|
|
|
|
ئەپچىلەمنىڭ ئەرزى بار
سەمىمىي ئەسكەرتىش: بۇ يازما پەقەت مۇسلىنە ھەدەم يوللىغانhttps://uyghur-archive.com/misranim/thread-127719-1-1.html مىسرانىمدا روزا ھېيىتلىق مەشرەپ دېگەن تېمىدىكى ماڭا بېرىلگەن جازاغا قارىتا چاقچاق سۈپىتىدە يوللاندى،شۇڭا باشقىچە ئاڭدا بولۇپ قالايمىقان ئىنكاس يازماسلىقىڭلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈمۈد قىلىمەن، يەنە دېسەم يەنە شۇ ،كۈلەلمىسەڭ ھىجايما، چىچالمىساڭ ئوساما.
جازالاندىم مەشرەپتە . بولۇپ قالدىم شەرمەندە. مەن ئوڭشىلاي دېگەنتىم، قىزلار قالدى بىر سەپتە . ئاڭلىماستىن زارىمنى ، جازالىدى ھۆكۈمران. قوش خوتۇننىڭ دەردىدە، چەكتىم كۈندە دەرت-پىغان. سۆزلىۋالاي دەردىمنى ، قۇلاق سېلىڭ يارەنلەر. مېنى سۇيۇق يىگىت دەپ، تۆھمەت قىلماڭ ئادەملەر. قوشاق قاتسام مۇنبەردە بىردە ياخشى ساز دېدى. سىزدەك تاتلىق شوخ يىگىت، مۇنبىرىمدە ئاز دېدى. كۆڭۈل بەردى قىزچاقلار ، قالدۇرمىدىم رايىنى . يايرىم بولۇڭ دەپ قويدۇم، بولمىسىمۇ تايىنى . رەت قىلغۇممۇ بار ئىدى، تەھدىت قىلدى ئۆلىمەن. ئەي ئەپچىلەم مەن سىزنى، تا ئۆلگىچە سۆيىمەن . قورقۇپ قالدىم قىزلاردىن، جان تەسەددۇق قىلارمۇ، ئۆزۈم تۇرسام خىجىلچان، مېنى كۆزگە ئىلارمۇ. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، كەلدى سۆيگۈ مەكتۇبى. دەپتۇ خەتتە ...ئىللىتار، مۇھەببەتنىڭ ئاپتىپى . ئويلاپ قالدىم بولدىلا، قايتۇرماي شي كۆڭۈلنى . شۇندىن باشلاپ نەچچە رەت، ئالدىم سۆيگۈ گۈلىنى. ساناپ باقسام مۇھەببەت، ئىككى يۈزدىن ئىشىپتۇ. بۇنىڭ خەۋەر ئۇچۇرى ، مەشرەپكىمۇ يېتىپتۇ . ئاق قارىنى ئايرىماي، يالاپ كىردى سەيناغا. كۆپ يار تۇتۇش گۇناھمۇ ، قالدىم ئەجەپ بالاغا . ساقلاپ قالدىم جېنىنى، ياق دېسەملا ئۆلەتتى . بىلسە ئەسلى ئۇ قىزلار، مەن بولغاچقا كۈلەتتى. باگەدىمدە قوش خوتۇن، نامدا بار ئۇ يوق خوتۇن. ئانى تاپتى ئەپچىلنى، گەدىنىدە بار ئوتۇن . ياشلىقىمدۇر شاشلىق دەپ، يۈرۈپ قويغان گۇناھمۇ. ئېپ بەرسەڭلار قوش خوتۇن، قالغانلىرى ئۇنارمۇ . تىشىۋەتتى ئىشىكنى ، ئىككى يۈز قىز قاتىراپ. دەيدۇ خوتۇن ئېلۋاپسىز، بىزلەر تۇرساق رەت ساقلاپ. غەۋغاسىدىن بۇلارنىڭ ، قايناپ كەتتى بۇ بېشىم. ھەل قىلمىسام جايىدا، چاتاق ئىكەن بۇ ئىشىم. غەمگە پاتتىم بىردىنلا، غەمسىز ئىدىم ئەسلىدىن. يول كۆرسىتەر كىم باردۇر، سوراي مۇنبەر ئەھلىدىن. ئەپچىلەم پەلپەتىشلىرى
|
|
|
|
|
|