پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى قېتىق مۇزىكا ئەترىتى
نۇر تورى خەۋىرى :
Jeck بلوگىنىڭ تەكلىپلىك ئاپتورى مۇقەددەس مىجىت ياۋروپادىن خەۋەر قىلىدۇ: 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 21- كۈنى، گېرمانىيەنىڭ Osnabrück شەھىرى Lagerhalle مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىنىڭ ئالدى ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەن روك (rock) ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكا ئەترىتى قېتىق (Qetiq) كە قىززىقۇچىلار بىلەن تولغانىدى. ئۆمرىگە كېلىپ ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئاڭلاپ باقمىغان، بۇ ئىنسانلارنىڭ قايەردە تۇرۇپ قەيەردە ياشايدىغانلىغىنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان شەھەر ئاھالىلىرى، بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى مورگەنلاند مۇزىكا بايرىمى (Morgenland muzika festival) نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدە ئايشىگۇل مۇھەممەتنىڭ سېھىرلىك ئاۋازىدىن مەس بولۇشقانلىقلىرىنى، كامىل ئابدۇشۇكۈرنىڭ رەڭدار رەسىم كۆرگەزمىسىنى، مۇقەددەس مىجىتنىڭ قېتىق نامىدىكى روك ئەترىتى توغۇرلۇق ئىشلىگەن ھۇججەتلىك فىلىمىنى ئەسلىشىپ، بۇ مۇزىكا كىچىلىكىنى قىززىقىش ئىچىدە كۈتىۋاتاتتى. پەرھات خالىق باشچىلىقىدىكى ياش مۇزىكانتلار گىتتارلىرىنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە كىرىپ كەلگەندە، زالدىكى تاماشىبىنلار ئۇزۇندىن كۈتىۋاتقان خەلقئارالىق داڭلىق سەنئەتكارلارنى كۆرگەندەك چۇقان سېلىشتى.
قېتىق ئەترىتىنىڭ بىرىنجى ناخشىسى لىرىكىلىق ھەم غەمكىن باشلىنىپ، ۋىزا ئېلىش مۇمكىن بولماي بۇ بايرامغا كىلەلمىگەن پەزىلەت تۇرسۇن ھەم مەھمۇت مەمەتكە بىغىشلاندى. تاماشىبىنلار بۇ كونسېرىتنىڭ قانچىلىك بەدەل، ھەم جاپادا ۋۇجۇتقا چىققانلىقىدىن تەسىرلىنىپ مۇڭغا چۇشتى. 19 ياشلىق قازاق مۇزىكانت ئىرشات دىلشاتنىڭ قوش تونلۇق (humai) ناخشىسى كىشىلەرنى پايانسىز يايلاقلارغا باشلاپ كىردى. بۇنىڭغا ئۇلاپلا، پەرھاتنىڭ ئىشچى ناخشىسى، سۈرىيەلىك داڭلىق Kilaniretchi Kinan Azmeh نىڭ قايناق solo لىرى بىلەن يۇقىرى پەللىگە كوتۇرۇلۇپ، تاماشىبىنلارنى ئەسەبىلەرچە ئۇسۇلغا چۇشۇرۇپ، چۇقان سۈرەنلەر پۇتۇن زالنى كۆتۈرۈپ تاشلىدى. تارىم ناخشىسى (پەرھات ۋە پەزىلەتنىڭ قايتا سەھنىگە ئىلىپ چىقىشى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا يېڭىدىن ھاياتلىققا ئىرىشكەن)، ئاق بايان، قىزلار، نازىركوم قاتارلىق ناخشىلار ئارقا-ئارقىدىن، بۇ گىرمانىيەنىڭ تىنچ كىچىك شەھىرىنى لەرزىگە سالدى.
كونسېرتنىڭ يۇقىرى پەللىسى، پەرھات روكلاشتۇرغان دولان مۇقام بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى. تاماشىبىنلار بۇ ياش مۇزىكانتلارنىڭ ئاجايىپ ھاياتى كۈچكە تولغان، ماگىنىتسىمان ئاۋازلىرىغا قايىللىق بىلدۈرۈشۈپ توختىماي ئالقىشلار ياڭراتتى.
Osnabrück ئەسلى Blues مۇزىكانتلىرىنىڭ ماكانى بولۇپ، پەرھات ئېرشاتلارمۇ Blues مۇزىكىسىنىڭ ھىرىسمەنلىرىدىن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەركىن ئوينىغان، ئەمما ئۇيغۇر پۇراق بىلەن يۇغۇرۇلغان Blues نى نەق مەيداندا تەبىئى ئورۇنلىشىنى (ئالدىن مەشىق قىلىۋالماي، يەنى improvisation ) كىشىلەر بۇ دۇنياۋى مۇزىكا تۇرىدىكى يىڭىلىق دەپ ماختاپ كەتتى. ئەسلى 1 سائەت پىلانلانغان كىچىلىك تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقى، مۇزىكانتلارنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغان ھىسىياتى بىلەن 2 سائەت ئەتراپىدا داۋاملىشىپ، كونسېرت ئاياقلاشقانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ، تاماشىبىنلارنىڭ ئۈزۈلمەي ياغدۇرغان چاۋاك سادالىرى ئاستىدا، مۇزىكانىتلار سەھنىگە ئارقىمۇ – ئارقىدىن ئۈچ قېتىم چىقىپ مۇزىكا ئورۇنلىدى.
بۇ سېھىرلىك كىچىدىن مەس بولۇشقان تاماشىبىنلار كونسېرت ئاياقلىشىپ تاڭ ئاتقىچىمۇ Lagerhalle نىڭ ئەتراپىدىن كىتىشمىدى. ھەممەيلەن ھاياجانلىق ئىچىدە، بۇ نەچچە مىڭ كىلومىتىر يىراقلىقتىن كەلگەن سەنەتكارلارغا ئاپىرىن ئوقۇشتى. بىر نەچچە ياشانغان مۇزىكا ھەۋەسكارلىرى، بۇ كونسېرتنى ئۆمرىدە كۆرگەن ئەڭ ئېسىل روك مۇزىكا كونسېرتى دەپ كۆزلىرىگە ياشلار ئالدى.)
يەرلىك گېزىتلەر بىر نەچچە كۈنگىچە توختىماي بۇ كونسېرتتىكى قەھرىمانلارغا مەدىھىيەلەر ئوقۇدى. ئۇيغۇرلار بىر نەچچە كۈن بۇ شەھەرنىڭ قىززىق تېمىسىغا ئايلاندى.
قېتىق مۇزىكا ئەترىتىنىڭ «تەكلىماكاندىن كەلگەن روك» ناملىق پىلاستىنكىسى يېقىندا گىرمانىيەدە رەسمىي تارقىتىلدى. بۇ پىلاستىنكىغا «دولان مۇقامى» ، «قارا يورغا»، «ئاق بايان»، «ئىشچى»، «تۇغۇلغان كۈنۈم»، «قىزلار»، «تارىم»، «شۈكرى دېدىم» ، « زەيتۇنخان- نازىركوم» قاتارلىق ناخشىلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، باھاسى 17 ياۋرو.
قېتىق مۇزىكا ئەترىتى 2010-يىلى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان. ئەترەتنىڭ ئاساسلىق گىتارچىسى ۋە ناخشىچىسى پەرھات خالق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. بۇ مۇزىكا ئەترىتىدە يەنە قازاق، تاتار ياشلىرىمۇ بار بولۇپ، شىنجاڭنىڭ مىللىي مۇزىكا ئالاھىدىلىگى ناھايىتى كۈچلۈك.
بۇ مۇزىكا پىلاستىنكىسى گىرمانىيە ئوسنابۈرك شەھىرى ۋە ئۈرۈمچىدە ئاۋازغا ئېلىنغان. مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامى «قېتىق» سۆزى گەرچە ئۆزگىچە بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن تورداشلار بۇ ئىسىمنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. شۇ چاغدا بىر تورداش مۇنداق دەپ باھا يازغان :« پەرھاتنىڭ ناخشىلىرى قېتىقتەك ئاستا-ئاستا ئۇيىدۇ، ناخشا ئېيتسا پۇتۇن ھېسسىياتى بىلەن ناخشا ئوقۇپ قېتىقتەك ئۇيۇپ كېتىدۇ، تاماشىبىنلارمۇ ،مۇڭلۇنۇپ قېتىقتەك بولۇپ كېتىدۇ». بۇ بەلكىم مۇزىكا ئەترىتىنىڭ نامىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى باھا بولسا كېرەك.
http://www.nur.cn/news/2014/08/179372.shtml