روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى
تۆتتاش
روزا ھېيىتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
«چېچەكلىدى ئانامنىڭ ئۈيى».
خۇشاللىقلار پاتماستىن ئۆيگە،
تارقالماقتا ھېيىتنىڭ كۈيى.
روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
«قۇببەھ»تىكى ھېلال ئاي نۇرلۇق.
مازارلىقتا ئەسلەش سېغىنىش،
قىلماقتىدى يۈرەكنى تۇزلۇق.
روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
قۇچاق ئاچار ئىللىق كۈلكىلەر.
ئاداۋەتتىن كۈرۈشمىگەن قول،
مېھىر بىلەن ئويناپ چۆرگىلەر.
روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
ياغ پۇراتتى ئەجداد روھىغا.
دۇئا بىلەن تىلىدى جەننەت،
شاخلار قاداپ قەبرە بويىغا.
روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
جەم بۇلۇشتى بارچە شاتلىقلار.
قېن-قېنىغا پاتماي قېلىشتى،
يانچۇقى توم ئوماق تاتلىقلار.
روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى،
«چېچەكلىدى ئانامنىڭ ئۈيى».
تەكلىماكان ئانا تۇپراقتىن،
جاراڭلىدى يۇلغۇننىڭ كۈيى.
توقسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-30 11:21 PM