(ئانامغا بېغىشلايمەن . ئانىلار ،پەرزەنتىڭىزلەر چوڭ بولدى.ئايىمىڭىزلەرگە مۇبارەك بولسۇن ! )
ئەنسىرىگەن ئىدىم سېنىڭدىن ،
ئۇشبۇ ھېيىتتا يىغلىمىغاي دەپ .
ئەنسىرىشىم يەنە توغرىكەن ،
ھېيت كۈنىدە يىغلىدىڭ ئانا .
كۈنلەر ئۆتۈپ ھەش-پەش دىگۈچە ،
25يىل توشۇپ كېتىپتۇ .
سېنى بىزگە تىرەك قالدۇرۇپ ،
مومام سېنى تاشلاپ كېتىپتۇ .
شۇنچە يىللار جاپا چەكسەڭمۇ ،
ۋايسىمىدىڭ بىز ئۈچۈن ئانا .
بۇ ھاياتتىن نەچچە كەچسەڭمۇ ،
بىزلەر ئۈچۈن ياشىدىڭ ئانا .
مانا ئەمدى ئەجىرىڭ بىرلە ،
بىزلەرمۇ ھەم چوڭ بوپ قاپتىمىز .
قېرىنداشلار قول-قول تۇتۇشۇپ ،
ئۈستۈڭدىكى يۈكنى ئالىمىز .
ھەر ھېيت كەلسە ئېسىمنى بىلسەم ،
بەك يىغلايتىڭ جانىجان ئانا .
سېغىناتتىڭ ئانامنى ھەردەم ،
چۈشەندۇق بىز چوڭ بولدۇق ئانا .
ئەمدى كۆڭۈل بۇزمىغىن ئانا ،
مومام ئۈچۈن دۇئا قىلايلى .
پەرزەنتىڭ بىز پەخىرلەنگۈدەك ،
بۇرچىمىزنى ئادا قىلايلى .
ھېيت كۈنىدە يىغلىما ئانا ،
ئازاپلىنىپ تۆكمە ھەسرەت ياش .
بىز قوغدايمىز سېنى ئەي ئانا ،
يىمىرىلمەس بۇلۇپ ئۇيۇل تاش .
2014.07.29(تۇرپان)
شىرىن
ئىلاۋە: ئەسلىدە سەن سۆزىنىڭ ئورنىغا سىز سۆزىنى ئىشلەتمەكچى ئىدىم ، لېكىن بەزى سۆزلەر باغلاشماسلىق كېلىپ چىقىدىكەن . توغرا چۈشەنگەيسىزلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-30 11:59 AM