ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىمدىكى مۇنبەرداشلار ھەممىڭلارغا
باغراش كاككۇكدىن روزا ھېيىتلىق ئوتلۇق سالام
ئوتتۇز كۈنلۈك مابەتكە ئاتاپ...
سېنى سۆيۈپ قانمىغان ئىدىم ،
بېسىپ باغرىم يانمىغان ئىدىم.
كېتىپ قالدىڭ ئوتتۇز كۈندىلا ،
سۆيۈشلەردىن تانمىغان ئىدىم .
قۇچاقلىسام بامداتتىن بۇرۇن ،
قويۇپ بېرتىم ھەر شامدىن بۇرۇن.
سېغىناتتىم پۈتۈن بىر كېچە ،
بۇ قەلبىمدە ئالغانتىڭ ئورۇن .
ھاياتىمنىڭ مەناسى سەنتىڭ ،
مۇھەببىتىم ئىزناسى سەنتىڭ .
سېنى شۇنداق ئوتلۇق سۆيگۈم بار،
بۇ بىر يىلىم باھارى سەنتىڭ .
ئاللاھ بەرسە بىر يىل ئۆمۈرنى ،
سۆيەلەيتىم بىر ئاي لېۋىڭگە .
گەر سۆيسەممۇ يىلدا ئوتتۇز كۈن،
يېرىپ كىردىڭ جانان قەلبىمگە .
كۈندە قېنىپ سۆيەلمىسەممۇ ،
پات-پات سۆيۈپ ئەسلەيمەن سېنى.
ئوتتۇز كۈنلۈك سۆيگۈ مېھرىدە ،
ۋىسال تېپىپ كۈتىمەن سېنى .
باغراش كاككۇكى !!
2014.7.28
گۈزەل دىيارى- سايرام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-28 07:46 PM