مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1957|ئىنكاس: 21

رازۋېدكا خاتىرىسى— سىرلىق ئۆيدىكى قاتىللىق دېلوسى (11) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 01:53:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جى لىڭ گې مىياۋزىنىڭ چىرايىغا قارىدى، بۇ چاغدا مىياۋزىمۇ مەپتۇنلۇقتىن قېتىپلا قالغانىدى. توغرا، ئۇلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى بىلەن ئالدىنقى يىگىرمە نەچچە مەيدان ئۇسۇلنى ئەسلا بىر ئورۇنغا قويغىلى بولمايتتى.

بىراق، جىم ياڭ بىلەن دۇنەنخەي تېخى سەھنىگە چىقمىدى. ئۇ ئىككىسىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان ياكى ئېرىشەلمەيدىغانلىقىغا  بىرنېمە دېمەك تەس.

ئىم؟

جى لىڭ گې توساتتىن بىر غەيرىلىكنى بايقىدى: «توختىتىڭ، مىياۋزى ...»

مىياۋزى نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرالماي ئۇنىڭغا قارىدى.

«بىرە غەيرىلىكنى بايقىدىڭىزمۇ؟ »

مىياۋزى بېشىنى چايقاپ، خەت يېزىش تاختىسىغا مۇنۇلارنى يازدى: «ھېچ بىر مەسىلە بايقىمىدىم. ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بەكلا تەبىئىيكەن. »

«ياق، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى بەك تەبىئىي بولغاچقىلا غەيرى ...»جى لىڭ گې بۇرۇنقى سوراق خاتىرىسىنى چىقىرىپ، جىن ياڭنىڭ ئېغىز ئىسپاتىنى تاپتى.

خاتىرىلىنىشىچە ——  ئەڭ ئاخىرىدا، چىڭ جوۋ ئىككى قولى بىلەن لۈي يىشىننى كۆتۈرگەن ھېلىقى ئەڭ ئاخىرقى ھەركەتنى قىلغاندا، چىڭ جوۋنىڭ چىرايى تاتىرىپ قالغان. ئۇنىڭ ئوڭ قولى شۇ چاغدا يارىلانغان.

بىراق سىن ئىچىدە ئۇنداق ئەمەسقۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ دەسلەپ  تېلكامىرا ئارقىلىق تارتىلغان ئورۇندىن تەھلىل قىلغاندىمۇ، جىن ياڭ ئولتۇرغان ئۇ ئورۇندا تۇرۇپ چىڭ جوۋنىڭ چىرايىنى كۆرەلىشى مۈمكىن ئەمەسقۇ.

ئۇنداقتا جىن ياڭ ئۇنىڭ چىرايىنى قانداق كۆرگەن؟

چىڭ جوۋ نىڭ لۈي يىشىن نى كۆتۈرگەن ھەركىتىدە قىلچە مەسىلە يوق، ئىككى قولىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىمۇ  شۇنداق ياخشى. ئۇنداقتا قانداقسىگە ئوڭ قولىلا يارىلىنىدۇ؟

لېكىن دوختۇرنىڭ بەرگەن ئىسپاتىمۇ، چىڭ جوۋ نىڭ پەقەت ئوڭ قولىلا يارىلانغانلىقى.

بۇ زادى نېمە ئىش؟

جى لىڭ گې جاۋاب تاپالمىدى.  بولدىلا، يەنە داۋاملىق قويۇپ باقايلى.

بىراق قويۇپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، لىيەنخەي قاۋاقخانىسىدا توك توختاپ قالدى. ئەتراپ بىردىنلا قىيا - چىياغا تولدى. شۇنداق قىلىپ مۇسابىقە داۋام قىلالمىدى  .

خېلى ئۇزاققىچە توك كەلمىگەندىكىن، رىياسەتچى ئامالسىز قالايمىقانچىلىق ئىچىدە مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىدى.

ئەمما لۈي يىشىن بۇ ۋاقىتتا مۇسابىقە قائىدىسىنىڭ ئالتىنچى ماددىسىغا بىنائەن (مۇسابىقە ۋاقىت ئۆلچىمى يوق، مۇسابىقە تاكى سەھنىگە چىقىپ نومۇر ئورۇندايدىغان ئادەم قالمىغۇچە داۋاملىشىدۇ) مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلاشقىنىنى ، مۇكاپات تارقىتىشى كېرەكلىنى داۋراڭ سالدى.

«قاراشقىلا لۈي يىشىننىڭ قىلغان ئىشىدەكلا بىلىندى. »دېدى جى لىڭ گې. مىياۋزىمۇ بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سىن مۇشۇيەردە ئاخىرلاشتى. بىردىنبىر ئېلىنغان نەتىجە سىن بىلەن جىن ياڭنىڭ  ئېغىز ئىسپاتىدا ئوخشىماسلىقى بارلىقى بولدى.

بۇيەردە زادى قانداق مەسىلە مەۋجۇت؟

لۈي يىشىننىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى، چىڭ جوۋ نىڭ قولى ...

يەنە تېخى، دۇنەنخەي بىلەن جىن ياڭ  نىڭ ئېغىز ئىسپاتى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىڭ جوۋ نىڭ ئوڭ قولى يارىلاندى، ئادەم ئۆلتۈرۈشى مۈمكىن ئەمەس، شۇڭا قاتىل پەقەتلا قارشى تەرەپ (دۇنەنخەي ياكى جىن ياڭ)دەپ تۇرۇشى ...

ئەگەر فاسەي نىڭ ئېيتقىنى راست بولۇپ، قاتىل ھەقىقەتەن مۇشۇ ئۈچەيلەننىڭ ئىچىدە بولسا ... ئەجەبا ...

جى لىڭ گې  ھەممىگە جاۋاب ياپتى: «توغرا! ئۇ مۇنداق قىلالايدۇ! »

ئۇ دەرھال Uدىسكىدىكى سىننى كۆچۈرۈۋېلىپ، Uدىسكىنى مىياۋزىغا قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، مىياۋزىنى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۆزىمۇ قايتىپ كەتتى.




ئېنىقكى، قاتىل ئوبېيكتى ئاخىرى بېكىتىلگەندىن  كېيىن، نۆۋەتتىكىسى ئاخىرقى سوراق باسقۇچى.

ھازىر يېڭى بىر كۈننىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى سائەت 9:30 ئۆتكەن ۋاقتى. ش

مىڭخەي شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى، ساقچىلار گۈلى جى لىڭ گې نىڭ ئىشخانىسىدا.

«ئاساسىي يەكۈن مانا مۇشۇنداق—  دېدى جى لىڭ گې ئۆز قارىشىنى فاسەيگە بىر قۇر چۈشەندۈرىۋەتكەندىن كېيىن، بارلىق سوراق خاتىرىسىنى فاسەيگە ئۇزىتىپ—  ھازىرقى بىردىنبىر مەسىلە،بىزدە قاتىلنى ئېنىق بېكىتىدىغان ئىسپات يوق. »

فاسەي جى لىڭ گې نىڭ باياناتىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ خاتىرىنى ئېچىپ كۆرۈشكە باشلىدى. جى لىڭ گې فاسەيدىن ئۆز قىياسىدا مەسىلە بار - يوقلىقىنى سورىۋىدى، فاسەي ئويلانمايلا قاچان قايتۇردى: «مەنمۇ ھەقىقىي قاتىلنى ئۇ دەپ ئويلايمەنغۇ. بۇنىڭ گۇمانلانغىدەك نەرى بار؟ »

«سىز ...— جى لىڭ گې نىڭ قاپاقلىرى دەررۇ تۈرۈلدى—  كۆڭلىڭىزدە ئاللىبۇرۇن گۇمان ئوبېيكتى بارمىدى؟ نېمىشقا بالدۇرراق دېمەيسىز؟ »

«ھە؟ مەن يا ھېلىقى تۈگۈنلەرنى يەشمىسەم، دېگەننىڭ نېمە پايدىسى» دېدى فاسەي مۈرىسىنى چىقىرىپ قويۇپ.

نۆۋەتتىكىسى ، ئۇلارنىڭ سوراق ئۆيىدە قىلىدىغان ئىشلىرىلا  ئىدى.

«سىزگە تاپشۇردۇم، فاسەي، ئۇ راستتىنلا ياسىنىشقا بەك ئۇستىكەن. بىز نەچچە ۋاقتىن بېرى ئۇنى تېخى گۇناھسىز دەپ يۈرۈپتۇق. »دېدى جى لىڭ گې. ئۇ ئۆزى سوراق قىلسا ئالدىنقى قېتىمقىدەك ھېچقانداق قاچان ئالالماسلىقىدىن قورقاتتى. شۇڭا بۇ سوراقنى چوقۇم فاسەي قىلىشى كېرەك دەپ ئويلايتتى.

«جىنايەت گۇماندارىنى چاقىرىپ كىرىڭلار! »دېدى جى لىڭ گې بىلەن فاسەي سوراق ئۆيىگە كىرگەچ ساقچى خادىمىغا. ئەمما فاسەي تۇيۇقسىز يەنە بىر جۈملە قېتىپ قويدى: «ھەي! كۆپچىلىكنىڭ ھەممىنى چاقىرىپ كەل! »

«نېمە؟ »جى لىڭ گې ھەيران قالدى. بىر ئادەمنى سوراق قىلىدىغانلا ئىش تۇرسا، ئۇنچە كۆپ ئادەم چاقىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟

«ئازراق ئەسلىمە قالدۇرمامدۇق ...»

مانا  بۇ فاسەينىڭ چۈشەندۈرۈشى. راست ياكى يالغانلىقىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ.

جى لىڭ گې قوشۇلدى. ئۇ ساقچى خادىمىغا ئۇلارنىڭ ھەممىنى سوراق ئۆيى سىرتىغا ئەكىلىشنى بۇيرۇدى.

ئۇزاق ئۆتمەي سوراق ئۆيى سىرتىغا سەككىز ئادەم كەلدى.

بىرىنچى بوپ كەلگىنى چىڭ جوۋ. ئۇ جى لىڭ گې بىلەن فاسەينى كۆرۈپلا قاتىلنىڭ كىملىكىنى سورىماقتا.

كېيىن كەلگىنى جىن ياڭ بىلەن دۇنەنخەي. ئۇلار تېخىچە بىر - بىرىگە نەرە تارتىشماقتا.

«دۇنەنخەي، سېنى قاتىل دېسەم ئېتراپ قىلمايسەن، ئەمدى تۇتۇلدۇڭمۇ؟ »

«ئېنىقلا سەن قاتىل تۇرساڭ، بولدى ئېتراپ قىلە، ساقچىلار سېنى قاتىل دېگەن تۇرسا. ھەرگىز خاتالىق يوق .»

كېيىن كەلگىنى جاڭ تىيەن بىلەن بەي مۇئەللىم. ئۇلار ئۆزىنىڭ گۇماندارلىقىنىڭ يېنىكلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۈچ ئوغۇلدىن ئارىلىق ساقلاپ سەل يىراقتىراق تۇرماقتا.

ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگىنى ئويۇن كۆرگىلى كەلگەن ۋېن ۋېن بىلەن مىياۋزى. ئەڭ ئاخىرىدا كەلگىنى بولسا چىن چىمىڭ.


«ناھايىتى ياخشى، سەن كېلىپ خاتىرىلە »دېدى جى لىڭ گې چىن چىمىڭنىڭ كۆرۈپ. ئەمما چىن چىمىڭ دەرھال چىرايىغا يالغان كۈلكە يۈگۈرۈتۈپ رەت قىلدى: «ھە، ھېلىقى،مەن ..مەن يەنىلا سىرتتا تۇرۇپ ئاڭلاي. جى مۇئەللىم، يەنىلا ئۆزىڭىز خاتىرىلەڭە. »

جى لىڭ گې ئۇنىڭدىن نېمىشقىلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ جاۋابەن ئۆزىنىڭ جى لىڭ گې نىڭ باشقىلارنى سوراق قىلغىنىنى كۆپ كۆرگەنلىكىنى، ئەمما فاسەينىڭكىنى سوراق قىلغىنىنى كۆرۈش پۇرسىتىنڭ تولىمۇ ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ قېتىم فاسەينىڭ «نومۇرى» دىن ئەستايىدىللىق بىلەن ھوزۇرلانماقچى ئىكەن.

لېكىن ، چىرايىنى قىززارتىپ تۇرۇپ ئېيتىلغان بۇ سۆزلەردىن، بۇيەردىكى ھەممىسى قاراپلا بىلىۋالالايتتى، ئۇ پەقەتلا مىياۋزى بىلەن بىللە ئولتۇرماقچى.

«بوپتۇ—  دېدى جى لىڭ گې— بىراق سەن ئەڭ ياخشىسى تىنىچلىقنى ساقلا، بۇ يەردە چۈشەندۈرگۈچى بولما. »

چىن چىمىڭ بېشىنى لىڭشىتىپ ماقۇللىقىنى  بىلدۈردى.

ئۇنداقتا، ھەقىقىي قاتىل زادى كىمدۇ؟

«ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ماڭا ئەگىشىپ كىرگىن! »  
فاسەي دەپ بوپلا سوراق ئۆيى ئىچىگە كىرىپ كەتتى. ئاقىۋەتتە سوراق ئۆيىگە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئەگىشىپ كىرمىدى.

«تېز كىرە! »دېدى جىن ياڭ دۇنەنخەيگە.

دۇنەنخەي ھەيران قالدى: «ھە؟ مەن ئەمەس ...ئېنىقلا سەنغۇ. ئەجەبا سەن ئەمەسما؟ »

چىڭ جوۋ مۇ ھەممەيلەنگە قاراپ قاتىلنى ئىزدەشكە چۈشتى. بۇ چاغدا جى لىڭ گې تۇيۇقسىز ئېغىز ئاچتى: «بولدى، چىڭ جوۋ، ياسالمىلىق قىلماي ئىچىگە كىر. »

نېمە؟  

جىن  ياڭ بىلەن دۇنەنخەي ھەيران قالدى، باشقىلار بولسا چۆچۈپ كېتىشتى.

قاتىل چىڭ جوۋمۇ؟

«سىلەر ئىككىڭلار بىر - بىرىڭلارنى چىشلەشكەن بىلەن مۇلاھىزەڭلار ئىنتايىن ئەتراپلىق. شۇڭا ئىڭڭىلاردىن بىرەسىڭلارنىڭ قاتىل بوپ قېلىشىمۇ ھەيران قالارلىق—  دېدى جى لىڭ گې چۈشەندۈرگەن ئاساستا—  پەقەت چىڭ جوۋ نىڭلا گەپلىرى ئەڭ غەلىتە. »

چىڭ جوۋ ئاغزىنى ئېچىپ ئەمدى تېخى ئۇۋال قالغىنىنى دەي دەپ تۇرۇشىغا، جى لىڭ گې ئۇنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويدى: «ئىچىگە كىرىپ ئاندىن چۈشەندۈر! »

«مەن ئەمەس! »دېدى چىڭ جوۋ نارازىلىق بىلدۈرۈپ.

«شۇنداققۇ، ئۇنىڭ قولى يارىلانمىغانمىدى ...»دېدى دۇنەنخەي.

«مۇنداقچە ئېيتقاندا، بىز ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇكى، قاتىل دەل سەن ...—  دېدى جى لىڭ گې كەسكىن پوزىتسىيەدە—  ئۆلگۈچىنىڭ ئاشىق ئوغۇل دوستى چىڭ جوۋ! »

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108631
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 190
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 78 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 03:41:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oylapmu bakmaptikanma , mantihi jinyag yaki du nanhay ohxaydu digantim , likin u nimixka layikini olturudu?

قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستوتىدا ئوقۇيدىغان دوسلار ئالاقىلشقپ قويايلى

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12395
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32447
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4458 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 04:15:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پەرىزىمدىكىدەك نەتىجە چىقىپ قالامدۇ نېمە..؟


شۇنچىلىك كىرىشىپ قالدىمكى بۇ رازۋېتكا ھېكايىسىگە.....

سىزگە كۆپ تەشەككۈر....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96034
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 974
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 430 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 04:30:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپ تەشەككۈر....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99449
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 220
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2013-11-11
ئاخىرقى: 2015-1-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 04:50:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزگە كۇپتىن كۇپ رەھمەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 10:44:23 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xirali120 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 03:41 PM
oylapmu bakmaptikanma , mantihi jinyag yaki du nanhay ohxaydu digantim , likin u nimixka layikini ol ...

داۋامىغا دىققەت قىلغايسىز.

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 10:44:55 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
musilina يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 04:15 PM
پەرىزىمدىكىدەك نەتىجە چىقىپ قالامدۇ نېمە..؟



ئەتە قاتتىق ھەيران قالىدىغان بولدىڭىزدە ...

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 10:46:21 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zubayir007 يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 04:30 PM
سىزگە كۆپ تەشەككۈر....

قوللىغىنىڭىزغا تېخىمۇ كۆپ تەشەككۈر.

بىرە تېما يوللانغاندىن كېيىن پەقەت ئىنكاس چۈشمىسە، يوللىغۇچىنىڭ قىزغىنلىقى ئۆلەپلا كېتىدىكەن دەڭە.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zirakk + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 10:46:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uurr يوللىغان ۋاقتى  2014-7-26 04:50 PM
ئەجىرىڭىزگە كۇپتىن كۇپ رەھمەت ...

قوللىغىنىڭىزغا تەشەككۈر

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1385
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-27 06:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېرىندىشىم  بامۇ يا  يوقاپلا كەتتۇققۇ    ھېيت  قىلۋەتتۇققمۇ  يا؟

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش