(4)
"ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز
چاچتەڭگىلەر ئاسقان قىز
ھۆسنى لەيلىگە ئەنداز
يۈرەككە ئوتنى ياققان قىز"
ناخشىلار ياڭرىتىپ كەلگەن ئاشىقىم
قولۇڭدىكى گۈللىرىڭ قېنى؟
شىۋىرىغاندا ئۇچۇپ كەتتىمۇ؟
جادۇگەر قىز ئېلىپ قاچتىمۇ؟
مەن تۇرىمەن يولۇڭغا قاراپ
نىگارىم گۈل ئېلىپ كىلىدۇ دەپ
گۈلدەك تۇرقۇمدىن مەست بولىدۇ دەپ
كەلمىدىڭ
مىنۇت ساناپ
سائەت ساناپ
كۈنلەرمۇ ئۆتتى
كۆزلىرىمنىڭ قارىسى تالدى
گۈل چىرايىم ئاقىرىپ تاتاردى
سورىدىم مەجنۇنتالدىن
"ئاشىق يارىڭ كەلمىدى"دىدى
لەيلى قازاق
"مەندىن دەستە تىزمىدى"دېدى
شاماللار
"نامىلەرنى بەرمىدى"دىدى
قارا تۇپراققا
باغرىمنى ياقتىم
كەلمىشىممۇ تۇپراقتىن
كەتمىشىممۇ تۇپراققا
يۈرەكنى ھىجىراندا داغلىدىم
كاككۇك ئاشقى زەينەپتەك
ئاھلار ئۇرۇپ زارلىدىم
بىلمىدىم
كىلىشىڭ قاچان؟
بىلمىدىم
كېتىشىڭ قايان؟
ئەمدى كەلسەڭ
سۆيگۈمىزگە ۋاپا ئېلىپ كەل
بىزگە گۈل نەھاجەت؟
ئۆزۈم گۈلمەن
بىر سىقىم گۈلدەك ياساندىم
سەن ئۈچۈنلا پۇراق چاچقان
لەيلىگۈلگە ئايلاندىم
گۈلۈڭ بۇلاي دەپ
ھىدلاپ ھىدلاپ قانمايدىغان
چېكەڭدىن چۈشمەيدىغان
يىراقتىن ئاڭلىنار ناخشا ئاۋازى:
"ئەتلەس كۆينەك كىيگەن قىز
چاچتەڭگىلەر ئاسقان قىز
ھۆسنى لەيلىگە ئەنداز
يۈرەككە ئوتنى ياققان قىز"
مەنبە:ئۆزۈم