|
|
|
|
تاماكا تاشلاشنىڭ نۇرغۇن ئۇسۇللىرى بار، تۆۋەندىكى ئەپچىل چارىلەر بەلكىم سىزنىڭ تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرەلىشى مۇمكىن :1. ھەمىشە ئۆيدىكى ئەينەكنىڭ يۈزىگە سارغايغان چىشنىڭ سۈرىتىنى چاپلىۋېلىڭ، بۇنى پات - پات كۆرۈپ تۇرسىڭىز، بەلكىم تاماكىغا ئۇزاتقان قولىڭىزنى يىغىشتۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن. 2. مەخسۇس پۇل ساقلايدىغان قۇتىدىن بىرنى ياسىتىپ، تاماكا سېتىۋېلىشقا تەييارلىغان پۇلىڭىزنى شۇ قۇتىغا سېلىپ قويۇڭ. بىرەر يىلدا يىغىلغان پۇلغا بىرەر قۇر كىيىم ياكى باشقا لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋېلىڭ، بۇ تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي، سىزنى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرىدۇ. 3.قولىڭىز بىكار تۇرمىسۇن، بىكار قالغان ۋاقتىڭىزدا كىتاب ئوقۇڭ، ئۇنى - بۇنى ياساڭ، ئۆي جاھازىلىرىنى رېمونت قىلىڭ، گۈل ئۆستۈرۈڭ . .4. تاماكا ۋە تاماكىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنى ئاسان ئالغىلى بولىدىغان جايلارغا قويماڭ. چاقماق قاتارلىق نەرسىلەرنى تاشلىۋېتىڭ. ئائىلىدە ۋە خىزمەت ئورنىڭىزدا تاماكا بولمىغان پاكىز مۇھىتنى يارىتىڭ.
.5ھەر خىل پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغاندا، تاماكا يوق مۇھىتنى تاللاڭ. ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسىڭىز، تاماكا چېكىش چەكلەنگەن كۇتۇپخانا، مۇزېي دېگەندەك جايلارغا بېرىڭ.
· ئېسىڭىزدە بولسۇن : تاماكا تاشلاشتىكى ئەڭ چوڭ ئامىل يەنىلا ئۆزىڭىز ... سىزنىڭ مۇستەھكەن ئىرادە ئېتقادىڭىز ... ؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا gadankax010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-3 10:37 PM
|
|
|
|
|
|