مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 920|ئىنكاس: 5

سۇغۇرتا كەسپىدىكى «ئۆيگە تايىنىپ كۈتۈنۈش» سىياسىتى دىگەن نىمە ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98392
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 217
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 53 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 01:17:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: 23-ئىيۇن، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ «جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇنى تەتۈر يۆنىلىشلىك رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرى»نى ئېلان قىلدى. سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى جىسمانىي سۇغۇرتا نازارەتچىلىك بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈەن شۈچېڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈردى ھەمدە مەزكۇر سۇغۇرتىنىڭ 2014-يىل 7-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2016-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، ۋۇخەن شەھەرلىرىدە سىناق قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  «ئۆيگە تايىنىپ كۈتۈنۈش» سۇغۇرتىسى قانداق بولىدۇ؟        

  «ياشانغانلارنىڭ تۇرالغۇنى تەتۈر يۆنىلىشلىك رەنىگە قويۇپ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى» ـ‐‐ـ ئۆينى رەنىگە قويۇش بىلەن ئۆمۈرلۈك يىللىق پۇل سۇغۇرتىسى بىرلەشتۈرۈلگەن يېڭى تىپتىكى سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بولۇپ، ئۆينىڭ تولۇق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ياشانغانلار ئۆيىنى سۇغۇرتا شىركىتىگە رەنىگە قويىدۇ ھەمدە ئۆينى ئىگىلەش، ئىشلىتىش، پايدا ئېلىش ۋە رەنە ئالغۇچى قوشۇلغان بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا داۋاملىق ئىگە بولىدۇ ھەمدە كېلىشكەن شەرتلەر بويىچە ئالەمدىن ئۆتكۈچە كۈتۈنۈش پۇلىدىن بەھرىمان بولىدۇ؛ رەنىگە قويغۇچى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، سۇغۇرتا شىركىتى رەنىگە قويغان ئۆينىڭ بىرتەرەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىدۇ.





مەنبە : شىنجاڭ ئىجتىمائى سۇغۇرتا تورى
www.sughurta.com

www.99uqur.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1889
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2310
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3112 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 11:30:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەتتە جەمىيەتتە خۇلۇم-خۇشنىلار يالغۇز قالغان ياشانغانلارنى ياخشى كۈتۈپ، تۈگەپ كەتسە قەيەرلەردىن ئىلگىرى ھېيت-ئايەملەردىمۇ بىرە قىتىم كېپ قويمايدىغان تۇققانلېرى كىلىپ، مىراسقا ئىگە بۇلىۋالىدىغان ئىشلار بار ئىدى، ياشانغانلارنى توپلاپ مۇشۇنداق بىر كۈتىدىغان، كۈنلېرىنى خاتىرجەم ئۈتكۈزگىلى قۇيىدىغان بۇ ئىشمۇ ياخشى.
بىزنىڭ بۇ يېزىمىزدا شۇنداق قىلغان ئىدى، ئۆي-يەرلېرىنى تاپشۇرۇپ ياشانغانلار ساناتورىيەگە كىرىۋالسا شۇ يەردە باقىدۇ. ئۇ يەردىكى خىزمەتچىلەر سىرىتقا چىقىپ كەتكەن ياشانغانلارنىڭ كەينىدىن يىلىنىپ يۈرگەن، ئىش قىلىپ ياخشى باقىدىكەن. ئەمدى سىتىراخۇانىيە شىركىتى بىزنىڭ بۇ يەردىكىدەك ياخشى باقالامدۇ بىنى بىرنىمە دىيەلمەيمەن.

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1894
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13129
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3899 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 01:41:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇخرالارنى قىلتاققا دەسسەتمىگەن شۇ قالغانىدى، بۇ قىلتاققا دەسسىگەنلەرنىڭ ئەۋلاتلىرى ئاتا- بوۋىلىرىنىڭ قەدىم- جايىنى سۇغۇرتا شىركىتىدىن سورامدىكىنا؟

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2226
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1350 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 08:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ئىسىل ئۆيلىرى بار ياشانغانلار بىلەن قەلەندەرلەرچە ياشايدىغانلارنىڭ ئىستىراخۇنىيە بىقىلىش، كۈتۈنۈش ھەققى ئوخشامدىكىنە؟

بوزقىر مۇنبىرى
http://bbs.bozqir.top/forum.php

قەلبى يارا بوپكەتكەن ئەبلەخ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97835
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1089
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 556 سائەت
تىزىم: 2013-9-14
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 01:00:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باققۇچىسى يوق يالغۇز قالغان ياشانغانلارغا ماس كىلدۇ.

بەزىى ئادەملەر ئۈزىنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ئاۋازنى ئىنىق ئاڭلىيالايدۇ،ھەم شۇنىڭ بىلەن يول تۇتىدۇ،بۇنداقلارنىڭ بەزىلىرى ساراڭغا ئايلىندۇ،بەزىلىرى  رىۋايەتكە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1924
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4734
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1478 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-28 02:16:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆۋە.....

بىراق يالغۇز قالغان قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا ماس كىلىدىكەن.بۇ سىناق يولغا قۇيۇلغان شەھەرلەردە ھەقىقەتەن تەس كۈنگە قالغان ياشانغانلار كۆپ ئوخشايدۇ.

شۇنداق بولغاندا سۇغۇرتا شىركەتلىرىدە خادىم قوبۇل قىلىش باشلىنىدىكەن ئەمىسە.ئامۋايچىلاردەك سۆزلەپ كەتسە سىياسەتلەرنى ئىزىپ ئىچۈرۈپ.


كىيىن ئۆلۈپ قالمىسا ياكى ئۆلۈپ كەتسە سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا شىركىتى ئوتتۇرسىدىكى توختام مەزمۇنىغا ئاساسەن سوغۇرتا شىركىتى ئۆينى كەم ئارتۇق قىلىپ ساتىدىكەندە پايدىسىغا....مەن شۇنداق چۈشەندىم.


دىققەت قىلايلى جۇمۇ.يەرلىرىمىزنى ياشانغان ئاتا ئانىمىزغا تاشلاپ بىرىپ شەھەردە يۈرمەيلى.بولمىسا سۇغۇرتا شىركىتى توختام تۈزۈپ ئۆينى باشقۇرۋالمىسۇن.شۇنىڭ ئۈچۈن ياشانغانلارغا كۈيۈنۈش ئادىتىمىزنى تىخىمۇ كۈچەيتەيلى.ياشانغانلارنى تاشلىۋەتسەك ئۆيغۇ مەيلى،ئىۋۇ نەچچە يىل جاپا تارتىپ بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا ئانىمىزنىڭ كۆڭلىدىن ئايرىلىپ قالىمىز.بۇنىداق بوپ قىلىش ھىچقايسىمىز كۆرۈشنى ئەمەس ئاڭلاشنىمۇ خالىمايدىغان ئىش.بىراق بەزىلەر ئۈچۈن شەرەپلىك بۇرۇچ.يەنە بىر قىتىم تۆۋە.

دۆلىتىمىز ئەسلى بۇنداق سىياسەت تۈزمەي ياشانغانلارنى بىقىش خىزمىتىنى كۈچەيتسە،پۇلنى مەركەز مالىيەسىدىن چىقارسا بولاتتى.چۈنكى ھازىر ياشىنىپ قالغانلار 40-50- يىللاردا تۇغۇلغانلار.ئۇ چاغدا دۆلەت يىڭى قۇرۇلغان ۋاقىت بولغاچقا كۆپلىگەن كىشىلەر دۆلەت سانائىتى ئۈچۈن ئىشلىگەن.يەنى ۋەتەن دەپ ياشلىقىنى ئاتىغانلار.شوڭا ئۇلارغا تىخىمۇ ئەۋزەل شارائىت يارىتىپ بەرسىكەن دەيمەن.ساناتۇرىيەمۇ بولىدۇ.بىراق يەنە بەزى ياشانغانلارنىڭ ئۆز ئۈيىدە ئاتا ئانىسىدىن قالغان ئۈيدە يۈرگىسى كىلىدۇدە.ئادەم قىرىغانچە ھەر خىل مىجەز بولىدىغانگەپ.شوڭا بۇ بەلگىلىمە تىخى سىناق بولغانكىن بۇ نۇقتىنىمۇ ئويلىشىپ قالار.ھەممىمىزنىڭ بىرەر ئىككىدىن ياشانغان ئاتا ئانا چوڭ دادا چوڭ ئانىللىرىمىز بولسىمۇ باردۇ.شۇلارنى مۇشۇ سىياسەتكە باغلاپ چۈشىنىپ باقايلى.گەرچە سىياسەتنى بىز تۈزىمىسەكمۇ كاللىمىزدا چوڭلارغا خاس پىلان تۈزىلىپ قالار.بەلكىم بەزىلەر تاشلىۋەتكەن ئاتا ئانىسىنى ئەسلەپ قالار.قىسقىسى چوڭلارنى تاشلىۋەتمەيلى.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش