مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 846|ئىنكاس: 9

پۇشايمان ئىلكىدە نىدا قىلىمەن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104918
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1013
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 10:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇشايمان ئىلكىدە نىدا قىلىمەن!


ھەر دائىم نەسىھەت قىلغاندا ئانام،
تېرىكىپ، ئالىيىپ جىم تۇر دېگەنتىم.
ئەقىل ھەم تەجىربە تاۋلىماي تۇرۇپ،
كۆڭۈلگە يۈگەنسىز بالدۇر مىنگەنتىم.

قەددىڭنى جاپالار ئەگكەن بولسىمۇ،
شەيتانغا جور بولۇپ ئويناپ يۈرگەنتىم.
كېيمىڭگە ياماقلار ھۇجۇم قىلىسىمۇ،
قوغدىماي مەن سېنى، مودا كىيگەنتىم.

بارچىلار زامانغا لايىق كېيگەندە،
ئۇنۇتتۇڭ زاماننى كېچىپ ئۆزۈڭدىن.
باشقىلار باچكا ھەم پاقلان يېگەندە،
ئاچلىقىڭ بىلىندى مەيۈس يۈزۈڭدىن.

پۇشايمەن ئىلكىدە نىدا قىلىمەن ،
قايتىپ كەل جان ئانا نەسىھەت قىلغىن.
ئالايسام ھۈرپەيسەم قىلچىلىك ساڭا ،
ئاتىما ئىسمىمنى ھايۋان دەپ بىلگىن .

جان ئانا قايتىپ كەل سېغىندىم سېنى،
كۆرسەتمەڭ ئالدىدا بېشىمنى ئىگەي،
جاپانىڭ ئوقلىرى قىيما قىلسىمۇ ،
تەۋرەنمەي ئالدىڭدا قالقان بوپ بېرەي.

ئويلاندىم بۇ تىلەك دانالىق ئەمەس،
سەن كەلسەڭ يەنىلا ئازاب سالۇرمەن.
ئۆزۈممۇ تارتالماي ھارغان ھالىمدىن،
ھالسىراپ كەينىڭدە ئۇزاپ قالۇرمەن.

يەنىلا قەبرەڭدە تىنىچ يات ئانا ،
ئاڭلىماي دۇنيانىڭ تىۋىشلىرىنى .
تىرىكلەر ئىبلىسنى دائىم شاد ئېتۈر،
خوپ كۆرۈپ ئۆزىگە مىنىشلىرىنى.

مەنبە : قەلىمىم .

شۈكىرى ئاللاھ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2267
يازما سانى: 2189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 360
توردا: 5359 سائەت
تىزىم: 2010-6-3
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 12:33:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇشايماننىڭ ئۆزى ياخشىلىققا باشلايدۇ ، گەرچە كېچىككەن بولسىمۇ ئەمما شۇ ئاچچىق ساۋات ئارقىلىپ كىشىنى تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلاپ قالدۇ ،.

غىمىمىزنى ئاخىرەت قىلساق بۇ دۇنيادىكى غىمىمىزنى  ئاللاھ ئۆز ئۈستىگە ئالدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106288
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-4-22
ئاخىرقى: 2014-8-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 01:20:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەربىيىۋى ئەھمىيىتى كۈچلۈك شېئىركەن ،ياخشى يېزىپسىز، مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك شېئىرلارنى كۆپلەپ يېزىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

«دىنىڭلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاندىن شۇ بويىچە ياشاڭلار. بولمىسا، ياشىغىنىڭلارنى دىن دەپ ئويلاپ قالىسىلەر» ____ ھەزرىتى ئۇمەر(رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ)

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 01:45:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىرىكلىكىمدە ئەتمىدىڭ ياد،ئۆلگىنىمدە چەكمىگىن پەرياد.

ئاتا -ئانىلارنىڭ تىرىكىلكىدە قەدرىگە يېتەيلى....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 02:59:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇشايماننىڭ دورىسى يۇق.تىرىكمەڭ.ھاياتنى قەدىرلەيلى.پۇل،جەمىيەت،موناسىۋەت دىگەنلەر ئاتا ئانا قەدرى ئالدىدا ھىچ نەرسە ئەمەس.مەن شۇنداق ئويلايمەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106609
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 507
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-5-10
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 06:09:02 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇر دۇنياسىغا ھەقىقى شۇڭغىغان شائىرلار دەپتەر يۈزىگە ھەقىقى ئۈنچە تىزالايدۇ.
يۈرىكىڭىزگە شۇڭغۇپ باقتىم ھەقىقى قەلىپ نىدايىڭىزنى تىڭشاپ باقتىم لىكىن سىز تىخى ھەقىقى قەلىپ ناخشىڭىزنى تولىقى بىلەن نامايەن قىلالمىغان ئوخشايسىز.
شىئىر بىر دۇنيا...بۇ دۇنياغا شۇڭغۇڭ لىكىن يوقاپ كەتمەڭ ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101974
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 513 سائەت
تىزىم: 2014-1-8
ئاخىرقى: 2014-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 06:50:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي...ھايات بار ۋاقتىدا قاقشىتىمىزكەن شۇ ئانىلىرىمىزنى...

بىر قاراشتا ھەممە خاتىرجەم،
ئەمما باردۇر دەردى ئىچىدە.
كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن كۈندۈزى،
يىغلىمايدۇ كىملەر كىچىدە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40939
يازما سانى: 759
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5067
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3086 سائەت
تىزىم: 2011-5-16
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 11:46:33 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىسىنى قاقشىتىپ ئەمدى زار بولۇۋاتقانلارنىڭ ۋە ئەيدىز پاتقىقىغا پېتىپ ساغلاملىققا زار بولۇۋاتقانلارنىڭ پۇشايمىنى بەك قاتتىق !

راست سۆزلىگەن كىشى نېمىدىگەن سۆيۈملۈك كىشى ھە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1055
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3755
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 962 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 12:32:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا بىر بۈيۈك ئىنسان ، پەرزەنت ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغان .
بىزنىڭ ئانىلىرىمىزغا بەرگىنىمىز-ئانىمىزنىڭ بىزبەرگەن بىر كۈنلۈك ئەجرىگە تەڭ بۇلالمايدۇ .

ئانا رازى - خۇدا رازى .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-30 12:47:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بار ۋاقتىدا قەدرىنى بىلمەيدىكەنمىز ئەشۇ ئۇلۇغ ئانىلىرىمىزنىڭ،
نىمە قىلساق كۆرەركەنمىز بىزمۇ بىر كۈنى بالىلىرىمىزدىن .
ئويلىماپتۇق كېلەرمۇ دەپ بىزگىمۇ شۇ بالا دەردى ،
كېچىكمەيمىز يېتەيلى بىز قەدىرىگە شۇ جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ .

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش