|
|
|
|
شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسىسى بىلەن شىنجاڭ بۇغرا مەدەنىيەت تارقتىش چەكلىك شىركتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان چوڭ تىپتىكى تېلېۋىزىيە سەنئەت پروگراممىسى « يىپەك يولى ساداسى » نىڭ ئەل ئىچى ماھىرلارنى تاللاش جەريانىدىكى ماھىرلار بىلىشكە تىگىشلىك قائىدە-تۈزۈملەر -- تېلفون ئۇرغاندا مىسرانىم تورىدىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ...
1- تىزىملاش ئوبىكتىلىرى : مەزكۇر پروگراممىغا، پەقەت ئەڭ گۈزەل ئاۋازى، ۋە ئۆزىگە غەلبە ئشەنچسى بار بولغان ناخشىچىلار ۋە تەبئىي ناخشا تالانتى بار بولغان ناخشا ھەۋەسكارلىرى قاتنشىدۇ. (باشقا سەنئەت نومۇرلىرى بۇ پروگراممنىڭ تەلەپ ۋە قائىدىسىگە ماس كەلمەيدىغان بولغاچقا، تىزىمغا ئېلىنمايدۇ ).
2- باھالىغۇچى ئۇستازلار: مەزكۇر پروگراممىغا ئەل ئىچىدە كاتتا شۆھرەتكە سازاۋەر بولغان باشلامچى سەنئەتكارلاردىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، مەھمۇت سۇلايمان، ئەركىن ئابدۇللا، نۇرنىسا ئابباس قاتارلىقلار ئەپەندىم - خانىم ( ئۇستاز ) سۈپىتىدە تەكلىپ قىلىندى.
3- تىزىملتىش ئورۇنلىرى : بەش رايۇنغا تېزىملاش نوقتسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، تەپسىلى ئادېرىسلار تۆۋەندىكىچە: 8-ئاينىڭ 1-2-كۈنلىرى ئاقسۇ دولان كۆۋرۈكنىڭ يىنىدىكى « سەلتەنەت» مېھمان سارىيدا. 4-5-6-كۈنلىرى قەشقەر « ئىخۋان شاھ ساراي كاتتا ساياھەت مېھمانسايى » دا، 8-9-كۈنلىرى « خوتەن ۋىلايەتلىك يېڭى قاشتېشى ناخشا-ئۇسسۇل، تىياتېر ئۇمىكى » دە، 12-13-كۈنلىرى « ئىلى ئوبلاستلىق ناخشا-ئۇسسۇل دېرامما ئۇمىكى» دە.
8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرى ئىتتىپاق يولى چاق-چۇق زاۋۇتى تۆت كوچا ئېغىزىغا جايلاشقان « تىلەك تىز تاماقخانسى » نىڭ ئۈستىدىكى 515-ئشخانا.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: ئۈرۈمچى شەھرىدىن باشقا شەھەر ۋە رايۇندىكىلەر، ئۆزىگە ئەڭ يېقىن بولغان تىزىملاش نوقتسىغا بىرىپ تېزىملاتسا بولىدۇ. ئۆز نوقتىسىدا تىزىملتىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنلەر، 8-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھرىدىكى تېزىملاش نوقتسىغا كىلىپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. تېزىملاش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا تىزىملاش ئېلىپ بىرىلمايدۇ.
4- ماھىر تىزىملاش شەرىتلىرى: ماھىرلار ئىككى سۇڭلۇق رەسىمدىن ئىككى پارچە،كىملىك ياكى نوپۇس دەپتىرىنىڭ كۆپەيتىلمە نۇسقسنى بىرلىكتە ئېلىپ كىلىپ تىزىملتىدۇ. ماھىرلارنىڭ جنسى، مىللتى، كەسپىي، دۆلەت ۋە رايۇن تەۋەلىكى چەكلەنمەيدۇ. يېشى 16ياشتىن يۇقىرى بولۇش تەلەپ قىلنىدۇ.
5- « يىپەك يولى ساداسى » پروگراممسىغا قاتنىشىدىغان ماھىرلارغا قويۇلىدىغان تەلەپلەر : پروگراممىغا قاتناشقان ماھىرلار ناخشنى چوقۇم نەخ مەيدان ئېيتشى شەرت. ئەل ئىچى ماھىر تاللاش باسقۇچىدا، ماھىرلار ئېيتماقچى بولغان ناخشسنى، مۇزىكا تەڭكەش قىلىپ ئېيتسىمۇ، تەييار مۇزىكىغا ئېيتسىمۇ ياكى مۇزىكىسىز ئېيتسىمۇ بولىدۇ. ئورۇندىماقچى بولغان ناخشنىڭ تىل ئايرىمسى چەكلەنمەيدۇ.ماھىرلار ئەل ئىچى تاللاش باسقۇچىدىن تاللنىپ چىقىپ تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرستىش باسقۇچىغا قاتناشقاندا، ناخشنىڭ تېكست، مۇزىكا، ئاككۇرتلاشتۇرغۇچنىڭ ئسم-فامىلسنى تەمىنلشى، ناۋادا ئۆزلەشتۈرۈلگەن ناخشا بولسا شۇ ناخشنىڭ دۆلەت تەۋەلكنى ئەسكەرتىپ، پروگرامما خادىملىرىغا تەمىنلشى كېرەك.
6- گورۇپپا شەكىلىدە قاتنىشىدىغان ماھىرلار: ئىككى ئادەمدىن ئاشماسلىقى،شۇنداقلا ئاككۇرىت ئاۋاز تەلىپى بويىچە ناخشا ئىيتالايدىغان سەۋىيەنى ھازىرلىغان بولشى كېرەك.
7- مۇكاپات: چىمپىيۇن بولغان ماھىرغا ئۈرۈمچىدىن 80كۇۋادىرات مېتىرلىق بىر يۈرۈش ئۆي سوۋغا قىلنىدۇ.( 600000 يۈەن قىممىتىدە ) 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ماھىرغا بىر كىلوگىرام ئالتۇن سوۋغا قىلنىدۇ. 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ماھىرغا 200000 يۈەن قىممتىدە بىر دانە ماشىنا سوۋغا قىلنىدۇ. 4-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ماھىرغا 120000 يۈەن قىممتىدە ياۋرۇپاغا 4 كشلىك ئائىلە ساياھىتى ئورۇنلاشتۇرلىدۇ.
8-تەمىنات: ئۆز گۇرۇپپسدىن چېمپيۇن چىقىرالىغان ئەپەندىم ياكى خانىمغا ئۈرۈمچى شەھرىدىن 100كۇۋادىرات مىترلىق بىر يۈرۈش ئۆي سوۋغا قىلنىدۇ. (800000-1000000يۈەن قىممتىدە). ماھىرلارنىڭ ئۆز ئۇستازى بىلەن بىرلىكتە بىر يۈرۈش ئۆيگە ئىگە بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز. بۇ ئارزۇغا يېتىشنىڭ شەرتى پەقەت بىرلا ، ئۇ بولسىمۇ سىزدە گۈزەل ئاۋاز بولۇش.
9- پروگرامما قائىدىسى: پروگرامما سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى نوقتىلارغا تىزىملاتقان ماھىرلارنىڭ ئەل ئىچى ماھىر تاللاش باسقۇچدىكى سىن ماتىرىيالنى ئۈرۈمچىگە توپلاپ مەخسۇس كەسىپ ئەھلى تەكلىپ قىلنىپ تاللاش ۋە شاللاش خىزمتى ئىلىپ بىرىلىپ، پروگراممىغا قاتنىشىش سالاھيىتى بار دەپ قارالغان 300 نەپەر ماھىر تاللاپ چىقىلىدۇ ۋە تاللانغان ماھىرلارغا تېلفۇن ئارقىلىق، تاللانغانلىق خەۋىرى بېرىلىدۇ. (ناۋادا 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالالمغانلار، 300كۈچلۈك ماھىر ئىچىگە كىرەلمىگەن بولىدۇ ۋە پروگراممىغا قاتناشتۇرۇلمايدۇ). دەسلەپكى تاللانغان 300 نەپەر ماھىر ئۇقتۇرۇلغان كۈنگە ئاساسەن 8-ئاينىڭ 20 - كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچىگە كىلىپ « يىپەك يولى ساداسى» پروگراممسنى ئشلەش گورۇپپىسىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىدۇ ۋە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارخىپىنى تولدۇرىدۇ. ماھىرلار ئۈرۈمچىگە يىتىپ كەلگەندىن باشلاپ ھەر بىر ماھىر ئۈچۈن ئىككى منۇتلۇق مەخسۇس فىلىم ئشلىنىپ تېلېۋۇزۇردا قويۇلىدۇ. دەسلەپكى مۇسابىقە 2014-يىلى8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن باشلاپ « شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق مۇقام ئانسامبىلى» تىياتېرخانىسىدا سۈرەتكە ئېلىندۇ. تۆت نەپەر ئەپەندىم-خانىم مەخسۇس ياستىلغان ئېلكتۇرۇنلۇق چۆگىلىمە ئورۇندۇقتا سەھنىگە كەيننى قىلىپ ئولتۇرىدۇ. ماھىر زالغا كىرىپ بىر ئېغىز گەپ-سۆزسىز ناخشنى باشلايدۇ. بىر پۈتۈن ناخشا ئاخىرلاشقۇچە، تۆت نەپەر ئەپەندىم-خانىمدىن بىرى سىزنىڭ ئاۋازىڭىزدىكى گۈزەللكنى بايقاپ، ئورۇندۇق كونۇپكسنى بېسىپ كەينىگە بۇرۇلسا ئۇ سىزنى تاللىغان بولىدۇ. ئىككسى بۇرۇلسا ئىككسى تاللىغان بولىدۇ. تۆت كشى بۇرۇلغان بولسا ئۇلار سىزنى ئۆز گورۇپپىسىغا تەكلىپ قىلغان بولىدۇ. سىز ئۇلاردىن بىرىنى تاللايسىز، بۇ جەرياندا سىز ئەركىن پاراڭلشىپ ئۆز تەلەپلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز ۋە ھايات كەچمىشلىرىڭىز ئۈستىدە ئۇلار بىلەن پىكىرلەشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر تۆتەيلەندىن بىرسىمۇ سىزگە بۇرۇلمسا سىز شاللانغان بولسىز.
پروگرامما مۇشۇ شەكىلدە داۋاملشىپ، 300 نەپەر ماھىردىن 192 نەپەر ماھىر تاللىۋىلنىپ « يىپەك يولى ساداسى» پروگراممسنىڭ تۈنجى ئشكىدىن كىرگەن ھىساپلىندۇ ( ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئەپەندىم گورۇپپسى 48نەپەر، مەھمۇت سۇلايمان ئەپەندىم گۇرۇپپسى48 نەپەر، ئەركىن ئابدۇللا ئەپەندىم گورۇپپسى 48 نەپەر، نۇرنىسا ئابباس خانىم گۇرۇپپسى48 نەپەر جەمئىي 192نەپەر ماھىرنى ئۆز گورۇپپلىرىغا رەسمىي قوبۇل قىلىدۇ.)
تاللاپ چىقىلغان 192 نەپەر ماھىر، ئۆز ئۇستازلىرنىڭ يىتەكچىلىكىدە كېينكى باسقۇچلۇق مۇسابىقىدە ئېيتىدىغان ناخشىسى ۋە ناخشا ئاساسىي ماھارەتلىرى ئۈستىدە تاپشۇرۇق قوبۇل قىلىپ، ئىككى ئايدىن كىينكى 96 كۈچلۈكنى تاللاش مۇسابىقسىگە تەييارلىق قىلىدۇ.تەرتىپ شۇ بوينچە داۋاملىشىدۇ.ئەگەر سىزدە گۈزەل ئاۋاز بولسلا، ئاخىرقى غەلبە سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ.
10-چىقىم ۋە بىخەتەرلىك: ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتنىشىش جەرياندىكى بارلىق چىقىملىرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. بىرىپ-كېلىش جەريانىدىكى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكگە ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. يۇقىرىقى تەلەپلەرگە قوشۇلغان ماھىرلار، جەدىۋەل تولدۇرسا بولىدۇ.
11-سەۋىيە: سىز ئەل ئىچى ماھىر تاللاش باسقۇچىدىن چىقىپ، 300كۈچلۈك ماھىر ئىچىگە كىرگەندىن كيىن، رەسمىي تېلېۋىزىيەدە ماھارەت كۆرستىش سالاھيىتىگە ئىرىشكەن بولسىز. مەزكۇر پروگراممنىڭ قاپلىنىش دائىرسى كەڭ، كۆرۈلۈش نىسبېتى غايەت يۇقىرى، شۇنداقلا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئستانسنىڭ 2-5-9-قاناللىرنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا قويۇلىدىغان بولۇپ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە ئۇلاپ تارقىتىلىدۇ. سىز ئېيتماقچى بولغان ناخشا، رايۇنىمىز ناخشا-مۇزىكا ساھەسنىڭ سەۋيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.شۇڭا تېلىۋىزىيەدە رەسمىي ماھارەت كۆرستىش مەزگىلىدە ئېيتماقچى بولغان ناخشىڭىزنىڭ تېكستى ساغلام، سەۋىيەلىك، ئاككۇرتلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان مۇزىكىڭىز، ھازىرقى دەۋىر مۇزىكا سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بولىشى كېرەك.
12-يۇقىرى پەللىدە: ماھىرلار مۇسابىقىگە قاتنشىپ 16كۈچلۈك ماھىر (يەنى ھەر بىر گورۇپپدىن تۆت نەپەردىن ماھىر) ئىچىگە كىرگەندىن كيىن، بارلىق چىقىملىرنى « يىپەك يولى ساداسى » پروگراممسى ئۈستىگە ئالىدۇ.شۇنداقلا، « شىنجاڭ بۇغرا مەدەنيەت تارقتىش چەكلىك شىركتى » بىلەن ئۈچ يىللىق ۋاكالەتچىلىك توختامى ئىمزالايدۇ. شىركەت ئۈچ يىلغىچە ماھىرلارنى تەشۋىق قىلىدۇ ۋە سەھنە شارائىتى تەمىنلەپ بېرلىدۇ.
13-ھەل قىلغۇچ باسقۇچتا: ماھىرلار 4 كۈچلۈك ماھىر ( يەنى ھەر بىر گورۇپپدىن بىر نەپەردىن ماھىر ) غا « يىپەك يولى ساداسى » پروگراممسنى ئشلەش گورۇپپسى، كىچىك فىلىم ئشلەش گورۇپپسى تەشكىللەپ، شۇ ماھىرنىڭ يۇرتىغىچە ئىز قوغلاپ بىرىپ، تەشۋىقات فېلىمى ئشلەپ، بارلىق رادىئو-تېلىۋىزىيە،گېزىت-ژورنال،تور تاراتقۇلاردا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىدۇ.
14-ئىتىبار: چەتئەلدىن (ئۆزبىكستان،قازاقستان،تۈركمەنىستان،ئەزەربەيجان،
قىرغىزىستان،تاجىكستان،تۈركىيە،،قاتارلىق دۆلەتلەردىن) تېزىملتىپ كەلگەن ماھىرلار، ئىقتىسادىي جەھەتتە زور چىقىمدار بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئەل ئىچى تاللاش باسقۇچىغا قاتناشمايلا بىۋاستە 300ماھىر ئىچىگە كىرگۈزلىدۇ.
15- پروگراممنىڭ شۇئارى: « لىللا، باراۋەر، ئاشكارە ». ھەر قانداق ماھىرنىڭ، ساختىلىق قىلغانلقى ۋە ئارقا ئشىك ماڭغانلقى بايقالسا، رېژسسورلار گورۇپپسى تەرىپدىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھيىتى ئىلىپ تاشلىندۇ ۋە شۇ سەۋەپتىن كىلىپ چىققان بارلىق ئىقتىسادىي زىيان تۆلتىۋىلىندۇ. شۇنداقلا ئۆز تاراتقۇ كۈچلىرىمىزدىن پايدىلنىپ ھەقىقى قىلمىش ئاشكارە تەنقد قىلنىدۇ. گورۇپپمىز پروگراممنى ھەر قانداق ماھىرنىڭ ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن نازارەت قىلشنى قوللايدۇ. ئەگەر ماھىرلار نەتىجىسدىن رازى بولمسا، شۇ نەخ مەيداندا مۇنازىرلەشسە، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەتنى قوغدىىسا بولىدۇ. (بۇ جەرياندىكى مۇنازىرە ئىلمىي بولۇپ، ئەخلاقتىن چەتنەپ كەتكەن گەپ سۆز-ھەرىكەتلەر بولمىسىلا، پۈتۈن مۇنازىرە جەريانى تېلېۋۇزوردا ئاشكارا تارقىتىلدۇ). پروگراممنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى: سىز ئەركىن مۇنازىرلىشەلەيسىز!
16- مەدەت ۋە تەلەپ: مۇسابىقە تەرتىۋىگە ئاساسەن، ماھىرلار تېلېفۇن ئارقىلىق مۇسابىقىگە قاتنشىش خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كيىن، مۇسابىقە جەريانىدا ئۆزىگە تەسەللى، مەدەت بىرىدىغان ئاتا-ئانا، قېرىنداش، ئۇرۇق – تۇققان، دوست-بۇرادەرلىرنى ئېلىپ كەلسىە بولىدۇ، ئەمما چىقمنى ئۆزى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.بىز ماھىرلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق بولۇپ، مەغلۇبىيەت ۋە شان-شەرەپ ئالدىدىكى پىسخىكىسىنىڭ ساغلام بولشنى ئۈمۈت قىلىمىز.
17- تەشەببۇس ۋە تەۋسىيە: پروگراممىمىزنى بىر ئەخلاق دەرسىخانىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئارزۇيىمىز بار بولغانلقى ئۈچۈن، ماھىرلارنىڭ يىتەكچى-ئۇستازلارنى ئەر بولسا ‹ئەپەندىم›، ئايال بولسا ‹خانىم› دەپ چاقىرىشنى تەشەببۇش قىلىمىز.شۇنداقلا ماھىرلارنىڭ ئەخلاققا ماس، رەتلىك كېيىنىشىنى ۋە ياسنىشنى، گىرىمدا ساغلام، سەنئەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.
18- دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ماھىرلار بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا، بەلگىلەنگەن ئورۇنغا كېلەلمىسە، پروگراممنىڭ تەرتىپ-تەلىپى بويىچە، مۇسابىقىدىن ئۆزلۈگىدىن ۋاز كەچكەن دەپ قارىلىپ، مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ ۋە كېلىپ چىققان ئاقىۋەتنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.
19- ئەل ئىچى ماھىر تاللاش باسقۇچى دا: مۇسابىقنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بىرىلشى، ۋە مۇناسۋەتسىز كشلەرنىڭ، پروگرامما خادىملىرىنى، ئەخمەق قىلشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، ماھىرلار مۇناسۋەتلىك ماتىرىياللىرنى ئېلىپ كىلىپ، 200 يۈەن تاپشۇرۇپ، « ئەل ئىچى ماھىرلارنى تاللاش جەدىۋىلى» تولدۇرىدۇ ۋە تالۇن ئالىدۇ. مۇسابىقە نەتىجسى قانداق بولشىدىن قەتئىينەزەر تىزىملاش ھەققى قايتۇرۇلمايدۇ.
20- قوللانما: مەزكۇر قوللانمنىڭ چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى- « يىپەك يولى ساداسى» پروگراممسنى ئشلەش گورۇپپىسنڭ. «ماركا بەلگسى»، « پروگرامما شۇئارى» ،« پروگرامما ۋەدىسى» قاتارلىقلار پروگرامما ئىجادىيتى بىلەن بىرلىكتە، پاتنېتقا ئالدۇرۇلغان بولۇپ، ھەر قانداق شەخس ۋە ئورگاننىڭ كۆچۈرۈپ ئشلىتشىگە رۇخسەت قېلنمايدۇ. ناۋادا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەنلەر بايقالسا، قانۇنى مەسئۇلىيىتى قانۇن بويىنچە سۈرۈشتۈرلىدۇ.
يىپەك يولى ساداسى،
ناخشىچىلار سەيناسى.
يىپەك يولى پروگراممسنى ئشلەش گورۇپپسى
2014-يىلى8-ئاينىڭ1-كۈنى
تېلفون ئۇرغاندا مىسرانىم تورىدىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئېيتىڭ...
مەسلىھەت بىرىش ۋە ماھىر تىزىملاش قىزىق لىنيسى: 15555580804 ، 2851977- 0991 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Misranim2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 01:03 PM
|
|
|
|
|
|