ كەتمەيدۇ.
ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئاچچىقلىنىپ ، تولا سۆزلىشىگە ئەشۇ ئەرنىڭ ئۆزى سەۋەپچى ئىكەنلىكىنى
ھەرگىزمۇ ئويلاپ قويمايدۇ.
ئاياللار قانداق ۋاقىتتا ‹تولا سۆزلەپ› قالىدۇ ؟ بۇنى بىلەمسىز ، ئەرلەر ؟
ئاياللار ئەمەلىيەتتە تولىمۇ كەڭ قورساق ، سىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ بەكلا... ئۇ نۇرغۇن ئاچچىقلارنى چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتەلەيدۇ ، بىراق ئۇ پەقەت سىز ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىزنى تېپىپ قىلالماي ئايالىڭىزنى جاپاغا قويغاندا،
سىزنىڭ يالغانچى ، مەسئۇلىيەتسىز تەرەپلىرىڭىزنى بىلىپ قالغىنىدا .....  يەنە  بەلكىم نۇرغۇن
تەڭسىزلىك ياكى ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچرىغاندا، بۇ ئىشلار مەلۇم بىر چىدىغۇسىز چەككە يېتىپ بارغاندا ئاندىن پارتىلاپ چىقىپ ئاخىرى سىز دېگەندەك ‹ ۋاتىلداق ›، ‹جاۋىلداق › ،
‹ھازازۇل › ، ‹ قوپال › ... ئايالغا ئايلىنىدۇ. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىشنىڭ ۋە ئۇنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولسا : ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە ئىشەنچ ، دەپ ئويلايمەن .
ئاياللار ئۆزىنىڭ تارتقان جاپاسىغا ھېلىمۇ ئېلىشىپ قالماي بىر ئائىلىنى گۈلدەك تۇتۇپ ، بالىلىرىنىڭ ۋە ئەرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولىۋاتقان ئاشۇ ئايالنى قەدىرلەشنىمۇ ئۆگىنىپ قويۇشى كېرەك.

ھەممە رەزىللىكلەرنى، يامانلىقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ ئاندىن ‹ رەھىمسىز دۇنيا ! › دەپ قويىمىز. رەھىمسىزلىكلەرنى ئۆزىمىز قىلمىساق بۇ دۇنيانىڭ قولىدىن نېمە كەلس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84300
يازما سانى: 1071
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5036
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2012-8-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 04:35:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqel يوللىغان ۋاقتى  2014-8-4 01:39 PM
ئاخىرىدا ئۇ ئايال ئىرىنى چوقۇم ئۆزىگە قارىتىۋالدى ھە.

...

ھەممە ئادەمنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقۇقى بۇلىدۇ بۇ يەردە ، پەقەت قالايمىقان گەپ قىلمىسىڭىزلا .  شۇڭا ئۆزرە ئېيتىش ھاجەتسىز .
سىزنىڭ پىكرىڭىزنىڭمۇ ئاساسى بار . ئەمما چاۋاك بىر قولدىن چىقمايدۇ . مەلۇم سەۋەپ بولمىسا دەرەخ بىكاردىن لىڭشىمايدۇ . شۇنىڭدەك ئېرىم تالاغا قاراپ قالدى دەيدىغان خانىم -قىزلارغا دەيدىغىنىم ئالدى بىلەن سەۋەپنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ كۆرەيلى دېمەكچىمەن .

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ArmanimⅡ + 10 خانىم-قىزلار دەستۈر ق.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

تۇرمۇش ـــــ كېسىپ تىكىدىغان مودا كىيىم ئەمەس !

ئىمان مىنىڭ بايلىقىم!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107169
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 324
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 98 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2014-11-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 04:35:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلدىغان  تىمىكەن  ھە

بۇگۇن كەيپىياتىم  ناھايىتى ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108717
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 543
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2014-7-25
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 04:54:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل تىمىلىرىڭىزدىن بەك سۆيۈندۈم..

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش