مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 19643|ئىنكاس: 75

پوۋىست : ئويغانغان روھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 11:11:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر .
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مىسرانىم ئەھلى :
  كەمىنە نۇرجان ئېلى كەتمەندىن ھەممىڭلارغا ھىيتلىق سالام ۋە ئالىي ئىھتىرام !
  مىسرانىمدىن ئىبارەت تور دۇنياسىدىكى ئىللىق ئائىلىمىزدە يەنە سىلەر بىلەن دىدارلىشىش مىنى ئالەمچە سۈيۈندۈرمەكتە . ئۇزۇن بولدى ، خىزمەت ئالدىراشلىقى ، شۇنداقلا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىدە بىرە تېما ياكى ئىنكاس يوللاپ ھەممىڭلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولمىغىلى ، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ ۋاقىت تاپساملا كومپىيوتۇر ، يانفۇن ئارقىلىق مۇنبەرنى زىيارەت قىلىپ ئىسىل ، تېما يازمىلارنى كۆرۈپ مەنىۋى ھاياتىمنى بىيتقاچ ، سىلەر بىلەن غايىبانە ئەسرالىشىپ تۇردۇم .
  ھەممەيلەنگە مەلۇم 2013-يىللىق مىسرانىم مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى تولىمۇ داغدۇغىلىق ، مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك شۇنداقلا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بىر تور ئەسەرلىرى پائالىيىتى بولدى ، شۇنداقلا مىنىڭ < مىنى ئەمرىڭىزگە ئالسىڭىز ...> دىگەن ئەسىرىم تورداشلارنىڭ ئالىقىشىغا ، ياقتۇرىشىغا مۇيەسسەر بولۇپ ، بۇ پائالىيەتتە 2- دەرىجىلىك ئەسەر بولۇپ باھالىنىپ ، ماڭا ئالاھىدە مەدەت ۋە ئىلھاملارنى بەخش ئەتتى . تورداشلارنىڭ بەرگەن باھالىرى ئويلىغىنىمدىنمۇ ياخشى چىقىپ مىنى ئالەمچە سۈيۈندۈردى ، شۇنداقلا ئەدەبىياتتىكى مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكىمنىڭ بارلىقىنى ، تىخىمۇ تېرىشىپ ، تىخىمۇ نادىر بولغان ئەسەرلەرنى يىزىشىمغا تۈرتكە بولدى .
  ئاشۇ ئالىي باھالار ، قۇۋەتلەش ھەم مەدەت بىرىشلەر نەتىجىسىدە ئىككىنجى پوۋىستىم < ئويغانغان روھ > نى بۇ يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە سۇندۇم . ئۈمىدىم ئەسىرىم مەيلى مۇكاپاتقا ئېرىشسۇن ، ئېرىشمىسۇن مىسرانىمدىكى ئەقلى ئويغاق ، ئۆتكۈر پىكىرلىك مۇنبەرداشلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ، كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىم ئۈچۈن داۋاملىق مەدەت ، ۋە ئىلھام بىرىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن .
                                                 كامالىي ئىھتىرام بىلەن : نۇرجان ئېلى كەتمەن .
                            2014-يىلى 1- ئاۋغۇست .
                                       ئويغانغان روھ
  بۇ ئەسەرنى دوستۇم ، قىرىندىشىم ، بۇرادىرىم  شەمسىددىن ئويغاننىڭ سەرگۈزەشتىسى ھەم تەلىپى بويىچە ، شۇنداقلا جەمىئىيتىمىزدە ۋابا بولۇپ تارقىلىۋاتقان ، مىللى ھايا ، ئىپپەت ، غورۇرنىڭ زەئىپلىشىشىگە ، قەدىرسىز، ئەتىۋارسىز بولۇپ قىلىشىغا كۆرىنەرلىك ھەسسە قۇشۇۋاتقان ، لەنەتتەككۈر سورۇن ، جىدەللەرنىڭ ئۇۋىسى بۇلمىش قاۋاقخانا ، دىسكوخانىلاردىكى نومۇسسۇزلۇقنى ، شۇنداقلا ئۇنىڭ جەمىئىيەت ۋە ئائىلىگە ، كەلگۈسىگە ئىلىپ كىلىدىغان ۋە كىلىۋاتقان ئاپەتلىرىنى يىزىپ ، ئاشۇ غەپلەتتە ئۇخلاۋاتقان ، مۇھەببەت ، ئىپپەت - نومۇس ، غورۇر دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ۋە قىلىۋاتقان ئاشۇ قىرىنداشلىرىمنىڭ روھىنى ئويغۇتۇش ، ئۇلارنىڭ ئەسلى زاتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ، ئەجداتلارنىڭ سەلتەنەتلىك ، شانلىق تارىخىنى ئەسلىتىش ، ۋە دەۋرنىڭ ، مىللەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتىۋاتقان ئارزۇ تەققەززاسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش مەقسىتىدە بۈگۈن 2013 –يىلى 7-ئاينىڭ 10 كۈنى مۇبارەك رامىزان ئېينىڭ 1 –كۈنى قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىدىم .
  ئۈمىدىم مۇشۇ ئۇلۇغ ئاي ،ئۇلۇغ كۈنلەردە ، مۇشۇ ئەسەرنى دوستۇمنىڭ كۈتكەن ئارزۇسى ، ھەم ئوقۇرمەنلەرگە يارىغۇدەك ، ئۇلاردا ئويغا سالالىغۇدەك يازالىسام ، ئاشۇ غەپلەتلەردە بىھۇش يىتىپ قالغان روھلارنى ئويغۇتالمىساممۇ ، ھىچ بولمىسا ئۇلارغا نىدالىرىمنى ئاڭلىتالىسام بۇ ئەمگىمدىن ئالەمچە خوشال بولغان بولاتتىم .
  ئاخىرىدا مەرھەمەتلىك ئاللاھدىن قەلەمىمگە قۇۋۋەت بىرىشىنى ، بۇ ئەمگىكىمنىڭ زايە كەتمەسلىكىنى تىلەيمەن .

                                                              نۇرجان ئېلى كەتمەن
2013-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سەھەر  5:47    جېجىياڭ يىۋۇ.
ئويغانغان روھ
1-قايتا يانغان ئۈمىد
2-تۇغۇلغان كۈن
3-خاتا بىسىلغان قەدەم
4-بىمەزگىل توزۇغان چىچەك
5-رومكىدىكى مۇھەببەت
6-ئۆتنە ئالەم
7-ئويغانغان روھ
8-تەۋپىق تاپقانلار
9-ئۈمىدلىك سەھەر

                                    1-قايتا يانغان ئۈمىد
   ئوپۇق سىزىقلىرىنى قىزارتىپ ،شەرقتىن بالقىغان قۇياش سىخىي نۇرىنى ھەريان تاراتماقتا ئىدى . بۈگۈنكى قوياش شۇنچىلىك گۈزەل پارلىغان ئىدىكى ، بۇ خىلۋەت سەھرانى بۆلەكچىلا نۇرلاندۇرۇپ ، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتماقتا ئىدى .تاڭ ئەلچىسى خورازلار قى قى قىق دەپ چىللاپ دىھقانلارغا يىڭى كۈننىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرماقتا. دىھقانلارمۇ ئېتىزغا چىچىلغان رىسقىنى يىغىش ئۈچۈن قوللىرىغان كەتمەن ، ئوتۇغۇچلىرىنى ئېلىپ ، ھارۋا ، ۋېلىسىپىتلىرىنى مىنىپ ئەمگەك قوينىغا قاراپ ماڭماقتا ئىدى .ھوشۇراخۇن ئايالى روزىخان، ئوغلى ئەلقەر بىلەن ئىشەك ھارۋىسىدا ئىتىزىغا قاراپ ماڭدى .ھوشۇراخۇننىڭ ئايدەك گۈزەل قىز ئايقەمەرمۇ قولىغا سۈپۈرگىنى ئىلىپ ھويلا ئارامنى سۈپۈرمەكتە ئىدى . چىرايىدىن ئىللىقلىق ، سەمىمىيلىك تاراپ تۇرىدىغان بۇ ساددا دىھقان قىزى ئايقەمەر ، بۇ يىل تۇلۇقىسىز مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆيىدە چاقىرىق كۈتۈپ تۇرماقتا ئىدى .
   ئايقەمەرنىڭ يۈزى بەئەينى تولۇنئايدەك يومۇلاق سۈزۈك بولغانلىقىدىنمىكى دادىسى ھوشۇراخۇن ئۇنىڭغا ئايقەمەر دەپ ئىسىم قويغان بولۇشى مۇمكىن . دىمىسىمۇ ئايقەمەر ئىسمى جىسمىغا لايىق چىرايلىق قىز . بىر جۈپ خۇمار كۆزى ، قوشما قاشلىرى ، ئوڭ مەڭزىدىكى زىناق بۇ قىزغا ئاجايىپ رۇخسارلارنى بىرىپ بۇ قىزنى شۇنچىلىك جەزبىدار لاتاپەتلىك كۆرسىتەتتى . ئايقەمەر خۇددى ئۆزىدەكلا گۈزەل ئەخلاقلىق ، نازاكەتلىك قىز ئىدى . سىنىپلاردىمۇ ئەر مۇئەللىملەر تۈگۈل ئوغۇللارغىمۇ تىكىلىپ قارىمايتى ، ھەم ئىچىلىپ پاراڭلاشمايتى. بۇ قىزنىڭ بۇ قەدەر ھايالىقلىقى نۇرغۇنلىغان ئوغۇللارنىڭ يۈرىكى ئوت سىلىپ ئۇنىڭغا مەپتۇن قىلىۋەتكەن ئىدى . ھەتتا نەچچىسى ئۇنىڭغا دوست بولۇپ قالساق دەپ تەلەپلەرنىمۇ قۇياتتى ، ئەمما ئايقەمەر –كەچۈرۈڭ ، مەن تىخى بۇ ئىشلارنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايمەن .-دەپلا چىرايلىق رەت قىلاتتى . ئايقەمەرنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىمۇ كۆرىنەرلىك ياخشى ئىدى . ئۆيدىمۇ چاققان ، چىۋەر ئىدى . مەكتەپتىن كىلىپ تاكى كەچلىك تاماق بولغىچە ئانىسى روزىخانغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشىلىرىنى قىلىپ ، قوي كالىغا ھەلەپ ئىتىپ ، توخۇلارنى كاتەككە سولاپ ، تاماقنى يەپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن قاچىلارنى يۇيىۋىتىپ ، ئۆگىنىشىنى قىلاتتى .ئۆزىمۇ ناھايىتى زىھىنياتلىق ، چىچەن ، ئۆتكۈر قىز ئىدى . نەتىجىسىمۇ مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ، سىنىپ مەسئۇللىرى ئۇنىڭغا زور ئىشەنچ ، ئۈمىدلەرنى باغلىغان ئىدى.
  ئايقەمەر ئەنە ئاشۇ تېرىشچانلىق ، ئەقىللىقلىغى بىلەن تولۇقسىز مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ھازىر ئۆيىدە مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى ساقلاپ تۇرماقتا ئىدى . مانا بۈگۈن نەتىجىمۇ ئىلان قىلىنىدى . ئايقەمەرگە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتىنىڭ چاقىرىقى كەلدى ، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغانلىقتىن ، ئىنىستىتوتنىڭ ھەقسىز ئوقۇش شەرتىگە تامام توشقان ئىدى . ئۇنىڭ بۇ نەتىجىسى ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىلىتىپ ھاردۇقىنى چىقارغان ئىدى . مەكتەپ رەھبەرلىكىمۇ ئۇنىڭدىن خوش بولۇپ كەتكەن ئىدى .چۈنكى بۇنداق ياراملىق غۇنچىنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈشمۇ ئاسان ئەمەستە .
  ئايقەمەرنىڭ خوشاللىقىنى تەسۋىرلەشكە ھازىر تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ ، چۈنكى كىچىكىدىنلا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتى . كىچىك چاغلىرىدا مەھەللىدىكى بالىلارنى ، دوستلىرىنى يىغىپ ئۇلارغا دەرس بىرىپ كىتەتتى . شۇڭا ئوقۇتقۇچىلىق ئارزۇسى ئۇنىڭ قەلبىگە ئەنە ئاشۇ سەبىي چاغلىرىدىلا بىخ سۈرگەن ئىدى . شۇنداقلا بۇ جەمەت ئوقۇتقۇچىلار ، مۇئەللىم جەمەتى ئىدى . ئايقەمەرنىڭ بوۋىسى باقى ھاجىم ، ھەم تاغىسى ئەيسا مۇئەللىممۇ زامانىسدا نۇرغۇن ئىستىداتلىق ،ياراملىق ئەۋلادلارنى تەربىيلەپ ، يۇرتىنىڭ مائارىپ ، مەدەنىيەت ئىشلىرىغا كۆرىنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشقان پىداكار باغۋەنلەردىن ئىدى.
  ئايقەمەرنىڭ ئاكىسى ئەلقەر كەنت بازىرىدا ساتىراچلىق قىلىدۇ ، ئىككى ئاچىسى بۇرۇنلا ياتلىق قىلىنغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ شەھەرگە بىرىپ ئوقۇشى ئائىلە ئۈچۈن جىق بىسىم ئىلىپ كەلمىدى،شۇنداقلا ئوقۇشى ھەقسىز بولغاچقىمۇ ئۇنىڭ ئوقۇشىغا ھىچكىم قارشى چىقمىدى ، بولۇپمۇ ئاكىسى ئەلقەر ئۇنىڭغا :
  -سىڭلىم ، ياخشى ئوقۇغىن ، سەن كىچىكىڭدىن شۇنچىلىك چىچەن ، ئەقىللىق ئىدىڭ ، خانىم بولۇش سىنىڭ بالا ۋاقتىڭدىكى ئارزۇيۇڭ ئىدى ، ھىلىمۇ ئىسىمدە ، كىچىك ۋاقتىڭدا ئاكا دوسكا ياساپ بەر دەپ كەينىمگە كىرىۋىلىپ يال ئۇرۇپ ، ماڭا بىر دوسكا ياساتقان ئىدىڭ . ئەمدى سەن شۇ ئارزۇيۇڭ بويىچە ئاخىرى مۇرادىڭغا يىتىش ئالدىدا تۇرماقتىسەن . مەن سىنى ئىزچىل قوللايمەن ،ئەمما بىر ئىش يادىڭدا بولسۇنكى ھەرگىز ئەسلىڭنى ئۇنتۇپ قالما ، سەن مەيلى نەگە بار مىنىڭ سىڭلىم ، چوقۇم مىنىڭ سىڭلىمدەك بولۇشۇڭ كىرەك . مەن ھەر قىتىم شەھەرگە كىرسەم بەزى قىلىقسىز ، ھاياسىز قىزلارنى كۆرۈپ قالىمەن ، ھەم ئۇلارغا لەنەت ئوقۇپ كىتىمەن ، ئەمدى سەنمۇ دەل ئاشۇ شەھەرگە بىرىپ ئوقۇماقچى بولىۋاتىسەن ، مىنىڭ ساڭا ئىشەنچەم كامىل ، ئەگەر پۇل قىيىنچىلىقى بولسا ماڭا ئۇدۇللا دە ، ھەرگىز ئۇيان بۇيان تەمتىرەپ ، بويۇن قىسىپ يۈرمە . قىز بالىدا ھايا بولمىسا ئۇنىڭدا ھىچنىمە بولمايدۇ ، يىگىتنىڭ بارلىقى غورۇر ، قىزنىڭ بارلىقى ھايا . شۇڭا سىڭلىم چوقۇم ئۆز ئەسلىڭنى ئۇنۇتماي ، ئەخلاقلىق ھايالىق ، ئەلقەرنىڭ سىڭلى بول، ئەسلى مىنىڭمۇ ئوقۇتقۇچى بولغۇم ، جەمەتىمىزنىڭ ئاتا كەسپىنى داۋاملاشتۇرغۇم بارئىدى ، ئەمما كاج پەلەك مىنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمنى يوق قىلدى ، شۇنىڭ بىلەن مەن بوۋام ۋەسىيىتى بويىچە ساتىراچ بولدۇم، ئەگەر يەنە شۇ بوۋامنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بولغان بولسا سەنمۇ بۇ يىل ياتلىق بولۇپ كىتەتتىڭ ، ئەمما تاغىمىز ئەيساجان دادام كۆز يۇمۇش ئالدىدا دادامدىن قايتا قايتا ئۆتۈنۈپ سىنى مۇئەللىم قىلىپ تەربىيلەشنى ئىيتقان ئىدى ، مانا ئەمدى ئۇنىڭ بۇ ئۈمىدىمۇ ئەمەلگە ئىشىش ئالدىدا تۇرماقتا ، سىڭلىم ئاشۇ تاغىمىزنىڭ روھىنى قۇرۇندۇرماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ چوقۇم ياخشى ئوقۇغىن .شۇندىلا بىز تاغىمىزنىڭ ھەم ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھىنى خوش قىلىپ ئەمىن تاپقۇزالايمىز . گەرچە ئەيساجان تاغىمىز ھاياتىدا كۆپ ئەرزىيەتلەرنى چەككەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشتىن ، ئەۋلاد تەربىيلەشتىن يالتايغىنى يوق ، ئەنە شۇ پىداكار باغۋەن تاغىمىزنىڭ ئۈمىدىنى چوقۇم ئاقلىغىن– دەپ سىڭلى ئايقەمەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى . ئەلقەر ئىيتقاندەك ئۇنىڭ تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىم ھەقىقەتەن پىداكار ، جانكۆيەر ئوقۇتقۇچى ئىدى ، قىسقىغىنە ھاياتىدا تالاي ئەرزىيەت تارتقان بولسىمۇ ،ئەمما ئۇ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ كەسپكە بارلىقىنى بىغىشلاپ ئۆتكەن مەرىپەتچى باغۋەن ئىدى.
     ئايقەمەر ئۆيدىكىلەر خوشلۇشۇپ ئاكىسى ئەلقەر بىلەن قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىغا يىتىپ كەلدى. ئەلقەر مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچى ۋە ياتاق باشقۇرغۇچى خادىملار بىلەن كۆرۈشۈپ ئايقەمەر ياتىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ قايتاشىدا سىڭلىسىنى قەشقەر شەھىرىنىڭ مەركىزى بولغان ھىيتگاھ جامەسى ئالدىغا جايلاشقان خام بازىرىدىكى بىر پاكىزغىچە ئاشخانىغا ئىلىپ كىرىپ ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تۇخۇ كاۋاپ بىلەن مىھمان قىلدى . ئاندى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويۇپ قايتاشىدا ئايقەمەرگە :
   -سىڭلىم ، بۈگۈندىن تارتىپ ئۆزۈڭگە تايىنىپ ياشايسەن ، بەلكىم قىيلىنىپ قىلىشىڭ ، ئۆينى سىغىنىشىڭ مۇمكىن ،ئەمما غەيرەتلىك ،چىداملىق بول ، تېرىشىپ ئۆگەن ، نىشانىڭنى ئۇنتۇپ قالما .تاغىمىز ئەيساجاننىڭ كۆز يۇمۇش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىمۇ شۇ . چوقۇم رەھمەتلىك تاغىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلا – دىگەچ يانچۇقىدىن بىر تال قەلەمنى ئىلىپ سىڭلىسىغا ئۇزاتتى ؛
  -بۇنى ئال ، بۇ ئەيساجان تاغىمىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئىشلەتكەن قەلىمى . بۇ قەلەمنى تاغىمىز كۆز يۇمۇش ئالدىدا ماڭا : ئايقەمەرگە ئالىي مەكتەپكە بارغاندا بەرگىن دەپ ئالاھىدە تاپىلاپ بەرگەن ،ئەمدى بۇنى ساڭا بىرىدىغان ، ئامانەت ئىگىسىنى تاپىدىغان ۋاقىت كەلدى ، ئىسىڭدە بولسۇن ئەيساجان تاغىمىزنىڭ روھىنى ھەرگىزمۇ قورۇندۇرۇپ قويما ،رەھمەتلىك سىنىڭ مۇئەللىم بولغۇنىڭنى ئۇ ئالەمدە بولسىمۇ كۆرۈپ كۆڭلى ئەمىن تاپسۇن . ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمە ، سەۋر قىلىشىنى ، چىداملىق ، غەيرەتلىك بولۇشنى ئۆگەن، ئەگەر پۇل جەھەتتىن قىسىلىپ قالساڭ ئۇدۇللا ماڭا دە ، ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭ ، شەھەر دىگەندە ھەرخىل ئادەملەر بار ، ياخشىمۇ بار ، يامانمۇ بار ، شۇڭا دوست تاللاشتا چوقۇم ئۆزۈڭدەك دىيانەتلىك ، ھايالىق ، پەزىلەتلىك قىزلار بىلەن دوست بول ، ئەخلاقلىق قىزلار بىلەن ئارلاش ، بىلىملىك ،تىرىشچانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بول ، ئىشقىلىپ دەيدىغىنىم ئەلقەرنىڭ سىڭلىسىدەك بول .- دەپ ئايقەمەرگە ئاكىلىق مىھرى بىلەن ينىشلاپ نەسىھەت قىلىپ ئۇنى ياتىقىغىچە ئەكىرىپ قۇيۇپ يىنىدىن 300 يۈەن پۇلنى ئايقەمەرنىڭ ئۇنۇمىغىنىغا قارىماي –سىلىپ قوي ، لازىم بولىدۇ –دەپ بىرىپ قايتىپ كەتتى .
  شۇنداق قىلىپ ئايقەمەر ئېنىستىتوت ھاياتى رەسمىي باشلاندى ، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئولۇغ ،مىننەتسىز كەسپ ئۇنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئارزۇسى بولغاچقا ، ئۇمۇ قېنى قېنىغا پاتماي ، ئالەمچە خوشال بولۇپ ، ئۆزىنى خۇددى ئاشۇ مۇنبەردە تۇرۇپ دەرس بىرىۋاتقاندەك ،مەرھۇم تاغىسى ئەيساجان مۇئەللىم پەستە تۇرۇپ ئۇنىڭ دەرىسنى ئاڭلاپ باشمالتىقىنى چىقىرىپ يارايسىز دەۋاتقاندەك خىيال تۇيغۇلار بىلەن مەكتەپتىكى تۇنجى سائەتلىك دەرسىنى ئاڭلىماڭتا ئىدى .
  چىرايىدىن ئوقۇتقۇچىلارغا خاس مىھرىبانلىق، غەمخورلۇق ، سەمىمىيەت تاراپ تۇرىدىغان ، ئوتتۇرا بوي ، سالاپەتلىك مۇئەللىم سىنىپقا كىرىپ كەلدى . ئوقۇغۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ مۇئەللىمگە سالام قىلدى . مۇئەللىم ئۇلارغا ناھايىتى ئىللىق سالام قايتۇردى-دە سۆزىنى باشلىدى .
  -ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ، ياخشىمۇسىلەر !
  سىلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ مىننەتسىز ،ئۇلۇغ كەسپنى تاللاپ ، بىز بىلەن كەسپداشلاردىن بولۇش ئۈچۈن ، ياشلىقىڭلار ، ھەتتا بارلىقىڭلارنى خەلق ئۈچۈن ، ئەۋلادلار ئۈچۈن قۇربان قىلىش ئۈچۈن مەكتىپىمىزگە ئوقۇشقا كەلگىنىڭلار مىنى تولىمۇ ھاياجانلاندۇرماقتا . شۇ تاپ سىلەردەك كەلگۈسىدىكى كەسپداشلىرىم بىلەن بىللە بۇلۇش مىنى ئالەمچە شادلىققا چۈمدۈرمەكتە . شۇڭا كەلگۈسىدىكى كەسىپداشلىرىم ھەم خۇدا نىسىپ قىلىسپ خىزمەتداشلىرىم بولۇش ئالدىدا تۇرغان سىلەرگە يەنە بىر قىتىم ئەڭ ئالىي ئىھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن ، مەرھابا !
  سىنىپتىن گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى ، مۇئەللىمنىڭ يىڭى ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تەسىرى ئاجايىپ ياخشى بولغان ئىدى ، مۇئەللىم يەنە سۆزىنى داۋام قىلدى :
  - ئەمدى ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۇشقا رۇخسەت بەرسەڭلا ، مىنىڭ ئىسىم سۈلھەت ، سىلەرنىڭ سىنىپ مەسئۇلىڭلا . شۇڭا ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىم مۇشۇ مەكتەپتىكى نەچچە يىللىق ئوقۇش ھاياتىڭلاردا مەن سىلەر بىلەن بىللە ،شۇڭا ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىپ خۇددى قان قىرىنداش توققانلاردەك ئۆتسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن .
  مىنىڭمۇ سىلەردەك ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىم بولغان ، مەن ئۇ چاغدا ياراملىق بىر ئىنژىنىر بولغۇم بار ئىدى ، چۈنكى مەن سەككىز ياشقا كىرگەندە ، بىر قىتىملىق سەل ئاپىتىدە ،ئۆيىمىزنىڭ سۇدا قىلىپ ئۆرۈلۈپ كىتىپ دادام مىنى قۇتقۇزىمەن دەپ تامنىڭ ئاستىدا قىلىپ بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىزلا ئايرىلغان ئىدى ، ئانام بولسا مىنى توغۇش جەريانىدا مىنى بۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزۇپلا كىتىپ قاپتىكەن .مەرھۇم دادام مىڭ بىر مۇشەققەتتە مىنى بىقىپ چوڭ قىلغانىدى ، ھەتتا مىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھاياتىنىمۇ تەقدىم قىلدى ، ئەلۋەتتە ئۆرۈلگىنى يالغۇز بىزنىڭ ئۆيلا ئەمەس ،نۇرغۇن خوشنىلارنىڭ ، يۇرتداشلارنىڭ ئۆيلىرى سەلدە ئۆرۈلدى ، ھەم بۇزغۇنچلىققا ئۇچرىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دادامنىڭ تۇپراق بىشىدا كۆزۈمگە لىق ياش ئالغان ھالدا ، ياخشى ئوقۇپ چوقۇم ياراملىق بىر ئىنژىنىر بولۇپ يۇرتداشلىرىمغا چىداملىق ، يەر تەۋرىسىمۇ ئۆرۈلمىگىدەك ، كەلگۈندىمۇ مەزمۇت تۇرغۇدەك ئۆي سىلىپ بىرىمەن دەپ قەسەم قىلغان ئىدىم ، ئەمما مىنىڭ بۇ ئارزۇيۇم كىيىن ئۆزگەردى ، نىمە سەۋەپتىن ئۆزگەردى ؟ بىلگىڭلار بارمۇ ؟
  -بار –ئوقۇغۇچىلار ئۈنلۈك جاۋاپ بەردى .
  - مەن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا چىققان يىلى تۇنجى دەرستە بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز خۇددى مەن ھازىر سىلەرگە سۆزلىگەندەك بىزگە ئىللىق كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ :
  -ھۆرمەتلىك ئوقۇغۇچىلار ، ياخشىمۇسىلەر ، مانا ھازىر سىلەر باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، تۈنۈگۈنكى سەبىي بالىلاردىن ،ھازىرقى ئۆسمۈرلەرگە ئايلاندىڭلا ،دىسەم دىمىسەم ھەممىڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا خاس بولغان ئارزۇ ئۈمىدلىرىڭلار ، نىشانىڭلار بار ، ھەممىڭلارنىڭ ياراملىق ئىزباسارلاردىن بولغۇڭلا بار ، ئەمما سىلەرگە ئىيتسام نىشانغا يىتىش تولىمۇ جاپالىق بىر جەريان ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەۋرەنمەس ئىرادە ، جاپاغا چىدايغان چىداملىق روھ بولۇشى كىرەك ، مەنمۇ سىلەردەك ۋاقتىمدا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، مانا ھازىر بۇ ئارزۇيۇمغىمۇ يەتتىم ، بۇنىڭدىن مەن ئالەمچە خوشال ، ئەلۋەتتە بۇ ئارزۇغا يىتىش ئۈچۈن ئاز بولمىغان جاپالارنىمۇ چەكتىم ، مىنىڭ بۈگۈن سىلەرگە ئىيتماقچى بولغۇنۇم دەل : ئەگەر ئارزۇ-نىشانىمغا يىتىمەن دەيدىكەنسىلەر چوقۇم جاپاغا چىداپ ، پولاتتەك ئىرادىنى ھەمراھ قىلىپ ، ئۆگىنىڭلار ، ھەر قانداق قىيىنچىلققا ئالدىدا باش ئەگمەڭلا ، جان جەھلىڭلار بىلەن كۆزلىگەن نىشانىڭلارغا قاراپ ئىنتىلىڭلار ، ئۈمىدىڭلارنى ھەرگىزمۇ يوقاتماڭلار ، ھاياتتىكى ئەڭ ئۇلۇغ نەرسە نىمە ؟ دەل ئۈمىدتۇر ، شۇڭا ئاتىلىرىمىز بىزگە <ئۆلىمىگەن جاندا ئۈمىد بار > دەپ ئىيتقان . ھەم شۇنداقلا دانالىرىمىز بىزگە شۇنداق بىر ھىكمەتنى قالدۇرۇپ كەتكەنكى :  < ئۈمىدنىڭ سىنى سەن ئارزۇ قىلىدىغان چوققىغا ئىلىپ چىقالايدىغانلىقىغا ھەر ۋاقىت ئىشەن > شۇڭا قەدىرلىك ساۋاقداشلار ، ھەرگىزمۇ قىيىنچىلىققا باش ئەگمەڭلار ، ياخشى ئۆگىنىپ ۋەتەن خەلققە ،ئەل يۇرتقا ياراملىق ئوغلان ، ئىزباسارلاردىن بولۇپ چىقىڭلار ، چۈنكى سىلەر ۋەتەننىڭ كەلگۈسى مىللەتنىڭ ئۈمىدى ، يۇرتنىڭ ۋارىسلىرى ! – دەپ سۆزلەپ بىزدىن چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولماقچى ئىكەنلىكىمىزنى سورىدى ، ھەممەيلەن ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى دىدۇق ، بەزىلەر دوختۇر بولىمەن ، بەزىلەر شوپۇر بولىمەن ، بەزىلەر ساقچى بولىمەن ، يەنە بەزىلەر باشلىق بولىمەن دەپ جاۋاپ بەردى ، ئاندىن مۇئەللىم مەندىن سورىدى :
  -سۈلھەت ، سەن چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولماقچى ؟
  -مۇئەللىم مەن چوڭ بولسام ئىنژىنىر بولۇپ ، بارلىق يۇرتداشلىرىمىغا يەر تەۋرەشكە ، كەلكۈنگە چىداملىق پۇختا ، مەزمۇت ئۆيلەرنى سىلىپ بىرىمەن .-دەپ جاۋاپ بەردىم .
  -ناھايىتى ياخشى ، ھەممىڭلارنىڭ ئارزۇسى بىر بىرىدىن گۈزەل ، ئۇلۇغ ئارزۇلاركەن ، شۇئارزۇلارغا يىتىش ئۈچۈن چوقۇم ياخشى ئۈگىنىڭلار ، مەن سىلەرنىڭ ئارزۇلۇرۇڭلارغا يىتىپ ، خەلقىمىز ئۈچۈن تۆھپە قۇشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن .-دەپ بىزنى ئىلھاملارندۇردى .بۇ سۆزلەر ھازىرغىچە ئىسىمدىن كۆتۈرۈلگىنى يوق ، شۇڭا مەنمۇ مۇئەللىم ئىيتقاندەك پۈتۈن ئىجتىھادىم بىلەن تېرىشىپ ئۆگەندىم . نەتىجەممۇ مەكتەپ بويىچە خىلى ئالدىدا ئىدى . ئەمما مەن ئىككىنجى يىللىققا چىققان يىلى مەملىكەتتە بويىچە ئىلىپ بىرىلغان سولچىل ئىدىيە مەزگىللىرىدە مەن ۋە مەكتەپداشلىرىم ئوقۇشتىن ئايرىلىپ قالدۇق ، كۈندە شۇئار توۋلاپ ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى پىپەن قىلىپ يۈردۇق . دەل شۇ چاغلاردا بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىزغا ھەرخىل تۆھمەتلەر چاپلىنىپ ، قارىلىنىپ نۇرغۇنلىغان ھەرەجلەرنى،ئەرزىيەتلەرنى تارتتى ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە خىزمەت قىلغان خىزمەتداشلىرى كىيىن گەرچە ئۇ تارتقان جاپا ، ئازاپ ، ئەرزىيەتلەرنى كۆرمىگەن بولسىمۇ ، نۇرغۇنلىرى مۇئەللىملىكىنى تاشلاپ باشقا ئىدارىلارغا بىرىپ خىزمەت قىلدى . ئەمما بىزنىڭ سىنىپ مەسئۇلىمىز شۇنچىلىك ئەرزىيەتلەرنى كۆرگەن بولسىمۇ مۇئەللىم خىزمىتىنى ، كەسپىدىن يالتايمىدى ، يەنە شۇ مۇنبەرگە قايتىپ كەلدى . مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ماڭاي دىگەن يىلى مۇئەللىمىمنى يوقلاپ كىرىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشقاچ  ئۇنىڭدىن شۇنداق بىر سۇئالنى سورىدۇم :
  -مۇئەللىم ، سىز نىمىشقا شۇنچىلىك ئازاپلارنى ، ئەرزىيەتلەرنى تارتىپ ، خۇرلۇقلارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ يەنە ئوقۇتقۇچى بولسىز ؟ سىزدەك ئەرزىيەت كۆرمىگەنلەرمۇ باشقا كەسپكە ئالمىشىپ كەتكەن تۇرسا ؟- مۇئەللىمىم ماڭا :
   -سۈلھەت ، سەن ھازىر ئىنژىنىرلىققا ماڭماقچى بولۇپ تۇرۇپسەن ، سىنىڭ ئىنژىنىر بولۇشتىكى مەقسىتىڭ نىمە ؟ ئەلۋەتتە يۇرتداشلىرىڭغا چىداملىق ، مەزمۇت ئۆيلەرنى سىلىپ بەرمەكچى ؟ شۇنداققۇ ؟
  -شۇنداق –دەپ جاۋاپ بەردىم .
  -ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن ؟ مىنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغۋار كەسپنى تاللىشىم دەل خەلقىمنىڭ روھىنى خۇددى سەن سالماقچى بولغان ئۆيلەردەك مەزمۇت ، پۇختا قىلىپ چىقىش ، مانا بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم ، مەن سىلەرگە دەرسكە كىرگەن تۇنجى كۈنى شۇنداق ئىيتقان ، ئىنسان ئارزۇسىغا يىتىش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان جاپا-مۇشەققەت،قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ دەپ ، دىمەك مەن ئارزۇيۇمغا يىتىش ئۈچۈن ئۇنچىلىك جاپانى تارتسام نىمە بوپتۇ ؟ سەن ئويلاپ باق ، زامانلاردىن دۇنيا مەدەنىيتىگە يىتۈك تۆھپىلەرنى قوشقان ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىگە بىباھا زەر گۆھەرنى سۇنغان بىزدەك ئىلىمخۇمار ، تېرىشچان ،ئەقىللىق ، جەڭگىۋار باتۇر بىر قەۋم بۈگۈنكى كۈندە نىمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ، ئەڭ قالاق بىر مىللەت بولۇپ قالدى ؟ دەل نادانلىقتىن مۇشۇ كۈنگە قالدى . بىز نادانلىقنى يوقاتماي قانداقمۇ دۇنيا سەھنىسىدە بۇرۇنقىدەك پۇت تىرەپ تۇرالايمىز ؟ قانداقمۇ ئۆزىمىز دۇنياغا قايتا تۇنىتالايمىز ؟ دىمەك بىز پەقەت ۋە پەقەت ئىلىم بىلەنلا ئۆزىمىزنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلالايمىز. ئەينى چاغدا لۇشۈن ئەپەندىمۇ داڭلىق ،كەسپكە پىشقان دوختۇر تۇرۇپ خەلقنىڭ روھىدىكى كىسەلكنىڭ تەندىكى كىسەلدىن خەۋپلىك ھەم خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى تونۇپ كىتىپ ،ئوپراتسىيە پىچىقىنى تاشلاپ قولىغا قەلەم ئىلىپ خەلقنىڭ روھىنى داۋالاشنى نىيەت قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان ئىسىل ئەسەرنى يىزىپ ، خەلقنىڭ ئويغاتقان ، دىمەك ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەنە شۇنداق مىنننەتسىز ،جاپالىق ئەمما خەلق ئۈچۈنلا جان كۆيدۈرىدىغان ئۇلۇغ كەسپ . بۇ كەسپكە خەلق دەيدىغان ، خەلقنىڭ كەلگۈسىنى ئويلايدىغان جانكۆيەر كىشلەرلا ھەقىقىي مۇناسىپ كىلىدۇ ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ كەسپ . شۇڭا مەن خەلقىم روھىنىڭ ئىنژىنىرى بولالىدىممۇ بۇنى بىلمەيمەن ، ئەمما تاكى ئاخىرقى نەپسىمگىچە تېرىشىمەن ، مەن ئوقۇتقۇچى بولغۇنۇمدىن ، ھەم سەندەك ياراملىق ئوقۇغۇچىنى تەربىيلەپ چىققانلىقىمدىن ئالەمچە پەخىرلىنىمەن . ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەڭ خوشال بولىدىغان ۋاقتى دەل ئۆزى تەربىيلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ياراملىق بولۇپ يىتىشىپ چىقىشى . بۈگۈن مەن سەندىن پەخىرلىنىۋاتىمەن ھەم خوشاللىنىۋاتىمەن . مەن ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن ئالەمچە شادلىنىمەن .-دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىدى . مەن شۇ چاغدا ئويلۇنۇپ قالدىم ، مۇئەللىمىم شۇنچىلىك ئەرزىيەتلەر،خۇرلۇقلارنى تارتىپمۇ ھىلىھەم ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىكەن ،ھەم ئۆزنىڭ ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى دەيدۇ ، توغرا ئۇ دەل نۇرغۇنلىغان ياراملىق ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيلەپ ئۇلارغا ئادەم بولۇشنى ،قانداق ياشاشنى ئۆگەتتى ، نۇرغۇنلىغان قەدىرسىز ئىنسانلارنى تەربىيلەپ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي قەدىر-قىممىتىنى تاپقۇزدى . مەندەك بىر يىتىمنىمۇ ئۆز قىرىندىشىدەك كۆرۈپ تەربىيلەپ ئالىي مەكتەپكە بىرىش پۇرسىتىگە نائىل قىلدى . ئوقۇتقۇچىلىق دەل ئۆزى دىگەندەك ئۇلۇغ كەسپكەن . شۇڭا مەنمۇ قۇرۇلۇش ئىنژىنىرى بولغۇچە ،مۇئەللىمىمگە ئوخشاش روھ ئىنژىنىرى بولاي ، مۇئەللىمىمنىڭ يولىدىن مىڭىپ ئۇ تىخى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلارنى ئەمەلگە ئاشۇراي دىگەن نىيەت بىلەن ئەسلىدىكى ئىنژىنىرلىق كەسپىمنى ھازىرقى ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىمگە ئالماشتۇردۇم .مانا ھازىر ئوقۇتقۇچى بولدۇم ، بىرى مەندىن ھاياتىڭدىكى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىڭ نىمە ؟ دەپ سورىسا : جاۋابىم : ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئىشىم شۇكى : مىنىڭ مۇئەللىمىمنىڭ ئىزىنى بىسىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشۇم دەپ جاۋاپ بىرىمەن ، ئەگەر ئەڭ ئۆكىنىدىغان ئىشىڭچۇ دىسە : ساۋاقداشلار بەلكىم جاۋابىم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ قۇيىشى مۇمكىن ، ئەڭ ئۆكىنىدىغان ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشىم ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانامدىن كىچىك يىتىم قىلىشىم ئەمەس،چۈنكى ئۇ تەقدىر، ۋەياكى قورۇلۇش ئىنژىنىر بولالمىغانلىقىممۇ ئەمەس ، چۈنكى ئۇ تاللاش ، دەل مۇئەللىمىم بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قىتىم دىدارلىشالماي ، ئۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا ئۈكسۈپ يىغلىنىم .چۈنكى بۇ پۇرسەت ئىدى.-سۈلھەت مۇئەللىم چېنىقىغا كەلگەن ياشلىرىنى ئۇيان بۇيانغا قاراپ كەتكۈزىۋەتتى .
  -دىمەك ساۋاقداشلار ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەنە شۇنداق مىننەتسىز ،جاپالىق ، ئۇلۇغ بىر كەسپ ، چۈنكى ئالىم ،ئىنژىنىرلار ، رەھبەر ، دوختۇرلار ،ساقچى ،شوپۇرلار دەل ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مىننەتسىز ئەجىر تەرىنىڭ مەھسۇلى ئەمەسمۇ ؟ چۈنكى ئۇلارمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ تەربىيسىدە ئەنە شۇنداق ،ئالىم ،رەھبەر ، دوختۇر بولۇپ يىتىشىپ چىققانلار . شۇڭا ھەممەيلەن ئەنە ئاشۇ ئۇلۇغ كەسپ ئۈچۈن چوقۇم تېرىشىپ ئۆگىنىپ ، ئىنسان روھىنىڭ ھەقىقىي ئىنژىنىرلىرىدىن بولايلى !
  سىنىپتىن يەنە بىر قېتىم گۈلدىراس ئالقىشلار ياڭرىدى . ئايقەمەرگە سۈلھەت مۇئەللىمنىڭ تۇنجى سائەتلىك دەرىسى ناھايىتى قاتتىق تەسىر قىلدى . ئۇ يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ ئوقۇشتىكى ئارزۇ مۇددىئاسىنى چۈشەنگەندەك ، نىشانلىرى تېخىمۇ روشەنلەنگەندەك بولدى .
داۋامى بار ....

ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105297
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 389
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 01:37:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن     

ئابباس

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 01:45:43 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ئوقۇپ بولۇپ باھا بېرەي . ....
مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزنى تىلەيمەن.

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1615
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10908
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2216 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 03:37:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاي..........   ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەن سۆيۈملىك كىشىلەردۇر........


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24056
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1050
تۆھپە نۇمۇرى: 1211
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-12-27
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 08:47:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،قۇتلۇق بولسۇن.

ئادەم بىلگەننى بىلمەيمەن دىسە ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ،بىلمەيدىغاننى بىلىمەن دىسە تۇتۇلۇپ قالىدۇ...www.qinturk.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108502
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 50
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2014-7-16
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 09:49:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى باشلىنىپتۇ،داۋامىغا بەك ساقلىتىۋەتمەسسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 197
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15514
تۆھپە نۇمۇرى: 1341
توردا: 2952 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2014-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 10:32:58 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياخشى باشلىنىش بوپتۇ،قۇتلۇق بولسۇن.

ھەقىسز بولغان كومپيۇتېر بىلملەر تورى بۇ يەرىدە مەرھەممەت !http://www.akillar.com/bbs

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 04:50:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     2- توغۇلغان كۈن
  


ئايقەمەرنىڭ ئوقۇش ھاياتى تولىمۇ مەنىلىك ئۆتمەكتە ، ساۋاقداشلىرى بىلەنمۇ ئوبدانلا چىقىشىپ قالدى ، ئۆزىمۇ تىرىشچان ئەقىللىق بولغاچقا نەتىجىسىمۇ سىنىپ بويىچە ئالدىدا ئىدى .ئۇنىڭ كۈنلىرى كۈندۈزلىرى ئوقۇش بىلەن ، كىچىلىرى تاپشۇرۇق ئىشلەش ، دەرس تەكرارلاش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى . ئەمما بەزىبىر ئويۇن قىپى ئوقۇغۇچىلارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايتى ، شۇنداق ياخشى شارائىتنىڭ قەدرىگە يەتمەي ، ئۆگىنىشتە بوشاڭلىق قىلاتتى . ھەتتا بەزىلىرى ئويۇن تاماششا دىسە جىنىنىمۇ ئايىمايتى . دەل ئاشۇنداق ئۇيۇنچى ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىڭ ئوينىغىنى ئازدەك باشقا ، ئىلىمخۇمار ،تېرىشچان ساۋاقداشلىرىنىمۇ ئويۇنلىرىغا ئۈلپەت بولۇشقا ئۈندەيتى ، بەزى كۆڭۈلچەكلەر ماقۇل دەيتى ، بەزى جاھىل ، مەيدانى ئىنىقلار كەسكىن رەت قىلاتتى ، ئەڭ يامان بولغىنى ئاشۇنداق جاھىل ،تېرىشچانلار كۆپ ھاللاردا ئويۇنچىلار تەرىپىدىن يەكلىنىپ قالاتتى . ئەلۋەتتە ئىنىستىتۇت يىشىدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرگىزمۇ كىچىك بالىلاردەك مۈكۈشمەك ياكى توپ ئوينىمايدۇ ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شەھەر بالىلىرى بولغاچقا ، مەدەنىيەت كۆز قارىشى ، مودا ئېڭى باشقا سەھرادىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن يوقىرى بولغاچقا ئۇلارنىڭ يۈرۈش-تورۇش ھەم ئىش-ھەرىكەتلىرى سەھرالىق ئوقۇغۇچىلاردىن مۇئەييەن دەرىجىدە پەرقلىنەتتى . شۇڭا بەزى ساددا ئوقۇغۇچىلار شەھەرلىك ئوقۇچىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ بىلىپ بىلمەي ئۇلارغا ھەۋەس قىلىپ ،ئۆزىنىڭ ئەسلىنى ، ئارزۇسىنى ئۇنتۇپ قالاتتى .
  ئايقەمەرنىڭ ياتاقدىشى ھەم بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ساۋاقدىشى شازادەم دەل زامانىۋى ،مودا خىنىملاردىن ئىدى ،نەتىجىسى ئانچە ياخشى بولمىغىنى بىلەن ، ئويۇن دىسە پىداكار ،ئۆگىنىشكە ئىسيانكار ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. مەيلى گەپ سۆزى ، يۈرۈش-تۇرىشى بولسۇن ، ياكى كىيىنىش بولسۇن زاماننىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان ستودىنت دىيىشكە بولاتتى ، ئەگەر شەنبە يەكشەنبە كۈنى سىرتلارغا چىقىپ قالسا ئۇنى ھىچكىم سىتودىنت دىمەيتى . شازادەمنىڭ ئۆيى ناھىيىدە بولغاچقا ، ئۇ شەھەرگە ئاسانلا سىڭىشىپ ،ئۆزلىشىپ كەتكەن ئىدى .
  بىر يەكشەنبە كۈنى شازادەم بازار ئايلانغاچ تاماق يەپ كىرەي دەپ سىرتقا چىقىپ تۇرىشى ئۇنىڭ جەمىئىيەتتىكى ئويۇنچى دوسلىرىدىن خوندا لەقەملىك ياسىن ، ھەم شەھەردە دۇككان ئاچىدىغان پەرمان ئىسىملىك تۇنۇشلىرى ئۇچراپ قالدى .ياسىن ھەزىل بىلەن سۆز باشلىدى :
  -ھە ، خىنىم ، ئالۋاستىدەك ياسىنىپ ، يەنە قايسى ئوغاۋاللىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋىتەي دەپ ماڭدىلىما ؟
  -ماڭە ۋە ساراڭ خوندا ، بۇ خىنىمنىڭ بۇ تۇرقىنى كۆرگەن ئوغاۋالىنىڭ كۆزىن ئوت ئەمەس ياش چىكىتە ھازىر؟-دىدى پەرمان ئۇلاپلا .
  -ۋىيەي ، ما گەپنى ،  ھىلىمۇ خىلى ئوغاۋاللا كەينىمدىن شۆلگىينى ئىقىتىپ ئۆچرەتتە جۇمۇ ؟-دىدى شازادەم قاشلىرىنى ئوينۇتۇپ .
  -شۇنداق ، سىزدەك خىنىم بىلەن ھازىر نومۇر ئىلىپ كۆرەشمىسەك تاپقىلىمۇ بولمايدۇ دەڭە ، ئەجەپ ئەتىۋا بولۇپ كەتتىڭىز مۇشۇ كۈنلەردە .كوپراتسىيەدىكى بۇغداي نىنىدەك-دىدى ياسىن خوندا .
  -ھە ، ئاشۇنداق بۇغداي نىنىدەك ئەتىۋا بولىۋالمىساق ، سىلىدەك زاغرىدەك زەدىمىزنى قاينىتىپ ئۆتكىلى بولمايدۇ بۇ جاھاندا ؟
  -ۋاي ، خىنىم زەدىلىرىنى قايناتقان بىلەن ، زاغرىنىڭ مەرى ئىسسىق جۇما،يەپ كۆنەپ قالىسىلا ،بۇغداي نان تىتىماس بولۇپ قالامىكى – دىدى پەرمان – قىنى يىقىندىن بىرى قايسى بىر ئۇلۇغۋار ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتىلە خىنىم ، ئىزدەپ قويماس بوپ قالدىلا ؟
  -ئەمدى ، ئوقۇش دەپ ، ئىمتىھان دەپ –شازادەمنىڭ گىپى تۈگىمەيلا پەرمان گەپنىڭ بىلىگە تەپتى :
  -توۋا ، ئوقۇش ، ئىمتىھان دەۋاتاملا خىنىم ، يا سوغۇم ئىشىپ قالدىمۇ ، يا مەن شۇنداق ئاڭلاۋاتامدىم ؟
  -سۇغۇقلىرى ئىشىپ قالسا غوجام ، خام بازىرىغا بىرىپ كاۋاپ يىسىلە .
  -شۇ كاۋاپ يەيمىكى دەپ ئىزدەپ كەلگەن سىلىنى خىنىم ؟
  -ھە ، شۇنداما ، يانلىرىدا پۇل يوقمىتى ، مىھمان قىلسۇن دەپلا دە ، ماڭسىلا ئۇندا بولسا ئاشۇ قىززىق كاۋاپ بىلەن مىھمان قىلىپ ، سوغۇقلىرىنى ئانىسىنىڭ يىنىغا كەتكۈزۋىتىپ ، زۇۋانلىرىنى ئۈتلىۋىتىپ كىلەي .-دىدى شازادەم قاپاقلىرىنى تۈرۈپ . ياسىن خوندا شازادەمنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى بىلىپ ۋەزىيەتنى ئوڭشاشقا باشلىدى .
  -خاپا بولمىسا ئوماق قىز ، پەرمانجاننىڭ بۈگۈن كۆڭلى بەك خوش دىسىلە ، شۇ خوشلۇقىدا نىمە داۋاتقالىقىنى بىلەيۋاتىدۇ ، شۇنداغۇ پەرمانجان ؟ -پەرمانمۇ ئورۇنسىزلا شازادەمنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدى-دە دەرھاللا ئەپۇ سوراپ گەپنى بۇرىدى .
  -ھەي ، شازادەم ، نىماندا چىچىلغاق بوپ قالدىڭ –ئۇلار كونا تۇنۇشلاردىن بولغاچقا ئادەتتە سەنلىشەتتى – بۈگۈن قانداق كۈن يادىڭدا باردۇ ؟
  -بۈگۈن ؟ - شازادەم ئويلاپ تۇرۇپ قالدى ،- بۈگۈن يەكشەنبىغۇ ؟
  -شۇ يەكشەنبە ، لىكىن قانداق كۈن ، ئوبدان ئويلاپ باقە ؟-دىدى پەرمان شازادەمنىڭ كۆزىگە قاراپ .
  -بىلمىدىم ؟ قانداق بۈگۈن بىرە ئالاھىدە كۈنما ؟
  -مانا ئاداش ، كوممونىزىمدا جاپا يوق ، قىزچاقلاردا ۋاپا دەپ –دىدى ياسىن خوندا – مۇشۇنداق چىرايلىق قىزلار بۈگۈنكىدەك كۈننى ئەجەپ تىزلا ئۇنتۇپ كىتىدىكەن دىسە ، ماڭا قايلىسىلا خىنىم ، بۈگۈنچۇ ما ئاغىنىمىز پەرماننىڭ تۇغۇلغان كۈنى ، سىلىنىڭكىدىن نەق بىر ئاي 10 كۈن بورۇن ، ھەقىچان ئۆزلىرىنىڭكىنى ئۇنۇتمايلا ، ھەپتە قالغاندا ،ئۇچۇر يىزىپ كىتىلا پالان يەدە ئولتۇرىمىز دەپ ، بىزنىڭكىنى ئۇنتۇيلىدە مۇشۇنداق .
  -ۋاي ما كاللامنى –دىدى شازادەم پىشانىسگە يەڭگىللا ئۇرۇپ – پەقەت يادىمدا يوق ، خاپا بولما ھە پەرمان ، ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىمەن دەپ ئۇنتۇپ كىتىپتىمەن ، مەن ناماقۇل . پەقەت خاپا بولما جۇمۇ .
  -ھە ، قۇرۇق تەكەللۇپنى قوياپ ، ماڭمايلىما ، سورۇن تەييار بولۇپ قالغان ، ئون گۈلىمىزنىڭ بىرى بولغان جانابى شازادەم خىنىم يوق ، ئاتايىتەن ئالدىلىرىغا كەلدۇق .
  -ئاللاھ ، مىنىڭ ئەتە ئىمتىھانىم بارتى ؟ تىخى تەييارلىق قىلمىغانتىم .-دىدى شازادەم ئوڭايسىزلىنىپ .
  -ماڭا قايلىسىلا خىنىم ، سىلىنى كىچە تۇتۇپ قالمايمىز ، شۇ سورۇنغا بىرىپ ، بىردەم تاماق يىگەچ مۇڭدىشىپ ،ئاندىن ھىلىقى ھەبىبەتتى تۇيۇ نى (تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى) ئوقۇۋىتىپ ، بىر پارچىدىن تورت يەپ ، ما ئاغىنىمىز ئۈمرىنى ئۇزۇن ئاشۇ يۈز ياش بولسۇن ، بەختىنى نۇرلۇق قۇياش بولسۇن دەپلا يىنىپ كىلىمىز ، بىزنىڭمۇ ئىشىمىز بار خىنىم .-دىدى ياسىن خوندا قوللىرىدا ھەرخىل شەرەتلەرنى بىللە قىلغاچ .
  -ئۇنداقتا ، بەك كەچ قالمايدىغاندىمىز ؟-دەپ سورىدى شازادەم.
  -ياق ، جىق ھايال بولمايمىز ،بارىمىز يانىمىز ، شازادەم بارمىغان سورۇنلا ، ۋاي خىنىم ، قانداقمۇ قىزىپ كەتسۇن ، ماڭسىلا خىنىم – ياسىن خوندا ئوڭ تەتۈر ناخشا توۋلاپ ،شازادەم بىلەن پەرماننى كۈلدۈرۈپ پەرمانننىڭ توغۇلغان كۈن سورۇنىغا ئېلىپ كەتتى .
  ياسىن خوندا شەھەردە ئانچە مۇنچە ئۇششاق تىجارەت قىلاتتى . بىردەم موتسىكلىت ئىلىپ ساتىدۇ ، بىردەم مىۋە-چىۋە،كۆكتات بازارلىرىدا دىھقانلارنىڭ ئېلىپ كىرگەن ئۆرۈك ، شاپتۇل ، ئانار ، قۇغۇن ،تاۋۇزلارنى دىھقانلارنى شىلاپ ،ئەينولۇق قىلىپ ئەرزان ئېلىۋىلىپ ، ئاندىن بازار ئىچىلىشىغا يىقىن شەھەردىكى پارچە ساتىدىغانلارغا ، تاغام ئۆز قولى بىلەن تىرىغان قۇغۇن بۇ ، ھىچقانداق ئوغۇت ئىشلەتمىگەن ، ئۆزىمۇ تىخى ئەتىگەن ناماز بامداتتىن كىيىن ئۈزۈپ كەلگەن دەپ ماختاپ كۆپتۈرۈپ قىممەت سىتىپ نەچچە سائەتتە تۈگىتىۋىتىپ يىنىپ چىقاتتى ، ئۆزىمۇ گەپكە ئۇستا ، ئىشقا چىۋەر بولغاچقا ھەتتا تونۇمايدىغان ئادەملەر بىلەن خۇددى قەدىناسلاردەك مۇڭشىپ كىتەتتى .
