alenur يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 06:51 PM
قاياس دىگەن نە ئۇ
ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ دائىرىسى ‹‹ غەربتە تىيانشان جەنۇبىدىكى كۇچادىن شىمالدا بالاساغۇننى بېسىپ ئۆتۈپ ، سىر دەرياسى بويىغىچە سوزۇلغان ›› ( قاراخانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى 157-بەت ) مەھمۇد قەشقىرى ‹‹ دىۋان ›› دا بىزنى ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىغا دائىر نۇرغۇن ئىشەنچلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ؛
‹‹ تىللارنىڭ يېنىدىكى ئۇغۇز تىلى ، توغرىسى توخسى ۋە ياغما تىللىرى ، شۇنىڭدەك ئىلى ، ئېرتىش ، يامار ، ئىدىل ۋادىللىرىدىن ئۇيغۇر شەھەرلەرگىچە بولغان جايلاردا ياشىغۇچى خەلىقلەرنىڭ تىللىرىدۇر .›› ( بىرىنچى توم 40-بەت ). ‹‹ تۈرك خەلىقلىرى ياشايدىغان ئۆلكىلەردىكى باشقا بىرمۇنچە دەريا ، ئېقىنلارمۇ ‹ oguz › دەپ ئاتىلىدۇ. ئىلى بىلەن يافىنىچ ۋادىسى ئارلىقىدا چىگرىغا جايلاشقان بىر شەھەرگىمۇ ‹ ئىككى ئۆگۈز› دەپ نام بېرىلگەن .››( بىرىنچى توم 111-بەت ) ئىلى بىر دەريانىڭ نامى . ئۇنىڭ ئىككى قىرغىقىدا تۈرك قەبىلىلىرىدىن ياغما ، توخسى ۋە بىرقىسىم چىگىللەر ياشايدۇ . بۇ دەريا تۈرك ئەللىرىنىڭ جەيھۇنىدۇر. ( بىرىنچى توم 124-بەت ) بۇ ئەسەردە تۈرك خاقانىنىڭ ( بەزى تارىخىي ماتىرىياللاردا غازىكەن ئىسىملىك ئۇيغۇر خاقانى دېيىلىدۇ .) ئىلى دەرياسى بويىدا 12 مۆچەللىك يىل ھېساۋىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق ئىلى ۋادىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ : ‹‹ تۈرك خاقانلىرىدىن بىرى ئۆزىدىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرى بولۇپ ئۆتكەن بىر ئۇرۇشنى ئۆگەنمەكچى بولغان ، بۇنىڭدا ئۇ ئۇرۇش بولۇپ ئۆتكەن يىلنى ئېنىقلاشتا خاتالاشقان . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ خاقان ئۆز خەلقى بىلەن كېڭەش ئۆتكۈزۈپ ، قۇرۇلتايدا مۇنداق دېگەن : ‹... بىز ئون ئىككى ئاي ۋە ئاسماننىڭ ئون ئىككى بۇرجىغا ئاساسەن ، ھەربىر يىلغا ئات قويايلى . بىزدىن كېيىن يىل ھېسابى شۇ يىللارنىڭ ئايلىنىشى بىلەن ھېسابلانسۇن .....› خەلق خاقاننىڭ بۇ پىكىرىنى ‹ شۇنداق بولسۇن › دەپ ماقۇللىغان . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خاقان ئوۋغا چىققان ۋە ھەممە ھايۋانلارنى ئىلى دەرياسىغان قاراپ قوغلاشنى بۇيرىغان . بۇ ناھايىتى چوڭ بىر دەريا ، خەلق بۇ ھايۋانلارنى ئوۋلاپ يۈرۈپ ، ئىلى دەرياسىغا ھەيدىگەن . بىرمۇنچە ھايۋانلار ئۆزلىرىنى سۇغا ئاتقان . ئۇلاردىن ئون ئىككى خىلى سۇدىن ئۈزۈپ ئۆتكەن . ئەنە شۇ ئون ئىككى ھايۋاننىڭ ئىسمى ئون ئىككى يىلغا ئات قىلىپ قويۇلغان . ›› ( بىرىنچى توم 449-450-بەت ). شۇنىڭدەك بۇ ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان بەزى تۈرك (ئۇيغۇر) قەبىلىلىرى ۋە قىسمەن يەر-جاي ناملىرىمۇ بىزنى بۇ جەھەتتىن دەلىل-ئىسپات بىلەن تەمىنلەيدۇ : ‹‹ چىگىل . تۈرك قەبىلىسىنىڭ نامى . بىرىنچىسى بارسىغاننىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى kuyas شەھەرچىسىدە ياشايدىغان كۆچمەنلەر. ›› ( بىرىنچى توم 511-بەت ) ‹‹ يۇلتۇز كۆل . كۇچا بىلەن Kungut ۋە ئۇيغۇر چىگرىسىدىكى بىر كۆلنىڭ ئېتى . ( ئۈچىنچى توم 186-بەت ) ‹‹ قاز . ئافراسياپنىڭ قىزىنىڭ ئېتى بولۇپ ، ‹ قازۋىن › شەھىرىنى ئۇ بىنا قىلغان . بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ‹ قاز ئويۇنى › دۇر، چۈنكى ئۇ قىز شۇ يەردە تۇراتتى ۋە ئوينايىتتى . شۇڭا بەزى تۈركلەر ‹قازۋىن› نى تۈرك ئېلىنىڭ چىگرىلىرىدىن بىر ھېسابلايدۇ . ›› ( ئۈچىنچى توم 204-بەت ) ‹‹ قاز سۈيى - ئىلى دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان چوڭ بىر دەريانىڭ ئېتى . مۇنداق ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى ، ئافراسياپنىڭ قىزى ئۇنىڭ يېنىدا بىر شەھەر بىنا قىلغان . ئۇ ئىسىم ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان . ›› ( ئۈچىنچى توم 206-بەت ) تەتقىقاتچىلار يۇقىرىدىكى ‹‹ قۇياس ›› شەھەرچىسىنى ھازىرقى قورغاس ناھىيەسى دەپ ‹ قاز سۈيى › نى ھازىرقى قاش دەرياسى دەپ قىياس قىلىدۇ . بىز ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن ھازىرقى شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغانلىقىغا دائىر بايانلارنى ئۇيغۇر تارىخچىسى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەرنىڭ ‹‹ تارىخىي رەشىدى ›› ناملىق مەشھۇر ئەسىرىنىڭ ئىنگلىزچە تەرجىمىسىگە بېرىلگەن مۇقەددىمىدىنمۇ كۆرەلەيمىز : ‹‹ دەسلەپكى مەزگىللەردە شەرقتىرەك جايلاردا ، ھېچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى ئىتتپاقى بولغان . بىرى ھازىرقى جۇڭغارىيە دەپ ئاتىلىدىغان جايدا ياشىغان بولۇپ ، نايمان ئۇيغۇرلار ، يەنى ‹ سەككىز ئۇيغۇرلار › دەپ ئاتالغان . يەنە بىرى ئۇرقۇن دەرياسى بىلەن تۇلا دەرياسى ۋادىسىدا ياشىغان بولۇپ ‹ توققۇز ئۇيغۇرلار › دەپ ئاتالغان . توققۇز ئۇيغۇرلار غەربىي جەنۇبقا قوغلىۋېتىلگەن چاغدا ، سەككىز ئۇيغۇرلار كونا ئورنىدا قېلىۋەرگەن . چىڭگىزخاننىڭ دەۋرىدىمۇ ئۇلارنى مۇشۇ جايدا كۆرگىلى بولاتتى . ›› ( ‹‹ تارىخىي رەشىدى ›› ، خەنزۇچە نەشىرى ، 1-قىسىم 106-بەت .)
چىڭسىخوزا : ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيەسىگە قاراشلىق بولغان بىر بازارنىڭ نامى . خەنزۇ تىلىدىكى ئاتىلىشى ‹چىڭ شۈي خى › نامى ‹ سۈزۈك سۇ › نىڭ مەنە تەرجىمىسى . مەھمۇد قەشقىرىنىڭ مەلۇماتىدىكى ‹‹ ساپلىغ قاياس ›› (‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ››، 3-توم 206-بەت ) چىڭسىخوزا نامىنىڭ ئەسلىسى بولسا كېرەك .
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا ‹‹ ساپلىغ ›› سۆزى ساپ ، سۈزۈك ، پاكىز دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. (‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ژورنىلى ، 1987-يىلى 4-سان، 66-بەت ). دېمەك ‹‹ چىڭسىخوزا ›› نامىنىڭ ئەسلىسى ‹‹ سۈزۈك سۇ ›› .
چىلپەڭزە _ ئىلى ۋىلايىتى قورغاس ناھىيەسىدىكى بىر كەنىتنىڭ نامى . بۇ خەنزۇچە نام بولسا كېرەك . بۇ جاينىڭ قەدىمكى نامى ھەققىدە بىر نەرسە دېيىش قىيىن . ئەمما تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا ، مەھمۇد قەشقىرى ‹‹ تۈركىي تىللار دىۋانى ›› دا ‹‹ قارا قاياس ›› دەپ ئاتىغان نام مۇشۇ جايغا توغرا كېلىدۇ . تۈركىي تىللار دىۋانى ›› 3-توم 136-بېتىدە ‹‹ قاياس ›› نامى تىلغا ئېلىنىپ ، بۇ شەھەرنىڭ ئۈچ قورغاندىن تەركىب تاپقانلىقىنى ، بۇ ئۈچ قورغاننىڭ ئۈچىنچىسىنىڭ ‹‹ قارا قاياس ›› ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ . قەدىمكى ۋاقىتلاردا ‹‹ قارا قاياس ›› نامى ‹‹ قارا ئويمان ›› ( ‹‹ ئىلى دەرياسى ›› ژورنىلى ، 1987-يىلى 4-سان، 66-بەت .) دەپمۇ ئاتالغان . ئالدىنقى ئىككى قورغاننىڭ بىرىنىڭ ‹‹ ساپلىغ قاياس ›› _ قورغاس چىڭسىخوزىنى ، يەنە بىرىنىڭ ‹‹ ئۈرۈڭ قاياس ›› _ قورغاس ئاقسۇنى كۆرسىتىدىغانلىقىدەك ئېھتىماللىقىدىن قارىغاندا ، ھازىرقى ‹‹ چىلپەڭزە ›› نىڭ ئورنى مەھمۇد قەشقىرى ئېيتقان ‹‹ قارا قاياس ›› بولسا كېرەك .
مەنبە : ‹‹ شىنجاڭ يەر ناملىرى ئېتمولوگىيىسى ›› ، قۇربانجان ئابلىمىت نورۇزى، پالتاخون ئەۋلاخون .