مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 716|ئىنكاس: 15

ئىككى شېئىر(بالىلار ئۈچۈن) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73083
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9724
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 422 سائەت
تىزىم: 2012-1-13
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 05:11:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىككى شېئىر


(بالىلار ئۈچۈن)



دورايدىكەن چېكەتكە


كەڭ دالادا يۈگرىسەم،
دورايدىكەن چېكەتكە.
غەزەپلىنىپ ئارقامدىن،
قوغلايدىكەن چېكەتكە.

قىزىقسىنىپ  قارىسام،
تۇرقى بەكمۇ سەت ئىكەن،
پۇتلىرىدا يازغىنى،
يېرىم-ياتا «خەت»ئىكەن.

پۇشتىكىمنى چېپ قويسام
سەپ-سەپ بولۇپ تىزىلدى.
بۇيرۇق كۈتكەن كوماندا،
(ماڭا شۇنداق بىلىندى).

رېپىر بولۇپ ،ئۇلارنى-
سالسام بىر دەم مەشققە.
چىدالماستىن سەكرىشىپ،
قېچىپ كەتتى ئۆيىگە...


كىردىم چۆچەك ئىچىگە

مومام ئېيتقان چۆچەكنىڭ،
كىرىپ باقسام ئىچىگە،
باشلاپ كەتتى ئالەمنىڭ
خىيال باسقان چېتىگە...

«ياغاچ ئات»نى «چۇھ»دېسەم،
كۆك قەرىدە ئويناتتى.
مىنسەم «تۆمۈر بېلىق»قا،
دېڭىزلارنى ئويغاتتى.

شۇ «مەلىكە دانىشمەن»
ماڭا ھېكمەت ئۆگەتتى.
ياۋنى يېڭىپ«باھادىر»
ئەندىشەمنى تۈگەتتى.

«ئۇر توقماق»چىڭ تۇتۇپ،
يامانلارنى قاقشاتتىم.
«ئېچىل سۇپرام» بەرگەننى،
يوقسۇللارغا ئۇزاتتىم.

تۇتىۋالسا "چىن تۆمۈر"

يالماۋۇزنىڭ چېچىدىن.

پەقەت چىققۇم كەلمىدى

چۆچەكلەرنىڭ ئىچىدىن.

قاناتلاندى خىيالىم،

قاچان شۇنداق بولار دەپ.
چوڭ بولىمەن دېگەنچە،
ۋاقىت ئاستا ئۆتەر...خەپ!

ئىجادىيىتىم.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 06:49 PM  


رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1066
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14053
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 516 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 07:33:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىق چاغلاردىكى چۆچەكلەرنى سىغىنىپ قالدىم دىسە ،
تىلى بەكمۇ چۈچۈك چىقىپتۇ ،

تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 08:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىقىم كەلسەڭچۇ يېنىپ.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108728
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-7-25
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 09:22:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ بەكمۇ چىن ھىسياتلىق  خۇددى ئۆزىڭىزمۇ بىر كىچىك بالىدەكلا  تۇيغۇدا چىقىپتۇ  كۆز تەگمىسۇن  

ھىچنىمە دىگۈم يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 2269
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6739
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 7024 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 09:23:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىق تۇيغۇلار ياخشى  ئىپادىلىنىپتۇ،شېئىر بىلەن تەڭ مەنمۇ شۇ چۆچەك ئىچىگە كىرىپ چىقتىم

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103096
يازما سانى: 87
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 212
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 36 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 10:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
[audio=1]http://madie.muzika.cn//other/2012/02/2012020930312105.mp3[/audio]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gadankax010 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-3 11:10 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 497
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1018
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 753 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 11:28:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلىققا قايتقۇم بار ،
تال چىۋىقنى ئات قىلىپ.
ئىرىقلاردا سۇ ئويناپ،
بىلىجاننى مات قىلىپ...

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...www.qinturk.com

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12382
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32424
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 11:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى بەكمۇ يېقىشلىق چىقىپتۇ شېئىرىڭىزنىڭ....


بالىلىق چاغلار كەلمەسكە كەتتى.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2470
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10403
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 12:09:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باللىقنى  ئەسلەتتى  بۇ  شىئىرىڭىز

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3709
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 12:58:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش