مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6180|ئىنكاس: 26

ھوۋقۇش ھوۋلىغان كېچەلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98045
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1152
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2013-9-21
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 04:10:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ھوۋقۇش ھوۋلىغان كېچەلەر


مۇئەللىپ-ئابدۇللا سالامەت قاشتېكىن


بىرىنچى ئىشىك-فىتنە سىنىقى


2

قاچاندۇر ئاناڭنىڭ كىملەر بىلەندۇ گۇڭۇرلىشىۋاتقان ئۈنى ئاڭلاندى، ئاناڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتقىنى ئۇنىڭ ئاچىسى، سەن بودەك ئانام دەيدىغان ئالتۇنخان ھامماڭ ئىدى.

-ئاچاملارنىڭ يەنە گېپى شۇ،- دەيتتى ئاناڭ،-ئادىلەمنى ياندۇرۇڭلار، مەن بۇرۇن قىلمىغاننى ئەمدى قىلسام، ئاقىلەي، كۆكىلەي دەيدۇ.

-بالىنىڭ رايىچۇ؟

-ئۇنىڭ رايىغا قوياي دىسەمغۇ خوشلۇقتىن ئېغىزى قولىقىغا يېتىدۇ، بۇ قىزبالا دىگەننى يا باغلاپ قويغىلى بولمىسا، مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىدا كاللىسىغا ئازراق خىيال كىرىپ قاپتىكەن بۇنىڭ، ئەينى چاغدا بۇ ئوڭلۇق ئاچامنىڭ قولىقىغا ئاشۇ ئىشلارنى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان پالانچى خانىم تۇغقىنىمىز سورۇپ بېرىپتىكەن، شۇنىڭ بىلەن رايى قايتىپ ئاشۇ توينى ياندۇرۇۋەتكىنى ئىكەن.

-بۇ قانداق گەپلەر بولۇپ كەتتى ئەمدى؟

-قايسى يىلى سىز ئاغرىپ قېلىپ دۇختۇرخانىدا بىر مەزگىل يېتىپ داۋالاندىڭىزغۇ، شۇ چاغدا ئادىلەم بىر مەزگىل مەكتەپتە ئوقۇغاچ سىزگە قارىغان ئاينا، ئاچام بىلەن ئىككىمىز سىزنى يوقلاپ بارغاندا، ئادىلەممۇ مەكتەپتىن چىقتى، شۇ ياتاقتىكى خوشنا كارىۋاتتا يۈرەك كېسىلى بولۇپ قېلىپ داۋالىنىۋاتقان بىر قاراموتۇق ئايال ئىسىڭىزدە بارغۇ، ئادىلەمنىڭ كۆڭلى چۈشۈپ قالغىنى دەل ئاشۇ ئايالنىڭ قىزىنى ئېلىپ قويۇۋەتكەن كىشىكەن…

-مۇنداق دەڭ، ھوي، پاتەم، ئۇدىگەن ئادىلەمنىڭ مۇئەللىمى ئەمەسمىدى؟ توۋۋا، ئادىلەمدىن خېلىلا چوڭ ئادەم ئەمەسمۇ ئۇ؟

-چىۋىننىڭ كۆڭلى پوققا چۈشۈپتۇ دىگەن شۇ ئەمەسمۇ؟

-قىز بالا دىگەنغۇ بىر كۆۋرۈككە ئوخشايدىكەن، ئۇنىڭدىن قېرىنىڭمۇ، ياشنىڭمۇ، چوڭنىڭمۇ، كىچىكنىڭمۇ بىر ئۆتۈپ باققۇسى كېلىدىكەن ئەمدى، لېكىن، دىگىنە، بۇلاردىن ئاۋۋال كىم  كىمگە قىزىغان بولغىيدى؟

-بىر مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا قىزىپ قېلىشى دىگەن ئەقىلغا سىغمايدىغان بىر ئىش، مېنىڭچە، ئادىلەم ئاۋۋال ئونىڭغا قىزىغان گەپ، قىزبالىنىڭ قىزىتمىسىنىڭ ئېشىپ قالغىنىنى تۇيغان ئەر كىشى دىگەن ئۇنىڭغا قىزىماي قويامدۇ؟ ساغلىق قىزىمىسا قوشقار ئېسىلمايدۇچۇ؟

-بۇ خۇددى بىزنىڭ رابىيخاننىڭ ئىشلىرىغا ئوخشاپ قالغىلى قوپۇپتۇ، لېكىن، ئايىغى ئوخشاش بولۇپ قالماس، خۇدايىم، رابىيەنى بىز ھېلىقى ئەكبەر مۇئەللىم دىگەننى قاماقتىن ھېچقانداق پىكرىمىز يوق دەپ گۇۋاھلىقتىن ئۈتۈپ ئاچىقتۇرۇپ ئاندىن تويلاپ بەرگەن ئىدۇق، ئۇچاغدا بىز ئۇنى ئاشۇنداق قىلمىساق بولمايدىغان بولۇپ قاپتىكەن. ئۈچ ئۇغلى بىلەن تۇل قالدى ئاينا ئۇ بىچارە، خۇدايىم ئۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆمرىنى كوتا قىلىپتىكەن، يۈرەك كىسىلى بولۇپ قازا قىلغاندا ئۈچىنچى ئوغلىغا قورساق كۈتۈرگىلى تېخى نەچچە ئايلىق بولۇپتىكەن، ئاشۇ بالىمۇ تۇغۇلۇپ ئاينا خېلى چوڭ بولۇپ قالدى، لېكىن رابىيە بۇجەرياندا نىمە جاپالارنى تارتمىدى، ئۆزىدىن چوڭ ئادەمگە تەگسە قىز بالا بەك تىز قېرىپ چۈشۈپ كېتىدىكەن.ئالدىمىزدىن بىر قېتىم ئۆتكەندىكىن، ئادىلەمنى ئۇنداق ئۆز رايىغا قويۇپ بەرمىگىنىڭ ئۇبدان بولۇپتۇ، ئۇكام، لېكىن … كونىلاردا :«ئويقۇ جاي تاللىماس، مۇھەببەت چىراي تاللىماس» دەيدىغان بىرگەپمۇ بار، پاتەم، مېنىڭ ئاڭلىغىنىمدا ئۇ كىشىغۇ خېلى ئوڭلۇق ئادەم، ئەمما…

-ئۇ گەپلەرنى بىر قىلىپ سالماڭ، بۇ ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتى بەك چىڭ، ھەركۈنى ئۇلار تېلېفۇندا كۈرۈشۈپ تۇرىدۇ. توسۇپ ھالىم قالمىدى، توسىغانسىرى يۇشۇرۇن تېلېفۇنلىشىدىكەن، ئادىلەمگە : «كۈرۈشمەيسەن» دەپ بەك قاتتىق زەردە قىلدىم، ئۇنداق قىلغان بىلەن بالا دىگەننى باغلاپ قويغىلى بولمايدىكەن، بازار كۈنلىرى مەن بازارغىمۇ بارماي ئۇنىمۇ بارغۇزماي قولتۇقۇمغا قىسىپ يۈرۈپ باقتىم، ھەمىشە ئۇنداق قىلىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ھېچبولمىسا ھاجەتخانىغىمۇ بىللە ئاپىرىپ بولغىلى بولمايدىكەن، ئۆيدە لازىم بولىدىغان ئۇ-بۇ نەرسىلەرنى ئەكەلگىن دەپ دوقمۇشلارغا ئەۋەتىپ سالىدىكەنمەن، ئاشۇنداق چاغلاردا تېلېفۇندا كۈرۈشۈۋېرىدىكەن، تېلېفۇننىڭ پۇلى تۈگەپ توختاپ قالسا كۈرۈشمەسمىكىن دىسەم، نەدىكىنى، بىزنىڭ بۇ تېلېفۇن ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، ئاخشىمى توختاپ قالسا ئەتىسى قاقپودا يەنە ئېچىلىپ بولىدۇ، بىر كۈنى كىسەل يوقلاپ كەتتىم، دادىسى جۈمە ئوقۇغىلى كەتكەن پۇرسەتتە ئۇ كېلىپ كېتىپتۇ، يوغان قوغۇندىن ئىككىنى ئەكىلىپتۇ، ئادىلەمنىڭ قوغۇن دىسە ئۈزىنى ئاتىدىغانلىقىنى ئۇ بىلىدىكەن دىگەن گەپ. بۇ ئۆيدە ئۇ ئىككىسى ئاران كۈرۈشكەندە نىمە ئىشلارنى قىلىشمىدى، خۇدايىم ساقلار، بۇ گەپلەرنى دىسەك گەپ جىق، ھېلىقى رېقىپجان بىلەن توي قىلىدىغان بولغاندا ئادىلەم شەھەردە ئىدى ئاينا، توينى بىز چارشەنبىگە توختاتتۇققۇ، ئادىلەم شەھەردىن قايتىشىدا ئون ئىككى گرام كېلىدىغان بىر ئالتۇن بىلەيزۈكنى قولىغا سېلىپ كەپتۇ، قاراڭ ئاچا، ئۇ ئۈزۈكنى ئۇ ئادەم ئادىلەمنىڭ تويىغا سوۋغا قىپتۇ، ئۇنىڭ ئادىلەمگە قىلغانلىرى بەك جىق، بۇنى رايىغا قويسامغۇ ھازىرلا ئۇنىڭ يېنىغا كەتكۈسى بار. ئەمدىكى گەپ ئادىلەمنى قارىم بىلەن بولغان تويدىن ياندۇرۇشقا ئۇنىڭدىن باشقا كىشى يۈلەك بولالمايدۇ، ئۇ ئۇنىڭدىن باشقىنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايدۇ، ئەينى چاغدىمۇ ئاشۇ تويغا قايىل قىلىش ئۈچۈن ئۇ كىشىگە تېلېفۇن قىلىپ :«…تويدىن كېيىن مەن سىلىگە كۆپ خىزمەت قىلاي، ئاۋۋال قىزىمنى بىر ئەرگە بېرىۋالاي، ھازىر بۇ ‹ھېچكىمگە تەگمەيمەن، ئەرگە تەگمەيمەن› دەپ ئولتۇرۇۋالدى، ئاچاملار تېخى ئالدىراپ قالدى، مەن بەك تەڭقىسلىقتا قالدىم، ئادىلەم سىلىنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ قالارمىكىن دەيمەن، بۇ قىلغانلىرى ئۈچۈن كېيىن ئادىلەم بىلەن ئىككىڭلارنىڭ كۆڭلى ئېچىلغۇدەك شارائىت يارىتىپ بېرىمەن، سىلىنىڭ قىلغانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايمەن» دەپ يۈزۈمنى قىزارتىپ كۆپ سۆزلىگەن ئىدىم، ئارىدىن بىرمەزگىل ئۈتۈپ ئۇ ئاسانلا بۇ تويغا قوشۇلۇپ قالغان ئىدى، بولمىسا مەن بۇ جاھىل قىزنى ئۇرۇپ- تىللاپ چاچلىرىدىن تۇتۇپ تاملارغا ئۈستۈرۈپ، سۆرەپ  قىلمىغىنىم قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئاشۇ ئەلپازىدا ئۇنى قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتسەممۇ ماقۇل دىگۈزەلمەسكەنمەن، ئەمدى يەنە سۆزلە، قايىل قىلىپ بەر، ئۇ يەنە ھېلىقىدىن يانسۇن،  مانىڭغا تەگسۈن دىسەم نىمە دەيدۇ، بىلگىلى بولمايدۇ مانا.

-ئادىلەمنى ئۇ كىشى راستلا قايىل قىلالايدىغانلىقىغا ئشەنچ قىلالامسەن، پاتەم؟

-نىيەت قىلسىلا قايىل قىلالىشىدا شەك يوق.

-ئەمىسە ئۇكىشىگە بىرەر ئىككى يۈز كوي پۇل بەرسەك قايىل قىلىپ بەرمەسمۇ، ناھايتى ئېغىزىنىڭ يېلى كەتكەندىكىن.

-بۇ ئىشقا بىرەرئىككى يۈز كوي ئەمەس، بىرەر ئىككى مىڭ كوي بەرسەكمۇ ماقۇل دىيىشى قانداق بولاركىن. ئۇنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پۇلى بار، ئۇنىڭ ئادىلەم ئۈچۈن خەجلىگەن پۇلىمۇ ئاز ئەمەس، ئۇ بىز بېرىلى دىگەن ئىككى توك- توك پۇلغا ھاجەت ئەمەس.

-ئەمىسە ئويلىغىنىڭ بارمۇ؟

-پەقەت بىرلا يول بار، ئۇ ھازىر ئادىلەمگە كۈيۈپ قېلىغلىق، بىز ئۇنى ئادىلەم بىلەن بىرەر ئىككى- ئاخشام بىللە قويساق قانداق بۇلاركىن، ئۇنىڭغا ھازىر مۇشۇ گەپلا ئەڭ تېتىيدۇ، باشقا چارە ئاقماسمىكىن، ئاچا.

-لېكىن، چاتاق يېرى، بۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ. ناۋادا بىز ئۇ كىشى بىلەن بىزنىڭ سالىھەنى تۇنۇشتۇرۇپ باقساق يارىتىپ قالسا سالىھەنى بېرىپ كۈيئوغۇل قىلىۋالاتتۇق. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بۇ ئىشىمىزغا ياردەم قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى، ناھايتى بىز ئۇنىڭغا تويلۇقنى ئازراق ئالغۇزۇپ كۆپ چىقىمدار قىلماي ھۆرمىتىنى تازا قىلىپ قوياتتۇق شۇ…

-سالىھەنىڭمۇ يېشى ئانچە چوڭ ئەمەس، ئۈزىمۇ ئۇز، بۇي-بەستى ھەرھالدا كېلىشكەن، ھەر ئىككىسىنىڭ بىرەردىن بالىسى بولغاندىكىن ماقۇل دىسىغۇ چىقىشىپ قالسا ئەجەب ئەمەس ئىدى، لېكىن، ئۇ نىمە دەركىن، ئاچا. مەن ئەتە ئادىلەمگە دەپ باقاي، ئۇ سۆزلىسە قايىل بولۇپ قالارمىكىن- تاڭ،-ئۇلارنىڭ گېپى شۇ يەرگە كەلگەندە سەن ئازراقلا مىدىرلاپ سالدىڭ، ئۇلار سېنىڭ ئويغاقلىقىڭنى مۆلچەرلەشتى، ھامماڭ ئاناڭ بىلەن نىمىنىدۇر قۇلاقلىشىپ ئالدىراپ ئۆيىگە قايتتى. ئۆيۈڭدە ئاجىز يېنىۋاتقان قىرىق ۋاتلىق لامپا ئۆچتى. بىردەمدىن كېيىنلا ئاناڭ يىنىك خورەكنى باشلىدى. باياتىن ئۇلار ئۇنىڭغا تونۇشتۇرماقچى بولغان لايىق سالىھەنىڭ گېپىنى ئابايام سەن تېلېفۇندا ئۇنىڭغا دىگەن ئىدىڭ. ئۇ بولسا يا ھە يا ياق دېمەي، ۋەيا ئويلىنىپ باقايمۇ دىمەي ئۆزىنى قاچۇرغان، قايتىلاپ سورىغىنىڭدا بولسا :

-ئۇنىڭ چىرايى ساڭا ئوخشامدۇ،- دەپ سورىغان ئىدى.

-كۆرسىڭىز بىلىسىز،-دىگىنىڭدە بولسا، ئۇ:

-ئۇنداقتا، قانداق بولىدۇ، شۇنداق قىلسام سەن خوش بولامسەن،-دىگەن ئىدى.

–مېنىڭ خوش بولۇشۇم مۇھىم ئەمەس، ئويلىغىنىم، ئۇ خېلى چىۋەر، ئاش- تاماققا ئۇستا، ئۇنى ئالسىڭىز ئاچ- توق يۈرمەيسىز، كىيىملىرىڭىزنى پاكىز كېيىسىز، ئەتىگەن- كەچتە يالغۇز قالمايسىز، ئاندىن بىز ئۇرۇق- تۇغقان بولىمىز، بۇ يەرلەرگە كەلسىڭىز ھېچكىم سىزدىن ئارتۇقچە گۇمانلارنى قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئۇ چاغدا بىز پات- پات كۈرۈشۈپ تۇرالايمىز دەپ ئويلىغان ئىدىم. مەسىلەن سىز ھازىر بىزنىڭ ئۆيگە كېلىش ئەمەس ئۆينىڭ كەينىدىكى تاشيولدىن ئۆتسىڭىزمۇ خەق بىز ئىككىمىزدىن گۇمانلىنىدۇ، ئۆتكەن يىلى كۈزدە سىز مۇشۇ يولدىن ئۈتۈپ ھېلىقى جىنلىق كۆۋرۈكنىڭ يېنىدا بىردەم تۇرۇپ كەينىڭىزگە يېنىپسىزكەنغۇ، شۇ كۈنى مەھەللىدىكى بىر ئالاقاغا دادامغا يەتكۈزۈپتۇ، كەچقۇرۇن دادام مەن يېتىپ بولغاندا چېچىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ ھويلىغا ئاچىقىپ تاملارغا ئۈستۈرۈپ زەردە قىلىپ ئېغىزدىن چىققۇسىز گەپلەر بىلەن تىللاپ تۇغۇلغىنىمغا غىق تويغۇزغان، مەن دادامدىن قورقىمەن، ئانامدىن بولسا تېخىمۇ قورقىمەن، ياش ئون يەتتىدىن ئاشقاندا ئۇنداق زەردە قىلسا ئادەمگە بەك ئېغىر كېلىدىكەن، خۇدانىڭ غەزىپىدىن قورقمىغان بولسام شۇ چاغدا بوينۇمغا سىرتماق سېلىپ ئېسىلىپلا ئۈلۈۋالاتتىم ياكى بولمىسا قازناقتىكى چاشقان دورىسىنى يېۋېلىپلا خاپىلىقتىن قۇتۇلاتتىم دەڭە، شۇڭا ئاشۇنداق ئويلاپ سالغان ئىدىم، ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسىڭىز سىزگىمۇ، ماڭىمۇ ياخشى بولاتتى…

-سەنچە، ناۋادا شۇنداق قىلساق ئۇ توي قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھېلىقى سەن دىگەندەك ئىشلاردىن قول ئۈزۈشى مۇمكىنمۇ؟

-ئۇنىڭغا ھۆددە قىلالمايمەن، بوپتۇ، خالىمىسىڭىز مەنمۇ بۇگەپنى دىمىگەن بولاي، سىزمۇ ئاڭلىمىغان بولۇڭ … راستىنى دىسەم، سىزنىڭ باشقا بىرى بىلەن توي قىلغىنىڭىزنى ئاڭلاشنى خالىمايمەن… ئۇنىڭغا چىدىمايمەن،  مەيلى قارىمغا تىگەي ياكى باشقا بىرى بىلەن ياشاي، ھەتتا نەچچىنى تۇغاي، سىزنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىمەن.

-ئەمىسە مەنچۇ، مەن نىمە قىلىمەن، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە ساڭا قارىلىق تۇتۇپ ياشامدىم.

-ئۇنى مەنمۇ ئۇقمىدىم، مۇشۇ ئىشلارنى ئويلىسام بېشىم بەك قاتىدۇ…

-بوپتۇلا، سەن خالىمىغاندىكىن بۇ گەپلەرنى ئەمدى دىيىشمەيلى… ھەراست، ئادىلەم، مېنى راستلا چىن دىلىڭدىن سۈيەمسەن؟

-ھەئە، خۇددى سىز ماڭا كۆيگەندەكلا…سىزنى مەڭگۈ سۈيىمەن…

-مەنمۇ سېنى مەڭگۈ سۈيىمەن، مەن ساڭا ئاشىق…

-لېكىن، بىزنىڭ توي قىلىشىمىشغا مۇمكىنچىلىك يوق، ھېچبولمىسا تۇنجى تويۇمدا…

-نىمىشقا؟ سەن ئۆيۈڭدىن قېچىپ چىقىشقىلا ئىشەنچ قىلغان بولساڭ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولمايتتىچۇ…

-قاراڭ، سىزگە بىر گەپ قىلىپ بېرەي…

-يەنە ھېلىقى توغراقدۆڭدىكى تۇغقىنىڭنىڭ تويىنى سۆزلەيسەنغۇ.…

-مېنىڭ ئاشۇ قىز بالىدەك بىچارە بولۇپ قالغۇم يوق، ئۇنىڭمۇ ياخشى كۈرۈپ قالغان ئادىمى ئۆزىدىن سەل چوڭراقكەن، ئاتا- ئانىسى شۇ سەۋەبتىن بەرمەپتىكەن، لېكىن، ئۇ ئەقىلسىز قېچىپ كېتىپتۇ، ئۇلارنى نەدىندۇر تېپىپ كەلگەندە ئۇنىڭ قورسىقىغا نەچچە ئايلىق بولۇپتىكەن، ئامالسىز ئېغىزىغا تۇپىنى سۇۋاپ تويىنى قىلىپ بېرىشتى، توۋۋا دەڭ، ماتەممۇ ئۇنىڭدىن كۈڭۈللۈكرەك بولار. يەنە بىرى، بودەك ئانامنىڭ رابىئە دەيدىغان بىر قىزى بارئىدى، ئۇ تۇلۇقسىزنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇغان چېغىدا مەكتەپتە مۇئەللىملىك قىلىدىغان باشقا يەردىن كەلگەن بىرسى بىلەن ئارىلىشىپ قاپتىكەن، ئۇلار ھېلىقىدەك ئىشلارنى قىلىشىپمىدىكىن-تاڭ، ئىشقىلىپ، ئۇنىڭ ئىشلىرى ئاشكارىلىنىپ قاپتۇ، نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقلاردىن كېيىن ئۇنى ھېلىقى مۇئەللىمگە بېرىپتىكەن، ئۇنىڭ ھازىر ئۈچ بالىسى بار، لېكىن، ھېلىقى مۇئەللىم يۈرەك كېسىلى بىلەن قازاقىلىپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ئۇنىڭمۇ ھالى خاراپ ھازىر، مېنىڭ ئۇنىڭدەك بولۇپ قالغۇم يوق…

-بولدى، چۈشەندىم، سەن دىگەن تىلى بەك تاتلىق قىزبالىسەن، نەگىلا بارساڭ ھەركىشىدىن نېنىڭنى تېپىپ يىيەلەيسەن، مەن سېنىڭ كېيىنلىكىڭدىن شەكلەنمەيمەن، ماقۇل ئەمىسە، مەن سېنى ياخشى كۆركەندىكىن سېنىڭ كۆڭلۈڭ ئۈچۈن مەن بىرمەزگىل يىپى يوق لەگلەكتەك، قاسقىنى يوق ئەگلەكتەك يۈرگەچ تۇراي، لېكىن، سەنمۇ تويۇڭنى ئالدىراپ قىلىۋال، ئىشقىلىپ سېنى ياخشى كۈرىدىغان ئادەمگە تەگكىن، ئۇندىن كېيىن مەنمۇ ئۆزەم چاغلاپ بىرەر ئىش قىلارمەن، تويدىن كېيىن سېنىڭ مېنى ئېسىڭگە ئېلىشىڭغا ئانچە كۆپ پۇرسەتمۇ چىقىپ قالمايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ئۇ چاغدا مېنى ئېسىڭگە ئېلىشنى ئويلىمىغىن،-دىگەن ئىدى.

