ئىشتىن سىرت خىزمەت ئىزىدىگۈچىلەرگە
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، مەن بۇ تىما ئۈستىدە ئىزىدىنىۋاتقىنىمغا خىلى ۋاقىت بولدى. خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز يەنە بۇ تىما ئۈستىدە ئىزىدىنىپ كىلىۋاتىمەن، مانا بۈگۈن ئازراق بولسىمۇ بىر نەرسە يېزىپ قېرىنداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم.مېنى بۇرۇن نۇرغۇن قېرىنداشلار ئىشتىن سىرت توردا ئاچقۇسى بار قېرىنداشلار ئۈزلۈكسىز ئىزدەپ كەلگەن ھازىرمۇ ھەم ئىزدەۋاتىدۇ، ھەممىزنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئىشتىن سىرت قوشۇمچە ئىقتىسادىي كىرىمگە ئىگە بولۇش، بۇ يازمامدا شۇ قېرىنداشلارغا مەنپەئەت تىگىدىغان مەزمۇنلار بار.
مەن يەنە شۇ تور سودىسى ھەققىدە توختىلىمەن. تورسودىسى بارلىققا كېلىپ قىسىقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە تەرەققىي قېلىپ ھازىرقىدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، تور سودىسىتوختىماستىن تەرەققىي قىلىدۇ. تور سودىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ نۇرغۇن قوشۇمچەكەسىپلەر بارلىققا كېلىدۇ ۋە تەرەققىي قىلىدۇ. تۆۋەندە تور سودىسىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان بىر قانچە خىل قوشۇمچە كەسىپنى چۇشەندۇرۇپ ئۆتىمەن.
1. رەسىم ئىشلەش دىتاللىرىنى ئۇگىنىش.
مەن بۇرۇن يازغان توردا سودا قىلغۇچىلارنىڭ قانداق تەييارلىق قېلىش كېرەك ؟ دېگەن ماقالىدە تور دۇكان ئاچقۇچى چوقۇم رەسىم ئىشلەش دىتاللىرىنى ئشىلتەلەيدىغان بولۇش كېرەك دىگەن.
تورسودا قىلغۇچىلارغا نىسبەتەن مەھسۇلات رەسىمى مال ساتقۇچى خادىم دېگەن گەپ.ياخشى تارتلىغان ۋە ياخشى ئىشلەنگەن رەسىملەر بىر ياخشى مال ساتقۇچى خادىم.
كومپىيۇتىر ئاساسىي سەۋىيسىگە ئىگە، سەنئەت تۈيغۇسى بار قېرىنداشلار بولسا ئىشتىن سىرت فوتوشۇف قاتارلىق دىتاللارنى ئۇگەنسە تاۋباۋ قاتارلىق سودا بەتلىرىنى ئىزدىسە ئىشتىن سىرت قىلىدىغان ئىش چىقىدۇ.
كۆپىنچە قېرىنداشلار بەلكىم قانداق ئۇگىنىمەن ؟ دەپ سورايدۇ.
جاۋابىم شۇكى ؛
ئۇيغۇرچە ئىشلەنگەن دەرسىلىك فىلىملىرى بار. شۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇگەنسە قىسىقا ۋاقىت ئىچىدە راۋۇرۇس سەۋىيگە ئىگە بولىدۇ.
تىرىشىچان ئادەم بولسا فوتوشۇف دىتالىنىڭ دەرسىلىكىنى كۆرۈش ئارقىلىق بىر ئايغا قالماي راۋۇرۇس ئۇگىنىپ بولىدۇ.
بۇرۇن مېنىڭ بىر قانچە تونۇشۇم توردىن مەھسۇلات رەسىمى ئىشلەيدىغان ئىشلارنى تېپىپ قىلىدىغان.قىلغان كىرىممۇ خىلى يامان ئەمەس ئىدى.
2.رەسىمگە تارتىش
توردا مەھسۇلاتنى سېتىپ چىقىرىش ئۈچۈن رەسىمگە تارتىشىقا توغرا كىلىدۇ ئەلۋەتتە! ياخشى تارتىلغان رەسىم رەسىمنى بىر تەرەپقىلشىتكى ئەڭ ياخشى ماتىرىيال بولىدۇ. توردا مەھسۇلاتنىڭ رەسىمنىڭ چىنلىقىغا ئالاھىدە ئىتىبار بېرىلىدۇ، توردىكى بەزى رەسىملەرنىڭ سۇپىتىنى بەك ناچار،ئېنىق ئەمەس. رەسىمگە تارتىشقا ھەۋەس قىلغۇچىلارغا نسىبەتەن تور سودىسى ئۈچۈن رەسىم تارتىپ بېرىش ياخشى ئىقتىسادىي كىرىم ئېلىپ كىلىدۇ.
ئاپپاراتلارمۇ ھازىر ئەرزان بولۇپ كەتتى.3000 كويلار ئەتراپىدىكى ئاپپارات ياخشى چىقىدۇ،ھەمدە تور سودىسىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدۇ، ئاپپاراتقا ماسلاشتۇرۇپ بىردانە رەسىم تارتىش ئۆيى(كاتەكچە شەكىلىك رەسىم تارتىش ئۆيى بار) تەييارقىلىۋالىمىز. بىزنىڭ رايونىمىزدا كۆپرەك يەل –يىمىشلەر بولغاندىكىن مۇشۇ ئۆي بەك ماس كېلىدۇ.
يۇقارىقى ئىككى تۈرنى بىرلەشتۇرەلىسە تېخىمۇ ياخشى.
3. خەنزۇچە ۋە ئۇيغۇرچە يىزىقىچىلىقى داۋاملاشتۇرۇش.
تور سودىسىدا بىۋاستە ئېلاننىڭ ئۈنۈمى كۆرۈرنەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا ھەرخىل ئەگىتمە ئېلانلارنى قوللىنىمىز. مەھسۇلاتنىڭ چۇشەندۇرۇشنى ۋە مەھسۇلاتنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلارنى يازىدىغان ئشلارمۇ چىقىدۇ. يۇمشاق ئېلان يازىدىغان ئىشلارمۇ كۆپ بولىدۇ. ياخشى يېزىلىغان ماقالە نەچچە مىليون خەجلىگەن تىلۋىزىيە ئېلانىنى بېسىپ چۇشىدۇ. شۇڭا قوشۇمچە يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار توختىماستىن مەشىق قىلىپ بەرسە چوقۇم مۇشۇنداق يىزىقچىلىق قىلىدىغان ئىشلار چىقىپ تۇرىدۇ.
يەنە مەھسۇلاتنىڭ رەسىملىرىگە قاتىدىغان سۆزلەرنىمۇ يازىدىغان ئشىلارچىقىدۇ.
4.مال ساتقۇچى
ئىشتىن سىرت مال ساتقۇچى خادىمبولۇشمۇ ياخشى تاپاۋەت قىلدىغان تۈر. تاۋباۋ تورىنىڭ تاۋباۋ خىزمەت ئىزدەش رايونىبار.
بۇ خىزمەتنى قىلىش ئۈچۈن سىز ئۈزلۈكسىز ھالدا ئۇگىنىشىڭىز كېرەك.ۋاقىتىڭىزچىققاندا توردىكى دۇكاندارلار بىلەن پاراڭلىشىڭ.سۆز ئىشلىتىشنى ئۇگىنىسىز.
ئۆزىڭىز تاللىغان ساھەنى چۇشىنىڭ. مەسىلەن كىيىم-كىچەككە قىزىقىسىڭىز شۇ بويىچە ئۇگىنىڭ، مال ساتقۇچى دىگەن ساتماقچى بولغان مېلىنى ئوبدان چۇشنىشى كېرەك.
بۈگۈن مۇشۇ تۆت تۈرنى تەۋسىيە قىلاي. ئاللاھ خالىسا يەنە باشقا تۈرلەرمۇبار، ئۇلارنىمۇ يوللايمەن.
ئاخىرىدا قېرىنداشلىرىمىدىن ئۈمىد قىلىدىغىنىم: مەيلى سىز قانچە ياشقا كىرگەنبولۇڭ، مەيلى خىزمىتىڭىز بولسۇن –بولمىسۇن! چوقۇم بىر ھۈنەرنى ئۇگىنىڭ. ھازىرقى تىل بويىچە بىر كەسپىنى پىشش ق ئۇگىنىڭ. ھەرگىز خار بولۇپ قالمايسز.
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قېرىنداشلرىمىنىڭ چوقۇم ھۈنەر ئۇگىنىشنى تەۋسىيە قىلمەن. مەنمۇ بۇيىل ئوقۇش پۈتتۈردۈم.مانا مەن كىيىم-كىچەك ساھەنى ئۇگىنىۋاتىمەن.
كىيىم-كىچەك ساھەسىنىڭ ئەڭ ئاساسىي قىسىملىرىدىن باشلاپ ئۇگىنىۋاتىمەن.دەزمال سېلىشنى ئۇگەندىم. مانا بۇ مەن شىركىتىمىزنىڭ مەخسۇس سېتش دۇكىنىدا كۆينەككە دەزمال سېلىۋاتقان ۋاقتىم.