- ھە راس ، مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدا تاماق يىمىگىلى بىرە ئاي بولۇپ قالغان ، كۈندە ئوغۇل دوستۇم بىلەن سىرىتقا چىقىپ كىرەي دەپ چىقىپ كىتەتتىڭ ، بۈگۈن ئەجەپ مەكتەپ ئاشخانىسىدا تاماق يەپ قاپسەنغۇ ؟
- ۋاي ئۇنىڭ گىپىنى قىلمىغىنە ، تازىمۇ بىر لەغمەنگە ئامراق بالىكەن ئۇ ، كۈندە تاماق يەيلى دەيدۇ ، ماقۇل دىسەم يا بىرەر قېتىم خوگوخانىلارغا يا تۈركىيەنىڭ تاماقخانىلىرىغا باشلىسا نىمە دەي ، شارائىتى مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىچىلىكمۇ يوق ئۇ ئاشخانىلارنىڭ ، نىمە يەيسىز دەپ كۈزۈمنىڭ ئىچىگە قاراپ ئولتۇرغان، سىز نىمە يىسىڭىز شۇنى يەي دىسەم ، ئەمسە لەغمەن يەيلى دەۋاتقان ، ئۆمرۈمدە شۇ لەغمەن بىلەن خوشام يوقلىقىنى بىلىسەنغۇ ، ئەمدى سىز لەغمەن يەڭ ، مەن باشقا تاماق يەي دىگىلى بولمىسا ، ئالدىنقى قېتىم ، تۇغۇلغان كۈنۈمدە سوۋغا قىلغان ھېلىقى قونچاقچۇ ، ئالدىنقى قېتىم تاللا بازىرىدا كۆردۈم دىگىنە ، ئارانلا 29.9 يۈەنكە ، تېخى تۈنۈگۈن ئاشۇ قونچاقنى قايتۇرۇپ بەرسىڭىز دەيدۇ ، تازىمۇ بىر چۈپەي نىمىكەن ، ئۇنىڭ ئىچىنى چۇۋۇپ ، قايچا بىلەن كىسىپ ، مانا قونچىقىڭ دەپ تاشلاپ بەردىم .
ئۇنىڭ ھەرىكەت بىلەن قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلاپ تازا كۈلۈپتىمەن .
- ھەي ، سەنمۇ بىرەر ئوغۇللار بىلەن يۈرسەڭ بولاتتى ، تۈركىيەنىڭ چولپانلىرىدىن قېلىشمايدىغان مۇشۇ چىرايىڭ بىلەن ئونۋىرسىتىتقا كەلگەن 2 يىلدىن بۇيان ، كەينىڭدىن يۈگۈرگەن يىگىتلەر ئازمۇ سىنىڭ .
- تاماقنىمۇ يەپ بولدۇق ، ئەمدى مەن قاچىلارنى يۇياي ،سەن ياتاققا چىققاچ تۇرغىن
مەن شۇنداق دەپ قاچىلارنى يىغۇشتۇرۇپ ، ئاشخانىنىڭكە كەينىدىكى قاچا يۇيۇش ئورنىغا ئېلىپ ماڭدىم ، ئۇنىڭ ماڭا نەچچە قېتىم ئۇنداق دىگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، ئەمما مەن ھازىر ئۆگىنىشتىن باشقىغا زېھنىمنى چاچسام بولمايدۇ . بولمىسا يۇرتتا مىنى دەپ پىژغىرىم ئىسسىق ، قەھرىتان سوغۇق دىمەي ، جاپا تارتىۋاتقان ئاتا - ئانامغا قانداق يۈز كىلەلەيمەن .شۇ ھامان خىيال ئېكرانىمغا ئاتا - ئانامنىڭ قورۇق چۈشۈپ ، چاچلىرى ئاقارغان سىماسى كەلدى.
- مەنمۇ يۇيۇشۇپ بىرەي
ئۇ شۇنداق دىگىنىچە ، پەلەيدىن قولىغا كىيىپ ، يۇيۇشقا تەمشەلدى .
- سەنما ؟ بولدى ئاداش يەنىلا ئۈزۈم يۇياي
يىڭنە تۇتسىمۇ قولى قاپىرىدىغان بۇ ئەركە خېنىمنىڭ ئەمدى قاچا يۇيىمەن دىگىنىگە ئىشەنگۈم كەلمەيۋاتاتتى .
- كىم مىنى سىنىڭ دوستۇڭ بولۇپ قالسۇن دەپتىكەن ، ھى ھى
ئىككىمىز قاچىلارنى يۇيۇپ بولۇپ ، ياتاقتىن كىتاپلىرىمىزنى ئېلىپ ، كەچلىك مۇزاكىرىگە ماڭدۇق .
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) a1 j' J5 i! @; R7 r
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 U- d) e7 ]* e! o! g# q0 S
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: e$ O9 z s7 i6 ^4 {
2 - باب : تۇيۇقسىز كەلگەن مۇسىبەت
كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشۈپ ، ئۆيگە تېلىفۇن قىلدىم ، مۇشۇ 2 كۈندىن بويان سول قاپىقىم تارتىپلا تۇراتتى ، كىچىكىمدىن سول قاپىقىم ياراشمايىتتى تېلىفۇننى ئاپام ئالدى .
- ئەسسەلامۇ - .ئەلەيكۇم ، گۈزەلنۇر بالام ، تىشلىقمۇ ؟ ياخشى تۇردىڭىزمۇ ؟
- ياخشى ئاپا ، ئۆزەڭلاچۇ ياخشى تۇردۇڭلارمۇ ؟
- بىزمۇ ياخشى بالام ، ھاۋا سوۋۇپ قالدى ، قېلىن كىيىنىڭ ، سوغۇق ئۈتۈپ قالمىسۇن .
- ماقۇل ئاپا ، 2 كۈن بولدى ، سول قاپىقىم تارتىپلا تۇرىدۇ ، ئۆيدە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ؟
- ياقەي بالام ، ھىچ ئىش يوق ، سىز كىشىنىڭ يۇرتىدا قېينىلىپ قالماي ، ياخشى تۇرۇپ ، ياخشى ئوقۇسىڭىزلا بىزمۇ ياخشى ،
- ماقۇل ئاپا ، مەن چۇقۇم ياخشى ئوقۇيمەن
دادامنىڭ ئەھۋالىچۇ ياخشىمۇ ، ھەر قىش كىرسىلا كانەي ياللۇغى قوزغىلىپ قالىدىغان ، يۈرەك كېسىلىمۇ جايىدىمۇ ؟
- ھ ھە يا ياخشى بالام ، سىز بىزدىن ئەنسىرىمەڭ ،
ئاپامنىڭ ئاۋازى سۇس تىتىرەۋاتاتتى ، مەن بۇنىڭدىن بىر شۇملۇقنى سەزدىميۇ ، ئەمما ئارتۇق سورىيالمىدىم .
- ئاپا ، دادام يېنىڭىزدا بارمۇ ؟ دادامغا بىرىڭە
بىر ئازدىن كىيىن تېلىفۇننى دادام ئالدى
- ئەسسەلامۇ - ئەلەيكۇم بالام تىشلىقمۇ ؟
- تىشلىق دادا ، ئۆزلىرىچۇ ياخشى تۇرلىمۇ ؟
- مەنمۇ ياخشى ، سالامەتلىكىڭىز جايىدىدۇ ؟
- ھەئە بالام ، سىز بىزدىن ئەندىشە قىلماي ، ياخشى ئوقۇڭ ، ھېلىمۇ مۇشۇ سوغۇقتا مەكتەپتە قاچا يۇيۇپ ، جېق جاپالارنى تارتىۋاتىسىز ، ياخشى ئوقۇڭ ، ھېلىمۇ 2 يىلنىڭ ياقى فاكولتىت بويىچە بىرىنجىلىكنى قولدىن بەرمەي كىلىۋاتىسىز ، جېنىم بالام ، مەن سىزدىن رازى .
دادام خۇددى كىچىك بالىلارغا سۆزلىگەندەك ماڭا بىرمۇنچە ئىشلارنى تاپىلىدى ، ئاخىرىدا بولسا يېغلاپ كەتتى ، مەن ئالىي مەكتەپكە ماڭغان ۋاقتىمدىمۇ يېغلىماي ،« بالام ، ئادەم دىگەن قەيسەر بولىشى كېرەك » دىگەن دادام ئەمدىلىكتە يېغلاۋاتاتتا ، ئۆيدە بىرى ئىش بولغانمىدۇ ؟
ئارىدىن 15 كۈنلەرچە ئۆتكەندە ، بىر نەۋرە ھەدەمدىن تېلىفۇن كەلدى ، تېلىفۇننى ئېلىشىمغىلا ئۇ ئېسەدەپ يېغلاپ كەتتى
- گۈزەلنۇر جېنىم سىڭلىم .....
- ھەدە ، نىمە بولدىڭىز ، بىرە ئىش بولدىما ؟
- سەۋىر قىلىڭ سىڭلىم ، ئۈلۈم كىمنىڭ بېشىغا كەلمەيدۇ دەيسىز ، دادىڭىز كەتسە دادىڭىزنىڭ ئورنىدا مانا بىز بار سىڭلىم .
- نىمە ، ھەدە نىمە دەيسىز نىمە ئۈلۈم ، دادامغا بىرەر ئىش بولدىما ؟
- نىمە ؟ سىز تېخى بىلمەمسىز ؟ دادىڭىز يۈرەك كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى ئىكەنتۇق ، بىزمۇ بىلمەپتىمىز ، تۈنۈگۈن كېچىدە قازا تاپتى
- نىمە ؟
كۈزۈمنى ئاچسام كارىۋىتىمدا يېتىپتىمەن ، بېشىمدا ئادىلە قاراپ تۇرۇپتۇ .
- ئاداش ، بىرە ئىش بولمىغانسە ، باياتىن يەردىلا يېتىپ قالدىڭ، بەك قورقۇپ كەتتىم .
ئۇنىڭغا جاۋاپ بەرمىدىم ، ئۇنىڭغا ئېسىلىپ ، ئاۋازىمنى بولىشىغا قۇيىۋېتىپ ، يېغلاپ كەتتىم .
- ئاپا ، ماڭا نىمىشقا دىمىدىڭلا ، دادامنىڭ ئۈلۈپ كەتكىنىنى ماڭا نىمىشقا دىمىدىڭلا ؟
- بالام ، سىزگە كىم دىدى ؟
- باياتىن ھەدەم ماڭا تېلىفۇن قىپتىكەن ، شۇ دىدى
- ئەسلى سىز ئىمتاھانىڭىزنى بىرىپ بولغاندا دەيلى دىگەن ، سىزنى بىلسە ئىمتاھان نەتىجىسىگە تەسىر يەتمىسۇن دىگەن .
- ئاپا ، مەن ئەتىلا كورلىغا ماڭىمەن