سېغىنمىدىم دىسەم يالغاندۇر ، سىنى جانان بەكمۇ سېغىندىم . ئامالىم يوق يىراقتا ۋىسال ، ئەسلىگۈم يوق سېنى نىگارىم .
تەقدىر بىزگە قىلىپتۇ چاقچاق ، كۆتۈرمىسەك بىزگە نە چارە ؟ شۇنداق ئىكەن چارىسىز ھايات ، بۇ يۈرەكلەر بولدىغۇ پارە .
سۆيگۈ ئۈچۈن جاپا چەكسەكمۇ ، ۋايسىمىغان ئىدۇق ئىككىمىز . نىمە چارە تەقدىر شۇنداقكەن ، پۈتۈلمىگەن بەلكىم رىزقىمىز .
ئۆتكەن ئاشۇ غەمسىز مىنۇتلار ، مانا ئەمدى ئايلاندى چۈشكە . بىللە يۈرگەن گۈزەل باغچىلار ، ئايلاندىغۇ ئازاپ-ئۆتمۈشكە .
بەك تەس كەلدى ماڭا رىئاللىق ، بۇ ئايرىلىش مەڭگۈلۈكمىدۇ ؟ ھەر تىنىقىم سېنى ئەسلەيدۇ ، بۇ تىنىقلار يالغۇز قالارمۇ ؟
بەلكىم سەنمۇ بۇشايمان بىلەن ، خىيال بىلەن يۈردۈڭ تەمتىرەپ . يۈرەك غەمدە ئىزتىراپ بىلەن ، قالدىم مەنمۇ چېكىپ ئاھۇ-دەرت .
ئەسلىگۈم يوق سېنى نىگارىم ، ئىشەنمەيمەن سۆزۈمگە ئۆزۈم . سەنمۇ بەلكىم شۇنداق ئويلارسەن ، بىلگىن نىگار يولۇڭدا كۆزۈم .
2014.7.27شىرىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-27 07:09 PM
|