  بىر قىتىم يىڭىشەھەردىن بىر دىھقان بىر ھارۋا ئۆزى تېرىغان شوخلىنى بازارغا ئەكىردى . ياسىن خوندا ئۇنىڭ شوخلىسىنىڭ راۋۇرۇس ھەغدادىغا يىتىپ پىشقانلىقىنى كۆرۈپ سېتىۋالماقچى بولۇپ دىھقان بىلەن ئۇدۇللا كۆرۈشتى .
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارىكا ، قانداق سالامەت تۇلىما ، تىژلىقما ، ئۆي ئىچى باللا تىژلىقتۇ ، خان ئاچىمىز سالامەتمۇ يا ؟
  -تىژلىق بالام ،تىژلىق ، ئۆزلىرىمۇ تىژلىق تۇدىلا ؟
  -تىژلىق قارىكا ، يەنە شۇ شوخلا تىرىپلىدە بۇ يىل ، خىلى ئوخشىغاندەك قىلامدۇ ؟
  -ھە ، بالام ، بىر مو پارنىكىمغا تىرىغان ، يامان ئوخشىدى بۇ يىل .
  -ھە ، ئوبدان بولاپتۇ قارىكا ، راس ئاڭلىسام بۇ يىل مەلىدە پارنىكقا ساپلا شوخلا تىرىپتۇ ھە ؟
  -شۇ ، بالام ،ھۆكۈمەتتىن بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇردى ئەمەسما .
  -ھە ، قايلىسىلا تۈنۈگۈنمۇ بىزنىڭ مەلىدىكى ئابدۇقادىركامنى بىلىلا – ئەمەلىيەتتە بۇ ئادەمنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلەيتى – شۇمۇ شوخلا تېرىدىمۇ يا ، تۇققانلىرىنىڭكىنى ئىلىپ كىردىمۇ ؟
  -ئاۋۇ ياربىشىدىكى ئابدۇقادىراخۇنما ؟ ئۇنىڭمۇ بىر تاختا پارنىكى بار ئەمەسما .
  -ھە دەل شۇ ئابدۇقادىركام ، قايلىسىلا ،ھىلىقى شوخلىسى سىلىنىڭكىگە ئوخشايدىكەن دىسىلە ، ما بازاردىكى بىدىكلەرنىڭ كۆزى چۈشۈپتىكەن ، ئەرزان سوراپ تۇرىۋالدى ، ئۇ ئادەممۇ قاتتىق جاھىل ئادەمكەن ، ئۇ سورىغان باھاغا بۇ بەرمىدى ، بۇنىڭ نەرخىنى ئۇ سۇندۇرۇپ دىمەيلا ..
  -ھە ..ھە..
-شۇنىڭ بىلەن ئاخىرى ئاچچىقىدا ، ھە قاسىڭغا بەگىچە ، ئىلىپ كىتىپ خوشنا خۇلۇملىرىمغا بىكاغىلا بىرىپ شۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالامىنا دەپ چىكەتكىلى تەمشەلدى ، شۇنداق قارىسام نەق شۇ بىزنىڭ مەلىدىكى ئابدۇقادىركامكەن ،شۇڭا ئىچىم ئاغرىپ دەرۋازىنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ ، شوخلىسىنى ئۆزى دىگەن نەرخىغا ئىلىپ ، پۇلىنى ساق بىرىپ ئۆيىگە يول سىلىپ قويدۇم ، ئەمدى بىدىكنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا قارىكا ئۆزلىرىمۇ بىلىلا بەك تۆۋەن سورايدۇ ، تىخى 100 كوي بىرىپ قالغىنىنى كەچتە ئىلىۋالسىلا مەنمۇ سىتىپ بولۇپ پۇلىنى بىرىمەن دەپ بىچارە دىھقانلارنى بەك بوزەك قىلىۋىتىدۇ ، دىھقانلا يا قىممەت ساتالماي ، ئەرزان سىتىپمۇ پۇلىنى ئالالماي ، كەچ كىرگىچە ئاپتاپتا كۈيەپ ۋاي ئۇنى بىر دىمىسلە قارىكا ، ئەمدى شۇ بىر مەلىلىك بولغاندىن كىيىن بولاپتۇ دەپ ئىلىپ قويدۇم قايلىسىلا .
  -ئوبدان قىپلا بالام ، خۇدايىم بەخت ئامەتلىرىنى بىرە ، ئۆزلىرىمۇ مەرت ئوبدان بالىكەنلا .
-شۇ قارىكا ، ئەمدى بۇ شەدە ھەممە يۇرتنىڭ ئادەملىرى باركەن قايلىسىلا شۇڭا ئەمدى ئۆز يۇرتلۇق ئۆز يۇرتلۇقىغا ھامىي بولمىسا قانداق بولىدۇ دەيمەن .
  -شۇ ،شۇ بالام توغرا دەيلا .
  -قاندا ما شوخلىغا خىرىدار كەلدىمۇ يا ؟
  -ياق تىخى ئەمدى كىرىشىم مىنىڭمۇ .
  -ھە ، خىلى ئوخشىغاندەك قىلىدۇ ، قانداق سودىسىنى قىلىپ قۇيايمۇ ؟
  -مەيلى بالام ، ئۆز يۇرتلۇمغا قالغىنى ياخشى .
  -ھە ، قانچە پۇل بەرسەم بولا بۇنىڭغا ، بازار نەرخى قىلاي دىسەم ھىلى بىدىكلەر كىرىپ بازارنى ئالاڭ قىلىدۇ دىسىلە .
  -بەرگەنلىرىنى بىرەلە بالام ، مىنىڭمۇ تولا سالا قىلىش ، تالىشىش بىلەن خوشام يوق ، دىھقان ئادەم يىرىمدىن چىققان شوخلا بۇ بالام ، ماڭا زىيان بولسا شۇ گۇڭ زىيان بولىدۇ .قادىرانغا بەرگەندەك بىرەلە يا .
  -ئەمدى قادىكامنىڭكىنى بىدەكلەر ئىككى كوي يىگىرمە پۇڭ ، ئۇتتۇز پۇڭ دەپ باھا ئىيىتپ ،ئىككى كوي ئەللىك پۇڭدىن زىم ئۆرلىمىدى ، مەن ئەمدى يۇرتلۇقۇم دەپ ئۈچ كويغا ئىلىۋەتتىم ، شۇ ئەكەلسەم بىدىكلە باھانى ئىككى كوي سەكسەن پۇڭ قىلىپ قۇياپتىكەن ، زىيىنىغا سىتىپ چىقىپ كەتتىم ، بولاپتۇ ،زىيان بولسا ماڭا بولسۇن ، دىھقانلىرىمغا بولمىسۇن،دىدىم ، ئەمدى سىلىنىڭكىنى نەچچە پۇل قىلسام بولا .
  -بولدى بالام ، گەپنى كىسىلى ئىككى كوي ئاتمىش پۇڭلا بەسىلە بالام .
  -ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ ، قارىكا ، سىلىمۇ ئاز ئەجىر قىلمىدىلا ، دورا ئالغانلا ، ئوغۇت ئالغانلا ،سىلىنى ئۇنداق زىيان تارتقۇزسام بولمايدۇ دەيمەن . مۇنداقلا بولسۇن تۈنۈگۈنكى نەرخمۇ ئىككى كوي سەكسەن پۇڭتى شۇنىڭغا ئالاي ، يا ئىزىغا ساتامە ، يا خۇدايىم بىرىپ قالسا بىرە نان تىپىپ يەمە ، قانداق قارىكا ، خوپ كىلەمدۇ يا .
  -بولدى بالام ، سىلىگە بەرمەي كىمگە بىرىتىم ئالسىلا .
-ماقا ، قارىكا ، نان تەگسۇنما ؟خۇدايىم بەركىتىنى بىرە قارىكا ، سىلى دادامغا ئوخشاش ، مۇشۇ چوڭلار كىچىكلىگە قىلغان ئىجاۋەت دەيدىكەن ، بىر دۇئا قىلىپ بەرسىلە قارىكا .
-خۇدايىم ئىمان –ئىنساپلىرىنى زىيادە قىلسۇن بالام ، سودىلىرى يۈرۈشۈپ كەتسۇن ،ئامىيىن ئاللاھۇ ئەكبەر - دەپلا شوخلىرىنى بىر مۇنچە رەھمەت ھەشقاللا،دۇئالار بىلەن ياسىن خونداغا سىتىۋەتتى .ياسىن خوندا دىھقاننىڭ پۇلىنى بىرىپ يولغا سىلىۋىتىپ ، چىرايلىق ، قىپقىزىل شوخلىلارنى پەرلەپ تىزىپ تۇرىشىغا ئۇنىڭ كونا چۆپقەتلىرى كەلدى .
  -ياسىناخۇن ، شوخلىنىڭ ئىپى بارغۇ ئاداش .
  -ھە ، ئاداش ،يۇرتتىن پارنىك قىلىپ قويغان ، ئۆزەم تىرىغان شوخلا دەڭلا .
  -ۋاي قاچاندىن بىرى دىھقان بولۇپ كەتتىڭلا ، كۈندە شەھەردە كۆرىمەنغۇ سىلىنى ؟
  -ئەمدى كەچكىچە پارنىكتا شوخلىنىڭ قۇڭىغا قاراپ تۇرمايمىز ، پەرۋىش ۋاقتىدا بىرىپ ئىككى كۈن قىلىۋىتىپ قالغىنىنى تۇققانلارغا تاشلاپ يىنىپ كىلىمىز ئەركەك ، كەچكىچە يەرگە قاراپ ئۆتسەك شۇ يەرگە يەم بولغۇچە قارايمىز .
  -ھە ، ماندا دەڭلا ، نەچچىدىن ساتتىڭلا ؟
  -ئەمدى ئاداش ،ئىشەنسەڭلا بايىدىن نەچچە خىرىدار كىلىپ سوراپ كەتتى ، سىلىنى چوقۇم كىرىدۇ دەپ ساتمىدىم ، نەچچىسى بەش كوي بىرەيمۇ دىدى ، كام بولا دىسەم بەش كوي ئەللىك پۇڭمۇ دىدى ، ئەمدى ما شوخلا يامان ئوخشىدى ، ئۆزەڭلىمۇ كۆرىۋاتىسىلە ، خەققە يالغان دىسەكمۇ سىلىگە نازلىنىپ يۈرمەيمىز ئاداش ، ئالساڭلا بەش كويلا بىرىڭلا، بولمىسا ، ئەمدى سىلىدىن كۆڭۈل خاتىرجەم بولسا، باشقىلارغا ساتىمەن .
  -ئەرزانراق بىرەسىلە ئۇنى ؟
  -ئەزان دىدىڭلىما ئاداش ؟
  -ھە ، بىز دىگەن كونا چۆپقەت تۇرساق .
  -ھازىر ئاداش ، مۇشۇ شەھەرنىڭ ھەممە يىرىگە بىرىپ باقتىم ئەرزان دەيدىغان نەرسە بىرلا يەردە باركەن ، نەدە باركەن بىلەمسىلە ؟
  -نەدە باركەن .
  -مەسجىد بەش ۋاخ ئەزان باركەن ،باشقا يەردە ئەرزان قالماپتۇ جۇما ھازىر.
  -ما ئاداشنىڭ گىپىنى نىمە دەيدىكى دەپتىمەن-خىرىدار كۈلۈپ كەتتى .- ئەكەڭلا ئاداش تۆت كوي ئەللىك پۇڭدىن بىرىڭلا ، ما پۇلنى ساناقلا .
  -ئادىش ، سىلىنى كىلىدۇ دەپ بەش كوي ئەللىك پۇڭغا بەرمىدىم مانى ، پۇل دىگەننى تىپىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ ، ما كۆڭۈل دەيدىغان نەرسە بار ما يەردە .
  -يا ئاللاھ ياسىنجوون ، جىڭ ئوغاۋالىدە سىلى مانا ، ئاندا يىرى بولاپ قالسا مەيلى جۇما ، ئادەم ئەتكەنگە تازىم ئىتىدىغان ئەكەكلە بىز .
  -ما گىپىڭلا بىر بۇرۇتى بار ئەر كىشىگە ئوخشىدى مانا . ئەمدى سىلى بىلەن بىز ئۆز ئاداش ، مەن دىگەنگە سىلىمۇ ئالماڭلا ، سىلى دىگەنگە مەنمۇ بەرمەي ، تۆت كوي سەكسەن پۇڭلا بىرىڭلا ، بازارنى ئايلانساڭلىمۇ ،بازارنىڭ بىرى بار دەڭلا ، قانچىلىك ئالىسلە .
  -مۇشۇندا يەرلىرىڭلىنى ئارزۇلايمىزدە ، ياسىنجان ، ئەكەڭلا ھەممىنى ، ما پۇلنى ساناقلا .....
  ياسىن خوندا ئەنە شۇنداق گەپكە ئۇستا ،ئەينو بولغاچقا ، مەيلى قەدىناس ئاغىنىسى بولسۇن ،ياكى يىڭى تونۇشقان ئاغىنىسى بولسۇن ،ئۇنىڭ بىلەن بىر قىتىملا مۇڭداشسا ئىچەكىشىپ كىتەتتى .
  ئۇنىڭ خوندا دىگەن لەقىمىنىڭ كىلىپ چىقىشىمۇ دەل ئاشۇ گەپدانلىقىدىن بولغان . بىر قىتىم ئۇ موتسىكلىت بىلەن ئالدىراپ كىتىۋىتىپ بىر خوندا ماركىلىق ماشىنا بىلەن سوقۇشۇپ كەتتى ، موتسكىلىنىڭ ئالدى چاقى ماشىنىنىڭ كەينى ئىشكىگە ئۇرۇلغاچقا ئىشىك ئىچىكە ماكچىيىپ كەتكەن ئىدى ، ماشىنىنىڭ ئىگىسى پەيلىنى بۇزۇپ چۈشىشىگە ، ياسىن خوندا ئۇنى تۇنۇيدىغاندەكلا قىزغىن سالاملىشىپ كەتتى .
  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،ھاجىمكا ، سىلىمىتىلە ، قانداق ئەۋاللىرى سالامەت تۇردىلىما ، يا.. ما تەقدىرنى ،سىلىنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىزدەپ تاپالماي ، ئەمدى ماندا كۆرۈشۈپ قالغىنىمىز قىززىقتە ؟ يا يەنە شۇ تىجارەت بىلەن ئالدىراشمۇ يا ؟- ياسىن خوندا ئۇنىڭ تەققى تۇرقىدىن ،بايلارچە سالاپەتنى ھىس قىلىپ شۇنداق دىگەن ئىدى .
  -ھە ، شۇ تىجارەتلەر بىلەن ئىچكىرىدىتىم ، نەچچە كۈن بولدى چىققىلى .
  -ئاينا  مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ، قانداق تىجارەتلەر ياخشىدۇ ھاجىمكا ، سىلىنى يوقلاپ بارىمەن دەپمۇ بارالمىدىم ھاجىمكا ، كۆڭۈللىرىگە ئالمىسىلا ، ئەينى چاغدا سىلى بىزگە جىق ياردەملەرنى قىلغان ،بۇنى تىخى ئۇنتۇپ قالغىنىم يوق ، ئەمدى بىر ئىشنىڭ ئىپى سىپىنى بىلىپ ، ئانچە مۇنچە تىرىكچىلىكنىڭ كويىغا چۈشۈپ تۇرسام ، دادام تۈگەپ كىتىپ قالدى ، ھاجىمكا – ياسىن كۆزلىرىنى ئىيتىشقا باشلىدى – شۇنىڭ بىلەن بۇ يىتىمچىلىكتە ئۆيدىكى ئۇلاغلىنى سىتىپ موتسىكلىتتا كىراكەشلىك قىلىپ جاھاندارچىلىق قىلاي دەپ ما موتسىكلىتنى يىنىمدا بارى يوق پۇلغا ئاران سالا قىلىپ ئىلىپ مىنىپ كىتىۋاتسام ،سىلىگە بۇنداق ئۇچراپ قىلىشىمنى نەدىن بىلدىم ھاجىمكا ؟
  -ھە ، داداڭ تۈگەپ كەتتىما ، رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن ، كۆڭلۈڭنى يىرىم قىلما ئۇكام ،سەن ھىلىقى كونا قۇدۇقتىكى ساۋۇراخۇنكامنىڭ ئوغلىمۇ يا ؟
  -ھەئە ، ھاجىمكا ئۇنتۇپ قالما ياخشى .
  -ياق ، ئۇكام مەنمۇ ئوخشاتتىم ، نەچچە يىل بولدى ،ئۇ تەرەپلىگە ئۆتەلمىدىم ، مۇشۇ جاھاندارچىلىق دەپ .
  -ھەي ، جىنىم ھاجىمكا ، لىكىن دادام رەھمەتلىك دائىم گەپلىرىنى قىلىپ بىرەتتى ، سىلىمۇ ئەينى چاغدا بىزگە قاراپ تۇرماي ئوبدانلا ياردەم قىلغان ، مەنمۇ ئەمدى بىر قايتۇرامەن دىسەم ، يىتىمنىڭ ئاغزى تاماققا تەگسە بۇنى قاناپتۇ دەپ ما ئىشىنىڭ قايلىسىلا ،جىڭ ئاشۇ ئاش بەرگەنگە مۇش بەردى دىگەندەك ئىش بولدى دىسە ھاجىمكا .
-ۋاي بۇ نىمە دىگىنىڭ بۇ ئەبگا ماشىنا بۇزۇلسا نىمە بوپتۇ ، رېمونت قىلسا بولىدۇغۇ ،ماڭا قارا ئۇكام جان بولسا جاھان دەيدۇ ، بوپتۇ ئۇكام بالا قازا مۇشۇنىڭ بىلەن كىتە ، پۇلغا كىلىدىغان نىمە بۇ ، سىنىڭ موتۇرۇڭ بىر نىمە بولمىغاندۇ ؟ تۇتە ما پۇلنى بۇزۇلغان بولسا رىمونت قىلىۋال ، لىكىن ئاستا مىنگىن جۇما – دىگەچ ياسىنغا ئىككى يۈز كوي پۇلنى ئۇزارتتى .
  -ياق ھاجىمكا ، سىلىنىڭ قىلغانلىرىنى قايتۇرۇپ بولالمايۋاتسام ،يەنە بۇنداق قىسىلىرى مەن قانداق خاتىرجەم بولالايمەن ، ھاجىمكا، ھىلىمۇ ئاز ئاتىدارچىلىق قىلمىدىلا .
  -بولدى ، بولدى ، سەپ قوي يىنىڭغا ، لازىم بولىدۇ .
  -ئۇنداقتا قانداق بولا ھاجىمكا ؟
  -ئالە ،ئالە .
  -راس ھاجىمكا ، نومۇرلىرىنى ئالماشتۇرىۋەتتىلىمۇ ، ئۆتكەن ئۇرسام ئىلىنمىدى .
  -قايسىنىڭغا ئۇرغان ؟
  -ئىچكىرنىڭ نومىرىغا .
  -ھە، ئۇنى قايتىپ كەلسەم جىق ئىشلەتمەيمەن .
  -ھە ، ئەمىسە ھىلىقى قەشقەردىن بىجىرگەن نومۇرنى ئىشلىتەملا ؟
  -ھە شۇنى ئىشلىتىمەن ، ئىش بولسا تىلفۇن قىلاسە ئۇكام ، ماقۇل ، مەنمۇ ئالدىراش ماڭغان ، يەنە كۆرىشەمىز ، ئۆيلەرگە بار بىكار بولساڭ .
  -سىلىمۇ كىلىپ تۇرسىلا ئۆيگە ، دادام رەھمىتى ھايات چىغىدا سىلىنى بەك ماختايتى .
  -رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولسۇن . ماقۇل ، مەنمۇ بارىمەن . خۇداغا ئامانەت ئەمىسە .- ماشىنا ئىگىسى ياسىننىڭ بۇ تۇنۇش ئاھاڭدا دىگەن گەپ سۆزلىرىدىن ئۇنى بىرسىگە ئوخشاتتىمۇ ، ماشىنىسىنى تۆلىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن تىخى موتسىكلىتىڭنى ئوڭشات دەپ پۇل بىرىپ كىتىپ قالدى ، ياسىن بولسا قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ، ئۆزىنىڭ بىردەمدە ئويلاپ تاپقان ھەييارلىقنىڭ غەلبىسىنى ئىلىپ كىتىپ قالدى . ياسىن بۇ ئىشىنى دوسلىرىغا ئاجايىپ قىززىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى ، بەزىلىرى ئىشەنمەي دىسىمۇ ،ئەمما ياسىننىڭ ئەينولىقى ، ھەييارلىقىغا قاراپ ئىشەنمەيمۇ تۇرالمىدى .شۇندىن تارتىپ يىپيىڭى خوندا ماشىنىنىڭ ئىشكىنى ئىزىۋىتىپمۇ پۇل تۆلەش تۈگۈل ، ھەييارلىق قىلىپ ئىگىسىدىن پۇل ئالالىغان بۇ ئەينوغا ياسىن خوندا دەپ لەقەم قويۇلۇپ قالدى .
  پەرمان بولسا قول ئىلىكىدە بار ئائىلىدە چوڭ بولغان بالا، كىچىكىدىن ئاتا-ئانىسى بىر تاللا ئوغلۇم دەپ ئەركىلىتىپ چوڭ قىلىپ قويغان ئىدى ، ئۆزىمۇ ئويۇن قىپى بولغاچقا مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقالمىدى . شۇنىڭ بىلەن دادىسى ئۇنىڭ تولۇقتىنلا ئاجرىتىپ بالىسىنىڭ تەلىپى بويىچە شەھەردىن ئەپچىلغىنا كىيىم-كىچەك دۇككىنى ئىچىپ بەرگەن ئىدى ، ئەمما بۇ ھاكاۋۇر بايۋەتچە سودىمۇ ئەپلەشتۈرۈپ قىلالمايتى ، تەلىيىگە بىر سورۇندا ياسىن خوندا بىلەن تونۇشۇپ قىلىپ ئۇنى داۋاملىق دۇككىنىغا چاقىرىپ مۇڭدىشىدىغان،سىردىشىدىغان بولدى ،ئەمەلىيەتتە پەرمان ياسىن خوندانىڭ سودىغا ئىپى بار ،گەپدانلىقىنى پەملىگەچكە دۇككانغا خىرىدار كىرسە باھانى ئىيىتپ قۇيۇپ ، ئاندىن ياسىن خونداننى پۈتۈشتۈرگىلى سالاتتى . ياسىن خوندا بىلەن يىڭى تۇنۇشقان مەزگىللىرىدە بىر كۈنى ئۇنى دۇككىنىغا چاقىرىپ كەلدى . ئىككەيلەن بىردەم ئەھۋاللىشىپ ،جاھاننىڭ پاراڭلىرىنى قىلىپ ئولتۇردى ، ئاندى دۇككانغا بىر قىزچاق كىرىپ ، تۈركىيە پاسۇن تىكىلگەن كاستيۇم-بورۇلكىنى سورىدى :
  -ما كاستۇمنى قانداق ساتتىڭىز ؟
ياسىن خوندا كۆزلىرىنى ئوينۇتۇپ سۆزلىدى :
  -قانداق ساتىدۇق خىنىم، باھاسىنى ئەرزان قىلىپ ، سىلىدەك پەرىزاتقا خىنىملارغا ئىتىبار قىلىپ ، مال نوچى بولغاندىن كىيىن چوڭ سۈپەت ئولتۇرۇپ ، پۇلىنى نەق ئىلىپ ، نىسىدىن نىرى قىچىپ ساتتۇققۇ .
  -ھە ، شۇنداما ، نەچچە پۇلغا بىرەلە بۇنى ؟
  -خىنىم خەق بولغان بولسا 4000 كويلا دەيتۇق ، ھەقىچان بۇنى ئوغۇل دوستلىرىغا سوۋغا قىلىدىغاندەك تۇرىلا ، ئاشۇ ئاقكۆڭۈل ،سالاپەتلىك يىگىتلىرى ئۈچۈن بولدى 2500 كويلا بەسىلە .
  -خاتالىشىپ قالدۇقمۇ يا ، بۇنى كۈيئوغۇلغا  ئالماقچى ؟
  -نىمە ؟ كۈيئوغۇلغا ؟ خىنىم سىلى توي قىلىپ بولدىلىما ؟ توۋا ئادەم سەت ئەمەس ،كىيىم سەت دەپ ، ما قىزبالا ، قونچاقتەك تۇرۇپ توي قىلىپ بولدۇم دەيدىيا ، خىنىم قارىسام 17 كىرگەندەك تۇرىلا ،چاقچاق قىلمايۋاتقانلا .
  -ياقەي ، مەن 26گە كىردىم ، توي قىلغىلىمۇ  3 يىل بولاي دىدى .
  -يا ، خىنىم ئانىلىرى قولىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان خىنىمكەنلا ، بولدى ، ئاشۇ بەختلىك ئائىلىلىرى ، ۋاپادار يولداشلىرىنىڭ يۈزى 2000 كويغا ئالسىلا ، بىزمۇ چۈپەي باللا ئەمەس .
  -ئەزانراق بولماسمۇ ؟ 1000 كوي بەمەيما ؟
  -خىنىم ئەمدى كاستۇمنى ئىلىپ ئىشتاننى ئىلىپ بەرمىسلە ، بولماس ، ئەلىرى مىيىپ ئەمەستۇ ئۇنداق قىلىدىغانغا ؟
  -ۋاي ، ياق ،ئەمدى ئەرزانراق بىرىڭلا .نەق ئاشۇ ساتىدىغان يەرنى دىسىلە؟
  -توۋا خۇدايىم . كۆمەيۋاتاملا خىنىم ،كىيىمنى نەق مۇشۇ يەردە ،مۇشۇ دۇكاندا ساتىمىز ئاپپاق خىنىم ، مۇشۇ سىلىدەك چىرايلىق خىنىملارغا مۇشۇنداق ئەرزان بىرىمىز بۇنى ، ئەگەر بىرەسى كۆيئوغلۇمغا دەپ كىرسۇن ، 2500 كويدىن موچەن كام ساتمايمەن .
  -1500 كويغا بىرىڭ ، كەلسە ئالاي بولمىسا مەيلى .
  -ماڭا قايلىسلا خىنىم ، يەنە ئازراق  قوشماملا ؟
  -كام بولا .
  -ئەمسە ئامال يوق ، خىنىم ، بەرگىلى بولمايدۇ ، بازارنى ئايلىنىپ باقسىلا ، ئەمدى بازارنىڭ بىرى مۇشۇ شۇ ، قىنى بۆلەك يەرگىمۇ بىرىپ باقسىلا ، ھەممە يەردە سىلىدەك چىرايلىق خىنىملارغا بىزدەك ئىتىبار قىلىۋەرمەيدۇ . قالغىنى كۆڭەللىرى خىنىم ، ئەمدى زورلاۋەرسەم ئالماس ماتا زورلاپ ساتامىكى دەپ قالمىسىلا . ھە راس ئاداش ، ما كاستيۇمدىن 2 قالدىمۇ – ياسىن كۆزىنى قىسقاچ پەرمانغا قاراپ قويدى.
  -كاللاڭ ساقمۇ يا ، تۈنۈگۈن بىرىنى ھىلىقى ئايالغا سېتىۋەتتىڭغۇ ؟
  -ھە راس ، ھىلىقى كۆيئوغلىغا ئالغان ئايالغا دە ،ئۇنتۇپ قاپتىمەن . راس خىنىم مانىڭدىن مۇشۇ بىرسىلا قاپتۇ ، قانداق ، ئەلىرىگە خوپ كىلەمۇ يا ؟ ئەمدى خوپ كەلمىگەن كىيىمنىڭ سودىسىنى قىلىپ لاۋزىلىشىپ قالماي- ياسىن خوندا ئۇ قىزنىڭ ئالىدىغانلىقى مۆلچەرلەپ ئۇنى قىزغاندۇرۇپ قەستەن دەۋاتاتتى .
  -كىلىشىغۇ ئوبدانلا كىلەتتىكەن ، ئەمما بەك قىممەت باھا قۇيىۋالدىڭلا .
  -ئەمىسە ئامال يوق ، خىنىم ، رىزىق دىگەن ھەر كىمنىڭ ئايرىم ، خۇدايىم سىلىگە بۇيرىمىغان ئوخشايدۇ ، بولاپتۇ ،يا ماۋۇ باشقا پاسوندىن ئىلىپ بىرەملا يا ، ئەرزانراق بىرەي .
  -زادى كەلمەسما 1500 كويغا ؟
  -خىنىم ، قىرىققا چىدىغان قىرىق بىرگىمۇ چىدايدۇ ، بوپتۇ ،ئەگەر ئالىمەن دىسىلىرى داداڭ بازا ، ئاناڭ بازا ،1800 كوي ، ئەمدى كېمى يوق .
  -1600 كوي بىرەي ، سىلىپ بەرسىلە .
  -خىنىم كېمى يوق دىدىم .
  -ماقا 100 كوي قاتاي ، بولغاندۇ ؟
  -كەم بولا .
  -بەسىلە ، سىلىمۇ ئۇنداق گىجىڭلىق قىلماي .
  -ئەمدى خىنىم ، بۇ سودا دىسىلە ، ئەمدى بىرە يىرىم نان گىژدە پايدا قىلمىسا تىجارەت قىلىغۇچە يەر چانايمىز خىنىم .
  -ئەمىسە مەيلى رىزقىم چۈشمىگەن ئوخشايدۇ ، باشقا يەرنى كۆرۈپ باقاي .- قىزچاق چىقىپ كەتكىلى تەمشەلدى . پەرمان بولدى ساتايلى دىگەن مەنىدە ياسىن خونداغا بىشىنى لىڭشىتتى ، ياسىن خوندا قىزچاقنى چاقىردى .
  -بوپتۇ خىنىم ،ئالسىلا ، ئەلىرى خوش بولۇپ قالسۇن ، ئەكىسىلە پۇلنى .
-بايىتىنلا شۇنداق دىمەي ، ئادەمنى ئۇسسۇتۇپ .
-شۇ خىنىم بىرە بوتۇلكا سۇنى بولسىمۇ پايدا ئالامىزمىكى دەپ قىلىمىز تىجارەتنى – پەرمان كىيىمنى قاتلاپ قىزچاققا سونۇپ بەردى . ياسىن خوندا قىزنى ئۇزاتقاچ :
  -خىنىم ،باھا تالىشىشقا بەك ئۇستىكەنلا ، قولاقلىرىنىمۇ ئۆزلىرى تىشىۋالغانمۇ يا ؟
  -نىمە ؟
  -دەيمىنا ، قاپاق تىرەكتەك ئىككى ئەركىشىنىڭ سالاسىنىمۇ يىمەي ،دىگەنلىرىگە ئالدىلا دىسە ، سودىغا چىڭ خىنىمكەنلا ، ئەلىرىنىڭ بەختى كەپتۇ جۇما ،سىلىدەك قىز بالا يا مەن شورپىشانىگە ئۇچرىمىدى ، بولمىسا جىنىمنى تويلۇق قىلىسىمۇ قوش قوللاپ بىرىپ ئالىتىم جۇما .
  -ئۇچراپمۇ قالا ، سىلىمۇ بوش بالا ئەمەسكەنلا – قىزچاق كۈلۈپ دۇككاندىن چىقىپ كەتتى . پەرمان ياسىنىڭ مۆرىسىگە ئۇرغاچ :
  -ئەركەكتە مانا سەن ، بىردەمدە 900 كوي پايدا ئالدۇق مانا ، كەچتە بىر مىھمان قىلمىسام سىنى .
  -ۋاي ئاداش ، نىمە تەكەللۇپ قىلىسەن ، كىمگە بولسا ئوخشاشقۇ ، ئەل ئاغىنە دىگەن شۇنداق بىرە سوداڭنى كىلىشتۈرۈپ قويمىساڭ ، سەي قورۇپ يەمدۇ ئاغىنە دىگەننى – دىدى ياسىن خوندا كۈلۈپ تۇرۇپ .
  شۇڭىمۇ پەرمان ياسىن خوندادىن سودا قىلىشىنى ، گەپ قىلىشنى ، ھىچ بولمىسا قىزىق ،ھەزىل پاراڭلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇنى يىنىدىن ئايرىمايتى ، ئاساسەن ھەركۈنى دىگىدەك بىللە بولاتتى ، ياسىن خوندامۇ كۈندۈزلىرى توپ بازىرىدا ياكى ھەپتە بىر كۈن بولىدىغان موتسىكلىت بازارلىرىدا ئەتتىگەندىلا سودىسىنى قىلىۋىتىپ بىكار بولۇپ پەرماننى ئىزدەيتى ، ئىشقىلىپ بۇ ئىككى ئاغىنە بىر بىرىدىن ئايرىلمايدىغان قەدىناسلاردىن ئىدى ، پەرمان ئاتا-ئانىسىمۇ ئۇنى ياسىن خوندادىن سودىدىنىڭ ئىپىنى ئۆگەنسۇن دەپ ئۇلانى ئۆز مەيلىگە قۇيىۋىتەتتى،ياسىننىمۇ ئۆز كۆرەتتى . ياسىن خوندامۇ پەرماننىڭ ئۆيىگە ئۆز ئۆيىدەك ئەركىن كىرىپ چىقىپ تۇراتتى .
  پەرمان كىچىكىدىن ئەركە چوڭ بولغاچقا ، ئويۇنچى ئىدى ، شۇڭا كەچلىرى دىسكوخانا ، بەزمىلەرگىمۇ بىرىپ ئويناپ يۈرەتتى ، ئەمما ھاكاۋۇر بولغاچقا چىرايلىق قىزلارنى كەلتۈرەلمەي ، سەتىنى ياراتماي يۈرەتتى ، ئەمما ياسىن خوندا بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن ياسىن خوندا ئەينولۇقى ،شوخلۇقى بىلەن بارغانلا دىسكوخانىلاردا قىزلار بىلەن تۇنۇشۇپ ، بىللە ئويناپ يۈرەتتى ،بۇ پەرمانغا بەك ياققان ئىدى . شۇڭا داۋاملىق دىسكوخانىلارغا بارسا ياسىن خوندا يىنىدىن ئايرىلمايتى .
  بىركۈنى ئۇلار قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئەتراپىدىكى دىسكوخانا ئالدىدا تۇراتتى . پەرمان زىرىكىپ ياسىنغا :
  -ئاداش ،مۇشۇ كۈنلەردە دىبادا ساپلا كونا ماللار تۇرىدۇ دىسە ، ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىپ ، يىڭى يىڭى ماللار قاچانمۇ كىلە – ئۇنىڭ مال دىگىنى ساتىدىغان ھاراق ،شاراپ ياكى دادۇر پۇرچاق بولماستىن بەلكى دىسكوخانىلارنىڭ دائىملىق ئۈلپەتلىرى بولغان قىزلار ئىدى .
  -شۇ ئاداش –دىدى ياسىن خوندا جاۋابەن –ئەمدى تەتىل قىلىپ كىلىۋاتىدۇ بۇ تومۇچۇق توشقانلار ، يىڭى ئوقۇغۇچىلارمۇ كىلىدۇ يىقىندا ئاڭغىچە كونا بولسىمۇ ئىچى پۇشقى دەپ يۈرمەمدۇق .-ياسىننىڭ گىپى تۈگىمەيلا چىرايلىققىنە بىر قىز ئۇلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدى ، پەرمان ياسىن خونداغا :
  -ھەي خوندا ئاۋۇ قىزنى تونۇمسەن ؟
  -ياق ، نىمە بولدى ،سەن تونۇمسەن ؟
  -مەنمۇ تۇنۇمايمەن ،كاساپەت ھەجەپ چىرايلىقكىنا ، تۇنۇشۇپ قالغان بولساق بۈگۈن تازا ياشايدىكەنمىز . ھەي ، بىر قۇشۇق ھەسەل بىلەن يۇتىۋالغىدەكلا قىزكەن دىسە .
  -ۋوي ، تۇنۇشقۇڭ بولسا بىرىپ تۇنۇشساق بولىدىغۇ ؟
  -نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش باركەن . ئەگەر سەن بىرىپ تۇنۇشۇپ تاماققا ئەمەس ، تىلىفۇن نومىرىنى سوراپ كىلەلىسەڭ بولدى ، 500 كوي بىلەن ئۈتىشىمەن ، ئەگەر تاماققا تەكلىپ قىلىپ ،رېستۇرانغا ئاپىرالىساق قانداق پۇل خەجلىسەك مانا مەن پەرمان تۆلەيمەن.
  -ئاداش پو ئاتما ، بىكا يانچۇقۇڭ قۇرۇقدىلىپ كەتمىسۇن .
  -بولدى ،ئەركەك ، بىرىپ ئەكىلە شۇ قىزچاقنى .
  -مەن بارىمەن ، ئاداش تىلىفۇن نومىرىنى سوراپ كىلىش %200تاماققا ئاپىرىشىم %150 قانداق ،ئۆتەشتۇقما ؟
  -ئەكە ،قولۇقنى . – ياسىن بىلەن پەرمان ئۆتۈشۈپ بولۇپ ،ياسىن مانا ھازىر كۆرىسەن دەپ يولنىڭ قارشى تەرىپىگە قاراپ ماڭدى –دە ،يولنىڭ ئوتتۇرىغا كىلىپ ھىلىقى قىزچاقنى چاقىردى.
  -ھوي خىنىم ، قايلاپ ماڭىلى ؟- قىزچاق توختاپ ياسىنغا قارىدى ۋە جاۋابەن :
  -مىنى چاقىردىڭىزما ؟
  -ھە ، سىنى چاقىرماي كىمنى چاقىراتتىم –ياسىن خۇددى قەدىناسلاردەك ئۇنى سەنلەپلا چۈشتى –ما يەرگە بىر كىلە .-قىزچاق ياسىنغا قاراپ ئۇنى ھىچ ئىسىگە ئالالماي سەل نازلىنىپ تۇرۇپ قالدى .
  -گىپىڭىز بولسا كىلىپ دىمەمسىز ، بىر كۈنلۈك يەردىن توۋلىماي .
  -ۋۇجۇ ، ما خىنىمنى ، تۆت كۈن كۆرمىسەك ھال تارتىدۇ دە، ماقا خىنىم ، مەن باراي ، سىلىدەك خىنىملارنىڭ ئالدىغا بارامىزمىكى دەپ ماڭمىساق بۇ يولنى، نىمە قىلىمىز دەيمەن بۇ پاچاقنى –ياسىن خوندا قىز تەرەپكە قاراپ ماڭدى .قىزچاقمۇ ئۇنىڭغا قاراپ يىقىنلاشتى .
  -ھە ، بەك ئالدىراشمۇ يا ، يوقاپ كەتتىڭ ، يا ئىزدەپ قويمايدىكەنسە ئادەمنى ، سىغىندۇرۇپ ئۆلتۈرەي دىگەنمۇ يا ؟
  -ۋاي ،شۇ ئىمتىھان دەپ ئالدىراشچىلىق .
  -ھە ، راس تىلفۇنۇمنى يۈتتۈرۋىتىپ دىمەيسە ، بىر مۇنچە دوسلۇرۇم بىلەن ئالاقە قىلالمىدىم دىگىنە ،سىنىڭ نومۇرۇڭمۇ يۈتتى ،شۇڭا مەنمۇ سىنى ئىزدىيەلمىدىم ، راس نومۇرۇڭنى بىر دەپ بىرە.
  -ۋاي ،مەنمۇ كونا نومۇرۇمنى ئالماشتۇرىۋەتكەن ، ئىمتىھان ۋاقتىدا ھىلى ئۇ تىلفۇن قىلىپ ،ھىلى بۇ تىلفۇن قىلىپ دەيسەن .
  -ھە ، يىڭى نومۇرۇڭ نەچچە بولدى ؟ -قىزچاق ياسىنغا نومۇرىنى دەپ بەردى .-قانداق ئىمتىھانمۇ تۈگەپ قالغاندۇ ؟
  -ھەئە ، تۈگىدى .
  -ئەمىسە نەگە ماڭغان ئالدىراپ ؟
  -شۇ تاماق يەپ كىلەي دەپ ماڭغان ،چۈشمۇ بوپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناشتا قىلماپتىكەنمەن .
  -ھە ، مۇنداق دە ، بۈگۈن بىر يىقىن ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىتى ، مەنمۇ تىخى شۇنىڭ بىلەن تەبرىكلەي دەپ تۇرغان ، يا ،ياخشى مىھمان تاماق ئۈستىگە دەپ سىنىڭ ئۇچراپ قالغىنىڭ قىززىق دە .
  -ۋاي ،راسما ؟
  -راس بولماي ، يۈرە بولدى ، تاماقنى بىللە يەيلى .
  -قانداق بولا ؟
  -ياخشى بولىدۇ ، تۈزۈت قىلماي ماڭە بولدى .
  -مەن يا ئۇ ئاغىنىڭىزنى تونۇمىسام .
  -مەن بارغۇ ، ئۆزۈم تونۇشتۇرۇپ قۇيىمەن ساڭا .ماڭە بولدى ، كەتتۇق.
  -ھىم ، بوپتۇ ماقۇل .
  -ھە راس ، ئىككىمىز بىر جۈپ ئۇ گۇي تاق قالسا بولماس ، بىرە ئاغىنەڭ بارمۇ يا ، بىللە چاقىرۋالايلى ، بولمىسا سەنمۇ ، مەنمۇ ، ئۇمۇ قورۇنۇپ قالمىسۇن.
  -توختا ھە ، -قىزچاق يانفونىنى ئىلىپ دوسلىرىغا تىلفۇن قىلدى .
  -ۋەي ، ئالىيەما ، قانداق ئاداش ئەۋالىڭ ؟ ۋاقتىڭ بارمۇ يوقمۇ ؟بۈگۈن بىر دوستىمىز توغۇلغان كۈنىتى شۇڭا سىنىمۇ كىلىپ قاتنىشىپ بىرەمىكى دىگەن ، سەن ياتاقتىما ، ئەمىسە دەرۋازىنىڭ ئالدىغا كىلە ، بىز شۇيەردە ساقلايمىز .
  -ئەجەپ چىرايلىق ئىسىمى باركەن ئادىشىڭنىڭ ، ئالىيە دەپ ، ئۆزىمۇ چىرايلىقمۇ يا ؟
  -يا ئاللاھ ،چىرايلىق بولسا قانداق قىلىتىڭ ، ۋۇ بۇزۇق .
  -بۇزۇق دىيىشىنى مانىڭ ، سەن تۇرساڭ ئۇنى قانداق قىلىتىممەن ، ئاۋۇ ئاغىنىمىز پۇلدار بايۋەتچە دىگىنى ئوقۇر سەل ئىگىز .
  -شۇنداما ؟ ئۇ دەل ئاشۇ ئوقۇر ئىگىزلەرنىڭ خىلى .
  -مۇشۇندا يەرلىرىڭگە ئاشۇ، كوچا بولمىغان بولسا چوكۇلدۇتۇپ سۆيىۋەتسەم نىمە بولا ؟
  -ۋىيي قىلىن ،بىزەڭ ،داپشاق .
  -ۋاي ۋاي ، چاقچاق قىلىپ قويدۇم . چاقچاق.
  -شازادەم-قىزچاقنىڭ دوستى ئۇنى چاقىرغان ئىدى ، شۇ بانادا ياسىن خوندامۇ ئەمدىلا تونۇشقان بۇ يىقىن دوستۇنىڭ ئىسمىنى بىلىۋالغان ئىدى.
  -ھە ،ئالىيە ، نىمىش قىلىۋاتقانتىڭ ، نىمانداق مىسىلداپ چۈشىسە.
  -ۋاي ، شۇ ئاداش چىچىمنى تاراپ بولالماي .-دىدى ئالىيە ئۆزرە ئىيتىپ.
  -ۋاھ ۋاھ –دىدى ياسىن خوندا – چاچلىرىڭ سۇمبۇلە ، قاشلىرىڭ ھىلالە،كىرپىكلىرى تال تال ، لەۋلىرىڭ جىنەستە، ئاھ گۈزەل ئالىيە ، نىمىدىگەن گۈزەل قىز سىز .
  -ۋاي ،شائىر يىگىت ، ئىلھاملىرى تۇتۇپ قالدىغۇ – دىدى شازادەم دومسۇيۇپ .
  -بۇنداق گۈزەل قىزنى كۆرۈپ تۇتمىغان ئىلھامنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۋىتەمىنا ، شۇنداقمۇ ئالىيە .
  -ۋاي ، بەك قىزىقچىكەنسىزغۇ ، بەكلا ئاشۇرۋەتتىڭىز –ئالىيە قىززىرىپ كەتتى .
  -شازادەم ، ماڭايلىما ، دوستۇم ساقلاپ كەتتى – دىدى ياسىن خوندا شازادەمگە – بولمىسا كەچ بولۇپ كەتمىسۇن .
ياسىن ،شازادەم ، ئالىيەلەر بىللە پەرماننىڭ يىنىغا قاراپ ماڭدى. پەرمان بۇ ئەينونىڭ بىردەمدە ئىككى قىزنى توغۇرلاپ بولغىنىغا ئىشەنگۈسى كەلمەي تۇرۇپ قالدى . -يامان ھىلىگەردە بۇ كاساپەت ، قاراپ تۇرۇپ 2000 كويغا زىيان سالىدىغان بولدىدە ، بوپتۇ چىدىغانغا چىقارغان .-پەرمان كۆڭلىدىن ئۇلارنى نەگە ئاپىرىپ ،قانداق مىھمان قىلىشنى ئۆتكۈزمەكچى ئىدى.
  -مانا بۇ ئاغىنەم – ياسىن پەرماننى قىزلارغا تۇنۇشتۇردى – شەھرىمىزدىكى پەرمان بايۋەتچە ، شۇنداقلا مىنىڭ يىقىن ئاغىنەم بولىدۇ ، ئەمدى بۇلار بولسا، شەھرىمىزنىڭ تولۇنئاي بىلەن ، چولپان يۇلتۇزلىرى ، ئالىيە ھەم شازادەم .- ياسىن خوندا ئۇلارنى تونۇشتۇرۇپ بولۇپلا پەرمانغا قاراپ :
  -بۈگۈن ئاغىنەم پەرماننىڭ قوتلۇق توغۇلغان كۈنى ، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن يىقىن دوستلار ئۆز ئارا ئولتۇرماقچى ئىدۇق ، ئەمما ،بايا دەل مۇشۇ يەردە شازادەم ئاسماندىن چۈشتىمۇ ،يەردىن ئۈندىمۇ ، يا جىن ئەپقىچىپ كەلدىمۇ ، غايىپتىن ئۇچراپ قالدى ، شۇڭا بىز بۈگۈنكى دوستلار يىغىلىشىنى قەدىناسلار يىغىلىشى قىلىشنى ئويلۇشۇپ ئىككى ساھىبجامال ، ۋە ئىككى مەرد يىگىت بىللە مۇڭداشقاچ تاماق يەيلى دىگەن مەقسەتتە ئىككى پەرىنى چاقىردۇق ، قانداق ، ئىككىلىرىنىڭ مەيلى بارمىكى ؟
  -ۋاي ،بولمامدىغان ، ئاتايىتەن بەش چاقىرىم يەردىن تونۇۋىلىپ چاقىرۋاتسىلىرى ، ياق دىسەك چىرايلىق تۇرماس – دىدى شازادەممۇ ياسىن خوندانىڭ پەدىسىگە تەڭكەش قىلىپ .
  -ئەمىسە ،پەرمانجان ، نەدىرەك ئولتۇرايلى .-ياسىن خوندا پەرماندىن سورىدى.
  -نە بولسا بولىۋىرىدۇ .
  -ئەمىسە ،ئاداش مۇشۇ قىزچاقلارغىمۇ ،بىزگىمۇ تازا خوپ كىلىدىغان بىر يەر بار ، ئۇ يەرنى ھازىر تىخى ئاچمىدى ، شۇڭا ئەڭ ئاۋال بىرە ئاشخانىغا بىرىپ قورساقنى ئەستەلىۋىتىپ ،ئاندىن بىرە تورخانا بولامدۇ ،ياكى باغچا بولامدۇ بىرە يەرگە بىرىپ بىر ئىككى سائەتنى بوغۇزلايلى ،ئاڭغىچە ھىلىقى سورۇنىمىزمۇ تەييار بولۇپ قالىدۇ ، قانداق پەرمان ، شۇنداق قىلامدۇق.
  -مەيلى ئاداش ، بۈگۈن سەن بىلەن مەن ساھىبخان ئاداش ، ئۆزۈڭ بىلىپ ئورۇنلاشتۇرىۋە.
  -ئەمىسە ماڭدۇق .
  ئۇلار بىر تاكىسىغا چۈشۈپ ئاشخانىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى . بۇ شازادەم دىگەن قىزچاق بولسا دەل ئايقەمەرنىڭ ياتاقدىشى ھەم ساۋاقدىشى ئىدى ، ئالىيە بولسا شازادەمنىڭ يىقىن ئاغىنىسى ، ئويۇن دىسە بۇ ئىككىسى جىنىنىمۇ تىكىدۇ ، دەرس دىسە بىشى ئاغرىيدۇ . شازادەم ئويۇنخۇمار بولغاچقا ئۇنىڭ باشقا مەكتەپلەردە ، جەمئىيەتلەردىمۇ تونۇشلىرى كۆپ ، ھەتتا نەچچە ئاغىنىسى بار بۇنى ئۇ ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ ، شۇڭا بايا ياسىن خوندا ئۇنىڭ خۇددى تۇنۇشلاردەك چاقىرغىنىدا ، گەر ئۇنى تونۇمىسىمۇ بىراۋلارغا ئوخشۇتۇپ سالاملاشقان ئىدى ، ئەمما ھەييار ،گەپدان بۇ خوندانىڭ ھىيلىسىگە ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا دەسسىگەنىدى .
  ئۇلار شەھەر ئىچىگە جايلاشقان بىر پاكىزغىنە ئاشخانىدا تاماق يەۋاتاتتى ، ياسىن خوندانىڭ ئاغزى گەپتىن توختىمايتى ، ئۆزىمۇ گەپنى قىززىق ، جانلىق قىلغاچقا ئاڭلاۋاتقانلارمۇ زىرىكمەي ئاڭلايتى .ھەتتا پو ئاتسىمۇ ئىشەنگىدەك دەرىجىدە ئاتاتتى . قىزلارمۇ بەزىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كىتەتتى .
  -بىر كۈنى قايلاڭلا –ياسىن خوندا پو ئاتقىلى چۈشتى – بىر ئاغىنەم بىلەن كۆرۈشىدىغان جىددى ئىش چىقىپ قىلىپ ، موتونى بوراندەك ھەيدەپ كىتىۋاتسام ، ئالدىمغا ساقچى ئۇچراپ قالماسما ، چاتاق بولدى ، ئەمدى قانداق قىلامە دەپ كىتىپ بارسام ، ساقچى مىنىلا تۇساۋاتمامدا ، شۇنىڭ بىلەن توختۇدۇم .ساقچى كىلىپ سالامدىن بىرنى قىلىپ كىنىشكە دەيدۇ ، شۇنىڭ بىلەن تەمتىرىمەيلا :
  -ئاكا ، بۇنداق جاپا تارتىپ ئىشلىگىچە ،ئۆيلىنىپ ، چىرايلىق بالىلىرىڭنى باقساق بوممامدۇ دىسەم ،-ئۇكام ، چوڭ بالام سەككىزگە ،كىچىكى بەشكە كىردى دەيدۇ ، ھوي توۋا دىگىنە ئاكا ، سەن تىخى توي قىلىپ بالا تىپىپ بولدۇڭما ، ئەقىلگە سىغقۇدەك گەپ قىلساڭ دىسەم ، شۇ ئۇكام مەن كىچىك كۆرىنەمدىكەنمە .دىمەسما ، ھە ، ئەمدى ئويۇننىڭ پەيزى چىقتى دەپلا ، ئەمسە توي خېتىڭنى ئالە دىسەم ، ئۇكام توي خىتى دىگەننى دائىم يىنىدا كۆتۈرىۋالىدىغان نەرسە ئەمەس ، توي خەت بولمىسىمۇ توي قىلغۇنۇم راس تۇرسا مىنىڭ ، توي خېتى يىنىدا بولمىسا توي قىلمىغان ھىسابلىنامدۇ ؟  دىمەسما ، خۇدايىم ئۆزى يولۇقتۇرۇپتۇ سىنى ماڭا دىدىم-دە ، ئۇغۇ شۇ ئاكا ، مۇشۇ پراۋىنى يىنىدا ئىلىۋالماي موتو ھەيدەش ، ھەرگىزمۇ پراۋىسى يوق دىگەنلىك بولماس ھە، بۇ خۇددى سىنىڭ توي خېتىڭنى ئېلىۋالمىساڭمۇ ،توي قىلىپ بولغۇنۇڭنىڭ راستلىقىدەك بىر ئىش-دە بۇ . دىسەم ھىلىقى ساقچى كۈلۈپ كىتىپ ،- سەن بەدىبەخ ئەتىگەتىن مىنى كولدۇرلىتىۋىپتىسەندە ، خەپ ، بولاپتۇ ، گەپكە يامانكەنسە، بۇ قىتىم مەيلى ،ئەمما كىلەر قىتىم ماڭا ئۇچراپ قالما جۇما – دەپ مىنى كەتكۈزىۋەتتى .
  سورۇندىن كۈلكە ئاۋازى ياڭرىدى ، ھەتتا قىزلارمۇ ئۈنلۈك كۈلۈپ سالغىنىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى ، پەرمان بولسا كۈلىۋىرىپ كۆزىدىن ياش چىكەتتى .
  -ۋاي ،ما خوندانى نىمە دەيدىكى دەپتىمەن ، توۋا ، نەدىكى ئادەم ئويلىمىغان گەپنى قىلىدىغان خوندا دە بۇ . ۋاي ۋاي ....
  ياسىن خوندا سورۇننىڭ قىززىغىنى كۆرۈپ پەرماننى ئاتاپ يەنە بىر چاقچاق قىلدى .
  -مۇشۇ پەرمانچۇ ، قايلاڭلا –قىزلار ياسىن قىززىق پاراڭلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىردەم ئۇنىڭغا بىردەم پەرمانغا قارايتى ، پەرمان بولسا مىنى بىر زاڭلىق قىلىۋالىدىغان بولدىدە دەپ ، ماۋۇ ئىككى قىزنىڭ ئالدىدا ئىناۋەتنى مەنتەڭ قىلمىسا مەيلىغۇ ، خەپ خوندا خەپ ، ھىلى بۇلارمۇ كىتە ،ئۆزەڭنى بىلىپ دەسە دەپ تەشۋىشلىنىپ تۇراتتى –بىر قىتىم باشقا ناھىيەدىكى ئاغىنىسنى يوقلاپ كىلەي دەپ ، ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىتىپ بارسا ،يولدا بىر ئايال ئۇچراپ قاپتۇ ، ئەمدى ئۇ قىش ۋاقتى بولغاچقا ھىلىقى ئايال يۈزىنى رومىلىدا ئىتىۋاپتىكەن ، بۇ ئاداش ، ئىچى ئاغرىپ بارار يىرىگىچە ئىلىۋالاي دەپ ماشىنىسىغا سىلىۋاپتۇ . ئەمدى بىر مۇڭدىشاي دەپ تۇرىشىغا ساقچى ئۇچراپ قىلىپ دىمەيسىلە ، بۇنى توساپتۇ ، ئەمدى بۇ شەخسىي ماشىنا ،كىرا قىلدىمۇ مۇسادىر ياكى 15000 كوي جەرىمانە ، شۇنىڭ بىلەن ماشىنىنى يولنىڭ چىتىدە توختۇتۇپتۇ ، ساقچىمۇ كىلىپ چىرايلىق سالامدىن بىرنى بىرىۋىتىپ سوراپتۇ :
  -نەگە ماڭغان ؟
  -ئۆيگە .
  -كىرا قىلدىقمۇ يا ؟
  -ۋاي ، ياق . ئايالىم بۇ .-ساقچى شۇنداق كەينىگە قارىۋىتىپ :
  -راس ئايالىڭما ؟
  -ھەئە ، راس ئايالىم ، ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان خوتۇن بۇ سوجاڭ .
  -راس ئايالىڭ ؟ نىكاھلاپ ئالغان ؟
  -ھەئە ،راس دەۋاتىمەن سوجاڭ . راسلا ئايالىم .
  -ئەمىسە ، راس ئايالىڭ بولسا كىتىۋىرە ئۇكام ، خۇدايىم بەختىڭنى بىرىپتۇ –دەپ كەتكۈزۋىتىپتۇ . پەرمان شۇنىڭ بىلەن ئۇف ھەنىم بولسا ئاسانلا قۇتۇلۇپ كەتتىم دەپ ئويلاپ خوشال كىتىۋىتىپ ، ھىلىقى ئايالدىن نەگە بارىدىغانلىقى سوراي دەپ كەينىگە شۇنداق قارىشىغا دىمەيسىلە ؟
-ھە- قىزلار ياسىننىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ تۇراتتى .
-شۇنداقلا قارىسا ،ھىلىقى ئايال 60،70 ياشقا كىرىپ قالغان مۇمايكەن دەڭلا.
  -ھا..ھا..ھا – ھەممەيلەن قاقاقلاپ كۈلۈپ كىتىشىتى ،ھەتتا كۆزلىرىدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى .پەرمانمۇ ئىچىدە نەچچىنى خەپ دىدىيۇ ئەمما ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا كۈلۈپ كەتتى .
  -خەپ خوندا ، ئەجەپ مازاق قىلىۋالدىڭ ھە ، خەپ توختاپ تۇر ، بىزگىمۇ كىلىپ قالا بىرە مۆرىتى ، شۇ چاغدا كۆرىسەن .
  ئۇلار ياسىننىڭ قىزىق چاقچاق ،پاراڭلىرىنى ئاڭلاپ تاماقنى يەپ بولۇپ ئاشخانىدىن قايتىپ چىقتى ، ئۇلار چىقىپ تاكسى توساي دىگىچە يامغۇر يىغىپ كەتتى .
  -ۋاي ،خۇدا ما ھاۋانىڭ سەتلەشكىنىنى قارا –دىدى پەرمان ئاسمانغا قاراپ شىكايەت قىلىپ .
  -ھەي ، ئاداش ، مۇشۇ يامغۇرنىڭ نىمىشقا ياغقىنىنى بىلەمسە ؟-ياسىن پەرماندىن سورىدى.
  -ۋاي ، تاڭەي ، ساراڭ ھاۋا بولدىغۇ بۇ ، ئەتتىگەن بىر ئوبدانلا كۈن چىققان بىردەمدە چىرايى بۇزۇلدىغۇ ؟
  -سەن بىلمەپسەن ، قىزچاقلار سىلەر بىلدىڭلارمۇ ؟ نىمىشقا بۇ يامغۇر يا كەچ ياغماي ، يا ئەتىگەن ياغماي ھازىرلا ياغىدۇ ؟
  -بىلىمدۇق .
  -مەن سىلەرگە دىسەم ، سىلەردەك چىرايلىق قىزلارنىڭ بىز بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئاسمانمۇ ھەسەت قىلىپ ، بۇلۇتلارنىڭ شۆلگىيى ئېقىۋاتىدۇ دەيمەن .
  -ۋاي ، ما ياسىنجان نىمانداق  ئادەمنى خىجىل قىلىدۇ دەيمەن-دىدى ئالىيە نازلىنىپ.
  -ۋاي ، گەپ قىلما ئاداش ، يەنە بىردەم تۇرساق بىزنى خانىش ئايىم ، خان ۋالىدە بۈزرۈكۋارمۇ قىلىۋىتىدۇ بۇ خوندا .
-ئۇنداقتا مىنى كاڭشى خان قىلىپ قويغۇدەكتە بۇ خوندا .-دىدى پەرمانمۇ ئۇلاپلا.
-ياقەي ، سىنى كاڭشى خان ئەمەس ، خې شېن قىلىۋەتىمىنا . يا بولمىسا بۇ ئىككەيلەن ھىلىقى كورىيەلىك كۇڭجۇ ،يۇڭجۇ قىلىپ ئىككەيلەن ، پاك تەپتىش بىلەن ، پاك كېفىڭ بولىۋالامدۇ يا؟
  -ھا..ھا..ھا – ئۇلار يەنە كۈلۈپ كەتتى ، بىر تەرەپتىن ياسىنىنىڭ ھەزىل پاراڭلىرى ، يەنە بىر تەرەپتىن ،شازادەم ،پەرمانلارنىڭ پاس بىرىشلىرى ئۇلارنىڭ بىر كۈنلۈك كەيپىياتىنى ئەۋجىگە كۈتۈرگەن ئىدى .ئۇلار تاماقتىن كىيىن بىر تورخانىغا كىرىپ ، ناخشا ئاڭلاپ ، توردا دوسلىرى بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇردى . ئۇلار توردىمۇ ئالاقە قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن كىيۇكىيۇ نومۇرلىرىنىمۇ خاتىرلەپ دوستقا قىتىۋالدى . نەچچە سائەت ئولتۇرغاندىن كىيىن ھەممەيلەن ئاخىرقى سورۇنىغا بىرىش ئۈچۈن ئورنىلىرىدىن تۇرۇشتى .
  ياسىن خوندا ئۇلارنى شەھەردىكى داڭلىق بولغان قويۇن دىسكوخانىسىغا ئېلىپ كەلدى . پەرمان كىچىكدىن ئويۇنچى بولغاچقا ئۇ بۇنداق كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىنىڭ دائىملىق ئۈلپىتى ئىدى ، ياسىن خوندا بولسا ئاشۇنداق مۆرىتى كەلگەندە كىرىپ قۇيىدىغان ، بولمىسا ئۆز ئىشى بىلەن يۈرىدىغان ، ئويۇندىمۇ ، قۇيۇندىمۇ بار ھەممە قازاندا تەڭ قاينايدىغان ، ھەركۈنى بىر ۋاخ بولسىمۇ نامىزىنى قازا قىلماي ،ھەپتىدە جۈمەنى تەرك ئەتمەيتى .
  دىسكوخانىنىڭ ئەمدى ئىچىلغان ۋاقتى بولغاچقا ئادەم شالاڭ ئىدى . بۈگۈن ياسىن خوندا قىزلارغا پەرماننىڭ تۇغۇلغان كۈنى دەپ تۇنۇشتۇرغاچقا ئۇلار تۇغۇلغان كۈن تورتىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى . ئۇلار خالىي بىر ئورۇندا بىر قىز بىر ئوغۇل بولۇپ ئولتۇردى ، ياسىن خوندا باياتىنلا تۇنۇشقان قەدىناس دوستى شازادەم بىلەن ، پەرمان ئالىيە بىلەن بىللە ئولتۇردى ، تورتمۇ كىسىلدى ، ئىچىملىكلەردىن پەرمان پىۋا بىلەن ، ئامرىنو بويرۇتتى –دە ئارقىدىنلار قىزلاردىن سورىدى :
  -خوش خىنىمچاقلار ، قانداق ئىچىملىك ئىچىسىلە ؟
  -بولارغۇ بارغۇ ئاداش ، ئاشۇ ئىسپىرت تەركىبى تۆۋەنرەك قىزىل ھاراق ئەكەلمەمدۇق ؟-ياسىن خوندا گىپىنى دەۋىتىپ قىزلارغا قاراپ كۆز قىسىپ قويدى .
  -ئۆلتۈرەي دەمسەن خوندا ، كىلەر ھەپتە ئىمتىھان بار دەۋاتسا ، ئادەمگە ھاراق ئىچكۈزۈپ ، بىزگە سوغۇق ئىچىملىك بىلەن يىشىل چاي بولسىلا بولدى .-دىدى شازادەم .
  -خىنىم ! –ياسىن خوندا سوزۇپ سوزۇپ تەنە ئارلاش سۆزلەشكە باشلىدى – ما بۈگۈن ئاغىنەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئىككى قەدەھ سوقاشتۇرۇپ بىرەمىكى دىسەك ، نىمانداق گەپ قىلىلا ، ماڭا قايلىسىلا ئىمتىھان دىگەن مەكتەپ جىق ، ئانىمىز بىزنى بىر قىتىم تۇغۇپتىكەن ، يىلدا بىر قىتىملا تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ جۇما ، تولا ئادەمنى لاۋزا قىلمىسىلا .
  -ياق ، ياسىن ، خاپا بولماڭ ، راسلا ئۆگۈنلۈككە ئىمتىھانىمىز بار ، بولمىسا بىرە ئىككى رومكا دىگەننى سىلەر ھۆرمىتىڭلارغا كۆتىرىۋىتىمىز ، بولمىسا بۇ قىتىمقىسى قەرز بوپ تۇرسۇن ، كىلەر قىتىم جازاسى بىلەن قۇشۇپلا ئورۇنلايلى قانداق ؟ -دىدى ئالىيە خىجىل بولغاندەك .
  -ھە ،ئاداش ، بۇلارنىڭ دىگىنىمۇ ئورۇنلۇق – پەرمان سورۇننى كەيپىياتىنىڭ بوزۇلماسىلىقى ئۈچۈن گەپنى ئىلىپ قاچتى – بوپتۇ كىلەر قىتىم بارغۇ بىز ، مانا بۈگۈن ئوبدان تونۇشىۋالدۇق ، كىيىن يەنە ئىزدىشىپ ھال مۇڭ بولىشىمىز ، بوپتۇ بۈگۈن مۇشۇنداراق تەبرىكلەپ تۇرايلى ، قانداق شازادەم ؟
  -يەنىلا پەرمان ئوڭلۇق جۇمۇ ، ما ساراڭ خوندا ئادەمنى چۈشەنمەي ، خاپا بولىشى ، قاپىقىنىڭ سەتلىكىنى بۇ بىر نىمىنىڭ – شازادەم ياسىنغا دومسىيۇپ قويدى .
  -ھە ، بوپتۇ ، بۇ ئاداش بۇنداق دىگەن يەردە ماڭا نىمە قويدى . قىنى ئەمىسە پەرمان ، ئاداش تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن ، ئىشلىرىڭ غەلبىلىك بولسۇن ، ئىلاھىم يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلەسە ، قىنى خوشە !
  -ھوي ھوي ، - شازادەم ياسىن توسۇپ قويدى – ھەي خوندا سەن تەبرىكلەۋاتامسەن ، ياكى قاغاۋاتامسەن ؟
  -ئەلۋەتتە تەبرىكلەۋاتىمە .
  - بۇ قانداق تەبرىكلەش ، ئىلاھىم يۈز ياشقا كىرىپ ئۆلەسە دەپ ، نىمە دىگىنىڭ ئۇ ؟
  - ۋاي بۇ يۈز ياشقىچە ياشاپ نىمە قىلىدۇ ، نىمە دەيدۇ ماۋۇ ، تۆت كۈنلۈك جاھان بۇ ، پەرمان يۈز ياشقا كىرگۈچە مەن تۆت ئۆلۈپ تۆت تىرىلەمە .شۇندامۇ پەرمان ؟
  -رەھمەت ئاداش ، ھەنىم بولسا ئوبدان تىلەك تىلىدىڭ ، بوپتۇ ، دىگىنىڭدەك بولا ، يۈز ياشمۇ خىلى گەپ . قىنى ئەمىسە تۇغۇلغان كۈنۈمگە قاتنىشىپ بەرگەن ھەممىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ، ئۇنداقتا بۇ رومكىنى كۆتۈرۋەتتۇق ، خوشە !
  ئۇلارنىڭ سورۇنى داۋام قىلماقتا ، يىگىتلەر سەل تەڭشەلگەندە لىرىك تانسا مۇزىكىسى قۇيۇلدى .
  -قىنى ئەمىسە ، قىزچاقلا بىر قولدىن تانسىغا مەرھەمەت قىلساق .-ياسىن شۇنداق دىگىنىچە شازادەمنى ئىلىپ ، سەھنىگە ماڭدى ، پەرمانمۇ ئالىيەنىڭ بىلىنى يىنىك تۇتۇپ لەرزان ئوينىماقتا ئىدى .
   ئۇلار شازادەم بىلەن ئەنە شۇنداق بىر تىكىشىش بىلەن ، ھەم ياسىن خوندانىڭ ئەينولىقى بىلەن تۇنۇشۇپ ، قەدىناس ئاغىنىلەردىن بولۇپ قالغان ئىدى . ھەر ئايدا بىرە قىتىم بىللە ئولتۇرۇپ ، دىسكوخانىلارغا بىرىپ تانسا ، دىسكو ئويناپ كىلەتتى .بەزىدە شازادەممۇ ئىچى پۇشسا ئۇلارنى ئىزدەپ بىللە تاماق يەپ كىلەتتى ، كىچىكىدىن ھاكاۋۇر ، چوڭچى بۇ قىز مانا شۇنداق تۇغۇلغان كۈن سورۇنلىرىدىن قالمايتى ، ئەمما ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دوسلىرىدىن قەرز ئىلىپ ، ياكى ئاغرىپ قالدىم دەپ ئۆيىدىكىلەرنى ئالداپ پۇل ئىلىپ قالتىس ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزەتتى. مانا مۇشۇنداق تۇغۇلغان كۈن ، ساۋاقداشلار يىغلىشى دەپ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار دىسكو قاۋاقخانىلاردا ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىنى زايە قىلىپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدىنى ،ئارزۇلۇلىرىنى ، ئەجرىنى  ئۇنتۇپ ئاقىۋەت مەيلى ئوقۇش ، ياكى ئوقۇشتىن كىيىنكى خىزمەت بولسۇن ھەممىسىدىلا زىيان تارتاتتى .
  تىخى بەزىلىرىنىڭ ئارزۇلىرى ياخشى ئوقۇپ ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۈمىدى ئاقلاپ ، ياراملىق ئىختىساس ئىگىلىرى ، ئالىم ، كارخانىچى بولىدىغان ئارزۇلىرى مانا مۇشۇنداق سورۇنلاردا ئەستىن چىقىپ كىتەتتى . ئۇلارنىڭ ئوقۇش مەقستى ، كەلگۈسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرى ھاراق رۇمكىلىرىدا چايقىلىپ ، تاماكىنىڭ ئىسىدا توزۇپ كىتەتتى ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ياشلىقتىن ئىبارەت بىباھا گۆھەرنى يوقىتىۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتى ...........

  داۋامى بار....


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 07:36 PM  


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10457
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 07:20:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قنى  ئاخرى  


   مۇشۇنىڭ بىلەنلا   تۈگىدىما ................

شاھزاد

دىھقاننىڭ مۇڭدىشى-كەتمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3572
يازما سانى: 1537
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 16663
تۆھپە نۇمۇرى: 804
توردا: 6597 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-2 07:37:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
axek13999649893 يوللىغان ۋاقتى  2014-8-2 07:20 PM
قنى  ئاخرى  

ياق تىخى ، داۋامى ئىنكاس شەكلىدە داۋاملىق يوللىنىپ تۇرىدۇ .
  داۋامىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز مۇشۇ تىمىدىلا بولسۇن ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KETMEN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-2 10:38 PM  


ھاياتىڭىز ئاق قەغەز ، قىنى نام ئەمىلىڭىزنى يىزىڭ ، ئاللاھ سىزگە قەلەمنى بەردى ، ئەمما ئىسىڭىزدە تۇتۇڭ سىزدە ئۈچۈرگۈچ يوق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش