ئەنجۈر
نىمانداق تاتلىق مىۋە ئەنجۈر دىگەن،
بىلەر ئۇنىڭ پىشقىننى بىلىپ يىگەن.
ھەسەل ناۋات تەڭ كىلەلمەس تەمىگە،
پىشقاندا رەڭگى بولۇپ ئالتۇن لىگەن.
چىچەكسىزدەك مىۋىلەر مۆجىزىدەك،
شىۋە قەدىر خاسىيەت ئۆزىلىدەك ،
لەززىتى ھەم تەمىدىن ياشنار يۈرەك،
ھوزۇرىغا قانمايدىغان گۈزىلىدەك.
ئەنجۈرنى گۆھەر دىسەكمۇ ئازكىلەر،
چۈنكى ئۇراك كەلتۈرمەي ساقلىق بىرەر.
يەنەتېخى سىلىقلاپ يۈز تىرىنى،
ئۆپكىنى ياشارتىپ يۆتەلنى ئىزەر.
2014-7
ئانار
مىۋىلەر پادىشاھى بولۇپسەن ئانار،
ساقلىق بىرىپ بەدەنگە بولغاچقا مادار.
رەئىس ئەزا يۈرەككە قۇۋەت تاتلىقىڭ،
ياشارتار قان ئىشلەرجىگەرنى ئاچچىقىڭ.
چۈنكى مۇھىم ئەزادۇر جىگەر ۋەيۈرەك،
بۇ ئىككىسى ياشنىسا ياشنار تەن بۆلەك.
قىممىتى كۆپ دورىدۇر ئاددى پوستۇڭمۇ،
خىسلىتىڭدىن ئاشماقتا ئامراق دوستۇڭمۇ.
يىسە ئەگەر تاتلىق ئۇرۇقىنى سوقۇپ،
ھەرقانداق بىر ئىچ ئۆتكۈ توختايدۇ قوقۇپ.
ئاچچىق ئانار شەرۋىتىنى ئىچسە سىقىپ ،
شىپا بولار قان تازىلاپ ھەم ماي سىرىپ
بولغاچ سەندە كۆپ خىسلەت تەنگە ھاسىدەك،
ئانار بولغان ئىسمىڭمۇ خۇددى ئانىدەك.
يۇر تىمىز تا قەدىمدىن ماكانىڭ ئىكەن،
بوپتۇق ساغلام ئەقىللىق خىسلىتىڭ بىلەن.
2014- رامىزان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-27 11:40 PM