-سىزنى داۋاملىق سېغىنىپ ئەسلەپ تۇرىمەن…

-دېگىنىڭدەك بولار، لېكىن، ھەرقانداق ئەھۋالدا ئېرىڭگە ساداقەتمەن بولغىن، بولامدۇ؟…

سەن تويۇڭ توغرىسىدىكى نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلاردىن دادلاپ نۇرغۇن سۆزلىگەن ئىدىڭ…

قورسىقىڭ ئاچ، بەدىنىڭ مادارسىز ئىدى. شىپىرلاپ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئىشكاپنى، ئاشخانىدىكى ھەممە يەرنى چالا قويماي ئىزدىدىڭ، قاتتىق قۇرۇق نانمۇ ئۇچرىمىدى، ئاخىر بولماي نەچچە كۈن بۇرۇن قازناققا يېيىپ قويغان قىزىل ئۈزۈمدىن بىر ساپاق ئاچىقىپ يۇيۇپ يەپ يوتقانغا كىردىڭ، كۆزئالدىڭدا ئۇنىڭ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ ھۇزۇرلىنىپ تاماق يىگەن چاغلار كەلدى، سەن جاپا تارتقاندا ئاشۇ گۈزەل چاغلار دەپ قارايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز ۋاقىتلىرىڭنى ئەسكە ئېلىپ كۆڭلۈڭنى ئاۋۇندۇراتتىڭ، مولچىلىق داستىخانلاردا بولسا يەنە ئۇنى ئېسىڭگە ئالاتتىڭ :« بىچارە، شۇ تاپتا قورسىقى ئاچمىدۇر يا توقمىدۇر، ئامال بولسا ئۇمۇ مۇشۇ داستىخاندا بولغان بولسا بىللە تاماق يىگەن بولساقچۇ، مۇشۇ لوقمىنى ئېغىزىغا ئۆز قولۇم بىلەن سېلىپ قويغان بولسام…ئۇ قانچىلىك ھۇزۇرلىنىپ يەپ كېتەر ئىدى، ناۋادا ئانام ئۇنىغان بولسىدى، چوڭلۇقىنى ئۆزى كۈتۈرەتتى، ئۇنىڭ مۇھەببىتى بولسىلا ماڭا يىتەرلىك ئىدى» سەن قاچاندۇر قايسىبىر بېلىق كۆلى ئەتراپىدىكى قومۇشلۇقتا كاۋاپ، چاي تۇخۇم، نان، چاي دىگەنلەرنى تىزىپ تاماق يىيىشكەن كۈڭۈللۈك چاغلىرىڭ، يەنە قايسىبىر ئاشخانىدا ئىككىڭلار قارىشىپ ئولتۇرۇپ تاماق يىيىشكەن چاغلىرىڭ، يەنە قايسىدۇر بىر چاغلارنى خىيالىڭغا كەلتۈرۈپ  يېتىپ قاچاندۇر ئۇيقۇغا كەتتىڭ. ئەتىگەندە ھالسىز ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ، ئاناڭغا نىمە بولدىكىن، ئۇ ئاشخانىدا تاماق ئېتىۋاتاتتى، ئاشخانىدىن لاغمەننىڭ سوزۇلغان پىلتىسىنى تاختىغا ئۇرغاندا چىقىدىغان تارس-تارس-تارس قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ ئەسنىگەن پېتى ئاشخانىغا كىردىڭ.

-ئۈزىڭىز يالغۇز ئەتتىڭىزما؟مېنىمۇ ئويغاتسىڭىزچۇ؟بىللە قىلار ئىدۇق…

-ئاخشام ئاچ قورساق يېتىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدىڭ، ئويغىنىپ بولغۇچە لەغمەننى پىشۇرۇپ بولاي دىدىم…

سەن ئوشۇق گەپ قىلماي ناشتا قىلىپ يەنە خالتىنى كۈتىرىپ تۈنۈگۈن ئېشىپ قالغان پاختىنى تەرگىلى ماڭدىڭ. ئاپاڭ سەندىن ئۇشۇقچە گەپ سوراپمۇ ياكى ئىش تاپىلاپمۇ قويمىدى، دىگەر ۋاقتى بولۇپ ئاشقىچە نىشانلىغان يەردىكى پاختىلارنى ئۆزەڭ يالغۇز تېرىپ يىغىشتۇردۇڭ ھەم شۇ يەردىكى يولدىن ئۈتۈۋاتقان بىر خوشناڭنىڭ ھارۋىسىغا خالتىلىرىڭنى سېلىۋېلىپ ئۆيۈڭگە ئاسانلا كېلىۋالدىڭ. ھويلا ئىچى تىپتىنچ ئىدى، سەن ئۆيگە كىرىپلا تېلېفۇننىڭ ئىكرانىدىكى تونۇش نومۇرغا كۆز يۈگۈرتتۈڭ، چىرايىڭغا كۈلكە يۈگۈردى، سەن نىمە قىلىشنى ئويلاپ بولغۇچە سىرتتىن ئاناڭنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇ سېنى چاقىردى، سەن يۈگۈرۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتىڭ. ئاناڭ ئىشەكنى ئېغىل ئالدىدىكى تۈۋرۈككە باغلاۋاتاتتى، ئۇ سېنى كۈرۈپ :

-ھە، كېلىپ بولغانمىدىڭ، مەن تېخى سىنى پاختىلىقتىمىكىن دەپ ئويلىغان، كەلمىگەن بولساڭ ھارۋىدىكى نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىپ ھارۋىدا بېرىپ پاختىلارنى ئەكىلەيمىكىن دەپ چاقىرىپ باققان ئىدىم، -دىدى. ئۇنىڭ كەيپىياتى يامان ئەمەستەك قىلاتتى.

-مەنمۇ ھازىرلا كېلىپ تېخى ئىشىكنى ئېچىپ تۇرغان،  تەرگەن پاختىنى ئاۋۇ ۋايىتىكامنىڭ ھارۋىسىغا سېلىۋالدىم، ئۇ مېنى ئۆيگە ئەكىلىپ قويدى.

-ماۋۇ ھارۋىدىكى نەرسىلەرنى ئۆيگە ئەكىرگىن،- ئۇ ئۆيگە ماڭدى، سەن ئېشەكنى ھارۋىدىن چىقىرىپ ئاندىن ئېشەكنى ئېغىلغا سۇلاپ ئۇقۇرغا سامان قويۇپ بېرىپ ئاندىن ھارۋىدىكى داستىخانغا يۆگەلگەن زەللىنى ئۆيگە ئەكىردىڭ.

-ئېشەكچۇ؟

-ئېشەكنى چىقىرىپ ئېغىلغا سۇلىۋېتىپ يىگەچ تۇرسۇن دەپ ئوقۇرغا سامان قويۇپ بېرىپ كىردىم، بۇ ئېشەك نىمە بولدىكىن، جۇمبۇرىنى يەشكىلى قوپسام بىر پۇشقۇرۇپ مېنى چىشلىۋالغىلى قىل قالدى…

-ھاڭگا ئېشەك دىگەنغۇ قېرىغانسىرى خۇي چىقىرىپ قالىتتى، بۇ دىگەن مادا ئېشەك تۇرسا، تېخى باياتىن يولدا كەلگۈچە تېزەك پۇراپ نەچچە يەردە توختىۋالدى، ئۇدۇل كەلگەن يەردە ھاڭراپ تېخى بېشىمنى ئاغرىتىۋەتتى، ھاڭگىغا يانغىلى قوپتىمىكىن ئۇ.

-ئۇنىڭ تەخىيىنى ساتمىغان بولساق، ئۇنى ئېپقېلىپ ئانىسىنى سېتىۋېتەركەنمىز، ئەمدى كېلەر يىلى تەخىيى مادا بولۇپ قالسا ئېپقېلىپ ئاندىن ساتىلىمىكىن؟

-بۇيىل سېتىۋېتىمىز، كىم باقىدۇ بۇ قېرى مادىنى ئەمدى.

-ھازىر سېتىپ ئەتىيازدا ئالساق ئېشەكلەر كۈزدە بەك ئەرزان، ئەتىيازدا قىممەتلىشىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا زىيان بولمامدۇ؟

-ئەمدى ئالمايمىز.

-يەرلەرنى قانداق تېرىيمىز؟

-كەچتە داداڭ كېلىدۇ. ئۇ ھازىر شەھەردىن يولغا چىقىپتۇ.

-نىمانداق ياخشى، دادام ئۆينى ئۇنتۇپ قالماپتۇ-ھە.

-ئۇنتۇپ قالامتى، شىركەتتە كۈزدە ئىشلار جىق بولۇپ قالىدۇ، تاغاڭ ئالغان نەچچە يۈز توننا چىلاننى خىللاپ تۈرگە ئايرىپ  يەشىكلەرگە قاچىلاپ ئاندىن ئۇنى ئىچكىرىدىن چىققان خوجايىنلارغا ئۆتكۈزۈش  دىگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە داداڭنى مەسئۇل قىلىغلىق تۇرسا، مەسئۇلىيەت دىگەننىڭ ھۆددىسىدىن چىقماي بولمايدۇ، شۇڭا كېلەلمىگەن گەپ.

-ئەمىسە چىلاننىڭ ئىشلىرى تۈگەپتۇمۇ؟

-ياقەي، تېخى نەدە تۈگەيدۇ، كېلەريىلى بەشىنچى ئايلاردا بىرقۇر ئاياقلاشتۇرالىساق چوڭ گەپ دەيدۇ. ئۇ بىرەر كۈن تۇرۇپلا يەنە قايتىپ كېتىدىكەن.

-تېلېفۇن قىلىپتۇمۇ؟

-ياقەي، مەن تۈنۈگۈن تېلېفۇن قىلغان، ئۆينى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسىلا مۇنداق بىر كىلىپ كەتسىلە دىگەن.

-دادامنىڭ كېلىشى بىلەن ئېشەكنى باقماسلىقنىڭ ئالاقىسى بارمۇ؟

-داداڭ بىلەن تېلېفۇندا دىيىشتۇق، ئېشەكنى، قويلارنى سېتىۋېتىپ، باغ- ئېتىزلارنىڭ كۆكىنى سېتىپ كېلەريىلى ئەتىيازدىن تارتىپ داداڭنىڭ قېشىغا كېتىپ شۇ يەردە ئىشلەيدىغان بولدۇق.

-مەنچۇ؟ مەنمۇ كېتەمدىم.

-تويۇڭ بولمايلا قالسا سەنمۇ كېتىسەن.

-سىز كەتسڭىز نىمىش قىلىسىز ئۇيەردە.

-شىركەتتە ئىشلەيدىغانلارغا چۈشتە بىرۋاق تاماق ئېتىپ بېرىدىكەنمەن. داداڭ كەچتە كەلسە، ئەكبەر تاغاڭمۇ ئەتە بالا-چاقىلىرى بىلەن كېلىپ بىركۈن ئويناپ ، كەچقۇرۇن داداڭمۇ ئۇلار بىلەن بىللە كېتىدىكەن، لەيغەزەل موللام يا مۇنداق بىر قوڭىنى تاق- تاق كۆتۈرمىدى ھازىرغىچە، بولمىسا تويلىرىڭمۇ بولۇپ بولار ئىدى بۇچاغقىچە… ئۇ چاغدا مەنمۇ ئاچامنىڭ مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ قىلىدىغان غەلۋىسىدىن  ئاجراپ بولار ئىدىم، يا سەنمۇ بىرەر قېتىم مېنىڭ گېپىمنى ئىلىك ئېلىپ قۇيۇشنى بولسىمۇ ئويلاشمىدىڭ ئاينا.

-بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق گەپلەر بولغان چىغى؟

-ھەئە، بۈگۈن ھۆرىيەت ئاچاڭنى تۇغدۇرغىلى ئەكىلىشكە بېرىپتۇقچۇ، يەنە ئاچامنىڭ گېپى شۇ… ئامالسىز بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ جىم ئولتۇرۇۋالدىم،- ئاناڭ ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا يىغىشتۇرۇلغان ياتاقلارنىڭ ئۈستىدىن بىر ياستۇقنى پەسكە ئېلىپ ئۆزىنى تاشلاپ كۆزىنى يۇمدى، سەن  ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سۈپۈرگىنى قولۇڭغا ئېلىپ ھويلىغا ماڭدىڭ. سەن ھويلا-ئاراملارنى بىر قۇر سۈپۈرۈپ ئاندىن قويلارغا ئوت- سۇ بېرىپ ئاستا قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كىردىڭ، ئاناڭ يېنىك خورەككە چۈشكەن ئىدى، سەن مەشكە ئوت قالاپ كۈمۈر سېلىپ ئاندىن مەشنىڭ يېنىدا جىمغىنە ئولتۇردۇڭ. تېلېفۇن ئىككى قېتىم توۋلاپ توختاپ قالدى، سەن ئاستاغىنە ئاناڭنىڭ ئۈستەل ئۈستىدە قويۇپ قويۇلغان تېلېفۇنىنى ئېلىپ سىرتقا ماڭدىڭ، سەن ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆزەڭنى تەڭشىگەچ ئاشىقىڭغا تېلېفۇن بېرىپ بۈگۈن تېلېفۇن قىلماسلىقنى دەپ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇڭ. ئۆيۈڭگە كىرىپ تۇرغىنىڭدا تېلېفۇن يەنە توۋلىدى، سەن بېرىپ تېلېفۇننىڭ نۇمۇرىغا قارىۋېلىپ تېلېفۇننى ئالدىڭ.

-ئەسسالامۇئەلەيكۇم،-دىدىڭ.

ۋەئەلەيكۇمۇسسالام، قانداق ئەھۋالىڭىز؟

-خۇدايىمغا شۈكۈر، يامان ئەمەس، سىزنىڭچۇ؟…

-مېنىڭمۇ ياخشى، سىز بىلەن كۈرۈشەي دەپ تېلېفۇن قىلغان ئىدىم…

-دادام كەلمەكچىكەن… ھە، بۈگۈن كەچتە… شۇڭا، كېيىن ياكى سىز كەلگەندە ئاندىن قالغان ئىشلارنى دىيىشسەك، ماقۇلمۇ، ئەمىسە خۇدايىمغا ئامانەت،-سەن تورۇپكىنى ئاستاغىنە قويدۇڭ. بۇ قارىينىڭ كاللىسىنى ئىشلەتمەي سەندىن مەسلھەت سوراۋېرىشىنى ئويلىمىغان ئىدىڭ، دېمىسىمۇ نۇرغۇن ئىشلاردا سەن ئۇنىڭغا بەزى جىددىي ئىشلاردا مەسلھەت كۆرسىتىپ قالاتتىڭ، ئەمما، سەنمۇ بۇ ئىشلارنى باشقا بىرسىدىن يەنى ئاشىقىڭدىن مەسلىھەت سوراپ ئاندىن ئۇنىڭغا يەتكۈزۈپ بىلەرمەن بولۇپ قالىدىغانلىقىڭنى ئۆزەڭلا بىلەتتىڭ، بۇ قېتىمقى قىيىنچىلىق لايىقىڭنىڭ دەل نۇپۇس دەپتىرىدىكى ئىسمىنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى بىلەن ئالمىشىپ قېلىشى ئۇلارنىڭ بېشىنى قاتۇرغان ئىدى، سەنمۇ باشقىچە ئەقىلنى تاپالمايۋاتاتتىڭ، لېكىن، تۈنۈگۈن سەن تېلېفۇندا بۇ ئىشلار توغرىسىدا مەسلىھەت سورىغان ئىدىڭ، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن  چارىلىرى ھەرھالدا لايىقىڭغا نىسبەتەن قورقۇنچلۇق ئەمما، قىلغىلى بولىدىغان چارىلار ئىدى.  لېكىن، ھازىر ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرۇش ئاناڭنىڭ ئاچچىغىنى كەلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن ئىدى، سەن داداڭ ئامراق تاماق بولغان

لەغمەنگە تەييارلىق قىلماقنى ئويلىدىڭ، «بىر ھىسابتا ئۇنىڭ مۇشۇ كەمدە نۇرغۇن ئىشلاردا مەندىن مەسلىھەت سورىغىنىمۇ ئۇبدان بولدى، بۇ بەلكىم كېيىنكى تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئۇنىڭ مەندىن مەسلىھەت سوراپ ئىش قىلىدىغان بىر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق بولۇپ قالار،- سەن خېمىرنى يۇغۇرۇۋېتىپ ئۆزەڭگە ئۈنسىز سۆزلەپ قالدىڭ،- دۇنيادا مۇتلەق پايدا ياكى مۇتلەق زىيان بولمايدۇ دەۋاتاتتى مەكتەپتە بىر مۇئەللىم…» سەن خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئۇنى يالتىراق بىلەن يۆگەپ قويۇپ ئاندىن كۆكياشلارنى ئاقلاۋاتقىنىڭدا ئاناڭ ئۆيدىن چىقتى.

-داداڭ كېلىپ بولاپتۇ،-دىدى ئۇ خوشھاللىقىنى ئىپادىلەپ.

-راستما،-دىدىڭ سەنمۇ خۇشال بولۇپ،-نەگە كەپتۇ ھازىر؟

-ئۇ تېلېفۇندا ئۆزىنىڭ يېزىدىكى بېكەتتە ماشىنىدىن چۈشۈپ بىر ئۈچ چاقلىق كىرا موتوسىدا ئۆيگە مېڭىپ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

-ئەمىسە يېرىم سائەتلەردە  كېلىپ بولغۇدەك، بىز دادام كەلگۈچە تاماقنى پىشۇرۇشقا ئالدىرايلىچۇ، ئۇ كېلىپلا ئۆينىڭ تامىقىنى يېسە ناھايتى خوشال بولىدۇ.

كۆكياشلار قورۇلۇپ ئۇنى ئىغىزلىق داسقا ئېلىپ بولۇپ قازانغا سۇ قويۇپ تۇرغىنىڭلاردا داداڭ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى، ھەممىڭلار ناھايتى خوشھال ھالدا بىر ۋاقلىق جەم بولۇش تامىقى يېدىڭلار، تاماقنىڭ ئاخىرىغا ئاناڭنىڭ ئاچىسى بودەك ئاناڭ ئالتۈنخان ھامماڭ ئۆيگە كىرىپ كەلدى، داستىخانلار يىغىشتۇرۇلۇپ بولغاندىن كېيىن بودەك ئاناڭنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ھەممىڭلار ئۇنىڭ ئۆيىگە جەم بولدۇڭلار. پاراڭلار تاغدىن-باغدىن تاققا-تۇققا ھالدا باشلىنىپ ئەڭ ئاخىرىدا كىمنىڭدۇر ساڭا تەھدىت تېلېفۇنى  بېرىپ سېنى قورقۇتقانلىقىغا كېلىپ توختىدى.

-بۇنداق ئىشنى رېقىپجان قىلىشى ناتايىن،-دىدى داداڭ.

-ئەمىسە كىم قىلار بۇ ئىشنى؟

-بەلكىم يەنە باشقىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن،-دىدى تاغاڭ،-رېقىپجان بەك يۇۋاش بالا تۇرسا ئۇ، ئۇنىڭ قۇلىدىن بۇنداق قاراملىق كەلمەيدۇ.

-ۋاي تاڭ، دادا، يۇۋاشنىڭ مۈڭكۈزى ئىچىدە،-دىدى بودەك ئاناڭنىڭ چوڭ ئوغلى ئابلىز،-ئۇ بىر مۈرىمەس بالا، ئەينى چاغدىمۇ ئاچام ئۇنى توينى بۇزۇۋېتىپ تويلۇقنى قايتۇرۇۋېلىپ يېنىپ چىق دىسە پوق يەپ قالمىغاندىكىن پاتەم ئاچامنىڭ قىشىغا كىلىپ ئىشنى بۇزۇشنىڭ ئورنىغا مەن بىلەن ئۇنىڭ ياش پەرقى بەك چوڭ بولمىغاندىكىن ھېچ بولمىسا مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ ‹ئاكا، ماڭا بىرئاز ياردەم قىلغىن، مەن بۇ توينى قىلىۋالاي، چوڭلارغا گەپ قىلغىن، ئانامغا سۆزلىسۇن› دىگەن بولسا بۇ چاغقىچە بىرەر بالىلىق بولۇپ بولار ئىدى، مانا ئەمدى ئۇنى خەققە بەرگىلى قوپساق چىدىماي تەھدىت سالسا قانداق بولىدۇ، ئادىلەم توي قىلغىلى قوپسا چىدىمايدىغىنى قىلىدۇ بۇنداق قاراملىقنى، ۋاي تېخى، سېنى ئېلىشقا جۈرئەت قىلغان كىشى سەن بىلەن تىنىچ ئامان توي قىلىپ بولغۇچە ئۆزىنى گۆردە كۈرىدۇ، ئۆلگىنىنى تۇيماي قالىدۇ دىگىنىنى قانداق قىلارمەن،  بۇ كەمدە ئۇنداق تەھدىتلەردىن كىم قورقىدۇ، تونۇمايدىغان ياكى بۇنداق لەڭ-لەڭ كۆۋرۈككە بىرەر قىېتىم پۇتى سېپىلىپ باقمىغان كىشى بۇنداق ئىشلارغا ئۆزىنى ئۇپرىتىپ يۈرمەيدۇ، ناۋادا مۇشۇ ئىشنى پاكىت قىلىپ دىلو مەلۇم قىلىدىغان بولساق ئۇنداق تەھدىتچىنى ساقچىخانا بىردەمدىلا تېپىۋالىدۇ، تېخى خىيالىدا :«تېلېفۇن دىگەندە ئىز قالمايدۇ، دەپ ئويلىغۇدەك ئۇ پوقچىلار، بىر ئادەمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بىرئېغىز گەپ نەچچە تۈشۈكتىن ئۈتۈپ نەچچە قىسماقچىنىڭ قىسماقلىرىدىن ئېشىپ ئاندىن يەنە بىرىنىڭ قولىقىغا بارىدۇ ئۇ، يەنە شۇ رېقىپجان بولۇپ قالمىسۇن يەنە دەيمىز، بولمىسا… ئۇنداق خالجايدا نەشىكەشنىڭ خىيالىنى قىلىپ ئاسمانغا تۈكۈرۈپ ئۇرلتۇرىدىغان پۇكانچىلارنىڭ تۈكۈرۈكى بىردەمدىلا ئۆزىنىڭ يۈزىگە چۈشۈپ بولىتتى…

-بولدى، بۇگەپلەرنى قىلىشمايلىيا ئەمدى،-دىدى ئاناڭ. سەن ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىردىڭ، ئۇيەردە بالىلارغا ئۇرۇن سېلىپ بېرىلگەن بولۇپ سېڭلىڭمۇ شۇلار ئارىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى، سەن ئاستاغىنە سىڭلىڭنىڭ يېنىغا كىرىپ كۆزۈڭنى يۇمدۇڭ. نەدىندۇر ئاڭلانغان ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلاپ كۈزۈڭنى ئاچقىنىڭدا چوڭلارنىڭ سېنى ئويغاتمىغىنىنى، سېنىڭ ئاخشام بودەك ئاناڭنىڭ ئۆيىدە سىڭلىڭ بىلەن قونۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىڭ، سەن ئۆزەڭچە پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدۇڭ ۋە ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ سىرتقا ماڭدىڭ، سەن ھويلىدا بودەك ئاناڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالدىڭ.

-قوپتۇڭمۇ، قىزىم،-دىدى ئۇ،-سېنى سەل تۇرۇپ ئويغىتاي دەپ تۇرغان ئىدىم…

سەن تاھارەت ئېلىپ بامداد ئوقۇپ بولغۇچە تاڭمۇ سۈزۈلۈپ قالدى، سەن بودەك ئاناڭنىڭ ھويلىلىرىنى ئىنچىكىلەپ سۈپۈرۈپ سۈپۈندىلەرنى ئېلىپ ئانچە-مۇنچە سۇ چېچىپ تۇرغىنىڭدا بودەك ئاناڭنىڭ ئاشخانىدىن سېنى چاقىرغان ئۈنى ئاڭلاندى، سەن سۈپۈرگىنى قويۇپ ئاشخانىغا كىردىڭ.

- قولۇڭنىڭ باشقىچە تەمى بار، بالام، سېنىڭ، سەن ماۋۇ خېمىرنى يۇغۇرغىن، مەن ئۇچاقنىڭ يېنىغا باراي، ئىككىمىز قول- قولچە بىر ناشتىلىق ئىتىلى،- دىدى ئۇ ساڭا بۇغداي ئۇنى ئېلىنغان داسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ. سەن قولۇڭنى باشقىدىن يۇيۇپ «بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم»دەپ خېمىر يۇغۇرۇشقا تۇتۇندۇڭ. ئۈگرە پىشىپ قازان ئوچاقتىن چۈشۈرۈپ بولدى.

-سوغۇق بولۇپ قالدى، بودەك ئانا، ئەمدى مەش قويۇپ قىشلىق ئۆيگە كۆچسىڭىز بولاتتى، ھېلىمۇ قىشلىق ئۆيگە كۈچۈپ بولالمىغاندىن سىز قالدىڭىزمىكىن بۇ مەھەللىدە،-دىدىڭ سەن، قاچا- قۇچىلارنى باشقىدىن سەيلەن قىلىۋېتىپ.

-ئابلىز بالام مەشنىغۇ قويۇپ بەرگەن، لېكىن، ھازىر تاماقنى قىشلىق ئۆيدە ئەتسەك ئۆي چىۋىن بولۇپ قالىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تالا سوغۇقراق بولسىمۇ ئازادە تىنىپ ئولتۇرغىلى بولىدىكەن، كېسىلىم بارلىقىنى بىلىسەن، بالام ئەينا، ئازراقلا ئىسسىقنى كۆرسەم دېمىم تۇتۇلۇپ تىنالماي قالىمەن. بالام، سەن ئاشتىن ئېلىپ ئىچكەچ تۇرغىن، مەن چىقىپ بالىلارنى ئويغىتاي،- ئۇ چىقىپ كەتتى، شۇ ئەسنادا تاغاڭ مەسجىدتىن قايتىپ كەلدى ۋە ئاشخانىغا كىردى.

-كېلىڭ دادىكا، مەيەردە ئولتۇرۇڭ، مەن سىزگە ئاش ئېلىپ بېرەي، ناشتا قىلىۋېلىڭ،-دىدىڭ سەن ۋە ئۇنىڭغا تاماق ئۇستۇڭ ۋە داستىخان سېلىپ ئاشنى قويدۇڭ.

-باشقىلارچۇ؟-دىدى ئۇ ۋە ئاشخانا سۈكىسىدىكى كىگىزدە يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ ‹ئەئۇزۇبىللا يىمىنە ششەيتانىررەجىيم، بىسمىللاھىررەھمانىررەھىم › دەپ قوشۇقنى قولىغا ئالدى.

-بودەك ئانام بالىلارنى ئويغىتىمەن دەپ ماڭدى ھازىر،-دىدىڭ سەن ئورنۇڭدا ئولتۇرۇۋېتىپ، سەن ئۇنىڭ غەلەت ئوقۇغان بايىقى كەلىمىسىنى ئۆزەڭچە توغرىلاپ ئۈنسىز ئوقۇپ قوشۇقنى قولۇڭغا ئالدىڭ. كىچىك نەۋرىلەردىن ئابلىز ئاكاڭنىڭ بالىسى زۇلپىقار، ئاندىن سىڭلىڭ رۇقىيەلەر ئويغىنىپ چىقىپ يۈز- قوللىرىنى يۇيۇشۇپ داستىخانغا كەلدى، لېكىن، سالىھە بامدادنى ئوقۇپ بولۇپلا يەنە ئويقۇسىنىڭ چالىسىغا چۈشكەن بولۇپ چوڭلار ئۇ توغرىلىق گەپ-سۆز قىلىشمىدى، ھەممىڭلار ناشتا قىلىپ بولغاندىن كېيىن سەن سىڭلىڭنى يېتىلەپ ئۆيگە قايتتىڭ.

ئۆيگە قايتىپ كەلگىنىڭدە ھويلا-ئاراملار پاك- پاكىزە سۈپۈرۈلۇپ سۇ چېچىلغان ئىدى، سەن ئۆزەڭچە ئۈنسىز كۈلۈپ قويدۇڭ، چۈنكى، ئاناڭنىڭ قولىغا سۈپۈرگە ئېلىپ باقمىغىنىغا خېلى چاغلار بولغان ئىدى، ئۆي يىغىشتۇرۇش، ئۆيلەرنى، ھويلا-ئاراملارنى سۈپۈرۈش، سۇ چېچىش دىگەندەك ئىشلار سېنىڭ دائىملىق ئادىتىڭگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى، ئىككىڭلار ئاستاغىنە ئىشىكنى ئېچىپ قىشلىق ئۆيگە كىردىڭلار،  مەشتە ئوت گۈرۈلدەپ كۈيۈۋاتاتتى، قورۇلغان كۆكياشنىڭ مىزىلىك ھىدى ئۆي ئىچىنى لىق ئالغان ئىدى، سەن كىرىپلا مەشكە ئېسىلغان قازاننىڭ تۇۋىقىنى ئاچتىڭ، قازاندا ۋاراقشىپ سۇ قايناۋاتاتتى، سەن تۇۋاقنى يېپىپ تۇرۇشۇڭغا ئاناڭنىڭ سىرتتىن كىردى ۋە :

-قازان قايناپتۇما؟-دەپ سۇرىدى.

-قايناپ بېشى ئايلىنىپ كېتىپتۇ،دىدىڭ سەن ئاناڭغا قاراپ.

-ئەتىگەنرەك كېلەرمىكىن دىسەم ھازىر كەلدىڭلارما؟-دىدى ئاناڭ.

- ئاخشام يا مېنى ئويغىتىۋالماپسىز، بىللە يېنىپ كېلەر ئىدىم، ئەتىگەن قوپۇپ بودەك ئانام بىلەن بىرقازان ئۈگرىنى پىشۇرۇپ ئۆيدىكىلەرگە ناشتىلىق بېرىۋېتىپ ئاندىن كەلدۈك ئەينا،-دىدىڭ سەنمۇ غۇدۇرىغاندەك ئاھاڭدا.

-ئاخشام قارىسام ئۇخلاپ قاپسەن، قىچقىرسام ئويغانمىدىڭ، تازا تاتلىق ئۇخلاپ كېتىپسىلەر، شۇڭا ئۇيقۇڭلارغا پايلىماي ئەتتىگەندە بارسۇن دەپ يېنىپ كېلىۋەرگەن، مەن تېخى سىلەرنى ناشتىسىز كەپقالسا ئېغىزىغا تېتىتارمەن دەپ ئەتىگەن جاينامازدىن قوپۇپلا لەغمەنگە ئەمگىلىپتىم، مانا قازانمۇ قايناپتۇ، پىلتىنى تارتساقلا ئاش پىشىدۇ دىگەن گەپ ، داداڭمۇ تېخى ناشتا قىلمىدى. سەن سۇپۇرىنى يېيىپ ئاۋۇ كاساڭدا پىلتە قىلىپ قويۇقلۇق، ئېلىپ تارتقىلى تۇرغىنە، مەن ئاش سۈزىدىغان داس بىلەن  چويلىنى تەييار قىلاي، ئەتىگەندە ئۇبدان ناشتا قىلىۋېلىپ ئاندىن ئىشقا چۈشۈپ كېتىلى، بۈگۈن كەچكىچە پالاقشىپ مىھمان ئۇزىتىدىغان گەپ،-دىدى. سىڭلىڭ داستىخاننى تاشقىرىقى ئۆيدىن ئەكىرىپ سوپىغا ساللدى، ئاپاڭ سەن ئىنچىگە قىلىپ تۈجۈپىلەپ سوزۇپ قازانغا سالغان ئاشنى چوكىلاپ پىشقانلىرىنى سۈزۈپ داستىكى سوغۇق سۇدا چايقاپ قاچىلارغا سېلىپ ئۈستىگە ئېغىزلىق قاچىغا ئېلىپ قويغان قورۇمىلاردىن ئۇسۇپ تەييار قىلدى ۋە سىڭلىڭغا قاراپ:

-رۇقىيەم، قىزىم، دادىڭىزنى ئويغىتىڭە، ئەمدى قوپۇپ تاماق يىسۇن، تاماق پىشتى دەڭە،-دىدى. سىڭلىڭ داداڭنىڭ يېنىغا كېلىپ:«دادا، تاماق پىشتى، قوپۇپ تاماق يەڭە» دەپ ئويغاتتى، داداڭ كۆزىنى ئېچىپ سىڭلىڭنىڭ قولىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇرنىدىن تۇردى ۋە سىڭلىڭنى قوچىقىغا ئولتۇرغۇزدى.

-روقىيەم، مېنى كۆرگۈڭ كەلدىمۇ، قىزىم؟-دىدى ئۇ.

-ھەئە، كەلدى، كەلسىمۇ يا مېنى يېنىڭىزغا ئاپارمىسىڭىز،-دىدى سىڭلىڭ.

-ئەمدى ئاپىرىمەن، خوش بولدۇڭمۇ؟

-ھەئە، خوش بودۇم.

-ئەمىسە ماۋۇ ئېڭىكىمگە بىرنى سۈيۈپ قويۇڭە-دىدى داداڭ. سىڭلىڭ داداڭنىڭ ساقال باسقان ئېڭىكىگە سۈيۈپ قويدى، داداڭ :«مەن رۇقىيەم قىزىمنى شەھەرگە ئاپىرىمەن» دەپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋېلىپ قويۇق كالتە ساقاللىرىنى سىڭلىڭنىڭ يۈزىگە سۈركەپ ئويناشقىلى تۇردى، سىڭلىڭ بولسا:« داداڭ، ماۋۇ ساقاللىرىڭ يۈزۈمنى ئاغرىتىۋەتتى» دەپ قاقشىدى، ھەممىڭلار كۈلۈشتۈڭلار. تاماقلار يىيىلىپ بولدى. داداڭ دۇئاغا قول كۈتۈردى، ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ئەگەشتىڭلار، داداڭ ئاخىرىدا :«…ئەرھەمەررەۋھىمىيىن، ئاللاھۇئەكبەر» دىگەننى ھەممەيلەن ئاڭلىغۇدەك ئاۋازدا دەپ ئىككى ئالقىنىنى قويۇپ ساقال باسقان يۈزلىرىگە سۈركەپ دۇئانى ئاياقلاشتۇردى، داستىخان  يىغىلدى،  سەن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇۋاتقىنىڭدا داداڭ تۇيۇقسىز ئاناڭنى چاقىرىپ قالدى:

-ھاي پاتەم، مەن بۇ ئادىلەمنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆكياش يىمەي ئۈتۈپ كېتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ قالغانچۇ، بۇ بالاممۇ ھەنىمە بولسا يىيىشنى ئۈگىنىپ قالدى، بۇ گىجىڭ قىزبالىنى كىچىك چاغلىرىدا شىلاپمۇ، يالۋۇرۇپمۇ، ئۇرۇپ- تىللاپمۇ كۆكياش يىيىشنى ئۈگىتەلمەپتۈك بىز…

-شۇ ئەمەسمۇ…-دەپ قويدى ئاناڭ ساڭا قاراپ قويۇپ.

-قانداق بولۇپ ئۈگىنىپ قالدىڭ، ئادىلەم، بىر دەپ بەرگىنە شۇ كۆكياش يىيىشنى.

-ۋايجان، دادوي، ھەرقېتىم بىللە لەغمەن يىسەم بىر سۇرايسىز، مانچە قېتىم دەپ بېرىپ بولدۇم سىزگە مەن، گەپ دىگەننى تەكرارلاۋەرسە تەمى قالمايدۇ…

-قانداق تىۋىپ بولغىيدى دەيمىنا، ساڭا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا كۆكياش يىيىشنى ئۈگىتىۋېتەلەيدىغان، بۇرۇنراق مىجەزىڭ يوق بولۇپ قالسىچۇ، سەن بۇرۇنراق ھېلىقى تېۋىپنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۆزەڭ دۇرا ئالساڭچۇ، ئۇچاغدا سەن بۇرۇنراق لەغمەن يىسەڭ كۆكياش ئۇسماي خېمىرنى خېمىر پېتى يەيدىغان ئادىلەمدىن ھازىرقىدەك تاماق خىللىمايدىغان قىزىمغا ئۆزگىرەر ئىدىڭ، ئۇچاغدا ھازىرقى مۇنداق سوقچى قۇزىدەك ئۇرۇقلۇقۇڭ سەل ئاز قېلىپ  ئازراق سەمرىپ بودەكشىگەن بولساڭ ئۇبدان بولاتتى دەيمىنا.

-نۇرغۇن قېتىم مىجەزىم يۇق بولۇپ قالغان، ئۇ چاغدا ھەرقايسىڭلار پايپىتەك بولۇپ مېنى دۇختۇرخانىلاردا بېقىپ مىدىرلىغۇزمايتتىڭلار ئاينا.

-شۇ بىزنىڭ ئەتىۋارلىق خانقىزىمىز بولغاندىكىن ئاشۇنداق قىلىپتىمىزكەن، قىلغىنىمىز يامان بولمىغاندۇر ساڭا،-دىدى ئاناڭ كايىپ.

-مەن يامان قىلدىڭلار دىمىدىم، ئانا، مەن ئاشۇنداق ئەركە چوڭ بولغاندىكىن ئاشۇنداق ئۇرۇق بولۇپ قاپتىمەن ئەينا، سەل چوڭ بولۇپ قارىسام كۆكياش ئايرىيدىغان چوڭ بولۇپتىمەن، مەكتەپتە ئاداشلىرىممۇ مېنى سەي يىمەيدۇ، ئۇرۇق، ئاۋاق، پىنگىۋىنغا ئوخشايدۇ دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ، سىنىپتا مەندەك كۆكياش يىمەيدىغاندىن قىز- ئوغۇل بولۇپ ئۈچ-تۆتىمىز بار ئىكەنمىز، مۇئەللىملەرمۇ تېخى ھەر دەرستە نەقىل ئېلىپ مازاق ئېتىدۇ، گاھىدا تېخى ئوڭ-تەتۈر تەنقىدلەيدۇ، ئاخىرى ئۈگىنىپ قالدىم مانا ئۇنىمۇ، تازا تاتلىق، يىيىشلىك ئىكەن ئەسلى، مانا ھازىر خېلى بودەكشىپ قالدىم، بەك سەمىرىپ كاۋىدەك بولۇپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەۋاتىمەن.

-بۇرۇنراق بودەكشىگەن بولساڭ چوڭ چاتاق چىقاركەن چىغى…

-مەسىلەن قانداق چاتاق چىقىدۇ؟-سورىدى داداڭ كۈلۈپ كېتىپ.

-ئۇچاغدا بىزنىڭ ئۆينىڭ تېمىنى چۆرگىلەيدىغانلار، كېچىلەردە كېلىپ دەرىزە چىكىدىغانلار  ھازىرقىدىن جىق بولۇپ كېتەتتى، سېنى ئەرگە بەرمەكمۇ ئاسانراق بولاتتى…

-ئەرگە بېرەلمەي قالدىڭىزما مېنى،-دىدىڭ سەن ئاناڭغا ئاچچىقلىغاندەك توۋلاپ،-باقالماي قالغان بولسىڭىز مەن بۇ ئۆيدىن كېتەي.

-ئەرگە بىرەلمەي قالغىنىمىز يوق،  باقالماي قالغىنىمىزمۇ يوق، لېكىن، ئەلكۈننىڭ ئالدىدا بارغاق تارقىتىپ بولۇپ يېنىشىپ كېتىپ بەك سەت بولدى، ۋاي ماقسۇت ئاخۇن دىسە يۇرتتا مۇنداق قىچقىرسا ئېتى، تۇتسا سېپى بار ئادەمچۇ ماۋۇ سېنىڭ داداڭ،  شۇڭا دەيمەن مۇنداق. ئاچاملارنىڭ قاراپ تۇرۇپ شۇنداق قىلغىنىغا مانا ئەمىسە دەپ ۋاش-ۋۇش توي قىلىپ سەن چالما كۆرسەڭ ئالما كۈرىدىغانلارمۇ بارمىكەن دەپ بوينۇمنى ئۈستۈن تۇتۇپ يۈرەرمەنمىكىن دىسەم بۇ ئاخۇنۇممۇ سېنىڭ بېشىڭنى مۇنداق بىر باغلىۋېلىپ بېشىنى ئىچىگە تىقىپ كىرپىدەك تۈگۈلۈپ ئولتۇرۇۋالغىلىمۇ بىرەر يىل بولۇپ قالدى، يا سەنمۇ شۇ ئاخۇنۇمنىڭ قارىمىدىن بۈلەكنى تېخى خالىماس بولۇپ كەتتىڭ، گېلىڭدىن نىمە ئۆتكۈزۈۋالدىكىن ئۇ خەقلەر سېنىڭ… يا بېشىڭدىن تىلتۇمار ئۆرۈۋالغانمىكىن، نەچچە يىل جاپا تارتىپ بالا باققاندىكىن داقا-دۇمباقنى چېلىپ توي قىلىشنى خالىمايدىغان ئاتا- ئانا بۇلامدۇ جاھاندا؟

سەن داداڭنىڭ ئالدىدا ئوشۇق گەپ قىلىشنى خالىمىدىڭ.

-ۋاي، بولدى قىلىڭلار، پاتەم، بىر ئېغىز مۇنداق گەپ قىلىپ قويسام توختىماي كوتۇلداپ كەتتىڭلار، ھەممە ئىشنىڭ ۋاقتى بار، ۋاقتى كەلگەندە بولىدۇ ھەممە ئىش، بۈگۈن بىكار گەپنى قويۇپ ماۋۇ ئۆيلەرنىڭ ئىش- كۈشلىرىنى ئوبداق قىلىڭلار، ھېلى شەھەردىكى تۇغقانلار كېلىدۇ، قالغان گەپلەرنى مېھمانلارنى ئۇزىتىپ بولۇپ دىيىشەرمىز.

-سىلى ئۇلار بىلەن بىللە كەتمەملا؟-دىدى ئاناڭ.

-ئۇنداق قىلسام بولمىغۇدەك، رۇخسەت قىلسا بىرەر ھەپتە، بولمىسىمۇ ئىككى-ئۈچ كۈن تۇرۇپ ئۆينىڭ يىغىشتۇرىدىغان ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئاندىن ئىمكان بولسا ھەرقايسىڭلارنى ئېلىپ بىر يولى كېتەيمىكىن دەيمەن.

-بولسىغۇ شۇنداق قىلسىڭىز بەك ئوبدان بولاتتى، دادا،-دىدىڭ سەن.

-تۈنۈگۈن تېلېفۇندا تېخى ئۇلاربىلەن بىللە قايتمىسام زادى بولمايدۇ دەۋاتمامتىلە؟-دىدى ئاناڭ.

-شۇنداق دىيىشىمنىغۇ شۇنداق دىگەن، لېكىن، ئۆيگە كېلىپ بولۇپ خوتۇن- بالىلىرىمغا قىيمايۋاتىمەنچۇ، ئۇلار بىلەن نەچچە كۈن بىللە تۇرۇپ ئۆينىڭ ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇۋېتىپ ھەممىڭلارنى ئېلىپ بىريولىلا كېتىمەن.

-بىزمۇ سىزنىڭ قېشىڭىزغا كېتەمتىمىز،دادا،-دەپ ئەركىلەپ كەتتى سىڭلىڭ رۇقىيەممۇ.

-سەن ئۆيدە قالغىنە بولمىسا، قالامسەن؟-دىدى داداڭ رۇقىيەم بىلەن قېرىشىپ.

-ئانامچۇ؟

-ئاناڭ بىلەن ئاچاڭنى ئەكىتىمەن، سەنلا قالىسەن.

-ياق، مەنمۇ قالمايمەن، مېنىمۇ ئەكىتىڭە، دادا، مەن قورقىمەن…-رۇقىيەمنىڭ چىرايى بۇزۇلدى.

-ماقۇل، بالام، ئاچاڭ قالسۇن، ئاناڭ بىلەن سېنى ئەكىتەي،-دىدى داداڭ رۇقىيەمنىڭ يۈزىنى سىلاپ ئەركىلىتىپ تۇرۇپ. رۇقىيەم كۈلدى:

-ئاچام ئۆيدە يالغۇز قالسا قورقمامدۇ؟-دىدى ئۇ.

-ئاچاڭنى ئەرگە بېرىمىز، ئۇ ئېرىنىڭكىدە تۇرىدۇ، ئۇنى ئېرى باقىدۇ.

-نەدىكى گەپلەرنى قىلمىسىلا، ئۇ تېخى كىچىك،-دىدى. شۇ ئارىدا بودەك ئاناڭ ئۆيگە كىردى، ئارقىدىن سالىھە كىردى. ئاناڭ ئاچىسى بىلەن دۈگۈنكى داستىخانغا نىمىلەرنى تەييارلاش، مېھماننى قانداق ئۇزىتىش مەسىلىلىرىدە مەسلىھەت قىلىشىپ شۇ بۇيىچە تەييارلىققا چۈشۈپ كەتتىڭلار. چاشكاھ ۋاقتى بولغاندا ئۆينىڭ ئالدىدا پوزۇر بىر ماشىنا توختاپ داداڭنىڭ ئانا بىر قانداش ئىنىسى ئەكبەر ئەپەندى، خانىمى ۋە ئىككى قىزى، بىر ئوغلى ماشىنىدىن چۈشتى.

ئەتىگەندىن كەچكىچە مېھمان كۈتۈشلەر بولدى، ، داداڭ ئاكاڭنى تونۇرغا ئوت يېقىشقا بۇيرۇپ خوشناڭنىڭ ئېغىلىدىن سۈت ئېمىۋاتقان بىر ئوغلاقنىڭ نەرقىنى ئېتىپ ئاچىقىپ سويدى ۋە ئۇنى پۈتۈن پېتى تونۇرغا تىقىپ تونۇرنىڭ ئېغىزىنى كۆمدى، سەن ئاناڭ ۋە ھامماڭنىڭ دېگىنىنى قىلىپ ئاشخانا بىلەن مېھمانخانا ئارىسىدا قاتراپ يۈردۈڭ. تاماقلار ئارقا-ئارقىدىن، ھەتتا ئىككى-ئۈچ قازاندا بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلدى، بۈگۈن سەن ئاناڭنىڭ پۇختىلىقىغا تېخىمۇ ھەيران بولدۇڭ، ئۇ سىڭلىڭ ئىككىڭلارغا ئۇقتۇرمايلا توڭلاتقۇنىڭ تېگىگە كۆكياشنىڭ قانىتىغا يۆگەپ ساقلىغان غۇرىلارمۇ بۈگۈنكى سۇيقاشنىڭ قازىنىدىن ئورۇن تاپتى، چۈشتىن كېيىنلەردە قولۇڭ سەل بۇشىدى، چۈنكى مېھمانلار ھامماڭنىڭكىگە ماڭدى، ئۆيدە سەنلا ئۆي يىغىشتۇرۇش دىگەندەك ئىشلارنى قىلىپ قالدىڭ، چۈنكى، ئۇلار سەل تۇرۇپ يەنە قايتىپ كېلىشەتتى. سەن سەل ئارام ئېلىۋېلىپ ئاشخانىدا قاچا يۇيۇشقا تۇتۇندۇڭ،

-ھە، ئادىلەم، يالغۇز ئۇلتۇرۇپ ئىشلەپ كەتتىڭما؟-دەگەن ئۈننى ئاڭلاپ ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ ۋە يېنىك كۈلۈپ تۇرۇپ «ھەئە» دىدىڭ. ئۇ سەن ئەكبەرجان دادام دەپ ئاتايدىغان تاغاڭنىڭ ئوغلى نەزەرجان ئىدى.

-سەنمۇ بىز بىلەن بېرىپ ئالتۇنخان ئاناملارنىڭكىدە مېھمان بولۇپ ئۇينىماي بۇيەردە تەنھا ئولتۇرساڭ قانداق بولىدۇ ؟-دىدى ئۇ. سەن ئۇنىڭ تەنھا دىگەن گەپنى ئۇرغۇلۇق ئېيتىشىدىن نىمىنىدۇر ھېس قىلىپ ئۈلگۈردۈڭ.

-شۇئاينا،-دىدىڭ سەن ئارتۇق گەپنى مۇۋاپىق كۆرمەي.

-سېنىڭ يالغۇز قالغىنىڭنى كۈرۈپ مەن ساڭا بىردەم ھەمراھ بولاي دەپ شىپپىدە قايتىپ كەلدىم، بولاپتۇما؟-دەپ كۈزۈڭگە مەنىلىك قارىدى ئۇ. شۇئارىدا ئۇنىڭ يانفۇنى سايراپ كەتتى، ئۇ تېلېفۇننى ئېلىپ سىرتقا ماڭدى، سەنمۇ دەرھال قولۇڭنى چايقاپلا سىرتقا چىقتىڭ، ئۇنىڭ ساڭا باشقىچە كۆز بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بايىلا بىلگەن ئىدىڭ، سىرت ساڭا ئاشخانا ياكى ئۆي ئىچىدىن بىخەتەررەك ئىدى، سەن ئۇنىڭ ئۆينىڭ كەينى تەرىپىدە كىملەر بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۈڭ ۋە ئاستا ئۇنىڭغا يېقىنلاشتىڭ، ئۇ كىم بىلەندۇر سۆزلىشىۋاتاتتى، بارا-بارا ئۇ كايىپ كىملەرنىدۇر تىللىدى، چىرايى غەزەبلىك تۈس ئالدى، سەن ھويلىدىن چىقىپ يول تەرەپتىكى ئېغىلغا كىرىپ ئۇلارغا ئوت-سۇ بېرىشنى ئويلىدىڭ، سەن قويلارغا سۇ قۇيۇۋاتقىنىڭدا ئۇ قېشىڭغا كەلدى.

-تىللىشىپ بولدىڭىزما؟-دىدىڭ سەن ئۇبىڭ بىلەن چېقىشىپ.

-خەقلىنىڭ تاياق يىگۈسى كەپقاپتۇ مۇنداق، پىتكە تىللاپ ئوسمىسىنى قاندۇرۇپ قويدۇم.

-كىم ئۇ بىچارە؟

-سورىمىغىنە ئۇ ئىشلارنى… ھەي، ئادىلە، بىر گەپنى دەيمۇ ساڭا.

-مېنى يىقىن كۆرسىڭىز دەڭ.

-سەن بەك ئۇ بولۇپ كېتىپسەن…

-ۋاي خۇدايىم، دىمەكچى بولغان گېپىڭىز مۇشۇمىدى؟

-راست، بەكلا…

-قوللىرىڭمۇ بەك تېتىملىقكەن، مەن شەھەردە يىگەن ھەر-ھەر ئىسىل تائاملاردىنمۇ بەك تېتىغان تاماقلار بولدى بۈگۈنكى داستىخاندا…

-راستما؟… مەسىلەن قايسى تاماق؟

-ئادەتتە بىزنىڭ ئۆيلەردىمۇ داۋاملىق يەيدىغان لەغمەننى مىسال ئالساق شۇنداق مىزىلىك، باشقا يەرلەردە يىگەن لەغمەنلەرنىڭ تەمىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ دىگىنە ؟

-شۇنداقمۇ؟

-يەنەبار، مەن بۈگۈنكى تاماقلارنىڭ ئىچىدە ئېغىزىمغا چىش چىقىپ يەپ باقمىغان بىر خىل تاماقنى كۆردۈم، ھېلىقى … نىمە دەيمىز ئۇنى ؟ قارىساق ئوماچقا ئوخشايدۇ، لېكىن، ئوماچتەك قويۇق ئەمەس، سۇيۇقراق…قوناق ئۇچرىدى ئۇتاماقتا…

-ھە، قوناق ئېشىنى دەمسىز؟

-ھە، قوناق ئېشى دەمدۇ ئۇنى؟ماڭا بەك تېتىدى ئۇ. يەنە بىرسى بار، ھېلىقى قوناق ئۇنىدا ئەتكەن تاماقچۇ؟

-ئۇنى يەرلىك تىلىمىزدا سىقماق دەيمىز، چۈنكى ئۇنى بىز قوناق ئۇنى خېمىرىنى سىقىپ چىقىرىمىز. شەھەرلىكلەر ئۇنى قوناق ئۈگرىسى دەرمىكىن؟

-ھە شۇ، كەچكۈزدە قوناق ئۈگرىسىدە غۇرا كۈرۈپ ھەيران قالدىم، يەنە تىخى غۇرا سېلىپ ئۈگرىمۇ ئېتىپسىلەر ھە؟

-ھازىر نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟

-تاشچىلىق قىلىۋاتىمەن، پايدىسى ئۇبدان ھازىر، بىرەر-ئىككى مىليۇندەك شەخسىي پۇلۇم بار.

-يائاللا، بىرەر-ئىككى مىليۇن دەڭ…

-لېكىن، دادام بەك چېپىلىۋالىدۇ…

-يىگىرمىلەرگە كىرگەنسىزمۇ؟

-ھەئە، بۇيىل يىگىرمىدىن ئۆتتۈم… ھەي، ئادىلە، مەن سېنى بۇيەردىن ئەكەتسەم قانداق بولار؟ ماقۇل دىگىن ، مەن سېنى بۇيەردىن ئەكىتەي…

-قانداق ئەكىتىسىز؟… مېنى يالغۇز ئەكىتەمسىز ياكى…

-سېنى ياخشى كۈرۈپ قالدىم. بىز توي قىلايلى، بولامدۇ؟

-ئۇنداق قىلساق يەڭگەم چاچلىرىمنى توخۇ يۇڭدىغاندەك يۇڭدىۋېتەر…

-ئۇ ئۇنىسا ئۇنايدۇ، ئۇنىمىسا كەشىنى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ يولىنى توغرىلاپ قويىمەن.

-خاپا بولماڭ، نەزەرجان، بۇرۇن مەن سىزدىن خېلى تەمە قىلىپ باققان، لېكىن قىز بالا دىگەن بىر كىمنى قوغلاشقىلى بولمايدىكەن، رېقىپ دىگەن كومشالار ماڭا گۈل قويۇشتىن بۇرۇن مەن شەھەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ ئۇنى بۇنى ئوقۇپ يۈردۈم، ئۇ چاغلاردا سىز چۈجىلىك تۇخۇدەك كەينىڭىزگە مانچىنى سېلىپ لايىق تاللاپ بولالماي يۈردىڭىز، مەن سىلەرنىڭ ئۈيۈڭلاردا تاماق ئېتىپ، ئۆي يىغىشتۇرۇپ، كىر يۇيۇپ يۈرگەن چاغلاردا مەكتەپ بالىلىرىنى سەپكە تىزغاندەك تىزىپ قويۇپ ئارىلىشىپ سىنايدىغان ئوبىكىتلىرىڭىزنىڭ قاتارىغىمۇ كىرەلمىگەنچۇ، رېقىپتىن يېنىشىپ كەتكەندىن كېيىنمۇ سىز تېخى توي قىلمىغان ئىدىڭىز، شۇچاغلاردا بولۇپ قالغان بولسىمۇ مەن«جان»  دەپ ماقۇل بولىتتىم، ھازىر مېنىڭمۇ بېشىم باغلاغلىق، سىز بۇچاغقىچە بىرەر بالىلىق بولۇپ بولغىلى قوپتىڭىز، سىزمۇ ئاللاھ بەرگەن بەختىڭىزنى چىڭ تۇتۇڭ، ھېچقانداق ئىش تۇنجىسىغا يەتمەيدۇ، مەنمۇ سىزگە تۇنجى قېتىم ئازراق قىزىغان، لېكىن، سىزنىڭ تۇنجى بەختىڭىزنى ئاللاھ باشقا يەردىن بەردى ئاينا، مېنىڭمۇ رىزقىمنى باشقا يەرگە چاچتى، بۇ دىگەن تەقدىر، ئۇنىڭغا ئامال يوق.

-ئامال يوق ئىش يوق، ئەركىشى دىگەن تۆت خوتۇن ئالسا دۇرۇس بولىدۇ…

-لېكىن، ئۇنداق بولغان بىلەن ھېچقانداق بىر قىز ئىككىنچىسى بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ، قىيامەتتىمۇ بىرىنچىسى بولغانلاردىن باشقىلارغا بۈۋى فاتىمەم شاپەئەت قىلمايدۇ. مېنىڭمۇ بىر ناننى پۈتۈن يىگۈم بار…

-پەقەت جاپا تارتقۇزمايتتىم، راھاتلا كۈرۈپ ياشايتتىڭ، ماڭا پەقەت بالا تۇغۇپلا بەرسەڭ بولاتتى…

-سىز بۇ ئىشلارغا ئارا تۇرالمايسىز، جاپا تارتىش ياكى راھەت كۈرۈش ئاللىبۇرۇن قىسمەت دەپتىرىمىزگە پۈتۈۋېتىلگەن، سىز-بىزنىڭ قولىمىزدىن پەقەت «بارىغا شۈكۈر، يوقىغا سەبر» دەپ ياشاشلا كېلىدۇ، ئەمدى سىز دىگەن بۇ ئىشلار غەيبكە تەئەللۇق ئىشلاركەن، «رىزق غايىب، نىكاھ غايىب، ئۈلۈم غايىب» دەيدىكەنغۇ؟

-ۋاي ئاللا، كاللام چۆرگىلەپ كەتتى، مەن سىنى بۇنداق ۋەز ئېيتىپ بېرەر دىمىگەن ئىدىم، دىندا خېلى ئوقۇغان تىرناقتا توختىغۇدەك نى-نى بۈۋىملەرنىڭ بىرەر يۈز كوي پۇل ئۈچۈن ئالقانلىرىمغا قونۇپ يىلاندەك تولغانغانلىرىنى كۆپ كۆرگەنمەن، شۇلاردىن بىرەرىنى ئېلىپ قوياي دىسەمغۇ بۆكىنى ئاسمانغا ئاتىتتى.

-خاپا بولماڭ، لېكىن، مەن ئۇنداق قىلالمايمەن…

-ئەمىسە سىنىڭ كۆڭلۈڭنى تازا بىر ئېلىپ قوياي، دېگىنە، نىمە ئىش قىلىپ بېرىمەن، ئەينى چاغدا كۆڭلۈڭنى چۈشەنمەي دىلىڭغا ئازار قىلىپتىمەن… بىلگەن بولسام سەن سەھرا گۈزىلىنىلا ئالاتتىم.

-نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيسىز؟

-ئالتۇن زەنجىر ئېلىپ بېرەيمۇ ياكى ئالتۇن ئۈزۈكمۇ، يا بولمىسا نوكا چاپان كىيەمسەن، ئىشقىلىپ ئۈزەڭ تاللىغىن، دىگىنىڭنى قىلىپ بېرىمەن…

-بۇدۇنيادا بىكارغا بېرىدىغان بىرەر ۋاقلىق تاماقمۇ يوق دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ھېچقانداق شەرتسىز ئېلىپ بېرەمسىز ياكى …

-ۋاي خۇدايىم، سەن يەتتە قات يەرنىڭ تېگىدە ياتقان يىلاننىڭ كۆشۈگىنى تۇيىدىغان قىزبالا ئىكەنسەن، بىكار ئىش زادى ھېچيەردە يوق، مەنمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭنى ئالاي. سەنمۇ تۇنجىلىقىڭدا مېنىڭ كۆڭلۈڭنى بىر قېتىم ئالغىن دىمەكچىدىم.

-ئەڭ ياخشىسى، ئەكبەرجان داداملار بىلەن سىزنى بۈگۈن راسا مېھمان قىلايلى، ئۇندىن باشقا ئىشلاردا سىزمۇ بۈگۈن كەچتە ئۈيىڭىزگە يېرىپ زەنجىر ئەپبەرسىڭىزمۇ ياكى باشقا بارسە ئەپبەرسىڭىزمۇ يەڭگەمگە ئېپبېرىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئېلىڭ، مەنمۇ ئۈيۈمدە ئومىچىمنى ئىچىپ ئۇخلاپ قالاي.

-ئەمىسە سەن بىلەن بىر قېتىملىققا ئۇنىغىن…سەندىن خوش بولۇپ كېتەي

-كەچۈرۈڭ…

-مەن ھازىرقى خوتۇنۇمدىن ئاجرىشاي ئەمىسە، سەنمۇ ھېلىقىڭدىن يېنىشقىن، بىز توي قىلايلى؟ بۇنداق دىسەمغۇ خوش بولۇپ ماقۇل دەرسەن…

-كەچۈرۈڭ، ئۇشۇق ئاۋارىچىلىققا مەن بەك تويۇپ قالدىم، مېنىڭ يەنە ئاۋارىچىلىق تارتىۋەرگۈم يوق.

-ئۇنى ئاۋارىچىلىق دىمەيمىز، ئۇ دىگەن سېنىڭ بەختىڭ…

-سىز ئۇنى ئاۋارىچىلىق دىمەيسىز، سىز دىگەن ئەر كىشىغۇ، ئۇنداق ئىشلار سىزدەك پۇلى بار، يولى بار ئوغۇل بالىغا نىسبەتەن قول يۇيغاندەكلا ئاددىي ئىش، شۇڭا، بەلكى سىزنىڭ نەزەرىڭىزدە ئۇ مېنىڭ بەختىمدۇر، لېكىن، ماڭا نىسبەتەن ئۇ گۈرۈلدەپ ئوت كۈيۈۋاتقان تۇنۇرغا ئۆزەمنى تاشلىغان بىلەن باراۋەر ئىش، ئۇنداق قىلىپلا قالىدىغان بولسام، مەن يەڭگەمنى ئۇبدان بىلىمەن، ئۇ سىزگە بەكلا كۈيىدۇ، ئۇنىڭ ئانىسى جاھاندىكى موللا-ساھىرلار، پالچىلار بىلەن ئالامەت يېقىن ئۈتىدىغان، ئۆزىمۇ ھەم جاينامازدىن، تەسۋىي قولىدىن چۈشمەيدىغان تەقۋا ئايال، ئاچچىغى كەلسە مۈشۈكمۇ يولۋاسنىڭ قويرۇقىنى چىشلەيدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىغانمەن،  ئۇلار مېنى جۈدە قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ… قېيىنئاتىڭىزمۇ سىزگە ئوخشاشلا تاشچى، ئۇنىڭمۇ قۇرۇۋالغان شىركىتى بار، خوتۇنىڭىزمۇ ئاپتاپ كۆرمىگەن سۈزۈك، بەك چىرايلىق ھەم دىيانەتلىك يالغۇز ئەركە قىز، مەن ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيمەن، ناۋادا سىز ئۇنىڭدىن ئاجراشسىڭىز سىزنىڭ تاشچىلىق سودىڭىزمۇ ئاخىرلىشىدۇ، قېيىنئاتىڭىز سىزنى يىراقتا تۇرۇپ بىر تىزگىنەك بىلەنلا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ، سىز ئۇنى ئۇبدان بىلىسىز، شۇڭا، مېنى بۇنداق گەپلەر بىلەن ئالداشنى خىيال قىلماڭ… خۇدايىم بەرگەن بەختىڭىزنى قەدىرلەڭ…

-ۋاي خۇدايىم، سەن ئۇلارنى قانداق بىلىسەن؟

-شەھەردە ئوقۇپ يۈرگەنلىرىمدە مەن ئۇلارنىڭ ئۈيىدە بىرمەزگىل تۇرغان، يەڭگەم بىلەنمۇ ساۋاق ئاداش ئىدىم، ئۇ تېخى مەندىن خېلى ئۇبدان كىچىك دەڭە…

-ئۆتەپ بارغىنە، ھوي؟

-ئۇ تولۇقسىزدا ئوقۇمىغان، مەن بولسام توققۇزىنچى سىنىپنى پۈتتۈرگىلى ئۈچ يىل بولدى، ئۇلارنىڭ ئۈيىدە قىزلار خالىغانچە سىرتقا چىقالمايدۇ، شۇڭا ئۇ سىرتلاردا لەيلەپ يۈرگەن شەھەر نامراتلىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ ئونبەش ياشنى تۈگەتمەي تۇرۇپلا سىزگە ياتلىق بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى بارلىق قىممەتلىق بايلىقىنى سىزگە ساقلىغان، بۇ گەپكىغۇ ئىشىنىدىغانسىز، سىز دىگەن ئۇنىڭ پادىشاھى، ئىشەنمىسىڭىز سۇراپ بېقىڭ… ئۇنى مانا بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيگىمۇ ئەكەلمەپسىزغۇ، باياتىن تېلېفۇن قىلغىنى شۇمۇ ئەمەسمۇ؟

-راستلا موللا تاپقاقكەنسەن، شۇ خوتۇنۇم تېلېفۇن قىپتۇ، نەگىلا بارسام تېلېفۇن قىلىپ «پات كېلىڭ، پات كېلىڭ »دەپ ئىچىمنى پۇشۇرىدىغان بولۇپ قالدى ئۇ، تېخى تېلېفۇننى ئېتىۋالسام دادامغا تېلېفۇن قىلىپ يىغلىغىلى تۇرىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كېلىپ بولغۇچە دادام «بىر خوتۇننىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ بولالمايدىغان ھالىڭغا نەلەردە كۇۋسۇك پۇراپ يۈرىسەن؟» دەپ تاناۋىنى تارتىۋاتقان…

-سىزىككە چۈشتىمۇ قاندق؟ ئايال كىشىنىڭ قورسىىدا قالسا ئاشۇنداق غەلىتە- غەلىتە بىر مىجەزلىرى پەيدا بولۇپ قالارمىش، ئۇنى سېزىك دەيدىكەن.

-دېمىسىمۇ يېقىننىڭياقى ئۇ كۆڭلۈم ئېلىشىپ قالدى دەپ تاماقتىن قالغاندەك كۈرۈنەتتى، يەنە ماڭا بۇرۇنقىغا باققاندا بەكرەك يېپىشىپ قاراپلا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان، «نىمانداق قىلىسەن؟» دىسە «سىرتقا چىقىپ كەتسىڭىز كۆرگۈم كېلىپ پەقەت چىدىيالماي قالىدىكەنمەن، شۇڭا كۈزۈمنى قاندۇرۇۋالاي دەپ قاراپ ئولتۇردۇم، يېنىمغا كېلىپ بېردەم ئولتۇرۇپ بېرىڭە، ئېرىمگە قاراپ بىردەم ئولتۇرۇۋالاي» دەپ يىغلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى، ئۇنىڭدا باشقىلاردەك ئۇنداق ياسالما نېزىقاش يوق، پەقەتلا شۇنداق دەپ يىغلايتتى، بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ بىلەن ھېلىقىدەك بىر نەچچە قېتىم بىر ئىش قىلسىمۇ ئۇ يەنە يۈرىكىنى يېقىپ قۇچاقلاپ ياتقىنى ياتقان، مۇشۇنداق چاغلاردا ئاندىن ئەڭ تاتلىق، ئەڭ ھۇزۇرلۇق ئۇخلايدىغانلىقىنى ئېيتىپ :«سىزگە تەگكىنىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ بەختىم، سىزمېنىڭ تەختىم، سىزمېنىڭ جەننىتىم، سۇلتانىم…» دەپ يەنە ھۈ تارتىپ يىغلايتتى، ئۇنىڭدا نېزىقاش، نازلىنىش يوق ئىدى، پەقەت بوغۇلۇپ-بوغۇلۇپ يىغلايتتى، بۇنى چوڭلارغا قانداق چۈشەندۈرگۈلۈك، ئۇلار تېخى :«سوقۇشۇپ قاپسەن، خوتۇنىڭنى ئۇرۇپسەن …» دەپ ماڭا كايىغان، ھەر ھالدا ئۇ بوغجۇمىسىنى يۈدۈپ يامانلاپ ماڭمىغاندىكىن ياكى ئۇنىڭ يۈزلىرىدە تاياق ئىزى قالمىغاندىكىن ئۇلار كايىپ-كايىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئولتۇرسا- قوپسا ماڭا تېلېفۇن بېرىش بىلەنلا ،«ئىتتىك كېلىڭ، چاققان كېلىڭ، سىزكەتكىلى نەۋاق» دەپلا يۈرگىنىنى ئانچە- مۇنچە ئاڭلاپ تۇرغاندىكىن ئارتۇقچە كايىمايدىكەن. تېخى باياتىنمۇ بىر مۇنچە تىللىغان ئىدىم ئۇنى ، سىزىك دىگەندە ئاشۇنداق ئېرىگە ھەددىدىن زىيادە ئامراق بولۇپ قالارمۇ؟

-چوڭلارنىڭ دىيىشىچە، سىزىك دىگەننىڭ ئۇمۇمەن مۇقىم قېلىپى بولمايدىكەن، ئادەتتە كۈندەشلىكى يامان ئاياللارنى سىزىكىدە  بىرنەچچە ئاي قۇسىمىش دەپ ئاڭلىغان ئىدىم، ئۇندىن باشقا يەنە بەزىلەر ئېرىگە ئۆچ بولۇپ قالارمىش، بەزىلەر ئۆزى ئەتكەن تاماققا ئۆچ بولۇپ قالارمىش، يەبە بەزىلەر نىمىگىدۇر ئامراق، يەنە بەزىسى بولسا نىمىگىدۇر ئۆچ بولۇپ قالارمىش ئىشقىلىپ بىر ئايالنىڭ سېزىكى يەنە بىر ئايالنىڭكىگە، يەنە بىر ئايالنىڭ بىرىنچى قېتىمقى سېزىكى كېيىنكىسىگە ئوخشىماسمىش، …قاراڭ، مېھمانلار كەلدى…- دىدىڭ سەن ۋە چىلەكنى كۈتىرىپ ئاستاغىنە تۇرۇبا كاتىكىگە قويۇپ جۆمەكنى ئاچتىڭ. سۇ ئاز-ئازدىن جىرقىراپ چىلەككە چۈشكىلى تۇردى.

-نەلەردە يۈرۈپ بۇنچىۋالا قېرىپ قالغان سەن، ھوي ئادىلە، ئۈزەڭ كىچىكلا تۇرىسەن، بىلمەيدىغان ھېچنىمەڭ يوقكەن، يېزىلىقلار شەھەرلىكلەردىنمۇ يامانمۇ نىمە؟ مېنىڭ خوتۇنۇم ئىشلارنى مۇنچىۋالا ئەتراپلىق ئويلاپ كېتەر بولسا ئىشىم چاتاق… قېيىنئاتامنىڭ چوڭ شىركىتىگە باشقۇرغۇچى بولساڭ بولغۇدەك سەن!- شۇ چاغدا ئەكبەر ئەپەندىنىڭ ماشىنىسى ئۆينىڭ ئالدىدىكى يولدىن ئاستا قايرىلىپ ئېغىل ئالدىدىكى بوش يەرگە كېلىپ توختىدى

-ئوخ…خو ، دادا، قاراڭ، ئەتىگەن يۇيغۇزغان ماشىنا بىردەمدە قارىغۇسىز بولۇپ كېتىپتۇيا؟-دىدى نەزەرجان ماشىنىنىڭ يېنىغا بېرىپ ماشىنىدىن چۈشۈۋاتقان دادىسىغاقاراپ.

-يېزا دىگەندە ئۇنچىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىپ بولغىلى بولمايدۇ، كەچتە ئۆيگە بارغاندا يەنە يۇيغۇزۇۋالارسەن، بالام،- دىدى ئۇ ئىشىكىنى يېپىۋېتىپ. ئۇلار دىگەر نامىزىنى ئوقۇشۇپ ئۆيىگە قايتىشقا تەمشەلدى.

-ئەكبەرجان ئاخۇن، ماۋۇ ئادەم «ئەكبەرجان بىزلەرنىمۇ كېلىپ شىركەتتە ياردەملىشىپ بەرسۇن دىدى» دەپ ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇق، ئۆتكەندە باغ- ۋارانلاردىن چىققان چىلانلىرىمىزنى ئۇبدان بىر پۇل قىلىپ بېرىپ كۆڭلىمىزنى خوش قىلىپتىڭىز ئاينا، ئەمدى بۇقىېتىم بىز ئۇيەرگە بارساق قانداق بۇلاركىن دەپ مەسلىھەتتە قالدىم مانا…دىدى ئاناڭ گەپ تېشىپ.

-ئەمدى كۈزلۈك يىغىملىرىڭلارمۇ ھەرھالدا بىريەرلەرگە بارغاندۇ بۇچاغقا، ماخسۇتىكامنىڭ شىركەتتە ئىشلەۋاتقىنىغىمۇ خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالدى، ئەسلى سىزلەرنىمۇ بۇرۇنلا ئەكىتىشىم كېرەك ئىدى، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بۇنداق ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۇنچە ياخشى ئەمەسقۇ، سىز بۇيەردە جاپا تارتىپ يۈرسىڭىز، ئاكام ئۇيەردە يالغۇزلۇق تارتىپ يۈرسە… بۇرۇنراق شۇنداق قىلىلى دىسەم ئاكام ئېتىز- ئېرىقنىڭ ئىشى تاشلىنىپ قالىدۇ دەپ ئۇنىمىغان ئىدى، ئەمدى بولسىمۇ ئائىلىدىكىلەربىلەن جەم بولۇپ بىللە ئىشلىسۇن دىيىشكەن…

-بىز كەتسەكقۇ ئۇبدان بولىتتى، بىزمۇ مۇنداق بىر جاپادىن نېرىراق تۇرىتمىزكەن…

-مانا ئەمدى ئۇبدان گەپ قىلدىڭىز، سىزگىمۇ ئايرىم ھەق بېكىتىپ بېرىمىز، شىركەتتە ئىشلەيدىغان توختاملىق ئىشچىلارغا چۈشتە بىرۋاق تاماق ئېتىپ بېرىسىز… ئۇنچىلىك ئىشلارنى سىز ئەلۋەتتە قىلىپ كېتەلەيسىز، باشقا چاغلاردا شىركەتنىڭ دەرۋازىسىغا قاراپ بېرىسىز شۇ…

-ئۇ ئىشلار دىگەن ھەرقانچە تەس بولسا بۇيەردە ئېتىزدا يۈگۈرۈپ يۈرۈپ سۇلاغ قىلىشتىن تەس ئەمەستۇر، ئۇنىڭدا گەپ يوق، ئەمما، ماۋۇ قوي، كالا، توخۇ-ئۆردەك، ئىشەك دىگەن ئۇچارلىق- تىنارلىقلىرىمىزنى پەيشەنبە كۈنى بازارغا ئاپىرىپ پۇل قىلىپ ئاندىن ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇپ ئىشىكنى مەھكەم ئېتىپ ئاندىن لازىماتلىقلاردىن ئانچە- مۇنچە ئېلىپ بارمىساق بولماس، ئۇيەردىمۇ گال ئۈچ ۋاق ئاچار ھېلى، ئۆيدە بۇغداينى تاغاردا چاشقانغا قويۇپ بېرىپ شەھەردە بازاردىن ئۇن ئېلىپ يۈرسەكمۇ بولماس ئەمدى، شۇڭا دادىسىغا بىرەر ھەپتە روخسەت قىلسىڭىز مۇشۇ ئىشلارنى جەمسىرىشىپ بەرمىسە مەن يالغۇز قىسىلىپ قالغۇدەكمەن…

-ئوخخو…، ما گەپنى ئەمدى، ماقۇل دىسەم، شىركەتنىڭ ئىشلىرى ئاقسايدۇ، ئاكام ھەپتە قالسا بىز تۆت يۈز توننا چىلاننى ۋاقتىدا خىللاپ قاچىلاپ ۋاڭ خوجايىن بىلەن تۈزگەن توختامنىڭ ئىچىدە تەييارلاپ بولۇشقا ۋاقتىمىز چىقىشماي قالىدۇ، مۇنداق بولسۇن، پەيشەنبىگىچە يەنە ئىككى كۈن بار ئىكەن، بۇ ئىككى كۈندە قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىپ تۈگىتىپ، ھە راست، ئاكا، ماۋۇ ئېغىلدىكى ماللارنى بىدىك قىچىرىپ ساتساقمۇ بولىدۇ، ھە، چالا قالغانلىرىنى بازاركۈنى ئېلىشىغا سېتىپ جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىنى ئاقتاشتا ئوقۇشقا نىشاننى توغرىلارسىز، ئەمىسە، خۇدايىمغا ئامانەت،- ماشىنا ئاستا قوزغىلىپ بىردەمدىلا ئۆينىڭ ئالدىدىكى تاركوچىدىن چوڭ يول تەرەپكە قايرىلىپ غايىپ بولدى. سىلەر ئۆيگە قايتىشتىڭلار، داداڭ قىشلىق ئۆيگە كىرىپ يۇمشاق كۆرپىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئارامغا كۆزىنى يۇمدى. ئاپاڭ ئىككىڭلار قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش، ئۆيلەرنى يىغىشتۇرۇش دىگەندەك ئىشلار بىلەن كەچنى قىلدىڭلار.

كەچقۇرۇن داداڭ بالدۇرلا ئۇيقۇغا كەتتى، بودەك ئاناڭ بولسا ئاناڭنى نىمىگىدۇر چاقىرىپ كەتتى. ئۆيدە سەن يالغۇز قالدىڭ. سەن ئاستاغىنە داداڭنىڭ يانغۇنىنى ئالدىڭ ۋە سىرتقا چىقتىڭ، سەن ھاجەتخانىدا ئۇلتۇرۇپ لايىقىڭغا تېلېفۇن قىلدىڭ. ئەپسۇسكى ئۇنىڭ تېلېفۇنى يەنىلا ئېتىك بولۇپ چىقتى. سەن ئارقىدىن يەنە ئاشىقىڭغا نۇمۇر باستىڭ. ئۇنىڭغا بۈگۈن تېلېفۇن قىلماسلىقنى، ئەتىگىچە ئۆزىنىڭ تېلېفۇن قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتىڭ. ئاندىن ھويلىغا كېلىپ تۈزكاتتا ئولتۇرۇپ داداڭنىڭ تېلېفۇنىنىڭ ئۇچۇر خاتىرىسىنى ئاچتىڭ. باشقىچە ئۇچۇرلار يوق، پەقەت سېستىما ئۇچۇرلىرى بەك كۆپ ئىدى. سەن داداڭنىڭ كونا يېزىقتا خەت يازالمايدىغانلىقىنى، زەنجىردەك ئۇلاپ يازىدىغان يېڭى يېزىقتا يازالايدىغانلىقىنى، خەنزۇچىنى پەقەتلا بىلمەيدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتىڭ، شۇنداق بولغاچقا ئۇ يانفۇندا ئۇچۇرلىشىشنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتتى، سەن ئۇ ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇرلارنى بىر-بىرلەپ ئۆچۈردۈڭ، ئاندىن يانفۇننىڭ ئالاقىلىشىش خاتىرىسىنى ئاچتىڭ. داداڭ ئەڭ كۆپ ئالاقىلەشكەن بىر نۇمۇرغا كۆزۈڭ چۈشتى،  لېكىن، ئۇ ئەكبەر ئەپەندىنىڭ نومۇرى بولۇپ چىقتى. سەن تىزىملىكنى سىيرىۋېتىپ يەنە بىر نومۇرغا كۆزۈڭ چۈشتى.

-كىمدۇر ئۇ،-دەپ قالدىڭ ئۆزەڭچە،-ئەجەپ پوچى نۇمۇركەن بۇ، ئوتتۇرىسىدا جۇپ سەككىز، ئايىغىدا زا سەككىز باركەن تېخى، دادامنىڭ نومۇرى بۇ نومۇرنىڭ ئالدىدا چانغۇدەك، بۇ تېلېفۇننىڭ ئخشاش نۇمۇرلارنى بىريەرگە يىغىدىغان بولۇپ قالغىنى، دادام بۇ نومۇرغا بەش يۈز سەكسەن سەككىز قېتىم تېلېفۇن بېرىپتۇ، بۇ نومۇرنىڭ سەككىز يۈز يەتمىش قېتىملىق تېلېفۇنىنى ئالماپتۇ، توققۇز يۈز ئوتتۇز قېتىم تېلېفۇن قوبۇل قىلىپتۇ، بۇ كىمدۇر؟ بۇنداق كۆپ پاراڭلىشىدىغان ئۇ كىمكىنە؟ ئۇ چوقۇم ئايال كىشى… ئەگەر ئۇنداق بولمىسا بۇنداق كۆپ پاراڭلىشىش مۇمكىنمۇ؟ بەلكىم ئۇ ئانامدىن چىرايلىق ھەم ياش … بولمىسا دادام… دادام ئۇ ئايالنى ياخشى كۈرۈپ قالغانمىدۇ، دېمىسىمۇ ئۇ بىر ساغلام ھەم بەستلىك ئەر تۇرسا… نىمە بوپتۇ؟ بەلكىم بۇ ئايال تازا پۇلداردۇر، دادام ئۇ يەرگە كەتكىلى نەۋاق؟ دادامنىڭمۇ پۇلى يېتەرلىك بولغان بولسا، تۇغالايدىغان بىر خوتۇننى يۇشۇرۇن بولسىمۇ ئالغان بولسا بولاتتى… ئەكبەرجان دادامنىڭمۇ يۇشۇرۇن ئېلىپ نەلەردىدۇر بېقىۋاتقان خوتۇنىدىن باردۇر، بەلكىم …، بەلكىم بۇ چاغقىچە داداممۇ بىكار يۈرمىگەندۇر،-سەن ئۇ نومۇرنى ئاناڭنىڭ كۈرۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن تېلېفۇندىن بىر- بىرلەپ يۇيۇۋەتتىڭ.

-توختا،-دىدىڭ سەن ئۆزەڭچە،- مەن بۈگۈن يەنىلا بودەك ئانامنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالاي، دادام بىرەر- ئىككى ئاينىڭياقى تېخى ئاخشام ئۆيگە كەلدى، چوڭلار قورۇنۇپ قالمىسۇن،- سەن ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ بودەك ئاناڭنىڭ ئۆيىگە يول ئالدىڭ.

داداڭ كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇشۇڭلارغا يىڭىدىن بىر خوشھاللىق قوشۇلدى، لېكىن، تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتىڭلار، كېۋەزلىكلەردىكى چالا قالغان پاختىلارنى تىرىپ تۈگىتىش، ئاقلاپ قويۇلغان قوناقلارنى سوقۇپ يىغىشتۇرۇش ئىشلىرىغا خولۇم خوشنىلارنى ياردەملەشتۈرۈپ تىزلا ئاياغلاشتۇردۇڭلار، باغدىكى ئۈزۈم تاللىرىنى كۈمۈپ بېرىشنى داداڭ مەھەللىدىكى بىرىگە ھۆددىگە سېتىپ بەردى. ئىككى كۈن ئۈتۈپ كەتتى،  شۇ كۈنى كەچقۇرۇن دىگەرنى ئوقۇپ بولۇپ داداڭ ئاناڭ بىلەن ئىككىڭلارنى لەغمەن ئېتىشكە بۇيرۇدى، دىمىسىمۇ ئىككى كۈندىن بۇيان ئالدىراشلا يۈرۈپ ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ يىگىلى ئىمكان بولمىدى. بۈگۈن قوللار سەل بوشىغان ئىدى.

-سەن خېمىرنى يۇغۇرۇپ پىلتە قىلغىن، مەن قازانغا ئەمگىلەي،-دىدى ئاناڭ ۋە كاتەككە قىشلىق كۆكياشلاردىن ئەكىرگىلى ماڭدى. دىگەندەك، سىڭلىڭ مەشكە ئوت قالىدى، ئۈچىڭلار بىردەمدىلا تاماقنى پىشۇردۇڭلار. تاماقلار يىيىلىپ داستىخان يىغىۋېتىلدى. داداڭ مەشنىڭ يېنىدىكى مېھمانلىق كۆرپىگە ئۆزىنى تاشلىۋىدى، سەن چاققانلىق بىلەن بېرىپ ئۇنىڭ بېشىغا ياستۇق قويدۇڭ. ئاناڭ ئىككىڭلار تالاغا ماللارغا كەچلىك ئوت بەرگىلى چىقتىڭلار.

-ئەتە راستلا ماللارنى بازارغا ئاپىرىمىزمۇ؟-دىدىڭ سەن مەرىشىۋاتقان قويلارنىڭ ئوقۇرىغا سامان تاسقاۋېتىپ ئاناڭغا قاراپ.

-بىلگىلى بولمايدۇ،-دىدى ئاناڭ بىرقارارغا كىلەلمىگەندەك مەيۈس تەلەپپۇزدا،-داداڭنىڭ يېنىغا كېتىشنى دىسەمغۇ ئۇچارلىق-تىنارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى چالا قويماي سېتىۋەتكۈم بار، لېكىن، ئۇيەرگە كۈچۈنۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۇ ۋاقىتلىق ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە سېنىڭ ئىشىڭ بېشىمنىڭ ئىچىنىمۇ تېشىنىمۇ قاتۇرۇپ تۇرىدۇ، يا بۇ موللاممۇ باشتا قوڭىنى قىسىپ ئىشىنى قىلىپ يۈرمەيدۇ، ئەمدى ساڭا گۈل قويدۇق دەپ بېشىڭنى باغلىۋېلىپ تويۇڭنى غاچ-غۇچ قىلىپ ئىشنى تۈگەتمەيدۇ، مۇشۇنداق ئېسىپ قويسا قانداق قىلغۇلۇق ئەمدى، تېخى رۇقىيەمنىڭ ئىشىمۇ بار، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ، ھازىر كۆزنى يۇمۇپلا ئەكەتكەن بىلەن ئۈچىنچى ئايدا يەنە ئەكىلىپ بەرمەي بولمايدۇ، مۇشۇ كەتكەنچە بۇ ئۆيگە كەلمىسەكقۇ ھېچ ئىش بولمايتتى، لېكىن، كىشىنىڭ مەھەللىسىدە مۇسابىرنىڭ كۈچۈكىدەك يۈرۈۋەرگىلى بولمايدۇ.

-ئۇنى دىندا ئوقۇتۇپ بۈۋىم قىلىمەن دەۋاتاتتىڭىزيا، مۇشۇ بانادا مەكتەپتىن چىقىرىۋالامدۇق يا.

-شۇنداق قىلساققۇ بەلەن بولاتتى، لېكىن، ئۇنىڭ يېشى كىچىك، ئەمدى بىرىنچى سىنىپقا كىردى، ئازراق چوڭ بولۇپ ئاق-قارىنى پەرق ئەتمىسە قىلغان ئەجىر زايە كېتىدۇ، ھازىر ئۇنى دىندا ئوقۇتىمەن دىدۇقمۇ، ئۇنى كىمدۇ بىرى قولىمىزدىن ئالىدىكەن، ئۇنىڭ نەدە تۇرغىنىنى، نىمە يەپ قانداق ياشاۋاتقىنىنى نەدىن بىلىمىز، ئۇ بىر قىز بالا تۇرسا، ھېلىقى:«بوقا شاپاققا ئامراق» دەيدىغان بىر گەپ بارغۇ، موللا دىگەننىڭ كۆپ قىسمى يامان خوتۇنپەرەس خەق، ئۇلار مېھراپقا چىققاندا ھەسەلدىن قىل ئايرىپ كەتكىنى بىلەن ۋاقتى كەلگەندە ماۋۇ ھۆپۈپكەن، تۈكى باركەن دىمەي ھاپ دەپ قويىدىغان ئىشلارنى مەن جىق كۆردۈم، ئۆتكەندە شۇنداق بىر گەپ ئاڭلىدىم، نەدە بىر يەردە بىر موللام بىر بالىنى ساۋاقنى تەكرارلاپ بېرەلمىدىڭ دەپ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇمىش. يەنە نەدە بىريەردە بىر موللامنىڭ ئۆيىدە ئون ئۈچ نەپەر بالا ئوقۇيدىكەن، ئۇلارنىڭ چوڭى ئون نەچچە ياش، كىچىكى يەتتە-سەككىز ياشلاردىكەنمىش، بىركۈنى ساقچىخانىدىكىلەر ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇش نوقتىسىنى بايقاپ قېلىپ ئۇلارنى تۇتۇپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپتۇمىش، ھېلىقى موللامنى باشقا يەرگە سولاپ قويۇپ بالىلارنى بىر-بىرلەپ سوراقلاۋېتىپ :

-سىلەر بىلەن بىللە ئوقۇيدىغان يەنە كىملەر بار؟-دىگەندەك گەپلەرنى سورىسا بىر ئوغۇل بالا :

-بىز قىز-ئوغۇل بولۇپ ئون ئۈچ بالا ئىدۇق، تۈنۈگۈن پالانچى ئۈلۈپ قالدى،-دىگۈدەك.

-نىمىشقا؟-دەپ سورىسا :

-ئالدىنقى كۈنى ئۇستام ئۇنى ئىچكەركى ئۆيدە ئۇرۇۋاتقاندەك قىلغان، ئۇ ۋايجانلاپ بەك قاتتىق يىغلاپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قالغان ئىدۇق…دەپتۇمىش. ساقچىلار بېرىپ ئۇقىزنىڭ قەبرىسىنى ئېچىپ تەكشۈرسە ئىش بۆلەكچە چىققانمىش. تېخى ئۇ قىز ئارانلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئىكەن، ئۇ قىزنىڭ قىسمىتىدىن ئاتا-ئانىسى خەۋەرسىزمىش. «قىزىم مەدرىستە ئوقۇيدۇ» دەپ بەخىرامان ئولتۇرغان گەپكەن دىسە. ئۇنىڭ ئۈستىگە رۇقىيەمنىڭ ئانىسىنىڭ شۇنداق بىر تىلىكى بار ئىدى، «قىزىمنى دىندا بەك چوڭقۇرلاپ ئوقۇتۇشقا كۈچىمىگەيلا، ئۇ پەقەت ياخشى-ياماننى پەرق ئېتەلىسە، نورمال بىر ئايال بولالىسا بولدى، ئۇ مەندەك قىسمەتكە قالمىغاي» دىگەن ئىدى.

-ئۇلار نەدىدۇر؟-دىدىڭ سەن.

-ئۇنى خۇدا بىلىدۇ، بەلكىم ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، رۇقىيەمنى تۇغۇپ توغۇتتىن قوپۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي بالامنى بېقىۋالسىلا دەپ ئاچىقتى، مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ سورىمىدىم، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىمۇ يوق، سۆزىمۇ يوق، ئۈلۈكىمۇ يوق، تېرىكىمۇ يوق، ئەرخوتۇن ئىككىلىسى بىر كېچىدىلا يوقاپ كەتتى، نەگە كەتكەنلىكىنى ھېچكىم كۆرمەپتۇ. كېيىن ئەرنىڭ توغقانلىرى سۆزلىشىپ ئۇلارنىڭ ئولتۇراق ئۆيىنى سېتىۋەتتى. بۇ ئىشلارنى رۇقىيەم بىلىپ قالمىسۇن، كۆڭلى يېرىم بولۇپ قالىدۇ.

-سىزچە ئۇلار نەگە كېتىدۇ؟

-گۆرگە،-تەنە قىلدى ئاناڭ،- نەگە كېتىشىنى مەن قانداق بىلىمەن. ئۇ چاغلار كۈرەش-شىرئېلى شايكىلىرىنىڭ غەلۋىسى ئالەمنى بىر ئالغان چاغلار ئىدى، كۈرەش دىگىنى ئېتىلىپ ھېلىقى شىرئېلى دىگەننى ھېلى قانىتى بارمىش، ئۇچارمىش، ھېلى ئۇنداقمىش، بۇنداقمىش دەپ چوڭ-كىچىك ھەممە ئادەم شۇنى تۇتۇش بىلەنلا بولۇشۇپ كەتكەن چاغلار ئىدى، مەن ئۇلارنى شۇلار بىلەن بىر قاتاردا يوق بولۇپ كەتتىمىكىن دەپ ئويلايمەن، شۇڭا مەن ئىككىلىڭلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىمىسام بولمايدۇ.

-دىمەكچى بولغىنىڭىز، بىز شەھەرگە كەتمەيمىزمۇ؟

-داداڭ كېتىدۇ، لېكىن، مەن سىلەر بىلەن بىللە قالايمىكىن دەيمەن، رۇقىيەمنى قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بەرگەندە ئۈچىمىز بېرىپ بىر مەزگىل تۇرۇپ ئويناپ كېلەيلى.

بۇنى دادام بىلەن دىيىشتىڭىزما؟

-ياق تېخى، ئۇ مېنىڭ خىيالىم، لېكىن، داداڭمۇ ئۇنىڭغا ياق دىمەيدۇ…-سىلەر ئېغىلدىكى ماللىرىڭلارنىڭ كەچلىك بوغۇزلىرىنى بېرىپ ئۆيگە كىرىپ مەشنىڭ ئوتىنى يالقۇنلىتىپ چەينەككە سۇ قويۇپ ئاستىڭلار. كەچقۇرۇن ئانچە كۆپ پاراڭلار بولۇنمىدى. لېكىن، ئىشلار ئاناڭنىڭ دىگىنى بولدى؛ داداڭ ئەتىسى ئەتىگەندە سەن توغرىلىق ئاناڭ بىلەن سەن بار ھالدا مۇلاھىزە قىلىشتى.

-ئادىلەم ئۆيدە ئولتۇرۇۋەرسە، يا يېنىشىپ رېقىپقا تېگىشكە ئونىمىسا، يا موللام چوڭ ئوغلۇمغا لايىق تاپسام ئۇنى ئۆيلەپ بولۇپ ئاندىن ئىككىنچى بالامغا نۆۋەت كېلىدۇ دەپ تۆشۈك قازىنىنى ئېسىپ ئولتۇرسا قانداق بولغىنى. بۇ موللام قاچانغىچە مۇشۇنداق قىلىپ ئادەمنى ئېسىپ قويۇپ يۈرىدۇ، بۇنى بىرنىمە دېگىلى بولمايدۇ، ئۆيدە بۇنداق ئولتۇرغۇچە يا بىرەر ھۈنەردە بولسىمۇ يۇمشىغاچ تۇرسۇن، يا ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغاچ تۇرسۇنمىكىن دەيمەن، قانداق دەيسىلەر، پاتەمۇي.

-بۇ بەلەن گەپ بولدى، شۇنداق بولسا بولسۇن، لېكىن، نەدە، كىمدە ئوقاركىن بۇ بالا؟

-بولغۇسى كۈيئوغۇل دەسلەپ ئوقۇغان، ھۈكۈمەت بالا ئوقۇتۇشقا يول قويغان پالانچى داموللام قانداقراقكىن؟ مەن شۇيەرگە چىقىپ كېرىپ تۇرغاچ تۇرسۇنمىكىن دىدىم.

