3-چىسلا ئەنگىلىيە رادىئو-تور شىركىتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق بىر خەۋەر ئىلان قىلىندى.
ئىسرائىلىيە ھەربى تەرەپ يوقاپ كەتكەن بىر ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دەلىللىگەن. بۇ ئەسكەر 23-چىسلا ئسىرائىلىيە گازانىڭ جەنوبىغا قىلغان ھوجۇمدا يوقاپ كەتكەن . شۇ كۈندىكى جەڭدە خاماس ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە راكىتا بىلەن ھوجۇم قىلغان. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى ھاۋا ھوجۇمى ، يىنىك تىپلىق بىرونىۋىكنىڭ ياردىمىدە كوچا ئۇرۇشى قىلغان. گازادا قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشقان. بۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى بالىلار ۋە ئاياللار . ئىسرائىلىيە تەرەپتىن بىر ئەسكەر يوقاپ كەتكەن.
يوقاپ كەتكەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرى 23 ياشلىق ھەدەر گولدىن ئىسرائىلىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە گولدىن 23-چىسلادىكى توقونۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، ئالدىنقى ھەپتە ئۆلگەنلىكى دەلىللەنگەن.ئۆلگەن بۇ ئەسكەر بىلەن ئىسرائىلىيە تەرەپنىڭ ئۆلگەن ئەسكەر سانى 66 گە يەتكەن. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنجامىن نېتانىيەخو ئىپادە بىلدۈرۈپ ئىسرائىلىيەنىڭ كىيىنكى بىر نەچچە ھەپتىدە ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھوجۇم قوزغايمىز دىگەن. خاماس ئىپادە بىلدۈرۈپ يوقاپ كەتـكەن ئىسرائىلىيە ئەسكىرىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيمىز دىگەن.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنجامىن نېتانىيەخو ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنجامىن نېتانىيەخو ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشنىڭ كۆلىمىنى كىڭەيتىدىغانلىقىنى، گازانىڭ تېخىمۇ كۆپ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئاخپارات ۋاستىلىىرنىڭ زىيارىتىدە ئىسرائىلىيەنىڭ گازاغا قىلغان خاماستىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھوجۇمى 72 سائەت داۋاملاشقان. ئىسرائىلىيە ئېغىر تىپلىك قۇراللارنى ئىشقا سالغان.
ئىسرائىلىيە تانكىلىرىنىڭ ھىمايىسىدە ھوجۇم قوزغىماقتا ئىسرائىلىيەھوجۇم باشلىغاندىن بېرى 1700 پەلەستىنلىك قازا قىلغان، گازادىكى نۇرغۇن ئۆيلەر ۋەيران بولۇپ، 460000 ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان.
ئىسرائىلىيەنىڭ ھوجۇمىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەر
پەلەستىن-ئىسرائىلىيە چىگىرىسى
ئىلاۋە: بىز قىززىق دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسى كۆرىۋاتقان مەزگلدە ئىسرائىلىيە گازاغا ئېرىقىي يوقىتىش خاراكتېرلىق ھوجۇم قوزغاپ نۇرغۇن كىشلەرنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولدى. بۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى ئەينى چاغدىكى ھېتلىر گىرمانىيىسىنىڭكىدىن جىق پەرىقلەنمەيدۇ. تارىختىن ساۋاق ئالمىغانلار ھامان جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. تىمىغا ئالدىراپ ئىنكاس يازماي دۇئالىرىڭلاردا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى كۈلپەت تارتىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويىشىڭلارنى سورايمەن.
تەرجىمىدە: ئويتاغ
خەۋەر مەنبەسى: ئەنگىلىيە رادىئو-تور شىركىتى تور بىكىىتى (BBC) خەۋەر ئۇلىنىش ئادرىسى: www.bbc.com/news
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uytag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-3 01:36 PM
|