مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2090|ئىنكاس: 5

كاكا سان پاۋلودىكى تۇنجى مەيدانىلا توپ كىرگۈزدى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-29 11:14:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى :
7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەتىگەندە، بىرازىلىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسنىڭ 12-ئايلانما مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىپ، بىرازىلىيەلىك داڭلىق توپچى كاكا توپ تېپىۋاتقان سان پاۋلو كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا كوئىئاس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ئىلگىرى « دۇنيا پۇتبول ئەپەنىدىسى » بولۇپ باھالانغان كاكا بۇ يىل7-ئايدا ئا س مىلان كوماندىسىدىن ئامېرىكا كەسپىي پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئورلاندو شەھىرى كوماندىسغا يۆتكەلگەن بولۇپ، بىراق ئامېرىكا كەسپىي پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى دەم ئېلىش باسقۇچىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئورلاندو شەھىرى كوماندىسى كاكانى ئىلگىرىكى ئانا كوماندىسى سان پاسلو كۇلۇبىغا ۋاقىتلىق ئىجارىگە بېرىۋەتكەن. كاكا بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. گەرچە كاكا بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما سان پاۋلو كۇلۇبى ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ كاكادىن كۈتكەن ئۈمىدى چوڭ بولغان. ھەمدە كاكا ئۆزىنىڭ مول مۇسابىقە تەجىربىسى ۋە قالتىس ئىپادىسى بىلەن كوماندىغا يولباشچى بۇلىدۇ ۋە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ دەپ قارىغان.
ھەقىقەتەن  كاكا بۇ مۇسابىقىدە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىدىن كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى. ئارىلىقتىن 11 يىل ئۆتكەندە سان پاۋلو كوماندىسغا قايتىپ كەلگەن كاكانىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولدى. گەرچە 90 مىنوتلۇق مۇسابىقىدىن كېيىن سان پاۋلو كوماندىسى 1 : 2 نەتىجە بىلەن رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولسىمۇ، بىراق كاكا تۇنجى قېتىم مەيدانغا چىقىپلا بىر توپ كىرگۈزدى. كاكا مۇسابىقىدىن كېيىن مۇنداق دىدى : « مەن بۇ مۇسابىقىگە ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ بولغان. كوماندىغا ھەمدەم بولۇپ توپ كىرگۈزدۈم، ناھايىتى ھاياجانلاندىم. بىراق مېنىڭ ئويلايدىغىنىم، كوماندىنىڭ ئومومىي نەتىجىسى! بۇ مۇسابىقىدە بىز يامان ئەمەس ئوينىدۇق. لېكىن مۇسابىقە نەتىجىسى مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى. مۇداپىئەدە يۇچۇق چىقىرىپ قويدۇق. بۇ مېنىڭ بىرىنچى مەيدان مۇسابىقەم، كېيىنكى مەيداندا تېخىمۇ ياخشى ئويناشقا ۋە كىشىلەرنىڭ مەندىن كۈتكەن ئۈمىدىنى ئاقلاشقا تىرىشىمەن »

دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96400
يازما سانى: 229
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 986
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 179 سائەت
تىزىم: 2013-7-26
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 12:01:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

برازىلىيە تېرنېرى نېيمارنى تەنقىدلىدى

7-ئاينىڭ 29-كۈنى سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا ئاخىرلاشقان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسدە ساھىبخان دۆلەت برازىلىيە كوماندىسى گېرمانىيە كوماندىسى تەرىپىدىن چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن ئېچىنىشلىق شاللىنىپ كەتكەندىن كېيىن بىرازىلىيە كوماندىسنىڭ تېرىنىرى سىكولارى ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇر بولدى. ئارقىدىن برازىلىيە دۆلەت كوماندىسنىڭ ئىلگىرىكى كاپىتانى دۇنگا تېرىنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. برازىلىيە كوماندىسغا ئىككىنچى قېتىم تېرىنىر بولغان دۇنگا ئېغىر مەسئۇليەت ئالدىدا كوماندىنى ئالدىنقى قېتىمقىغا ئوخشاشلا قاتتىق باشقۇرۇپ بەزى تەڭشەشلەرنى ئېلىپ باردى. برازىلىيە كوماندىسنىڭ ئوبرازىغا نوقسان يەتكۈزىدىغان، شۇنداقلا چاچلىرىنى ھەر خىل پاسۇندا ياسىتىپ ۋە بۇياپ يۈرۈيدىغان بەزى توپچىلىرىنى ئاياپ ئولتۇرمايلا نەق مەيداندا تەنقىدلىدى. بۇنىڭدىن بىرازىلىيەنىڭ ئۈمىدى يۇلتۇزى نېيمارمۇ قۇرۇق قالمىدى.
دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە نېيمار بىلەن ئارۋېس چاچلىرىنى غەيرى ياسىتىپ ۋە سەت بۇياپ مەيدانغا چىققان بولۇپ، دۇنگا بۇ قېتىم قەتئى چىداپ تۇرالماي مۇنداق دىگەن: « تېرىنىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇنداق غەلىتە چاچ قۇيىدىغان توپچىلارنى قەتئى توسىمەن ھەم بۇنداق قىلىشقا يول قويمايمەن . دۇنيا لوڭقىسى ئوينىلىۋاتقان مەزگىلدە بەزى توپچىلار شۇنداق قىلدى. ئۇلار برازىلىيەگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ قاملاشمىغان قىلىق، بۇنى دۇنيا لوڭقىسى باشلىنىشتىن بۇرۇن قىلىشى ياكى بولمىسا ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قىلىش كېرەك. بۇ جەرياندا توپچىلارنىڭ دىققىتى ئۆزىنىڭ چېچىدا بولماستىن بەلكى مەشق ۋە رەسمىي مۇسابىقىدە بۇلۇشى كېرەك. »
نېيمار دۇنيا لوڭقىسى مەزگىلىدە ھەر قېتىم ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بېشىغا باش كىيىمنى بەزىدە ئوڭ، بەزىدە تەتۈر كىيىپ ئولتۇرغان بولۇپ، شۇ چاغدا دۇنگا قاتتىق ئاچىقلاپ كەتكەن. بۇ ئىشقا قارىتا دۇنگا مۇنداق دىگەن: « سەن بېشىڭغا باش كىيىمى كەيگەنكەنسەن، چۇقۇم برازىلىيەنىڭ بەلگىسى بار مەخسۇس باش كىيىمىنى كېيىشىڭ لازىم. بولمىسا كىيىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇنداق نېمىنى بېشىڭدىن ئېلىۋەتسەڭ بۇلىدۇ. مەن نېيمارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمەن، كېيىن بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلمىسا بولمايدۇ. ئەگەر برازىلىيە كوماندىسدا توپ تېپىمەن دەيدىكەن چۇقۇم بۇيرۇقۇمغا بويسىنىشى ئالدىنقى شەرت ! »
برازىلىيە كوماندىسى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسى ئوتتۇرسىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن، برازىلىيە كوماندىسىنىڭ ۋاراتارى سەيسار بىلەن داۋىد لۇيىس يارىلىنىپ مەيدانغا چىقالمىغان نېيمارنىڭ كىيىمىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ دۆلەت كوماندىسنىڭ ناخشىسىنى توۋلىغان ئىشىغا قارىتا دۇنگا غەزەپ بىلەن مۇنداق دىگەن: « بۇ ھەرىكەت پۈتۈن دۇنياغا بىز نېيماردەك قالتىس جەڭچىدىن  ئايرىلدۇق دىگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. مۇبادا بىز بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقە ئويناشقا تەييارلانغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز يىغلاپ، ئاھ ئۇرۇپ ئولتۇرماي بەلكى نېيمارنى نەق مەيدانغا ئېلىپ كېلىپ باشقىلارغا رىقبەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلساق توغرا بۇلاتتى » .



دۇنيا  پاسسىپلارنىڭ  قولىدا  ئەمەس ،  بەلكى   ئاكتىپلارنىڭ  قولىدا  چۆرگىلەۋاتىدۇ.  ...  :::

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107775
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 169
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 66 سائەت
تىزىم: 2014-6-16
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 08:55:22 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رونالدو ئ‍ۈچ مەيدان مۇسابىقىدە ئ‍ۈچ خىل چاچ پاسونىدا مەيدانغا چىقتى ، ئ‍ەگەر بۇ تېرىنىر پورتۇگالىيەدە بولغان بولسا رونالدونىڭ ئ‍ىشى چاتاقتى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93838
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 12:29:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلاردا ئۇمۇت تۇغۇلغاندەك قىلىدۇ  -ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93838
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 515
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 103 سائەت
تىزىم: 2013-3-24
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 12:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلاردا ئۇمۇت تۇغۇلغاندەك قىلىدۇ  -ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 54225
يازما سانى: 442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10041
تۆھپە نۇمۇرى: 689
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2011-9-1
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-31 01:18:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    گېرمانلارنى ئۈلگە ئالاي دەپتۇدە ... نېمىلا قىلسا ئەمدى بىرازىليەنىڭ تارىختىكى شۆھرەتلىك دەۋرى قايتىپ كېلىشى تەس . چۈنكى بۇرۇن ياۋروپا كوماندىلىرىنىڭ سەۋىيەسى ھازىرقىدەك ئۈستۈن ئەمەستى ، ھەم شەخسى تېخنىكىنىڭ ھەل قىلغۇچ نەتىجىنى بەلگىلىمەيدىغانلىقىنى بۇ قېتىمقى چىىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە كۆردۈق .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش