|
|
|
|
ئاي شارىدىكى ئاشكارىلانمىغان بايقاشلار
ئەسلى ئاپتورى، مەسئۇل مۇھەررىرى: چېن خاۋ
تورغا چاپلانغان ۋاقتى: 2014-7-12
تەرجىمە قىلغۇچى: ئۇيغۇر گراف
(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئىلمىي تەرجىمە ئەسەر)
گەرچە ئىنسانىيەت ئاي شارىغا قەدەم باسقان بولسىمۇ، ئۇ يەردە ‹‹ئايلىق ئادەملەر››نى بايقىمىدى، لېكىن ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى(NASA) ئايغا چىقىشتىن بۇرۇنقى ئالىملار ئېرىشكەن كۆپ يىللىق خاتىرىلەرگە ئاساسەن، ئاي شارىدىكى 597 قېتىملىق غەيرى ھادىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەسىلەن، تۇيۇقسىز نۇر چاقناش، ماگىنېت مەيدانىنىڭ غەلىتە ئۆزگۈرىشى، ئاجايىپ كۆلەڭڭە، نامۇلۇم ئۇچار جىسىمنىڭ ھەركىتى، گئومېتىرىك شەكىللەرنىڭ پەيدا بولىشى ۋە يوقۇلۇشى دىگەندەك. ھالبۇكى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئايغا چىققاندىن كېيىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان نۇرغۇن ئەھۋاللار ئاشكارىلانمىدى.
مۇندەرىجە
1-ئاي شارىدا بايقالغان ئەلئېھرام
2-ئاي شارى بۇرۇن سۈنئى ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىلگەن
3-ئاينىڭ تەتۈر يۈزىدە بايقالغان ئۇچار تەخسە بازىسى ۋە شەھەر
4-ئاي يۈزىدە بايقالغان يېڭى ئىنسانلارنىڭ يالاڭ ئاياق ئىزى
5-ئاينىڭ تەتۈر يۈزىدە بايقالغان ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانى
1-ئاي شارىدا بايقالغان ئەلئېھرام
ئامېرىكىلىقلار 1966-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قويۇپ بەرگەن ‹‹ئاي شارى ئوربېتىسىنى ھالقىسىمان تەكشۈرگۈچ-2›› بەلگىلىك سۈنئى ھەمرا ئاي يۈزىدە ئەلئېھرام(پرامىدا)غا ئوخشاپ كېتىدىغان بەزى قۇرۇلۇشلارنى بايقىدى، ئۇنىڭ شەكلى ۋاشىنگتون خاتىرە ئابىدىسىگىمۇ ئوخشاپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش بۇلۇڭىدا گئومېتىرىيە ئىلمىي ئاساسلىرى روشەن ئىپادىلەنگەن بولۇپ، ئەلئېھراملارنىڭ تىزىلىش شەكلى مىسىردىكى ئۈچ چوڭ پرامىدانىڭ تىزىلىش شەكلى ۋە چوققا نۇقتىسى بىلەن ئوپمۇ-ئوخشاش ئىدى.
2-ئاي شارى بۇرۇن سۈنئى ئۇسۇلدا ئۆزگەرتىلگەن
‹‹ئاپوللو››دىكى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تارتقان ھالقىسىمان تاغلارنىڭ سۈرىتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھالقىسىمان تاغلاردا سۈنئى ئۆزگەرتىلگەن ئېنىق ئىزلار بار. مەسىلەن، گېكىلنيۇ تېغىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر تىك بۇلۇڭ بولۇپ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 25 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ ئۈستىنىڭ ھالقا تېمىدا ئېنىق كۆرۈنىدىغان رەتلىك ئىزلار بار.
ئالاھىدىرەك بولغىنى يەنە بىر ھالقىسىمان تاغ، ئۇنىڭ ئەتراپى خۇددى تۈزلەپ قويغاندەك مۇكەممەل، ھالقا ئىچدىكى گئومېتىرىك شەكىللار سىزىپ قويغاندەك تەپمۇ-تەڭ كۆرۈنىدۇ، ھەمدە چەمبەر ئايلانمىسىنىڭ مەركىزىي قىسمىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ تاغنىڭ يېنىدا يەنە بىر قېيپاش دۆڭ بولۇپ، ئۇنىڭ ھالىتى مۇكەممەل كۇۋادرات شەكىلدە. چاسا شەكىل ئوتتۇرىدىكى كىرىس شەكىللىك سىزىق بۇ كۇۋادىرات شەكىلنى تەپمۇ-تەڭ تۆتكە بۆلگەن.
3-ئاينىڭ تەتۈر يۈزىدە بايقالغان ئۇچار تەخسە بازىسى ۋە شەھەر
1968-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ‹‹ئاپوللو-8›› ناملىق ئادەملىك ئالەم كېمىسىنىڭ قوماندان ئۇچقۇچىسى فراك بوۋمان ۋە ئۇنىڭ ئىككى ياردەمچىسى ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۈزىنى كۈزىتىۋاتقاندا، ئۇچار تەخسىنىڭ پەسلەش جەريانىنى سۈرەتكە ئېلىۋالىدۇ، كېيىن ‹‹مەخپىيەتلىك›› سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت سىرتقا ئاشكارىلانمايدۇ. 80-يىللارغا كەلگەندە ‹‹توڭ ئۇرۇش››(سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى)نىڭ ئېرىشىگە ئەگىشىپ، ئاممىغا ئاشكارىلىنىدۇ، بۇ ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى ئاي پوستىدىن 100 كىلومېتىر ئىگىزلىكتە تۇرۇپ، ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەت ئىدى. بۇ سۈرەتتىن غايەت زور بىر ئۇچار تەخسىنىڭ سول تەرەپتىن تۆۋەنگە پەسلەۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇچار تەخسىنىڭ ھەيدەش بۆلمىسىنىڭ ئەينەكلىرى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈنىدۇ، بۇنداق ئۇچار جىسىم يېقىنقى يىللاردا ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۈزىدە 10 نەچچە قېتىم كۆرۈنگەن. ئۇچار تەخسە قونىدىغان يەر يۈزىدە نۇرغۇن ئېغىر تىپتىكى ئىگىز كىران بار، كىرانلارنىڭ ئىگىزلىكى ۋە تىزىلىش ئارىلىقى ئوخشاش بولۇپ، خۇددى ئايرودرومنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بەلگە مۇنارغا ئوخشايدۇ.
يەنە ئۇزۇنلۇقى 3 كىلومېتىر، ئىگىزلىكى 1500 فۇت كېلىدىغان بىر ‹‹كۆۋرۈك›› بار، ئۇنىڭ ئىككى يېرىدە بايراققا، بىر يېرىدە ئادەم ھەيكىلىگە ئوخشايدىغان نەرسە بار، ئۈچ تال يوغان تۇرۇبا پاراللىل ھالەتتە يانار تاغ ئېغىزىغا تۇتىشىدۇ. يەر يۈزىدە يەنە تىكمۇ-تىك گۈمبەزلەر ۋە شەكلى غەلىتە چاسا شەكىللىك قۇرۇلۇشلار بار. بۇ سۈرەتنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى ئاينىڭ تەتۈر يۈزىدە ئۇچار تەخسىنىڭ ئۇچۇش-قونۇش بازىسىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر شەھەرنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنىمۇ ئىسپاتلايدۇ. بۇ يەنە شىۋىتسە ئالىملىرىنىڭ ئىلىم-پەن ژورناللىرىدا ئېلان قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1964-يىلى قويۇپ بەرگەن ‹‹ئاي شارى-9›› بەلگىلىك ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۈزىدە سۈرەتكە ئالغان ‹‹بىر ئۇچار تەخسە بازىسى ۋە بىر شەكلى غەلىتە قۇرۇلۇشلاردىن تەركىب تاپقان شەھەرنىڭ بايقالغانلىقى››نى كۈچلۈك دەلىللەيدۇ.
ئىۋان سانتوسېن ئىسىملىك بىر سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ئالىمنىڭ قارىشىچە: ‹‹رەسىمدىكى ئايرۇدرۇمنىڭ ئۇچۇش-قونۇش يولىغا ئوخشايدىغان بەلگە مۇنارلاردىن تەركىب تاپقان قۇرۇلۇشلار ئالەم كېمىسىنىڭ ئاي شارىدىكى ئۇچۇش-قۇنىشىغا، ياكى تاشقى پىلانېت ئۇچار جىسىملىرىنىڭ ئاينىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەركىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان بەلگىلەركەن››. سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ‹‹كائىنات›› ژورنىلىنىڭ مۇھەررى ۋېللىس دوكتۇر مۇنداق دەيدۇ: ‹‹سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ زور بايقاشنى ئېلان قىلماسلىقىنى قارار قىلىشىدىكى سەۋەب، دەل ئۆزى ئېرىشكەن ئاخباراتنى باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر››.
ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، 25 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاي شارىدا UFO(نامەلۇم ئۇچار جىسىم)نى ئۇچراتقان، 1973-يىلى NASA تۇنجى قېتىم ئاي شارىدىكى ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن بۇ نەتىجىنى ئېلان قىلغان. NASAنىڭ بىر پارچە مەخپى باياناتىدا ‹‹ئاپوللو››غا ئولتۇرۇپ ۋەزىپە ئىجرا قىلغان 25 نەپەر ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ھەممىسى ئاي شارىدا نامەلۇم ئۇچار جىسىمنى ئۇچراتقان دىيىلگەن. ئامېرىكىلىق ئايغا چىقىش پىلانىنىڭ سابىق مەسئۇل خادىمى ۋېخ برائۇننىڭ قارىشىچە، ‹‹ئاپوللو››نىڭ بىرنەچچە قېتىملىق ئايغا چىقىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانى باشتىن-ئاخىر مەلۇم بىر سىرتقى كۈچنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولغان. 1979-يىلى NASAنىڭ سابىق ئالاقە مۇدىرى مورىس چاد مۇنداق قارايدۇ: ئالەم ئۇچقۇچىلىرنىڭ ئاي شارى ئاسمىنىدا UFOنى ئۇچرۇتىشى ‹‹ئادەتتىكى بىر ئىش››.
4-ئاي يۈزىدە بايقالغان يېڭى ئىنسانلارنىڭ يالاڭ ئاياق ئىزى
خوڭكوڭ(شاڭگاڭ) تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 1969-يىلى ئامېرىكىنىڭ ‹‹ئاپوللو-11›› ناملىق ئالەم كېمىسى تۇنجى قېتىم ئايغا قونغاندا، ئۇچقۇچىلار ئاي يۈزىدە جەمئى 23 دانە ئىنسانلارنىڭ ئاياغ ئىزىنى بايقاپ سۈرەتكە ئېلىۋالغان. ئۆتكەن 27 يىلدا ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇنى باشتىن-ئاخىر مەخپى تۇتقان، تېخى يېقىندا ئۇچار تەخسە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە، بۇ مەخپىيەتلىك سىرتقا ئاشكارىلانغان. ئامېرىكىنىڭ ئاسمان جىسىملىرى فىزىكا ئالىمى كامېرون تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹روشەنكى، ئاي شارىدا بايقالغان ئىنسانلارنىڭ يالاڭ ئاياق ئىزى ئادەمنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ بەزىلەرنىڭ ئاي شارىغا ئامېرىلىقلاردىن بۇرۇن چىققانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ، ئۇنىڭ ئۇستىگە ئۇلار ئالەم كىيىمى كىيمىگەن››.
كامېرون يەنە مۇنداق دەيدۇ: ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ شەك-شۇبھىسىز ئىنسانلارنىڭ ئاياق ئىزى ئىكەن، تېخى بۇ ئىزلارنى قالدۇرغىلى ئۇزاق بولماپتۇ. شۇ نەرسە ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، يەر شارىلىقلار يالاڭ ئاياق ئايغا دەسسىيەلمەيدۇ، توشۇش قوراللىرىغا تايانمىسا ئايغا ئۇچۇپ چىقالمايدۇ، لېكىن ‹‹ئاپوللو-11››دا تۇنجى قېتىم ئايغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىلىرى باشتىن-ئاخىر ئالەم كىيىمى ۋە ئايغا دەسسەش ئۆتۈكى كىيگەن، مۇنداق بولغاندا، ئايدا قالدۇرۇلغان بۇ ئىز ‹‹ يەر شارىلىقلاردىن باشقا بىر ئادەم››نىڭ ئىزى بولغان بولىدۇ.
5-ئاينىڭ تەتۈر يۈزىدە بايقالغان ئامېرىكىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى بومباردىمانچى ئايروپىلانى
1987-يىلى 3-ئايدىكى سوۋېتلىكلەر قويۇپ بەرگەن سۈنئى ھەمرانىڭ فاكس شەكىلدە يوللىغان ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، بۇ رەسىمدە 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكىدا ياسالغان كونا پوسۇندىكى بىر بومباردىمانچى ئايروپىلان بار بولۇپ، ئاي شارىدىكى ئېللىپىسسىمان تاش تاغنىڭ يېنىدىكى بىر ئازگالغا توختۇتۇپ قويۇلغان، ئايروپىلان گەۋدىسىگە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بەلگىسى ئېنىق چۈشۈرۈلگەن، بەزىلەر بۇنى تاشقى پىلانېتىلىقلار يەر شارىدىن ئوغۇرلاپ كېتىپ، ئاي شارىغا يوشۇرۇپ قويغان دەپ قىياس قىلىشقان. ئامېرىكا-سوۋېت ئالىملىرى ئەسلىدە بىر ئالاھىدە ھەركەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بۇ ئىشنى مەخپى تەكشۈرمەكچى بولغان، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سۇنئى ھەمرىيى 1988-يىلى 7-ئايدا قايتا سكاننېرلىماقچى بولغاندا بۇ ئايروپىلان سىرلىق يوقالغان. نام-ئەمىلىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئارىكىلىق مۇتەخەسىس بۇ ئايروپىلاننىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى يوقالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
يۇقۇرىدىكى ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرغاندا، گۇمانلىق نۇقتىلار ئاز ئەمەس. ئايدا ھاياتلىق مەۋجۈد بولمىسا ئەلئېھراملارنى كىم ياسىغان؟ يالاڭ ئاياق ئىزنى زادى كىم قالدۇرغان؟ تاش تامدىن ئىبارەت سۈنئى ئۆزگەرتىشنى كىم قىلغان؟ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئامېرىكىنىڭ كونا بومباردىمانچى ئايروپىلانى قانداق بولۇپ ئاي شارىغا چىقىپ قالغان؟ ئاي شارىنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى قۇرۇلۇشلارنى ئاينىڭ ئەسلى ئاھالىسى قالدۇرۇپ كەتكەنمۇ، ياكى تاشقى پىلانېتىدىكى ئۇچار تەخسە مىھمانلىرى ياسىغانمۇ؟ بۇ تېپىشماقلارنىڭ سىرىنى يېشىش ئۈچۈن ئىنسانىيەتنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
دوستانە ئىلتىجا: بۇ ئەسەردىكى بەزى سۈرەتلەر بۇرۇندىنلا تۇتۇق بولۇپ، سۈرەتلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى ئەسلىدىكى يازمىدا يېزىلغىنى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلىندى، ئەسەردىكى مەزمۇنلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەركىن سىدىق (بىلىمخۇمار) ئەپەندىمگە ئوخشاش كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ كۆپرەك تەلىم بېرىشىنى سەمىمىي ئارزۇ قىلىمەن--تەرجىماندىن.
مەنبەئە: جوڭڭو بايلىق سۈرۈشتۈرۈش تورى.
ئۇلانما:http://www.cnwnews.com/html/tech/cn_zxkj/20140712/626158.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 07:33 PM
|
|
|
|
|
|