|
|
|
|
نەسىرلەر سىدىقجان غوپۇر گۇگۇمدىكى ئايال... سەھەردە تاڭ ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە چەكسىز ئېتىز قىرلىرىنى بويلاپ ماڭسىڭىز، سۈبىھىدىكى چىرايلىق شەبنەملەر، ئاياغلىرىڭىزغا تۈكىلىدۇ. ئۇ شۇنچە ھارارەتلىك ۋە ساپ.قەلبىڭىز بەجايىكى ئەشۇ شەبنەمدەك سۈزۈك.... مېھرىڭىز، ئاناكۆكسىدىن تېمىۋاتقان ئوغۇز. ئوغۇزنىڭ رەڭگى مۇھەببەتكە ھامىي. چىھرىڭىز، گۇگۇمدىكى چىرايلىق شەپەقنى تىمسال قىلىپ،زىيادەك ئۆسكەن يۇمران مايسىلارغا تەققاستۇر... سىز چەكسىزلىككەسىڭگەن روھ، سىز مۇھەببەتكە تولغان ھايات. سىز بىر ئاددىي قەلىبنىڭ، نازۇك دەرىزىسىنى چەككەن ئايال... قولىڭىزنى ئىلكىمگە ئېلىپ مۇھەببەتكە قەدەر باشلاپ بارماقنى ئىستەيمەن. سىز ھەقىقەتنىڭ رەڭگىدە كۆكلەيسىز. باغرىڭىزدا باھار ئاپتىپى ناخشا ئېيتىدۇ. تۇرمۇشنىڭ سانسىزغۇۋغالىرىدا سىزنىڭ ئەسەبلەرگە ئەگەشكەن تۇيغىڭىز ئوتتەك لاۋۇلداپ يانىدۇ. قولىڭىزدىن سىڭگەن ھارارەت، مېھرىڭىزدىن تامغان ھەقىقەت مېنى يۈرىكىڭىزگە قەدەر چۆكتۈرۈپ بارىدۇ. ئەمدى بۇ ھاياتنىڭ تىمتاسلىقىدا بىز داۋاملىق يېڭى- يېڭى ھېكايىلىرىمىزنى يازايلى. كېلىڭ بىز ئەڭ پاكىز مۇھەببەتكە سىڭىپ كېتەيلى.... ئېھ گۇگۇمدىكى ئايال باغرىڭىزدىن مەڭگۈلۈك مېھىر ئېقىپ چۈشسۇن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-2 08:13 AM
|
|
|
|
|
|