-ئۇغۇ ئۇبدان ئادەم، لېكىن، ھازىرقى ۋاقىتتا بىركىمنىڭ ئۆيىدە قىل پاتمايدىغان زامان بولۇپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىم تۇرغۇزغۇدەك دەرىجىدە يىراقمۇ ئەمەس، پىيادە بېرىپ كەلگۈدەك يېقىنمۇ ئەمەس، بەش- ئالتە كېلومېتر كېلىپ قالىدۇ ئۇ دامۇللامنىڭ ئۆيى، ئۇنىڭ ئۆيىدە مۇقىم تۇرغۇزغىلى تېخى بولمىسا، قاتناشنى قانداق قىلارمىز، پىيادە مېڭىپ بولغىلى بولمىسا مانا.

-ئايالچە موتۇتسىكىلىتتىن بىرنى ئېلىپ بەرسەك قانداق بولار،-دىدى داداڭ.

-تاڭ ئاينا،-دىدى ئاناڭ، مۇلاھىزىلەر ۋاقتىنچە ئاياقلاشقان بولدى. داداڭ بىلەن ئاناڭ ئىككىسى ئىشەك ھارۋىسىغا ئولتۇرۇپ رۇقىيەمنى ئېلىپ بازارغا ماڭدى. سەن ئۆيۈڭدە يالغۇز قالدىڭ، يالغۇز قالغىنىڭدىن كۆڭلۈڭ خوشھال ئىدى. خىيالىڭدا موتۇتسىكىلىتنى لەرزان ھەيدەپ مېڭىپ نەلەرگىدۇر مېڭىپ كېتەتتىڭ. ئاياللارنىڭ موتۇتسىكىلىت ھەيدەشلىرىنى سەن ئۆزەڭ جېنىدا كۆزۈڭگە سىغدۇرالمايتتىڭ، يوللاردا موتۇتسىكىلىت ھەيدەپ كېتىۋاتقان ئاياللارنى كۆرسەڭ ھەۋەسلىنىپ تۇرۇپ ئۇلارنى «بۇزۇق، چاكىنا» دەپ غۇدۇراپ قوياتتىڭ، لېكىن، ئەمدى سەن ئۆزەڭ موتۇتسىكىلىت ھەيدەيدىغان بولدۇڭ، «ۋاھ، نىمىدىگەن ياخشى، مەنمۇ موتۇتسىكىلىت مىنىدىغان بولدۇم، … لېكىن، ئايالچە مۇتۇتسىكىلىتنىڭ قاندىقىنى ئالساق ئۇبدان بولار؟ قايسى ماركىدىكىسى ئەڭ ياخشىدۇر. …ھەي… قايسىسى بولسا مەيلى ئەمەسمۇ؟ شۇغىنىسى مەن ئۇنى ھەيدەشنى ئۈگىنەلەرمەنمۇ؟ توختا، ئاۋۋال بىر ئېلىپ بولىلى، ئاڭغىچە نىمە ئىشلار بولۇپ كېتىدۇ ، بۇلار بازاردىن نىمە دەپ كېلىشىدۇ تېخى، بىرنىمە دەپ بولمايدۇ، نىمىلا بولسۇن، ئىدىيەمدە تەييارلىق بولۇشى كېرەك، مەن ئۇنىڭدىن بىر سوراپ باقايچۇ؟» سەن تاشقىرىقى ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ئاندىن ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىپ تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئالدىڭ. سەن ئۇنىڭ نومۇرىنى باستىڭ، بىرقېتىم، ئىككى قېتىم توۋلىتىپ قويدۇڭ، لېكىن، قايتۇرمىدى، ئۈچىنچى قېتىم يەنە ئۇلىدىڭ، لېكىن، بۇقېتىم ئۈزۈۋەتمىدىڭ. تېلېفۇننىڭ قوڭغۇرىقىدىن چىقىدىغان گەپ بەك تەسىرلىك، ھاياجانلىق ئىدى. ئۇ خۇددى ئۇنىڭ ساڭا دەۋاتقان گەپلىرىدەكلا تۇيۇلاتتى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-تېلېفۇن ئاخىرى ئېلىندى، ئۇ ھاسىراۋاتاتتى.

-ۋەئەلەيكۇمۇسسەلەم، بارمۇ سىز، ھەجەپ تېلېفۇننى كۈتۈرمەيسىزا،-دىدىڭ.

-ۋاي بولماي، بولماي نەگە كېتەلەرمەن، قارا، ئادىلەم، قانات-قۇيرۇقۇم بۇغۇچلاغلىق تۇرسا.

-كىم بۇغۇچلاپ قويدى سىزنىڭ قانات -قۇيرۇقىڭىزنى.

-شۇ سەن بولماي يەنە كىم بۇغۇچلىيالاركىن ئاينا.

- مەنغۇ سىزنىڭ قانات-قۇيرۇقىڭىزنى بوغۇچلىغاندەك قىلمىغان.

- سەن مېنىڭ قانات-قۇيرۇقۇمنىلا ئەمەس، يۈرىكىمنى پۈتۈنلا بوغۇچلاپ قۇيۇغلۇقسەن، ساڭا كۈيىمەن، ئادىلەم، بىلەمسەن؟

-بىلىمەن، مەنمۇ ئاشۇنداق بولغاچقا ئاندىن سىزنى كۆرگۈم كېلىپ ئۈنىڭىزنى بولسىمۇ ئاڭلىۋالاي دەپ تېلېفۇن قىلغان ئاينا، تېلېفۇن قىلىپقۇ قويماڭ، ئەمدى مەن تېلېفۇن قىلساممۇ ۋاقتىدا كۈتۈرمەڭ، قانداق ئىشىنىمەن سىزنىڭ بۇ گەپلىرىڭىزگە.

- راست دەۋاتامسەن يا؟

- چاخچاق قىلىپ دىدىمۇي، ئۇنداق دىسەم سىزنىڭ ئەسكىلىكىڭىزنى بىلىمەن مەن.

-ئەگەر شۇ گېپىڭنى راست دىسەڭ ئون مىنۇتقىچە بوسۇغاڭدا ئۈنۈپ بولىمەن مەن.

- شۇڭا ئۇنداق دىمەيمەن ئەينا،

- ئىشخانىدا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم، سېنىڭ نومۇرۇڭدىنلا كېلىدىغان ئاشۇ ناخشا توۋلاپ كەتتى، ئىشخانىدا سۆزلىشىش ئەپسىز ئىدى، يۈگۈرۈپ ياتاققا كېلىپ بولغۇچە ئاشۇنداق ھاسىراپ نەپەس ئالالماي قالدىم ئاينا. نەچچە كۈننىياقى تېلېفۇن قىلىپمۇ قويمىدىڭ، مەن تېلېفۇن قىلسام غۇدۇراپ قالىدىكەنسەن…

شۇنىڭ بىلەن سەن يېقىنقى بىر-ئىككى كۈندىن بۇيانقى كەچمىشلەرنى بىر-بىرلەپ زوقلىنىپ تۇرۇپ بايان ئەتتىڭ، ئەڭ ئاخىرىدا موتۇتسىكىلىت توغرىسىدا توختالدىڭ ۋە سورىدىڭ:

-مەن موتۇتسىكىلىت ھەيدەشنى ئۈگىنەلەرمەنمۇ؟

-ئەلۋەتتە، لېكىن…

- نىمە لېكىن؟

-مەن ئۈگەتسەم تېخىمۇ ياخشى ئۈگىنەلەيتتىڭ.

- بۇ گېپىڭىز راست، كۆڭلۈمىدىكىنى دىدىڭىز، ئۇنى سىز ئۈگىتىسىز شۇ.

-راستمۇ؟

-ۋاي چاخچاق قىلدىمۇي، سىز ئۈگەتسىڭىز تىز ئۈگىنەلەيدىغانلىقىمدا شەك يوق، لېكىن، سىز ئۈگەتسىڭىز بولمايدۇ.

-ئۇ گېپىڭمۇ توغرا. ھەي، ئادىلەم، بىرگەپ قىلايما؟

-ھە، دەڭە. سېنى سېغىندىم. بۈگۈن بازار بولغاندىكىن بۇتەرەپلەرگە ئۆتۈپمۇ قويماپسەن، ھېچبولمىسا سېنى مېھمان قىلىۋالار ئىدىم. ئۇنىمۇ قىلالمىسام بازاردا كەينىڭدىن مېڭىپ يۈرۈپ بولسىمۇ كۈرۈۋالار ئىدىم.

-مېنىڭمۇ بارغۇم بار ئىدى، لېكىن ئانام قويمىدى،

-ئۆيۈڭدە يالغۇزكەنسەن، بېرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ كېلەيمۇيا؟

-كەلسىڭىز بولاتتى، لېكىن، بىرى كۆرمىسە بىرى كۈرىدۇ، گەپ بولۇپ قالىدۇ. سىزنىڭ بۇياقلارغا كەلگىنىڭىز قارىمنىڭ قولىقىغا يەتسە ئۇنىڭغا چۈشەندۈرەلمەيمەن، ھېلىمۇ سىنىپتىكى ھېلىقى شەيتاندىن بىزنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلەرگە بېرىپ ئوپچى ئويناپ كەلگىنىمىزنى ئاڭلاپ شۇنداق ئاچچىغى كېلىپ كېتىپتىكەن،  ئاندىن ھېلىقى ئانامنىڭ ئاچىسى ھېلىقى چاغدا توي باغىقى تارقىتىپ بولۇپ يېنىۋالغانغۇ، شۇچاغدىمۇ ھېلىقى خانىم ئۇنىڭغا ئىككىيلەن توغرىلىق بىر نىمىلەرنى دەپتىكەن، شۇڭا ئاچچىغى كېلىپ توينى ياندۇرۇۋەتكىنى ئىكەن. مەنمۇ ئەلكۈننىڭ ئالدىدا چوڭ توي قىلىپ بىر ئەرگە تېگىۋالاي مۇنداق. بۇ قېتىم مەن بۇ تويدا چىڭ تۇردۇم، شۇنداق قىلساملا ئاندىن كېيىن مېنىڭ قىممىتىم بولىدۇ، بۇيەردىنمۇ يېنىشىپ كتسەم ماڭا ئەلەم بولىدۇ.

-بۇگەپنى ماڭا بىرنەچچە قېتىم دىدىڭ، بوپتۇ، سېنىڭ بەختىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ دىگىنىڭنى قىلاي،  لېكىن، سېنىڭ ئاشۇ بىرئىغىز تاتلىق گېپىڭنىمۇ تازا سېغىندىم…

-ماقۇل، سۈيۈملۈكۈم، مەن سىزگە ئاشىق.

-مەنمۇ شۇ. مەن سېنى سۈيىمەن.

-مەنمۇ سىزنى سۈيىمەن.

-ئەمىسە سۈيۈپ قويمەمسەن؟

-مۇشۇ تېلېفۇندىما؟

-ئەمىسە ئۆيۈڭگە بارايمۇ؟

-ۋاي، ياق. ئەمىسە ئاڭلاڭ،- تېلېفۇندا ئۇنىڭ سۆيۈش ھەرىكىتىنىڭ تىۋىشى ئاڭلاندى.

-ئەمىسە ئاللاھقا ئامانەت

-خوش.

سەن ئارقىدىن قارىمغا تېلېفۇن قىلدىڭ، ئەپسۇسكى ، ئۇنىڭ تېلېفۇنى ۋاقتىنچە مۇلازىمەتتىن توختىتىلغان بولۇپ چىقتى. كۆڭلۈڭ يېرىم بولدى، قولۇڭ يەنە بىر نومۇرغا يۈگۈرۈپ كەتتى. ئارقىدىنلا نۇمۇر ئىگىسى تېلېفۇن قايتۇردى.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،-دىدىڭ تۇرۇپكىنى ئېلىپ.

-ۋەئەلەيكۇمۇسسەلام گۈزىلىم، بارمۇ سەن، سېنى خۇيمۇ سېغىنىپ تۇغان ئىدىم، ھە نىمە بولسا تېلېفۇن بولسىمۇ قىلىپسەن. خوش بولدۇم.

- نىمە ئىش قىلىۋاتقان ئىدىڭىز؟

-ئىشخانىدا، بىكارچىلىق، شۇ سېنى ئويلاپقىنە ئولتۇرغان ئاينا، سەنچۇ، سەنمۇ مېنى سېغىنىپ تېلېفۇن قىلدىڭ، راستمۇ گۈزىلىم.

-ئىشخانىڭىزدا باشقا بىركىم يوقمىدى.

-يوق، ئۆزەم يالغۇز. سەنمۇ ئۆزەڭ يالغۇز، ئاناڭ ھەقىچان بازارغا مارۇشا قۇشلىغىلى كەتتى، شۇنداقمۇ؟

- مارۇشا قۇشلىغىلى ئەمەس، دادام بىلەن بىللە بازار ئوينىغىلى كەتتى.

-داداڭ قاچان كەلگەنۇي سېنىڭ؟

-ھەپتە بولدى، ئەتە كېتىدۇ.

-ھازىر يالغۇزمۇ سەن؟

- شۇ يالغۇز ئاينا.

- ھازىر سائەت ئون ئىككى يېرىم بولدى، بازارنىڭ تازا قىزىيدىغان ۋاقتى، ئۆيۈڭدىكىلەر بازاردىن يانغۇچە مەن ماياقدۆڭدىكى يەرلىرىمنى چۆرگىلىگەچ بارسام، مېنى مىھمان قىلارسەنمۇ؟

-ئىختىيارىڭىز، لېكىن، كەلسىڭىز مۇنداق تاتلىق قوغۇن بىلەن تاتلىق تۈرۈملەردىن ئالغاچ كېلەرسىز.

-تاتلىق-تۈرۈملەردىن قايسى ماركىلىقىنى ياقتۇرىسەن؟

- ھېلىقى تۈركىيەنىڭ ئالبىېنى، ئۈلكەر، مېترو دىگەندەك تۈرۈملىرىنى يىيىشكە ئامراقمەن…

ئۆيۈڭنىڭ ئىچى تىنچلا ئىدى،  بۇ چەت كەنتنىڭ يېقىنقى يىللاردا يوللىرىغا ماي قويۇلۇپ قاتناش كۆپ راۋانلاشقان، لېكىن، ۋاراڭ-چۇرۇڭدىن خالىي، تىمتاسلىقى ئۆزگەرمىگەن، بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك بازار كۈنىدە ئۆينىڭ ئالدىدىن بىرەر كىشىنىڭ ئۆتۈپ قېلىشىمۇ ئاندا-ساندا بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا مۇدىر ئاكاڭنىڭ بۇ ئۆيگە مىھمان بولۇپ كېلىشى دىگەن ياخشىلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس. سەن ھەر ئېھتىمالغا قارشى دوستلىرىڭدىن بىرەرىنى چاقىرىپ ئولتۇرماقنىمۇ خىيال قىلىپ باقتىڭ، لېكىن، تۇرۇپلا ئۇنىمۇ خالىماي قويدۇڭ، «دېگىنى بىلەن كېلەمدۇ- كەلمەمدۇ، ئۇ بىر مەسىلە تېخى، نىمانچە قورقىمەن، ناھايتى كەلسە… ئۇنىمۇ ئانچە- مۇنچە سۈيۈپ قۇچاقلاپ كۈڭۈل خوشى قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىپ قۇيارمەن شۇ…» دىدىڭ ئۆزەڭچە ۋە بۇ خىيالىڭدىن كۈلۈپ كەتتىڭ، راست دىگەندەك، ئارىدىن بىرەر سائەتچە ئۈتۈپ ئۆيۇڭنىڭ ئالدىدا بىر قارا سانتانا تۇپا تۇزىتىپ كېلىپ شىپپىدە توختىدى، ماشىنىدىن مۇدىر ئاكاڭ پوچىلىق بىلەن چۈشتى، سەن ئالدىغا چىقتىڭ، ئۇ ماشىنىدىن ئىككى دانە كۆكچى قوغۇن، بىر يالتىراقتا بىرمۇنچە تاتلىق- تۈرۈملەرنى ئەكەلگەن ئىدى،

-بەك جىق ئەكىلىپسىز بۇ نەرسىلەرنى، رەھمەت سىزگە،-دىدىڭ سەن ئۇنىڭغا.

-رەھمەت دىگەننى ھېلى ئۆيگە كىرگەندە باشقىدىن ئېيتارسەن تېخى،-دىدى ئۇ ساڭا چاخچاق قىلىپ ۋە بېقىنىڭغا قولىنى ئۇزىتىپ چىمدىۋالدى،-بەك ئۇرۇق قىز بالىكەنسەن، خوتۇن بولۇشقا بەك يارايدىكەنسەن جۇمۇ.

- بۇنىمە دىگىنىڭىز؟

- ئۇرۇق خوتۇن دىگەن بەك نازلىق، ئۇنىڭ نازى بەك تاتلىق بولىدۇچۇ.

-نەدىكى گەپنى قىلماڭە شۇجاڭ،-ئاڭغىچە سىلەر ھويلىغا كىلىپ قالغان ئىدىڭلار، ھويلىدىكى كاتقا باياتىن كۆرپە سېلىپ قويغان ئىدىڭ، ئۇنى كۆرپىگە تەكلىپ قىلدىڭ.

-يۇكۈنۈپ ئولتۇرالمايمەن، ئەڭ ياخشىسى، مەيەردە پۇتۇمنى سۇنۇپ ئولتۇراي، بولامدۇ، مەيەرگە كېلە، سەنمۇ يېنىمدا بىرەم ئولتۇرۇپ بەرگىن، سېنى دەپ كەلدىم مەن بۈگۈن، بولامدۇ؟-ئۇ سېنىڭ ماقۇللۇقۇڭنى كۈتمەيلا قولۇڭدىن تۇتتى ۋە ئۆزىگە تارتتى، سەن ھەش-پەش دىگۈچە ئۇنىڭ قوچىقىغا چىقىپ قالدىڭ، بۇنداق ئىشلارنىڭ بولۇشىنى سەن باياتىن ئانچە-مۇنچە خىيال قىلغان، لېكىن سەن نىمىشقىدۇر ئەتىگەندىن بېرى بىرىنىڭ ساڭا ئاشۇنداق قوپاللىق قىلىشىنىمۇ خالاپ قالغان ئىدىڭ، شۇڭا سەن ئانچە قارشىلىق قىلىپمۇ كەتمىدىڭ. سەن ئۇنىڭ قۇچىقىدا تۇرۇپ قولۇڭدىكى تاتلىق تۈرۈملەر بار خالتىنى سوپىغا تاشلىدىڭ ۋە ئۇنى بوينىدىن قوش قوللاپ ئېلىپ مەھكەم چاپلاشتىڭ. يۈرەكلىرىڭ ئەنسىز سوقاتتى، نەپەسلىرىڭ تىزلەشمەكتە، لەۋلىرىڭلار بىر- بىرىگە چىڭ چاپلىشاتتى، چىشلىرىڭلار بىر-بىرىگە سوقۇلاتتى، تىللىرىڭلار بىر-بىرىنى يالىشاتتى، ئاشىقىڭ بىلەن ئارىلىشىپ يۈرگەن قىسقا مەزگىلدىن بۇيان تىز يېتىلىپ مۇشتۇمىڭچىلىك يوغىنىغان كۆكسۈڭ ئۇنىڭ مەيدىسىگە چىڭ چاپلىشاتتى، سەن باياتىن نىمىگىدۇر تەييارلىق قىلىۋاتقاندەك كىيىملىرىڭنى ئالماشتۇرۇپ باغىرىقىڭنى ئېلىۋېتىپ كالتە ئىشتىنىڭنى سېلىۋېتىپ، تېخى ئاتايىن قولتۇق تۈكلىرىڭنى ۋە سۈننەت تۈكلىرىڭنى چىداپ تۇرۇپ يۇلۇپ، ئاندىن ئۇيەرلىرىڭگە ئاشىقىڭ سوۋغا قىلغان قېنىق پۇراقلىق ئەتىرنى چاچقان، يەنە تېخى ئۆزەڭدىن قانائەتلەنمىگەندەك كەڭ ھەم ئازادە بولغان مېھمانلىق نېپىز ئاق شايى كۆينەك بىلەن رەزىنكە باغ ئۆتكۈزۈلگەن نىپىز ھەم ئازادە ئىشتان كىيىپ، خۇددى تويۇڭ بولىدىغاندەك جىددىيلىشىپ يۈزلىرىڭنى يۈز سوپۇنى بىلەن ئەستائىدىل يۇيۇپ ئاندىن ئەينەككە قاراپ سۇس يۈزمېيى سۈرگەن، كۆزلىرىڭگە قېنىق سۈرمە تارتقان ئىدىڭ، كىرپىكلىرىڭگە ئادەتتە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ تويغا بارغاندا ئىشلىتىدىغان لاك سۈرگەن ئىدىڭ، ئاندىن ئاشۇ لەۋلىرىڭگە قېنىق ھەم يارىشىملىق لەۋسۇرۇخ سۈرگەن ئىدىڭ، شۇ چاغدا سەن ئۆزەڭنىڭ تېخىمۇ جەزىبەلىك بولۇپ قالغىنىڭدىن خوشھال بولغان ئىدىڭ، لېكىن، ئۇ ئىشلارنى نىمە ئۈچۈن قىلغانلىقىڭنى  ئۆزەڭمۇ ئانچە ئېنىق بىلمەيتتىڭ، پەقەت بىر خىل ھاياجانلىق ئىچكى تۇيغۇنىڭ سېزىملىرىڭنى غىدىقلاپ سېنى بىئارام قىلغىنىنى، ئاشۇ ئارامسىز تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزەڭنى پەردەزلەپ يۈرگىنىڭنى بولسا تېخىمۇ ھېس قىلىپ كېتەلمەيتتىڭ. ئۇ كۆينەكلىرىڭ كۆتۈرۈۋېتىلدى، ئادەمسىز ھويلىدا ئاق قۇشقاچلار ھويلا تەكلىرىگە قونۇپ ۋىچىرلىشاتتى. كۈزنىڭ ئاپتىپى ھويلىنىڭ سىلەر تۇرغان جايلارىغا چەللىنىڭ سايىسىنى تاشلاپ تۇراتتى، ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا سۈيۈشۈشلەر داۋاملاشقانسىرى ھايا پەردىسى ننېپىزلەۋاتاتتى، ئۇ سېنى چۆرگىلىتىپ ئەكىلىپ كۆرپىگە ئاستا ياتقۇزدى، ئۇ سېنىڭ ئۈستۈڭگە يېپىشىۋاتقىنىدا سەن تىپچەكلەپ تۇرۇپ كەتتىڭ،

-ئۇنداق قىلماڭ، مېنى جان باققىلى قويۇڭ، سىزنى مېنى ياخشى كۈرىدۇ دەپ ئويلىغىنىم ئۈچۈن بۇ قىلىقلىرىڭىزغا ماقۇل دەپ ماسلىشىپ بەردىم، بەك چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتمەڭ، ماقۇلمۇ؟

-ھە، ماقۇل، ئەمىسە … دىبادىكىدەك ئولتۇرىلى، ماقۇلمۇ؟-سەن ماقۇل دىيىشنىمۇ، ياق دىيىشنىمۇ بىلەلمەي قاراپ تۇردۇڭ، ئاڭغىچە ئۇ يەنە سېنى ئۆزىگە تارتتى، سەن ئۇ دىگەن ئۇيەرلەرنى كۆرمىگەن، ئۇ يەردە قانداق ئولتۇرىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيتتىڭ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ قوللىرى سېنىڭ ئەمچىكىڭنى سىلاش، ئەمچەك تۈگمىسىنى تەكرار-تەكرار ئۇۋىلاش-مۇجۇش، ئۇيەرنى سۈيۈش، شۇراپ يالاش، يەنە بىر قولىدا نەرىڭنىدۇر سىلاش ۋە ئۇۋىلاش بىلەنلا بولدى، ھەرگىز بايامقىدەك قوپاللىق قىلمىدى، ئەكسىچە سەن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۇزارغانچە ئۆزەڭنى قويغىلى يەر تاپالماي قېلىۋاتاتتىڭ، بارغانچە كۆزلىرىڭ يۇمۇلۇپ ئۈگە-ئۈگەلىرىڭ خۇددى ئوتقا قاقلانغان قوي يېغىدەك ئاستا-ئاستا ئېرىۋاتاتتى، قەلبىڭدە دولقۇنلاۋاتقان غەلىتە بىر ھاياجان بارغانسىرى ئۇلغىياتتى، سەن نازلىق ھاسىرايتتىڭ، تولغىناتتىڭ، بارغانسىرى ھايا پەردىسى كاللاڭدىن يىراقلاپ كەتتى، قوللىرىڭمۇ ئۇنى دوراپ ئاستا ئۇنىڭ نەلىرىگىدۇر يىقىنلاپ نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتقىنىنى سەزمەيلا قالدىڭ، سەزسەڭمۇ بىكار ئىدى، سەن ئۇ ئىشلاردىن ئۆزەڭنى تارتىشقا ئامالسىز قېلىۋاتاتتىڭ، ئەنە، سەن ئۇنىڭ كەمىرىنى بوشىتىشقا تەمشەلدىڭ، ئۇ كۆڭلۈڭدىكىنى سېزىپ ئۇنى دەرھال بوشاتتى، قوللىرىڭ دەرھال ئۇنىڭ كىندىكىدىن پەسكە سىيرىلدى، قولۇڭ ئاستا ئۇنىڭ ئەرەنلىكىنى  بىۋاستىلا تۇتتى،  ئۇ نەرسە قولۇڭغا پاختىدەك يۇمشاق، ئوتتەك قىزىق ، قۇۋزۇقتەك تىك ھالەتىدە تويۇلدى، سەن ئۇنىڭ ئىشتىنىنى پەسكە تارتتىڭ، ئۇ سېنىڭ ئاشۇ ھەرىكىتىڭنى كۈتۈپ تۇرغاندەك سېنى كۆرپىگە ئېلىپلا باسماللاپ ئۆزىنى تاشلىدى، سەن ئۆزەڭنى ئۇنتۇش ئارىلىقىدا نەدىدۇر بىر ئىشەكنىڭ قاتتىق ھاڭراپ تاشلىشىدىن ئېسىڭنى بىلدىڭ.

-ئۆيدىكىلەر بازاردىن كەپتۇ، ئاۋۇ ھاڭرىغان بىزنىڭ ئىشەكنىڭ ئۈنى، -دىدىڭ ۋە چاچراپ ئۇرنۇڭدىن تۇرۇپ كەتتىڭ، كىيىملىرىڭنى تۈزەشتۈرۈپ :

-مەن سىزنى كۆرمىگەن بولاي، سىزمۇ ھازىرلا كېلىپ تۇرغان بولۇڭ، بولمىسا دادام مېنى ئورۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ،-دىدىڭ ۋە باغ تەرەپكە چىقىپ كەتتىڭ ۋە شۇ ماڭغانچە ئالتۇنخان ئاناڭنىڭ ئۆيى تەرەپكە چاپتىڭ.  تەلىيىڭگە ئۇ ئۆيدىمۇ ئىچكىرىكى ئۆيدە ئۇخلاۋاتقان ئىككى نەۋرىدىن باشقا ھېچكىم يوق بولۇپ سەن ئاستا ئۇلارنىڭ قاتارىغا ئۆزەڭنى تاشلاپ ئۇلۇغ كىچىك تىندىڭ.

ھويلىدا مۇدىر ئاكاڭ قالدى، داداڭ-ئاناڭ رۇقىيەمنى ئېلىپ راست دىگەندەك بىرەر مىنۇتقا قالماي ھويلىغا كىرىپ كەلدى.

-بۇ كىمنىڭ ماشىنىسىدۇ؟-دىدىڭ داداڭ ھەيرانلىق بىلەن.

- بۇقىزبالا قولاقنى تىندۇرمىسا، يا ئۇنى يانچۇققا سېلىپ ماڭغىلى بولمىسا، شۇجاڭنىڭ ماشىنىسى ئىكەن مانا بۇ-دىدى ئاناڭ. شۇ ئارىدا سەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتىڭ.

-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماخسۇتىكا، پاتەمخاچا، ئۇبدان تۇردىلىمۇ؟ ئۆي ئىچى تىچلىقمۇ؟

-سىلىنىڭمۇ ئۆي ئىچىلىرى تىچلىقتۇر، بىزلەرمۇ مانا خۇدانىڭ ئىلتىپاتى، يامان ئەمەس،

-سىلىنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ بىر كۈرۈشۈپ كېلەرمەن دەپ ئارمان قىلغان ئىدىم، لېكىن ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن ۋاقىت چىقىرالماي قالدىم، مانا بۈگۈن سەل بوش ۋاقىت چىقىپتىكەن، ئاتايىن كەلسەم  سىلى بازارغا كېتىپ قاپتىلا، مەنمۇ كەلگىلى بەش مىنۇتچە بولدى، ھە نىمە بولسا خۇدايىم دىدارلىشىشقا پۇرسەت قىلىپتۇ مانا

-ھە، شۇنداق، شوجاڭ،-ئۇلارتاقا-تۇقا پاراڭلار بىلەن بولۇپ چارەك ۋاقىتتا مۇدىر قايتتى. مۇدىر كەتكەندىن كېيىن ئاناڭ بىلەن داداڭ ئىككىسى ئۇ ئەكەلگەن قوغۇندىن بىرىنى پىچىپ ئۇنىڭدىن بىر تىلىمدىن تىلىپ  يىيىشتى.

-ھەي، پاتەم،-دىدى داداڭ ئاناڭغا، ھەنىمە بولسا ئادىلەم ئۆيدە بولۇپ قالماپتۇ، بولمىسا بۇ شۇجاڭ چاتاق چىقىرىپ قويار ئىكەن چېغى، ئۇ نەگە كەتكەن بولغىيدى؟

-شۇ ئەمەسمۇ، بەلكىم ئۇ ئاچامنىڭ ئۆيىگە كەتكەندۇر،- ئارتۇقچە گەپلەر بولۇنمىدى. لېكىن، كەچقۇرۇن يەنە ئازراق كۈڭۈلسىزلىك بولۇپ قالدى. باياتىن سەن بېرىپ بودەك ئاناڭنىڭ ئۆيىدە يېتىپ ئۇخلاپ قالدىڭ، ئۇيقۇدىن ئۆزەڭ ئويغانغانمۇ بولار ئىدىڭ، لېكىن ئاناڭ سېنى قوپال سىلكىپ سەت تاللار بىلەن ئاھانەت قىلىپ ئويغاتتى، ئاناڭنىڭ مىجەزى غەلىتە، قەدەمدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، سەن ئۇنىڭ نىمىشقا ئۇنچە ئاچچىغى كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىڭ، سەن چاچراپ ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ، سىلەر ئۆيگە قايتتىڭلار. ئاناڭ سېنى ئىچكىرىكى ئۆيگە ئەكىرىپ تۇرۇپ سورىدى:

- باياتىن ئاۋۇ شوجاڭ بىلەن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ؟

-قايسى شۇجاڭ بىلەن ديسىز؟مەن شوجاڭنى نەدە كۆردۈم.

-مېنى بىلمەيدۇ دىمە، باياتىن بازاردىن كەلگۈچە ماۋۇ ئىشەك دىگەن شۇرۋىچى ئاۋۇ چوڭ يولدىن قايرىلىدىغان دوقمۇشتىن قايرىلىپلا سەت ھاڭراپ كەتكەن ئىدى، ئىشەك دىگەن شەيتاننى كۆرسە ھاڭرايدۇ، خۇراز پەرىشتەنى كۆرسە چىللايدۇ دەيدىكەن كونىلار، كەلسەك ھويلىدا شوجاڭ تۇرىدۇ، باياتىن كەلگەن ئىدىم، كەلسەم ئۆيدە بىركىم يوق ئىكەن، قايتاي دەپ تۇرسام كېلىپ قالدىلا دەپ گەپ ياساپ ئۈلگۈردى، ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنگەنمۇ بولار ئىدىم لېكىن، قارىسام ئىچكىرىكى ئۆيدىكى مېھمانلىق كۆرپىلەر ھويلىدا قاتلاقلىق تۇرىدۇ، داداڭنىڭ ئۇنداق ئىشلار بىلەن كارى يوق، لېكىن، مەن مۇشۇ ئۆينى ئۆزەم مۇشۇنچىلىك پەجۈكلىگەنمەن، بۇ ئۆيدە يىپ-يىڭنىنىڭ نەدىلىكىنى مەن ئۇبدان بىلىمەن، شۇڭا مەن سەل گۇمانلاندىم، سەن ئۇ شوجاڭ دىگەننى تېلېفۇن قىلىپ چاقىرىپ كەلگەندەك قىلىسەن.

- ئۇنداق ئەمەس، مەن سىزگە قەسەم قىلاي

-بولدى، قەسەم قىلما، يالغان قەسەم قىلساڭ مەنمۇ گۇناھكار بولۇپ قالىمەن، بولۇپتۇ، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، مۇشۇ تويۇڭ بولۇپ بولغۇچە ھەر قانچە چىدىيالماي قالغان بولساڭمۇ، ھەر قانداق ئىشلار بولسا چىدىغىن، ئەتە-ئۆگۈن قارىم سېنى توي كۈنى كېچىسى پەللىكىڭگە تېپىپ قوغلاپ چىقارسا مەن بۇ مەھەللىدە يۈزۈمنى كۈتۈرۈپ يۈرەلىسەم بولىدۇ.

- مەن ئۇ شوجاڭنى كۆرمىدىم،-سەن چاندۇرماي يالغان سۆزلىدىڭ،- ھېلىغىچە مەن چىداپ- چىدىمىغۇدەك ھېچ ئىش بولمىدى، بۇندىن كېيىنمۇ ھېچ ئىش بولمايدۇ.

شۇ ئارىدا داداڭ سىرتتىن كىرىپ پاراڭغا ئۈن قاتتى:

-ھوي، بۇ ئىچكىرىكى ئۆيگە كىرىۋاپسىلەرغۇ ئىككىڭلار.

- بىرنەرسە ئىزدۋاتقان ئىدىق،-دىدى ئاناڭ گەپنى بۇراپ. ئۈچەيلەن ھويلىغا چىقتىڭلار.

-دادا، راست موتۇتسىكىلىت ئېلىپ بېرىدىغان بولدۇڭلارمۇ ماڭا،-سورىدىڭ سەن.

-ئەتىگەن ئاشۇنداق ئويلاشقان ئىدۇق، لېكىن، خاجى ئاكاڭغا مەسلىھەت سالساق، ئۇلار قوشۇلمىدى، قىزبالا دىگەن يۈرەكسىز كېلىدۇ، بىر نىمىگە سوقۇلۇپ بەرسە قانداق قىلىمىز، ئەڭ ياخشىسى قوڭنى قىسىلى دەيدۇ،

-ھېلىقى يەرگە بارمامدىم ئەمىسە.

-شۇ مەسلىھەتتە قالدۇق ئەينا، -دىدى داداڭ.

-يولنىڭ چېتى بىلەن ئاستا مېڭىپ بېرىپ كەلسەم بولاتتى،-دىدىڭ سەن ئەركىلىگەن تەلەپپۇزدا.

-مەنمۇ شۇنداق دىدىم، لېكىن، ئاكام «سەن ئېھتىيات قىلغىنىڭ بىلەن قارشى تەرەپ ئېھتىيات قىلمىسا يەنە ۋەقە چىقىۋىرىدۇ» دەيدۇ،-دىدى ئاناڭ.

-يەنىلا:«مەسلىھەتنى خوشناڭغا سال، ئىشىڭنى ئۆزەڭ قىل» دىگەندەك بىز ماۋۇ يىڭىدىن چىققان ھېلىقى، نىمىتى، دەندوڭچىما پاتەم، ئاشۇ بىرنىمدىن بىرنى ئالساڭ بولامدۇ نىمە؟

-دەندوڭچى دىگىنى خەنسۇچە گەپ، بىزچە ئۇنى توك ھارۋىسى دەيدۇ، مەنىسى توك بىلەن ماڭىدىغان ھارۋا دىگەن گەپ بولىدۇ.

-ھە، مانا، ئۇ گەپ ئېغىزىمغا پەقەت قاملاشمىغان ئىدى، بالا دىگەننى شۇڭا مەكتەپتە ئوقۇتسا بولىدۇ، ئاشۇ توك ھارۋىسىنىڭ ئىككى چاقلىقىدىن بىرنى ئالايلى، ئادىلەممۇ مىنسۇن، باشقا چاغلاردا سىلى مىنەرسىلەر، پاتەم، بۇ ئېشەك دىگەننى ھەممە يەرگە دىكىلدىتىپ بولغىلى بولمىغۇدەك ئەمدى، يول راۋانشغاندىكىن ئاياللارمۇ ئۇنى مىنىپ يوللاردا غىرىلداپ مېڭىپ كېتىشىپ بارمامدۇ، بارىدىغان يەرگە تىزراق بېرىپ تىزراق قايتقىلى بولغۇدەك،-گەپ تۈگىدى، ئەمدى يەنە ئارتۇقچە سۆز بىھاجەت ئىدى، كۆڭلۈڭ يېرىم ئىدى، سەن ئاستاغىنە ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ ۋە مېھمانخانا ئۆي دەپ ئاتىلىدىغان سەن يالغۇز ياتىدىغان ئۆيۈڭگە كىرىپ ئۆزەڭنى تاشلىدىڭ. ئاناڭ سېنى چاقىرىپ ئارتۇقچە ئاۋارە قىلىپمۇ كەتمىدى، بۈگۈن پەيشەنبە كەچ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەتە داداڭ شەھەردىكى شىركەتكەن قايتىدىغان بولغاچقا سەن ئاناڭنىڭ نىمىگە تەييارلىق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتىڭ، داۋاملىق خەقنىڭ ئۆيىگە بېرىپ يېتىۋېلىشمۇ بەزىدە ئادەمگە پىشكەللىك ئەكەلگىلى ئاران تۇراتتى، ئالتۇنخان بودەك ئاناڭ ئۆزى ئوڭلۇق ئايال بولغىنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى ئابلىزنىڭ سەن توغرىلىق تامادا قېلىپ يۈرگەنلىكىدىن، پۇرسەت تاپسا سار چۈجىنى قاماللىغاندەكلا باسماللاش پۇرسىتىنى ماراپ يۈرگىنىدىن ھەم خەۋەردار ئىدىڭ،  شۇڭا سەن  قايسى كۈندىن بۇيان نىمە ئىش بولسۇن ئۆي ئايرىم بولغاندىكىن ئۆز ئۈيۈڭدە يېتىشنى نىيەت قىلغان ئىدىڭ، شۇچاغدا ئالتۇنخان ئاناڭ سېنى ئىزدەپ چىقىپ قالمىغان بولسا ئۇ ھاجەتخانىنىڭ يېنىدىكى ئېرىققا سېنى تارتىپ ئاپىرىپ نىمە ئىشلارنى قىلاتتىكىن، سەن ئۇنىڭ ئۇ يەردە ماراپ ياتقىنىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدىڭ، ئۇ ئانىسىنىڭ ئالدىراش سېنى چاقىرىپ چىققانلىقىنى كۈرۈپ باغ تەرەپكە پارتتىدە قاچتى ۋە چىتاندىن ئارتىلىپ غايىپ بولدى، شۇندىن كېيىن سەن ئۇيەردە قونۇپ قېلىشنىمۇ ئويلىماسلىقنى نىيەت قىلدىڭ، بولمىسا ئۇ ئابلىز دىگىنى ئۆيلەنگەن، ئۆي ئايرىغان، بىرىنچى بالىسى ئوغۇل، ئىككى ياشقا كىردى، ئىككىنچى بالىسىغا قورساق كۈتۈرگىلى ئالتە ئاي بولدى، …قاچاندۇر رۇقىيەم ئىككى تىلىم قوغۇن بىلەن بىر گۆشگىردىنى يېنىڭغا ئەكىردى، سەن ئۇنىڭغا قاراپ «سەل تۇرۇپ يەي، قويۇپ قوي» دىدىڭ. ئۇ كەينىگە يانغىلى تەمشەلدى، سەن ئۇنى چاقىرىپ :« روقىيەم، ئاپپاق سىڭلىم، بۇياققا كېلە، بۈگۈن بىز ئىككىمىز باباق سېلىشىپ بىللە ئۇخلايلى، ماقۇلمۇ؟» دىدىڭ، ئۇ قوشۇلدى ۋە: «ئەمىسە مەن چىقىپ دادامغا دەپ قويۇپ كېرەي » دىدى ۋە بىردەمدىن كېيىن يېىنڭغا كېلىپ يوتقىنىڭغا كىردى:

- ئانامنىڭ ئاچچىقى يامان تۇرىدۇ، بىكاردىن بىكار ئادەمنى تىللاپ دۈشكەلەپ يۈرىدۇ، دادام تۇسۇۋالمىغان بولسا ئۇرۇپ كېتەمتىكى،- دەپ غۇدۇڭشىدى ئۇ.

-ئەمىسە سىرتقا چىقماي بالدۇرلا يېتىپ ئۇخلىۋالىلى، ماللارنى ئانام ئۆزى يالغۇز جايلىسۇن، باشقا ئىشلارنىمۇ ئۆزى قىلسۇن، قانداق دىدىم،-دىدىڭ سىڭلىڭغا قاراپ. ئۇ خوشھال ھالدا ماقۇل بولدى، بىرئاز ۋاقىت ئۆتتى، سىڭلىڭ يېنىك خورەكنى باشلىدى، سەن ئۆزەڭنى تەڭشىگىلى سىرتقا چىقتىڭ، ئاناڭ شامغا تەھارەت ئېلىۋاتاتتى، سەنمۇ تەھارەت ئالماقچى بولدۇڭ ۋە ئاناڭ ئۆيگە كىرىپ كەتكەن پۇرسەتتە ھويلىدىكى تاختىكاتتا قويۇپ قويۇلغان ئاپاڭنىڭ يانفۇنىنى ئاستاغىنە يۇشۇرۇۋالدىڭ، ئاندىن ئىستىنجا قىلغان بولۇپ ئابايام كۈمۈپ قويغان يالتىراقتىكى تاتلىق تۈرۈملەرنى قولتۇقۇڭغا قىستۇرۇپ كېلىپ ئاندىن تەھارەتنى ئېلىپ ئاستاغىنە ھوجراڭغا كىردىڭ، ئاندىن شامنى شۇيەردە ئوقۇپ يەنە ئۆزەڭنى تاشلىدىڭ. چۈشتە يىگەنلىرىڭ تايىنلىق ئىدى، قورسىقىڭ كۇرۇلدايتتى، كۆڭلۈڭ نىمىلەرنىدۇر تارتىپ قالاتتى، ئاستا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ بايىقى گۆشگىردىنى قولۇڭغا ئالدىڭ، گۆشگىردىنىڭ ھولى قاتتىق بولۇپ سەن ئۇنى كاراسلىتىپ چاينىغىلى بەك ئامراق ئىدىڭ، سەن بىر گۆشگىردىنى يەپ بولۇپ ئىككى تىلىم كۆك پىشما قۇغۇننى ھۇزۇرلىنىپ ئولتۇرۇپ يەپ ئۆزۈڭچە كۈلۈپ قويدۇڭ ۋە يالتىراقتىكى تاتلىق تۈرۈملەردىن ئېلىپ يىگىلى تۇردۇڭ، بايىقى ھۇزۇرلۇق گۈناھ ئىشلار قىزىتقان قانلىرىڭ  ھېلىغىچە ھېچبىر سۇۋۇيدىغاندەك ئەمەس ئىدى، قەلبىڭدە ئاجايىپ بىر ھاياجان غەلۋە قىلاتتى. مۇشۇ قوغۇن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۈڭۈللۈك  ئەمما، ئايىغى كىشىگە خاپىلىقتىن باشقا نەرسە ئەكەلمىگەن ئەستىلىكلىرىڭ بەك كۆپ ئىدى :« ئابايام تاسلا قېلىپتىمەن شوجاڭنىڭ ئىككى تال قوغۇنى بىلەن مۇشۇ ئىككى توك-توك تاتلىق-تۈرۈملىرىگە ئالدىنىپ ئۇنىڭغا جايلىنىپ كەتكىلى، توۋۋا، كۈڭۈل دىگەن راستلا ساراڭ نەرسىكەن، ئۇ چاغدا نىمە بولغاندىمەنا، ئۆزەمنى ئونتۇپ يوق بولۇپلا كېتىپتىمەن، خۇدايىم بۇ قېتىم بىر ساقلاپتۇ بۇ گۇناھ ئىشتىن، مەن نىمە بولغاندىمەن بۈگۈن، ماڭا ساراڭلارچا ئاشىق بولۇپ يۈرگەن ئۇنىڭ بىلەنغۇ رىشتىمىز باغلانغىلى تۆت يىلدىن ئېشىپ قېلىپتۇ، ئىككى يىل ئاشۇنداق تام تۈشۈكىدىن ئۇنىڭغا قاراپ ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ئۈچىنچى يىلى ئۇنىڭ بىلەن خېلى قۇيۇق ئارىلىشىپ سالغان ئىدىم، بىرەر يىلدىن ئاشتى ئۇنىڭ بىلەن پەقەت تېلېفۇندىلا كۈرۈشۈپ يۈز تۇرانە كۈرۈشۈمتىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ يۈرگىلى، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىم كۈرۈشۈپ قالغان ھامان ھۇشسىزلىنىپ ئۆزەمنى تۇتالماي قېلىشىمدىن قورقىمەن، بولمىسا كۈرۈشۈپ تۇرسام بولاتتى…- سەن ئاستا كۈزۈڭنى يۇمدۇڭ، لېكىن كۈزۈڭگە ھېچبىر ئۇيقۇ ئىلىنىدىغاندەك ئەمەس، سەن خىيالىڭدا قايسىبىر قومۇش باسقان كۆل بويىدا ئۇنىڭ بىلەن تاماق يەۋەتقان، ھېلى قايسىبىر ئېقىن بويلىرىدا ئىككىڭلار قول تۇتۇشۇپ سەيلە قىلىشىۋاتقان، قۇچاقلىشىپ سۈيۈشۈۋاتقان،  ئۇنىڭ بىلەن ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن مەنزىرىلەر ئىچىدە ئىدىڭ، مۇشۇ  ئالبېنى دىگەن نەرسىنى ئاشۇ چاغلاردا ئاشىقىڭ ئېلىپ بەرگەن، ئۆز قولى بىلەن قەغىزىنى سويۇپ ئېغىزىڭغا چىشلىتىپ يىگۈزۈپ قويغان ئىدى. قالغان چاغلاردا ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىپ يىگۈدەك پۇلغا چىقىنالمايتتىڭ. شۇڭا، كېيىنچە ئۇنىڭغا ئاشۇ نەرسىلەرنى ئاتايىن بۇيرۇتۇپ باقتىڭ.بىرچاغلاردا سەن ئاشىقىڭنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئاتايىن كەمپۈت، ماتاڭ، چاچ قىسقۇچ، باغىرداق، ھەتتا كالتە ئىشتان دىگەندەك نەرسىلەرنى ئەكەلدۈرۈپ سىناپ باققان ئىدىڭ. ئۇ سەن دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى تولۇق ئەكىلىپ بېرەتتى. ئاشۇنداق قىلىپ سەن ئۇنى ئۇنتۇپ كەتمەكچى بولۇپ يۈرۈپ بارا-بارا ئۇنتۇيالمىغۇدەك دەرىجىدە باغلىنىپ قالغانلىقىڭنى تۇيمايلا قالغان ئىدىڭ. ناۋادا ئاناڭنى قايىل قىلالىغانلا بولساڭ ئۇسېنى بەختلىك قىلالىشىدىن شەكلەنمەيتتىڭ، ھەتتا، سەن ئاناڭنىڭ ئۆزى تۇغقان قىزى بولۇپ قالغان بولساڭمۇ بەلكىم قولۇڭنى كېسىپلا ئاناڭ قوشۇلمىغان ئەھۋالدا ئۆيۈڭدىن چىقىپ كېتىمەن دەپ دەرۋاڭ سېلىپ بولسىمۇ قايىل قىلىشقا ئۇرۇنۇپ باقار ئىدىڭ، ئەپسۇسكى، سەن بىر باقما قىز ئىدىڭ، ئۆز ئاناڭ سېنى تۇغۇپ ئەمچەكمۇ سالماي بۇ ئاناڭغا بېرىۋېتىپتىكەن، ئۇنىڭ سېنى قانداق بېقىپ چوڭ قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىڭ. ئۆز ئاناڭ ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ قىز تۇغۇپتۇ، پىلانلىق توغۇت شۇنچە قاتتىق تۇتۇلىدىغان ئاشۇ زامانلاردا يەنە بىر ئۇغۇللۇق بولۇش ئىستىكىدە يەنە قورساق كۈتىرىپ ئىككى ئايدا بىر قېتىم كېلىدىغان ئايلىق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ كۆزىنى مىڭ بىر جاپادا بوياپ، ھەتتا يۇرتتىن «ئاغرىپ قالدىم، بالىياتقۇ راكى بولۇپ قېلىپتىمەن، داۋالىنىمەن» دەپ يالغان تەشۋىقاتلارنى تارقىتىپ سىرتلاردا يۈرۈپ توققۇز ئاينى قىلىپ ئاران يەڭگىپتۇ، ئەپسۇسكى سەن يەنە قىز بولۇپ توغۇلۇپسەن، شۇنىڭ بىلەن داداڭ تۇغۇتنىڭ خاپىلىقىدا ياتقان ئاناڭغا قاتتىق ئاھانەت قىلىپ دىلىنى ئاغرىتىپتۇ.

-سەن نىمانداق قىز توغۇشقىلا يارالغان خوتۇنسەن، تۇغۇتتىن قوپساڭ سۆزۈڭنى بېرىمەن، ئىدىيەڭدە تەييارلىق قىلىپ يات، ئۇنداقچى- مۇنداقچىنىڭ قىزى…- دىگەندەك ئېغىزدىن چىققۇسىز بېزەڭ گەپلەر بىلەن تىللاپتۇ. ئاناڭمۇ بوش كەلمەپتۇ:

-ئاۋۇ ئاينا دادىسى، ئانىكام مۇنداق كىچىك چاغلىرىدا خەتنە قىلدۇرغاندا سىلىگە ئىماۋۇ قارا توخۇنىڭ تۇخۇمىدىن تېپىپ بېرەلمەپتىكەن چېغىۋا ئەينا، ئايال دىگەن بىر ئېتىز ئۇ،  نىمە تېرىسىلا شۇ ئۈنىدۇ، سىلىمۇ ئاۋۇ تېۋىپنىڭ دوككانلىرىغا ئانچە- مۇنچە بېرىپ باقسىلا، نەچچە ۋاقنىڭياقى تاپا-تەنىلىرىگە چىدىدىم، گەپ قىلمىدىم، ئەمدى ئۇياقتىن يەڭگىپ بۇياقتىن ئۆزھالىم بىلەن قالسام سۆزلەۋېرىلىيا، سىلىمۇ ئەجىر قىلىپ ئىككى تىزلىرىنى جىقراق ئۇپرىتىپ ئوغۇل بالا تېپىشنى ئۈگەنسىلە، مەن سىلىگە ئوغۇل تۇغۇپ بەرگىلى تەييار، قىلغان ئىشنىڭ تايىنى يوق سۆزلەۋەرگەن بىلەن ئىش ئاشۇنداق بولىدۇ ئاينا، ئاۋۇ ئابدۇقادىرنىمۇ تۇنجى تۇغۇتۇمدا مەن سىلىدىن تۇغقان، ئۇندىن كېيىن مانا ئۇدا تۆت قىز تۇغدۇم، مەن سىلىگە يۈز پىرسەنت سادىق بولغانلىقىمغا خۇدايىم گۇۋاھ، بۇ گۈھەرقىزلىرىمنىمۇ خۇدايىم بەردى دىمەي دىگەن گەپلىرىگە تۆۋۋە قىلسىلا، ئاجرىشىمەن دىسىلە ئىختىيارلىرى، ۋاقتى كەلسۇن، …- دەپتۇ، لېكىن، داداڭنىڭ قىلغان زەردىسى ئۈگە-ئۈگىسىدىن ئۈتۈپ كەتكەن ئاناڭ ساڭا ئەمچەك سالماپتۇ، ئىككى ئاپاڭ بۇرۇنلا خېلى ئۇبدان بىلىشىدىكەن، ئۇلار ھەتتا قىز توغۇپ قالسا بېقىۋېلىش توغرىسىدىمۇ خېلى ئەھدىلەرنى قىلىشقان ئىكەن، شۇنداق قىلىپ بىركېچىدىلا چۈۋەك ۋە زاكىلىرىڭ بىلەنلا سېنى ئۇلارغا بېرىۋېتىپتۇ، لېكىن، سېنى داداڭ ئاۋۋال بامدادتىن بۇرۇنراق مەھەللە مەسجىدىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەكىىلپ قۇيۇپتۇ، سېنى مۇئەززىن ئاخۇنۇم ئاۋۋال بايقاپتۇ ۋە ئىمامغا خەۋەر قىلىپتۇ، بۇ ئىش ئىمام ئاخۇنۇمنىڭ قولىقىغا بۇرۇنلا  يۇشۇرۇن يەتكۈزۈلگەچكە ئىشلار ئويلىغاندەكلا يۈرۈشۈپتۇ ۋە سېنى مەسجىد ئالدىدىن تېپىۋالغانلىقىغا پۈتۈن مەھەللە جامائىتى گۇۋاھ بولۇپتۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە كەنت مەسئۇللىرىمۇ بولغاچقا ئۇلار سېنى نۇپۇسقا جايىدا ئېلىپ بېرىپتۇ، بۇ ئاناڭنىڭ تۇغماس ئايال ئىكەنلىكىنى ھەممە بىلگەچكە سەن بۇ ئاناڭنىڭ بالىسى بولۇپ قېلىپسەن، بەلكىم بۇ ئىشلار سىر پېتى قېپقالار ئىدى، لېكىن ئويلىمىغان ئىشلار ئاناڭنىڭ بۇ سىرلارنى ساڭا دەپ بېرىشىگە سەۋەب بولۇپ قالدى. توققۇز- ئوننىڭ قارىسىنى ئالغىنىڭدا يۈز ياشقا يېقىنلاشقان چوڭ ئاناڭ كۆز يۇمدى، ئاناڭ مەھەللىدىكى ئەللىكىملەرنىڭ ئايال كىشى قەبرىستانغا چىقسا ئۇنداق بولىدۇ- بۇنداق بولىدۇ دىگەندەك چەكلەشلىرىگە پەرۋا قىلماي ئانىسىنىڭ بېشىغا چىقىپ يەتتە كېچە- كۈندۈز قۇرئان ئوقۇشنى نىيەت قىلدى. ئۇنىڭ بۇ نيىتىنى داداڭ توسۇپمۇ توسۇپ بولالمىدى. ئاناڭ ئانىسىغا- موماڭغا ھەقىقەتەن ئامراق ئىدى، شۇڭا ئۇنى قىيالمىدى دەپلا ئويلىيالىغان ئىدىڭ سەن. تۆتىنچى كۈنى ئۈتۈپ بەشىنچى كۈنى يۇرۇر كېچىسى ئۇ كۆزى يېرىم ئۇيغۇغا كېتىپ قاتتىق قورققان پېتى ئويغىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ يۈگۈرۈپ دىگۈدەك ئاران ئۆيگە كېلىۋالالىدى، ئۇ شۇندىن تارتىپ قاتتىق ئاغرىپ قالدى، ئۇ پات-پاتلا ئەقلىدىن ئازاتتى، كىيىملىرىنى يىرتىپ، چاچلىرىنى يۇلۇپ ئالىجوقا سۆزلەپ، ئۇدۇق كەلگەن كىشىنى ئۇرۇپ-تىللاپ ئارام بەرمەيتتى، داداڭ ئۇنى كۈتىرىپ يۈرۈپ دوختۇرخانىمۇ- دۇختۇرخانا ئاپىرىپ نەچچە ئاي داۋالاتتى، لېكىن، ئاناڭنىڭ كېسىلىگە ھېچكىم ماۋۇ كېسەلكەن دەپ دىياگنۇز قويالمىدى، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈرۈلمىدى. ئىزدىمىگەن باخشى-داخان . دەئۋەتخانلار ئاز قالدى، لېكىن، ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد يەنىلا كۈرۈلمەيتتى، ئاخىرى ئانا ئېسىنى بىلگەن بىر چاغدا ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان قىزىنى-سېنى يېنىغا چاقىرتتى ۋە ئاشۇ ئىشلارنى قىسمەن بايان ئەتتى، ئاندىن ئۆز ئاناڭنى چاقىرتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ ناۋادا بۇدۇنيادىن كېتىپ قالسا  قىزىنى ئۆز قولىغا ئېلىپ ئۆگەينىڭ يۈزىنى كۆرسەتمەي بېقىپ قاتارغا قوشۇشنى تەلەپ قىلغان بولدى، سەن شۇچاغدا ئاندىن ئۆزەڭنىڭ يەنە بىر ئاناڭنىڭ بارلىقىنى غۇۋا ھېس قىلغان بولساڭمۇ لېكىن، ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشىنەلمەيتتىڭ.بىركۈنلەردە داداڭ ياركەند دىگەن يەردە ئەييۇب قارىي ئاتلىق بىر ئۆلىمانىڭ بارلىقىنى، ئۇنىڭ دۇئاسىنىڭ كارامەت پايدا قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىپتۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئاخىرى ئاشۇ ئۆلىمانى ئىزلەپ ئۇ بار يەرگە كەتتى، ئىككى ئاي بولغاندا داداڭ ئۆزى بىلەن بەللىرى سەل ئېگىلگەن، ساقاللىرى قاردەك ئاقارغان، لېكىن، تىمەن،  جۇشقۇن كۈرۈنىدىغان بىر بوۋاينى باشلاپ كەلدى ۋە ئەييۇب قارىي ھاجى دەپ تۇنۇشتۇرغان بولدى. ئەييۇب قارىي ھاجى ئۆيگە كېلىپ ئاۋۋال بىر-ئىككى كۈن ئارام ئالدى، ئۇ ناھايتى تەقۋا، نامازخان، قولىدىن تەسۋىي چۈشمەيدىغان، ئېغىزى مىدىرلاپلا تۇرىدىغان بىر كىشى ئىدى، داداڭنىڭ دىيىشىچە، ئۇ ئۇ كىشىنى ناھايتى تەستە تېپىپ بىرىپتۇ، بېرىپ ئۆزىنىڭ كېلىش مۇددىئاسىنى بايان قىلىپتۇ، لېكىن، ئۇ كىشى كېسەلنى ئەكىلىشنى بۇيرۇپتۇ، ئەمما، داداڭ كەتمەي ئىككى ئاي تۇرۇپ خىزمەت قىلىپ ساداقەت بىلدۈرگەچكە ئۆيىنى بۇرادەرلىرىگە قويۇپ ئۆزى بىلەن كېلىپتۇ. سەن داداڭنىڭ ئاناڭنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن قىلغان بۇ خىزمەتلىرىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئامراق بولدۇڭ، لېكىن، سەن ئەييۇب قارىي ھاجىنىڭ نىمە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئاناڭنى قانداق داۋالايدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيتتىڭ، ئۇنىڭ نە دورىسى، نە ئوكۇلى يوق ئىدى، سەن ھەمىشە ئۇنىڭ ئۆيۈڭدىكى قاراڭ يوڭدىن ئېتىلگەن يوغانغىنە كىگىز جاينامازنىڭ ئۈستىگە بىر كىشىلىك جاينامازنى سېلىپ ئۇزۇن بىر تەسۋىينى سىيرىپ ئولتۇرغىنىنى كۈرەتتىڭ. گاھىدا ئاناڭنىڭ كېسىلى ئاجايىپ قاتتىق قوزغىلىپ كېتەتتى، لېكىن، ئۇ كىشى ئۇنىڭغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتى، قاچاندۇر سەن ئاناڭنىڭ كېسىلى قاتتىق تۇتۇپ چىرقىراپ يۈزلىرىنى تاتىلاپ چاچلىرىنى يۇلۇپ ئۇدۇل كەلگەننى ئۇرۇپ- تىللاپ كەتكەنلىكىنى، ئۇرۇق تۇغقانلاردىن بىرنەچچە ئەرنىڭ ئۇنىڭ قوللىرىنى قايرىپ بېسىپ تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى، ھېلىقى ھاجىنىڭ بولسا داۋاملىق شۈفلەپ قويىدىغان باڭتىكى سۇنى ئېغىزىغا ئېلىپ ئاناڭغا پۈركۈپ چېچىۋاتقانلىقىنى، ئاندىن يوغان بىر پىچاقنى يېنىدىن چىقىرىپ ئاناڭغا تەڭلەپ تۇرۇپ سەن چۈشەنمەيدىغان نىمىلەرنىدۇر دەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ قورقۇپ كەتتىڭ ۋە يىغلىغان پېتى يۈگۈرۈپ سىرتقا چىقىپ باغدىكى  بىر ئېرىقنىڭ ئېچىقىغا بېشىڭنى قويۇپ يىغلاپ يېتىپ ئۇخلاپ قالدىڭ. قاچاندۇر سەن ئۆزەڭنى مېھمانخانا ئۆيدە ياتقان ھالدا كۆردۈڭ، خوشنا ئۆيدە ئاللىكىملەرنىڭ نىمىلەرنىدۇر ئوپچى تۇۋلىشىۋاتقانلىقى قولىقىڭغا كىردى، لېكىن توۋلىشىۋاتقان ئاۋازلار رەتسىز، قالايمىقان ئەمەس، مەلۇم بىر تەرتىپكە ماس ھالدا ناخشىغا ئوخشاش ئاھاڭلىق ئىدى، سەن ئۇنى بىرىلىپ تىڭشاۋاتقىنىڭدا ئۇلارنىڭ ناخشىسىنىڭ رېتىمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى، باشقىلارنىڭمۇ ئوپچى توۋلاشلارنىڭمۇ ئەگىشىپ ئۆزگەرگەنلىكىنى، ئۆي ئىچىدىن يەنە سەرۇپاينىڭ جالدۇر- جۇلدۇر قىلغان ھالدا ماس قەدەمدە رېتىملىق چېلىنىۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلاپ يېتىپ ئاستا ئورنۇڭدىن تۇردۇڭ ۋە ئاۋاز چىققان تەرەپكە ماڭدىڭ، ئىچكىرىكى ئۆيدە چىراق يېقىلمىغان، لېكىن، دەرىزىدىن كىرىۋاتقان ئاينىڭ يۇرۇقىدا سەن نۇرغۇن ئەركىشىنىڭ  «ھەق-ئال-لا، ھەق-ھەق-ئال-لا…» دەپ توۋلىشىپ رېتىملىق ئايلىنىپ بىر نوقتىنى چۆرگىلەۋاتقانلىقىنى، ھېلىقى ھاجى باشلىق بىرنەچچەيلەننىڭ نىمىلەرنىدۇر توۋلاپ ناخشىدەك بىرنىمىلەرنى ئوقۇۋاتقانلىقىنى، سەرۇپاينىڭمۇ ئاشۇ ھېلىقى ھاجىنىڭ قولىدا ئۆزگىچە رېتىمدا ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدىڭ. «نىمە قىلىشىۋاتقاندۇر بۇ ئادەملەر؟» دەپ ئويلىيالىدىڭ سەن ۋە ئاستا ياتىقىڭغا قايتىپ ئۇخلاپ  قالدىڭ. قاچاندۇر ئالتۇنخان بودەك ئاناڭ سېنى ئويغاتتى ۋە ساڭا سەن ئەڭ ئامراق ئىسىل تاماق بولغان پولۇدىن بىرتەخسە ئالدىڭدا قويۇپ تاماق يەۋېلىشقا بۇيرۇپ قويۇپ سېنى ئەركىلىتىپ : «ئوماق قۇزام، ماۋۇسى سەن ئامراق تۇخۇ گۈشى، تويغۇچە يە،ھە» دەپ پىشانەڭگە يېنىك سۈيۈپ قويدى .

-نەدىن تاپتىڭلار، بۇتوخۇ گۈشىنى، بودەك ئانا،- دەپ سوراپ قويغۇڭ كەلدى ئۇنىڭدىن.

-ۋاي ساقام، ئاۋۇ روقىيەم بىلەن ئىككىڭلارنى چوقۇپ خاپا قىلىدىغان قارا خۇرىزىڭلار بار ئىدىغۇ، ئەتىگەن شۇنى قان قىلدۇق،-دەپ قويۇپ ئالدىراپ چىقىپ كەتتى.

-خۇرازنى ئۆلتۈرۈپتۇ بۇلار، خوپ بولۇپتۇ ئۇ خۇرازغا، رۇقىيەمنى بىرنەچچە قېتىپ چوقۇپ ئۇيەر- بۇ يەرىدىن قان قالغان ئىدى، مانا ئەمدى ئۈلۈپتۇ، لېكىن، سەھەر بولسا بەك چىرايلىق سوزۇپ چىللايتتى ئۇ خوراز، يەنە ئۇ مەھەللىدە ئۇستا چوقۇشچى ئىدى،-سەن شۇنداق ئويلىغاچ ناشتا قىلىۋېتىپ يەنە ئۇخلاپ قالغان ئىدىڭ. ئويغانغىنىڭدا ئاشۋاقتى بولغان ئىدى، ئاناڭمۇ بايىلا ئويغانغان بولسا كېرەك، لېكىن، ئۇ تۈنۈگۈنكىدەك ساراڭ ھالدا ئەمەس، خېلى نورمال تىنىپ قاراپ ياتاتتى، ئۇ سېنى كۈرۈپ كۈلدى ۋە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئىسمىڭنى تۇتۇپ چاقىردى، شۇ چاغدا سەن خوشلۇقۇڭدىن يىغلاپ كەتكەن ئىدىڭ. شۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ھېلىقى ھاجى قايتىپ كەتتى، ئاناڭنىڭمۇ پات- پات تۇتۇپ تۇرىدىغان جۇدۇنلۇقى سەل نېرىغىراق سۈرۈلدى، ئەمدى ئاناڭمۇ ھېلىقى ئۆلىمادەك يوغان تەسۋىينى ئېلىۋېلىپ داۋاملىق جاينامازدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇۋېلىپ نىمىلەرنىدۇر ئوقۇيدىغان بولدى. بىرمەزگىل ئۈتۈپ داداڭ خېلى جىق پۇل خەجلەپ ئۆيگە سىملىق تېلېفۇن تارتتى، سەۋەبى ھېلىقى ئۆلىما :«ئالاقىلىشىدىغان بىر تېلېفۇن بولسۇن پات- پات ئالاقىلىشىپ تۇرىلى، كېسەل تېخى تەلتۈكۈس كەتكىنى يوق، يەنە داۋاملىق قوزغىلىشى، خېمىغا يېنىۋېلىشى مۇمكىن، شۇڭا پات- پات ئالاقىلىشىپ داقتى-ۋاقتىدا ئەھۋالنى ئوقۇپ تۇرۇپ ئەھۋال قىلمىساق بولمايدۇ» دىگەنمىش. شۇندىن كېيىن ئاناڭ داۋاملىق تەسۋىيسىنى يىنىدىن ئايرىمايدىغان، ئولتۇرسا-قوپسا ئېغىزىنى مىدىرلىتىلا يۈرىدىغان، يېرىم كېچىلەردە ئورنىدىن تۇرۇۋېلىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ناماز ئوقۇيدىغان بولدى، شۇندىمۇ پات-پات ھېلىقدەك كېسىلى تۇتۇپ قويىدىغان ئىش ئۈزۈل- كېسىل كەتمىدى، ئاناڭ ھېلىقى ئۆلىمادىن ئۇنىڭ دورىسىنى سوراپ  ئاندىن شۇ بۇيىچە سائەتكە قاراپ ئولتۇرۇپ ئۇ كىشى ئۈگەتكەن قەسىدىنى مانچە تاماملاپ قېنىنى بېرىپ يۈرۈپ ئاندىن ئۇنى توختىماي ئوقۇپ يۈرۈپ بارا-بارا بۈگۈنكىدەك ياخشىلىنىپ قالدى.(داۋامى بار)

مەنبە:ئۆزەم



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 08:18 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1029
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 755 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 08:59:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پوۋىستمۇ،رومانمۇ؟

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...www.qinturk.com

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12403
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32463
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 12:56:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدى داۋمى چىقمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم.....

بەزىبىر بايانلار سەل ئوچۇق بولۇپ كەتكەننى ھېسابقا ئالمىغاندا جەلپ قىلارلىق چىققان رومانكەن....

داۋامىنى كۈتىمەن ئەمسە....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101964
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 957
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 251 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 07:07:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇييۇ       بۇنى قانداقمۇ يېزىپ بولغانسىز ياخشى چىقىپتۇ خەت باسقان قوللىرىڭىزغا ئاپىرىن

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 07:26:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىمدا تۇلۇق يوللانمىغان ئەسەرلەرنى ئوقۇغىلى بەك ئۆچ ئىدىم.ئاللا...داۋامى قاچان يوللىنار ئەمدى؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 11:19:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈڭ ئېشەككە چۈشسە ئېغىلدا ياتماي ئامالىڭ يوق

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12403
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32463
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 01:06:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق.....


خەت ئۇرماقنىڭ تەسلىكىدە كۆپ جاپا چەكتىڭىز.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 764 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-3 06:54:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىىى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12403
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32463
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4462 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 02:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو رومانىڭىز نەشىرگە بېرىلگەنمۇ يا....؟

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-4 09:24:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىككىنچى شەخس تىلىدا يېزىلغان بۇ ئەسەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئازراق بىر يېرىدە باش پىرسۇناژ ئالمىشىپ قاپتۇ. يەنى ئادىلەم ئېشىكىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ بودەك ئانىسىنىڭ ئۆيىگە قېچىپ كەتكەندە ئۆيىدە شوجاڭ قالىدۇ. ئاتا ئانىسى قايتىپ كەلگەندە بولسا باش پىرسۇناژ شوجاڭ بولۇپ قاپتۇ. شۇ يېرىنى بىر تەھرىرلىۋىتەرسىز.
مۇسلىنە ھەدەمنىڭ ئېنكاسىنى قوللايمەن. بەزى يەرلىرى بەك ئوچۇق ئاشكارە بولۇپ قاپتۇ. بىزدەك توي قىلغانلارغو بىر نۆرى. توي قىلمىغان كچىك بالىلارغا تەسىرى ياخشى بولماسمىكىن دەپ ئويلىدىم.


ئادىلەم دىگەن بۇ قىز نىمانچە يامان؟ كىچىك تۇرۇپ بېغىشىدا پىشىپ قالدىمۇ نېمە؟ يۈرىكى ئاتنىڭ كاللىسىدەك بار ئىكەن ئۇنىڭ.
داۋامى قاچان چىقار ئەمدى.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش