مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4624|ئىنكاس: 45

122 ياش: جوڭڭودىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان ئۇيغۇر بوۋاي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96511
يازما سانى: 729
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2353
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 581 سائەت
تىزىم: 2013-7-29
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 05:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
          يەكەن ناھىيىسىدىكى دۆلىتىمىز بويىچە ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان
                                   ئۆمۈر چولپىنى

eca86bda384c153a909e24.jpg


23-چىسلا (2014-يىلى 7-ئاي) جوڭڭو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان ‹‹100 ياشلىق ئۆمۈر چولپانلىرىنى ئىزدەش›› پائالىيىتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيىسىگە يېتىپ كەلدى، شۇ جايدىكى تۇرۇپ ئەمەت ئىسىملىك ئۇيغۇر بوۋاي ھەممەيلەننىڭ دىققىتىنى تارتتى، چۈنكى 122 ياشلىق بۇ بوۋاي دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان ئەر ئۆمۈر چولپىنى ھېسابلىناتتى.

نوپۇس دەپتىرىدىكى ئۇچۇردا تۇرۇپ ئەمەت 1892-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇغۇلغان دەپ يېزىلغان بولۇپ، بۇ يىل 122 ياش بولۇپ چىقتى.

24-چىسلا مۇخبىر جوڭڭو ياشانغانلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپىنى تېلېفۇن ئارقىلىق زىيارەت قىلغان ئىدى، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۇرۇپ ئەمەتنىڭ ئىسمى ئۇدا 6 يىل جوڭڭودىكى 10 نەپەر ئاندىنقى ئورۇندىكى ئەر ئۆمۈر چولپانلىرى ئىسىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تىزىلىپتۇ.

مۇخبىر ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 4-ئايدا ئۇنى زىيارەت قىلغاندا، بوۋاينىڭ روھى كۆتۈرەڭڭۈ بولۇپ، ئۈچ چاقلىق توكسېكىلىتتا ئۆزىنىڭ ھۆددە يېرىگە كېپەز شادىسىنى يۇلۇشقا كېتىۋاتقانكەن، ئۇنىڭ بەل-بېلەكلىرىنىڭ خېلى كۈچ-ماغدۇرى بولۇپ، شۇ چاغدا باسما قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، ئىككى-ئۈچ چىلەك سۇنى بىمالال كۆتۈرەلىگەنكەن.

تۇرۇپ ئەمەتنىڭ ئالاھىدىكى ناھايىتى ئىشچان، ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي، ھەر كۈنى ئېتىزلىقتا ئەمگەك قىلىدۇ، مىۋىلىك دەرەخ شاخلىرىنى كېسىش، پورمىلاش، كېپەزلەرنى پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەيدۇ. كەننىتىكىلەر ئۇنىڭغا بەك ئامراق، ئۆزى قېرىسىمۇ كۆڭلى قېرىمىغان بۇ ئادەم دىھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى تۈگۈتۈپ، يەنە تېخى قولۇم-قوشنىلىرىغا ياردەملىشىدۇ.

تۇرۇپ ئەمەت 80 نەچچە ياشتا بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنت كۆرگەن. ئۇ ئۈچ قېتىم توي قىلغان بولۇپ، ئاندىنقى ئىككى ئايالى قازا قىلغاچقا، ئۇلاردىن پەرزەنت يۈزى كۆرەلمىگەن، 1972-يىلى 80 ياشلىق تۇرۇپ ئەمەت 36 ياشلىق قەمبەسەخان بىلەن 3-قېتىم نىكاھلانغان، ھەمدە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەن، يەنە ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قىزىمۇ تۇغۇلغان.

بوۋاينىڭ تېنى ساغلام بولۇپ، بادام، ياڭاق مېغىزلىرىنى يېنىدىن ئايرىمايدۇ، تۇرۇپ ئەمەت مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ھەر كۈنى بىر سىقىم بادام-ياڭاقنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالىمەن، تاماقتىن كېيىن بولامدۇ، ئىش ئارىلىقىدا بولامدۇ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بولامدۇ، ئىشقىلىپ ئېسىمگە كەلگەن ھامان كاپپىدا يەۋېتىمەن››.

تۇرۇپ ئەمەتنىڭ ئوغلى ئاتاۋۇللانىڭ ئېيتىشىچە، دادىسى تاماكا، ھاراققا يېقىن يولىماپتىكەن، تاماقتىمۇ ھېچقانچە پەرھىز تۇتمايدىكەن. گۆش يىيىشكە ئامراق ئىكەن، بولۇپمۇ مايسىز، ئورۇق گۆشلەرنى تاللاپ يەيدىكەن. تۇرمۇشى قانۇنىيەتلىك بولۇپ، بالدۇر ئۇخلاپ، سەھەر تۇرۇشقا ئادەتلەنگەنكەن. ئۇ ئادەتتە ھەر كۈنى كەچ سائەت 9 (ئۈرۈمچى ۋاقتى)دا ئۇيقۇسىنى تېپىپ، ئەتىگەن سائەت 4 دە قوپىدىكەن، ھەمدە ناشتىدىن كېيىن ئېتىزغا ماڭىدىكەن.

6-قېتىملىق مەملىكەتلىك نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىكى سان-سىفىرلاردىن قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايىتىدە 100 ياشلىق ئۆمۈر چولپىنىدىن 490 كىشى بار بولۇپ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر سانى بويىچە ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئورنىدا تۇرغان. نۆۋەتتە، يەكەن ناھىيىسىدىلا 56 نەپەر ئۆمۈر چولپىنى بولۇپ، پۈتۈن ناھىيىدىكى 18 يېزا-بازارغا تارقالغان.

ئىگىلىنىشىچە، يەكەن دەرياسى(زەرەپشان دەرياسى) بۇ ناھىيە تەۋەسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان بولۇپ، بۇ دەريا قۇرۇم تېغىدىكى مۇزلۇقلارنى ئۆزىگە مەنبەئە قىلغان، دەريانىڭ سۇ سۈپىتى ياخشى، ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك كۆپ خىل مېنىرال ماددىلار مول بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىقكەن.

مۇخبىر قەشقەر ۋىلايىتىدىكى 33 نەپەر ئۆمۈر چولپىنىنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن مۇنداق خۇلاسە چىقاردى: ‹‹قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆمۈر چولپانلىرى كۆپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، كۆڭلى ياخشى، ئىشچان، تاماق تاللىمايدۇ، پەرزەنتلىرى ۋاپادار كېلىدۇ››.

تۇرۇپ ئەمەتنىڭ بىر ئۇزۇن يىللىق ئارزۇيى بار، ئۇ دائىم ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەن دوستلىرىغا مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئەل ئۆمرۈمدە بىر قېتىم بېىيجىڭغا بېرىپ، تىئەنئەنمېندىكى ماۋجۇشىنىڭ رەسىمىنى بىر كۆرۈۋالسام دەيمەن››.

2822723935002509086.jpg

تۇرۇپ ئەمەت قەشقەر گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شېڭكەي بىلەن بىللە. ( سۈرەتنى مۇخبىر ئۆزى تەمىنلىگەن)

خەۋەر مەنبىئى: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى(2014-7-24)
ئۇلانما مەنبىئى: خەلق تورى
ئۇلانما كۆچۈرۈش:http://xj.people.com.cn/n/2014/0724/c188514-21771444.html



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   UYGRAF تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-31 06:42 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 12:36:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەرمىز!

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78611
يازما سانى: 1499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6587
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 499 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 07:15:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئۆزى بىلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 07:41:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۇرىقىدىن قارىغاندا ياشتەكلا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 520
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8464
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2015-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 09:52:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەرچە ئاشۇ رەسىمدىكى بوۋىمىز 122 ياشمىدۇ؟ كىم بىلىدۇ يەرلىك دائىرىلەر نوپۇس تىزىملاش جەريانىدا خاتا تىزىملاپ قويدىمۇ تېخى. بىزنىڭ ساددا كىشىلىرىمىز بۇنىڭدىن بىخەۋەر.   ئارىمىزدىن بىرەر ئۆمۈر چولپىنى چىققاننىڭ مىس موچەنلىك پايدىسى بولسىكەن كاشكى.

ئىگىلىك 100 سالونىنىڭ قوشۇۋېلىش ئادرېسى: IGILIK100

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106985
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 202
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 132 سائەت
تىزىم: 2014-5-21
ئاخىرقى: 2014-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 10:20:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە يېشى راستلا 122 ياش، ئۇ ئۆمۈر چولپانلىرىنى بېكىتىشتە نەچچە رەت تەكشۈرۈپ ئاندىن بىكىتىدۇ، ئۇ بوۋىمىزنىڭ بۇنچىلىك تىتىك، ياش تۇرۇشى تۇرمۇش ئادىتىگە باغلىقمىكىن دەيمەن، بالدۇر ئۇخلاپ سەھەر تۇرۇش، توختىماي ئەمگەك قىلىش، بادام ھەم ياڭاق قاتارلىق مېغىز تۈرىدىكى يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش،تۇرمۇشى ئاددى-ساددا، ئارتۇقچە غەم -ئەندىشە بولماسلىق، كۆڭلى -كۆكسى كەڭ بولۇش، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش قاتارلىق ياخشى تۇرمۇش ئادەتلىرى بوۋايغا ساغلاملىق بېغىشلىغان، بىزمۇ ئۆرنەك قىلساق بولغۇدەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nazigul8 + 22 ئوخشاش پىكىردە

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 22   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1985
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7395
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1170 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 10:22:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nijatkurban يوللىغان ۋاقتى  2014-8-1 09:52 AM
سىلەرچە ئاشۇ رەسىمدىكى بوۋىمىز 122 ياشمىدۇ؟ كىم بىلىدۇ  ...

سىزنىڭ دېگىنىڭىزغۇ توغرا لىكىن ئىسىڭىزدىن كۆتۈرلۈپ قالمىسۇن،ئۇنداق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەنلەرنى رىكورت يارتىش قامۇسىغا كىرگۈزۈش ئۇنداق ئاسان ئەمەس،بېسىپ ئۆتىدىغان بىرنەچچە باشقۇچلىرى بولىدۇ،مەسىلەن سۆڭەك يېشىنى تەكشۈرۈش دېگەندەك،شۇڭا بەك ئالدىراپ يەكۈن چىقىرۋەتمەڭ،گۇمانىڭىز خاتامۇ ئەمەس،لىكىن ئىسپاتى يوق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108638
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 96
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2014-7-22
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 12:02:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  كۆپ  دىگەندە 70 يىل  ئۈمۆر  كۆرەمىز .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98661
يازما سانى: 1393
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1493 سائەت
تىزىم: 2013-10-12
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 01:00:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا تۇرقىدا  قوقماي يەنە ئەللىك ئاتمىېش يىل ياشاپ قۇيېشى با جۇما .    80ياشتا پەرزەنت كۆردى دىگەن گەپكە تېخمۇ ھەيران قالدىم ،ھازىرقى ئەرلەرگە ئېشەنچ ئېلھامدە بۇ ... ئەڭ چوڭ ياشلىق پەرزەنىتلىك بولغۇچى 91ياشلىق بىر ھىندى ئىدى .  
   يەرشارىدىكى يېشى ئەڭ چوڭ مۇماي قەشقەر يېڭشەردىكى قۇغۇنچى مۇماي ئىدى    ئەمدى يەنە چەينادىكى ئەڭ چوڭ ياشلىق بۇۋاي يەنە ئۇيغۇركەن  .    شىنجاڭدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۈرىمىزكەن دەپ  تىخمۇ كۆپ ساياھەتچى كىلۋالارمۇ ئەمدى  ...     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kudiratjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-1 01:31 PM  


ئالدىمدا يېقىلساڭ مەيلى يۈلەشگە مادارىم يېتىدۇ، قەلبىمدىن يېقىلما تەسگە چۈشدۈ .

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12384
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32428
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4448 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-1 01:32:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ اللاھتىن تۇرۇپ ئەمەت بوۋىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.....


ئۆزۈمنىڭغۇ 60 ياشقا كىرىشىمگىمۇ كۆزۈم يەتمەيدۇ ھازىر.....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش